PDA

View Full Version : Urumchi Qirghinchiliqi we Uyghurlarning Kelgusi (1 kona yeziq)



Unregistered
03-08-09, 16:09
ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى ۋە ئۇيغۇرلارنى* كەلگۈسى

"5- ئىيۇل" ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى ھەقىقەتەنمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغاندەك بىر مەيدان تېررورلۇق ۋەقەسى ھېسابلىنىدۇ. بۇ قېتىم خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنى* دۇنيادىكى ئە* چو* تېررورچى ئىكەنلىكىنى پۈتۈن دۇنياغا جاكارلىدى. مۇھاكىمە سورۇنىدا ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا بىر قىسىم كىشىلەر ئۆزلىرىنى* ئويلىغانلىرىنى يازغان بولسا، يەنە بەزىلەر ئۆزلىرى ئا*لىغان ئە* يې*ى خەۋەرلەرنى ياكى خەۋەرلەرنى* ئۇلىنىش ئادرېسلىرىنى قالدۇردى. بۇنى قېرىنداشلىرىمىز كۆرۈپ ئۆزلىرىگە چۇشلۇق مەنپەئەت ئالدى. دېمەك، بۇمۇ بىر جىھاد بولىدۇ. قولغا قورال ئېلىپ دۈشمەنگە قارشى كۈرەش قىلىشتىن باشقىمۇ جىھاد ھېسابلىنىدىغان كۆپ خىل ئىشلار بار. بۇنى* ئە* تۆۋەن دەرىجىسى ئاشۇنداق ياۋۇزلۇققا قارشى يۈرىكى*ىزدە بىر غەزەپ ئوتىنى* ئۇچقۇنلىشىدۇر. ئەگەر سىزدە بۇ خىل ئۇچقۇنمۇ كۆرۈلمىگەن بولسا ئۆزى*ىزنى ئۆلۈپتىمەن، دەپ ھېس قىلىۋېرى*.
ئۈرۈمچى قىرغىنى بىر قېتىملىق جىھاد بولدى. بۇنداق جىھاد بىزگە ھەر يىلى نېسىپ بولۇۋەرمەيدۇ. تەلىيىمىز ئو* كەلسە ئون يىلدا، بولمىسا يىگىرمە- ئوتتۇز يىلدا بىر قېتىم بولىدۇ. ئەمدى بىز دوپپىمىزنى ئالدىمىزغا قويۇپ تۇرۇپ ئويلىنىپ كۆرمىسەك بولمايدۇ: يۈزلىگەن يىگىتلىرىمىزنى* ئىسسىق قېنى ئۈرۈمچى كوچىسىدا ئاقتى ھەم ئاقماقچى. بۇ بەدەل ھېساۋىغا بىز نېمىگە ئېرىشتۇق؟ نېمىنى يوقاتتۇق؟
خەلقىمىز كوممۇنىست خىتايلارغا قۇل بولغىلى 60 يىل بولۇش ئالدىدا تۇرىدۇ. ئاتمىش يىلدىن بۇيانقى تارىخىنى ۋاراقلاپ كۆرگىنىمىزدە بىزنى* كۆپرەك ۋاقتىمىز بويۇن ئېگىش بىلەن ئۆتۈپتۇ، قارشىلىق كۆرسەتكەن ۋاقتىمىزنى نىسبەتلەشتۈرگەندە تولىمۇ ئاز بولدى. ياۋروپاغا كېلىشتىن ئىلگىرى مەن ۋەتەندە كوممۇنىست خىتايلارنى* باشقۇرۇشىدىكى مەلۇم ئورگاندا ئىشلىگەن (مېنى* بىلىشىمچە، ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى قېرىنداشلىرىمىزدىن كوممۇنىستىك خىتايلارغا تەۋە ئىدارە ئورگانلاردا ئىشلەپ باقمىغانلار بارماق بىلەن سانىغۇدەكلا بولسا كېرەك). ئويلاپ باقسام، شۇ جەرياندا بىرەر قېتىم خىتاي باشلىقىمغا "ياق" دەپ بويۇن تولغاپ باقماپتىمەن. شۇنى*دىن بولسا كېرەك، ئۇلارنى* نەزىرىدە مەن بىر موللا بوزەك، نېمىلا دېسە ياق دېيەلمەيدىغان بىر قو*التاق بولۇپ ئۆتۈپتىمەن. بۇنى* بىلەن ئۇلارنى* نەزىرىدە مېنى* ھېچقانداق قىممىتىم بولمىغان ئىكەن. شۇ ۋاقىتلاردا سەل تەلۋىرەك، خىتايچىنىنى ئانچە بىلىپ كەتمەيدىغان بىر قېرىندىشىمىز بولىدىغان. ئەمما ئۇ ھە دېسە باشلىققا يېنىپ كۆزنى* پاختىسىنى چىقىراتتى. شۇ*ىمىكىن، ئۇنى*دىن ھەممە باشلىق قورقاتتى، ئۇنى "سارا*" دەپ تىللايتتى. ئۆي تەقسىملەش، مائاش ئۆستۈرۈش دېگەندەك ئىشلار بولغاندا ئە* ئاۋۋال شۇنى* نېسىۋىسىنى ئايرىۋېتەتتى، "بولمىسا ئاۋۇ سارا* ئىش تېرىيدۇ" دېگەندەك گەپلەرنى نەچچە قېتىم ئۆز قۇلىقىم بىلەن ئا*لىغانمەن.
مۇشۇ بىرنەچچە كۈندە قېرىنداشلىرىمىز ئارقا – ئارقىدىن ئۇلىنىش ئادرېسلىرىنى بەرگەن "ئىككى ئۇيغۇرنى خىتتايلارنى* ئۇرغىنى" ھەققىدە يې*ى ۋىدئېئونى كۆرۈپ تۇرۇپ قالدىم. قارىسام يەردە يېتىپ ئى*راۋاتقانلار كىچىك بالىلاردەك قىلمىدى. قورامىغا يەتكەن ئەرلەر ئىكەنلىكى ئېنىق. خىتايلاردىن ئۇرۇۋاتقىنى بىر ئادەم، كېيىن ئىككى بولدى. قالغان ئون-يىگىرمە خىتاي ئولىشىپ تاماشا كۆرۈۋاتىدۇ. يەردە ياتقان ئىككى "ئۇيغۇر" (ئۇلارنى* ئۇيغۇر ياكى ئەمەسلىكىگە مەن بىر نەرسە دېيەلمەيمەن) ئۆزلىرىنى ئۇرغۇچىنى* قەلبى ئېرىپ قالسا شەپقەت قىلىشىنى كۈتۈپ توختىماي ئى*راشتىن باشقا ھېچ ئىش قىلمىدى، شۇنداقلا ئۇلارنى* ئۇرۇپ پۇخادىن چىقىۋېلىشىغا يول قويدى. ئاقىۋەت ھېلىقى ئىككىيلەن مەقسەتلىك ھالدا يەردە ياتقانلارنى* ئالىقانلىرىنى خىش بىلەن ئۇرۇپ، بارماقلىرىنى چۇل-چۇل قىلىۋەتتى. ئەمدى ئۇلار قايتۇرۇپ مۇشت ئاتىمەن دەپمۇ ئاتالمايدۇ. يىگىرمە- ئوتتۇز ئادەمنى* ھەممىسى ئولىشىپ كېلىپ ئۇر- ئۇر قىلغان بولسىكەن "قارشىلىق كۆرسىتىشكە ئىمكان بولمىدى" دەپ ئاقلاش مۇمكىن بولاتتى. ئەمما ۋېدېئودىكى ئەھۋالدا ئۇلارنى* چاچراپ تۇرۇپ قارشىلىق كۆرسىتىش ئىمكانىيىتى تامامەن بار تۇرۇپ يەنە ھېچ ئىش قىلغىنى يوق. خەلقىمىزنى* 60 يىللىق تارىخى ئاشۇ ۋېدېئوغا نېمە دېگەن ئوخشايدۇ- ھە!
1950- يىلى ئىپلاس ئورۇسلار بىزنى خىتايلارغا سېتىۋەتكەندىن كېيىنمۇ خېلى بىر مەزگىلگىچە خەلقىمىز "سوۋېت ياردەم قىلىدۇ" دەپ ئۈمىتلىنىپ يۈردى. كېيىن مۇسۇلمان دۆلەتلىرى ياردەم قىلىۋېتىپتۇ، دېگەن مىش- مىشلار تارقالدى. 70- يىللارنى* ئاخىرلىرىغا كەلگەندە بولسا تۈركىيىدىن چو* ئۈمىد كۈتۈشكە باشلىدۇق. 90- يىللاردىن كېيىن بولسا ئامېرىكىنى ئۇيغۇرلارنى* كەلگۈسىدىكى نىجات يۇلتۇزى دەپ قارىغۇلارچە ئىشەندۇق. "دىپلوماتىيىدە مە*گۈلۈك رەقىبلەر بولمايدۇ، مە*گۈلۈك دوستلارمۇ بولمايدۇ، مە*گۈلۈككە مەۋجۇت بولىدىغىنى پەقەتلا مەنپەئەتتۇر". بۇ ناھايىتى جايىدا ئېيتىلغان سۆز. بىز ئۈمىد باغلىغان ئاشۇ دۆلەتلەر قانداقىسىگە بىزگە ياردەم قىلغىدەك؟ ياردەم قىلسا قانداق ياردەم قىلىۋېتەر؟ دېگەنلەرنى ئويلىمىدۇق. تېخىمۇ ئېچىنىشلىق بولغىنى شۇ بولدىكى، بىز ھېلىھەم ئۈمىتنى، ياردەمنى ئۆزلىرىنى* خۇسۇسىي مەنپەئەتلىرىنى* كويىدا تېپىرلاپ يۈرگەن بىزگە ئوخشاش ئىنسانلاردىن كۈتۈپ كېلىۋاتىمىز. ئۆزىنى* ھەقىقىي ئۈممەتلىرىگە كۆپلەپ ياردەم ۋەدە قىلغان ئاللادىن ياردەم تىلەش بولسا نېمە ئۈچۈندۇر كۆپلىرىمىزنى* يادىغا كەلمىدى. بۇ ئىسلامدا ناھايىتى چو* گۇناھ ھېسابلىنىدۇ.
ئۈرۈمچىدە قىزىل تېررورچى ھاكىمىيەتنى* ئېلان قىلغان سانىدا 197 ، ئېنىقسىز مەلۇماتلار بويىچە بەش- ئالتە يۈز، ھەتتا مى* ئۇيغۇر ئېتىپ تاشلاندى. دۇنيادىكى ھەرقايسى مەتبۇئاتلار بەس- بەستە بۇ ھەقتە خەۋەرلەرنى بەردى. دارمسالادىكى تىبەت تەشكىلاتلىرى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ماتەم يىغىلىشى ئۆتكۈزدى، خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلدى. ۋەقە پەيدا قىلغان بىر تەرەپنى* "ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى" ئىكەنلىكىنى ئا*لىغان ئامېرىكا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بولسا چو*قۇر "ئەپسۇسلىنىدىغانلىقى" نى بىلدۈردى . مۇسۇلمان بولمىغان تىبەتتە ئوخشاش ۋەقە بولغاندىمۇ ئۇلار ئاشۇنى*دىن باشقىغا كۈچىمىگەن ئىدى، شۇ ۋاقىتتىمۇ ئۇلار قاتتىق ئەپسۇسلانغان ئىدى. بەزىلەر ئېيتقاندەك ئۇيغۇرلار خرىستىئان مۇرىتى بولغان تەقدىردىمۇ غەرب دۇنياسىنى* قولىدىن كېلىدىغىنى پەقەتلا شۇ خىلدىكى ئەپسۇسلىنىشتىن باشقا نەرسە بولمايدۇ. ھازىرقى غەرب مەملىكەتلىرىدىن ھېچقايسىسى تېخى خرىستىئان دىنى ئۈچۈن قوشۇن تارتىپ جە* قىلىش دەرىجىسىگە تەرەققىي قىلغىنى يوق. 1992- 2002 -يىللار ئارىلىقىدا ئافرىقىدىكى ئە* تىپىك خرىستىئان دۆلىتى بولغان رۇئاندادا مى*لاپ ئەمەس، مىليونلاپ خرىستىئانلار (قارا تەنلىك خرىستىئانلار) قىرىلىپ كەتكەندە ئاتالمىش غەرب دۆلەتلىرى قورال كۈچى ئارقىلىق ئارىلاشتىمۇ؟ ئۇلار ئوخشاشلا قاتتتىق "ئەپسۇسلاندى". چۈنكى ئۇلارنى* ئۇ يەردە بىۋاسىتە ئىقتىسادىي مەنپەئەتى يوق ئىدى. ئەمدى ئۈرۈمچى قىرغىنىدىمۇ شۇنداق بولدى. بۇنى*دىن باشقىغا ئۇلار نېمىشقا كۈچىگىدەك؟ ھېچقايسىسى بۇ ئىشنى دەپ ئۆزلىرىنى* خىتاي بىلەن بولىدىغان مىليارد دوللار بويىچە ھېسابلىنىدىغان سودا مۇناسىۋىتىنى بۇزۇپ قويۇشنى خالىمايدۇ-دە. باشقىنى قويۇپ تۇرايلى: تىبەتنى دۇنيا ئۇيغۇرلاردىن ياخشىراق بىلىدۇ، دالاي لامانى غەرب دۇنياسىدىكى بىر قىسىم كىچىك بالىلارمۇ بىلىدۇ. ئامېرىكا تىبەتنى 60 يىلدىن بېرى ئىزچىل، پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاپ كېلىۋاتىدۇ. دالاي لاما ئامېرىكىغا كەلسە خۇددى بىر مۇستەقىل دۆلەتنى* پرېزىدېنتى كەلگەندەك مەخسۇس ساقچى ماشىنىلىرى ئارقىلىق ئالدى- كەينىدىن مۇھاپىزەت قىلىپ مې*ىۋاتىدۇ. شۇ قوللاشلار بەدىلىگە تىبەتلەرنى* ئىجتىمائىي ئورنىدا قانچىلىك ئۆزگىرىش بولدى؟ 50 يىلدىن بۇيان ئۇلارنى* ھالى خاراپلىشىپ ما*سا ما*دىكى، ياخشىلانمىدى. ئاخىرى دالاي لاما مۇستەقىللىق تەشەببۇسىدىن ۋاز كېچىپ، يۈكسەك ئاپتونومىيە تەلەپ قىلىش يولىنى تاللىۋالدى. خىتايلارنى* ئۆزى تەلەپ قىلغان دەرىجىدىكى ئاپتونومىيىنى بەرمەيدىغانلىقىنى دالاي بىلمەسمۇ؟ بىلىدۇ، ياخشى بىلىدۇ. سىياسەت دېگەن ئەنە شۇنداق بولىدۇ. چۈنكى، سىياسەت ئەسلىدىنلا يۇقىرى سەۋىيىلىك رە*ۋازلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئۇنى قاملاشتۇرۇپ ئوينىيالىغان ئادەم "سىياسىيون" دەپ ئاتىلىدۇ. شۇ*ا، ئاتالمىش غەرب دۆلەتلىرى ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدا ئۇيغۇرلارنى قوللىمىغان بولسا بۇ ئۇنچىۋالا ئاھ ئۇرۇپ، كۆ*لىمىزنى يېرىم قىلىپ كەتكىدەكمۇ ئىش ئەمەس. ۋاقتى كېلىپ ۋەتىنىمىزگە ئۇلارنى* ئېھتىياجى چۈشكەندە ھېچكىم تەلەپ قىلمىسىمۇ يۈزىنى داپتەك قىلىپ بىزنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاۋېرىدۇ.
ئۈرۈمچى نامايىشى باشلىنىشتىن بىر كۈن بۇرۇن "دىيارىم" تور بېتىنى* مۇنازىرە مەيدانى قار ئۇچقۇنلىرى كەبى يېزىلغان نامايىش چاقىرىقلىرى بىلەن تولغان. شەخسەن مەنمۇ پەيشەنبە، جۈمە كۈنلىرىلا ئاشۇ مەزمۇندىكى تەقرىزلەرنى كۆرگەن ئىدىم. ئىش يوغىناپ كەتسە مەسئۇلىيىتىگە ئىگە بولالماي قېلىشتىن قورققان تور بېكىتى مەسئۇلى دىلشات يەكشەنبە كۈنى چۈش سائەت 12 لەر ئەتراپىدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىگە تېلېفون قىلىپ ئەھۋالنى مەلۇم قىلغان ( بۇ يەردە دىلشاتنى ئەيىبلەشنى* ھېچقانداق ئاساسى يوق، ئۇ ۋاقىتتىكى ئەھۋالدا شۇنداق قىلمىسا كېيىن بارچە مەسئۇلىيەتنى* ئۆزىگە ئارتىلىپ قالىدىغانلىقىنى ئۇ بىلگەن). بى*تۇئەن ساقچى سىستېمىسىمۇ ئۆزىنى* كۆز- قۇلاقلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرچە تور بەتلىرىدە كۆرۈلۈۋاتقان غەيرىلىكتىن خەۋەردار بولۇپ، يەكشەنبە كۈنى سەھەردىلا خەۋپسىزلىك ئورۇنلىرىغا ئەھۋالنى مەلۇم قىلغان. ئەمما، نامايىشنى* ئۆز ۋاقتىدا بولۇشى ھېچقانداق توسقۇنلۇققا ئۇچرىمىغان. ھالبۇكى 2008- يىلى 12-ئايدا شىنجا* ئۇنىۋېرسىتېتىنى* ئىچىدە نامايىش ھەققىدىكى تەشۋىقات ۋەرەقىلىرىنى تارقىتىشقا كەلگەن ئىككى ئۇيغۇر يىگىت ئىشنى* بېشىدىلا ئۇنىۋېرسىتېت ئامانلىق ساقلاش خادىملىرى (ئىككى ئۇيغۇر) تەرىپىدىن تۇتۇۋېلىنغان. ئۇنى تۈتىۋالغان ئامانلىق ساقلاش خادىملىرى ساۋاتسىز بولغانلىقتىن خىتاي باشلىقىنى* قەغەزگە يېزىلغانلارنى* نېمە ئىكەنلىكى ھەققىدىكى سوئالىغا جاۋاب بېرەلمىگەن. ئوقۇغۇچىلار "بۇ كومپيۇتېر ۋە چەتئەل تىلى تەربىيىلەش كۇرسىنى* تەشۋىقات ئېلانى" دەپ قۇتۇلۇپ كەتكەن. ئىككى سائەتتىن كېيىن تەشۋىقات ۋەرەقىسىگە يېزىلغانلارنى* نامايىش ھەققىدىكى چاقىرىق ئىكەنلىكىنى بىلگەن ئۇنىۋېرسىتېت رەھبەرلىرى تەۋرەپ كەتكەن ۋە دەرھال دۆلەت خەپسىزلىك ئورگانلىرى ۋە ساقچىلار بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ ھېلىقى ئىككى بالىنى بىردەمدىلا تۇتۇپ كەلگەن. بىر قېتىملىق ئىجتىمائىي مۇقىمسىزلىقنى* ئالدىنى ئېلىشتا زور تۆھپە كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن ھېلىقى ئىككى ئامانلىق ساقلاش خادىمى ئۇنىۋېرسېتىت بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن تەقدىرلەش يىغىنىدا ۋا* لېچۇئەننى* قولىدىن بەش مى* يۈەندىن مۇكاپات ئالغان(ھتتپ://ۋۋۋ.ئۇئىغۇربىز.نەت/فورۇم/ۋىئەۋتھرەئاد.پھپ؟تىد=510).
5- ئىيۇل كۈنى نامايىش بەلگىلەنگەن قەرەلدە ئۆتكۈزۈلگەن. ھۆكۈمەت ئىشتىن ئالدىن خەۋەر تاپقان بولسىمۇ، كۆرۈنۈشتە ھېچقانداق قارشى تەدبىر كۆرمىگەن. ئۇلارنى* ئاستىرتىن قانداق تەييارلىق قىلغانلىقىنى ھۆججەتلەر ئارقىلىق دەلىللەشكە ھازىرچە ئاجىزمىز. ۋەقەدىكى ئە* مۇھىم مەسىلە پىلىموت ۋە ئاپتومات ئوقىغا دۇچ كەلگەن نەچچە يۈز ئۇيغۇر يىگىتىنى* ئورمىدا ئورۇلغان بۇغداي كەبى يەر چىشلەپ قېلىشىدۇر. ئۇلار ئەزىز جانلىرىنى سېلىپ بېرىش بەدىلىگە دۇنياغا يەر شارىدا ئۇيغۇر ناملىق بىر خەلقنى* بارلىقىنى، خىتتايلارنى* ئۇلارنى* ئۈستىدىن زۇلۇم يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئا*لاتتى. مەۋجۇتلۇقىمىزنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەلنى* ئاشۇنداق چو* بولۇشى زۆرۈرمۇ؟ مانا بۇ مەن بۈگۈن قېرىنداشلار بىلەن ئورتاقلاشماقچى بولغان مەسىلىلەرنى* بىرى.
ھۆكۈمرانلىق تەجرىبىسىدىن خىتايلار يەكۈنلەپ چىققان ھەقىقەت شۇ بولدىكى، ئۇيغۇرلارنى* دىنى ۋە تىلى ئۇيغۇرلارنى تەل-تۆكۈس ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشتىكى ئىككى زور توسۇق. تارىخىي مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسى مىلادىيە 840- يىلى ھالاك بولغاندا ئۇيغۇرلار ئۈچ يولغا بۆلۈنۈپ كۆچكەن: بىر قىسمى شۇ ۋاقىتتىكى رەقىبى تا* سۇلالىسىدىن ياردەم كۈتۈپ جەنۇبقا كۆچكەن ۋە ئەللىك يىلغا قالماي ئىز-تىزسىز يوقالغان؛ ئۇيغۇرنى* قاغانلىرى (پادىشاھلىرى) چىقىدىغان ياغلاقار ئۇرۇقى باشچىلىقىدىكى ئىككىنچى ئاساسلىق توپ ھازىرقى گەنسۇ ئۆلكىسىنى* دۇنخۇئا* شەھىرىنى مەركەز قىلىپ، كېيىنكى تارىخچىلار "شاجۇ ئۇيغۇر پادىشاھلىقى" ( "گەنسۇ ئۇيغۇر خانلىقى " دەپمۇ ئاتىلىدۇ) دەپ ئاتىغان دۆلەتنى قۇرغان. ئۈچىنچى توپ ئۇيغۇرلار تېخىمۇ غەربكە سۈرۈلۈپ بىر قىسمى تۇرپاندا "ئىدىقۇت ئۇيغۇر دۆلىتى" نى، يەنە بىر قىسمى بولسا قاراخانىيلار سۇلالىسىنى قۇرۇپ چىققان ۋە 925- يىلى ئىسلام دىنىنى رەسمىي دۆلەت دىنى سۈپىتىدە قوبۇل قىلغان. مەن بۇيەردە كۆپچىلىك قېرىنداشلارغا ئىسلام دىنى توغرىسىدا ۋەز ئېيتماقچى ئەمەسمەن. پەقەت تارىخ ھەقىقىتىنى ئاددىيغىنە ۋاراقلاپ چىقىشنى نىشان قىلىمەن. ئۇيغۇرلارنى* ئە* ئاساسلىق قەبىلىلىرىدىن گەنسۇدا دۆلەت قۇرغانلىرى بۇددىزىمنى دۆلەت دىنى سۈپىتىدە قوبۇل قىلغان. نەتىجىدە ئۇلارنى* شۇ ۋاقىتتىكى خىتايلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە بىر چو* پەرق ئازايغان. ھازىر گەنسۇدىكى "سېرىق ئۇيغۇر" ("يۇغۇر") دەپ ئاتىلىۋاتقانلار ئەنە ئاشۇ ئۇيغۇرلارنى* ئەۋلادلىرى ھېسابلىنىدۇ. 2000- يىلىدىكى ستاتىستىكىدا ئېيتىلىشىچە، ئۇلارنى* نوپۇسى 12 مى* ئىكەن. شۇ ۋاقىتتىكى ئىجتىمائىي تەكشۈرۈش نەتىجەمگە ئاساسلانغاندا ئاشۇ ساننى* ئىچىدە يۇغۇر تىلىنى بىلىدىغانلار ئۈچ مى*غا بارمىغان. ھازىر قايسى دەرىجىگە بېرىپ قالدى، بۇنىسى نامەلۇم. دېمەك ئالدى كەينى بولۇپ 1200 يىلدا ئۇلار ئۆز تىلىنى ئاساسەن يوقاتقان. ئوتتۇرا ئاسىيادا قاراخانىيلار دۆلىئىتنى قۇرغان ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنى* مىللىي كىملىكىگە مۇستەھكەم بىر مۇداپىئە قورغانى پەيدا قىلغان. 15- ئەسىردە ئىسلام دىنى تۇرپان، قۇمۇل رايونىغا كې*ىيىپ، خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلارنى* يۇغۇرۇلۇپ كېتىشىدىكى ئە* چو* توسۇق بولۇپ قالغان. ئىسلام دىنىدىكى يات دىندىكىلەر بىلەن تويلاشماسلىق بەلگىلىمىسى دائىم مەست يۈرىدىغان زابوي ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ ئە* ئەقەللىي قائىدە سۈپىتىدە مەۋجۇت بولغانلىقتىن خەلقىمىز بۈگۈنگىچە ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ كېلەلىگەن.
