PDA

View Full Version : barak obamaning qaire nutqining uyghur kona yeziqta yezilishi



abdurexit haji
12-06-09, 08:57
http://www.uyghurpen.com/uy/index.php?page_ID=show_topic&& ID=abd20090611233500&& CAT=Literature

Hormetlik oqurmen!

yuqarqiy tor ulanmisidin Amerika phrezdenti barak obamaning ,misirning paytexti Qaire qilghan nutuqining uyghurche kona yeziqida yezilghinini koreleysiz.

uyghur latin yeziqini taza yaxshi oquyalaqmydighan qerindashlirimning oqup paydilnishi uchun uyghurchlashturup torgha chaplap qoydum

abdurexit haji
12-06-09, 09:04
http://www.uyghurpen.com/uy/index.php?page_id=show_topic&& id=abd20090611233500&& cat=literature

hormetlik oqurmen!

Yuqarqiy tor ulanmisidin amerika phrezdenti barak obamaning ,misirning paytexti qaire qilghan nutuqining uyghurche kona yeziqida yezilghinini koreleysiz.

Uyghur latin yeziqini taza yaxshi oquyalaqmydighan qerindashlirimning oqup paydilnishi uchun uyghurchlashturup torgha chaplap qoydum

ئامېرىكا پىرېزدېنتى باراك ئوبامانى* مىسىرنى* پايتەختى قاھىرە ئەل-ئەزەر ئۇنۋېرسېتىتىدا سۆزلىگەن نۇتقى- ئۇيغۇرچە تەرجىمە
تەرجىمان : مەمەت توختى، كانادا


پرېزىدېنتنى* نۇتقى
يې*ى باشلىنىش
قاھىرە ئۇنىۋېرسىتېتى
قاھىرە، مىسىر

پرېزدېنت ئوباما:
سىزلەرگە كوپ رەھمەت
خەيرلىك چۈشتىن كىيىن

مەن ئۆلمەس شەھەر قاھىرە دە بولغانلىقىمدىن ۋە بۇ شەھەردىكى پەۋقۇلئاددە ئىككى ئورۇن تەرىپىدىن كۇتىۋىلىنغانلىقىمدىن ناھايىتى چو* شان شەرەپ ھېس قىلدىم.

مى*لارچە يىللاردىن بۇيان، ئەل-ئازھار ئىسلامىي ئىلىمنى* بوشۇگى بولۇپ كەلگەن بولسا قاھىرە ئۇنىۋىرىستىتى مىسىرنى* ئىلگىرلىشىدىكى ئە* مۇھىم مەنبە بولغان ئىدى. ئىككى ئورگان دائىما ئەن-ئەنە ۋە ئىلگىرلەشنى* ئورگانىك بىرلەشمىسىگە ۋەكىللىك قىلدى. مەن سىلەرنى* مېھمان -دوستلۇقۇ*لارغا، مىسىر خەلقىنى* مېھمان -دوستلۇقىغا مىننەتدارمەن.

شۇنداقلا ئامېرىكا خەلقىنى* ياخشى تىلەكلىرىنى ھەمدە دەۋلىتىمدىكى تىنچلىقسويەر مۇسۇلمان جامائىتىنى* ئىللىق سالامىنى سىلەرگە ئېلىپ كەلگەنلىكىمدىن پەخىرلىنىمەن.
ئاسسالائامۇ ئەلەيكۇم. (ئالقىش)

بىز، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى بىلەن دۇنيا مىقياسىدىكى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا مەيدانغا چىققان ۋە يىلتىزى ھازىرقى مەۋجۇت سىياسى تالاش تارتىشلارنى* ئوتەسىدىكى تارىخى ۋەقەلەرگە تاقىلىدىغان ناھايىتى جىددىي بىر ۋەزىيەت ئاستىدا كورۇشۇپ تۇرۇپتىمىز.

ئىسلامىيەت بىلەن غەرب ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت ئەسىرلەر بويى داۋام قىلغان تە* مەۋجۇت بولۇش ۋە ھەمكارلىشىشىنى، شۇنداقلا توقۇنۇش ۋە دىنىي ئۇرۇشلارنىمۇ ئوز ئىچىگە ئالىدۇ.
يەقىنغا نەزەر سالساق، بۇ جىددىيلىكنى* يەنە بىر سەۋەبىنى* بولسا كۆپلىگەن مۇسۇلمانلارنى* ھەق ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىنمىغان كولونىيالىزىم(مۇنقەرزىچىل ك)دىن ۋە مۇتلەق كوپ سانلىق ئاھالىسى مۇسۇلمان بولغان دۆلەتلەرنى* قورچاق ئورنىدا كورۇلگەنلىكىدەك رىياللىقتىن ئوزۇقلانغانلىقىنىئى كۈرۈۋالالايمىز. ئۇنى*غا قوشۇلۇپ دەۋرمىزدىكى زامانىۋىلىشىش ۋە گلوباللىشىش(يەرشارىلىشىشى ) دولقۇنى ئېلىپ كەلگەن تىز ئوزگۇرۇشلەر كۆپلىگەن مۇسۇلمانلارنى* نەزىرىدە غەرب دۆلەتلىرىنى ئوزلىرىنى* ئىسلامىي ئەن-ئەنىلىرىگە دۈشمەن كورۇشتەك تۇيغۇنى شەكىللەندۈردى.

زوراۋان ئاشىرى كۇچلەر (ۋىئولەنت ئەخترەمىستس) بۇ جىددىيلىكنى سۇئىستىمال قەلب تۇرۇپ مۇسۇلمانلار ئارىسىدا سانى ئاز بولسىمۇ لېكىن قابىل بىر گۇرۇپنى ئازدۇرۇپ زوراۋان كۇچ سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقتى.

2001-يىلىدىكى 11-سېنتەبىر ھۇجۇمى ۋە بۇ ئاشىرى زوراۋانلارنى* گۇناھسىز خەلقلەرگە قاراتقان تەھدىتكارلىقلىرى دەۋلىتىمدىكى بەزى كىشىلەر ئارىسىدا ئىسلامىيەتنى يالغۇز ئامېرىكا ۋە غەربكە قارىتالا ئەمەس، بەلكى كىشىلىك ھوقۇق نۇقتىسىدىنمۇ دۈشمەن كۇچ دەپ قارايدىغان كىشىلەر مۇقەررەر ھالدا ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇلارنى* ھەممىسى بىرلىشىپ تېخىمۇ كوپ قورقۇ ۋە ئوز-ئارا ئىشەنچسىزلىك تۇغدۇردى.

ئەگەر ئارىمىزدىكى مۇناسىۋەتلەر بىزنى* پەرقلىقلىقىمىز ئارقىلىق بەلگۇلىنىدىغانلا بولسا بىز تىنچلىقنى ئەمەس بەلكى ئۆچمەنلىكىنى، ئىنسانلار ئارىسىدىكى ھەققانىيەت ۋە گۇللۇنۇش ئۈچۈن ياردەم قىلىدىغانلار ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنى ئەمەس بەلكى توقۇنۇشنى تەرغىب قىلغۇچىلارنى كۇچلەندۇرگەن بولىمىز. بۇ خىل گۇمانخورلۇق ۋە چىقىشالماسلىقلار چەمبىرىگە چوقۇم خاتىمە بېرىلىشى كېرەك .

مەن قاھىرە’گە ئامېرىكا ۋە دۇنيا مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا ئوز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئوز-ئارا ھۆرمەت قېلىش ۋە شۇنداقلا ئامېرىكا ۋە ئىسلامىيەتنى* بىر بىرىنى چەتكە قاقمايدىغانلىقى ۋە ئوز ئارا رىقابەت ئىچىدە ئەمەسلىكىدەك ئاددىي بىر ھەقىقەت ئاساسىدا يې*ىدىن بىر سەيپى باشلاش ئۈچۈن كەلدىم. ئەمىلىەتتە بولسا ئىسلامىيەت ۋە ئامېرىكا بۇتۇن ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان ھەققانىيەت ۋە تەرەققىيات، ھوشكورۇش (تولەرانكە) ۋە ئىززەت ھۆرمەت قاتارلىق پرىنسىپلاردا بىر بىرىنى تولۇقلايدۇ ۋە تولدۇرىدۇ.

شۇنىمۇ ياخشى بىلىمەنكى بۇ ئوزگۇرۇشلەر بىر كېچىدە يۇز بەرمەيدۇ. مەن بۇ نۇتقۇم ھەققىدە تارقىلىۋاتقان ناھايىتى كوپ ئۇچۇرلاردىنمۇ خەۋەردارمەن ۋە يىللاردىن بۇيان شەكىللەنگەن بۇ ئىشەنچسىزلىكنى* بىر نۇتۇق بىلەن يوق بولۇپ كەتمەيدىغانلىقىنىمۇ ياخشى بىلىمەن.

شۇنى*غا ئىشىنىمەنكى، ئالدىمىزغا قاراپ چامدايمىز دەيدىكەنمىز، بىز چوقۇم كوپ ھاللاردا يېپىق ئىشىك ئارقىسىدا دېيىلىپ كەلگەنلەرنى ئوچۇق كو*ۇللۇك بىلەن بىر بىرىمىزگە ئېيتىشىمىز كېرەك . بىربىرىمىزنى تى*شاشقا، بىر بىرىمىزدىن ئۆگىنىشكە، بىربىرىمىزگە ھۆرمەت قىلىشقا ۋە ئوز-ئارا ئورتاق زېمىن تېپىشقا ئىزچىل غەيرەت كۆرسىتىشىمىز كېرەك . خۇددى مۇقەددەس قۇرئان بىزگە ئۇگەتكىنىدەك: " دائىما ئاللاھنى ياد-ئەيلە ۋە ھەقىقەتنى سۆزلە" (ئالقىش)

بۈگۈن مەن دەل شۇنى قىلماقچى، يەنى ئامالىمنى* يېتىشىچە، بىزنى كۇتۇپ تۇرغان ۋەزىپىلەرگە بولغان كەمتەرلىكىم، ئوخشاش ئىنسانلار بولۇشىمىز سەۋەبلىك ئوز-ئارا بىربىرىمىز بىلەن بولغان ئورتاقلىقىمىزنى* بىزنى ئايرىيدىغان ئامىللارغا قارىغاندا تېخىمۇ قۇۋۋەتلىك ئىكەنلىكىگە بولغان تولۇق ئىشەنچىم بىلەن سىلەرگە ھەقىقەتلەرنى سۆزلىمەكچىمەن.

مېنى* بۇ غايەم ئەمىلىەتتە مېنى* ھايات تەجرىبەمدە چو*قۇر يىلتىز تارتقان. مەن بىر خرىستىئان ، لېكىن مىنى* دادام كەنىيەلىك بولۇپ ئائىلىسىدە بىر قانچە ئەۋلاد مۇسۇلمانلار بار. بالىلىقىمدا بىر قانچە يېلىمنى ھىندونېزىيىدە ئۆتكۈزگەن ۋاقتىمدا ھەر كۈنى سەھەر ۋە ئاخشامدا ئەزان ئاۋازى ئا*لايتتىم. ياشلىقىمدا بولسا ئىسلامىي ئېتىقادىدىن ئوزلىرىگە ھۇزۇر ۋە شان شەرەپ تاپقان كۆپلىگەن جامائەت مەنسۇپلىرى بىلەن چىكاگو’دا بىللە ئىشلىدىم.

دۇنيا مەدەنىيەت تەرەققىياتنى* قانچىلىك دەرىجىدە ئىسلامىيەتكە قەرزدار ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتكەنلەردىنمەن. ئەسىرلەر بويىچە ئىلىم مەشئىلىنى ئەگىز كۆتۈرگەن، ياۋروپانى* گۈللىنىشى ۋە ئويغىنىشىنى* يولىنى ئاچقان دەل ئىسلامىيەت ۋە ئەل-ئەزھەردەك ئىسلامىي بىلىم يۇرتلىرى ئىدى.
(ئالقىش)
ئالگېبرالىق تەرتىپلەرنى ئىجاد قىلغانمۇ، ماگنىتلىق كومپاس ۋە دې*ىز يولىنى ئېچىش ئەسۋابلىرىنى ئىجاد قىلغانمۇ، قەلەمكەشلىك ئۇستىلىرى ۋە مەتبەچىلىك تېخنىكىلىرىنى، كېسەللىكنى* يامرىشى ۋە ئۇنى داۋالاشنى* يې*ى ئۇسۇللىرى قاتارلىقلارنى ئىجاد قىلغانلارمۇ دەل مۇسۇلمان جامائەتلىرى ئىدى. ئىسلامىي مەدەنىيەتنى* بىزگە مىراس قالغان ئەسەرلەرلەر ئارىسىدا ھەشەمەتلىك مۇنارىلەر ۋە كوككە تاقاشقان قۇببەلەر، ئۆلمەس شىئىرلار ۋە ھۇزۇر بېغىشلىغۇچى مۇزىك كۈيلىرى، جەلپ قىلغۇچى ھوسنىخەتلەر ۋە ئىنسانغا ھۇزۇر بېغىشلىغۇچى ئىبادەتگاھلار قاتارلىقلار قىسقىغىنا مىسال بولالايدۇ. تارىخ بويىچە ئىسلامىيەت ھەم سۆزىدە ھەم ھەرىكىتىدە دىنىي خوش-كورۇش (رەلىگىئوئۇس تولەرانكە) ۋە ئىرقىي باراۋەرلىكنى* مۇمكىنچىلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىپ كەلدى. (ئالقىش)

