PDA

View Full Version : chet eldiki shereplik uyghur general - muhemmed riza bekin

Unregistered
28-04-10, 20:16
http://www.uyghurpen.com/uy/index.php?page_ID=show_topic&& ID=Abd20100428230500&& CAT=Literature

ئويلىغانلىرىمنى يازغۇم كەلدى
چەتئەلدىكى شەرەپلىك ئۇيغۇرگېنېرال - مۇھەممەد رىزا بېكىن پاشا

ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مۇستەقىل بولۇپ ياشىيالىشى ئۈچۈن ئوز ۋەتىنىدە ۋە چەتئەلدە،ئالدى بىلەن مىللىتىنى تەربىيىلەشنىڭ مۇھىملىقىنى ئالدىن ئالا بىلىپ يېتەلىگەن دانىشمەن -مەرھۇم گېنېرال مۇھەممەد رىزا بېكىن پاشا ھەققىدە ئويلىغانلىرىم.

بۈگۈن ۋەتەندە، قىزىل خىتاينىڭ ۋە خىتايپەرەسلەرنىڭ چاغىنى، بىز چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر مىللەتچىلىرىنىڭ ۋە كەڭ ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئېغىر ماتەم - مۇسىبەت كۇنى، چۈنكى، بىز بىر ئەڭگۈشتېرىمىزدىن ئايرىلدۇق. ئەمما، بۇ ئەڭگۈشتەر ئوز ھاياتىدا ئۆزىگە ئوخشاش مىليونلارچە ئەڭگۈشتەرلەرنى قانداق قىلىپ تەربىيىلەپ يېتىلدۈرۈپ چىققىلى بولىدىغانلىقىنىڭ يولىنى چەتئەللەردىكى كەڭ ئۇيغۇر جامائىتىگە ۋە تەشكىلاتلىرىغا كۆرسىتىپ بېرىپ ئارىمىزدىن كەتتى. نۇر ئىچىدە ياتسۇن!

بۇنىڭدىن 2200 يىل بۇرۇن ئۆتكەن سى ما چىئەن ئاتلىق بىر دانىشمەن خىتاي شۇنداق دېگەن ئىكەن،؛" كىشى ئاخىرى ئۆلىدۇ، بەزىلەرنىڭ ئۆلۈمى تاغدەك قىممەتلىك، بەزىلەرنىڭ ئۆلۈمى قۇش پېيىدەك يەڭگىل ۋە قىممەتسىز بولىدۇ،"

مەرھۇم گېنېرال مۇھەممەد رىزا بېكىن پاشانىڭ ئولىمىلا ئەمەس، ھەتتا ھاياتىمۇ قىممەتلىك ئىدى،

ئەمدى بىز تۆۋەندە قىممەتلىك ھايات ۋە قىممەتلىك ئۆلۇم بىلەن، قىممەتسىز ھايات ۋە قىممەتسىز ئۆلۇمنى سېلىشتۇرۇپ باقايلى.
سەيپىدىن ئەزىزىمۇ ئۆمرىدە، ئوز ۋەتەنىدە ئۆتكەن ئۇيغۇر، ئۆزىنى مىللىتىگە خىزمەت قىلدىم دەيدۇ،ئۆزىنى باشتا مىللەتنىڭ ئاندىن ئاتۇشلۇقلارنىڭ بېشى ھېسابلايدۇ ، ماقۇل، ھاياتىدا مىللىتىدىن قانچىلىك ھۆرمەت كۆردى؟ ئۆز يۇرتلۇقلىرىدىنچۇ؟ ھاياتىدا ئوز مىللىتىدىن قانچىلىك بىگۇناھ، ئىمانلىق مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنى قىزىل خىتايلار بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ قېنىغا نان چىلاپ يەپ ياشىدى؟ ئۇنىڭ سەۋەبىدىن ئۆز مىللىتى ۋە ۋەتىنى قانداق ھالغا كەلدى؟

سەيپىدىن ئەزىزى خانىمى ئايىم ئەزىزى بىلەن 1992- يىلى مەككىگە ئۆمرىگە كەلگەندە ئايىم ئەزىزى مەككە جىددە ۋە تائىفتىكى مۇھاجىر ئۇيغۇرلارغا ۋە ئۆز يۇرتداشلىرىم دەيدىغان ئەرەبىستاندىكى ئاتۇشلۇقلارغا ئۆزلىرى چۈشكەن مېھمانخانىدىن شۇنچىلىك تېلېفون قىلىپ ،؛" بىز بىر يۇرتلۇق، بىز ئۇيغۇر ،بىز مۇسۇلمان ، بىز مېھمان،" دەپ يالۋۇرۇپ كەتسىمۇ ئەرەبىستان ئۇيغۇرلىرىدىن بىر ئاتۇشلۇق ئابلەت پالتو ۋە كۈيئوغلى تۇرسۇن پالتودىن باشقىسى ئالدىغا چىقمىدى ۋە ھەتتا كورۇشۇپ قويۇشقىمۇ كەلگىنى ئۈنۇمىدى ... 40 مىڭ ئۇيغۇر بار سەئۇدى ئەرەبىستانغا كېلىپ، خۇددى مىسىر قاھىرەگە ۋە ياكى سۇرىيە دەمەشققە بارغاندەك بېرىپ قايتىپ كەتتى.

ئەمدى ئۆلۈمىدىچۇ ؟ قىپ-قىزىل كوممۇنىست ، دىنسىز ۋە دىن دۈشمىنى بولغان ساناقلىق نەچچە ئون كاپىر خىتايلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىدىن بىر نەچچە ئۇيغۇر ئاتلىق كاپىر ماڭقىرتلارلا ئۇنىڭ ئۆلۈمىگە كەلدى؟!
ئىمانى بىلەن ئۇ دۇنيالىغى ئۇچۇن دۇئا قىلغان بىر مۇسۇلمان ئۇيغۇر بارمۇ؟ يوق.

ئەمدى مەرھۇم گېنېرال مۇھەممەد رىزا بېكىننىڭ ئۆلۈمىگە ، جىنازىسىگە قاراڭلار؟ نەچچە يۇزلەرچە ئىمانلىق، قىممەتلىك،يۇقىرى ئابرۇيلۇق ئىنسانىيەتلىك ئۇيغۇرلار، سەرخىل مۇسۇلمانلار، ھەقىقى ئىسلام ئىمامىنىڭ ئارقىسىدا ھەقىقى تۈردە، ئىچ-ئىچىدىن چىققان بىر خىل رازى بولۇش ، ھۆرمەت ۋە ساداقەت تۇيغۇسى بىلەن جىنازىسىنى ئۇزۇتۇشقا قاتناشتى.
بىر قاراشتىنلا، ئاللاھ رازى بولغان جىنازا نامىزى ئىكەنلىكى بىلىنىپ تۇراتتى. چۈنكى، مۇسۇلمانلارنىڭ جىنازا نامىزىمۇ ئىككى خىل بولىدۇ. مانا بۇ گېنېرال مۇھەممەد رىزا بېكىن پاشايىمىزنىڭكىدەك ئاللاھ رازى بولىدىغان جىنازا نامىزى ۋە قەشقەر ھېيتگاھ جامەسىنىڭ باش ئىمام-خاتىپى ھارۇنخان داموللامنىڭكىدەك ئاللاھ لەنەت قىلىدىغان جىنازا نامىزى ھەققىدە، ئاللاھ قۇرئانى-كېرىمنىڭ تەۋبە سۈرىسىنىڭ 84-85-ئايەتلىرىدە بۇنداق ئىككى خىل جىنازا نامازى توغرىسىدا بېشارەت بىرىدۇ.

ئاللاھنى ئېتىراپ قىلىش ئىككى خىل شەكىلدە بولىدۇ، ؛" تىل ۋە دىل " بىلەن، ھارۇنخان داموللام ۋە سەيپىدىن ئەزىزىلەر ئاللاھنى تىل بىلەن ئېتىراپ قىلىپ، دىل ۋە ئەمەل بىلەن ئىنكار قىلغان كاپىرلاردۇر.
چۈنكى، ھەر قانداق بىر ئۆزىنى مۇسۇلمان دەپ بىلىدىغان كىشى، ئەگەردە دىن دۈشمىنى قىزىل كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئاساسى قانۇنلىرىغا ساداقەت كۆرسىتىدىكەن ۋە ئۇ قانۇنلارنى ئىسلامغا ۋە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھاياتىغا تەتبىق قىلغىلى بولىدىغان شەكىلگە ئەكىلىشكە خىزمەت قىلىدىكەن، ئۇلار بۇ قىلغان ئەمەلى بىلەن ئاللاھ ۋە رەسۇلۇللاھنى، قۇرئاننى ۋەئۇنىڭ ھۆكۈملىرىنى ئىنكار قىلغان بولىدۇ ۋە ئۇلار شەكسىز كاپىرلاردۇر ۋە ئۇلارنىڭ جىنازا نامىزىنىڭ ئوقۇلۇشى قۇرئانى كېرىمنىڭ تەۋبە سۈرىسىنىڭ 84 ۋە 85- ئايەتلىرىنىڭ ھۆكمى بىلەن چەكلىنىدۇ. مانا بۇ ئىككى شەخسىنىڭ ئۆلۈمىنىڭ قىممىتى،

مەن گېنېرال مۇھەممەد رىزا بېكىن پاشانى دەسلەپ، 1996-يىلى قىش ئايلىرىدا مەككىدىكى ئىنتېركونتىنېنتال مېھمان سارىيىدا، ئىستانبۇل شەرقى تۈركىستان ۋەقپىسىدىكى مىللەتچى ئىنقىلابچىلىرىمىزدىن ھامۇتخان گوكتۇرك ئەپەندىنى يوقلاپ بېرىپ كۆرگەن ئىدىم. دۇنيا ئىسلام بىرلىكىنىڭ ( رابىتا-تەل ئالەمى ئىسلامى ) مەككىدە ئېچىلغان يىغىنىغا كەلگەن ئىكەن. بىز ئۇچ كىشى ئىدۇق، يېڭىسارلىق مەرھۇم غازىمىز مۇسا ھاجىم تۆمۈرچى، ئۇستاز ئابدۇسالام يۇسۇپ ۋە مەن ئىدىم. مەن شۇ چاغدىلا بۇ كىشىنىڭ ئائىلە ئىسمىدىكى ( تۈركچە،؛ سوي ئات ) ئاجايىپلىققا ھەيران بولغان ۋە كېيىنچە بۇنىڭ ئۇيغۇرچە ،( ساقلانماق ) ۋە تۈركچە ،( دىرەنمەك،مەنىسى،؛ قارشىلىق كۆرسەتمەك) مەنىلىرىگە كېلىدىغانلىقىنى بىلىپ، ھەقىقەتەندە كوپ مەنىلىك ئائىلە ئىسمى ئىكەن ، دەپ ئويلىغان ئىدىم.

مەرھۇم گېنېرال مۇھەممەد رىزا بېكىن ، ئەسلىدە مەرھۇم لىدىرىمىز ئىنقىلابچى ۋە مىللىي مۇجاھىد خوتەن قاراقاشلىق مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ھەزرەتنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئىستىقبالى ئۇچۇن 30-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا تۈركىيىگە تىككەن دەرىخىنىڭ مېۋىسى ئىدى.

مەرھۇم ئىنقىلابچى لىدىرىمىز مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ھەزرەت ،ئۆزى يۇرت-يۇرت كېزىپ يۇرۇپ تۈركىيىگە ۋە ئافغانىستانلارغا كېلىپ، ياشاپ كورۇپ كەتكەنلىكى ئۇچۇن ، كىشىلىك تەجرىبىسىگە بىنائەن ئىنسان تەربىيىلەشنىڭ مىللەت ئۇچۇن قىلىنىدىغان خىزمەتلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى ۋە ئەڭ پايدىلىغى ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتكەن ئىكەن.ئەمما بۇلارنىڭ بىر بىلەلمىگەن يېرى قانچە جىق ئىنسان تەربىيەلەنىسە شۇنچە جىق پايدىسى بار ئىكەنلىكى ئىدى. شۇنىڭ ئۇچۇنمۇ مەرھۇم لىدىرلىرىمىز ئەيسا ئەپەندى ۋە مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ھەزرەتلەر تۈركىيىگە چىققاندىن كېيىن ئىنسان تەربىيىلەشكە بەك ئىھتىبار بەرمىدى ۋە ياكى ئاز ئىھتىبار بەردى، چۈنكى تەربىيىلىگەن كىشىلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئورنىنى تارتىۋېلىشىدىن جىق ئەندىشە قىلاتتى. بۇنىڭ مىسالى ئىسمائىل چىڭگىز بەگ ئىدى. مەرھۇم لىدىرىمىز ئەيسا ئەپەندى بىر ئۆمۈر ئىسمائىل چىڭگىز بەگنىڭ ئۆزىنىڭ ئورنىنى تارتىۋېلىشىدىن ئەندىشە قىلىپ ئۆتتى. چۈنكى سەئۇدى ئەرەبىستاندەك ئۇيغۇر سىياسىي داۋاسىنىڭ ئىقتىسادى مەنبەسى ھېسابلىنىدىغان يۇرتتىكى مۇھىم شەخسى ھۈسەيىن قارى ئىسلامىنىڭ قوللىشىدىكى ئىسمائىل چىڭگىز بەگنىڭ ۋاقتى كەلسە، ئەيسا ئەپەندىنىڭ ئورنىنى ئەمەس، ۋە بەلكى ئىقتىسادى مەنبىئەسىنىمۇ تارتىۋېلىش ئېھتىماللىقى، ئەيسا ئەپەندىنىڭ ئىنسان تەربىيىلەشتىن ئۇزاق ۋەسۋەسە ئىچىدە ياشىشىغا سەۋەب بولدى. ئەلۋەتتە ، بۇ پەقەتلا ئەيسا ئەپەندىنىڭ تۈركىيىدەك قاتتىقچىلىق يۇرتتا بىر ئائىلىنى بېقىشنىڭ چارەسىدىن ئايرىلىپ قېلىشتەك كىشىلىك ۋەسۋەسەدىن كەلگەن ئورۇنسىز قورقۇنچنىڭ نەتىجىسى ئىدى. چۈنكى ، ئىسمائىل چىڭگىز بەگنىڭ ، ئەيسا ئەپەندىنىڭ ھايات ۋاقتىدا ئورنىنى تارتىۋېلىشى قەتئىي مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئۇيغۇر مىللىتى كىشىگە قاراپ قىممەت بېرىشنى بېلەتتى ، ياق، ئەگەر تارتىۋالالايدۇ دېسەك پەقەتلا مەرھۇم پولات قادىرى بۇنىڭغا لايىق ئىدى، ئەپسۇس، بۇ كىشىلەرنىڭ بەختى بالدۇرلائاخىرلىشىپ ئالەمدىن ئۆتكەن ئىدى.

ھازىرقى دۇنيا ۋەزىيىتىگە يېتىپ كەلگەندە، ئانا ئۇيغۇر ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، بۇنداق كېرەكسىز ۋە زىيانلىق قۇرۇق ئەندىشەلەردىن خالىي ھالدا ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كەلگۈسىگە نەزەر تاشلاپ مەيدانى مۇستەھكەم، بايرىقى روشەن ،مەيدانى ئېنىق بولغان بىر تۇركۇم ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى تەربىيىلەپ داۋا سىپىمىزنىڭ ئالدىنقى قاتارغا قوشتى ۋە قوشۇۋاتىدۇ. مانا بۇ، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر سىياسىي زىيالىيلىرى، ئۇيغۇر مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى ئۇيغۇر مىللىتى ئارزۇ قىلغان سىياسىي پەللىگە ئىلىپ چىقىشقا تىرىشىۋاتىدۇ .بۇنىڭ شەپىسى ئۇپۇقتا كورىنىگلىك!

20.08.1999-كۈنى ئۇرۇمچىدىكى مەلۇم بىر سوراقخانىدا، ئۇچ خىتاي مەندىن؛" تۈركىيىدىكى مۇھەممەد رىزا بېكىن پاشانى بىلەمسەن؟ " دەپ سورىدى.مەن ئۇلارنىڭ گېپىگە ئۇلاپلا،؛" ئۇ كىشى سىلەرنىڭ ئادىمىڭلارغۇ دېدىم .

