PDA

View Full Version : Tugmenning yolida atningmu izi bolidu

Unregistered
16-11-10, 20:30
تۈگمەننىڭ يولىدا ئاتنىڭمۇ ئىزى بولىدۇ،

ئېشەكنىڭمۇ ئىزى بولىدۇ.

سىدىقھاجى روزى

ئەخمەتجان ئوسمان دېگەن بۇ كىشى، كومپيۇتېرنىڭ قازنىقىدىن ، كومپيۇتېرنىڭ سەھنىسىگە سەكرەپ چىقالىغان چېغى، ھەر ھالدا جۈرئەتلىك بولۇپ قاپتۇ.
بېرەر جۈملە سىيا سى گەپ ئۆگەنگەن بولىشى مۇمكىنمۇ ياكى كىشىلەرگە كۆز-كۆز قىلغۇدەك، يېڭىدىن -يېڭى بىر سىياسى ئۇقۇم تېپىۋالغانمۇ _ دەپ ئويلاپ ، بۇ كىشىنىڭ يازغان يازمىلىرىنى ئوقۇپ كۆرسەك ، يەنىلا « ئاتام ئېيتقان بايىقى » گەپ _ نېمىشقا « ئۇيغۇرىستان دەيمىز » دېگەن كونا گەپ ئىكەن. « ئامېرىكىلىقلار نېمىشقا ئازاد قىلىپ قويغۇدەك » دەيدىغان كۆچۈرمە گەپنى يەنە بىر قېتىم كۆچۈرۈپ چىققان بۇ كىشى ئازادلىق دەيدىغان بۇ ھەرىكەت پىئېلنىڭ مەنىسىنىمۇ چۈشەنمىسە كېرەك.
ئۇيغۇرلار ۋەتەننى تاشلاپ قېچىشقا توغرا كەلگەندە ئەلمىساقتىن تارتىپ ئەرەبىستانغا قاچاتتى، تۈركىيىگە قاچاتتى. مەسىلەن ۋەتەننى تاشلاپ قېچىشقا « مەجبۇر » بولغان ئەخمەتجان ئوسمان ئەپەندىمۇ ئەرەپ دۆلىتى سۈرىيىگە قاچقان ئىدى. كولومبو ئامېرىكا قىتئەسىنى ئاچقاندەك، يىراقنى كۆرەر كىشىلەر بۇقېتىم سىياسى پاناھلىق تىلەپ ئامېرىكا ۋە غەرب دۇنياسىنى تاپقاندىن كېيىن، ئۇيغۇرنىڭ ئوغۇل- قىزلىرى سىياسى پاناھلىق ئىزدەپ غەرب ئەللىرىگە ئارقا-ئارقىدىن كېلىشكە باشلىدى.
شۇ قاتاردا دىنسىزلىقنى تەرغىپ قىلغۇچى لېكىن بىر قوساقنىڭ غىمىدە يۈرگەن ئەخمەتجان ئەپەندىمۇ سۈرىيىدىن قوغلىنىپ تۈركىيىگە، تۈركىيىدىن قوغلىنىپ كاناداغا كېلىپ ئورۇنلاشقان بولدى. دېمەك، ئامېرىكا تۈنجى قەدەمدە ئەخمەتجاندەك كىشىلەرنى « ئازاد » قىلغان بولدى. ئازاد قىلدىلا ئەمەس بەلكى ئەخمەتجاننى بىكارغا لەڭ يەپ ياتىدىغان پۇرسەتكىمۇ ئىگە قىلىپ قويدى. بۇ، ئامېرىكىنىڭ « سېنى ئازاد قىلىپ قويغىنى» بولماي نېمە؟
ئارىلىقتا ئەخمەتجان ئامېرىكىلىقلار ئۇيغۇرلارغا ئېچىپ بەرگەن رادىئوغا كىتاب ئوقۇپ بېرىپ جان بېقىش پاخىلىغا ئېرشكەن بولدى. بۇمۇ ئامېرىكىنىڭ « سېنى- ئەخمەتجاننى ئازاد قىلىپ قويغىنى » بولماي نېمە؟
ئىسكاندىنوۋىيدىن -ئاۋىستىرالىيە سىدنىغىچە، توكيودىن- ۋاشىنگىتۇنغىچە، ئوتتاۋادىن- لوندونغىچە، جەنۋەدىن -مىيۇنخىنغىچە بولغان ئارىلىقتا غەرب دۆلەتلىرىدە بالا-چاقىسىنى قوشقاندا تەخمىنە ن 6مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر شۇ دۆلەتلەردە سىياسى پاناھلىق ئېلىپ « ئازادلىق » قا ئېرىشتى. بۇمۇ ئامېرىكىنىڭ ئۇيغۇرنى « ئازاد قىلىپ قويغىنى » بولماي نېمە؟
گەپنى ئەقەللى « ئازادلىق» چۈشەنچىسىدىن، تۇرمۇشنىڭ ئەقەللى ساۋاتلىرىدىن باشلىساڭ بولامدىكى ئەخمەتجان( بايقۇش ). بەلكى تەپەككۇرىڭمۇ شۇ دائىرىدىكى ئەقەللى ساۋاتنى ئاران-ئاران ھەزىم قىلالىشى مۇمكىن! تۈزگەن جۇمىلىلىرىڭدىن تەپەككۇر كۇچۇڭنىڭ زادىلا قانچىلىك ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يەتتىم .
ساڭا، ئەخمەتجان ئۇكا، كاناداغا كەلگىلى 6-7 يىلدىن ئاشتى . ئەگەر ۋۇجۇدۇڭدا « ۋەتەن قايغۇسى»، « مىللەت قايغۇسى » بولىدىغان بولسا نېمە ئىش قىلدىڭ كاناداغا كېلىپ؟ قولۇڭدىن نېمە ئىش كېلىدۇ، نېمە ئىش قىلالىشىڭ مۇمكىن؟ ياكى ھازىرغىچە بىر- ئىككى ئادەمنى تەشكىللەپ ئۆزۈڭنى « لىدىر» دەپ جاكارلاپ ، « ئەمەلنىڭ تاماسى » دا ، ھەسەتنىڭ ئوتىدا پۇچىلىنىۋاتقان قەلبىڭگە ئاز-تولا خاتىرجەملىك ئاتا قىلىشمۇ قولۇڭدىن كەلمىدى . مەن ئويلىدىم: ئەخمەتجان ئەپەندى ، ئەرەپ تىلنى مەكتەپتە ئۈگىنەلمىسىمۇ ئايالىنىڭ ئەرەپ دوستلىرى ئارقىلىق ئۈگىنەلىگەن بولىشى مۇمكىن. بەلكى ئەرەپ تىلى تور بېتى ئېچىپ « ۋەتەن قايغۇسى » ،« مىللەت قايغۇسى» غا ئىگە بولغان بۇ كىشى، قايغۇلىرىنى ئەرەپ دۇنياسىغا يەتكۈزۈشى مۇمكىن _ دەپ ئويلىدىم. بىراق، بۇ ئىشمۇ قولۇڭدىن كەلمىدى.
بالا-چاقاڭ ۋە دوستىڭنى يېتىلەپ سۈرىيىنىڭ كوچىلىرىدا كېتىۋاتقىنىڭدا ھوي! دوستۇم ، تۇغماس ئەخمەتجان _ دەپ سېنى تۇنۇۋالغان كىشى كىم ئىدى بايىقى ئەخمەتجان ئەپەندى؟ ئەرەپمىدى ياكى چالا تۈركمىدى؟ سەن بىلەن بىللە بەلكى ئايالىڭنىڭ يېنىدا كېتىۋاتقان ئايالىڭنىڭ دوستى تۈركمىدى ياكى ئەرەپمىدى؟ ئاڭلىسام بەزىدە ئائىلەڭنى ئەرەپ ئائىلىسى _ دەپ تونۇشتۇرىدىكەنسەن كىشىلەرگە، بەزىدە ئائىلەڭنى تۈرك ئائىلىسى _ دەپ تونۇشتۇرىدىكەنسەن كىشىلەرگە. ئائىلەڭگە مەسئۇل دوست بولغان كىشى زادى كىم قايسى تائىپىدىن ئىدى؟
ۋەتەندىكى دوستلىرىڭ ... كۆرەش رەجەپ، ھابىلجان ھېيت ...قاتارلىق دوستلىرىڭ ساڭا ئەگىشىپ سۈرىيىگە بىللە چىقتى دەپ ئاڭلىمىدىم. ئۇلار يېنىڭدا بولغان بولسا، ھېچ بولمىغاندا ... ساڭا ۋەتەنپەرۋەرلىكتىن تېرىقچىلىك بولسىمۇ ئاز-تولا ساۋات بەرگەن بولاتتى.
ئامېرىكىنىڭ « ئازاد » قىلىشى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ « ئازاد » بولىشى ياكى ئامېرىكىنىڭ « ئازاد » قىلماسلىقى بۇ بەك چوڭ مۇئەمما ئەخمەتجان ئەپەندى.
ئامېرىكىنىڭ « ئازاد » قىلىشى ۋە « ئازاد » قىلمايدىغانلىقى توغرىسىدا سۆزلەپ بەرسەم ئاڭقىرالىغۇدەك ئەقلىڭ بارمىدى ئۇكام، چۈشەنگۈدەك قابىلىيىتىڭ بارمىدى، ھەزىم قىلغۇدەك ئاشقازىنىڭ، تەھلىل قىلغۇدەك ئىقتىدارىڭ ، ھەتتا كۆشىگىدەك ئېغىزىڭ بارمىدى ئۇكام. مەن سۆزلەپ بەرسەم بۇنى چۈشەنمەيسەن-دە، بايقۇش!
« ئامېرىكا نېمە...سىتاننى ئازاد قىلىپ ھېچ قانداق مەنپەئەتكە ئېرىشەلمەيدۇ » دەپسەن يازغان ئىنشالىرىڭدا. بۇ جۈملە ھۆكۈممۇ ياكى يەكۈنمۇ؟ قالتىس گەپقۇ- بۇ. ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتى قەيەردە، ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتى قايسى رايونغا چۈشىدۇ، ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى مەنپەئەتى نېمە، كەلگۈسى مەنپەئەتى نېمە؟ بىر دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك شۇ دۆلەت بۇ توغرىدا ئۆزى بىر نېمە دېمەي تۇرغاندا، سېنىڭ بىلجىرلاپ ئوتتۇرىغا چىقىۋېلىشىڭ كۈلكۈلۈك بىر گەپقۇ ئەپەندى؟ « بۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىگە زەربە بېرىش...» دەپسەن يازغان ئىنشالىرىڭدا. ئوھۇى، ئۇكام ئەخمەتجان! كوچىدا ماڭغاندا بېشىڭ بىلەن ماڭامسىنا ياكى پۇتۇڭ بىلەنمۇ؟
« بىر خەلقنىڭ ئۆزىنى- ئۆزى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى شۇ خەلقنىڭ بىر پۈتۈن سىياسى ئىرادىسىدىن باشلىنىدۇ » _ دەپسەن بايقۇش! ئەدەبىيات ساھەسىدە باشقىلار تەييارلاپ بەرگەن ئۇقۇملارنى ئۆزگەرتىپ كۆنۈپ قالغان خۇي-پەيلىڭ بىلەن سىياسى ئۇقۇملارنى ئۆزگەرتىشكە ئۆتتىڭمۇ ئەمدى. پەيلاسوپ نېتزى « ھوقۇق ئىرادىسى» دەپ ئىجات قىلغان ئۇقۇم ئىدى، چېقىلما كىشىلەر ياراتقان ئۇقۇملارغا! بىراق، بىر سىياسى ئۇقۇم بولسىمۇ ئۈگىنەلىگىنىڭدىن خوش بولدۇم. ئەمما سىياسى ئۇقۇمنى بۇرمىلىغىنىڭدىن ناگىزا بولدۇم. چۈنكى ئاتا -بوۋىلىرىمىز شۇنداق سىياسى ئۇقۇملارنى ئۈگىنەلمەي ئالەمدىن ئۆتكەن ئىدى.
مەسىلەن، 20 ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدا ئۇيغۇرنىڭ جامائەت ئەربابى ۋە سىياسى ئەربابى ئابدۇكىرىمخان مەخسۇم(ياخشى ئادەم ئىدى رەھمەتلىك) موسكۋادا سىتالىن بىلەن كۆرۈشكەندە، سىتالىن -ساڭا نېمە كېرەك _ دەپ سوئال قويغاندا دېرىزىدىن تالادا توختىتىپ قويۇلغان تۆت چاقلىق گاز ماشىنىنى كۆرسۈتۈپ تۇرۇپ ، ئابدۇكىرىمخان مەخسۇم :ئەشۇ گاز ماشىنىنى ماڭا بەرسەڭ_ دېگەن ئىكەن.
20 - ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدا قۇربان تۇلۇم ماۋ بىلەن كۆرۈشكەندە، ماۋ ساڭا نېمە كېرەك_ دەپ سوئال قويغاندا قۇربان تۇلۇم : ماڭا بە ش مېتىر چىپەرقۇت بەرسەڭ بوپتىكەن _ دېگەن ئىكەن. دېمەكچى بولغۇنۇم ئۇلار شۇ چاغلاردا« سىياسى ئىرادە » دېيىشنى بىلمىگەن ئىكەن . ئەمدى بۈگۈنچۇ؟ قۇربان تۇلۇمنىڭ نەۋرىسى ياكى ئېپى نەۋرىسى ئەخمەتجان تۇلۇم نېمىلا بولسا « سىياسى ئىرادە» دېگەننى بۇرمىلاپ بولسىمۇ ئۈگىنىپتۇ. ئالقىشلىماي بولامدىكىنە؟
ئېسىڭدە بارمىدۇر ئىككىمىز تېلېفوندا نېمە...نېمە دېيىشكەن ئىدۇق _ بەزىلەر خىيال ئىچىدە داھى بولۇپ چۈش كۆرىدۇ، بەزىلەر قولىنى پۇقرالارغا پولاڭلىتىپ چۈش كۆرىدۇ، بەزىلەر داھىمىز ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ سۈرىتىنىڭ يېنىغا ئۆزىنىڭ رەسمىنى چا پلاپ تورغا چىقىرىپ ، داھى بولۇپ چۈش كۆرىدۇ. لېكىن ئۇيغۈرنىڭ ئىچىدىن مەن ئەسكەر بولىمەن دەيدىغان ئادەم ئاز چىقىدۇ _ دېگەن ئىدىم، ئېسىڭدە باردۇ ئۇكام.
يەنە نېمە دېگەن ئىدىم ، بۇ سۆز بىر ئاز قوپالراق سۆز ئىدى شۇنداق بولسىمۇ يېزىپ قوياى.
بەزىلەر سىياسەتكە قىزىقىدۇ، بەزىلەر سىياسەت ساھاسىگە كىرىپ باقىدۇ، بەزىلەر چەتتە تۇرۇپ سىياسەتكە ئارىلىشىپ باقىدۇ، پايدا-مەنپەئەت قوغلىشىپ پۇرسەتپەرەسلىك قىلىدۇ. نېمە چارە بار ئۇكام، تۈگمەننىڭ يولىدا ئاتنىڭمۇ ئىزى بولىدۇ، ئېشەكنىڭمۇ ئىزى بولىدۇ _ دېگەن ئىدىم.
ئۇكام ئەخمەتجان قولۇڭدىن كېلىدىغان ئىشنى قىل، قولۇڭدىن كەلمەيدىغان ئىشنى قىلما_ دېگەن ئىدىم. شائىر بولىمەن دەپ، شائىرلىق كوچىسىغا كىرىپ ئەرەپنىڭ شېئىرلىرىنى تەرجىمە قىلىپ كۆچۈرۈپ ھازىرغىچە شائىر بولالمىغان بولساڭمۇ ئۆزۈڭ سۆيگەن كەسىپنى تاشلىما، سىياسەت بۇ ، سەن قىلالايدىغان ئىش ئەمەس دېگەن ئىدىم.
يۇقۇرىقى ئۈچ پارچە ئىشارىنى ئوقۇپ چىقارغان يۈكۈنۈپ شۇ بولدىكى، روھى پارچىلنىش كېسىلىگە گېرىپتار بولۇپ قالدىڭمۇ-قانداق. تەپەككۇر يولۇڭ توغرىسىدا خېلى بۇرۇنلا ھۆكۈم چىقىرىپ، بۇ كىشىنىڭ تەپەككۇر يولى ئاللىقاچان پاراللىچ بولغان كىشى ئىكەن_ دېگەن ئىدىم. قۇبۇل قىلساڭ نەسھەتىم شۇكى، سىياسىغا ئارىلىشىشتىن ئاۋۋال سىياسى جۈملە تۈزۈشنى ئۈگىنىۋال!
قۇبۇل قىلساڭ ئىلتىماسىم شۇكى، 15 يىل بولدى، ۋەتىنىمنىڭ ئەدەبىيا ت ساھەسىدىن ئايرىلىپ كەتتىم . ئاڭلىسام شېئىرىيەت توغرىسىدا بىر نېمىلەرنى يېزىپ تور بىتى ئارقىلىق ۋەتەن ئىچىگە ئەۋەتىپ، ئۇيغۇر ياشلىرىنى قايمۇقتۇرۇپ يۈرۈپسەن ئۈكەم . نوچى بولساڭ « ئازادلىق » تور بىتىگە شۇ ماقالىللىرىڭنى چاپلاپ باقساڭچۇ؟
گۇناھىڭ شۇ ئۇچراپ قالدىڭ قوساق ئاچقاندا ،
شۇنداق قىلىپ بۆرە قوزىچاقنى يىدى جاڭگالدا.
مەن بۆرە ئەمەس ، سەنمۇ قوزىچاق ئەمەس،
لېكىن ، گۇناھىڭ شۇ ئۇچراپ قالدىڭ زېرىكىپ تۇرغاندا.
2010 - يىلى 11 - ئاينىڭ 12- كۈنى ۋاشىنگىتۇن
باشقۇرغۇچى elishirnewayi بۇ تېمىنى تەستىقلىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 21:44
يېڭى ئىنكاسلار