مەن يەنە شۇنى ئوبدان بىلىمەنكى ئىسلام دائىم ئامېرىكا ئەپسانىسىنى* بىر پارچىسى بولۇپ كەلگەن. دەۋلىتىمنى رەسمى ئېتىراپ قىلغان تۇنجى دۆلەت ماراكەش ئىدى. 1796-يىلى ترىپولى’دا ئىمزالانغان توختامنامىدە، بىزنى* 2- پرەزىدىنتىمىز جوھن ئادامس، " ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنى* ئۆزىدە مۇسۇلمانلارنى* قانۇنلىرىغا، ئادەتلىرىگە ۋە دىنى ئېتىقادىغا قارشى ھىچ نەرسە مەۋجۇت ئەمەس’ دەپ يازغان ئىدى. دۆلىتىمىز قۇرۇلغاندىن بېرى مۇسۇلمانلار ئامېرىكا جەمئىيىتىنى بېيىتتى. ئۇلار ئۇرۇشلاردا بىز بىلەن بىللە جە* قىلدى، ئۈھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا خىزمەت ئاقتۇردى، ئاممىۋىي ئەركىنلىك ھەرىكەتلىرىدە ئالدىنقى سەپتە تىك تۇردى، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا يەككە تىجارەتلەرنى شەكىللەندۈرۈپ راۋاجلاندۇردى، ئۇنىۋىرىستىتلىرىمىزدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلدى، تەنھەرىكەت مەيدانلىرىمىزدا ئوز تالانتىنى نامايان قىلدى، نوبېل مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشتى، تارىخىمىزدىكى ئە* ئەگىز بىنالارنى ئىنشا قىلدى ۋە ئولىمپىك مەشئەللەرىمىزنى ياقتى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە سايلانغان 1- مۇسۇلمان كو*رەس ئەزاسى تېخى يېقىندا ئاساسى قانۇنىمىزنى قوغداش ئۈچۈن ئىچكەن قەسەمنامىسىدە دۆلىتىمىزنى* قۇرغۇچى توماس جەففەرسوننى* شەخسى كۇتۇپخانىسىدىكى مۇقەددەس قۇرئانغا قول قويۇپ قەسەم بەردى.(ئالقىش)

شۇ*ا دەيمەنكى مەن ئىسلامىيەتنى، ۋەھىي قىلىنغان نۇ تۇپراقلارغا كېلىشتىن بۇرۇنقى 3 قىتئەدە ئاللىقاچان تونۇپ بولغانمەن. بۇ تەجىربىلىرىمنى* يېتەكچىلىكىدە شۇنى*غا تولۇق ئىشىنىمەنكى، ئامېرىكا بىلەن ئىسلامىيەت ئارىسىدىكى ھەمكارلىق چوقۇم ئىسلامىيەتنى* نېمە ئەمەس ئىكەنلىكىدە ئەمەس، بەلكى ھەقىقىي ئىسلامنى* نېمە ئىكەنلىكىدە ۋۇجۇدقا چىقىشى كېرەك . ھېسابلايمەنكى ، ئامېرىكا پرەزىدەنتى بولۇپ مىنى* يەنە بىر مەسئۇلىيىتىم مەيلى نەدە ئوتتۇرىغا چىقىشىدىن قەتئىي نەزەر ئىسلامىيەت ھەققىدىكى سەلبىي ئوبرازلارغا قارشى كۈرەش قىلىشىتىن ئىبارەت. (ئالقىش)

لېكىن ئوخشاش پرىنسىپلار چوقۇم مۇسۇلمانلارنى* ئامېرىكا’غا بولغان قاراشلىرى ئۈچۈنمۇ كۇچكە ئىگە. (ئالقىش)

خۇددى مۇسۇلمانلار ئاددىيغىنا رادىكال بىر كاتېگورىيىسىگە چۇشمىگىنىگە ئوخشاش، ئامېرىكا ھەم پەقەت ئوز مەنپەئەتىنىلا ئويلايدىغان ئاددىيغىنا يەككە قاراشتىكى بىر ئىمپېرىيە كاتېگورىيىسىگە چۈشمەيدۇ

ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى دۇنيا تارىخىدا بىلى*ەن بىردىن بىر ئالدىغا قاراپ ئىلگىرلەشنى* يېگانە مەنبەسى ۋە مىسالى. بىز ئىمپىرىيالىزىمغا قارشى قىلىنغان ئىنقىلاب نەتىجىسىدە دۇنياغا كەلدۇق. گەرچە بىز "ھەممە تە* باراۋەر يارىتىلغان" دېگەن پرىنسىپلار ئاساسىدا دۆلىتىمىزنى قۇرغان بولساقمۇ، بۇ سوزلەرنى* ھەقىقى مەنىسىنى ئەمىلىلەشتۇرۇش ئۈچۈن دۆلىتىمىز ئىچىدە ۋە دۇنيا مىقياسىدە ئەسىرلەرچە قان توكۇپ كۈرەش قىلدۇق. بىز بارلىق مەدەنىيەتلەردىن شەكىللەندۇق، دۇنيانى* ھەر بىر بۇلۇ*ىدىن سۇرۇلۇپ بىر يەرگە كەلدۇق ۋە بىرلا ئاددىي پرىنسىپ ئۈچۈن جەم بولدۇق. ئۇ بولسىمۇ "ھەممە بىرلىشىپ ھەممىگە ئورتاق بىرنى يارىتىش"

مانا بۈگۈن مەندەك باراك ھۇسەيىن ئوباما نامىدىكى بىر ئافرىقا نەسلىدىن بولغان بىر ئامېرىكا’لىقنى* پرەزىدەنت بولۇپ سايلىنالىغانلىقى مەن يۇقىرىدا ئەيتقانلىرىمنى ئىخچاملايدىغان تارىخى پاكىتتۇر. (ئالقىش)

مىنى* ئامېرىكا ھېكايەمنى يېگانە ئەھۋال دېگىلى بولمايدۇ. گەرچە ھەممىنى* ئورتاق ئارزۇسى بولغان "ئامېرىكا ئارزۇسى" ھەر بىر كىشىدە تە*لا ئەمەلىيلەشمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا’دىن ئىبارەت بۇ ئارزۇ تەمىنلىگەن پۇرسەتلەر دۇنيانى* 4 بۇلۇ*ىدىن قىرغاقلىرىمىزغا كەلگەن بارلىق خەلقلەر ئۈچۈن، شۇنى* ئىچىدە ئامېرىكا’دا ياشاۋاتقان ۋە يىللىق كەرىم ۋە تەلىم تەربىيە سەۋىيىسى جەھەتتىن ئوتتۇرىچە ئامېرىكا’لىقلاردىن خېلىلا يۇقىرى بولغان 7 مىليون مۇسۇلمان ئۈچۈنمۇ كۇچكە ئىگە. (ئالقىش)

تەھىمۇ مۇھىم بولغىنى ئامېرىكا’دىكى ئەركىنلىك بىراۋنى* دىنىي ئىتىقات ئەركىنلىكىدىن ئايرىلالمايدۇ. شۇ*لاشقا ئامېرىكا’دا ھازىر ھەر بىر شتاتتا كوپ ساندا مەسچىت بار بولۇپ، ئامېرىكا’دىكى توپلام مەسچىت سانى 1200 دىن ئاشىدۇ.
يەنە شۇ سەۋەبتىنكى ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مۇسۇلمان خانىم-قىزلارنى* ياغلىق چىگىشىنى قوغداش ۋە بۇنى*غا خىلاپلىق قىلغانلارنى جازالاش ئۈچۈن ئالىي سوتقا بېرىپ بۇ ھەقتە ھوكۇم چىقارغۇزدى. (ئالقىش)

شۇ*لاشقا ئىسلامنى* ئامېرىكا’نى* ئايرىلماس بىر پارچىسى ئىكەنلىكىدە ھىچ بىر شۈبھە يوق. مەن ئىشىنىمەنكى ئامېرىكا مەيلى قايسى ئىرق، دىن ۋە ياكى تۇرمۇش شەكلىدىن بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، ھەممىمىزنى* تىنچ ۋە بىخەتەر ياشاش، زورۇر تەلىم تەربىيە ئېلىش ۋە ئوز غۇرۇرىمىز بىلەن خىزمەت قەلىش، ئائىلىمىزنى، جامائەتىمىزنى ۋە ياراتقان ئاللاھنى سويۇش قاتارلىق پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان قىممەت قاراشلاردا ئورتاق ئارزۇلارغا ئىگە ئىكەنلىكىمىزدەك ھەقىقەتكە مە*گۈ سادىق قالىدۇ. چۈنكى بۇ پۈتۈن ئىنسانىيەتنى* ئورتاق ئارزۇسى.

ئەلۋەتتە ھەممىمىزگە ئورتاق بۇ نۇقتىلارنى ئېتىراپ قەلىش بولسا ۋەزىپىمىزنى* ئە* باشلانغۇچىدىنلا ئىبارەت. چۈنكى سوزلەر ئىنسانىيەتنى* تەشنالىقىنى قاندۇرۇشقا يەتمەيدۇ. بۇ ئېھتىياجلار پەقەت ئالدىمىزدىكى يىللاردا ھەممىمىز يۈرەكلىك ھەرىكەت قىلالىغىنىمىزدىلا، ھەممىمىزگە ئورتاق بولغان بۇ قىيىنچىلىقلارنى باراۋەر چۇشە*ىنىمىزدىلا ئەمىلى جاۋابقا ئېرىشەلەيدۇ، ئەگەر بۇ ئېھتىياجلارغا جاۋاب بېرىشتە مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىساق بۇ مەغلۇبىيەت ھەممىمىزنى ئېغىر ھالدا ئازابلايدۇ .

يېقىندىكى ئىقتىسادىي كرىزلەردىن ئۇگە*ىنىمىز ئوخشاش، بىر دۆلەتنى* مالىيە سىستېمىسىدا مەيدانغا كەلگەن مەسىلە دۇنيانى* ھەممە جايلىرىدىكى ئىقتىسادىي گۇللۇنۇشكە تەسىر قىلىۋاتىدۇ. بىر زۇكامدىن يۇقۇملانغان بىر شەخس ھەممىمىزنى خەتەر گىردابىغا ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. بىر دۆلەتنى* ئاتوم قوراللىرىغا ئىگە بولىشى بولسا بارلىق دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئاتوم تەھدىتلىرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈۋاتىدۇ. بىر تاغ قاپتىلىدىكى ئاشىرى گۇرۇپلارنى* ئەركىن ھەرىكەت قەلىشى ئوكياننى* باشقا تەرىپىدىكى ئىنسانلارنى* ھاياتىنى تەھدىت قىلىۋاتىدۇ. بوسنىيا’دا ۋە دارفۇردا يۇز بەرگەن قىرغىنچىلىقلار بولسا ھەممىمىزنى* ئورتاق ۋىجدانىمىزغا بىر داغ بولۇپ يەرلىشىۋاتىدۇ. (ئالقىش)

شۇنداقكەن بۇ 21-ئەسىردە دۇنيا’يىمىزغا ئورتاق بولۇش دېگەنلىك بىرىمىزنى* يەنە بىرىمىزگە بولغان مەسئۇلىيەتلىرىمىزدىن ئايرىلالمايدۇ دېگەنلىكتىن ئىبارەت. مانا بۇ قوبۇل قەلىش ناھايىتى قىيىن بولغان بىر مەسئۇلىيەت .

