PDA

View Full Version : Turkiye tashqi ishlar ministiri qeshqerge keldi, Mehmut qeshqiri, yusuf has hajip hey

Unregistered
28-10-10, 07:46
Turkiye tashqi ishlar ministiri qeshqerge keldi, Mehmut qeshqiri, Yusufhas Hajip ve qeshqer heyitgah jamiyi ziyaret qildi.
dowutoghlu: Xitay bilen qanchilik yeqin bolsak, uyghurlargha shunchilik kup yardem qilalaymiz, ded.
tepsilati tuwendiki ulinishta:

www.maarip.org

http://www.maarip.org/uyghurs/images/stories/2010/08/ahmet-davutoglu-heyitkada.jpg

Unregistered
28-10-10, 10:33

Dawutogluning hanimining arqisidiki Derehning astida yushurunup turghan Qara Kozeynek qadiwalghan Hitayni kordunglarmu,? ene ashu Hitayning qarapturghini ras, qalghanlarning resimdiki korunishi yalghan.
\

IHTIYARI MUHBIR : MEKKE

Unregistered
28-10-10, 20:50
Uyghurning chapinini kiyiwilip,hitay bilen paydini kandak ayrizmiz dep konglude hisap kiliwatkandu bu tukuruk ministir.hitay echki ahparatlargha karighanda turkiye uyghurni kozur kilip payda eliwatkili nurghun yil boptu.echinishlik ishlar-he uyghurlar!!hitayning pulini elip ,uyghurning bekinigha pichak sanjighini ikki dolet otturasidiki kara sandukning echidiki sodilar we menpe'etler halas..

Unregistered
28-10-10, 23:24
Hiiyishining saxtiliqini qara. Xuddi Xitayghila oxshaydighan mexluqken bu.
Waderixa Uyghur, mushundaq Xitaysiman Turkler hejep oynidi he seni!

Igem Qorusun
29-10-10, 09:09
Xitay tajawuzchilar 2009-yili 6-ayning axirida Guangdong Shaogüendiki qorchaq zawutida, andin ulapla Ürümchi we Sherqiy Türkistanning Qeshqer, Xoten, Ghulja, Aqsu, Korla qatarliq wilayetliride yene bir qétim omumiyüzlük irqiy qirghinchiliq élip bérip özlirining fashistik mahiyitini ashkarilap dunya jamaetchiliki aldida keng-kölemde reswa bolghan idi.Dawami:
http://www.eastturkistan.net/uyghurche/xewerler/20101029/126/hiliger-xitay-turkiyede-maymun-oyuni-oynimaqta.html

http://www.eastturkistan.net/
Töwendiki resimni qolingizdin kélidighan herqandaq yerge köpeytip teshwiq qiling. Allah sizge köp ejir bersun.
http://www.eastturkistan.net/resimler/resim/wenjiabao-maymun.jpg

Turkiye tashqi ishlar ministiri qeshqerge keldi, Mehmut qeshqiri, Yusufhas Hajip ve qeshqer heyitgah jamiyi ziyaret qildi.
dowutoghlu: Xitay bilen qanchilik yeqin bolsak, uyghurlargha shunchilik kup yardem qilalaymiz, ded.
tepsilati tuwendiki ulinishta:

www.maarip.org

http://www.maarip.org/uyghurs/images/stories/2010/08/ahmet-davutoglu-heyitkada.jpg

ئۇيغۇرلار
29-10-10, 09:50
!ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

http://eastturkistan.net/xewerler/20101029/126/hiliger-xitay-turkiyede-maymun-oyuni-oynimaqta.html
10-يىلى 29-ئۆكتەبىر، جۈمە | ئاپتورى : قاراخان | : ئاۋاتلىقى38
ھىلىگەر خىتاي تۈركىيەدە مايمۇن ئويۇنى ئوينىماقتا

خىتاي تاجاۋۇزچىلار 2009-يىلى 6-ئاينىڭ ئاخىرىدا گۇئاڭدوڭ شائوگۈئەندىكى قورچاق زاۋۇتىدا، ئاندىن ئۇلاپلا ئۈرۈمچى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەشقەر، خوتەن، غۇلجا، ئاقسۇ، كورلا قاتارلىق ۋىلايەتلىرىدە يەنە بىر قېتىم ئومۇمىيۈزلۈك ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىپ ئۆزلىرىنىڭ فاشىستىك ماھىيىتىنى ئاشكارىلاپ دۇنيا جامائەتچىلىكى ئالدىدا كەڭ-كۆلەمدە رەسۋا بولغان ئىدى.

يىغىشتۇرغىلى بولمايدىغان كەڭ كۆلەملىك قەتلىئامدىن كېيىن نامەرت، قاتىل خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ دۇنيا بىلەن بولغان تېلېفون ۋە ئىنتېرنېت تور ئالاقىسىنى بۇ يىل 3-ئايغىچە بولغان سەككىز ئايدا تامامەن ئۈزۈپ تاشلاپ ئۆز جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇندى. شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە بولسا دۆلەت تېررورلىقى ئارقىلىق تەھدىت سېلىپ بۇ مۇسىبەت بە ھەسرەتنى ھېچكىمگە دىمەسلىك، ھەتتا ئاللاھقىمۇ دەرت تۆكمەسلىك ھەققىدە غالجىرلارچە تەھدىت قىلىشتى.

