PDA

View Full Version : مەدەنىيەت



Hitaynig sahtiligi
09-11-09, 05:45
  شىنخۇا تورى ئۈرۈمچى 21-ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىدىن ئېگىلىشىچە، 2009-يىلى 1-ئايدىن ھازىرغىچە، شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ساختا پۇل جىنايى دېلوسىدىن 24 نى پاش قىلدى، جىنايەت گۇمانداردىن 44 نى تۇتتى، ساختا خەلق پۇلىدىن 4 مىليون 440 مىڭ يۈەننى قولغا چۈشۈرۈپ، مىقدارى بۇلتۇرقىنىڭ 2.4 ھەسسىسگە توغرا كەلدى.

  ئېگەللىنىشىچە، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى 2009-يىلى 20-يانۋاردىن باشلاپ، شىنجاڭ مىقياسىدا بەلگىسى ساختا پۇل جىنايىتىگە09 ھەرىكىتى نامىدا مەخسۇس 11 ئايلىق پائالىيەت ئېلىپ باردى. بۇ ھەرىكەت بۇ يىل 12-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئاخىرلىشىدۇ. شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى رازۋېدكا باش ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاۋ لىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ساختا پۇل شىنجاڭدا شەھەر- بازارلاردىن چەت دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىغا ، شەھەر-يېزىلار گىرەلەشكەن جايدىكى دېھقانچىلىق بازارلىرىغا، يول ياقىلىرىدىكىدۇكان لارغىچە يامرىغان.( ساۋ جىخېڭ خەۋىرى)

  مەنبە: شىنخۇا تورى شىنجاڭ قانىلى