ئىنسانىيەت تارىخى بىر مىللەت ياكى بىر قەبىلىنى*، شۇنداقلا بىر دىننى* ئۆزىنى* خۇسۇسى مەنپەئەتىنى دەپ باشقا بىرىنى بويسۇندۇرۇش تارىخىدىن ئىبارەت. لېكىن بۇ يې*ى دەۋردە بۇ خىل پوزىتسىيە ئۆزىنى مەغلۇپ قەلىشتىن باشقىغا يارىمايدۇ. ھازىرقىدەك بىربىرىمىزگە باغلانغان بىر دۇنيادا بىر مىللەتنى باشقا مىللەتتىن ياكى بىر گۇرۇپنى يەنە باشقا بىر گۇرۇپتىن ئۇستۇق تۇتىدىغان دۇنيا تەرتىپى مۇقەررەر ھالدا يې*ىلىدۇ. شۇ*لاشقا بىز ئوتمۇش ھەققىدە نېمە ئويلىساق ئويلايلى، لېكىن يالغۇز ئوتمۇشتە توختاپ قالمايلى. مەسىلىلىرىمىزنى ئورتاقلىشىش ئارقىلىق ھەل قەلىشىنى، تەرەققىياتلىرىمىزدىنمۇ بىر بىرىمىز بىلەن ئورتاق ھالدا نەسىپلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك . (ئالقىش)

بولۇپمۇ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە، پۈتۈن يۇقاردا ئەيتىلغانلار ھەرگىزمۇ ئارىمىزدىكى جىددىيلىكنى* مەنبەسىگە سەل قارىشىمىز كېرەكلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. رىياللىق بۇنى* دەل ئەكسىنى كورسۇتۇپ تۇرۇپتۇ. بىز بۇ جىددىيلىك بىلەن ئىككىلەنمەستىن يۇزلىشىمىز. بۇ ئاساستا بىز ئورتاق تاقابىل تۇرماقچى بولغان مەسىلىلەر ھەققىدە بارلىق كۇچۇم بىلەن ئوچۇق يورۇق ھالدا پىكىرلىرىمنى تۆۋەندىكىدەك بايان قىلىمەن.

بىز يۇزلە*ەن بىرىنچى مەسىلە بولسا ھەر خىل شەكىلدىكى ئاشىرى زوراۋانلىقلاردىن ئىبارەت.
مەن ئانكارا’دا "ئامېرىكا’نى* ئىسلام بىلەن ئۇرۇشتا ئەمەسلىكىنى ۋە بولمايدىغانلىقىنى" ناھايىتى ئوچۇق بىلدۈرۈپ ئوتتۇم. (ئالقىش)

لېكىن بىز، بىخەتەرلىكىمىزگە تەھدىت سالىدىغان زوراۋان كۇچلەرگە نىسبەتەن ھارماي-تالماي كۈرەش قەلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز، چۈنكى بىز، پۈتۈن دىنلار ئورتاق رەت قىلغاندەك "بىگۇناھ ئەر، ئايال ۋە بالىلارنى ئولتۇرۇشنى " قەتئىي رەت قىلىمىز. ئامېرىكا پرەزىدەنتى بولۇپ مىنى* 1- ۋەزىپەم ئامېرىكا خەلقىنى قوغداشتىن ئىبارەت.

ئافغانىستاندىكى ۋەزىيەت ئامېرىكا’نى* ئۇ يەردىكى غايىسىنى نامايان قەلىش بىلەن تە* يەنە بىر تەرەپتىن ئورتاق ھەرىكەت قەلىشىمىزنى* زورۇرۇلىكىنى ئىشارەت قىلىۋاتىدۇ. 7 يىلدىن بېرى ئامېرىكا كە* كۆلەملىك خەلقئارا ھىمايە ئاستىدا ھەم ئال-قائەدا ۋە تالىپانغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتكەن ئىدى. ئۇ يەرگە كىتىشىمىز بىزنى* تاللىشىمىز ئەمەس، بەلكى بىزگە چۈشكەن مەجبۇرىيەتتىن بولدى. تېخىچە 11-سېنتەبىر ھەققىدە گۇمان قىلىۋاتقان ۋە ھەتتا 11-سېنتەبىر ۋەقەسىنى توغرا بولدى دەۋاتقانلار يوق ئەمەس. ئالدى بىلەن شۇنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويايلى. ئۇ كۈنى ئال-قائەدا زوراۋانلىرى 3000 دىن ئارتۇق ئىنساننى ئولتۇردى. بۇ ۋەقەنى* قۇربانلىرى ئامېرىكا ۋە دۇنيانى* باشقا يەرلىرىگە تەۋە بولغان بىگۇناھ ئەر، ئايال ۋە بالىلار بولۇپ، ئۇلار ھېچكىمگە زىيانلىق ھىچ بىر ئىش قىلمىغان ئىدى. ھال شۇنداقكەن ئال-قائەدا بۇ ئىنسانلارنى ۋەھشىيلەرچە ئولتۇرۇپ ۋە بۇ قىرغىنچىلىقتىن ئۆزىگە پاي چىقىرىپلا قالماستىن، ھەتتا مۇشۇ پەيتتە ھەم توپ ھالەتتە تېخىمۇ كوپ ئىنسانلارنى ئولتۇرۇش ئۈچۈن نىيىتىنى* مۇستەھكەم ئىكەنلىكىنى ھوكۇرەۋاتىدۇ. ئۇلارنى* نۇرغۇن دۆلەتلەردە مۇرىتلىرى بولۇپلا قالماستىن ئوزلىرىنى* تەسىر دائىرىسىنى تېخىمۇ كى*ەيتىش ئۈچۈن ئىزچىل ھەرىكەتتە تۇرىۋاتىدۇ. بۇلار تالاش تارتىش قىلىدىغان تېمىلار ئەمەس، بەلكى قوبۇل قىلىشقا تېگىشلىك رىياللىقلاردۇر.