ئەسلىدە، مەن يۇرتقا بېرىشتىن بۇرۇنمۇ يۇرتقا بىر بېرىش نىيىتىم بولغانلىقى ئۈچۈن بارغاندىن كېيىن بولۇش ئېھتىمالى بار دەپ بىلگەن بۇ خىلدىكى سىياسىي سوئال-سوراقلارغا ئىدىيىۋى تەييارلىقتا ئىدىم. ھەرقىتىم يۇرتقا بېرىپ كەلگەنلەردىن ،كىملەر سىلەردىن نېمىنى سورىدى؟كىملەرنى سورىدى ؟ قانداق سورىدى؟ نەدە سورىدى؟ دېگەندەك سوئاللارنى سوراپ بىلىپ تۇراتتىم، ئەمما مېنىڭ ۋەتەنگە بارغاندىن كېيىن دىققىتىمنى تارتقىنى، خىتايلارنىڭ مەندىن سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى سىياسىي ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ۋەزىيىتىنى ئەمەس، تۈركىيە ۋە گېرمانىيەدىكى سىياسىي ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۇلارنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنى جىقراق سورىغىنى تۇردى. ئەلۋەتتە ، بۇنداق سوراشنىڭ سەۋەبلىرىنى خىتاي ماڭا ئېيتىپ بەرگىنى يوق، ئەمما، ئۆزۈمنىڭ خىيالىمچە خىتايلارنىڭ بىزلەردىن ئۆزۇمىز تۇرغان يۇرتلاردىكى كىشىلەرنى ئەمەس، دۇنيادىكى مۇھىم شەخسىيلەرنى سوراشتىكى سەۋەب مەلۇمات ئىگىلەش بولمىسا كېرەك،

چۈنكى ،ئەگەردە مەقسەت مەلۇمات ئىگىلەش بولسا ئىدى ،مەندەك يۇرتتىن ئايرىلىپ 17 يىل ياشىغان چەتئەلدىكى يۇرتۇم سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى سىياسىي ماھىيەتلىك ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئەھۋاللىرىنى سورىغان بولاتتى، ھەرگىزمۇ 17 يىل بۇرۇن ئۇچ يىل ياشىغان چەتئەلدىكى ئىككىنچى يۇرتۇم تۈركىيە ئىستانبۇلدىكى ،گېنېرال مۇھەممەد رىزا بېكىننى ۋە مەن ھىچ كۆرمىگەن گېرمانىيەدىكى ئۆزىنىمۇ ھىچ كۆرمىگەن ئابدۇجېلىل قاراقاش ئەپەندىلەرنى سوراپ يۈرمەيتتى.

قىزىل خىتاي ھوكۇمەتىنىڭ چەت-ئەللەردىكى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ياشايدىغان ھەر بىر يۇرتتا ئاخبارات ئىگىلەش ئۈچۈن مەخسۇس كىشىلىرىنىڭ بار ئىكەنلىكىنى ،بۇنداقلارنىڭ شۇ كەسپىدە خىلى،؛" ھۇنەرۋەنلەردىن " تاللىنىدىغانلىغىنى مانا بۇ بابۇر مەخسۇتتەك كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىدىن بىلدۇق، ۋە زاتەن بىلىپ تۇراتتۇق، ئۇنداق ئىكەن، يۇرتتىن چىقىپ 20 يىل ھىچ خىتاي كۆرمەي ياشىغان ماڭا ئوخشاش مىللەتچى ۋە ھەتتا بۆلگۈنچى بىرسىدىن خىتايلارنىڭ ئۆزلىرى ئارزۇ قىلغان سەۋىيەدە ئاخبارات ئىگىلىشى قانچىلىك مۇمكىن ئىدى؟ بۇنى خىتايلار بېلەتتى ،مېنىڭچە بەلكى ،؛" پايدىسى بولمىسىمۇ،زىيىنى يوق " دېگەندەك مەقسەتلەر بىلەن يۇرتقا كېلىپ كېتىۋاتقان ھەر بىر ئۇيغۇرنى ئىشقا سېلىپ باقسا كېرەك، بۇنى بىلدۇق،

ئەمما ،ھەرقىتىم يۇرتقا بېرىپ خىتايلارنىڭ سوئال-سورىقىغا تارتىلغان ئۇيغۇر مەندەك قايتىپ كەلگەندىن كېيىن خىتايلارغا تامامەن يۇز ئۆرۇيالامدۇ؟ ئەلۋەتتە ، بۇ ئۇنىڭ ئىمانىغا، ۋىجدانىغا سىياسىي ئاڭ سەۋىيىسىگە، مىللەتچىلىك ئېڭىغا ۋە كېلەچەكتىكى نېنىنى قانداق ھالدا تېپىپ يېيىشىگە ۋە تۇرۇۋاتقان يۇرتلىرىدىكى بۇ ئۇيغۇرنىڭ ئىجتىمائىي ئورنىغا ،قوللىرىدىكى كۆتۇرۇپ يۈرگەن پاسپورتنىڭ شەكلىگە قارىلىدۇ. قىزىل خىتاي ھاكىمىيىتى چەتئەللەردىكى مۇھاجىر ئۇيغۇرلارنىڭ مانا دەل بۇنداق ئاجىزلىقلىرىدىن پايدىلىنىغلىق.

گەرچە، مەن باشقا يۇرتلاردىكىلەر توغرىسىدا پىكرى جەھەتتە ئانچە تەييارلىقسىز بولغان بولساممۇ، زاتەن مېنىڭ يارىتىلىشىمدىكى زېرەكىلىگىم، گەپ-سوزلەرگە بولغان ھازىر جاۋابلىغىم مېنى خىتايلارنىڭ پاشام توغرىسىدا سورىغان بۇ سۇئالىغا دەرھال بۇنداق تېز ۋە قەتئىي جاۋاب بېرىشىمگە سەۋەب بولغان ئىدى.مەن بۇنداق دېيىشىمگە ھېلىقى ئىككى خىتاي ئىتتىك ماڭا دىققەت بىلەن قارىدى، مەنمۇ سەۋەبىنى ئىزاھلىدىم؛" گېنېرال مۇھەممەد رىزا پاشا تۈرك ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ تۈركىيە تۇپراقلىرى ئىچىدە،جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەر قانداق سىياسىي ھەرىكەتلىرىنى كونترول ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇش ئۇچۇن ،تۈركىيىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ بېشىغا تۈركىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مەقسەتلىك قويۇلغان ئادىمى، تۈرك ھۆكۈمىتى جۇڭگو ھۆكۈمىتى بىلەن دوست، تۈركىيىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن ئىلىپ بېرىلىۋاتقان سىلەرنى راھەتسىز قىلىدىغان ھەر قانداق سىياسىي ھەرىكەتلەرنى تۈرك ھۆكۈمىتى مۇھەممەد رىزا بېكىننىڭ قولى بىلەن ئۆزلىرى ئارزۇ قىلغان سەۋىيەدە كونترول ئاستىدا تۇتىدۇ،خالىغانچە قىلدۇرمايدۇ،شۇ سەۋەبتىن مۇھەممەد رىزا بېكىن پاشا سىلەرنىڭ ئادىمىڭلار."