hidden
ئىنكاس نەقىل نامسىز ئۈلۈشكۈن 11:05
سىدىق ھاجى ئاكا . سىزنىڭ يازمىڭىزغا ئىنكاس يازغانلىقىمدىن خوشاللىق ھېس قىلىۋاتىمەن .
مەن بۇرۇندىن تارتىپ سىزنىڭ ئوبزورلىرىڭىزنى ئوقۇپ كېلىۋاتىمەن . سەۋىيەمنىڭ يېتىشچە ئۈزۈمگە يارىشا ئاشۇ ئوبزورلىرىڭىزدىن ھوزورلانغىنىم ئۈچۈن سىزگە كۆپ تەشەككۈر .

مەن ئەخمەتچان ئوسمان دىگەن بۇ ئەپەندىدىن ئۇنىڭ ‹‹ چوڭلارنىڭ قولىدىكى ئويۇنچۇق›› دىگەن يازمىسىنى ئوقۇغاندىن كېيىن بىرقانچە سوئاللارغا ئىلمى يۇسۇندا جاۋاپ بېرىڭ دەپ ئىنكاس يازغان ئىدىم . لىكىن بۇ ئادەمدىن ھازىرغىچە بىرەر سادا كەلمىدى.

سىز بىرھۈرمەتكە سازاۋەر ، ئويغۇرلارنىڭ مۆتىۋەر زىيالىسى ، شۇنداقلا زور كۆپ سانلىق ئويغۇرلار تەرىپىدىن ئىتىراپ قىلىنغان سىياسىيون . شۇ ۋەجىدىن ئاشۇ سوئاللىرىمغا سىز قىسقىچە قىلىپ ئۆزىڭىزنىڭ تەھلىلىنى ئوتىرىغا قويسىڭىز ، ماڭا خېلى چوڭ ياردەم قىلغان بولاتتىڭىز . چۈنكى مەن مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مەسىلىلەرگە جاۋاپ تېپىش ئۈچۈن خېلى جىق كىتاپلارنى ئوقۇغان بولساممۇ ، لىكىن بۇلار توغرىسىدا سېستىمىلىق بىرەر ئدىيە ياكى خۇلاسسىنى يەكۈنلەپ چىقالمىدىم . چۈنكى كىتاپ دىگەن كىتاپتە.

مەن تېخى ئەمدىلا 27 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان بىر ياش . سىزدەك پىشۋالىرىمىزغا باھا بېرىش ياكى توردا سىزدىن بىر نەرسە سوراشنى ، ئەخلاق جۈملىسىدىن دەپ كېتەلمىسەممۇ ، يەنىلا سورىغۇم كەلدى . مېنى قەتتى ئەيىپكە بۇيرىماڭ . مۇمكىن بولسىدى ئۆيىڭىزگە پەتىلەپ بېرىپ ئالدىڭىزدا يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ سىزدىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالغان بولاتتىم .

تۈۋەندىكىسى مېنىڭ ئەخمەتچانغا يازغان ئىنكاسىم . ئەينەن كۈچۈرۈپ قويدۇم .

ئەخمەتچان ئەپەندى ، مەن باشقىلاردەك سىزگە ھاقارەت قىلمايمەن . چۈنكى بۇنداق قىلش تازا ياخشى ئەمەس.
مۇمكىن بولسا سىز بىلەن بىر قىسىم ئشلارنى تەھلىل قىلىشىپ باقسام دەيمەن .
مەسىلەن سىز تۆۋەندىكى ۋەقەلەرنى ئۆزىڭىزنىڭ يۇقرقى يازمىڭىزدىكى لوگىكىڭىز بويونچە ماڭا ئىلمى ئاساستا چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز بولاپتىكەن .
20ئەسىرنىڭ 90 يىللىرىدىكى سابىق رۇس پوبلىكىلىرىنىڭ مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇشى .
2 گىرمانىيەنىڭ بىرلىككە كېلىشى .
كەلگۈسىدىكى مۇستەقىل شەرقى تۈركىستان جۇمھۇريىتىنىڭ ئامىرىكا قوشما شىتاتلىرىغا كەلتۈرىدىغان زىيانلىرى . ياكى كەلگۈسىدىكى خىتتايلارنىڭ ئىلكىدىكى شىنجاڭ رايونىنىڭ ئامىركىغا بېرىدىغان مەنپەتلىرى .

ئا.ق.ش. زادى شىمالي كورىيە بىلەن تىل بىرىكتۇرىۋاتامدۇ ياكى خىتتاي بىلەنمۇ ؟ ئەگەر سىز دىگەندەك ئا.ق.ش. راستىنلا خىتتاي بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ شىمالىي كورىيە يادرو مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىپ ئاخىردا نىمىگە ئىرىشمەكچى . بۇ يەردە خىتتاي بىلەن ئامرىكىنىڭ زادى قانداق مەنپەت ئرتاقلىقى بار

hidden
ئىنكاس نەقىل نامسىز ئۈلۈشكۈن 12:29
سىدىق ھاجىمنى ئۇخلاپ قالدىمىكىن دىسەم، ئويغاقكەن!
بارىكاللا !! بايقۇشنىڭ ئۇجۇ- نۇجۇرىنى تازا بىلىدىكەنسىز سىدىق ھاجى. ھارمىغايسىز يېزىپ تۇرۇڭ! بىز سىزنىڭ تاتلىق گەپلىرىڭىزگە بەكمۇ خۇشتار، ئاڭلاپ تۇرايلى. ئوقۇپ تۇرايلى. قولىڭىزغا دەت تەگمىسۇن!

hidden
ئىنكاس نەقىل نامسىز ئۈلۈشكۈن 14:52
ھە ئەخمەتجان غىت قىسىپ كىرىپ ئۇخلا دىگىنىم توغرا بولدىما . مۇشۇنداق دەككەڭنى يەيسە سېنى تۇمايتىم يازاغان نەرسەڭدىن قانداق بىر نىمە دىسەم سىدىققاجى ئەپەندىم قىسقىچە تارىخىڭنىمۇ قىستۇرۇپ قۇيۇپتۇ. سېنى تۇنۇدۇم ئەمدى. سىيىپ كىرىپ ئورنىڭدىن تۇرماي ئۇخلا گەپنى تازا چۇشەنجۇمۇ يەنە .
ئويناشماڭ ئەرباپ بىلەن ئەپلەپ سالىدۇ ھەر باپ بىلەن........