ھېچكىم ھاتالاشمىسۇنكى بىز قوشۇنلىرىمىزنى ئافغانىستاندا مە*گۈ تۇتمايمىز، ئۇ يەردە ھېچبىر ئەسكىرىي بازا قۇرمايمىز. ياش ئەر-ئايال ئەسكەرلىرىمىزنى ئافغانىستاندا قۇربان بېرىش پۈتۈن ئامېرىكالىقلارنى بىئارام قىلىدىغان ئەھۋالدۇر. ئۇنى* ئۈستىگە بۇ ئۇرۇشنى* تەننەرقى ناھايىتى قىممەت بولۇپ سىياسى جەھەتتىن بۇ توقۇنۇشنى داۋاملاشتۇرىۋىرىشمۇ ئىمكانسىز. قولىدىن كەلسە ئىمكانىيەتنى* بارىچە تېخىمۇ كوپ ئامېركىلىقلارنى ئۆلتۈرۈشكە نىيەتلەنگەن ئافغانىستاندىكى زوراۋان ئاشىرى كۇچلەرنى* ۋە شۇ ئاندا پاكىستاندا باش كۆتۈرگەن زوراۋانلارلارنى* يوقالغانلىقىغا تولۇق ئىشەنچە پەيدا قىلغان پەيتىمىزدە، ھىچ بىر ئامېرىكالىق ئەسكەرنى ئۇ يەرلەردە تۇتمايمىز ۋە ھەممىسىنى دەرھال قايتۇرۇپ كېلىمىز.
لېكىن، بىز ھازىرچە ئۇ نۇقتىغا كەتكىنىمىز يوق. شۇ سەۋەبتىن بىز ئافغانىستاندا 46 دۆلەت بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدە ھەرىكەت قىلىۋاتىمىز. ئۇرۇش چىقىمىنى* قانچىلىك بولىشىدىن قەتئىي نەزەر ئامېرىكانى* بۇ ھەقتىكى قارارى ئاجىزلىمىدى.

ئەلۋەتتە، بۇ زوراۋانلارغا ھېچبىرىمىز كە*چىلىك قىلماسلىقىمىز كېرەك . چۈنكى ئۇلار كۆپلىگەن دۆلەتلەردە نۇرغۇن ئىنسانلارنى ئۆلتۈردى. ئۇلار ئۆلتۈرگەن كىشىلەر ئارىسىدا خىلمۇ خىل ئىتىقادتىكى كىشىلەر بار بولۇپ، ئۇلارنى* ئە* كوپ ئۆلتۈرگېنى يەنىلا ئۆزلىرى بىلەن ئوخشاش ئىتىقادتىكى مۇسۇلمانلاردىن ئىبارەت.

ئۇلارنى* قىلمىشلىرىنى ئىنسانىيەتكە تەئەللۇق بولغان ھەق ھوقۇق نۇقتىسىدىن ، مىللەتلەرنى* ئالغا بېسىشى نۇقتىنەزىرىدىن ۋە ھەتتا ئىسلامىيەتنى* ئاساسلىق پرىنسىپلىرى جەھەتتىنمۇ قوبۇل قېلىش مۈمكىن ئەمەس . مۇقەددەس قۇرئان بىزگە: " ئەگەر كىمىكى بىگۇناھ ئىنساندىن بىرنى ئۆلتۈرسە ،پۈتۈن ئىنسانىيەتنى ئولتۇرگەندەك ۋە كىمىكى بىر ھاياتنى قۇتقۇزسا پۈتۈن ئىنسانىيەتنى قۇتقازغاندەك بولىدۇ" دەپ ئۆگىتىدۇ. (ئالقىش)

مىلياردتىن كوپ سانلىق مۇسۇلمانلارنى* ئېتىقادى ناھايىتى ئاز سانلىق كىشىلەرنى* ئۆچمەنلىك ئىدىلوگىيەسىدىن تېخىمۇ كۇچلۈك ۋە قۇدرەتلىكتۇر. ئىسلام ئاز سانلىق زوراۋانلارغا قارشى ئۇرۇشتا ھەرگىزمۇ مەۋجۇت مەسىلىنى* بىر پارچىسى ئەمەس، بەلكى دۇنيا مىقياسىدا تىنچلىقنى تەرغىب قېلىشنى* ئە* مۇھىم ئامىلدىن ئىبارەت

بۈگۈن بىز يەنە يالغۇز ئەسكىرىي كۇچنى* ئافغانىستان ۋە پاكىستاندىكى مەسىلىلەرنى ھەل قېلىشقا يەتمەيدىغانلىقىنى ياخشى بىلىمىز. شۇ سەۋەبتىن بىز ھەر يىلى 1.5 مىليارد دوللار مەبلەغنى 5 يىل بويىچە ئاجرىتىپ پاكىستان بىلەن ئىش بىرلىكى ئىچىدە ئۇ يەردىكى مەكتەپلەرنى، دوختۇرخانىلىرىنى، يوللارنى ۋە يې*ى تىجارىي مۇئەسسەسەلەرنى بەرپا قېلىشتىن باشقا ئۆي ماكانلىرىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن يۈز مىليونلارچە پۇل ئاجرىتىپ ئۇلارنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن ياردەم قىلىۋاتىمىز. ئۇنى*غا قوشۇلۇپ ئافغانىستانغا 2.8 مىليارد دوللار پۇل ئاجرىتىپ ئۇلارنى* ئىقتىسادىنى جانلاندۇرۇش ۋە ئۆز خەلقىغە زۆرۈر بولغان خىزمەتلەرنى تەمىن قىلالىشى ئۈچۈن ياردەم بېرىۋاتىمىز.

مەن ئىراق ھەققىدىمۇ توختىلىپ ئۆتەي. ئافغانىستاننى* ئەكسىچە ،ئىراق ئۇرۇشى ئۆز دۆلىتىمدىمۇ ئۆزلۈكسىز تالاش تارتىشلارغا ۋە پەرقلىق پىكىرلەرگە دۇچ كەلگەن بىزنى* تاللىشىمىزدىكى بىر ئۇرۇش ئىدى.