ھېلىقى ئىككى خىتاي ئاستا كۇلۇپ قويدى ۋە مەن يەنە سىياسەت قىلىپ گېپىمنى داۋاملاشتۇردۇم ۋە دېدىم ؛" سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئۇستاز رەھمەتۇللاھ ئىنايىتۇللا ئەپەندىمۇ ئەينى مۇھەممەد رىزا پاشاغا ئوخشاش سىلەرنىڭ ئادىمىڭلار،سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتىمۇ سىلەر بىلەن دوست، ئۇستاز رەھمەتۇللاھ ئىنايەتۇللاھ ئەپەندى ئەينى مۇھەممەد رىزا پاشانىڭ رولىدىكى كىشى، شۇنىڭ ئۇچۇن سىلەر بۇ ئىككى يۇرتتىكى ئۇيغۇر مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنىڭ سىياسىي كۆلىمىدىن ئانچە بەك ئەندىشە قىلماڭلار،" ھېلىقى ئىككى خىتاي يەنە ئاستا كۇلۇپ قويدى ۋە باشقا سورىمىدى،چۈنكى گەپ قالمىغان ئىدى.
2006-يىلىنىڭ ئاخىرلىرى ئىدى، مەككىدىكى ئۇستاز ۋە ئەدىب مۇھەممەد قاسىم ئەمىن ئەپەندىنىڭ مەكتىپىدە مەن ئۇستاز رەھمەتۇللاھ ئىنايەتۇللاھ ئەپەندىگە بۇ گەپلەرنى ئەينەن دېدىم ؛" خىتايلار سورىغان ئىدى، مەن مانا مۇشۇنداق ،مۇشۇنداق دېدىم ،" ئۇستاز رەھمەتۇللاھ ئىنايەتۇللاھ ئەپەندىنىڭ ئۇ كۇنى ئۇ يەردە دېگىنى ،؛" ھەر دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت ئۆز مەنپەئەتلىرىنى ئەڭ ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدۇ، باشقىلارنىڭ مەنپەئەتىگە قارشى ئوز مەنپەئەتىنى ھىمايە قىلىدۇ،.بۇ توغرا ۋە نورمال ئەھۋال. بىزلەرنىڭ سىياسىي ھەرىكەتلىرىمىز شۇ دۆلەتلەرنىڭ بىزلەرگە بەرگەن ئىمكانىيەت دائىرىلىرى ئىچىدە بولىشى كېرەك. بىز ئۇيغۇرلارمۇ ئەگەردە مۇستەقىل بىر يۇرت بولغان بولساق، ئۆز يۇرتىمىزدىكى مۇھاجىرلارنىڭ باشقا دۆلەتلەرگە قارشى ئىلىپ بېرىۋاتقان سىياسىي ھەرىكەتلىرىنى ئۆزىمىزنىڭ زىيىنىغا بولىدىغان سەۋىيەگە ئەكىلىشكە ئۇنىمايمىز، كونترول قىلىمىز."

ئەسلىدە قىزىل خىتايدىن باشقا دۇنيادا يەنىلا خىتاي يۇرتلىرى دەپ بىلىنىدىغان تەيۋەن، سىنگاپور، خوڭ كوڭ ، ما كائو دىن باشقا بىز ئۇيغۇرلارغا دۈشمەن يۇرت يوق. يەر يۈزىدە بىز ئۇيغۇر مىللىتىگە خىتاي ۋە تۇڭگانلاردىن باشقا دۈشمەن مىللەت ھەم يوق، بۇنى بىلىشىمىز كېرەك. پەقەتلا ئارىمىزدىكى بەزى ئەخمەقلەر ئۇ يۇرتلارنىڭ بىز ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىمىزگە بولغان ھېسداشلىقى ۋە ياكى بىزلەرنىڭ ئۇ يۇرتلاردا ئىلىپ بارماقچى بولغان سىياسىي ھەرىكەتلىرىمىزگە ئۇ يۇرت ھۆكۈمىتىنىڭ يارىتىپ بېرىدىغان سىياسىي ئىمكانىيەتلىرىگە قاراپ بەزىلەرنى دۈشمەن ، بەزىلەرنى دوست بىلىدۇ، بۇ خىل كۆز قاراش توغرا ئەمەس،

ھەتتا كامبودجا ،بىرمىلارمۇ بىزگە دۈشمەن يۇرتلار ئەمەس، ئەگەر بىزگە دۈشمەن يۇرت بولغان بولسا ئىدى، ئۇ 22 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمەي ئۆزلىرى يا مەھكىمە قىلىپ، ياكى قىلمايلا ئاستا ئولتۇرىۋەتەتتى. پەقەتلا ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئەتى ئېغىر باستى ۋە ئۇ 22 ئۇيغۇرنى قىزىل خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشكە مەجبۇر بولدى، خۇددى بىزلەرنىڭ ئىچىمىزدىكى ئەسلىدە خىتايسىز ياشاشنى ئارزۇ قىلىدىغان،ئەمما ئوز مەنپەئەتى ئىجابىي مىللىي مەنپەئەتلىرىمىزگە خىيانەت قىلىدىغان ۋىجدانسىز خائىنلارغىلا ئوخشاش.ئەمما بۇلار ئۆزىمىزدىن، كامبودجا ۋە بېرما بىزدىن ئەمەس،خالىسا ئىدى خالىغان دۈشمەنلىگىنى بىزلەردىن ئايىمايتتى،