Unregistered
18-11-10, 22:32
hormetlik uztaz qolingizgha dert bermisun hudayim muxundaq yahxi eserlerni pat pat yizip turung eger mumkin bolsa bu eserni latin yiziqigha birersi orup qoysa boptiken

Unregistered
25-11-10, 19:24
Mening Terjimalim

Sidiqhaji Ruzi

2009.2.5

Yéqinda "azadliq "tor bétige bir yéngi kishi inkas yézip méning sala hiyitimni soraptu. Shu munasiwet bilen men töwende salahiyitimning néme ikenlikini oqurmenlerge tapshurmaqchi boldum. Qarighanda bu kishi mi’éning "uyghurning orni nede" mawzuluq kitabimni oqughandek qilidu. Héch nerse angqiralmighan bolsa bu adem padichimidu yaki nawaymidu?
Bilelmidim. Bu kishige qandaq salahiyet kérek , ikine? Méning salahiyitimni soraydighan bu kishining esli salahiyiti néme ikine?! bu kishining méning salahiyitimni sorap yazghan inkasigha toluq jawab qayturushtin awwal yuqirida ikki kelime keltürüp qoydum.
1
Sidiqhaji ruzi 1944‏-yili 6‏-ayning 15‏-küni atush nahiye- azaq yéza- meyi kentide qari qur’an, iqtisadi halliq bir a’ilide dunyagha kelgen. Xitay mustemlikichiliri 1949‏-yili 10‏-ayda uyghuristan’gha tajawuz qilip kirip, herxil wehshiyane siyasetlerni yolgha qoyup, 1952‏-yilidin bashlap yer islahati élip bérip, uyghür déhqanlirini terkiblerge ayrish arqiliq milletning jama’e bolup uyushush küchini parchilap qarshiliq körsitelmeydighan halgha keltürdi, adem bilen ademning munasiwitini ishit bilen ishitning yaki ishit bilen börining munasiwitige aylandurup qoydi.
Dadisi ruzi qary 1952‏-yili poméshchik terkibke ayrildi. A’iliwi mal- bisat, iskilat-qaznaq, éghildiki at-ulaqlarni musadire qilishqa bashlidi. Sidiqhaji ruzi kichik idi .Anisini bir terepke, dadisini bir terepke turghuzup qoydi zaman zoriwanliri."qelenderler" iskilattin bughday qachilighan tagharni zhüdüp méngishatti, éghildin at-kalini yétilep chiqip kétishti. Musadire qilish xizmet guruppisigha bashliq bolup kelgen xitay hinggang chishlirini chiqirip tamaka shorap chette qarap turatti, uyghur -uyghurni bulawatatti. Dadam qolumni tutup alghan idi deydu, sidiqhaji ruzi- qorqushtinmu yaki ghezeptinmu dadamning qoli titireyti. 1952‏-yilining axirida dadisi ruzi qarigha zomiger poméshchik qalpiqi keydürülüp türmige tashlandi. 1955‏-yili 11‏-ayda xitay mustemlikichilirining yerlik hakimiyiti sidiqhaji ruzi a’ilisige dadisi ruzi qarining jesitini tapshurup berdi.
Sidiqhaji ruzi 1961‏-yili tuluq ottura mektepni atush shehiride tuluq püttürüp , shu yili 9‏-ayda ürümchige kélip shinjang uniwérsitétining edebiyat pakoltitigha oqushqa kirdi. 1966‏-yili 9‏-ayda aliy mektepni tamamlishi kérek idi. Biraq ,shu yili 5‏-ayda xitayning atalmish medeniyet zor inqilabi bashlandi. Deslep qilip uqughüchilar ichidin mektep boyiche ikki neper oqughuchi- isma’il abduraxman, sidiqhaji ruzi eksiyetchi ,milletchi oqughuchilar déyildi, tartip chiqirip küresh qilindi. Kéyin tamgha chaplan’ghan "chong xetlik gézit" ni yirtip tashlighanliqi üchün rehmetlik isma’il abduraxman saqchining türmisige 6ay qamaldi. Sidiqhaji ruzi mektepte töt yérim qewetlik oqughuchilar yatiqigha nezerbend qilindi. Ibirahim sulayman [ qazaq],alimbék [qazaq] , nizamet qatarliq sawaqdashliri ikki sa’ettin almiship sidiqhaji rozini nazaret qilatti. Tamaqni ekélip béretti, teretxanigha nazaret astida chiqip kiretti.
1966‏-yili 11‏-aygha kelgende "oqughuchilargha zerbe bérish", "oqughuchilarni tartip chiqirish", "eksiyetchi siyasiy yol " déyilip tenqidlinip sidiqhaji ruzi nezerbenttin bushutuldi. Tartip chiqirilghan bashqa oqughuchilar hem eslige keltürüldi. 1966 ‏-yili11‏-ayda shinjang uniwérsitétida "qizil 3‏- liyen " milliy oqughuchilar teshkilati quruldi. Bu teshkilatni awwal qurghan kishi kim? Siqhaji ruzining qazaq sawaqdishi alimbék idi.[bu chaghda mawzédung oqughuchilargha "4chong erkinlik" bériwetken, oqughuchilar néme teshkilat qurimen dése erkin idi]. Sawaqdishi alimbék bilen sidihaji ruzi otturisida dé’alog mundaq bashlandi :
- medeniyet zor inqilabi sinipi küresh bilen bashlandi, shundaqmu?
-shundaq.
-kapitalizm yoligha mangghan hoquqdarlar tartip chiqirildi, shundaqmu?
- elwette shundaq.
- bu hoquqdarlar mawzédung belgilep bergen siyasetlerge qarshi yol tutqan iken, ejeba, shinjang uyghur aptonom rayonida wang i’énmaw qatarliqlar , mawzédong asasi qanun arqiliq belgilep bergen milliy siyasetni toghra ijra qilghanmu?
-bu, oylinishqa tégishlik bir ish iken’ghu?
- " ulugh dahiymiz mawzédung", "milliy küresh tégi- tektidin alghanda sinipi küresh mesilisi", dégen idighu?
- rast shundaq dégen. Bügün bu söz "eng aliy yolyoruq " bolup qaldi.
- medeniyet zor inqilabi sinipi küreshni tutqa qiliwatidu, némishqa milliy mesilini tilgha almaydu. Uyghur aptonom rayonning sékirtar xitayliri chong-chong siyasetlerde xataliq sadir qilip, milliy siyasette xataliq i’ötküzmigenmu?
Néme qilimiz, démekchisen?
-qéni sawaqdishim alimbék, néme qilishimiz kérek?- men eksiyetchi , milletchi oqughuchi ayrildim. Ashkara otturigha chiqip teshkilat quralmaymen, sen teshkilat qurup chiq. Men arqangda turup sanga yardem qilimen dédim.
"qizil 3‏-liyen" milliy oqughuchilar teshkilati ene shundaq ehwalda 1966‏-yili11‏-ayda qurulup chiqti. Deslepte bu teshkilatqa sawaqdashlardin 9neper kishi qatnashti. 1968‏-yili bu teshkilatqa qatnashqan kishilerning sani 2mingdin éship ketti.Aytan re’is boldi.
"qizil 3‏-liyen " oqughuchilar teshkilati bir yil dégüdek ürümchide ansambilning témigha " chong xetlik gézit" chaplap, wang i’énmawning milliy siyasette ötküzgen jinayetlirini pash qildi.Buning ichide uyghur aptonom rayonning mu’awin re’isi memtimin iminop yazghan" méning bayanatim", mawzuluq bir parche maqale "chong xetlik gézit"ke ,oqughuchilarning qoli arqiliq köchürülüp, ansambilning témigha chaplan’ghanda ürümchide katta ghulghula bashlandi. Memtimin iminop 1967‏-yilining axirida " isyan "kötürüp, "qizil 3‏-liyen" milliy oqughuchilar teshkilatini qollap, shinjang uniwérsitétigha kélip kadirlar yatiqida yalghuz yataqta yétip qopatti. Milliy oqughuchilar nöwet bilen kéchisi hemrah bolup qoghdaytti. Rehmetlik memtimin iminop yazghan maqaliside 1962‏-yili bay nahiyiside yüz bergen, 20ming adem achliqtin ölgen, xitay hakim xeyrüy peyda qilghan acharchiliq weqesini pash qilghan idi.
Mushu yerde qisturup ötüp kétey. 1966‏-yili 9‏-ayda oqush püttürüshke tégishlik oqughuchilargha xitay mustemlikichiliri hakimiyiti 1967‏-yili 10‏- aydin bashlap asasliq ma’ashini 60 yüendin békitip ma’ash tarqatti. Kembeghel oqughuchilarning qoli pul kördi. Bu chaghda bir kilogram göshning puli 7‏- 8 mochen idi, bir qap tamakining puli bir mochen ikki mochen , acharchiliq ötüp ketken chaghlar idi.
Men méhman .Chaqirdim rehmetlik memtimin iminop, uyghurning muzikanti rehme tlik zikri elpetta, rehme tlik ershidin tatliq, mir sultan osmanop [hayat], yene ikki neper sawaqdishim mining méhmanlirim idi. Rehmetlik memtimin iminop bir oh tartip :
- zikri chalsangchu! fi’i’unér waxliringda chalghan naxshilargha [ fi’i’unér waxliring dégini qapaqning boynigha qizil lata baghlap dukan’gha ésip qoyup satirashliq qilidighan dukanlarda chalghan naxsha- muzikilargha chalsangchu dégini idi ,bu bir xil öz ara qilishidighan chaqchaqliri bolsa kérek] chal ! zikri elpetta rehmetlik dutarni shundaq chaldiki, memtimin iminop küzini zhumdi ikki tamche yash ikki mengzige sarqip chüshti. Hemmimiz mishildap kettuq. Iminop:
-chal, zikri chal! östeng naxshilirigha chal! chal! ershidin tatliq rehmetlik bir meydan axirlashquche yighlap toxtimidi...
2
"qizil 3‏-liyen" milliy uqughüchilar teshkilati oqughüchiliri, "chong xetlik gézit"ke maqale yézip ansambilning témigha chaplap turatti. " bingtiwenning apsharkiliri 80 yüendin pul xejligende,altay qazaqlarning irimchikike qosughi toymidi", " uyghur aptonom rayonning qanunda belgilen’gen hoquq da’irisi qeyerdin- qeyergiche"," uyghurlar köchmenlerni béqip kételmeydu","shinjang uyghur aptonom rayoni qurghaq, chöllük rayon su menbesi kemchil artuq köchmen qobul qilalmaydu","uyghur aptonom rayonigha wang i’énmaw sékirtar bulishi kérekmu yaki uyghur sékirtar bulishi kérekmu?",,, xilmu xil pikirler "chong xetlik gézit" arqiliq ansambilning témigha chaplinip turatti. Xelq ammisi
Bu tamni kéche- kündüz angliq yaki istixiyilik halda qoghdaytti, "chong xetlik gézit" ning üstige "qizil 3‏-liyen" oqughuchiliridin bashqa kishilerning qeghez chaplishigha yol qoyulmayti. Bolupmu ürümchi sheherlik akimiz tömür ependi, apsharka ishtini yétilep kélip. "chong xetlik gézit"chaplan’ghan tamni qoghdaytti.[ rehmetlikning yatar jayi jennet bolsun]
Siyasiy nezeriyilerge we marksizmgha munasiwetlik mesilen, marksning millet nezeriyiliri yaki xitay mustemlikichilirining bu nezeriyilerni milletler mesilisige qandaq tetbiq qilghanliqi toghrisida yézilghan sélishturma maqalilerni rehmetlik ershidin tatliq bilen yazghuchi ömer ghazi[qazaq] qatarliq ziyaliylar yézip béretti.Oqughuchilar bu sewiyilik yézilidighan maqalilerni yazalmayti.Her shenbe yaki yekshenbe künde ikki sa’et bezide 4 sa’et waqit chiqirip mexpiy yighin achattuq, shu heptilik qilidighan ishlirimizni belgileytuq, yighin’gha rehmetlik sawaqdishim aytan osmanop, yene bir .... Dostummu riyasetchilik qilatti.[ bukishi hazir wetende ismini ashkariyalmaymen] yene bir sawaqdishim shu derijide riyasetchilik qilatti lékin bu yerde bu kishining ismini ashkariliyalmaymen.[ bu kishi hazir ottura asiyada melum dölette istiqamet qiliwatidu] uyultashtek inaq iduq bir- birimizdin shö hret , nam- ataq talashmaytuq.
1968‏-yili 5‏-ayning 16‏-küni yaki bu kündin bashqa bir küni ésimde qalmaptu lékin 5‏-ay ikenlikige söz ketmeydu. 2000 köprek, shinjang unwi’éristitining uyghur -qazaq uqughüchiliri derwazidin namayish qilip chiqip , ürümchi sheher ittipaq tiyatirining aldidiki meydan’gha toplandi.[1962 ‏-yili yüz bergen 29‏-may weqesini xatirilesh namayish qilghuchilarning meqsiti idi.] teshkilatning re’isi aytan osmanop nutuq sözlidi:
" milletler barawerliki, milliy tenglikning siyaset saheside uqumlashqan menisi néme we bu ne zeriyining ijra’iyettiki emeliyiti, mesilen , shinjang uyghur aptonom rayoni dégen bu memuriy birlikning hoquq shekilliri néme?,,,,, "u küni sawaqdishimiz aytanning sözligen nutqi bek debdebilik , bek jushqun ,mezmunluq, qaratmiliqqa ige nutuq bolghan idi. Étirapqa toplan’ghan bir nechche ming amma qulaq bérip anglap turatti, köz yéshi qilatti.Hésdashliq qilghuchilar, oqughuchilar herikitini qollighuchilar, egiship yolning chétide mangghuchilar, namayishqa uzitip qoyop mektep darwazisining ichide qalghuchilar, ürümchi sheher ahalisi, shu qatarda ürümchi sheherlik toluq, toluqsiz ottura mektep oqughuchiliri, "inqilabi alaqe baghlash" üchün uyghuristanning jay-jayliridin ürümchige yitip kelgen toluq, toluqsiz ottura mektep oqughuchiliri bolup texminen 15mingdin artuq kishi shu küni ürümchide "tamasha" körüwatatti yaki shu künki namayishqa her xil yollar bilen ishtirak qilghan idi.Sho’ar towlaytti, arzulirini heriket we sho’ar arqiliq ipade qilatti. Héqiqi inqilab qandaq waqitta otturigha chiqidu? Hésdashliq qilghüchilarmu sepke qoshulghanda, qorqunchaqlarmu sepke qoshulghanda,yol yaqilap egiship mangghanlarmu namayishchilar qatarigha qoshulghanda andin héqiqi inqilab otturigha chiqatti.[ qandaq qilimiz zamandashlirim uyghur xelqi oqnimu chala atidighan , namayishnimu chala qilidighan bir xelq iken.]
Shu küni oqughuchi sawaqdashlirim ittipaq tiyatirining aldidin jenubi qowuq aylanmi’ighiche namayish qilip bérip qaytip kelgendin kéyin ittipaq tiyatirining aldida yene yighin teshkillidi.Bundaq qilish heriket arqiliq jama’et pikri toplashning bir xil usuli idi.
Men ansambilining udulida yeni yolning sherq teripide qirda olturup oqughuchilarning namayishigha rehberlik qildim. Aytan bilen méning otturamda sawaqdishim [emet...] alaqichilik qilatti.Méning qolumda bir jingdek xam gösh bar idi, qeyerdin aldim bilmeymen, yaki birsi méning qolumgha tutquzup qoydimu bilmeymen yaki bir xil niqaplinishmu
Bilmeymen .Namayishning aqiwitini oylap qorqup kétip bir heriket qilip -gösh sétip élip heriket qilish arqiliq jiddiylikni peseytmekchi boldummu bilmeymen . [ kichiringlar wetendashlirim! men shu chaghda 22 yashliq bala, namayishqa qatnashqan sawaqdashlirimmu 20- 22 yashliq balilar idi.]
Emet... Yügürüp keldi,- merkezdin ju’énley téléfon qiliptu...[téléfon "uchqundin yan’ghin chiqidu" namliq xitay oqughuchilar teshkilatining ishxanisigha kelgen]
-néme gep iken?
-aytanning yaki birsining mektepke bérip téléfon élishini telep qilidiken.
-aytan baralmaydu, namayishqa rehberlik qilidu, bashqa birsini ewetinglar . Dostum hem sawaqdishim... Téléfon i’élishqa yürüp ketti. Ju’énley:
-sawaqdashlirim her qandaq gépinglar bolsa,shinjang herbiy rayoni arqiliq manga yetküzünglar, men silerning gépinglarni anglaymen,-namayish qilip sowét riwizonéstlirining aldida méning yüzümge qara sürkimenglar! silerge ishinimen ,üzüm aldirash, katibim go katipni téléfonning aldida olturghuzup qoydum, gépinglar bolsa go katipqa yetküzünglar!
Ju’énleyning téléfon arqiliq qilghan bayanati namayishchi oqughuchilargha yetküzüldi, jiddiylik peseydi, [eslide ju’énleyning dégenliri oqughuchilargha yetküzülmeydighan ish idi. Baliliq qilduq.] oqughüchilar tarqilishqa bashlidi.[shu chaghda oqughuchilarning yénida kiyim-kéchekning ichige yushuriwalghan qoralliri bar idi dep ,kéyin anglidim lékin üzüm ispatlap bérelmeymen] ittipaq tiyatirining aldidiki yolning sherq terep qirghiqidiki ré’isturan we pochta xanining i’ögzilirige chiqip alghan aptonom rayonluq saqchi nazaritining saqchiliri bir tereptin süretke tartip turatti bir tereptin fi’ilimutni betlep namayish meydanigha qaritip qoyghan idi...
3
O qughuchilar mektepke qaytip ketti, shu küni kechte xitayning herbiy rayoni kéchide shinjang uniwérsitétigha esker ewetip, xitay o qughuchilar teshkilati" uchqi’undin yan’ghin chiqidu"ning rehberlirini yardemge chaqirip, milliy munapiq türdi abdiréhimni aldigha sélip, uxlawatqan yataqqa basturup kirip , qoghdap yataqta bille yatqan sawqdishimiz ghupur qadirni urup zeximlendürüp,aptonom rayonning mu’awin re’isi memtimin iminopni qolgha élip ketti.Oyghinip qopup oqughuchilar yene namayishqa teyyarlan’ghanda shinjang uniwérsitéti alla qachan herbiy rayonning nazariti asitigha élin’ghan , herbiy rayonning mu’awin qomandani ulatayip mektep ichide ishxana qurushqimu ülgürgen idi. [kéyin késelge bahanidap rehmetlik iminopni aptonom rayonluq 2‏- doxtur xanigha élip kélip qan qaturush hokuli urup öltürüp 1970‏-yili ölüm jazasi bérilgen 9 neper uyighurning qatarida tagh bulaq jaza meydanigha depni qilghan. [men bu hékayilerni türmidin chi’iqqandin kéyin anglidim]
Oqush püttürgen, medeniyet zor inqilabi tüpeyli xizmetke teqsim qilinmighan oqughuchilarni 1968‏-yilining axirida jay- jaylargha teqsim qilishqa bashlidi.Men shu chaghdiki ayalim bilen bille aqsu wilayetlik darilmu’ellimin’ge teqsim qilindim. Shu yili 12‏-ayda qéchish toghruluq télégramma tapshurup aldim. Bu télégrammini manga kimning ewetkenlikini hazirghiche bilmeymen...1969‏-yili 1‏-ayning 17‏-küni börtala -uteyde qolgha i’élindim. Awwal oblastliq türmige kéyin bingtiwenning türmisige 15kün qamap qoydi,2‏-ayning 15‏-küni ürümchi- liyu dawen türmisige yötkep keldi.Shu yili 3‏-ayning 24‏-küni aytan bashliq 9 neper inqilabchi sawaqdishim , bir neper qazaq charwichining yardimi arqiliq börtala arshangdin qéchip hazirqi qazaqistan’gha ötüp ketti.[ bu hékayilerning bir qismini türmining ichide ,bir qismini türmidin chiqqandin kéyin anglidim]
1977‏-yili 7‏-ayning 31‏-küni xitay hökümiti méni türmidin qoyup bérip ,aptobusqa sélip , saqchilar yalap aqsugha élip bérip yene bingtiwenning türmisige qamap
Qoydi. Bu néme ish?3ay türmide yattim,türmidin chiqqandin kéyin1978‏-yili 7‏-ayning 31‏-küni xénim rabiye qadir bilen toy qildim. 1980‏-yili 4‏-ayda aqsuda rabiye xénim ikkimiz namayish teyyarliduq, namayish teyyarlashqa asas teyyarlap bergen xitay saqchi öltürüwetken 17 yashliq yolwas dégen kishi bingtiwenning türmiside men bilen bir kamérda yatqan kishi idi. Shuningdin bashlap 1982‏-yili 7‏-ayning 2‏-küni shinjang ma’arip institutining edebiyat pakoltitigha oqutquchi bolup orunlashqiche, shangxey, guwangju qatarliq xitay sheherliride rabiye xénim bilen bille yürüp tijaret qildim.
1989‏-yili 12ayning 25‏-küni kichik qizim qeqinus tughuldi. Xitayning pilanliq tughut siyasitige qarshi chiqqan oxshaymiz.Tijaretchi bolghanliqi üchün ayalim rabiye qadirgha 50ming yüen jerimane qoydi.Manga 2ming yiwen jerimane qoydi we dotséntliqqa yollighan terjimihal, matériyalimni bikar qilip unwan élish salahiyitimni élip tashlidi. 1993‏-yili toxtam bilen mekteptin chékinip chiqip rabiye qadirning tereqqiy qiliwatqan tijaritige qorghas chégra éghizida turup yardemleshtim.
1994‏-yili jem’iyette bir ghulghüla-" herbiy rayonning muzikanti wang lobing xitay, uyghur- qazaqning naxsha- muzikilirini men ijat qildim dep, özining qiliwaptu", deydighan pikirler éqip yüretti.Yene bir fi’ilim uyghur bilen qazaq milletliri otturisigha ziddiyet salidighan "fi’ing xanim" mawzuluq téléwiziye tiyatirini xitay yazghuchilar ékran’gha chiqirip, qazaqlar tarixta uyghurlargha hökümranliq qilghan deydighan jama’et pikrini teyyarlashqa bashlidi. Buningdin sel burun qazaq ziyaliy qérindishimiz telewqan xitay tili shinjang gézitige " shinjang yalghuz uyghürlarning zémini emes" mawzuluq maqale yézip otquyruqluq qilishqa bashlidi. Shinjang kimning zémini idi? Uyghür bilen qazaqning zémini idighu? Bu ish bilen xitayning néme alaqisi bar? Némishqa qazaqni uyghürgha,uyghurni qazaqqa küshkürtmekchi? Ziddiyet sélish, qérindash milletler otturisigha ziddiyet sélish, esli gomnidang xitaylirigha adet bolghan usul-chare, nesli kommunist xitaylargha miras qalghan bolmamdu? "nepsingni yighiwal! naxsha oghrisi wang lobibng", " fi’ing xanim we aptorlarning tarix qarishigha baha" mawzuluq maqalilerni yézip yuqiriqi kishilerni tenqid qildim, köz qarashlirigha reddiye berdim. Bu maqaliler ürümchi kechlik gézitide arqa-arqidin élan qilindi. Oylaptimen ,naxsha -muzika uyghurning idi, xitay wang lobing özining qiliwaptu, men bu xitayni tenqid qildim...Uyghurlar qozghilip namayishqa chiqsa, qatarning aldida mangimen dep, oylaptimen.Nedikini? Hazirghiche özümning yaki eqilliq yaki eqilsiz ademlikimge baha bérelmey keldim. Mustemlike milletning ghururi mustemlike qilghuchi milletning chektin alqighan haqaritige uchrighanda, kishiler sekrep otturigha chiqip, milliy ghurürini qoghdishi, numus-kuchini aqlishi kérekmu yaki jan béqishning kochisida lay- patqaqqa milinip yürüshi kérekmu? Awwalqisi toghra bolup , kéyinkisi xata bolsa, men eqilliq adem idim, mubada awwalqisi xata bolup ,kéyinkisi toghra bolsa men döt adem idim. Shunga eqilliq adem bolush bilen döt adem bolushning otturisida hazirghiche qaymuqup keldim... Yazghan maqalilirim xitaygha éghir keldi. Bolupmu dostum sha’ir .......... Bilen birliship " reqibler we ittipaqdashlar" mawzuluq kitabni terjime qilghanliqim xitaygha heddidin ziyade éghir keldi.Chünki, bu kitabning amérikiliq aptori jon garwér ependi "yalta shertnamisi"ni imzalashning,"moskwa shertnamisi"ni imzalashning tarixi jeryanini 60% etrapida pash qiliwetken idi. Biz kitabni xitay tilidin terjime qilduq.
1995‏-yili 12‏-ayda uyghur klassik edebiyati tetqiqati yighinida uyghur aptonom rayonluq teshwiqat bölümining sabiq bashliqi fi’ing dajin ,méning yuqirida tilgha élip ötken maqalilirimning mezmunigha hujum qilip:" milletchi, showinist, tarixni bilemdikin?"dédi.Shu qétimqi tetqiqat yighinidin xulase chiqarghanda ,shinjang gézitige maqale yézip fi’ing dajin méning ismimni atimay tenqid qildi.Fi’ing dajin klassik edebiyat tetqiqat yighinda méni tenqidleshke bashlighanda, maynur qasim, sawdanop ependiler,-
Néme deysen ,naxsha uyghurning naxshisi,siqhaji ruzi uyghur edebiyat saheside tenqidchi, uning tenqidlesh hoquqi bar,yaki sen uning hoquqini tartip aldingmu déyishti. Qarighanda uyning münggüzige ursa tuwiqi sirqiraydu dégen uyghur maqal- temsilliri toghra éytilghan iken. Fi’ing dajin signal berdi , qolgha élish...U shinjang ma’arip instituti rehberlirige téléfon bérip ,sidiqhaji ruzigha siler chéqilmanglar, biz özimiz bir terep qilimiz ,dédi.Qandaq bir terep qilmaqchi?! ayalim rabiye qadir:
- qach, sidiq qa chmisang bolmaydu, millitingning , dosliringning hali shu . Biz emdi dawani chet’elde qilimiz, qa chmisang bolmaydu,,,
-nege?