گەرچە دىكتاتور ساددامدىن كېيىن ئىراق خەلقى ياخشىراق كۇن كورۇۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئىراقتىكى بۇ ھادىسىلەر بىزگە مۈمكىن بولغان مۇددەتچە مەسىلىلەرنى ھەل قېلىش ئۈچۈن دىپلوماتىيە قاناللىرى ئارقىلىق خەلقئارالىق بىر ھەمكارلىقنى بەرپا قېلىشنى* زۆرۈرىيىتىنى خاتىرلاتماقتا. (ئالقىش)

ئەلۋەتتە، توماس جەففەرسوننى* " مىنى* ئۈمۈدۈم كۈچىمىزنى* ئېشىشىغا ئەگىشىپ ئەخلاق پەزىلىتىمىزنى*مۇ كۈچلىنىش ۋە قاچانكى كۈچىمىزنى ئاز قوللانساق ئاخىرىدا تېخىمۇ كۇچلىك ھالغا كېلىدىغانلىقىمىزنى " كۇچلۇك ھالدا ئىپادىلىگەن ئۇ مەشھۇر سۆزىنى دائىما زېھنىمىزدە تۇتقىنىمىز ياخشى (ئالقىش)

بۈگۈن ئامېرىكانى* قوشلاپ مەسئۇلىيىتى بار، ئۇ بولسىمۇ ئىراقلىقلارنى* تېخىمۇ ياخشى كەلگۈسىگە ئىگە بولىشى ئۈچۈن ياردەم بېرىش ۋە ئىراقنى ئىراقلىقلارغا تىنچ ھالەتتە ئوتكۇزۇپ بېرىشتىن ئىبارەت. (ئالقىش)

مەن ئامېرىكانى* ئىراقتا ئەسكىرى بازا قۇرۇش ياكى ئۇلارنى* تېررىتورىيىسى ، زېمىنلىرىدىكى بايلىقلىرى ھەققىدە ھىچ قانداق تەلىپىنى* يوقلىقىنى ئىراق خەلقىگە ئوچۇق ئەسكەرتىپ ئۆتتۈم. ئىراقنى* ئىگىلىك ھوقۇقى ئىراقلىقلارغا ئائىت. شۇ سەۋەبتىن مەن ئامېرىكا ھۇجۇمچى قوشۇنلىرىنى كېلەر يىلى ئاۋغۇستتىن بۇرۇن ئىراقتىن چېكىندۇرۇش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈردۈم. بىز ئىراق خەلقى تەرىپىدىن دېموكراتىك ئۇسۇلدا سايلانغان ئىراق ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان بارلىق توختامنامىلارغا سادىق بولغان ھالدا، ئىراقتىكى ھۇجۇمچى ئامېرىكا قوشۇنلىرىنى قايتۇرۇپ كەلگەندىن باشقا يەنە 2012-يىلىغىچە بارلىق ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى ئىراقتىن چېكىندۈرۈپ چىقىپ بولىمىز. (ئالقىش)


بىز ئىراقلىقلارغا ئۆزلىرىنى* ئەسكىرى قوشۇنلىرىنى تەربىيىلىشى ۋە ئىقتىسادىنى جانلاندۇرۇشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان بارلىق ياردەمنى بېرىمىز. بىز ئىراقنى* بىر پۈتۈنلۈكىنى قوغداش ۋە بىخەتەرلىكنى قولغا كەلتۈرۈش جەريانىدا ھەرگىز ئىراققا خوجايىنلىق قىلغان ئاساستا ئەمەس بەلكى بىر ئورتاقلىق چۈشەنچىسى ئىچىدە ھەرىكەت ئېلىپ بارىمىز.

ئاخىرىدا يەنە تەكىتلەيدىغىنىم، بىز ئامېرىكالىقلار ئاشىرى زوراۋانلارغا قەتئىي قارشى تۇرۇش بىلەن بىللە يەنە ئۆزىمىزنى* پرىنسىپلىرىمىزدىن چەتنىمەسلىكىمىز ۋە ئۇنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەك .

11-سېنتەبىر دۆلىتىمىز ئۈچۈن ئېغىر زەربە بولدى. گەرچە بۇ زەربىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان قورقۇ ۋە غەزەپلىنىشنى چۈشۈنۈش مۈمكىن بولسىمۇ، بەزى ھاللاردا بۇ خىل روھىي كەيپىيات ئۆزىمىزنى* ئەن-ئەنىلىرىمىز ۋە ئىدىياللىرىمىزغا زىت قىلمىشلارنى* يۇز بېرىشىغا سەۋەبمۇ بولدى. بىز بۇلارنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن كونكرېتنى تەدبىرلەرنى ئېلىۋاتىمىز. مەن ئامېرىكادا قىيىن قىستاقنى ئۇزېل-كېسىل چەكلەش ئۈچۈن بۇيرۇق چۈشۈرۈش بىلەن بىللە، كىلەر يىلىغا قالماي گۇئانتانامو تۈرمىسىنى* تاقىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدىم. (ئالقىش)

ئامېرىكا باشقا دۆلەتلەرنى* ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلغان ۋە قانۇن بىلەن دۆلەت باشقۇرۇش پرىنسىپلىرىغا ئەمەل قىلغان ئاساستا ئۆزىنى موداپىئە قىلىدۇ. بىز بۇلارنى تېخىچە تەھدىتكە ئۇچراۋاتقان مۇسۇلمان جامائەتلىرى بىلەن ھەمكارلاشقان ھالدا ئىشقا ئاشۇرىمىز. زوراۋان ئاشىرى كۇچلار قانچە تىز يېتىم قالسا ۋە مۇسۇلمان دۇنياسىدا قارشى ئېلىنمايدىغان ھالغا ئۆتسە بىزمۇ شۇنچە تىز بىخەتەرلىككە ئېرىشكەن بولىمىز.

مۇزاكىرە قېلىشىمىزغا تېگىشلىك ئارىمىزدىكى جىددىيلىككە سەۋەب بولۇۋاتقان ئىككىنچى مەسىلە بولسا، ئىسرائىل، پەلەستىن ۋە ئەرەب دۇنياسى ئارىسىدىكى توقۇنۇشتىن ئىبارەت.

ئامېرىكانى* ئىسرائىل بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتى ياخشى بىلىسىلەر، بۇ باغلىنىش بۇزۇلماس باغلىنىشتۇر. بۇ باغلىنىشنى* مەدىنىي ۋە تارىخى يىلتىزى بولۇپلا قالماستىن بەلكى، يەھۇدىيلارنى* ئۆز ئانا زېمىنىغا بولغان ئىنتىلىشلىرى جەريانىدا يۇز بەرگېنى رەت قىلغىلى بولمايدىغان تارىخى تراگېدىيەلەر بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك.