ھەتتا، ئەڭ ئەشەددىي كوممۇنىست يۇرتلار ھېسابلىنىدىغان شىمالى كورىيە ۋە كۇبا ھەم بىزگە دۈشمەن يۇرتلار ئەمەس.بۇنىڭ ئىسپاتى ،تاكى ھازىرغىچە بۇ ئىككى يۇرتتىن ھىچ بىرى بىزگە دۈشمەنلىك قىلمىدى ۋە قىلمايدۇ .چۈنكى ، بىزلەرنىڭ ئۇلار بىلەن ئۇلارنىڭ تۇپراق بىرلىكى بىلەن سىياسىي تۇزۇم بىلەن ھىچ بىر ئېلىش بېرىشىمىز يوق، بىزنىڭ دەردىمىز ئۆزىمىزگە يېتىپ ئاشىدۇ، خەق بىلەن نېمە ئىشىمىز بار؟

خىتاي دۈشمەن بولغاچقا ئەنە قىلدى، قىلىۋاتمامدۇ؟ مەن ئىسمىنى ئاتىغان بۇ تورت خىتاي يۇرتلىرىدا بىر ئۇيغۇر ياكى ئاددىي تىجارەتچى بولۇپ، ياكى ئابدۇللاھ تىمەننىڭ قىزلىرىدەك خىتاي بولۇپ ۋە ياكى ئۆركەش دۆلەتتەك خىتاي خوتۇنى ئېلىپ تۇپراق بولگۇنچىسى ئەمەس، خىتاي دېموكراتچىسى بولۇپ ياشاش كېرەك.ئەكسىچە ياشىماق ئىستىگەن ھەر بىر ئۇيغۇر مىللەتچىسى ئۇچۇن بۇ تورت يۇرت ھەم قىزىل خىتايغا ئوخشاش ،ھىچ بىر پەرقى يوق. بۇنى بىلىشىمىز كېرەك.

ئۇنداق ئىكەن، بىز چەتئەللەردە مۇھاجىرەتتە ۋەتەن ۋە مىللەت داۋاسى قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۆزىمىزگە پاناھلىق بەرگەن بىزلەرنى قىزىل خىتاينىڭ ئۆلۇملىرىدىن ساقلاپ ياشىتىۋاتقان ھەر قانداق غەيرى خىتاي يۇرتلىرىغا ۋە ئۇ يۇرت خەلقىگە ساداقەت قىلىشىمىز،خىيانەت قىلماسلىقىمىز ۋە ئۆزىمىزنىڭ قىلىۋاتقان ۋەتەن ۋە مىللەت داۋايىمىزنى شۇ يۇرت ئىمكانىيەتلىرى دائىرىدە ئەڭ ئۇنۇملۇك قىلىشىمىز ھەرگىزمۇ ،؛" تۇزىنى يەپ، تۇزلىقىغا چىچقاندەك ،" ئۇ يۇرتلارنىڭ بېشىغا دەرد بولماسلىقىمىز كېرەك. بولمىسا ئۇ يۇرتتىن چىقىپ باشقا يۇرتلارغا كەتسەك بولىدۇ. بىزلەرنىڭ باشقا يۇرتلارغا ئوتكۇزىپ قويغىنىمىز يوق. ھەر كىم ئوز دەردىنىڭ چارىسىنى ئۆزى قىلىدۇ،

ئەمما، ئەپسۇسكى ئارىمىزدا ئۆزى تۇرىۋاتقان يۇرتلاردىن باشقا يۇرتلارنى ۋە ئۇ باشقا يۇرت خەلقىنى بۇ مەيدانغا ئىسىمسىز كىرىپ، ئۇيغۇر مىللىتى نامىدىن تىل-ھاقارەت قىلىدىغان ئەقىلسىز ئېشەكلەر ئارىمىزدا خىلى بار.ئەسلىدە دىققەت قىلساق بۇنداقلار ئارىمىزدىكى ئىنساپسىز، ئەقىلسىز ۋە نانكور ئۇيغۇرلار ئەمەس، قىزىل خىتاي ھۆكۈمىتى مەخسۇس چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار تۇرىۋاتقان يۇرتلارنى تىللاتقۇزۇىش ئۇچۇن چىقارغان ئارىمىزدىكى ۋەتەن ۋە مىللەت خائىنى ئىتلاردۇر. بۇنى ھەر يۇرت ئىستىخبارات ئىدارىلىرى ئوبدان بىلىدۇ.خاتىرجەم بولايلىكى، چۈنكى بىز ئۇيغۇر مىللىتى ئىنساپلىق ۋە قانائەتچان مىللەت.بېشىمىزنى سىلىغان مىللەتلەرنى چىشلىمەيمىز،

ئەمما، ئارىمىزدىكى بابۇر مەخسۇت دەل ئەنە شۇنداق نانكورلىق قىلدى، ئەسلىدە قىلاتتى، چۈنكى ئۇ بىزدىن ئەمەس ئىدى،خىتاي ئىدى. دادىسىنىڭ زىيىنىغا ئانىسىغا جاسۇسلۇق قىلغان بالىغا ئوخشايتتى، يەنى ئانىسىدىن بىخەۋەر ئۇستىگە خوتۇن ئالغان دادىسىنىڭ ئەھۋالىنى ئانىسىغا ئېيتىپ قويغان ئەقىلسىز بالىدەكلا ،خىتايلارمۇ بىلگەن بولغاچقا مانا شۇنداقلارنى بۇنداق ئىشلارغا تاللايدۇ، ۋە تاللىدى ۋە مۇۋەپپەق بولدى.