2009.2.5
Sidiqhaji rozi
Yéqinda "azadliq "tor bétige bir yéngi kishi inkas yézip méning sala hiyitimni soraptu. Shu munasiwet bilen men töwende salahiyitimning néme ikenlikini oqurmenlerge tapshurmaqchi boldum. Qarighanda bu kishi miéning "uyghurning orni nede" mawzuluq kitabimni oqughandek qilidu. Héch nerse angqiralmighan bolsa bu adem padichimidu yaki nawaymidu?
Bilelmidim. Bu kishige qandaq salahiyet kérek , ikine? Méning salahiyitimni soraydighan bu kishining esli salahiyiti néme ikine?! bu kishining méning salahiyitimni sorap yazghan inkasigha toluq jawab qayturushtin awwal yuqirida ikki kelime keltürüp qoydum.
1
Sidiqhaji ruzi 1944‏-yili 6‏-ayning 15‏-küni atush nahiye- azaq yéza- meyi kentide qari qur’an, iqtisadi halliq bir a’ilide dunyagha kelgen. Xitay mustemlikichiliri 1949‏-yili 10‏-ayda uyghuristan’gha tajawuz qilip kirip, herxil wehshiyane siyasetlerni yolgha qoyup, 1952‏-yilidin bashlap yer islahati élip bérip, uyghür déhqanlirini terkiblerge ayrish arqiliq milletning jama’e bolup uyushush küchini parchilap qarshiliq körsitelmeydighan halgha keltürdi, adem bilen ademning munasiwitini ishit bilen ishitning yaki ishit bilen börining munasiwitige aylandurup qoydi.
Dadisi ruzi qary 1952‏-yili poméshchik terkibke ayrildi. A’iliwi mal- bisat, iskilat-qaznaq, éghildiki at-ulaqlarni musadire qilishqa bashlidi. Sidiqhaji ruzi kichik idi .Anisini bir terepke, dadisini bir terepke turghuzup qoydi zaman zoriwanliri."qelenderler" iskilattin bughday qachilighan tagharni zhüdüp méngishatti, éghildin at-kalini yétilep chiqip kétishti. Musadire qilish xizmet guruppisigha bashliq bolup kelgen xitay hinggang chishlirini chiqirip tamaka shorap chette qarap turatti, uyghur -uyghurni bulawatatti. Dadam qolumni tutup alghan idi deydu, sidiqhaji ruzi- qorqushtinmu yaki ghezeptinmu dadamning qoli titireyti. 1952‏-yilining axirida dadisi ruzi qarigha zomiger poméshchik qalpiqi keydürülüp türmige tashlandi. 1955‏-yili 11‏-ayda xitay mustemlikichilirining yerlik hakimiyiti sidiqhaji ruzi a’ilisige dadisi ruzi qarining jesitini tapshurup berdi.
Sidiqhaji ruzi 1961‏-yili tuluq ottura mektepni atush shehiride tuluq püttürüp , shu yili 9‏-ayda ürümchige kélip shinjang uniwérsitétining edebiyat pakoltitigha oqushqa kirdi. 1966‏-yili 9‏-ayda aliy mektepni tamamlishi kérek idi. Biraq ,shu yili 5‏-ayda xitayning atalmish medeniyet zor inqilabi bashlandi. Deslep qilip uqughüchilar ichidin mektep boyiche ikki neper oqughuchi- isma’il abduraxman, sidiqhaji ruzi eksiyetchi ,milletchi oqughuchilar déyildi, tartip chiqirip küresh qilindi. Kéyin tamgha chaplan’ghan "chong xetlik gézit" ni yirtip tashlighanliqi üchün rehmetlik isma’il abduraxman saqchining türmisige 6ay qamaldi. Sidiqhaji ruzi mektepte töt yérim qewetlik oqughuchilar yatiqigha nezerbend qilindi. Ibirahim sulayman [ qazaq],alimbék [qazaq] , nizamet qatarliq sawaqdashliri ikki sa’ettin almiship sidiqhaji rozini nazaret qilatti. Tamaqni ekélip béretti, teretxanigha nazaret astida chiqip kiretti.
1966‏-yili 11‏-aygha kelgende "oqughuchilargha zerbe bérish", "oqughuchilarni tartip chiqirish", "eksiyetchi siyasiy yol " déyilip tenqidlinip sidiqhaji ruzi nezerbenttin bushutuldi. Tartip chiqirilghan bashqa oqughuchilar hem eslige keltürüldi. 1966 ‏-yili11‏-ayda shinjang uniwérsitétida "qizil 3‏- liyen " milliy oqughuchilar teshkilati quruldi. Bu teshkilatni awwal qurghan kishi kim? Siqhaji ruzining qazaq sawaqdishi alimbék idi.[bu chaghda mawzédung oqughuchilargha "4chong erkinlik" bériwetken, oqughuchilar néme teshkilat qurimen dése erkin idi]. Sawaqdishi alimbék bilen sidihaji ruzi otturisida dé’alog mundaq bashlandi :
- medeniyet zor inqilabi sinipi küresh bilen bashlandi, shundaqmu?
-shundaq.
-kapitalizm yoligha mangghan hoquqdarlar tartip chiqirildi, shundaqmu?
- elwette shundaq.
- bu hoquqdarlar mawzédung belgilep bergen siyasetlerge qarshi yol tutqan iken, ejeba, shinjang uyghur aptonom rayonida wang iénmaw qatarliqlar , mawzédong asasi qanun arqiliq belgilep bergen milliy siyasetni toghra ijra qilghanmu?
-bu, oylinishqa tégishlik bir ish iken’ghu?
- " ulugh dahiymiz mawzédung", "milliy küresh tégi- tektidin alghanda sinipi küresh mesilisi", dégen idighu?
- rast shundaq dégen. Bügün bu söz "eng aliy yolyoruq " bolup qaldi.
- medeniyet zor inqilabi sinipi küreshni tutqa qiliwatidu, némishqa milliy mesilini tilgha almaydu. Uyghur aptonom rayonning sékirtar xitayliri chong-chong siyasetlerde xataliq sadir qilip, milliy siyasette xataliq iötküzmigenmu?
Néme qilimiz, démekchisen?
-qéni sawaqdishim alimbék, néme qilishimiz kérek?- men eksiyetchi , milletchi oqughuchi ayrildim. Ashkara otturigha chiqip teshkilat quralmaymen, sen teshkilat qurup chiq. Men arqangda turup sanga yardem qilimen dédim.
"qizil 3‏-liyen" milliy oqughuchilar teshkilati ene shundaq ehwalda 1966‏-yili11‏-ayda qurulup chiqti. Deslepte bu teshkilatqa sawaqdashlardin 9neper kishi qatnashti. 1968‏-yili bu teshkilatqa qatnashqan kishilerning sani 2mingdin éship ketti.Aytan re’is boldi.
"qizil 3‏-liyen " oqughuchilar teshkilati bir yil dégüdek ürümchide ansambilning témigha " chong xetlik gézit" chaplap, wang iénmawning milliy siyasette ötküzgen jinayetlirini pash qildi.Buning ichide uyghur aptonom rayonning mu’awin re’isi memtimin iminop yazghan" méning bayanatim", mawzuluq bir parche maqale "chong xetlik gézit"ke ,oqughuchilarning qoli arqiliq köchürülüp, ansambilning témigha chaplan’ghanda ürümchide katta ghulghula bashlandi. Memtimin iminop 1967‏-yilining axirida " isyan "kötürüp, "qizil 3‏-liyen" milliy oqughuchilar teshkilatini qollap, shinjang uniwérsitétigha kélip kadirlar yatiqida yalghuz yataqta yétip qopatti. Milliy oqughuchilar nöwet bilen kéchisi hemrah bolup qoghdaytti. Rehmetlik memtimin iminop yazghan maqaliside 1962‏-yili bay nahiyiside yüz bergen, 20ming adem achliqtin ölgen, xitay hakim xeyrüy peyda qilghan acharchiliq weqesini pash qilghan idi.
Mushu yerde qisturup ötüp kétey. 1966‏-yili 9‏-ayda oqush püttürüshke tégishlik oqughuchilargha xitay mustemlikichiliri hakimiyiti 1967‏-yili 10‏- aydin bashlap asasliq ma’ashini 60 yüendin békitip ma’ash tarqatti. Kembeghel oqughuchilarning qoli pul kördi. Bu chaghda bir kilogram göshning puli 7‏- 8 mochen idi, bir qap tamakining puli bir mochen ikki mochen , acharchiliq ötüp ketken chaghlar idi.
Men méhman .Chaqirdim rehmetlik memtimin iminop, uyghurning muzikanti rehme tlik zikri elpetta, rehme tlik ershidin tatliq, mir sultan osmanop [hayat], yene ikki neper sawaqdishim mining méhmanlirim idi. Rehmetlik memtimin iminop bir oh tartip :
- zikri chalsangchu! fii’unér waxliringda chalghan naxshilargha [ fii’unér waxliring dégini qapaqning boynigha qizil lata baghlap dukan’gha ésip qoyup satirashliq qilidighan dukanlarda chalghan naxsha- muzikilargha chalsangchu dégini idi ,bu bir xil öz ara qilishidighan chaqchaqliri bolsa kérek] chal ! zikri elpetta rehmetlik dutarni shundaq chaldiki, memtimin iminop küzini zhumdi ikki tamche yash ikki mengzige sarqip chüshti. Hemmimiz mishildap kettuq. Iminop:
-chal, zikri chal! östeng naxshilirigha chal! chal! ershidin tatliq rehmetlik bir meydan axirlashquche yighlap toxtimidi...
2
"qizil 3‏-liyen" milliy uqughüchilar teshkilati oqughüchiliri, "chong xetlik gézit"ke maqale yézip ansambilning témigha chaplap turatti. " bingtiwenning apsharkiliri 80 yüendin pul xejligende,altay qazaqlarning irimchikike qosughi toymidi", " uyghur aptonom rayonning qanunda belgilen’gen hoquq da’irisi qeyerdin- qeyergiche"," uyghurlar köchmenlerni béqip kételmeydu","shinjang uyghur aptonom rayoni qurghaq, chöllük rayon su menbesi kemchil artuq köchmen qobul qilalmaydu","uyghur aptonom rayonigha wang iénmaw sékirtar bulishi kérekmu yaki uyghur sékirtar bulishi kérekmu?",,, xilmu xil pikirler "chong xetlik gézit" arqiliq ansambilning témigha chaplinip turatti. Xelq ammisi
Bu tamni kéche- kündüz angliq yaki istixiyilik halda qoghdaytti, "chong xetlik gézit" ning üstige "qizil 3‏-liyen" oqughuchiliridin bashqa kishilerning qeghez chaplishigha yol qoyulmayti. Bolupmu ürümchi sheherlik akimiz tömür ependi, apsharka ishtini yétilep kélip. "chong xetlik gézit"chaplan’ghan tamni qoghdaytti.[ rehmetlikning yatar jayi jennet bolsun]
Siyasiy nezeriyilerge we marksizmgha munasiwetlik mesilen, marksning millet nezeriyiliri yaki xitay mustemlikichilirining bu nezeriyilerni milletler mesilisige qandaq tetbiq qilghanliqi toghrisida yézilghan sélishturma maqalilerni rehmetlik ershidin tatliq bilen yazghuchi ömer ghazi[qazaq] qatarliq ziyaliylar yézip béretti.Oqughuchilar bu sewiyilik yézilidighan maqalilerni yazalmayti.Her shenbe yaki yekshenbe künde ikki sa’et bezide 4 sa’et waqit chiqirip mexpiy yighin achattuq, shu heptilik qilidighan ishlirimizni belgileytuq, yighin’gha rehmetlik sawaqdishim aytan osmanop, yene bir .... Dostummu riyasetchilik qilatti.[ bukishi hazir wetende ismini ashkariyalmaymen] yene bir sawaqdishim shu derijide riyasetchilik qilatti lékin bu yerde bu kishining ismini ashkariliyalmaymen.[ bu kishi hazir ottura asiyada melum dölette istiqamet qiliwatidu] uyultashtek inaq iduq bir- birimizdin shö hret , nam- ataq talashmaytuq.
1968‏-yili 5‏-ayning 16‏-küni yaki bu kündin bashqa bir küni ésimde qalmaptu lékin 5‏-ay ikenlikige söz ketmeydu. 2000 köprek, shinjang unwiéristitining uyghur -qazaq uqughüchiliri derwazidin namayish qilip chiqip , ürümchi sheher ittipaq tiyatirining aldidiki meydan’gha toplandi.[1962 ‏-yili yüz bergen 29‏-may weqesini xatirilesh namayish qilghuchilarning meqsiti idi.] teshkilatning re’isi aytan osmanop nutuq sözlidi:
" milletler barawerliki, milliy tenglikning siyaset saheside uqumlashqan menisi néme we bu ne zeriyining ijra’iyettiki emeliyiti, mesilen , shinjang uyghur aptonom rayoni dégen bu memuriy birlikning hoquq shekilliri néme?,,,,, "u küni sawaqdishimiz aytanning sözligen nutqi bek debdebilik , bek jushqun ,mezmunluq, qaratmiliqqa ige nutuq bolghan idi. Étirapqa toplan’ghan bir nechche ming amma qulaq bérip anglap turatti, köz yéshi qilatti.Hésdashliq qilghuchilar, oqughuchilar herikitini qollighuchilar, egiship yolning chétide mangghuchilar, namayishqa uzitip qoyop mektep darwazisining ichide qalghuchilar, ürümchi sheher ahalisi, shu qatarda ürümchi sheherlik toluq, toluqsiz ottura mektep oqughuchiliri, "inqilabi alaqe baghlash" üchün uyghuristanning jay-jayliridin ürümchige yitip kelgen toluq, toluqsiz ottura mektep oqughuchiliri bolup texminen 15mingdin artuq kishi shu küni ürümchide "tamasha" körüwatatti yaki shu künki namayishqa her xil yollar bilen ishtirak qilghan idi.Sho’ar towlaytti, arzulirini heriket we sho’ar arqiliq ipade qilatti. Héqiqi inqilab qandaq waqitta otturigha chiqidu? Hésdashliq qilghüchilarmu sepke qoshulghanda, qorqunchaqlarmu sepke qoshulghanda,yol yaqilap egiship mangghanlarmu namayishchilar qatarigha qoshulghanda andin héqiqi inqilab otturigha chiqatti.[ qandaq qilimiz zamandashlirim uyghur xelqi oqnimu chala atidighan , namayishnimu chala qilidighan bir xelq iken.]
Shu küni oqughuchi sawaqdashlirim ittipaq tiyatirining aldidin jenubi qowuq aylanmiighiche namayish qilip bérip qaytip kelgendin kéyin ittipaq tiyatirining aldida yene yighin teshkillidi.Bundaq qilish heriket arqiliq jama’et pikri toplashning bir xil usuli idi.
Men ansambilining udulida yeni yolning sherq teripide qirda olturup oqughuchilarning namayishigha rehberlik qildim. Aytan bilen méning otturamda sawaqdishim [emet...] alaqichilik qilatti.Méning qolumda bir jingdek xam gösh bar idi, qeyerdin aldim bilmeymen, yaki birsi méning qolumgha tutquzup qoydimu bilmeymen yaki bir xil niqaplinishmu
Bilmeymen .Namayishning aqiwitini oylap qorqup kétip bir heriket qilip -gösh sétip élip heriket qilish arqiliq jiddiylikni peseytmekchi boldummu bilmeymen . [ kichiringlar wetendashlirim! men shu chaghda 22 yashliq bala, namayishqa qatnashqan sawaqdashlirimmu 20- 22 yashliq balilar idi.]
Emet... Yügürüp keldi,- merkezdin ju’énley téléfon qiliptu...[téléfon "uchqundin yan’ghin chiqidu" namliq xitay oqughuchilar teshkilatining ishxanisigha kelgen]
-néme gep iken?
-aytanning yaki birsining mektepke bérip téléfon élishini telep qilidiken.
-aytan baralmaydu, namayishqa rehberlik qilidu, bashqa birsini ewetinglar . Dostum hem sawaqdishim... Téléfon iélishqa yürüp ketti. Ju’énley:
-sawaqdashlirim her qandaq gépinglar bolsa,shinjang herbiy rayoni arqiliq manga yetküzünglar, men silerning gépinglarni anglaymen,-namayish qilip sowét riwizonéstlirining aldida méning yüzümge qara sürkimenglar! silerge ishinimen ,üzüm aldirash, katibim go katipni téléfonning aldida olturghuzup qoydum, gépinglar bolsa go katipqa yetküzünglar!
Ju’énleyning téléfon arqiliq qilghan bayanati namayishchi oqughuchilargha yetküzüldi, jiddiylik peseydi, [eslide ju’énleyning dégenliri oqughuchilargha yetküzülmeydighan ish idi. Baliliq qilduq.] oqughüchilar tarqilishqa bashlidi.[shu chaghda oqughuchilarning yénida kiyim-kéchekning ichige yushuriwalghan qoralliri bar idi dep ,kéyin anglidim lékin üzüm ispatlap bérelmeymen] ittipaq tiyatirining aldidiki yolning sherq terep qirghiqidiki réisturan we pochta xanining iögzilirige chiqip alghan aptonom rayonluq saqchi nazaritining saqchiliri bir tereptin süretke tartip turatti bir tereptin fiilimutni betlep namayish meydanigha qaritip qoyghan idi...
3
O qughuchilar mektepke qaytip ketti, shu küni kechte xitayning herbiy rayoni kéchide shinjang uniwérsitétigha esker ewetip, xitay o qughuchilar teshkilati" uchqiundin yan’ghin chiqidu"ning rehberlirini yardemge chaqirip, milliy munapiq türdi abdiréhimni aldigha sélip, uxlawatqan yataqqa basturup kirip , qoghdap yataqta bille yatqan sawqdishimiz ghupur qadirni urup zeximlendürüp,aptonom rayonning mu’awin re’isi memtimin iminopni qolgha élip ketti.Oyghinip qopup oqughuchilar yene namayishqa teyyarlan’ghanda shinjang uniwérsitéti alla qachan herbiy rayonning nazariti asitigha élin’ghan , herbiy rayonning mu’awin qomandani ulatayip mektep ichide ishxana qurushqimu ülgürgen idi. [kéyin késelge bahanidap rehmetlik iminopni aptonom rayonluq 2‏- doxtur xanigha élip kélip qan qaturush hokuli urup öltürüp 1970‏-yili ölüm jazasi bérilgen 9 neper uyighurning qatarida tagh bulaq jaza meydanigha depni qilghan. [men bu hékayilerni türmidin chiiqqandin kéyin anglidim]
Oqush püttürgen, medeniyet zor inqilabi tüpeyli xizmetke teqsim qilinmighan oqughuchilarni 1968‏-yilining axirida jay- jaylargha teqsim qilishqa bashlidi.Men shu chaghdiki ayalim bilen bille aqsu wilayetlik darilmu’ellimin’ge teqsim qilindim. Shu yili 12‏-ayda qéchish toghruluq télégramma tapshurup aldim. Bu télégrammini manga kimning ewetkenlikini hazirghiche bilmeymen...1969‏-yili 1‏-ayning 17‏-küni börtala -uteyde qolgha iélindim. Awwal oblastliq türmige kéyin bingtiwenning türmisige 15kün qamap qoydi,2‏-ayning 15‏-küni ürümchi- liyu dawen türmisige yötkep keldi.Shu yili 3‏-ayning 24‏-küni aytan bashliq 9 neper inqilabchi sawaqdishim , bir neper qazaq charwichining yardimi arqiliq börtala arshangdin qéchip hazirqi qazaqistan’gha ötüp ketti.[ bu hékayilerning bir qismini türmining ichide ,bir qismini türmidin chiqqandin kéyin anglidim]
1977‏-yili 7‏-ayning 31‏-küni xitay hökümiti méni türmidin qoyup bérip ,aptobusqa sélip , saqchilar yalap aqsugha élip bérip yene bingtiwenning türmisige qamap
Qoydi. Bu néme ish?3ay türmide yattim,türmidin chiqqandin kéyin1978‏-yili 7‏-ayning 31‏-küni xénim rabiye qadir bilen toy qildim. 1980‏-yili 4‏-ayda aqsuda rabiye xénim ikkimiz namayish teyyarliduq, namayish teyyarlashqa asas teyyarlap bergen xitay saqchi öltürüwetken 17 yashliq yolwas dégen kishi bingtiwenning türmiside men bilen bir kamérda yatqan kishi idi. Shuningdin bashlap 1982‏-yili 7‏-ayning 2‏-küni shinjang ma’arip institutining edebiyat pakoltitigha oqutquchi bolup orunlashqiche, shangxey, guwangju qatarliq xitay sheherliride rabiye xénim bilen bille yürüp tijaret qildim.
1989‏-yili 12ayning 25‏-küni kichik qizim qeqinus tughuldi. Xitayning pilanliq tughut siyasitige qarshi chiqqan oxshaymiz.Tijaretchi bolghanliqi üchün ayalim rabiye qadirgha 50ming yüen jerimane qoydi.Manga 2ming yiwen jerimane qoydi we dotséntliqqa yollighan terjimihal, matériyalimni bikar qilip unwan élish salahiyitimni élip tashlidi. 1993‏-yili toxtam bilen mekteptin chékinip chiqip rabiye qadirning tereqqiy qiliwatqan tijaritige qorghas chégra éghizida turup yardemleshtim.
1994‏-yili jem’iyette bir ghulghüla-" herbiy rayonning muzikanti wang lobing xitay, uyghur- qazaqning naxsha- muzikilirini men ijat qildim dep, özining qiliwaptu", deydighan pikirler éqip yüretti.Yene bir fiilim uyghur bilen qazaq milletliri otturisigha ziddiyet salidighan "fiing xanim" mawzuluq téléwiziye tiyatirini xitay yazghuchilar ékran’gha chiqirip, qazaqlar tarixta uyghurlargha hökümranliq qilghan deydighan jama’et pikrini teyyarlashqa bashlidi. Buningdin sel burun qazaq ziyaliy qérindishimiz telewqan xitay tili shinjang gézitige " shinjang yalghuz uyghürlarning zémini emes" mawzuluq maqale yézip otquyruqluq qilishqa bashlidi. Shinjang kimning zémini idi? Uyghür bilen qazaqning zémini idighu? Bu ish bilen xitayning néme alaqisi bar? Némishqa qazaqni uyghürgha,uyghurni qazaqqa küshkürtmekchi? Ziddiyet sélish, qérindash milletler otturisigha ziddiyet sélish, esli gomnidang xitaylirigha adet bolghan usul-chare, nesli kommunist xitaylargha miras qalghan bolmamdu? "nepsingni yighiwal! naxsha oghrisi wang lobibng", " fiing xanim we aptorlarning tarix qarishigha baha" mawzuluq maqalilerni yézip yuqiriqi kishilerni tenqid qildim, köz qarashlirigha reddiye berdim. Bu maqaliler ürümchi kechlik gézitide arqa-arqidin élan qilindi. Oylaptimen ,naxsha -muzika uyghurning idi, xitay wang lobing özining qiliwaptu, men bu xitayni tenqid qildim...Uyghurlar qozghilip namayishqa chiqsa, qatarning aldida mangimen dep, oylaptimen.Nedikini? Hazirghiche özümning yaki eqilliq yaki eqilsiz ademlikimge baha bérelmey keldim. Mustemlike milletning ghururi mustemlike qilghuchi milletning chektin alqighan haqaritige uchrighanda, kishiler sekrep otturigha chiqip, milliy ghurürini qoghdishi, numus-kuchini aqlishi kérekmu yaki jan béqishning kochisida lay- patqaqqa milinip yürüshi kérekmu? Awwalqisi toghra bolup , kéyinkisi xata bolsa, men eqilliq adem idim, mubada awwalqisi xata bolup ,kéyinkisi toghra bolsa men döt adem idim. Shunga eqilliq adem bolush bilen döt adem bolushning otturisida hazirghiche qaymuqup keldim... Yazghan maqalilirim xitaygha éghir keldi. Bolupmu dostum sha’ir .......... Bilen birliship " reqibler we ittipaqdashlar" mawzuluq kitabni terjime qilghanliqim xitaygha heddidin ziyade éghir keldi.Chünki, bu kitabning amérikiliq aptori jon garwér ependi "yalta shertnamisi"ni imzalashning,"moskwa shertnamisi"ni imzalashning tarixi jeryanini 60% etrapida pash qiliwetken idi. Biz kitabni xitay tilidin terjime qilduq.
1995‏-yili 12‏-ayda uyghur klassik edebiyati tetqiqati yighinida uyghur aptonom rayonluq teshwiqat bölümining sabiq bashliqi fiing dajin ,méning yuqirida tilgha élip ötken maqalilirimning mezmunigha hujum qilip:" milletchi, showinist, tarixni bilemdikin?"dédi.Shu qétimqi tetqiqat yighinidin xulase chiqarghanda ,shinjang gézitige maqale yézip fiing dajin méning ismimni atimay tenqid qildi.Fiing dajin klassik edebiyat tetqiqat yighinda méni tenqidleshke bashlighanda, maynur qasim, sawdanop ependiler,-
Néme deysen ,naxsha uyghurning naxshisi,siqhaji ruzi uyghur edebiyat saheside tenqidchi, uning tenqidlesh hoquqi bar,yaki sen uning hoquqini tartip aldingmu déyishti. Qarighanda uyning münggüzige ursa tuwiqi sirqiraydu dégen uyghur maqal- temsilliri toghra éytilghan iken. Fiing dajin signal berdi , qolgha élish...U shinjang ma’arip instituti rehberlirige téléfon bérip ,sidiqhaji ruzigha siler chéqilmanglar, biz özimiz bir terep qilimiz ,dédi.Qandaq bir terep qilmaqchi?! ayalim rabiye qadir:
- qach, sidiq qa chmisang bolmaydu, millitingning , dosliringning hali shu . Biz emdi dawani chet’elde qilimiz, qa chmisang bolmaydu,,,
-nege?
- türkiyige...
-ohoy...!
-nege?
-ottura asiyagha...
- wetinim gerche mustemlike bolsimu’aywan- saraydin ayrilip éghilgha qachamdim... Qachsam:
-amérikigha qachimen... 1996‏-yili 2‏-ayda merkezdin ürümchige "7‏- nomurluq höjjet" chüshürülgen imish. 1996‏-yili 4‏-ayning 26‏-küni shangxeyde rusiye we ottura asiya döletliri qatnashqan "shangxey hemkarliq teshkilati" qurulmaqchi boldi, dégen xewerler gézitlerni qaplap ketti. Démek, rusiye bashchiliqida ottura asiya döletliri xitay bilen birliship shangxeyde yighin échip , xitay muste mlikichilirining uyghurlarni qattiq basturushigha yéshil chiragh yéqip bermekchi boldi. Fng dajinining siginalimu, hemme , hemme ish ayding boldi. Qeyerde sen démokratik dölet amérika! qeyerde sen , qizil kirimil impériyisini parchilap 15 döletke bölüwetken amérika?!
1996‏-yili 2‏-ayning melum bir küni rabiye qadir er-ayal ikkimiz ,[ , ikkimizni" közitip" bille kelgen yene bir kishi bar ]béyjinggha kélip,amérikining bash elchixanisigha kirduq. Pasportimizni rabiye xénim rojekke uzatti. Bir xitay tetey qoligha élip ichkiridin birsini chaqirdi.27 yashlar chamisida amérikiliq bir yigit kélip, teteyni ornidin qopuruwétip : qarshi alimiz rabiye qadir, sining bu yerge kelgenlikingni qarshi alimiz,- biz sini haman bir küni mushu bash elchixanigha kélidu dep,9yil küttuq, dédi...Xitay tilida.
1996‏-yili 4‏-ayning 24‏-küni rabiye xénim ikkimiz olturghan ayropilan yaponiye arqiliq uchup ötüp amérikining détroyt shehirige qondi. 1996‏-yili 10‏-ayning 17‏-küni siyasiy panahliq bérilgen dakomint qolumgha tegdi.1997‏-yili 2‏-ayning 5‏-küni uyghurstanning ghulja shehiride uyghurlarning zor kölemlik namayishi partlidi. 2‏-ayning 15‏-küni men wshin’gitunda a abdulla leyli naman bilen birlikte 100 kishilik namayish teshkillidim.1998‏-yili 11‏-ayning 25‏- küni amérika hökümiti uyghur tilida erkin asiya radi’osining qarmiqida uyghurlargha radi’o échip bérishni qarar qildi. 1999‏-yili 7‏-ayning 15‏-küni bashqilar bilen birlikte uyghurlarning kishilk hoquqi toghrisida amérikining dölet mejliside guwahliqtin öttüm. 1999‏-yili 8‏-ayning 11‏-küni méning ömürlüküm rabiye xénim ürümchide xitay saqchiliri teripidin qolgha élindi... Ballirim qaysi künde qaldi, hésyatini kim chüshiner?Men qaysi künde qaldim, hésyatimni kim chüshiner...? ,"xiyallar, xiyallar hetta siz, hetta sizmu tashlap kettingiz.[pushkin]
Sdiqhaji ruzi rabiye xénimdin 8yil ayrildi, kéyinki 6yil ichide ne uning awazini anglimidi , ne uning bir parche xétini körmidi. Sidiqhaji ruzi1999‏-yili 7‏-ayning 15‏-künidin 2005‏-yili 3‏-ayning 17‏-künigiche özi we balliri bolup uyghurlarning kishilik hoquqi toghrisida, dölet mejliside 6 qétim guwahliqtin iötti.
Kishilik hoquq teshkilatlirining bésimi,amérika hökümitining bésimi, amérikining sabiq dölet ishlar katipi kandiliza raiys xanimning bésimi arqiliq ,xitay hökümiti rabiye qadirni türmidin qoyup bérishke mejbur boldi, rabiye qadir 2005‏-yili 3‏-ayning17-küni wa shin’gitun’gha yitip kelgen kündin bashlap, kishilik hoquq pa’aliyiti we siyasiy pa’aliyet sidiqhaji rozining qolidin rabiye qadirning qoligha ötti. Sidiqhaji ruzi arqa sepke chékinip, pa’aliyetke matériyal teyyarlap béridighan kishige aylandi.