خىتايلار ھازىر ئۇيغۇرلارنى مىللەت سۈپىتىدە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوق قىلىۋېتىشتىكى بىرىنچى توسۇق بولغان دىننى يىمىرىپ تاشلاشتا زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. نۇرغۇن كىشىلىرىمىز موللا، ئاخۇن دېگەن ناملاردا بەتقىلىقلارنى قىلىپ يۈرگەن بىر قىسىم كىشىلەرگە قاراپ "ئىسلام دېگەن ئەنە شۇ" دېيىشكە كۆنۈپ كەتتى ۋە ئىسلامغا مۇشۇ ئاساستا تەبىر بەردى. ئىسلام دىنىنى* ھەقىقىي قائىدە- ئەھكاملىرىنى جرا قىلىشقا ئاجىز كېلىۋاتقان ئىسلام ھۆكۈمەتلىرىنى* ئۇيغۇرلارنى* مۇستەقىللىق ئىشلىرىغا ياردەمدە بولالمىغانلىقىغا قاراپ ئىسلامغا بولغان ئۆچمەنلىك ئاز- تولا باش كۆتۈردى. مەسئۇلىيەتنى* ئىسلامدا ياكى ئىسلام دىنىنى* بەلگىلىمىلىرىنى ئىجرا قىلمايۋاتقان مۇسۇلمان ھاكىمىيەتلەردە ئىكەنلىكى پەرقلەندۈرۈلمىدى. ئىسلام دىنىنى* قانداق دىن ئىكەنلىكىگە ئاشۇ دىننى* مۇقەددەس كىتابىنى ئوقۇپ چىقىش ئاساسىدا ھۆكۈم قىلىشنى بىلمىدۇق. ئەكسىچە ئىسلامنى ئىجرا قىلالمايۋاتقانلارنى* ھەرىكىتىنى "ئىسلام" دەپ چۈشىنىۋالدۇق ۋە بىلەرمەنلەرچە تەبىر بېرىپ كەلدۇق.( ئەگەر "نەدە ئۇنداق بولدى" دېگۈچىلەر بولسا پېشانىسىنى سىلىۋېتىپ ئەتراپىغا قاراپ باقسىلا مى*لىغان مىساللار تۇرۇپتۇ.) بۇ خۇددى بەزى كىشىلەرنى* "ئەرەبلەرمۇ تاماكا چېكىدىدىكەنغۇ" دەپ ئۆزلىرىنى* تاماكا چېكىشىنى ئاقلىغاندەكلا بىر ئىش. ئەرەبلەرنى* ياكى باشقا مۇسۇلمانلارنى* تاماكا چېكىشى بىلەن تاماكا چېكىش ياخشى ئىش بولۇپ قالمايدۇ. خۇددى شۇنى*دەك ئەرەبلەرنى* ياكى باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرنى* بىزگە ياردەم قىلماسلىقى بىزنى* ئىسلامنى ئىنكار قىلىشىمىزغا باھانە بولۇپ قالماسلىقى كېرەك. "قۇرئان"دا ئېنىق قىلىپ "بىر خەلق ئۆزىنى* ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگۈچە (يەنى ئۆزىدىكى ئىللەتلەرنى تۈزەتمىگىچە) ئاللا ئۇلارغا ياردەم قىلمايدۇ" دەپ ئېنىق يېزىلغان. باشقىلارنى* قارا نىيەتلىك قۇتراتقۇلۇقىغا بىز شۇنچە ئاسان ئىشەندۇق، ئەمما ئۆزىمىزدىكى مەسىلىلەرنى* داۋاسىغا بىرەر دورا قىلىشنى خىيالىمىزغىمۇ كەلتۈرمىدۇئۇق. شۇنداقلا ئىسلامنى* ئاساسى بولغان "قۇرئان" نى* ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدە نېمە دېيىلگەنلىكىگە قىزىقىشتىن بولسا بىز قورقتۇق. ئىسلام دىنىدا ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق مەخلۇقاتتىن قورقماسلىق تەشەببۇس قىلىنىدۇ. ئىسلام ئەقىدىسى بويىچە بولغاندا بىر ئىنساننى* يەنە بىر ئىنساندىن قورقۇشى زور گۇناھ . ئىسلام دىنىدىكى بىرىنچى ئەقىدىنى* "بىلىم ئېلىش" دېگەن تېمىدىن باشلىنىدىغانلىقىنى نۇرغۇن زىيالىيلىرىمىز بىلمەيدۇ. شۇ سەۋەبتىن كومپارتىيە "پەن بىلەن دىن بىر-بىرىگە قارشى" دەپ داپ چېلىپ بەرسە بىز ئۇنى*غا ئوتتۇز- قىرىق يىل ئۇسۇل ئوينىدۇق. "راست شۇنداقمۇ" دەپ پىكىر قىلىپ بېقىش ۋە ئىزدىنىپ كۆرۈش يادىمىزغا كەلمىدى. ئوبدانلا مەلۇمات كۆرگەن خېلى-خېلى زىيالىيلىرىمىز ئۈچۈن "ئىسلام" نى بىر قىسىم ياشانغان كىشىلەرگە خاس مەشغۇلات، دەپ قاراش ئومۇميۈزلۈك ھادىسە. ئۇلار ئۈچۈن قۇرۇق پىيالەنى* ھاۋادا لەيلەپ تۇرۇشى مۇمكىن بولمايدىغان ئىش، ئەمما يەر شارى كەبى غايەت زور جىسىمنى* مۇئەللەق بوشلۇقتا مۇتلەق ئۆزگەرمەس قانۇنىيەت بويىچە لەيلەپ يۆتكىلىشى ھېچقانداق ھەيران قالىدىغان ئىش ئەمەس. دىنىي تەربىيە بېرىدىغان بارلىق مۇئەسسەلەرنى قاتتىق كونترول قىلىشتا مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئالغان كومپارتىيە ئەمدى ئۇيغۇرلارنى* ئاشكارا دىنىي تەربىيە ئېلىشىغا ئىمكان بەرمەيدۇ. ھازىر بىزگە مۇمكىن بولغىنى پەقەت ئائىلىلەردە بالىلارغا ئېتىقاد تەربىيىسى بېرىشتۇر. "ئىسلام تەربىيىسى" دېگەندە بالىلارغا جەننەت بىلەن دوزاقنى پەش قىلىپ قورققاق سېلىشنى ئەمەس، ئۇلارغا قانداق ئادەم بولۇشنى ئۆگىتىش كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئىسلام – بىزگە ئادەمنى* قانداق ياشىشى كېرەكلىكىنى ئۈگىتىدۇ. نېمىنى سۆيۈش، نېمىدىن نەپرەتلىنىشكە يېتەكلەيدۇ. "ھۇببۇل ۋەتەنىل مىنەل ئىمان" ("ۋەتەننى سۆيۈش-- يېرىم ئىمان" دېگەن مەنىدە) دېگەن ئەقىدىنى ۋۇجۇدىمىزغا سى*دۈرىدۇ. لېكىن ھازىرقى شارائىتىمىزدا بۇ قانچىلىك ئاتا-ئانىلارغا نېسىپ بولىدۇ، بۇمۇ خۇداغا ئامانەت. چۈنكى باشقىلارغا ئۆگىتىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۈگەتكۈچىدە ئۈگەتكىدەك بىرنەرسە بولمىسا بولمايدىغۇ.
دىنىمىزنى يوقىتىشتا بەلگىلىك نەتىجىگە ئېرىشكەن كوممۇنىست ھاكىمىيەت ئىككىنچى قەدەمدە ئىبلىس قولىنى بىزنى* مىللىي كىملىكىمىزنى* يەنە بىر مۇھىم نىشانى بولغان تىلىمىزغا سوزدى. ئاتالمىش "قوش تىل مائارىپى " سىياسىتى قانداقتۇر تەسادىپى توغرا كېلىپ قالغان ھادىسە ئەمەس، بەلكى خىتايلارنى* ئۇزاقنى كۆزلىگەن ئىستراتېگىيىسىنى* يادرولۇق پىلانىدۇر. ئۇلار ئەمدى يۇغۇرلار ("سېرىق ئۇيغۇرلار") خىتايلارغا قوشۇلۇپ كەتكەندەك مى* يىل ساقلىيالمايدۇ. ئەمما ئەللىك- ئاتمىش يىل ۋاقىت بۇنى*غا يەتمەيدۇ. چۈنكى ئۇيغۇرلارنى* شەھەرلەشكەنلىرىنى"قوش تىل" بويىچە تەربىيىلەپ چىققىلى بولغان بىلەن، ئۇيغۇر نوپۇسىنى* 85% تەشكىل قىلىدىغان نوپۇسنى* يېزىلاردا دېھقان ئىكەنلىكىنى خىتايلار ياخشى بىلىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئۇلار دېھقانلارنى ئىچكىرىگە يۆتكەپ شۇ يەرگە سى*دۈرۈۋېتىشنى، شەھەردىكىلىرىنى شەرقىي تۈركىستاننى* ئۆزىدىكى شەھەرلەردە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنى پىلانلاپ چىقتى. شۇ*ا ئۇيغۇرلارنى* تىلىنى قانچە بالدۇر يوقاتسا، شەرقىي تۈركىستاننى* خىتتاي ئىلىكىدىكى ئە* مول ئېنېرگىيە بازىسى بولۇشى شۇنچە مۇستەھكەم ئىشقا ئاشىدۇ. ئۇ چاغدا ھازىرقىدەك بۇ زېمىننى ئۇيغۇرلارغا تارتقۇزۇپ قويۇشتىن ئەنسىرەپ يۈرۈشنى* ھاجىتى قالمايدۇ. شۇ*ا بۇ خىل ئەھۋالدا ئۇلار ئۈچۈن ئۇيغۇرلار قانچە كۆپ ئۆلسە شۇنچە ياخشى. ئۇيغۇرلارنى* جىگىرى بارلىرى، ئەقلى بارلىرى، تەشكىللەش قابىلىيىتى كۈچلۈكلىرى ئۆزلىرىنى قانچە كۆپ ئاشكارىلىسا شۇنچە ياخشى. شۇ چاغدا قالغانلىرىنى جايلاش كۆپ ئاسانغا چۈشىدۇ. بېشى يوق يىلاننى جايلاشنى* قانچىلىك ئاسان ئىكەنلىكىنى خىتايلار 1949-يىلى ئەخمەتجان قاسىمىيلارنى يوقىتىشتا تولۇق ھېس قىلدى. مانا مۇشۇ قېتىم ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدا جان بەرگەنلىرى مىللىتىمىزنى* ئەنە شۇنداق جىگەرلىك ئەزىمەتلىرى بولدى. يەنە نۇرغۇن جىگەرلىك ئەزىمەتلەرنى تاياق توقماق بىلەن چالا ئۆلۈك قىلىپ تاشلىدى، نەچچە يۈزلەپ تۈرمىگە تاشلىدى. ئەمدى ئۇلارغا قاتتىق جازا بېرىلىدىغانلىقى ھەققىدە داۋرا*لار بولۇۋاتىدۇ.
ئەمدى بىز ئېتىراپ قىلايلى ياكى قىلمايلى ئۈرۈمچى قىرغىنىدا ئە* ئاز دېگەندە بىرنەچچە يۈز يىگىتىمىزدىن ئايرىلىپ قالدۇق. 1500 ئادەم قولغا ئېلىندى، ئۇلاردىن ئاز دېگەندە بىرەر يۈز ئادەم ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدۇ، نەچچە يۈزى ئاز دېگەندە ئون- يىگىرمە يىلدىن كېسىلىدۇ (ھازىر قولغا ئېلىنغانلارنى* قانچىسىنى مەخپىي ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ بولدى، بۇنى بىر خۇدا، بىر ئاشۇ ئىبلىس خىتايلار بىلىدۇ). يۈزلىگەن يىگىتلىرىمىز مانا مۇشۇ يوسۇندا تىنچلىق ئۇسۇلىنى* قۇربانلىرى بولۇپ كەتتى. ئەسلى تىنچ كۈرەش شەكلىدە ئادەم ئۆلمەسلىكى، ئۆلگەندىمۇ يۈزلەپ ئۆلمەسلىكى كېرەك ئىدى. ئاشۇ شېھىدلىرىمىز ( ئاللا ئۇلارنى* ئاخىرەتلىكىنى فىردەۋس جەننىتىدىن نېسىپ قىلسۇن) تىنچلىق شەكىلدىكى دېموكراتىك كۈرەش ئۇسۇلىنى* ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدا بازىرى بولغان بىلەن ھازىرقى خىتاي تېررىتورىيىسىدە ئاقمايدىغانلىقىنى، دېموكراتىك كۈرەش قىلىش ئۈچۈن كۈرەش ئوبېكتى بولغان ھاكىمىيەتنى* دېموكراتىك ھاكىمىيەت بولۇشى لازىملىقىنى، خۇدانى ئىنكار قىلغان خىتايلارنى* دېموكراتىيىگە ئۆتۈشى مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، ئۆزلىرى تەلەپ قىلغان ئادالەتنى خىتايلارنى* بېرەلمەيدىغانلىقىنى ھەم بەرمەيدىغانلىقىنى ئويلىشى كېرەك ئىدى. خىتايلارنى* ئۆزلىرىدە ئادالەت يوق تۇرسا ئۇلار بىزگە قايسى ئادەلەتنى بەرگىدەك؟ ئەگەر بۇ قېتىمقى نامايىشتا قۇربان بولۇپ كەتكەن يۈزلىگەن يىگىتلىرىمىز ھامىنى جان بەرگەندىكىن باشقىچە شەكىلدە قۇربان بولۇشنى مەسىلەن يوشۇرۇن شەكىلدىكى پارتىزانلىق ئۇسۇلىنى قوللانغان بولسا قانچىلىك دۈشمەننى ئۆلتۈرۈپ ئاندىن ئۆزلىرىمۇ جان بەرگەن بولاتتى؟ بۇ قېتىم شۇنچە زور قۇربان بەرگەنگە چۇشلۇق ھېچقانچە دۈشمەن ئۆلمىدى. ئايلىنىپ كېلىپ زىيان تارتقىنى يەنىلا بىز بولدۇق. ئوچۇقراقىنى دېگەندە يەنە بىر قېتىم خىتايلار تەرىپىدىن ئالداندۇق. ئەمدى خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقى تۈركىستاندا ئاز دېگەندە ئون يىل تىنچ مۇھىت يارىتىشقا مۇۋەپپەق بولۇۋالدى. شەرقىي تۈركىستاندا ھەر بەش يىلدا بىر كىچىكرەك ۋەقە، ھەر ئون يىلدا بىر چو* ۋەقە، ھەر ئوتتۇز يىلدا بىر زور كۆتۈرۈلۈش بولىدىغانلىقىنى تەتقىق قىلىپ چىققان خىتايلار سۇ كەلمەستىلا تۇغان تۇتۇپ، ھېچقانچە بەدەل تۆلىمەيلا يەنە بىر تىنچلىق مەزگىلىنى قولغا كەلتۈردى.
نوپۇس سانى ئارقىلىق كۆرۈنگەن غايەت زور پەرق نۇرغۇن كىشىلىرىمىزنى قايمۇقتۇرۇپ قويۇۋاتىدۇ. شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي نوپۇسى ئۇيغۇرلارنى* نوپۇسى بىلەن ئاساسەن تە*. ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنى* ئۈرۈمچىدىكى نوپۇس نىسبىتى خىتايلار ئېلان قىلغاندەك9:1 . ئاشۇ ئازغىنە ئۇيغۇرلار كۆتۈرۈلۈپ چىققاندىن كېيىن خىتايلار شەرقىي تۈركىستاندىكى نەچچە تۈمەن ھەربىي ۋە ساقچىلار يېتىشمىگەندەك ئىچكىرىدىن قىرىق مى* (بۇ ئاشكارا ئېلان قىلىنغان سان. ھەقىقىي ساننى* قانچىلىك ئىكەنلىكىنى ئۆزلىرى بىلىدۇ) مۇنتىزىم قوشۇن يۆتكەپ كەلدى. قوشۇن كىرگەندىن كېيىن ئۈرۈمچىدىكى خىتايلار كالتەك-چوماقلىرىنى كۆتۈرۈپ "ئۇيغۇرلارنى قىرىپ تاشلاش" شوئارى ئاستىدا كوچىغا چىقتى. ئۇلارغا بۇ يۈرەك قەيەردىن كىردى؟ ئۇلار ئەزەلدىن شۇنچىۋالا باتۇر خەلقمۇ؟ ياق. پەقەت ئۆزلىرىنى* قوشۇنىنى كۆرگەندىن كېيىن ئاندىن ئۇلارنى* يۈرىگى جايىغا چۈشتى. ھازىر ئۈرۈمچى، قەشقەر، ئاقسۇ، ئىلى رايونلىرى پۈتۈنلەي ھەربىي رېجىم ئاستىدا. قېنى ئەمدى قاراپ باقايلى: ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىسى، ئايرودروم ئىچكىرىگە قېچىۋاتقان خىتايلارنى* دەستىدىن پۇت قويغىدەك يەر قالمىغان دەرىجىدە قىستا*لىشىپ كەتكەن؛ خىتايلارنى* ئۆزلىرىنى* مەلۇماتىغا قارىغاندا بېيجى*دىن ئۈرۈمچىگە ئۇچقان ئايروپىلانلار بوش كېلىۋېتىپتۇ، ئادەم بولمىغانلىقى ئۈچۈن بېيجى*دىن ئۈرۈمچىگە ما*ىدىغان پويىز توختىغىلى نەچچە كۈن بولۇپتۇ. بۇ نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟ شۇنچىۋالا ئارمىيە ۋە ساقچى ھاياتىغا كېپىللىك قىلىپ تۇرۇۋاتسا خىتاي پۇقرالىرى يەنە نېمە ئۈچۈن ھەممىنى تاشلاپ قاچىدۇ؟ چۈنكى ئۇلار بۇ زېمىننى* ئۆزلىرىنى* ئەمەسلىكىنى ياخشى بىلىدۇ. ھەربىي ۋە ساقچىلارنى* ھەيۋىسىگە تايىنىپ "دۆلەت مارشى" نى توۋلاپ كوچىغا چىققان خىتايلارنى* ھېچقايسىسى شەرقىي تۈركىستاننى* خىتاي تەۋەلىكىدە بولۇشىغا ھەسسە قوشۇش ئۈچۈن ئۆز جانلىرىنى سېلىپ بېرىشنى خالىمايدۇ. ئۆز ۋاقتىدا ئۆز دۆلىتىنى ياپونلاردىن قوغداش ئۈچۈن قۇربان بېرەلمىگەن خىتايلار ئەمدىلىكتە بىر يات زېمىن ئۈچۈن قۇربان بەرمەيدۇ ئەلۋەتتە. شەرقىي تۈركىستاننى* زېمىنى ئۈچۈن قۇربان بېرەلەيدىغانلار يەنىلا شەرقىي تۈركىستاننى* ھەقىقىي ئىگىسى بولمىش شەرقىي تۈركىستانلىقلاردۇر. كۆپچىلىككە كىچىككىنە ياپونىيىنى* 1940-يىللىرى پۈتۈن جۇ*گونى ئاساسەن دېگۈدەك بېسىۋالغانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتۈشنى لايىق دەپ قارايمەن. شۇ ۋاقىتتىمۇ سۇن جو*شەننى* چو* خىتايچىلىق ئىدىيىسى ئاساسىدىكى مىللەتچىلىك مەسلىكىدىن روھلانغان خىتايلارنى* مانجۇلارنى* چى* سۇلالىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغىنىغا ئوتتۇز يىل بولغان ۋاقىت ئىدى. ئەمدى قارايدىغان بولساق خىتايلاردا ئاشۇ ۋاقىتلاردىكى بىر مەھەللىك كۈچلۈك مىللەتچىلىك، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى* ساقىندىسىمۇ قالمىغانلىقىنى كۆرىمىز. خىتاي پۇقرالىرى ھازىر كومپارتىيىنى* قانداق ھاكىمىيەت ئىكەنلىكىنى ياخشى بىلىدۇ. پۈتۈن خىتاي پەقەت ئارمىيە ئارقىلىقلا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتىدۇ. تيەنئەنمېن ۋەقەسىدە ئۆزلىرىنى* مى*لاپ خىتايلىرىنى قىلچە ئىككىلەنمەستىن قىرىۋەتكەن خىتايلارنى* ئوخشاش شەكىلدىكى كۈرەشتە ئۇيغۇرلارنى ئاياپ قويمايدىغانلىقىنى ھېچۋاقىت يادىمىزدىن چىقارماسلىقىمىز لازىم. دېمەك، ۋەتەندىكى كۈرەش شەكلىنى ئۆزگەرتىشنى* ۋاقتى ئاللىقاچان يېتىپ كەلدى. ماقالەنى* كېيىنكى قىسمىدا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن" ئادەم بومبا" بولۇشنى* زۆرۈرىيىتى ۋە ئەھمىيىتى توغرىلىق توختىلىپ ئۆتىمەن.

Unregistered
03-08-09, 16:11
ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى ۋە ئۇيغۇرلارنى* كەلگۈسى (داۋامى(
ماقالەمنى* بىرىنچى بۆلىكىنى يېزىپ بولۇپ، ئىككىنچى بۆلىكىنى باشلاش ئالدىدا بىر مەھەل دېلىغۇل بولۇپ تۇرۇپ قالدىم. خەلقىمىزدە "تاغدىن تاغ ئېگىز" دېگەن ئاتىلار سۆزى بار. كۆپلىگەن مويسىپىتلىرىمىز، كۆپنى كۆرگەن تەجرىبىلىك ئۇستازلىرىمىزنى* خەلقىمىزگە يول كۆرسىتىشلىرى يېتىشمىگەندەك ئارتۇقچە مەمەدانلىق قىلغان بولۇپ قالماي، دەپمۇ ئويلىدىم. باشقىلارنى* "بىزگە ئەقىل ئۆگىتىشنى سا*ا كىم قويدى" دېيىشىدىن تېخىمۇ ئەنسىرىدىم. يەنە بىر ياقتىن، ئىنسان ئەۋلادىنى* يادىغا كەلمەيدىغان ۋەھشىيانە زوراۋانلىق ۋە دۇنيادا تە*دىشى يوق قىزىل تېررورلۇق دەستىدىن يۈرەك-باغرى پارە- پارە بولۇپ كېتىۋاتقان، ھەر بىر تىنىقىدىن مى* پاتمانلاپ زۇلۇمنى* ھىدى كېلىۋاتقان، كۆ*لى- كۆكسى دې*ىزدەك كە* بولسىمۇ ئالىقانچىلىك ساخاۋەت كۆرۈش بەختىگە مۇيەسسەر بولالمايۋاتقان خەلقىمنى* قات- قېتىدىن زېدىلەنگەن يۈرىكىنى قايتا تاتلىغۇم كەلمىدى. ئەمما يەنىمۇ چو*قۇرراق ئويلىنىپ باقسام مېنى* قىلغانلىرىم "يول كۆرسىتىش" كە مەنسۇپ ئەمەسكەن. ئالدى بىلەن مېنى* بۇ يەردە يازغانلىرىمنى* ھەممىسى پەقەت ئۆزۈمنى* ئويلىغانلىرى بولۇپ، بارلىق كۆزقاراشلار پەقەت كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىش مەقسىتىدە مۇنبەرگە چاپلانغان. شۇ*ا بۇنى*دا ھېچقانداق "ئەقىل كۆرسىتىش" خاھىشى مەۋجۇت ئەمەس. ئىككىنچىدىن، ئۆزۈم شۇنچە يىل مەكتەپ يۈزى كۆرگەن تۇرۇقلۇق، يەنە كېلىپ جاھاننى* ئۇ بېشىدىن بۇ بېشىغىچە ئۆزۈمگە چۇشلۇق كەزگەن تۇرۇقلۇق ئۈن-تىنسىز ياشاشنى ئاتالمىش "زىيالىي" لىق ۋىجدانىمغا مۇناسىپ كۆرمىدىم. بۇرۇنقى دانىشمەنلىرىمىز "بىلىم ئالغان، ئەمما ئۇنى خەلق ئۈچۈن ئىشلەتمىگەن ئالىم بىر خۇرجۇن كىتاب ئارتىلغان ئېشەككە ئوخشايدۇ" دېگەن ئىكەن. خەلقىمىزنى* مۇتلەق كۆپ قىسمى ھەقىقىي مائارىپ ۋە تەلىم- تەربىيىدىن ئايرىۋېتىلگەن مۇشۇنداق بىر ئەھۋالدا تەلىيىمنى* ئو*لۇقى سەۋەبلىك ئاز – تولا بىلىم ئېلىش پۇرسەتلىرىگە ئېرىشكەن زىيالىيلارنى* بىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ھېس قىلغانلىرىمنى پىنھان ھالەتتە ساقلاشنى تېخىمۇ توغرا تاپمىدىم. نېمىلا دېگەن بىلەن "ھەقنى بىلىپ تۇرۇپ يوشۇرما*لار" دېگەن تەلىم بارغۇ. مېنى* يازمىلىرىم يەنە بىر ياكى بىرنەچچە قېرىندىشىمىزنى* تېخىمۇ دانا پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشىغا تۈرتكە بولۇپ قالسا، شۇ باھانىدە مىللىتىمىزنى* ئازادلىق ئىشلىرىغا پايدىلىق بولغان تېخىمۇ ياخشى كۆزقاراشلار بارلىققا كەلسە ئەجەب ئەمەس، دەپمۇ ئويلىدىم. ئاندىن قالسا قېرىنداشلارنى* يازمامغا قارىتا بەرگەن ئىجابىي باھالىرى مېنى يەنە بىر قېتىم قولۇمغا قەلەم ئېلىشقا رىغبەتلەندۈردى. قېنى، ئەمدى ئۆزىمىزنى* گېپىگە كېلەيلى.
ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى ماھىيەتتە خىتتايلارنى* ئۇيغۇرلارغا مەجبۇرى تې*ىپ كەلگەن ساختا دوستلۇق نىقابىنى ئاخىرقى ھېسابتا ئۇزېل- كېسىل ۋە ئوچۇق- ئاشكارا ھالدا ئۆز قولى بىلەن يىرتىپ تاشلىغانلىققا باراۋەر بولدى. ئۇلارنى* نومۇسسىز خەلق ئىكەنلىكىنى ئۇيغۇرلار، ھېچ بولمىغاندا كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلار بىلەتتى. ئەمما بۇ قەدەر ئىپلاس، ۋەھشىي ۋە رەزىل ئىكەنلىكىنى بولسا كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلار بىلمەيتتى. ساددا خەلقىمىز " بۇ ئىشلارنى* ھەممىسىنى شىنجا*دىكى يەرلىك رەھبەرلەر مەركەزدىن يوشۇرۇنچە قىلىۋاتىدۇ؛ مەركەزنى* بۇ ئىشلاردىن خەۋىرى يوق؛ خەنزۇ پۇقرالارمۇ ئوخشاشلا ئازاب چېكىۋاتىدۇ" دېگەندەك چۈشەنچىلەر بىلەن ئۆزلىرىنى بەزلەپ كېلىۋاتقان ئىدى. مۇشۇ قېتىمقى پاجىئە ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇم قامچىسىنى* دەستىسىنى تۇتۇۋاتقانلارنى* بېيجى*دا ئىكەنلىكىنى، ئۇنى* سايىسىدە تەرلەۋاتقانلارنى* كىملەر ئىكەنلىكىنى ئاسماندىكى قۇياشتەك ئېنىق كۆرسەتتى. ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا ئۇيغۇرلارنى* قېنىنى دەريا كەبى ئاققۇزغان خىتاي ھۆكۈمىتىنى* يەنە ھېچقانداق نومۇس قىلماستىن ھەممىلا يەردە "مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى" ھەققىدە گەپ سېتىشى، ئۆزلىرىنى* شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇستەملىكە سىياسىتىنى ئاز- تولا ئۆزگەرتىش ھەققىدە تىرناقچىلىك مۇزاكىرىنى* بولغانلىقى ياكى بولىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرمەسلىكى ماھىيەتتە ئەمدى ئۇيغۇرلارنى* ئۇلار بىلەن تىنچلىق شەكلىدە دىئالوگ تۈزۈشىنى* ھېچقانداق مۇمكىنچىلىكى ۋە زۆرۈرىيىتى يوق ئىكەنلىكىدىن دېرەك بەردى.
بۇ يەردە مېنى*چە كۆپ قىسىم قېرىنداشلىرىمىز ئالدى بىلەن ئايدى*لاشتۇرۇۋالىدىغان مۇنداق بىر نۇقتا بار: ئۇيغۇرلارنى* ئازادلىق كۈرىشى غەلىبە قىلالامدۇ؟ غەلىبە قىلسا نېمىگە تايىنىپ غەلىبە قىلىدۇ؟ غەلىبە قىلالمىسا بۇنى*دىكى سەۋەبلەر نېمە بولۇشى مۇمكىن؟
بۇ مەسىلىگە جاۋاب بېرىش ئۈچۈن يەنىلا تارىخقا مۇراجىئەت قىلماي بولمايدۇ. ئۇيغۇرلارنى* يېقىنقى زاماندا قۇللۇققا مەھكۇم بولۇشىئى* سەۋەبى ئۇلارنى* قارشىلىق روھىنى* يېتەرلىك بولماسلىقى ياكى ئۇلارنى* كۈچ جەھەتتە ئاجىزلىقىدىن بولغان دېگەندىن كۆرە دۈشمەنلىرىگە سېلىشتۇرغاندا ھېلە- مېكىر بابىدا ساۋاتسىز ئىكەنلىكىدىن بولغان دېيىش توغرىراق بولسا كېرەك. قەدىمكىلەرنى* "بىلىكى چو* بىرنى يې*ەر، بىلىمى چو* مى*نى" دېگىنى بىكار ئېيتىلىمىغان ئىكەن. "ھېلە- مېكىر" ئاجىزلارنى* كۈچلۈكلەرنى يې*ىشتىكى ئەنگۈشتەرلىرىنى* بىرى. ئىنسانىي نۇقتىدىن ئالغاندا ئۇنى قوللىنىش يىرگىنچلىك قىلىقتۇر. دەل مۇشۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇرلار تارىخىدا بۇنى*غا يېقىن يولىماي كەلگەن ( ئەمدى ھازىرقى كۈنلەردە "ھېلە - مېكىر" دېگەن بۇ ئىبارە خەلقئارادا "سىياسەت"، "دىپلوماتىيە" دېگەندەك چىرايلىق تون ئىچىدە كۆزلەرنى چاقنىتىۋاتىدۇ. بىزنى*مۇ ئۇنى*غا بولغان ئېھتىياجىمىز بارغانسېرى ئېشىپ بېرىۋاتىدۇ. بۇ ھەقتە تۆۋەندە ئايرىم توختىلىپ ئۆتىمەن). يەنە بىر تەرەپكە نەزەر سالساق ئۇيغۇرلارنى* ئازادلىق ئۈچۈن بەرگەن قۇربانلىرى، تۆككەن قانلىرى بولسا ئۇلارغا قوشنا ھەرقانداق قېرىنداش ئەللەر خەلقىنى*كىدىن كۆپ بولدى. ئەمما ئازادلىقنى* مەشئىلى ئۇيغۇرلارغا ئۇزۇن شولا چاچالمىدى. ئاقىۋەت نۇرغۇن كىشىلىرىمىز ئەنە شۇلارغا قاراپ "شۇنچە بەدەل تۆلەپتىمىز، بۇ كۈرەشنى* غەلىبە قىلىشى مۇمكىن ئەمەس ئوخشايدۇ" دەپ دېلىغۇللۇققا پاتتى. تارىخنى* قانۇنىيىتى مۇقەددەستۇر . چۈنكى ئۇ زېمىنغا قانۇنىيەت بولۇپ چۈشۈرۈلگەن. ئۇنى ئۆزگەرتىش ئىنسان ئۈچۈن مۇمكىن بولماس ئىشلارنى* بىرىدۇر. ئەنە شۇ قانۇنىيەتلەرنى* بىرى -- ئادالەتنى* زوراۋانلىق ئۈستىدىن ئاخىرقى ھېسابتا غەلىبە قىلشىدۇر. شۇنداق بولغان ئىكەن، بىزنى* ئازادلىق كۈرىشىمىزنى* غەلىبە قىلىشى شەكسىزدۇر. نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى* كۈرىشىنى ئادالەتلىك كۈرەش دەيمىز؟
تارىخنى* ھەر بىر تەپسىلاتىنى ۋاراقلاپ قېرىنداشلارنى* ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىشتىن مۇشۇ ئاتمىش يىللىق تارىخنى قىسقىچە بىر ئەسلىتىپ ئۆتۈشنى ياخشىراق دەپ ئويلىدىم: ئەخمەتجان قاسىمىي باشلىق شېھىدلىرىمىز خىتاي بىلەن رۇسلار ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي سودىنى* قۇربانى بولۇپ كەتكەندىن كېيىن، خىتايلار "شىنجا*دىكى گومىندا* قىسىملىرى قالدۇرۇپ كەتكەن قان- قەرزنى قايتۇرىمىز؛ شۇنى قايتۇرۇپ بولۇپلا چىقىپ كېتىمىز" دېسە دۈشمەنلەرنى ئۆزىدەك ئاقكۆ*ۈل دەپ ئويلاپ قالغان ساددە خەلقىمىز شۇنى*غا ئىشەندى. شۇ تەرىقىدە دۈشمەن ۋەتىنىمىزگە ئاياق باستى. ئەنە شۇنى*دىن كېيىن بولغان ئىشلارنى مەن قايتا تەكرارلىمىساممۇ خەلقىمىز ئۇنى*دىن خەۋەرسىز ئەمەس: دەسلەپ كېلىپ كوچىلارنى، ئۇيغۇرلارنى* ھويلىلىرىنى سۈپۈرۈپ يۈرگەن خىتتايلار كېيىن بىراقلا ھەممە ياقنى "سۈپۈرۈپ" شۇ زاماندىكى بايلىرىمىزنى يوقاتتى؛ ئۇلارنى* ھەممە مۈلكى تۈرلۈك قىزىل شوئارلار ئاسىتىدا خىتايلارنى* تۈۋى يوق نەپسى- بالاسىغا چۈشۈپ كەتتى. خەلقىمىز بۇنى*غا ئادەتلەنگەن مەردانىلىكى بويىچە "بوپتۇلا، پۇل دېگەن قولنى* كىرى، ئۇنى يەنە تېپىۋالارمىز" دەپ سالۋات قىلدى؛ "شىنجا*نى ئازاد قىلىش" (كىمدىن ئازاد قىلىش ئىكەنلىكىنى* جاۋابىنى خىتايلار ھازىرغىچە بىلەلمەي كېلىۋاتىدۇ) دېگەن ساختا شوئار ئاستىدا ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستانغا كىرىپ كەلگەن خىتاي ئارمىيىسى پۇتىنى بۇ زېمىنغا پاتۇرىۋالغاندىن كېيىنلا ئۇرۇشتا يې*ىلگەن گومىندا* ئارمىيىسىنى* ۋەتىنىمىزدىن قېچىشقا ئۈلگۈرەلمىگەنلىرىگە قوشۇلۇپ سۈيى مول ۋە ئە* مۇنبەت يەرلىرىمىزنى ئاتالمىش "بى*تۇئەن" دېگەن نامدا ئىگىلىۋالغاندا باغرى يۇمشاق خەلقىمىز "بوپتۇلا، قورسىقى تويغاندىن كېيىن قايتىپ كېتەر" دەپ ئۆزلىرىنى بەزلىدى؛ "دىن – ئە* كۈچلۈك ئەپيۈن" دېگەن زەھەرخەندە شوئار ئاستىدا دىنىمىز تەقىب قىلىنغاندا "كېرەك يوق، ئىبادەتنى ئۆيدە قىلساقمۇ قوبۇل بولار" دەپ سەۋرى قىلدى؛ ھەر يىلى قەلەندەر سىياقىدىكى كىشىلەردىن مىليونلاپ نوپۇس كۆچۈرۈپ، مېھنەتكەش ئەجدادلىرىمىز نەچچە مى* يىلدا بەرپا قىلغان پاك زېمىنىمىزنى ياۋا تو*گۇز كەبى تىلغاشقا باشلىغاندا "قانداق قىلىمىز؟ ئالىدىغىنىنى ئېلىپ، يانچۇقلىرى تولغاندىن كېيىن قايتىپ كېتەر" دەپ بىر- بىرىگە كۆ*ۈل ئېيتتى؛ "ئۇيغۇر تىلى دەۋر تەرەققىياتىغا ماسلىشالمىدى، شۇ*ا خىتايچىغا كۆچۈش كېرەك" دېگەن زوراۋان ۋە ئالدامچى سىياسەت چىققاندا بولسا ئۆزلىرىنى* باشقا تىللارنى ئانچە قىينالمايلا ئۆگىنىپ كېتەلەيدىغانلىقى بىلەن خىتايلارنى ساراسىمىگە سېلىپ مەشرەپ ئويناپ يۈرۈۋەردى. ئاشۇ بىرقاتار تارىخىي بۇلا*چىلىقلاردىن كېيىن ئىستىبدات ھاكىمىيەت بۇ زېمىندا ئۇلار ئالالمىغان يەنە بىرەر نەرسىنى* بار- يوقلۇقىنى ھېسابلاپ كۆرسە تېخى ئېلىنمىغان نەرسىدىن بەرسىلا قالغانلىقى مەلۇم بولدى. ئۇنى* نامى خىتايلارنى* ھۆكۈمرانلىق دەپتىرىنى* باش بېتىدە قانغا چىلانغان موي قەلەم ئارقىلىق "ئۇيغۇرلارنى* جېنى" دەپ يېزىلغان ئىدى. خىتايلار ئۇنىمۇ ئالماقچى بولىۋىدى سەۋرى قاچىسى ئاچچىق زەرداب بىلەن لىق تولغان، ھېچقاچان مۇتىھەملىك بىلەن باشقا بىراۋغا ئازار بېرىپ باقمىغان، شۇنداقلا بۇنداق قىلىشنى ئىنسان ئۈچۈن زور نومۇس دەپ بىلىدىغان ئاقكۆ*ۈل ئۇيغۇر خەلقى ئاخىرى ئورنىدىن چاچراپ تۇردى.
ئۇيغۇرلار تارىم ۋادىسىدا ياشاپ كەلگەن نەچچە مى* يىللاردىن بۇيان ھېچقايسى تارىخ كالاملىرىدا ئۇلارنى* قايسىدۇر بىر يات ئەلگە تاجاۋۇز قىلغانلىقى ھەققىدە بىرەر مەلۇمات پۈتۈلگەن ئەمەس. ئۇلارنى* شەرقتىكى ئاچكۆز قوشنىسى بولغان خىتايلارنى* زېمىنىغا كۆز ئالايتىپ باققانلىقى تېخىمۇ مەلۇم ئەمەس. ئۇلار باشقىلارنى* زېمىنىنى تارتىۋېلىپ ئاشۇ جايلاردا ياشاشنى ئەمەس، تەكلىماكان بويىدىكى سۇ تولىمۇ قىس بولغان بوستانلىقلاردا تەبىئەت بىلەن باتۇرلارچە كۈرەش قىلىپ ئۆزلىرىنى* شىجائىتى، ئەمگەكچانلىقى، ئەقىل- پاراسىتىگە تايىنىپ، ماقال- تەمسىللەردە ئېيتىلغاندەك "چۆلنى بوستان، تاغنى تالقان" قىلىپ مەردانىلەرچە، ئەركەكلەرچە يې*ىچە ھاياتلىق مۇھىتى يارىتىپ ياشاشنى ئەۋزەل بىلدى. "يىپەك يولى" ئۇيغۇرلارنى* زېمىنىدىن كېسىپ ئۆتكەن بىرنەچچە مى* يىلدا ئۇلار بۇ يولدىكى ئوخشىمىغان ئىرق ۋە دۆلەتتىن كەلگەن ھەرقانداق كارۋاننى* دەردىگە دەرمان، رەنجىگە شىپا بولۇپ ئاچقانغا غىزا، ئۇسسىغانغا سۇ، چارچىغانغا ئۆي بېرىپ كەلدى. شۇنداقلا بۇنى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ بۈگۈنكى كۈندە پۈتۈن دۇنيا ئېتىراپ قىلغان "ئۇيغۇرلار ئاقكۆ*ۈل ۋە مېھماندوست خەلق" دېگەن ئاتاققا ئېرىشتى. ئەمدى مۇشۇ "ئاقكۆ*ۈل" خەلق ئاتا مىراس "كۆ*ۈلچەكنى* كۆتى ئوچۇق" دېگەن تەمسىلنى* بىكارغا ئېيتىلمىغانلىقىنى ئاچچىق بىلەن يادىغا ئالماقتا. شۇنداق بولغان ئىكەن، ئۇيغۇرلارنى* ئازادلىق كۈرىشى قىل سىغماس دەرىجىدىكى ئادالەتلىك كۈرەش ھېسابلىنىدۇ.
ئۇيغۇرلارنى* ئاشۇنداق ئاقكۆ*ۈل ۋە ئەمگەك سۆيەرلىكى ئۈچۈنمىكىن ئۇلارنى* رىزقى ئاستى- ئۈستى پۈتمەس تۈگىمەس بايلىق بىلەن تولغان مۇشۇ زېمىنغا تەقسىملەنگەن ئىكەن. ۋەتىنىمىزنى* قانچىلىك بايلىققا ئىگە زېمىن ئىكەنلىكىنى، ئۇنى*دىكى نېفىت، تەبىئىي گاز، ئالتۇن، كۆمۈر ...... دېگەندەك سانسىز قىممەتتىكى بايلىقلارنى* سانىنى ئېلىش مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، "ئون مىليون" ياكى "يىگىرمە مىليون" نوپۇسقا ئىگە دەپ قارىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى* يەتمىش ئەۋلاد ئو*دا يېتىپ يېيىشىگە يېتىپ ئېشىپ قالىدىغانلىقىنى قېرىنداشلارغا قايتا ئەسكەرتىپ ئولتۇرۇش ھاجەتسىز، دەپ قارايمەن. ئاللاھ تېخى ئۆزىنى* ھېچقايسى قوۋمىغا بۇنداق مول بايلىققا ئېگە زېمىننى ھەدىيە قىلغان ئەمەس. يەنە بۇ زېمىننى ياۋا قوللارنى* يىرگىنچلىك تىرناقلىرىدىن مۇھاپىزەت قىلغاندەك ئۇنى* ئەتراپىنى تاغلار بىلەن توراپ، مۇستەھكەم سېپىل قۇرۇپ بەرگەن ئىكەن. بۇ دۇنيادا بىر قوۋم ئۈچۈن بۇنى*دىنمۇ ئارتۇق نېمەت ياكى مۇكاپات بولمىسا كېرەك. ئەمدى بىز لىللا قىلىپ ئۆزىمىزنى تارازىغا سېلىپ باقايلى: مۇشۇنداق بىر تە*داشسىز سوۋغاتنى ئالغاندىن كېيىن بىز جاۋابەن نېمە قىلدۇق؟ ئۇنى ساقلاپ قېلىش ۋە بارلىق ئېھتىياجىمىز ئۈچۈن پايدىلىنىش، كېيىنكى ئەۋلادلىرىمىزنى* خار- زەبۇن بولماي ياشىشىغا يەتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن قايسى تەدبىرلەرنى قوللاندۇق؟ بۇنى* جاۋابلىرىنى* بىرى تەرىقىسىدە بىز شۇنى ھېس قىلىپ يېتىمىزكى، بىزنى* ئاللاھتىن يامانلايدىغان ھېچقانداق ھەققىمىز يوق؛ "خودايىمنى* نېمىشقا كۆزى كۆرمەيدىغاندۇر، شۇنچە ئادەملىرىمىز قۇربان بولۇپ كەتسە نېمىشقا ھالىمىزغا يەتمەيدىغاندۇر" دەپ نالە قىلىشىمىز ئورۇنسىزدۇر. بىز ئىنقىلابنى* ئاخىرقى پەللىسىگە يېتىپ كەلگىنىمىز يوق. توغرىراقى بىزنى* ئازادلىق ئىنقىلابىمىز تېخى ئەمدىلەتىن باشلىنىۋاتىدۇ.
ئۇنداق بولسا دەۋرىمىزدىكى ئازادلىقنى* ياكى ئىنقىلابنى* يولى قەيەردە؟ مېنى*چە بۇ ھېچكىم ئالدىراپ بىر- ئىككى جۈملە سۆز بىلەن جاۋاب بېرەلەيدىغان سوئال ئەمەس. چۈنكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى* ئازادلىق ئىنقىلابى دۇنيادىكى ۋە باشقا قوشنا ئەللەردىكى ئىنقىلابلاردىن زور جەھەتتە پەرقلىنىدۇ. ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنى* دۈشمىنى بولغان خىتاي ھاكىمىيىتى بىر يېرىم مىليارد خەلقنى* ئەمگىكىنى ئېكسپىلاتاتسىيە ۋە قۇربان قىلىش بەدىلىگە دۇنيانى* ئاساسلىق ئەمگەك كۈچى بازىرى ۋە تاۋار بىلەن تەمىنلەش بازىسى بولۇۋالدى. بۇنى* بىلەن خەلقئارادىكى ئاساسلىق دۆلەتلەرنى* خىتايغا تايىنىپ سودا مۇناسىۋىتىنى يۈرۈشتۈرۈش ھالىتى كېلىپ چىقتى. بۇنى*دىن كىرگەن كىرىمنى* زور بىر قىسمى "كوممۇنىست" دېگەن نامدا يۇقىرى دەرىجىلىك ھوقۇقلارنى تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلارنى* (خىتاي مەنبەلىرىنى* ئاشكارىلىشىچە، پۈتكۈل خىتاي ئىقتىسادىنى* 70% ئومۇمىي نوپۇسنى* 1% گە بارمايدىغان كوممۇنىست ھاكىمىيەت رەھبەرلىرى تەرىپىدىن ئىگىلىۋېلىنغان) خۇسۇسىي مەنپەئەتلىرىنى قوغدايدىغان دۆلەت ماشىنىسىنى* سادىق، مې*ىسى قۇئۇرۇق قوغدىغۇچىسى بولمىش ئارمىيىگە سەرپ قىلىنىۋاتىدۇ. مۇشۇ قېتىم ئۈرۈمچىدە قان تۆككەنلەر ئەنە شۇ بۆلەككە تەۋە كىشىلەردۇر. ئىككىنچىدىن، ۋەتەندىكى قېرىنداشلىرىمىز ئارىسىدا چەتئەلنى* قانداقتۇر ياردىمىدىن ئۈمىتلىنىش خاھىشى يەنىلا بەلگىلىك دەرىجىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا، ئازادلىق كۈرىشىنى* تەلىپى ۋە ئىستىقبالى ھەققىدە ۋەتەندە ئومۇميۈزلۈك پىكىر بىرلىكى ياكى مەپكۇرە شەكىللەنمىگەن؛ ئۈچىنچى، دۈشمەننى* مۇتلەق ئۈستۈنلۈككە ئىگە ھەربىي كۈچى يە*گىلى بولمايدىغان زور توسۇق سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا؛ تۆتىنچى، دۇنيا ھازىر ئومۇمى جەھەتتىن تىنچلىق دەۋرىدە تۇرۇۋاتىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا ئۇرۇش ئارقىلىق بىر ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش تولىمۇ قىيىن..... بۇ قاتاردا بىز كۆپلىگەن سەۋەبلەرنى تىزىپ چىقالايمىز. بۇلارنى* ھەممىسى بىزنى* ئىنقىلابىمىزغا توسقۇنلۇق قىلغۇچى بىزگە پايدىسىز ئامىللاردۇر.
ئەنە شۇنداق كۆپلىگەن سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بىز 60 يىلنى ئاساسەن تىنچ ئۆتكۈزۈۋەتتۇق. ھەتتا "خەلق ئەسكەرلىرى خەلقنى ھىمايە قىلىش" شوئارى ئاستىدا ئۇيغۇر ياشلىرىغا مەرھۇم سەيپىدىن ئەزىزى رەھبەرلىكىدىكى قورچاق ھۆكۈمەت تەرىپىدىن مىلتىق تارقىتىپ بېرىلگەن 70- يىللاردىكى سىياسىي بورانلاردىمۇ قولىمىزدىكى قوراللاردىن پايدىلىنالمىدۇق. ئەقلىمىزنى تاپقان ۋاقىتلاردا بولسا خەلقىمىزنى* قورالغا يېقىنلىشىشىدىكى بارلىق ئىمكانىيەتلەر كېسىپ تاشلاندى. ئەمدى بولسا ئۇيغۇرلار "تىنچلىق كۈرەش شەكلى" نى* ئۈنۈمسىزلىكىدىن ئاغرىنماقتا؛ (ئۇيغۇرلۇق بۇرچىنى ئۇنتۇمىغان) زەيدىن يۈسۈپتەك ئەتراپىدىكى دۈشمەنلەردىن قورال تارتىۋېلىپ جىھادقا ئاتلانغان ئەزىمەتلىرىمىز كۈچ سېلىشتۇرمىسىدىكى مۇتلەق زور پەرق سەۋەبىدىن دۇنيادىن كۆزى ئوچۇق كەتمەكتە (ئاشۇ قاتاردىكى شېھىدلىرىمىزنى* جايى فىردەۋس جەننىتىدىن بولسۇن)؛ (زىيالىلىق بۇرچىنى ئۇنتۇمىغان) ئىلھام توختىغا ئوخشاش ئۇيغۇرلارنى* ھەق- ھوقۇقىنى خىتاينى* قانۇنىدا بەلگىلەنگەن ماددىلار بويىچە قوغداشنى تەشەببۇس قىلغۇچىلار بولسا زوراۋان ھاكىمىيەت تەرىپىدىن تۈرمىگە تاشلانماقتا، شۇنى* بىلەن ئۇيغۇرلارنى* خىتايدىكى مەۋجۇت قانۇنغا تايىنىپ ئۆزىنى قوغدىيالمايدىغانلىقى ئاساسەن ئايدى*لاشماقتا؛ "سى*گەن ناننى يېيىش" ياكى مىللەتنى ھازىرقى ھالىتىدە ساقلاپ قېلىشنى تەكىتلەپ، سۈكۈت تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغۇچىلار سۈكۈتنى* زالىملار ئۈچۈن قىرغىنچىلىقنى تېخىمۇ تېز يۈرگۈزۈشكە مۇھىت يارىتىپ بېرىشتىن باشقا نەرسە بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتمەكتە. خۇلاسە شۇ بولدىكى، ئۇيغۇرلارنى* ئازادلىق كۈرىشىدە نوقۇل بىرلا يولنى تاللىغاندا نەتىجە قولغا كەلمەيدىغانلىقى كۆپ قىسىم كىشىلەرگە ئايان بولدى. بۇ قېتىمقى ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى ئاشۇنداق ئاقىۋەتنى تونۇپ يەتمىگەنلەرگە بۇ نۇقتىنى ھېس قىلدۇردى.
1997- يىلى دې* شياۋپى*نى* ماتەم كۈنىنى ھەقىقىي ماتەمگە ئايلاندۇرغان ئەزىمەتلىرىمىز ئۈرۈمچىدە ئاپتوبۇس پارتلاتقاندا ئاشۇ ئاپتوبۇسلاردىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارمۇ شۇ قاتاردا جانلىرىدىن ئايرىلدى ياكى مېيىپ بولدى. شۇنى* بىلەن خېلى ئوبدان مائارىپ تەربىيىسى ئالغان بىر قىسىم زىيالىيلىرىمىز چېغىدا ئۆزلىرىنى* خاس مۇھاكىمىلىرىدە ئاشۇ ئاپتوبۇسلاردىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى* ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى مىسال قىلىپ تۇرۇپ ئاشۇ ھەرىكەتنى قوزغىغانلارنى ئەيىبلىدى. بۇنى* بىر ئىنقىلاب ئىكەنلىكىنى، ئىنقىلاب بولغاندا ئۇيغۇرلارنى ئايرىم بىر جايغا مۆكتۈرۈپ قويۇپ تۇرۇپ ئىنقىلاب قىلىشنى* مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، قولنى كەسمىگۈچە قان چىقمايدىغانلىقىنى، جاندىن كەچمىگۈچە جانانغا يەتكىلى بولمايدىغانلىقىنى نېمىشقىدۇر ئۇلار يادىغا كەلتۈرمىدى. كۆپچىلىك بىلىدىغان ماۋ زېدو* بىلەن جيا* جېشىنى* 28 يىل داۋاملاشقان ھاكىمىيەت تالىشىش كۈرىشىدە نەچچە ئون مىليون خىتاي پۇقراسىنى* ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى ئاشۇ ئىككى دىكتاتور بىلمەسمۇ؟ شۇنى ئالدىن بىلىپ تۇرۇپ ئۇلار يەنە شۇنچە ئۇزۇن ئېلىشتى. بىزنى* ھازىرقى كۈرىشىمىز ماۋ زېدو* پادىشاھ بولۇشنى* ھۇزۇرىنى كۆرۈپ بېقىش غەرىزىدە مەۋجۇت ھاكىمىيەتكە قارشى ئاتلانغاندەك بىر شەخسنى* ھالاۋىتى ئۈچۈن بولىدىغان ئىنقىلاب ئەمەس. ئەكسىچە بىزنى* كۈرىشىمىز بىزگە ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن بېرىلگەن، ئەمما بىز قولدىن بېرىپ قويغان زېمىنىمىزنى، ھەق- ھوقۇقلىرىمىزنى قايتۇرۇۋېلىش يولىدىكى شەرەپلىك ئىنقىلابتۇر. بىز سۈكۈت ئىچىدە ئۈمىتنى بالىلىرىمىزغا يۈكلىسەك، بالىلىرىمىز ئۇنى ئۆزلىرىنى* بالىلىرىدىن كۈتسە ئۇ چاغدا نەۋرە- چەۋرىلىرىمىز بۇ ئۈمىتنى يەتكۈزگىدەك ئۇيغۇر پەرزەنتىنى ئىزدەپ تېپىپ بولالماسلىقى مۇمكىن. ئىنقىلاب ئۈچۈن قۇربان بېرەلمىسەك ھىتلېرنى* جازا لاگېرىدا ئۆلۈمنى كۈتۈپ تۇرغان يەھۇدىيلارنى* مىليونلاپ قىرىلىپ كەتكىنىدەك تەقدىردىن قېچىپ قۇتۇلالمايدىغانلىقىمىز ئەمدى ھېچكىمگە سىر ئەمەس.
زۇلۇم ئىنسان بالىسىنى* تاقىتى يەتمىگۈدەك دەرىجىگە بارغاندا خەلقىمىز بۇنى*غا قارشى ئادالەت تەلەپ قىلسا "تېررورچى" بولۇپ قالدى. ئۇنداقتا "تېررورلۇق" دېگەن نېمە؟ ھازىرقى دۇنيادا بۇنى* شەرھىسى شۇ بولدىكى، كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى بوزەك ئەتسە بۇ تېنچلىقنى قوغدىغانلىق بولىدۇ؛ ئاجىزلار ئۆزىنى قوغدىسا ياكى قارشىلىق كۆرسەتسە تېررورلۇق بولىدۇ. ئۇيغۇرلار تېخى تېررورلۇق قىلغۇدەك دەرىجىدە ئومۇميۈزلۈك ھالدا زوراۋان ھاكىمىيەتكە قارشى چىققىنى يوق. بارچە تېرورلۇقنى خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى قىلىۋاتىدۇ. ئەمما يەنىلا يېمىگەن مانتىنى* پۇلىنى تۆلىگەندەك ئۇيغۇرلار "تېررورچى" دەپ ئاتىلىۋەردى. چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى* ئۆزلىرىنى* ئاشۇ "تېررورچى" لارغا باغلىنىشلىق ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاش ئۇرۇنۇشلىرىنى بىر قىسىم كىشىلىرىمىز ئەيىبلىدى. بۇ تەشكىلاتلىرىمىزنى* شۇنداق قىلمىسا بولمايدىغانلىقىنى، ئۇلار تۇرۇۋاتقان خەلقئارا شارائىتنى* ئۇلاردىن شۇنى كۈتىدىغانلىقىنى بىز ئانچە ھېسابقا ئېلىپ كەتمىدۇق. بۇ تەشكىلاتلارنى* ئاساسلىق مەجبۇرىيىتىنى* دۇنياغا ئۇيغۇرلارنى* ئەھۋالىنى ئا*لىتىش ئىكەنلىكىنى، ۋەتەننى ئازاد قىلىدىغان ئاساسلىق كۈچنى* يەنىلا ۋەتەندىكى خەلقىمىز ئىكەنلىكىنى، چەتئەلدە ئۇيغۇرلارنى* بايراقدارى بولۇپ تونۇلۇۋاتقان كىشىلەرنى* دىپلوماتىيە ساھەسىدىكى خاس ماھارەتلەر بويىچە ( ياكى بولمىسا ئاتىلار سۆزى بولغان "يەكچەشمىنى* شەھىرىگە بارسا* بىر كۆزۈ*نى قىسىۋال" دېگەن تەمسىلدە ئېيتىلغاندەك) "تىنچلىق" شوئارىنى كۆتۈرۈپ يۈرۈۋاتقانلىقىنى، دېپلوماتىيەدە ھېچقاچان "ئېيتقان سۆزىگە ئەمەل قىلىش" ياكى "مىكروفون ئالدىدا سۆزلىگىنىنى چوقۇم كەلگۈسىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇش" دېگەن ماددىنى* مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى، بۇ ئەھۋالنى* ئۇيغۇر بايراقدارلىرى ئۈچۈنمۇ ئوخشاش ئىكەنلىكىنى يادىمىزغا ئالمىدۇق. يەنە بەزىلەر داھىنى* قانداق بولۇشى كېرەكلىكى ھەققىدە بىر قاتار شەرتلەرنى تىزىپ چىقىشقىمۇ ئۈلگۈردى. ئۇيغۇرلارنى* ئىنقىلابى تېخى رەسمىي باشلانمىغان تۇرسا بىز قايسى داھىنى باھالىغۇدەكمىز؟ داھىنى بىرنەچچە كىشى ئەمەس، تارىخ بەلگىلەيدۇ، ئىنقىلابنى* ئۆزى داھىنى تاللاپ چىقىدۇ. شۇ*ا بۇنى*غا ھازىرچە باش قاتۇرۇش ۋاقىت ئىسراپ قىلغانلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
ئۇيغۇرلارغا ھازىر ئە* زۆرۈر بولۇۋاتقىنى چەتئەل مەتبۇئاتلىرىغا ئۇيغۇرلارنى* رادىكال مۇسۇلمان ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرۈش، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنى* تېررورچى ئەمەسلىكنى ئىسپاتلاش ئەمەس. ئەكسىچە، چەتئەل ھۆكۈمەتلىرىنى* ئۇيغۇرلارنى قانداق باھالىشىدىن بىپەرۋا ھالدا ئۇيغۇرلارنى ساقلاپ قېلىش مەسىلىسىدۇر. چۈنكى ئۇيغۇرلارنى* مەۋجۇتلۇقى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى* مەۋجۇتلۇقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئۇنداقتا ئۇيغۇرلارنى قانداق ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ؟ بۇنى* ھازىرچە بىزگە ئە* ئۈنۈم بېرىدىغان ئۇسۇلى مىللەتنى ساقلاپ قېلىش ئىدىيىسى بىلەن "ئادەم بومبا" ھەرىكىتىنى زىچ بىرلەشتۈرۈش بولسا كېرەك. "ئادەم بومبا" (ھازىر مەتبۇئاتلاردا مۇشۇنداق ئاتاش سەل ئومۇملاشقاندەك قىلىدۇ. تىل نۇقتىسىدىن بۇنى بەك توغرا تەرجىمە دەپ كەتكىلى بولمىسىمۇ ھازىرچە يەنىلا مۇشۇنداق ئاتاشنى مۇۋاپىق كۆردۈم) ھەرىكىتى – كۆپىنچە يەككە شەكىلدىكى پارتىزانلىق ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇنى*دا بەدىنىگە بومبا تې*ىۋالغۇچى دۈشمەننى* ئارىسىغا كىرىپ بومبىنى پارتلىتىدۇ. بىز بۇنى* ئۇقۇم دائىرىسىنى سەل كې*ەيتىپ "سان جەھەتتە بەك كۆپ بولمىغان كىشىلەرنى* تەشكىللىك ۋە پىلانلىق ھالدىكى يوشۇرۇن ھۇجۇم شەكلى" دەپ چۈشەنسەكمۇ خاتا بولماس دەپ ئويلايمەن. ئۈرۈمچى قىرغىنىچىلىقىدا ئەزىز جانلىرىنى سېلىپ بەرگەن شىر يۈرەك ئەزىمەتلىرىمىزنى* ئېچىنىشلىق تەقدىرى بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، شەرقىي تۈركىستان زېمىنىدا ھەرقانداق شەكىلدىكى كوللېكتىپ ئېلىپ بېرىلغان "تىنچلىق ۋە دېموكراتىيە" كۈرىشىنى* زىيىنى پايدىسىدىن نەچچە ھەسسە، ھەتتا نەچچە ئون ھەسسە ئېغىر بولىدۇ. بۇنى*دا بىز تۇرماق، ئاشۇ جان بەرگەن قېرىنداشلىرىمىزنى* روھى سۆيۈنگىدەك نەتىجىمۇ قولغا كەلمەيدۇ، بىزگە قالىدىغىنى يۈرىكىمىزنى لەختە- لەختە قان قىلىدىغان ئاچچىق ھەسرەت بولىدۇ. كوللېكتىپ يوسۇندىكى قوراللىق كۆتۈرۈلۈشمۇ ئوخشاش ئاقىۋەتكە دۇچار بولىدۇ. نەتىجىمۇ ئانچە پەرقلىق بولمايدۇ. يېقىنقى ئون-يىگىرمە يىل ئىچىدە ۋەتىنىمىزدە يۈز بەرگەن بىرنەچچە قېتىملىق مەشھۇر قوراللىق قوزغىلا*لار ئاشۇنداق ئاچچىق ھەقىقەتلەر بىلەن نەتىجىلەندى. ھازىرقى خىتايلارنى* ئادەتلەنگەن ئۇسۇلى بويىچە شەرقىي تۈركىستاندا ھاكىمىيەتكە قارشى خاراكتېردىكى قوراللىق قوزغىلا* ياكى تىنچ نامايىشقا بىردەك زور ساندىكى ھەربىي قىسىملارنى يۆتكەپ كېلىپ، قانلىق باستۇرۇش ئارقىلىق جاۋاب بېرىدۇ. ھەرىكەت جەريانىدىكى شوئارنى* قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇنى* خاراكتېرى بىردەك "بۆلگۈنچىلىك" دەپ بېكىتىلىدۇ. ئۇنى* ئاخىرقى نەتىجىسى ھەرىكەتكە قاتناشقانلارنى* ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىشى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. بىزگە قالىدىغىنى يۈزلىگەن ئەزىمەتلىرىمىزنى* بىئەجەل كېتىپ قالغىنىغا بولغان چەكسىز ئۆكۈنۈش ۋە شۇنچە زور قۇربان بەدىلىگە دۈشمەنگە ھېچقانچە زەربە بېرەلمەسلىككە بولغان تې*ىرقاش بولۇپ قالىدۇ. شۇنداق بولغان ئىكەن ھامىنى ھايات قالمىغاندىكىن ھاكىمىيەتكە كوللېكتىپ قارشى چىققاندىن پۇختا تەييارلىق قىلىپ، يەككە ھالدا پارتىزانلىق شەكلىدە زەربە بېرىش ئە* ئاقىلانىلىك بولىدۇ. بىرىنچىدىن بەلگىلىك ساندىكى دۈشمەننى ئۆلتۈرۈش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ؛ ئىككىنچىدىن، خەلق ئاممىسىنى تەربىيىلىگىلى بولىدۇ؛ ئۈچىنچىدىن، ھاياتىدىن ئايرىلىدىغانلار كوللېكتىپ ھەرىكەت قوزغىغاندىكى ئەھۋالغا سېلىشتۇرغاندا زور دەرىجىدە ئاز بولىدۇ، دۈشمەننى* ئوق ئاتىدىغان نىشانى قانچە كىچىك بولسا شۇنچە ئاز كىشىلەر شېھىد بولىدۇ؛ تۆتىنچىدىن، بۇنى* خەلقئارانى* دىققىتىنى تارتىشتىكى جەلپكارلىقى كوللېكتىپ نامايىش ياكى قوراللىق كۆتۈرۈلۈشتىن كەم بولمايدۇ. دەرۋەقە، بۇ ئىشنى ئامېرىكىدا، ياۋروپادا ياشاۋاتقانلار ۋەتەنگە قايتىپ قىلمايدۇ، يەنە كېلىپ بۇنداق قىلالايدىغانلار مېنى*چە ئانچە كۆپ بولمىسا كېرەك. ۋەتەندىكى خەلقىمىز ھازىر مۇشۇ خىلدىكى كۈرەش شەكلىنى قوللىنىشنى* زۆرۈرلۈكىنى ئاللىقاچان تونۇپ يەتتى. ئۇلارنى* كۈرەش نەتىجىلىرى پات ئارىدا ۋۇجۇدقا كېلىدۇ، ئىنشائاللا. بۇ يەردىكى مۇھىم مەسىلە ئاشۇنداق جىھادلار بارلىققا كەلگەندە كە* ئۇيغۇر خەلقىنى* مۇشۇ كۈرەش شەكلىنى قانداق چۈشىنىشى، شۇنداقلا ئۇنى قوبۇل قىلىش ياكى رەت قىلىش مەسىلىسىدۇر. چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى شۇ ۋاقىتتا مۇخبىرلارنى* بۇ ھەقتە سورىغان سوئاللىرىغا قىلچە ئىككىلەنمەستىن دىپلوماتىيىدىكى ئومۇملاشقان ئادەت بويىچە "بىز ھەرقانداق شەكىلدىكى زوراۋانلىق ھەرىكىتىگە قارشى تۇرىمىز. ئۇلارنى* قىلغىنى خەلقنى* زۇلۇمغا تاقىتى قالمىغانلىقتىن كېلىپ چىققان قارشىلىق" دەپ جاۋاب بەرسە بولۇۋېرىدۇ. ئازادلىق كۈرىشىمىزدە چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى* تىنچلىق نامىدىكى بۇ خىل جامائەت پىكرى توپلاش خىزمىتى كەم بولسا بولمايدىغان بىر تۈرلۈك مۇھىم ھالقا ھېسابلىنىدۇ، ئەلۋەتتە.
بەلكىم نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىز "ۋەتەننى ئازاد قىلىدىغان ئاساسلىق كۈچ يەنىلا ۋەتەندىكى قېرىنداشلار" دېگەن سۆزۈمگە قارىتا گۇمانىي قاراشتا بولۇشى مۇمكىن. شۇنى* بىلەن بىرگە "ۋۇجۇدى ئاشۇ دەرىجىدە يانچىۋېتىلگەن، قولىدا كەتمەندىن باشقا ھېچنەرسىسى بولمىغان، زۇلۇمدىن مۈكچەيگەن گەۋدىسىدىن ئاچچىق ھەسرەت تۆكۈلۈپ تۇرغان خەلقىمىز مۇشۇ مىليونلاپ زامانىۋى قوشۇنغا ئىگە خىتاي دۆلىتىدىن ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننى قانداق قۇتۇلدۇرار" دېگەن شۈبھە كۆپ قىسىم كىشىلىرىمىزنى* كاللىسىغا كېلىدۇ. ئۇلار ھازىر قۇتۇلدۇرمايدۇ، ۋاقتى كەلگەندە قۇتۇلدۇرىدۇ. ئەگەر ئۇيغۇرلار غايىب بولسا ئۇ ھالدا ھېچكىم ئۇيغۇرنى قۇتۇلدۇرمايدۇ. شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلارنى* قارا قولىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئە* ئالدى بىلەن شۇ كۈرەشنى زىممىسىگە ئالالايدىغان شەرقىي تۈركىستاننى* ھەقىقىي ئىگىسى بولمىش شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىشى كېرەك. بۇ مىللەت ساقلىنىپ قېلىش بىلەن بىرگە بىزنى* كۈرىشىمىز ئاز بەدەل بىلەن زور نەتىجە قولغا كېلىدىغان پارتىزانلىق ئۇرۇش شەكلىدە داۋام قىلىشى كېرەك. مىللەت ساقلاپ قېلىنمىسا دۈشمەنگە قارشى كۈرەش قىلىدىغان كۈچ غايىب بولىدۇ. ئۇنداقتا دۈشمەننى يوقىتىدىغان كۈچ ياكى ياردەم بىزگە قەيەردىن كېلىدۇ؟
خىتايتىن ئىبارەت بۇ كۈچلۈك دۈشمەننى تار-مار قىلىدىغان رەقىب ئامېرىكا ياكى ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەمەس، دەل ئاشۇ خىتاي ھاكىمىيىتىنى* تۈپ خاراكتىئېرى بەلگىلىگەن، شۇ خاراكتېرنى* قانۇنىيىتى بويىچە كۈنسېرى ئۆسۈپ زورىيىۋاتقان خىتاينى* ئۆزىدىكى مەنفىي تەرەپتۇر. خىتاي دۆلىتىنى* ھازىرقى ئىقتىساد گۈللىنىشكە يۈزلەنگەن ئىجتىمائىي مۇھىتى بىلەن مۇشۇ مۇھىتنى* ئىچىدە كۈنسېرى ئۆسۈپ زورىيىۋاتقان مۇستەبىتلىك ھاكىممۇتلەقلىقى مە*گۈ سىغىشماس ئىككى تەرەپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇلارنى زورلۇق كۈچى بىلەن ۋاقىتلىق بىر يەرگە ئېلىپ كەلگىلى بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ئۇزاق مۇددەت بىر يەرگە توختىتىش مۇمكىن ئەمەس. بۇ خۇددى سۇ تولدۇرۇلغان چۆگۈن ئوتنى* ئۈستىدە كۆيۈپ كەتمەي تۇرۇۋەرگەن بىلەن سۇ پارغا ئايلىنىپ تۈگىگەندە چۆگۈننى* يۇقىرى ھارارەتكە بەرداشلىق بېرەلمەي كىيسىيىپ قالغىنىدەكلا بىر ئىش. خىتاينى* قەدىمكى دانىشمەنلىرى "ئۆزىنى ۋە ئۆزگىنى تە* چۈشەنگەن ئادەم ھېچقانداق جە*دە يې*ىلمەيدۇ" دەپ توغرا ئېيتقان. خىتاي ھاكىمىيىتى دۇنياغا كەلگەندىن تارتىپلا ئايرىم شەخسلەرنى* خۇسۇسىي مەنپەئەتىنى قوغداش ماشىنىسى سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ كەلدى. بۇ ھالەت كومپارتىيە ھاكىمىيەتنى ئۇزېل- كېسىل قولغا ئالغان 1949- يىلىدىن باشلاپ مەۋجۇت بولغان ئەمەس. خىتاينى* ئۆزلىرى جاكالىۋالغان ئاتالمىش بەش مى* يىللىق تارىخى مۇشۇ قانۇنىيەت بويىچە داۋام قىلىپ كەلدى. كومپارتىيە پەقەت ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلگەن كونا ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنى يې*ىچە نام بىلەن ئوتتۇرىغا چىقاردى، خالاس. بىر دۆلەت ئاپپاراتى پۈتۈن نوپۇسنى* يۈزدىن بىرىگە يەتمەيدىغان ئادەملەرنى* باشقىلارنى ئېزىش ئاساسىدىكى مەنپەئەتىنى قوغدايدىغان ماشىنا سۈپىتىدە ۋۇجۇدقا كەلگەن ئىكەن، ئۇنى* پەيدا بولغان كۈنىدىن تارتىپ ئىچكى قىسمىدىكى مەنپەئەت زىددىيىتى ئۆتكۈرلىشىپ بارىدۇ. مۇشۇ زىددىيەت ئاخىرقى ھېسابتا تەرەپلەرنى* مەزھەپكە ئايرىلىپ دۆلەتنى* گۇمران بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنى توسۇپ قېلىش بولسا ھېچقانداق شەخسنى* قولىدىن كەلمەيدۇ. خىتاينى* تارىخى باشتىن- ئاياق مۇشۇ قانۇنىيەت بويىچە داۋام قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. تارىخنى* بىر زور ئالاھىدىلىكى شۇكى، قانۇنىيەت تەكرار ۋە تەكرار داۋام قىلىدۇ. ئۇنى*دىكى پۇرسەتنى تۇتالىغانلار غالىپلار سۈپىتىدە تەختكە چىقىدۇ. دېمەك، خىتاي دۆلىتىنى* نەچچە مى* يىللاپ داۋام قىلغان تۈپلۈك قانۇنىيىتى يەنە ئوخشاش نەتىجىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ .بۇنى* كۆپلىگەن دەسلەپكى بىخلىرى ئاللىقاچان كۆكلەپ مېۋە بېرىش ئالدىدا تۇرىدۇ (خىتاي دۆلىتىنى قۇرۇشتا ئاساس بولغان "سوتسىيالىزم ۋە كومۇنىزىم" بايرىقى ھازىر يې*ىۋاشتىن باش كۆتۈرۈۋاتقان "مىللەتچىلىك" بايرىقىغا ئورۇن بوشاتتى، خىتايلارنى* يۇقىرى قاتلامدىكىلىرى ئەينى ۋاقىتتىكى خىتاي مەن-مەنچىلىرى "بىز دېگەن جاھان مەدەنىيىتىنى* مەركىزى، پۈتۈن دۇنيانى* مەركىزى خىتايدۇر" دەپ مەيلى ياۋروپا بولسۇن مەيلى ئامېرىكا بولسۇن ھېچكىمنى ياراتماي قۇدۇق ئىچىدىكى پاقىغا ئايلىنىپ قېلىپ ھەممە يەردە پەشۋا يېگەندەك [ بۇنى* ئاددىي مىساللىرى تەرىقىسىدە خو*كو* ۋە ماكاۋ شەھەرلىرىنى* نەچچە مى* كىلومېتىر نېرىدىن كەلگەن نەدىكى بىر كىچىك دۆلەتلەر تەرىپىدىن ئىگىلىۋېلىنىشىنى كۆرسىتىش مۇمكىن] ھەممە يەردە ئۆزلىرىنى قالتىس چاغلاپ تېرىسىگە پاتماي قېلىشلار ئومۇميۈزلۈك ھادىسىگە ئايلاندى؛ دۆلەتتىن ئىبارەت بۇ "كېمە" نى لەيلىتىدىغان ۋە سۇغا غەرق قىلالايدىغان كە* خەلق ئاممىسى پەقەت ھەربىي رېجىم سەۋەبىدىنلا ھاكىمىيەتكە قارشى چىقالمايۋاتىدۇ؛ دۆلەتنى* ھالاكەتكە يۈز تۇتقانلىقىنى كۆرىسىتىدىغان ھەرقانداق خەۋەر قاتتىق تەقىب قىلىنىۋاتىدۇ ). ئەپسۇسكى، پۈتۈن دۇنياغا ئورتاق بولغان تارىختىكى تەكرارلىق ھادىسىسى بىزنى* بېشىمىزغا كەلگەندە بىز ئۇيغۇرلارنى* ئۇنى*غا ئىگىدارچىلىق قىلالماي قېلىشىمىزدىن ئاللاھ تائالا ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن. تۆمۈر خەلىپە 1911-يىلى مەنسەپكە ئولتۇرۇش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە چاقىرتىلىپ كاللىسى ئېلىنغاننى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن خوجانىياز ھاجىنى* ئوخشاش تەكلىپنى قوبۇل قىلىشى ۋە ئوخشاش نەتىجىنى* يۈز بېرىشى، مۇشۇ ئىشلاردىن خەۋىرى بار ئەخمەتجان قاسىمىي قاتارلىق ئىنقىلابچىلارنى* ئوخشاش شەكىلدە ھاياتىدىن ئايرىلىشى تارىختىكى تەكرارلىقتىن ساقلىنىشنى* ئېيتماق ئاسان، قىلماق قىيىن ئىش ئىكەنلىكىنى يادىمىزغا سالىدۇ. 1946- يىلىدىكى "11بېتىم" ("11 ماددىلىق كېلىشىم") ئەنە شۇ خىلدىكى ھادىسە ئىدى. ئەينى شۇ كېلىشىم 1955- يىلى "ئاپتونوم رايون" نامىدا قايتىدىن ئوتتۇرىغا چىقىپ ئۇيغۇرلارنى* پۇت- قولىنى پۈتۈنلەي چۈشەپ تاشلىدى. بىز بۇنى* دەردىنى ھازىرغىچە تارتىپ كېلىۋاتىمىز.
خىتاي دۆلىتى ئۆزىنى ئۆزى ۋەيران قىلىدىغان ئەنە شۇ ۋاقىت (بۇنى* قانچىلىك ۋاقىت ئىكەنلىكىنى ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم بىلمەس. ئەمما ئۇنى* ئۇزاق ئەمەسلىكى ئەقىل كۆزى بىلەن خىتاينى چۈشىنىپ بېقىشقا تىرىشقانلارغا ئانچە زورۇقۇشسىزلا ئايان بولىدۇ) يېتىپ كەلگۈچە شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئانا ۋەتەندە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى كېرەك . خەلقنى* مەۋجۇت بولۇشى بىز ئۈچۈن قانچە زۆرۈر بولسا خەلقنى* تەربىيىلىنشىمۇ شۇنچە مۇھىم. كۈرەش توختاپ قالمىغاندىلا ئاندىن خەلقنى تەربىيىلىگىلى بولىدۇ، تېخىمۇ ئەمىلى تەربىيىلىگىلى بولىدۇ. كۆزلىگەن نەتىجە قولغا كەلمەيدىغان كوللېكتىپ كۆتۈرۈلۈش ئارقىلىق دۈشمەننى* ئوقىغا توپ- توپ ھالدا قارا (نىشان) بولۇش مىللەتنى* تايانچ كۈچلىرىنى ئورۇنسىز نابۇت قىلىۋېتىدىغان بىھۇدە قۇربان بېرىشتۇر. تېخىمۇ ئوچۇقراقىنى دېگەندە بۇ ياۋۇز دۈشمەنلەرنى* قىلتىقىغا دەسسەشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئۇلار ھازىر دەل مۇشۇنداق كۆتۈرۈلۈشنى* كۆپرەك بولۇشىنى ئۈمىد قىلماقتا. خىتاي لەشكەرلىرى شۇنچە ئىلغار قوراللىنىۋالغانلىقى، سان جەھەتتە شۇنچە كۆپ بولغانلىقى، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە مۇستەبىت دۆلەت ھاكىمىيىتىنى* مۇتلەق قوللىشىغا ئىگە بولغانلىقىغا قارىماي قولىدا پىچاقتىن باشقا ھېچنەرسە يوق قارشىلىق كۆرسەتكۈچى ئەزىمەتلىرىمىزگە گويا تاشقى پىلانېتتىن كېلىپ قالغان ئوق ئۆتمەس ئادەملەر بىلەن جە* قىلىۋاتقاندەك قورقۇنچقا تويۇنغان ھالەتتە مۇئامىلە قىلماقتا. بۇ قانداقتۇر ئېھتىيات قىلىش ھادىسىسى ئەمەس، بەلكى دۈشمەننى* ھالى شۇنچىلىك بولغانلىقىنى* نەتىجىسى. قولىدىكى قورال بولمىغىنىدا ئۆزلىرىنى* ئىككى تېپىككە يارىمايدىغانلىقى ئۇلارغا بەش قولدەك ئايان. بۇ خىتايلارنى* ئۆزلىرى ئىشلەپ تارقاتقان "بۆلگۈنچىلەرنى يوقىتىش" نامىدىكى ھۆججەتلىك فىلىملەردە ئەكس ئەتكەن ئورتاق كەيپىيات. ئەنە شۇ سەۋەبتىن دۆلەت كىرىمىنى* كۆپ قىسمىنى سەرپ قىلىش بەدىلىگە سېتىۋالغان زامانىۋى قوراللىرىنى مەشىق قىلىدىغانغا جاي تاپالماي تۇرغان دۈشمەن ھاكىمىيەت باتۇرلىرىمىزنى* ئاشۇنداق توپ – توپ ھالدا ئوق يېمى بولۇپ كۆزى ئوچۇق كېتىشىنى بەكلا ئارزۇ قىلىدۇ. شۇ*ا بۇنداق ئونلاپ، يۈزلەپ نەتىجىسىز قۇربان بېرىشتىن يەككە ھالدىكى "ئادەم بومبا" ھەرىكىتى ئارقىلىق ئورۇنلۇق قۇربان بېرىش مى* ھەسسە ئەۋزەل.
كەلگۈسىدىكى كۈرەش ئۈچۈن مىللەت بولمىسا بولمايدۇ. ئەنە شۇ خەلق بىزنى* ئە* قۇدرەتلىك قورالىمىزدۇر، چۈنكى زۇلۇمدىن قەددى يادەك ئېگىلگەن ئاشۇ خەلق، ئۇلارنى* ھۆرلۈككە، ئازادلىققا بولغان دې*ىزدىن چو*قۇر تەشنالىقى مىليونلىغان تانكا- بروۋنىكلار بىلەنمۇ يەنچىپ تاشلىغىلى بولمايدىغان ئە* كۈچلۈك قورالدۇر. بۇ قورالنى ھازىرقىدەك دەۋر شارائىتى پىشىپ يېتىلمىگەن ۋاقىتتا ئاشكارا كۆتۈرۈپ چىقىش پەقەت قورالىمىزنى ئاجىزلىتىشلا بولۇپ قالىدۇ. ھەتتا ھازىرقى كۆپ قىسىم كىشىلىرىمىز چېغىدا شۈبھە بىلەن قاراۋاتقان ئەنە شۇ قورال ئۆز ۋاقتىدا دەۋر شارائىتى پىشىپ يېتىلگەندە جۇمھۇرىيىتىمىزنى ئۇدا ئىككى قېتىم دۇنياغا كېلىش بەختىگە مۇيەسسەر قىلالىغان. دۈشمەنلەر "بوغۇزلىساقمۇ تىپىرلىمايدۇ" دەپ مەسخىرە قىلغان ئاشۇ ياۋاش خەلق ئۆز ۋاقتىدا دۈشمەنلەرنى تىپىرلىتىپ "چاشقان تۆشۈكى ساراي كۆرۈنگەن" ھالدا بەدەر قېچىشقا مەجبۇر قىلالىغان. ئىنشائاللا كەلگۈسىدە ھەم شۇنداق قىلغۇسى. ئاللاھ تائالاغا يۈز مى* قەترە شۈكرانىلار بولسۇنكى، ئازادلىق كۈرىشىمىزنى ئىككى تاغ سۈپىتىدە بېسىپ تۇرغان كۈچلەرنى* بىرى بولمىش سوۋېتلار ئىمپېرىيىسى بىر تەرىپىمىزدىن غايىب بولدى. ئەمدى خىتاي بىلەن ساختا دوستلۇق مۇناسىۋەتلىرى ئورنىتىپ توپىلا*دىن توغاچ ئوغرىلاۋاتقان غەربىي تۈركىستاندىكى يې*ىدىن مۇستەقىل بولغان دۆلەتلەر سوۋېت دۆلىتىنى* تارىخىمىزدا ئويناپ كەلگەن ئاغدۇرمىچىلىق رولىنى داۋاملىق ئوينىمايدۇ. خىتاي بىلەن ئۆزلىرىنى* ئارىلىقىدا بىر مۇداپىئە توسۇقىنى* بولۇشىنى نەقەدەر ئارزۇ قىلىدىغان ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى، بولۇپمۇ خىتاينى* تەھدىتى نەتىجىسىدە پايتەختنى ئالمۇتادىن ئاستانىگە يۆتكىگەن قازاقىستانغا ئوخشاشلار خىتاينى* ئىچكى جا*جالى باشلانغاندا خىتاي بىلەن بولىدىغان ساختا دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى چۆرۈپ تاشلاپ، ئۇيغۇرلارنى* ئۇلار ئۈچۈن كەلگۈسىدە داۋاملىق خىتاي بىلەن ئۆزلىرى ئوتتۇرىسىدىكى قالقان رولىنى ئوينىشى ئۈچۈن ئۇيغۇرلارغا "قېرىنداشلىق" نامىدا ياردەملەرنى قىلىشى مۇمكىن (دەرۋەقە، بۇنداق ياردەملەر ھېچقاچان بىكارغا بولغان ئەمەس. ئەينى ۋاقىتتا "سەكسەن قويغا بىر مىلتىق" بولغان بولسا، ئەمدىلىكتە "80 كالىغا بىر مىلتىق" بولۇشى ئېھتىمالدىن يىراق ئەمەس). بۇلار ئەلۋەتە ھازىر باش قاتۇرۇشنى* لازىمى يوق بولغان كېيىنكى ئىشلاردۇر.
سۆز مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، بەزىلەر "خىتايلارنى* ھازىرقى سۈرئەتتە داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى تۈپەيلىدىن سەن ئېيتقان ئۇ ۋاقىتقا بارغىچە ئۇيغۇرلار ئامېرىكىدىكى ئىندىيانلاردەك يوقاپ كەتمەسمۇ" دەپ سورىشى مۇمكىن. ئۇيغۇرلار ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ يوقاپ كەتمەيدۇ، ئەمما ئۇنى* سۈكۈت ئىچىدىكى قارشىلىقسىز ھالەتتە قىرغىن قىلىنىپ يوقاپ كېتىش خەۋپى مەۋجۇت. ئۇيغۇرلار ھېلىھەم ئۆز دىنى، ئۆز تىل- يېزىقى، ئۆزىگە خاس مەدەنىيەت چەمبىرىكى بار خەلق سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا. نورمال مۆلچەر بويىچە بولغاندا، خىتايلار ھازىرقى سۈرئەتتە ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى يۈرگۈزسە ئۇيغۇرلارنى* خىتاي تەۋەسىدىكى مانجۇلارغا ئوخشاش يوقاپ كېتىشىگە ئىككى يۈز يىللار ياكى ئۇنى*دىنمۇ ئۇزۇنراق ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن. خەلقىمىزنى* كۆپ قىسمى يەنىلا دېھقان، يەنە كېلىپ ئۇلارنى* ھازىرقى ۋە كەلگۈسىدىكى خىتاي مائارىپى بىلەن ئۇچرىشىش ئىمكانىيىتى تېزدىن ئۆز تىلىنى ئۇنتۇش دەرىجىسىدە ئەمەس. مەسىلىنى* نېگىزى شۇ يەردىكى، خىتاي پادىشاھى خۇ جىنتاۋمۇ كومپارتىيە ھاكىمىيىتىنى* يەنە يۈز يىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدۇ. ئەجدادلىرىمىزدىن قالغان ھېكمەتلەرنى* خاتاسى يوق. ئەنە شۇلارنى* بىرى "ئۈمىدسىزلىك – شەيتاننى* ئىشى".
مەۋجۇتلۇقى زۆرۈر بولغان ئەي رەببىم! ئازادلىق ئىشلىرىمىزغا ئۆزۈ* ئاسانچىلىق ئاتا قىلغايسەن، ھەممىمىزنى بۇ يولدا مۇستەھكەم قىلغايسەن. ئامىن!
)ئەسكەرتىش: ئەسەردىكى كۆزقاراش ئاپتورغا خاس بولۇپ، ھېچقانداق بىر تەشكىلاتقا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. مەزكۇر ماقالە خەلق مەنپەئەتى ھەققىدىكى قايغۇ ئاساسىدا يېزىلغان بولغاچقا پۈتۈن نەشر ھەققى خەلققە مەنسۇپ. ھەرقانداق شەخس ياكى ئورگاننى* خەلق مەنئەپەئەتى ئۈچۈن ھەقسىز ئىشلىتىشى قارشى ئېلىنىدۇ)