ھازىرقى قىزىل خىتاينىڭ مىللىي سىياسېتىمۇ مانا بۇنداق ئارىمىزدىكى قان شالغۇتلىرىنى مىللىتىمىز ئىچىدە كۆپەيتىپ ، كېلەچەكتە ئۆزلىرىگە ساداقەت بىلەن خىزمەت قىلىدىغان بۇنداق خىچىرلارنى كوپەيتىشتۇر. قىزىل خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ سىياسىتىدىكى مۇۋەپپەقىيەت، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتسىزلىگىدۇر، بۇنىڭغا د ۇ ق نىڭ دىققىتىنى تارتىمەن! قاتتىق چارىسىنى قىلىشىمىز كېرەك. بىزلەرنى ئۆزىمىزدىن باشقىلاردىن ئايرىپ تۇرغان بىرلا ئۇيغۇرلۇق قېنىمىز بار، بۇنى مۇقەددەس بىلەيلى. چىڭ ساقلايلى، بۇلغىمايلى،بۇلغاتمايلى.

مەرھۇم لىدېرىمىز مۇھەممەد رىزا بېكىن پاشا ئۆزىنىڭ ھاياتىدىكى 24 يىللىق شەرقى تۈركىستان ۋەقپىسىنىڭ باشلىقلىق جەريانىدا، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تۈركىيىدىكى مىللىي مەنپەئەتلىرىنى ئەڭ ياخشى ھىمايە قىلىپ كەلدى. بۇنىڭغا ئۇيغۇر مىللىتى شاھىت بولدۇق،شۇنىڭ ئۇچۇن مىللەت بۇ كىشىدىن رازى. ئاللاھ رازى بولسۇن.ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىللە تۈرك ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلاردىكى مەنپەئەتلىرىنىمۇ زىيانغا سالماي ئىككى ئوتتۇرىدا كۆپ ئۇستۇن سىياسىي ماھارەت بىلەن سىياسەت يورۇتۇپ كەلدى،

گەرچە،ە ئۆز شەخسى مەنپەئەتى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مەنپەئەتىگە تاقاشقاندا ئاچچىقىنى رىزا پاشادىن ۋە ئىستانبۇلدىكى شەرقى تۈركىستان ۋەقپىسىدىن چىقارغان ئۇيغۇرلارمۇ بولدى ۋە ھەتتا بۇنى پۇرسەت بىلگەن قىزىل خىتاي باشكونسۇلخانىسى ئۆز جاسۇسلىرىنى ئىشقا سېلىپ خىلى دۈشمەنلىك قىلىپمۇ باقتى ،ئەمما رەھمەتلىكنىڭ سىياسىي قابىلىيىتى ۋە سەزگۇرلىگى بۇنداق پىتنە-پاساتلارغا يېڭىلمىدى.بۇنى بىز بۇ تور بەتلىرىدىكى يېزىلغانلاردىن بىلىپ تۇردۇق.

دۇق نىڭ ۋە ئانا ئۇيغۇرنىڭ مەرھۇم لىدېرىمىزگە بىلدۈرگەن تەزىيەنامە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتنى كۆپ رازى قىلدى، ھەر قانداق بىر ۋەتەنپەرۋەر شەخسى ئارىمىزدىن ئايرىلىدىكەن ، باشتا ئانا ئۇيغۇر ۋە دۇق مانا مۇشۇنداق تەزىيەنامە يېزىپ ئۆز ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشى شەرت. ھالبۇكى ئابدۇلقادىر ئىبراھىم توختا خوجا ئۆلگەندە نە دۇق،نە ئانا ئۇيغۇر تەزىيە بىلدۈرمىدى.

ئابدۇلقادىر ئىبراھىم توختا خوجا تاكى1950--يىلىدىن باشلاپ سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئۇيغۇر سىياسىي ھەرىكىتىنىڭ بېشى ۋە ھەتتا بىرىنچىسى ئىدى. تاكى ئەڭ ئاخىرى شەرقى تۈركىستان سۇرگۇن ھۆكۈمىتى قۇرۇلۇپ ئۆزى قېرىپ كاردىن چىققىچىلىك ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىگە ئەڭ ساداقەتى بىلەن مال-مۈلۈكى ۋە خىزمەتلىرى بىلەن ھارماي-تالماي ئەڭ ئاكتىپ خىزمەت قىلىپ كەلگەنلەرنىڭ بىرىنچىسى ۋە باشىدىكىسى ئىدى. بىزلەر كىم؟ ئۇلارنىڭ ئالدىدا ۋە قىلغانلىرىغا قارىغاندا؟

بىر تەشكىلاتنىڭ ۋە ياكى بىر كىشىنىڭ، ئارىمىزدىن ئايرىلغان قىممەتلىك بىر كىشىنىڭ قىممىتىنى بىلمىگەنلىك ۋە ياكى ئۇنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ئىشئىزلىرىنى بىلمىگەنلىك، ئۆزىنىڭ قىممىتىنى بىلمىگەنلىكدۇر. قىلمىغانلىغىدۇر، بۇنى بىلىشىمىز لازىم! بىرەر جۈملە بولسىمۇ تەزىيەنامە يېزىپ ئېلان قىلغانلىق دەل بۇنىڭ ئەكسىدۇر. ئىنسانلىقتۇر،