Eskertish
1967‏-yilining yaz ayliri bolsa kéirek,uyghurning erkekliri pa’aliyet qiliwatqan qeshqerde axunop teshkilatigha wekil bolup , wekiller ömikini bashlap mijit batur,qeshqerdin kélip,«qizil 3‏-liyen" teshkilatining rehberliri aytan we bashqilar............. Bilen ürümchide körüshken idi. Körüshüshke men teklip qilindim amma men qatnashmidim. Körüshüsh hazirqi shinjang unwéiristitining edebiyat fakultéti binasining 2‏- qewitide "qizil 3‏-liyen" ishxanisida élip bérilghan. Némishqa qatnashmidim...? Özümning ixtiyarimidi yaki bashqa birsi qatnashma dégenmidi? Esliyelmidim. Mijit batur, aytan we bashqilar birlikte qoralliq qozghilang toghrisida söhbetleshkenmidi...? Bilmeymen.1969‏-yili 8‏-ayda uyghurning erkekliri axunop , mijit batur rehberlikide qeshqerde qoralliq qozghilang kötürüldi. Türmide idim , shamaldashqa chiqqan idim, radi’o toxtimay sözlep turatti‏,- "mijit, axunop bashchiliqidiki qoralliq qozghilang qeshqerde basturuldi....", hettengey! qolumgha kések élip sémont -bitun tamgha" yashisun milliy qehriman mijitning rohi" dep,yazdim. Shopur ustam -jappar ustamdin bashqa jinayetchiler rxitay idi. Jappar ustam yénimgha kélip, xetni yingi bilen öchürüwiétip,-ukam derding uningsizmu yitip ashidu,dédi.
1972‏-yili 10‏-aynng 2‏-küni qolumgha ishkel putumgha kishen sélip türmining karidorigha élip chiqishti. Nege barimen? Kichik mashinigha sélishti ,nege barimen ...? Tébbiy unwiéristitigha élip bérishti.Qan iskilatigha kelduq,-déyishti. Uzun karidor... Bir uyghur körünmeydu...Bu tupraq mining, bu weten mining dédim ichimde, qorqush majalimgha teselli berdim.Üstel üstige yatquzushti.....Sol qolumni chiqirip berdim....450 gram qénimni éliwaldi... Shu kéchisi türmide ana...!! dep yighlidim .Ikkinchi yili bahar yitip kelgende olturup, ornumdin qopalmaydighan bolup qaldim....1977‏-yili 7‏-ayning 31 küni türmidin qoyup bérlidiim. Némishqa? Chünki, amérika, xitay döletliri déplumatik munasiwet ornitidighan waqit yéqinlap kelgechke, shinjang dégen yerde barliq siyasiy mehbuslarni türmidin, arqa- arqidin qoyup bérishke bashlidi.
Dostum érki[mongghul börtalaliq] uyghurche ismi erkin hazir shwétsiyide istiqamet qiliwatidu,qazaqistandin kelgen.1968 ‏-yili 5‏- ayda namayish axirlashqandin kéyin sha’iér dolqun yasinni chégradin qazaqistan’gha élip chiqip kétishke mes’ul boldi. "sha’ir" qazaqistan’gha élip kélindi.Men némishqa dostumgha ,-men chiqip kétey démidim ?" qéchip qutul" dep ,télégramma tapshurup alghandimu, börtalagha bérip sawaqdashlirimni izdep tapmaqchi boldum, lékin bir terepke qéchish niyitim yoq idi.
Hörmetlik uyghur wetendashlirim! ukimiz abduréhimjan abdureshid ependim, a limjan ependimlerning hawalisige emel qilip ushbu terjimehalimni yézip chiqtim türkiyige neshr qilishqa bergen kitabimgha terjime halimni qisqiche yézip bergen. Bu qétim sel uzunraq yézildi ömrüm yar berse béshimdin ötken künlerni tuluq yézip qaldurushum mumkin. Yuqiriqi ishlar 1966‏-yilidin 1968‏-yilining axirighiche yüz bergen ishlar idi.Eslesh jeryanida azablandim.Qazaqistan’gha qéchip chiqip ketken dostlirimning ichide abit, aytan osmanoplar birsi doxtur xanida , yene birsi ishlewatqan yéride qazaqistanda tuyuqsiz ölüp ketti...Pakitim yoq lékin guman qilimen,... Buningdin 43yil burun yüz bergen ishlar... Ademning este qaldurush küchimu ajayip bolidiken. Chüshüp qalghan, kémip qalghan terepliri bolsa wetendashlirimning toluqlap qoyushini, éship ketken terepler bolsa wetendashlirimning méni tenqid qilishini iümid qilimen. 43 yil... Yashliqmgha qaytqandek boldum, bayraq kötürüp qatargha kirip, sawaqdashlirim bilen birge namayish qilghandek boldum...
Bir qétim gérmaniyide ukimiz alimjan manga:
-sizning béshingizdin ötken ish, weten’ge, milletke, azadliqqa munasiwetlik béshingizdin ötken ish intayin köp, wetenni, milletni dep, türmide yatqanliqingizdin xewirimiz bar, yézip qaldurüshingiz, bzge sözlep birishingz kérek idi, dégende men:
-oghul bala ötmüshte erkektek qilghan ishlirini sözlep olturmaydu belki shu qilghanliri asasida yene erkektek ish qilidu, dégen idim.Mundaq qarisam bügün oylisam méning alimjan ukimizgha dégenlilirim yéngi dewrde siyit ganggungche exmeqliq iken. Men sözlep bermisem men yézip bermisem mining néme ishlarni qilghanliqimni kim bilidu? Mesilen, shu chaghda men ürümchidin yolgha chiqip uteyde qolgha iélnidim, ajayip hékayilerge ( 1969-yili 1-ayning 17küni) tolghan bu kéche toghrisida kimning xewiri bar deysiler, wetendashlirim bilip qélishi kérekqu?
Meyli rabiye qadir bolsun, meyli men bulay béshimizdin ötkenlerni, tartqan künlirimizni hergiz wetendashlirimizgha sélishturmaymiz , chünki, weten- dégen her qandaq uyghürning körgini oxshash, chekken azabliri oxshash. Biraq eqlimizni uyghurlargha hökümranliq qiliwatqan xitaylargha sélishturushqa tamamen hoquqluq biz. Lin byaw mongghuliyining windurxan ölkiside öldi, siyasiy özgirish qilimen dédi qilalmidi. Amma aytan osmanop, érki , sidiqhaji ruzi qatarliq sawaqdashlar bir meydan namayish teshkillesh arqiliq xitayning asasi qanunida belgilen’gen" yerlik milletchilikke qarshi turush" deydighan bir maddini " milliy bölgünchilikke qarshi turush" deydighan bir maddigha özgertishide , xitaygha yéterlik bésim peyda qilalidi. 1987‏-yili rabiye qadir 7 qewetlik a’ililikler binasigha hül tash, höl tash üstige pishshiq kések qoyghanda 1milyard nopusqa ige xitay memlikitide téxi bir xitay ,toxu katigimu salalmighan idi. 20‏-esirning 10‏-20‏- yillirida fransiyide oquwatqan ju’énley, ding shiyawping , kaliforniye, yaponiyide oquwatqan su njungsen qatarliq xitayning eyni chaghdiki démokratliri xitayning kishilik hoquqi toghrisida xelq’ara jem’iyette héch ish qilalmighan idi. Lékin shu waqitta amérikining prézidénti wilson amérika kon’girisining testiqi arqiliq "wilson xitabnamisi" ni élan qilip ,kishilik hoquq pa’aliyetlirige nezeriyiwi asas teyyarlap bergen chaghlar idi. Hazir ottawadin-sidnighiche, washin’gitundin -bérlin’ghiche,oslodin -amistrdamghiche ,almutadin- tokyoghiche shu döletlerde yashawatqan herbir uyghur a’ilining neseb tarixini waraqlap körseng ,uyghurning kishilik hoquqi, musteqilliqi üchün küresh qilghanliqini we qiliwatqanliqini körüp alalaysen!
Uyghurlar omumiy yüzlük oyghinish dewrige yitip kelgenmu? Meyli angliqliri, angsizliri, déhqanliri, ziyaliyliri oxshashla shundaq dewrge yitip kelgenmu? Oyghinish herikiti dégen néme? Peylasop kant mundaq deydu: " oyghinish herikiti dégenlik- insaniyetning özi‏-özige téngip qoyghan piship yétilmigen halettin qutulushi dégenliktur. Piship yétilmigen halet déginimiz,- bashqilarning yéteklishige tayanmay ,özining eqil-parasitini ishqa sélip her qandaq bir ishni wujudqa chiqiralmasliq dégenliktur. Buning sewebliri eqil-parasetning kemlikidin emes belki, bashqilarning yéteklishige tayanmay turup, ishlitishke tégishlik gheyret, shija’et we iradining kem bulishidin ibaret piship yétilmigen halet, insaniyet özi- özige téngip qoyghan piship yétilmigen halettur. Gheyret- shija’etingla bolidiken undaqta, özing eqil-parasitingni ishlet! manabu oyghinish herikitining shu’aridur.

