Unregistered
19-12-09, 07:21
ئەسلى خەۋەر بۇ يەردە
http://de.news.yahoo.com/1/20091219/tde-kambodscha-weist-uiguren-aus-61556ad.html
تەرجىمىسى
كامبودژا بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇر پانالانغۇچىلارنى خىتايغا قايتۇرۇۋەتمەكچى.شەنبە كۈنى تاشقى ئىشلار باياناتچىسى بۇ 22 ئۇيغۇر پانالانغۇچىلار بۇ دولەتكە قانۇنسىز كىرگەنلىگى سەۋەبىدىن قايتۇرۇلۇۋېتىدۇ دىگە ن. 2 ئۇيغۇر ئارىلىقتا قېچىپ كەتكەنمىش. لېكىن ئۇلارنىڭ نەرگە قايتۇرىلىدىغانلىغىنى ئېنىق دىمىگەن. خىتاي بۇ ئۇيغۇرلار سەۋەبىدىن كامبودژاغا قاتتىق بېسىم ئىشلەتكەن. دىيىلىشىچە ئۇلار جىنايەتچىلەرمىش.
كامبودژا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىگىنىڭ بىر باياناتچىسىنىڭ دىيىشىچە، بۇ ئۇيغۇرلار بىر ھەپتە ئىچىدە بەلكىم خىتايغا قايتۇرۇلۇۋېتىدىكەن. بۇ ئۇيغۇرلار خىتاي ئىچىدىكى خىرىستىيان مىسسىيونار تەشكىلاتى تەرىپىدىن چەتەلگە قاچۇرۇلۇۋېتىپ، پنوم پېندىكى ب د ت نىڭ پانالانغۇچىلار ئىدارىسىدىن ياردەم سورىغان ئىكەن. پانالىق ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسىنىڭ دىيىشىچە، ئۇلار بۇ ئىشلارنى تېخى ئېنىقلاۋاتقاشقا كامبودجا ھۆكۈمىتىدىن بۇئۇيغۇرلارغا يەنە بىر مەزگىل تۇرۇش ۋاقتى بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
ئىيۇلدا يۇز بەرگەن شىنجاڭدىكى توقۇنۇشتا ئاز دىگەندە 200 ئادەم ئۆلگەن ئىكەن. توقۇنۇشنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى ئىچكىردىكى 2 ئۇيغۇرنىڭ خىتايلار تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلىشى بولۇپ، ئۈرۈمچىدە بۇنىڭغا قارشى تىنچ نامايىشقا چىققان ئۇيغۇرلار ساقچىلار تەرىپىدىن قاتتىق باستۇرۇلغاچقا، نەچچە ئون يىل ئىچىدىكى ئەڭ ئېغىر مىللى توقۇنۇش كېلىپ چىققان. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئىشقا چىتىشلىق دەپ قارالغان ئاز دىگەندە 17 ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جاياسى بەرگەن.