ھەتتا ھۈسەيىن قارى ئىسلامى ئەپەندى ھەم بۇ شەخسىدىن تا 20 يىل كېيىن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ سىياسىي سەھنىسىگە چىقىپ سەكرىدى، چۈنكى ،بۇ سەھنە ئۇنداق ھەر كىم چىقىپ سەكرىيەلەيدىغان سەھنە ئەمەس، لاياقەت كېرەك،ئەقىل كېرەك، بىلىم كېرەك،قابىلىيەت كېرەك، مال كېرەك، جان كېرەك، بۇنداق سەھنىگە چىقىپ سەكرىگەن ۋە سەكرىيەلەيدىغان كىشىگە قىممەتلىك باھا بېرىشىمىز كېرەك، چۈنكى ، بۇ سەھنىدە سەكرىمەك ئۇنداق ئاسان بولغان بولسا ئىدى، ھازىرقى دۇنيا ۋەزىيىتىدە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ سىياسىي ھەرىكىتىنى ئەڭ ياخشى يۇرۇتۇۋاتقان يۇرتتا ، يەنى ئامېرىكا ۋاشىنگتوندا بىر ئۆمۈر ياشىغان مىللەتچى ئۇيغۇر غۇلامىدىن پاختا ئەڭ ئالدى بىلەن بۇ سىياسىي سەھنىگە چىقىپ سەكرىگەن بولاتتى. سەكرىمىدى ئەمەس، سەكرەپ باقتى، سەكرىيەلمىدى، سەكرىمەك ئاسان ئەمەس ئىدى.
1982-يىلى 12-ئايدا غۇلامىدىن پاختا ئەرەبىستانغا كەلگەندە ئابدۇلقادىر ئىبراھىم توختا خوجا بىر ئۆينى مەخسۇس راسلاپ ئۇچ ۋاق تامىقىنى بېرىپ، مەخسۇس بىر شوپۇر توختۇتۇپ بىر ئاي باقتى، چۈنكى مىللەتچى ئىدى، بۇ شەخسىگە قىلغان خىزمەتنى مىللىتىمگە قىلىنغان خىزمەت دەپ بىلدى.

ئابدۇلقادىر ئىبراھىم توختا خوجا ئۆلگەندە بۇ مەيداندا ئۆلۇم خەۋىرى ئېلان قىلىندى، بۇ كىشى ئوقۇمىدى ئەمەس، ئوقۇدى ،ئەمما، قىسقا بىر پارچە بولسىمۇ تەزىيەنامە يېزىپ بۇ مەيدانغا چاپلاپ قويۇشقا ئۆزىنى لايىق كۆرمىدى، ھالبۇكى شۇ قېرىغان ھالىتىدە كۈندە دىگىدەك بۇ مەيداندا يېزىپ-سىزغىنىدىن خەۋەردار بولۇپ تۇردۇق،نېمە يازغان بولسا، يازسا بولاتتى ئەلۋەتتە .

ئەركىن ئەيسا ئالىپتېكىن بەگمۇ شۇنداق كامتۈكلىكتىن بىرنى قىلدى. ھالبۇكى شۇ كۈنلەردە بۇ شەخسىي ئەڭ ئاكتىپ سىياسىي سەھنىدە ئىدى، يۇرۇۋاتقان يوللىرىدىكى ئىختىلاپلارنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرگەن تەقدىردىمۇ، بىر ئۆمۈر دادىسىغا قىلىنغان ياردەملەردىن ئۆتكەن ھەققى ئۇچۇن بولسىمۇ بىر جۈملە يېزىپ ھەققىنى ياندۇرىشى ئىنسانىيەتلىك ئىدى.قويۇڭلار سىياسىي نازاكەتنى.

ھالبۇكى، مەرھۇم گېنېرال مۇھەممەد رىزا بېكىن پاشا ،ئابدۇلقادىر ئىبراھىم توختا خوجانىڭ ئائىلىسىگە شەخسى تەزىيەنامە يېزىپ ئۆز تەزىيەتىنى بىلدۈردى، ۋاجىپىنى تاماملىدى.

مېنىڭ بۇ يازغان تەزىيەنامە مېنىڭمۇ بۇ قىممەتلىك بۇيۇگىمىزگە شەخسى تەزىيەتىمنى بىلدۈرۈشتىن باشقا، چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ۋە بۇ مەيداندا يېزىۋاتقان ۋە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ بۇنداق كەملىكلەردىن ساقلىنىشىنى بىلدۈرۈپ قويۇشتۇر،

ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن، ئامىن

ئىختىيارىي مۇ خبىر : مەككە
2010-يىلى 04 ئاينىڭ 26- كۈنى

Unregistered
30-04-10, 05:54

Mening maqalemni Uyghur-Erep yezighigha orup qoyghan qimmetlik ependim, maqalemge qimmet berip oqughanlirigha we Uyghur-Erep yezighigha orup qoyghanlirigha kop rehmet, heqiqetende bizlerning oylighanlirimiz, bilegenlirimiz we 30 nechche yilliq chet-ellerdiki Muhajirliq, musapirliq hatyatimizda toplighan ijtimai tejuribelirimiz, chet-erllerdiki we weten ichidiki keng Uyghur yashlirining oqup bilishige we tejurbe igellishige sebeb we paydiliqtur. shu sebebtin maqalelirimizni koplep oqushi, diqqet bilen oqushi we Uyghur millitining milli musteqilliq hereketide paydilinishi kerek. zaten meqsidimizmu shudur,

Amma chet-ellerdiki az bir qisim sol qanat Uyghurlar we Qizil Hitay hokumeti mehsus biz we bizge ohshash chet-ellerdiki Uyghur milletchilirini tillatquzush uchun planliq halda chetellerge chiqarghan Hitay Itliri biz we bizlerning maqalelirimizni bahane qilip tekrar-tekrar hujum haraktirliq yazmilar yazmaqta. amma bizler kop hatirjemdurmizki, her bir eqli beshida Uyghur ziyaliliri yazmilirimizning qimmetini biliglik. we bu Itlarning kimler,? we kimler uchun hizmet qiliwatqanlighini biliglik,

Kop rehmet

IHTIYARI MUHBIR : MEKKE