2009‏-yili 2‏-ayning 5‏-küni
Washin’gitun

- türkiyige...
-ohoy...!
-nege?
-ottura asiyagha...
- wetinim gerche mustemlike bolsimu’aywan- saraydin ayrilip éghilgha qachamdim... Qachsam:
-amérikigha qachimen... 1996‏-yili 2‏-ayda merkezdin ürümchige "7‏- nomurluq höjjet" chüshürülgen imish. 1996‏-yili 4‏-ayning 26‏-küni shangxeyde rusiye we ottura asiya döletliri qatnashqan "shangxey hemkarliq teshkilati" qurulmaqchi boldi, dégen xewerler gézitlerni qaplap ketti. Démek, rusiye bashchiliqida ottura asiya döletliri xitay bilen birliship shangxeyde yighin échip , xitay muste mlikichilirining uyghurlarni qattiq basturushigha yéshil chiragh yéqip bermekchi boldi. Fng dajinining siginalimu, hemme , hemme ish ayding boldi. Qeyerde sen démokratik dölet amérika! qeyerde sen , qizil kirimil impériyisini parchilap 15 döletke bölüwetken amérika?!
1996‏-yili 2‏-ayning melum bir küni rabiye qadir er-ayal ikkimiz ,[ , ikkimizni" közitip" bille kelgen yene bir kishi bar ]béyjinggha kélip,amérikining bash elchixanisigha kirduq. Pasportimizni rabiye xénim rojekke uzatti. Bir xitay tetey qoligha élip ichkiridin birsini chaqirdi.27 yashlar chamisida amérikiliq bir yigit kélip, teteyni ornidin qopuruwétip : qarshi alimiz rabiye qadir, sining bu yerge kelgenlikingni qarshi alimiz,- biz sini haman bir küni mushu bash elchixanigha kélidu dep,9yil küttuq, dédi...Xitay tilida.
1996‏-yili 4‏-ayning 24‏-küni rabiye xénim ikkimiz olturghan ayropilan yaponiye arqiliq uchup ötüp amérikining détroyt shehirige qondi. 1996‏-yili 10‏-ayning 17‏-küni siyasiy panahliq bérilgen dakomint qolumgha tegdi.1997‏-yili 2‏-ayning 5‏-küni uyghurstanning ghulja shehiride uyghurlarning zor kölemlik namayishi partlidi. 2‏-ayning 15‏-küni men wshin’gitunda a abdulla leyli naman bilen birlikte 100 kishilik namayish teshkillidim.1998‏-yili 11‏-ayning 25‏- küni amérika hökümiti uyghur tilida erkin asiya radi’osining qarmiqida uyghurlargha radi’o échip bérishni qarar qildi. 1999‏-yili 7‏-ayning 15‏-küni bashqilar bilen birlikte uyghurlarning kishilk hoquqi toghrisida amérikining dölet mejliside guwahliqtin öttüm. 1999‏-yili 8‏-ayning 11‏-küni méning ömürlüküm rabiye xénim ürümchide xitay saqchiliri teripidin qolgha élindi... Ballirim qaysi künde qaldi, hésyatini kim chüshiner?Men qaysi künde qaldim, hésyatimni kim chüshiner...? ,"xiyallar, xiyallar hetta siz, hetta sizmu tashlap kettingiz.[pushkin]
Sdiqhaji ruzi rabiye xénimdin 8yil ayrildi, kéyinki 6yil ichide ne uning awazini anglimidi , ne uning bir parche xétini körmidi. Sidiqhaji ruzi1999‏-yili 7‏-ayning 15‏-künidin 2005‏-yili 3‏-ayning 17‏-künigiche özi we balliri bolup uyghurlarning kishilik hoquqi toghrisida, dölet mejliside 6 qétim guwahliqtin i’ötti.
Kishilik hoquq teshkilatlirining bésimi,amérika hökümitining bésimi, amérikining sabiq dölet ishlar katipi kandiliza ra’iys xanimning bésimi arqiliq ,xitay hökümiti rabiye qadirni türmidin qoyup bérishke mejbur boldi, rabiye qadir 2005‏-yili 3‏-ayning17-küni wa shin’gitun’gha yitip kelgen kündin bashlap, kishilik hoquq pa’aliyiti we siyasiy pa’aliyet sidiqhaji rozining qolidin rabiye qadirning qoligha ötti. Sidiqhaji ruzi arqa sepke chékinip, pa’aliyetke matériyal teyyarlap béridighan kishige aylandi.

Eskertish
1967‏-yilining yaz ayliri bolsa ké’irek,uyghurning erkekliri pa’aliyet qiliwatqan qeshqerde axunop teshkilatigha wekil bolup , wekiller ömikini bashlap mijit batur,qeshqerdin kélip,«qizil 3‏-liyen" teshkilatining rehberliri aytan we bashqilar............. Bilen ürümchide körüshken idi. Körüshüshke men teklip qilindim amma men qatnashmidim. Körüshüsh hazirqi shinjang unwé’iristitining edebiyat fakultéti binasining 2‏- qewitide "qizil 3‏-liyen" ishxanisida élip bérilghan. Némishqa qatnashmidim...? Özümning ixtiyarimidi yaki bashqa birsi qatnashma dégenmidi? Esliyelmidim. Mijit batur, aytan we bashqilar birlikte qoralliq qozghilang toghrisida söhbetleshkenmidi...? Bilmeymen.1969‏-yili 8‏-ayda uyghurning erkekliri axunop , mijit batur rehberlikide qeshqerde qoralliq qozghilang kötürüldi. Türmide idim , shamaldashqa chiqqan idim, radi’o toxtimay sözlep turatti‏,- "mijit, axunop bashchiliqidiki qoralliq qozghilang qeshqerde basturuldi....", hettengey! qolumgha kések élip sémont -bitun tamgha" yashisun milliy qehriman mijitning rohi" dep,yazdim. Shopur ustam -jappar ustamdin bashqa jinayetchiler rxitay idi. Jappar ustam yénimgha kélip, xetni yingi bilen öchürüwi’étip,-ukam derding uningsizmu yitip ashidu,dédi.
1972‏-yili 10‏-aynng 2‏-küni qolumgha ishkel putumgha kishen sélip türmining karidorigha élip chiqishti. Nege barimen? Kichik mashinigha sélishti ,nege barimen ...? Tébbiy unwi’éristitigha élip bérishti.Qan iskilatigha kelduq,-déyishti. Uzun karidor... Bir uyghur körünmeydu...Bu tupraq mining, bu weten mining dédim ichimde, qorqush majalimgha teselli berdim.Üstel üstige yatquzushti.....Sol qolumni chiqirip berdim....450 gram qénimni éliwaldi... Shu kéchisi türmide ana...!! dep yighlidim .Ikkinchi yili bahar yitip kelgende olturup, ornumdin qopalmaydighan bolup qaldim....1977‏-yili 7‏-ayning 31 küni türmidin qoyup bérlidi’im. Némishqa? Chünki, amérika, xitay döletliri déplumatik munasiwet ornitidighan waqit yéqinlap kelgechke, shinjang dégen yerde barliq siyasiy mehbuslarni türmidin, arqa- arqidin qoyup bérishke bashlidi.
Dostum érki[mongghul börtalaliq] uyghurche ismi erkin hazir shwétsiyide istiqamet qiliwatidu,qazaqistandin kelgen.1968 ‏-yili 5‏- ayda namayish axirlashqandin kéyin sha’i’ér dolqun yasinni chégradin qazaqistan’gha élip chiqip kétishke mes’ul boldi. "sha’ir" qazaqistan’gha élip kélindi.Men némishqa dostumgha ,-men chiqip kétey démidim ?" qéchip qutul" dep ,télégramma tapshurup alghandimu, börtalagha bérip sawaqdashlirimni izdep tapmaqchi boldum, lékin bir terepke qéchish niyitim yoq idi.
Hörmetlik uyghur wetendashlirim! ukimiz abduréhimjan abdureshid ependim, a limjan ependimlerning hawalisige emel qilip ushbu terjimehalimni yézip chiqtim türkiyige neshr qilishqa bergen kitabimgha terjime halimni qisqiche yézip bergen. Bu qétim sel uzunraq yézildi ömrüm yar berse béshimdin ötken künlerni tuluq yézip qaldurushum mumkin. Yuqiriqi ishlar 1966‏-yilidin 1968‏-yilining axirighiche yüz bergen ishlar idi.Eslesh jeryanida azablandim.Qazaqistan’gha qéchip chiqip ketken dostlirimning ichide abit, aytan osmanoplar birsi doxtur xanida , yene birsi ishlewatqan yéride qazaqistanda tuyuqsiz ölüp ketti...Pakitim yoq lékin guman qilimen,... Buningdin 43yil burun yüz bergen ishlar... Ademning este qaldurush küchimu ajayip bolidiken. Chüshüp qalghan, kémip qalghan terepliri bolsa wetendashlirimning toluqlap qoyushini, éship ketken terepler bolsa wetendashlirimning méni tenqid qilishini i’ümid qilimen. 43 yil... Yashliqmgha qaytqandek boldum, bayraq kötürüp qatargha kirip, sawaqdashlirim bilen birge namayish qilghandek boldum...
Bir qétim gérmaniyide ukimiz alimjan manga:
-sizning béshingizdin ötken ish, weten’ge, milletke, azadliqqa munasiwetlik béshingizdin ötken ish intayin köp, wetenni, milletni dep, türmide yatqanliqingizdin xewirimiz bar, yézip qaldurüshingiz, bzge sözlep birishingz kérek idi, dégende men:
-oghul bala ötmüshte erkektek qilghan ishlirini sözlep olturmaydu belki shu qilghanliri asasida yene erkektek ish qilidu, dégen idim.Mundaq qarisam bügün oylisam méning alimjan ukimizgha dégenlilirim yéngi dewrde siyit ganggungche exmeqliq iken. Men sözlep bermisem men yézip bermisem mining néme ishlarni qilghanliqimni kim bilidu? Mesilen, shu chaghda men ürümchidin yolgha chiqip uteyde qolgha i’élnidim, ajayip hékayilerge ( 1969-yili 1-ayning 17küni) tolghan bu kéche toghrisida kimning xewiri bar deysiler, wetendashlirim bilip qélishi kérekqu?