تۈركىيەنىڭ باش مىنىستىرى رەكەپ تاييىپ ئەردوغان بۇلتۇر بۇ قىرغىنچىلىققا قارىتا تۈرك خەلقىگە ۋە İسلام قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئارقىلىق خەلقارا جەمئىيەتكە خىتاينى شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ باردى،-دەپ ئەيىپلەپ ھەققانىيەتچى ئىنسانلارنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولغان ئىدى.

ھىلىگەر خىتاي بۇلتۇردىن بېرى ئۇيغۇر خەلقى ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان كەڭ-كۆلەملىك قىرغىنچىلىقنى شەرقىي تۈركىستاندا شەكلەن بېسىقتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ئەمدى چەتئەللەردە ئۆزلىرىنىڭ ئاشۇنچىۋالا ئېغىر جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن رەسمى ھەرىكەتكە ئۆتتى.

شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئەڭ يېقىن قانداش ۋە دىنىي قېرىنداش بولغان تۈرك خەلقىگە بولغان تەتۈر تەشۋىقات ۋە قايمۇقتۇرۇشتىن ئىبارەت دېپلوماتىك تېررورلۇق پائالىيىتىنى 2010-يىلى كۈزدە ئومۇمىيۈزلۈك باشلىۋەتتى.

ئاۋال قاتىل خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ كاتتىبېشى ۋەن جىيابائونى تۈركىيەگە ئەۋەتىپ تۈركىيە بىلەن ئىقتىسادى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، تۈركىيەگە "مەبلەغ سېلىپ" "تۈرك خەلقىنى باي قىلىش"، يىپەك يولىنى شىئەندىن ئىستانبۇلغىچە "قايتىدىن گۈللەندۈرۈش"، تۈرك مىللىتى بىلەن خىتاي مىللىتىنىڭ ئەزەلدىن داۋام قىلىپ كەلگەن "ئۇرۇغ-تۇققانلىق مۇناسىۋىتى"نى قايتىدىن جانلاندۇرۇش، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، "خەيىر ساخاۋەت ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش"،دۇنيا مىقياسىدا خىتايپەرەس تۈركلەرنى كۆپەيتىش،ئىستانبۇلنىڭ داڭلىق ئۇنىۋەرسىتېسىدىن بىرى ھېساپلانغان بوغاز ئىچى ئۇنىۋېرسىتېتىدە مەخسۇس فاكۇلتېت تەسىس قىلىپ كوڭزى ئىدىيەسىنى تەتقىق قىلدۇرۇش ۋە تۈرك زىيالىلار ئارىسىدا كوڭزى ئىدىيەسىنى ئومۇملاشتۇرۇش، خىتاي پۇلىنى تۈركىيەدە ئۆتىدىغان پۇللار قاتارىغا كىرگۈزۈش، ياۋروپالىشىپلەتكەن تۈرك ياشلىرىغا تەتەي خوتۇن ئېلىپ بېرىش، يىلدا بىر مىليون خىتاينى تۈركىيەگە ساياھەتكە ئەۋەتىشكە ۋەدە بېرىپ نەچچە يىل ئەۋۋەل ئۇكرائىنادىن سېتىۋالغان ئاۋىئاماتكىنى ئىستانبۇل بوغىزىدىن ئۆتكۈزۈپ ئېلىپ كېتىشكە كۆندۈرگەندەك، بۇ قېتىممۇ ئوخشاش ھىلىنى تەكرارلاش، خىتاي مىللىتىنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى ئەتراپلىق چۈشەنمەيدىغان تۈرك پارلامېنت ئەزالىرى، ماتىرىيالىست زىيالىلار ۋە كەيپ-ساپاغا بېرىلىپ كەتكەن بەگزادىلەر شۇنداقلا خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ گۇماشتىلىرى تەرىپىدىن ئىجارىگە ئېلىنغان ياكى سېتىۋېلىنغان بىر قىسىم "مۇخبىر" ۋە "ناتىق"لار ئارقىلىق خىتاينىڭ "ئۇلۇغلىقى"، "تەرەققى قىپكەتكەنلىكى"، "ئىشچانلىقى"، "ئەقىللىقلىقى"، "ئادىللىقى"، "مەرتلىكى"، "ساخاۋەتچى بوپكەتكەنلىكى"، ئەزەلدىن ھۆكۈمرانلىرى ۋە كۈچلۈكلىرىنىڭ ئادەم گۆشى يەپ زوق ئالىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئادەتلەرنى تاشلاپ ئاجايىپ "مەدەنىيەتلىك مەخلۇقلار"دىن بوپكەتكەنلىكىنى ماختاپ ئەھۋالنى بىلمەيدىغان خەلقنى قايمۇقتۇرۇش ئۈچۈن رەسمى ھېرىكەتكە ئۆتتى.

شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۆتكەن ئەسىردىن بېرى بەرگەن شەھىدلىرى، تۆككەن قانلىرى، تۆلىگەن ئېغىر بەدەللىرى، ئاققۇزغان كۆز ياشلىرى، بەرگەن جانلىرى نەزەردىن ساقىت قىلىنىپ، ئاتالمىش "ئەركىن دۇنيا" تاپ يىگەن ئىتتەك سوغۇق تەلەتى بىلەن خەلقىمىزنىڭ مۇسىبەتلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشماقتا