PDA

View Full Version : 6.26 qanliq kiche kimni oygha salmaidu ILHAM TOHTI



jahangir
03-07-09, 14:39
-ئاينى*26-كۈنى يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقە YOUTUBE ئارقىلىق نەق مەيداندا يۈز بەرگەن ۋەقەنى* ماھىيىتىنى بىزگە ئاشكارىلىدى.مەن بۇ ۋەقەنى "ئۇيغۇرلار بىلەن خەنزۇلار ئوتتۇرۇسىدىكى سۈركىلىش"دېيىشكە قىلچە تىلىم بارمىدى،مەن بۇ ۋەقەنى1949-يىلىدىن بېرى جۇ*گودا يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق مىللىي ئۆچمەنلىك خاراكتىرىنى ئالغان ئە* ئېغىر "ئىرقى قاتىللىق"دەپ ئاتاشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.شاۋگۈەنلىكلەر، ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا شاۋگۈەنلىك بىر قىسىم خەنزۇلار ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن جىنايەت ئۆتكۈزدى. 9Cpr E1O<
}<|m.M%x
[youtube http://www.youtube.com/watch?v=iaBoFdFC9EI&feature=related s]'1aF7
دىكى بۇ قانلىق ۋەقە مېنى قاتتىق ئازابقا قويدى.كۆرۈنۈشتە يەر ئۇيغۇرلارنى* قېنى بىلەن بويالدى،سانسىزلىغان رادىكال خەنزۇلار ئۇيغۇرلارنى قوغلاپ تۇرۇپ ئۇرۇۋاتىدۇ،ئېغىر تاياقتىن يەرگە يىقىلىپ مىدىرلاش كۈچىمۇ قالمىغان ئۇيغۇرلارمۇ ۋەھشىيلەرچە كالتەكلىنىۋاتىدۇ،يەنە بەزىلەر كالتەك بىلەن قەبىھ ئۇرۇلغىنىدىن ھۇشۇنى بىلمەي يەردە ياتقان قېرىنداشلىرىمنى "بۇ شىنجا*لىق تېخىچە ئۆلمەپتۇغۇ..."،"ئانا*نى سى***!بۇ تەرەپتە ئادەم كۆپ تېخىمۇ قاتتىق ئۇرۇۋاتىمىز"دەۋاتقانلىقىنىمۇ ئا*لايسىز.ئۇلار ھەتتا ياش ئۇيغۇر قىزىنىمۇ قوغلاپ ئۇردى!ئادەم قېلىپىدىن چىققان بۇ ھايۋانلار،ئۇلار تەرىپىدىن قاتتىق زەخمىلەندۈرۈلۈپ ھۇشسىزلانغان ئادەمنى ئۇرۇشقا قانداق قولى بېرىۋاتقاندۇ؟ !ئۇلار ھەتتا ئۇيغۇرلارنى ئۇرۇپ ئېغىر زەھمىلەندۇرگەنلىگىدىن،ھەت تا ئولتۇرگەنلىگىدىن ھاياجانلىنىپ خۇشال بولۇۋاتىدۇ. x#TLE?)AJA
OMJ!r~/K
http://www.youtube.com/watch?v=dh7zpztz1tA&feature=related بۇ كۆرۈنۈشتە ساقچىلار،زاۋۇت قاراۋۇللىرى ئۇيغۇرلارنى* جەسىتىنى قۇتقۇزۇش ماشىنىسىغا ئېلىۋاتىدۇ......。شاۋگۈەنلىك ەر توردا ھاياجانلىنىپ6-ئاينى*26-كۈنى كەچ سائەت10دىن باشلاپ ئەتىگەن 6-گىچە ئۇيغۇرلارنى ئىزدەپ،قوغلاپ قاتتىق ئۇرغانلىقىنى ....بۇ ئارىلىقتا 20 زوراۋانلىققا قارشى ساقچى ماشىنىسى،30تىن ئارتۇق ساقچى ماشىنىسىنى* كەلگەنلىكى لېكىن ئۇلارنى* قاراپلا تۇرغانلىقىنى ،بۇرۇن بۇنداق جىم تۇرۇدىدىغان ياۋاش ساقچى بار دەپ ئويلاپمۇ باقمىغانلىقىنى يازدى،....ئۇلار يەنە زاۋۇت ياتاق رايونىدىكى 100دىن ئارتۇق تازىلىق ئىشچىسىنى* ئىككىنچى كۈنى 2 سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىت سەرپ قىلىپ يەردىكى قانلارنى ئاران تازىلاپ بولغانلىقى يازدى. P{SSc.X
>_sW^Z
بۇ خىل ۋەقە شىنجا*دا بولغان بولسا قانداق بولغان بولاتتى؟ئەگەر شىنجا*دا تۈمەنگە يېقىن ئۇيغۇرلار بىر نەچچە يۈز خەنزۇنى ئۇرغان بولسا قانداق بولار ئىدى!تۈمەنگە يېقىن ئۇيغۇر ئەمەس ،بىرنەچچە ئونلا ئۇيغۇر يىغىلىپ نامايىش قىلغان بولسا ياكى نارازىلىق پائالىيىتى ئېلىپ بارغان بولسا تولۇق قوراللانغان ھەربىيلەرنى ئىشقا سالغان بولاتتى.يەنە نۇرغۇنلىغان بۇ ۋەقەگە قاتناشقان ھەتتا قاتناشمىغان تۇغقانلار،دوست بۇرادەرلەر تۇتقۇن قىلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان بولاتتى ،يەنە بىر قىسىم ئۇيغۇرلار تېرورىسچى،بۆلگۈنچى،رادىكا ل ئىسلامچى دېگەن قالپاق بىلەن ئېتىلغانمۇ بولاتتى!ئەمەلىيەتتىمۇ شۇ!مېنى* بۇ سۆزلىرىمنى يالغان ،سەن ئويدۇرۇپ تېپىۋاتىسەن،شىنجا*دا ئۇيغۇرلار خەنزۇلارنى ئۇرسا مەلۇم بىر ئادەمنى* يالغان گەپ تارقىتىشى بىلەن بولغان بىر قېتىملىق ئاددىي سۇركۇلۇش دەپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ دېمەكچىمۇ؟ +BHQ`.Wk
ھازىر ۋەقەنى* ھەقىقىي ئەھۋالى تېخى ئېلان قىلىنمىغان بولسىمۇ لېكىن بەزىلەر،بەزى كۈچلەر،بەزى ھاكىمدارلار بۇ پەقەت زاۋۇتتىن ئىشتىن بوشىتىلغان بىرسى زاۋۇتتىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلار خەنزۇ قىزغا باسقۇنچىلىق قىلدى دېگەندەك يالغان گەپنى تارقاتقانلىقتىن بولغان دەپ چۈشەندۈرۈۋاتىدۇ.ئۇيغۇرلار ا مۇناسىۋەتلىك دېلو ياكى ۋەقەنى ئىسپاتسىز بېكىتىش ئۇلار ئۈچۈن شۇنداق قۇلاي،شۇنداق ئاسانمۇ؟ياكى بۇ ئۇيغۇرلارغا چېتىشلىق ھەر قانداق مەسىلىنى بېكىتىشتە ئىچكى جەھەتتىن بېكىتىۋالغان مىزانىمۇ؟ بۇ قېتىمقى ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئۆچمەنلىك،زورلۇق،ئىرقى ھۇجۇم ئەسلى خەنزۇلار نومۇس قىلسا بولىدىغان،ئەيىبلەشكە تېگىشلىك ۋەقەئېنىقكى ئۇيغۇرلار زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى، ھۆكۈمەت ئېلان قىلغان خەۋەرگە قارىغاندا ھازىرغىچە2ئۇيغۇر ئۆلۈپ100گە يېقىن ئۇيغۇر زەخمىلەنگەن.لېكىن تا ھازىرغىچە مەيلى شىنجا*دىن بولسۇن مەيلى شاۋگۈەندىن بولسۇن بىرەر خەنزۇنى* ئۇيغۇرلاردىن ئەپۇ سورىغانلىقىنى ياكى زىيانغا ئۇچرىغۇچى ئۇيغۇرلارنى* ئائىلە تاۋاباتىدىن ئەپۇ سورىغىنىنى كۆرمىدۇق ،ئۇلار نومۇس قىلىشنى بىلمەمدىغاندۇ؟تورلاردا خەنزۇلار ھەتتا ئۇيغۇرلارنى ئۇرۇپ يارىلاندۇرغان ھەتتا ئۆلتۈرگەنلەرنى ئاقلاۋاتىدۇ،خەنزۇ ئىرىقچىللىرىنى* سانى شۇنچە كۆپ ،كۈچى شۇنچە كۈچلۈكمۇ؟بۇ يالغان خەۋەرنى تارقاتقان سانسىزلىغان خەنزۇ تورلىرىنى* ئىچىدە بىرمۇ تور تاقىۋېتىلگىنى ياكى ئوچۇق ئەيىپلەنگىنى يوققۇ؟ياكى يالغان سۆز-چۆچەك تارقاتقان سانسىزلىغان خەنزۇ تورلىرىدىن بىرەسىمۇ بۇ قىلمىشى توغرۇلۇق ئەپۇ ياكى ئويلىنىش ماقالىسى يازغىنى يوققۇ؟ئۇيغۇربىز تورى ئۈچ يىل ئىچىدە ھېچ قانداق سەۋەبسىز 8قېتىم تاقىۋېتىلگەنغۇ؟يەنە تاقىسا* تاقا!خەلق ئۈچۈن سۆزلىمىگەن ،خەلقنى* ئاھۇ-پەريادىغا ،ئاۋازىغا ھەمدەم بولمىغان تورنى* نېمە كېرىگى؟ئىچكىرىگە ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچىنى يۆتكەشنى ئۆزىنى* مۇھىم خىزمەتلىرىنى* بىرى دەپ قاراپ،ئاجايىپ تەشۋىق قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تېخى بۇ ۋەقە توغرىلىق سۆز ئاچقىنى يوق. بۇخىلدىكى ۋەقەلەرنى كۆپتۈرۈپ،جارىلداپ تەشۋىق قىلىشقا ئادەتلەنگەن شىنجا* ئاخبارات ۋاستىللىرى بۇ توغرۇلۇق خەۋەر ياكى ھېچ قانداق چۈشەنچە بەرگىنىمۇ يوق.ئۇلار ئۇيغۇرلارنى* بېشىغا كەلگەن يامانلىق ۋە كۈلپەتلەرنى يوشۇرۇشقا ئادەتلەنگەنلىگىنى يەنە بىر قېتىم خەلق -ئالەم ئالدىدا ئىسپاتلىماقتا. G v~o{YK
nM5)+fb8
ئاتالمىش خەنزۇ كىشىلىك ھوقۇق پائاليەتچىللىرى،كۈندە ئەركىنلىك، دېموكراتىيە دەپ ۋارقىرايدىغان،ماقالە يازىدىغان خەنزۇدىنمۇ بىرى چىقىپ ھەققانى سۆز قىلمىدۇغۇ؟ئۇلارنى* نەزىرىدە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقى كەمسىتىش،مىللىي زوراۋانلىق،مىللىي قىرغىنلىق نورمال ھادىسىمىدۇ؟ياكى ئۇلار ئۇيغۇرلارغا كىشىلىك ھوقۇقنى* كېرىگى يوق،ئۇلار ھوقۇقسىز ھاياتقا ئادەتلەنگەن دەپ قارامدىغاندۇ؟ a5!pXvc
خوپ! ئۇلار بەلكىم ئۆز ھۆكۈمىتىنى* سۆزىگە ئىشەنمىگەنلىكتىن، يالغان سۆزگە ئىشىنىپ رەزىللىك بىلەن بۇ ئىرقى كەمسىتىش،ئىرقى ئۆچمەنلىك،ئىرقى قىرغىنچىلىققا ئۈنسىز سۈكۈتتە تۇرۇۋاتقاندۇ!ئۇلار يەكەندە يۈز بەرگەن خەنزۇ ئوقۇتقۇچىنى* ئۇيغۇر نارەسىدە قىزنى دەپسەندە قىلىش ۋەقەسىدىمۇ سۈكۈتتە تۇردىغۇ؟ھەتتا بۇ ۋەقە توغرىلىق تورلاردا سۆزلىشىشنىمۇ چەكلىگەن ئىدىغۇ؟پەرىزىمچە توردا بۇ ۋەقەگە ئىنكاس يازغان ئۇيغۇر تورداشلارمۇ بەلكىم "ئۇلار تەرىپىدىن"تۇتۇلغاندۇ ياكى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۇلگەندۇ؟ ~mj-&E)
2Ius|WU9
يالغان سۆز چۆچەك تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق ئېنىق بولاتتىغۇ؟ئۇنداقتا داۋاملىق قۇتراتقۇچىلارنى* گېپىگە ئىشەنمە*لار دەيدىغان خەنزۇلار بۇ قېتىم يەنە قانداق يې*ى سۆزلەرنى تېپىپ چىقار؟نەق مەيداندىن ئېلىنغان فىلىمدىن قارىغاندا گەرچە كۆپلىگەن ساقچىلار نەق مەيدانغا يېتىپ كەلسىمۇ ھۆكۈمەتسىز ھالەتتە قېلىۋەرگەن.جو*گونى* ساقچىلىرى پەقەت خەنزۇلارنى*لا بىخەتەرلىگىنى قوغداشقا مەسئۇلمۇ؟شىنجا*دا ئۇيغۇرغا مۇناسىۋەتلىك ئاتالمىش ۋەقەلەرنى* قايسى بىرى بۇ قېتىمقى شاۋگۇەندە يۈز بەرگەن ۋەقەدىن ئېغىر؟لېكىن قايسى بىر ۋەقە ساقچى ياكى" ئە* سۆيۈملۈك كىشىلىرىمىز"دەپ تەرىپلىنىدىغان ئارمىيە تەرەپتىن باستۇرۇلمىغان؟قايسى بىر ۋەقە تېرورىست ھەرىكىتى دەپ بېكىتىلمىگەن. بۇلتۇر خوتەندە ئۇيغۇر ئاياللىرى ئېلىپ بارغان تىنچ يىغىلىشمۇ تېرورسىتچىلار،رادىكال دىنچىلار،بۆلگۇنچىلەر تەرىپىدىن قىلىندى دەپ بىرىنچى كۈنىلا خاراكتىرى بېكىتىلگەنغۇ؟يەنە نەچچە ئونلىغان كىشى ساقچىخانىغا ئېلىپ كېلىنىپ سوراق قىلىندىغۇ؟زىندانغا تاشلانغىنىمۇ بار تېخى!جىنايىتى ئاددىي قۇتراتقۇچى!بۆلگۈنچى!تېرورى سچى!ئۇلار ئانا*غا باسقۇنچىلىق قىلغانمۇ؟ياكى ئۇلار قايسى بىر خەنزۇنى* پېشىگە تىككەتكەن؟شاۋگۇەندىكى ۋەقەنى* خاراكتىرىنى نېمە دەپ بېكىتمەكچى؟ fH-*Awvpoz
بۇ ئىشقا بىرىنچى كۈندىن باشلاپلا مەركەزنى* قول تىققانلىقى ئېنىق بولدى.مەركەز سىياسىي بىيروسىنى* ئەزاسى جويو*كا* ،مەركەز سىياسىي بىيروسىنى* ئەزاسى ،گۇا*دو* ھۆكۈمىتىنى* پارتىيە سېكرتارى ۋا*يا* قاتارلىق ھوقۇقلۇق مەركەز رەھبەرلىرى مۇھىم يوليورۇقلارنى بەردى ۋە تەستىق سالدى.ئېنىقكى مەركەز سىياسىي بىيروسى بۇ ۋەقەدە سەگەكلىك بىلەن مۇئامىلىدە بولۇۋاتىدۇ.كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار مەركەزدىن ئۇمۇت كۈتمەكتە،مەركەزنى* بۇ خىل ۋەقەلەرنى قانداق ئادىل بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى ،قانداق خاراكتىر بېكىتىدىغانلىقىنى كۈتمەكتە.ئەلۋەتتە ،شىنجا*دىكى مىللىي سىياسەتنى* ئىجرا قىلىنىشىدا ئۆزگىرىش بولۇشىنى ،يامان ۋەقەنى* ئويلىنىش،ياخشى بۇرۇلۇش ئېلىپ كېلىشىنى ئۇمۇت قىلماقتا. wr[C04J84
تېخى يېقىندىلا شىنجا* دائىرىلىرى ئۆزلىرى كۆپ پۇل خەجلەپ ئىشلىگەن تېلۋىيە فىلىمىدە ،ئىچكىرىگە بېرىپ ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر قىزلىرىنى* ئىچكىرىدە ناھايىتى غەمخورلۇق ئىچىدە بەخىتلىك ياشۋاتقانلىقىنى ماختىنىپ تەرىپلەپ شىنجا*-2 قانالدا قويغانغۇ؟بۈگۈن بۇ ئۇيغۇر ئەمگەكچى كۈچلىرىنى* ئىچكىرىدىكى بىتەلەي سەرگۇزەشتىللىرىگە نېمە دەپ جاۋاب بەرمەكچى؟بۇ بىتەلەي ئۇيغۇر ئەمگەچىلەر سىلەر تەرىپىدىن تەشكىللىنىپ ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئېلىپ بېرىلغان، سىلەرنى* مەسئۇلىيىتى*لارچۇ؟ بۇ ئەمگەكچىلكەرنى تەشلكىللىگەن شەخسلەردىن قايسى*لار تەشكىللەش ،باشقۇرۇش ،ئىجرا قىلىش مەسسۇلىيىتىنى ئۇستۇ*لەرگە ئېلىپ ئورنۇ*لاردىن چۇشۇسىلەر؟ ئىچكىرىدىن خەنزۇ ئەمگەكچى كۇچلىرىنى مىليونلاپ ش ئۇ ئا ر غائېلىپ كېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇيغۇر ئەمگەكچى كۈچلىرىنى ھەر خىل تەشۋىقات بىلەن ئىچكىرىگە يۆتكەپ كېلىش سىياسىتىنى يەنە داۋاملاشتۇرماقچىمۇ؟ ئۇيغۇر ئەمگەكچى كۈچلىرىنى* ساپاسى تۆۋەن،خەنزۇچە ئۇقمايدۇ شۇ*ا ئۇيغۇرلارنى* ئىشسىزلىق نىسبىتى ئېغىر دېگەندەك سەپسەتىلەر يەنە كىشىنى قايىل قىلالارمۇ؟ياكى ساپاسى تۆۋەن خەنزۇچە بىلمەيدىغان ئۇيغۇرلار تەرەققى قىلغان خەنزۇ رايونلىرىدا ئىشلەشكەمۇۋاپىق،ئۆز ئانا تىلىنىمۇ چېلىپ ياخشى سۆزلىيەلمەيدىغان ساۋاتسىز ،يېرىم ساۋاتسىز گەنسۇلۇق،سىچۇەنلىك، خېنەنلىك خەنزۇلارشىنجا*دا ئىشلەشكە مۇۋاپىق دەپ قارامسىلەر؟چو* خەنزۇچىلىقنى* خەتىرىنى سۇسلاشتۇرۇش،چو* خەنزۇچىلىقنى* ,Tz6AC
مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا چو* خەنزۇچىلىققا يېشىل چىراغ يېقىپ بېرىشنى* خەتىرى مانا مەن دەپ ئىسپاتلاندىغۇ؟ ;in |B==
ئېسى*لارنى يىغىۋېلى*لار! شاۋگۈەنلىك خەنزۇلار ئۆزىنى* ئۇيغۇر ئەمگەكچى كۈچلىرىگە قارىتا ئېلىپ بارغان ئىرقى كەمسىتىش،ئىرقى زوراۋانلىق،ئىرقى قىرغىنلىق ئارقىلىق سىلەرگە جاۋاب بەردى.يەنە شۇ خاتا سىياسەت پىلانى*لار داۋاملىشىدىغان بولسا ھاكىمدار مىللەت خەنزۇنى* ئارىسىدىكى ئاۋازى ئە* كۈچلۈك ئىچكىرىلىكلەرنى* يەنى TraM;_W
خەنزۇلارنى* قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرايدىغانلىغى*لار ئېنىق ئىسپاتلاندى.ئۇلار ئۇيغۇرلار كەبى قويدەك ياۋاش ئەمەس. 7Csv#a31
پارتىيە ،دۆلەتنى* شىنجا*غا قارىتىلغان سىياسىتى توغرا ئىجرا قىلىنسا بۇ خىل ۋەقە يۈز بەرگەن بولارمىدى؟ئاپتونومىيە قانۇنى،ئەمگەك قانۇنى،....سىلەر ئۈچۈن قەغەز ئۇستىدىكى رە*مۇ-يە؟ x0%w<W]P
5arMse R
2%7 m
ئاخىرىدا ئۇيغۇر قېرىنداشلارنى* بۇ ۋەقەگە ھىسياتچىل ئىنكاستا ،ھەتتا ئۆچ ئېلىش دېگەندەك خىياللاردا بولماسلىقىنى ،يامانلارنى* قىلتىقىغا چۈشۈشتىن ھەزەر ئەيلەپ باشتىن ئاياق قانۇنى ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلىشقا تىرىشىشىنى ئۇمۇت قىلىمەن.بۇ قېتىمقى ۋەقەدە ئۇيغۇرلار زىيانكەشلىككە ئۇچرۇغۇچىدۇر،ھۆكۈمەت ئاخبارات ۋاستىلىرى بەرگەن خەۋەردىن قارىغاندا مەركەز ۋە مۇناسىۋەتلىك قانۇن ئورۇنلىرىنى* بۇ ۋەقەدە پوزىتسىيىسى ئېنىق يەنى قانۇن مىزاندۇر.قانۇنسىز ئىنكاس باشقىلارنى* ئۇيغۇرلارغا قىلغان جىنايىتىنى سېتىۋالغانلىقىدىن ئىبارەت --خالاس! |HXR"EN
lY>S|.K v
`ki+)Uh
http://bbs.amraq.com/viewthread.php?tid=1135