دۇنيا مىقياسىدا يەھۇدىيلار ئەسىرلەردىن بىرى ھەر خىل جازالارغا دۇچار بولۇش بىلەن ياۋروپادىكى يەھۇدىي دۈشمەنلىكى تارىختىكى ئە* چو* يەھۇدىي قىرغىنچىلىقىغا سەۋەب بولدى. ئەتە مەن يەھۇدىيلار قۇل قىلىنغان، تەن جازاسىغا ئۇچرىغان، ئوققا تۇتۇلغان ۋە گاز بىلەن زەھەرلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن كۆپلىگەن جازا لاگىرلىرىنى* بىرى بولغان بۇچەنۋالدنى زىيارەت قىلىمەن. شۇ زامانلاردا بۈگۈنكى ئىسرائىل نوپۇسىدىنمۇ كۆپرەك بولغان 6 مىليوندىن كۆپ يەھۇدىي ئۆلتۈرۈلدى. بۇ تارىخى پاكىتلارنى رەت قېلىشنى* ھىچ ئاساسى يوقلا بولۇپ قالماستىن بەلكى بۇ بىر جاھىللىق ۋە ئۆچمەنلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئىسرائىلنى يوق قېلىش بىلەن تەھدىت قېلىش، يەھۇدىيلارنى تەھدىت قىلىدىغان كونا مۇقاملارنى تەكرارلاۋىرىش نېگىزىدىن ئېيتقاندا ئېغىر خاتا بولۇپلا قالماستىن يەنە بىر تەرەپتىن بۇ ئاچچىق خاتىرىلەرنى پات-پات يەھۇدىيلارغا خاتىرىلىتىش ئارقىلىق ئەمىلىيەتتە بۇ رايون خەلقىغا تازا كېرەكلىك بولغان تىنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا توسالغۇلۇق قېلىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ .

يەنە بىر تەرەپتىن پەلەستىندىكى مۇسۇلمانلار ۋە خرىستىئانلارمۇ ئۆزلىرىنى* ئانا زېمىنىغا بولغان ئىنتىلىشلىرى يولىدا ناھايىتى كۆپ ئازابلارغا دۇچار بولۇۋاتىدۇ.

60 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان ئۇلار ئوز ماكانلىرىدىن ئايرىلغاننى* دەردىنى تارتىۋاتىدۇ. يەنە كوپلىرى غەربىي قىرغاق، گازا ۋە قوشنا دۆلەتلەردىكى مۇساپىرلار لاگىرلىرىدا ھاياتى بويى تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىك ئارزۇسى بىلەن قىيىنىلىپ ئارزۇسىغا يەتمەي كۇن ئۆتكۈزىۋاتىدۇ. ئۇلار ھەر كۈنى ئىشغال قىلىنىشتىن مەيدانغا كەلگەن چو* ياكى كىچىك بولۇپ ھەر خىل خورلۇققا دۇچار بولىۋاتىدۇ. ھىچ شۈبھە يوقكى، پەلەستىنلىكلەرنى* ھالى چىدىغۇسىز. ئامېرىكا ھەرگىزمۇ پەلەستىن خەلقىنى* ئىززەت ئابرۇيى ۋە ئوز دۆلىتىنى قۇرۇش يولىدىكى ھەقلىق ئىنتىلىشلىرىگە دۈمبىسىنى قىلمايدۇ. (ئالقىش)
نەچچە ئونيىللاردىن بۇيان بۇ يەردە بىر قاتماللىق داۋاملىشىۋاتىدۇ. ھەر بىرىنى* ئۆزىنى ھەقلىق كۆرۈشى ۋە ئۆتمۈش تارىخىنى* ھەر خىل دەرد ئەلەم بىلەن تولغان بولىشى بۇ ئىككى خەلقنى* بىر بىرىگە يول بېرىشىنى قېيىنلاشتۇرىۋاتىدۇ.

بىر-بىرىنى ئەيىبلەش ناھايىتى ئاسان، پەلەستىنلىك ئۈچۈن ئېيتقاندا ئىسرائىلنى* ئوتتۇرىغا چىقىشى ۋە زېمىنلىرىنى ئىشغال قېلىشدىن مەيدانغا كەلگەن ئۆي-ماكانسىزلىقلار، ئىسرائىللىكلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا تارىختىن بۇيان قوشنىلىرى ۋە باشقىلار تەرىپىدىن ئۇچرىغان زەربىلەر ۋە دۈشمەنلىكلەر . ئەگەر بىز بۇ توقۇنۇشنى پەقەت بىر تەرەپلىمىلىك بىلەن كۆرۈدىغان بولساق ئۇ ھالدا ھەقىقەتكە قارىغۇلارچە مۇئامىلە قىلغان بولىمىز. ھەر ئىككى تەرەپنى* ئارزۇسىغا ماس كېلىدىغان بىردىن بىر چارە بولسا ئۆز –ئارا قوشنا ۋە مۇستەقىل ، بىر بىرى بىلەن ئىناق ۋە بىخەتەرلىك ئىچىدە ياشىيالايدىغان ئىسرائىل ۋە پەلەستىن دۆلىتىدىن ئىبارەتتۇر. (ئالقىش)

چۈنكى ،بۇ ئىسرائىلنى* مەنپەئەتىگە، پەلەستىننى* مەنپەئەتىگە، ئامېرىكانى* مەنپەئەتىگە ۋە دۇنيانى* مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن. شۇ سەۋەبتىن مەن بۇ قىيىن ۋەزىپە تەقەززا قىلغان پۈتۈن سەۋرچانلىقىم ۋە تېرىشچانلىقىم بىلەن مەزكۇر نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۇچۇمنى سەرپ قىلىمەن. (ئالقىش)

تەرەپلەرنى* بۇرۇنقى يول خەرىتىسىنى* ئېھتىياجى سەۋەبلىك ئۈستىگە ئالغان مەسئۇلىيەتلىرى ناھايىتى ئېنىق. ئەگەر تىنچلىق بولىدىغان بولسا، ئۇلارنى* ۋە ھەممىمىزنى* ئۈستىمىزگە ئالغان مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قېلىشنى* ۋاقتى كەلدى دېمەكتۇر .

پەلەستىنلىكلەر چوقۇم زوراۋانلىقتىن ۋاز كېچىشى كېرەك . زوراۋانلىق ئارقىلىق قارشىلىق قېلىش ۋە ئۆلتۈرۈش ھەم خاتا ھەم نەتىجە بەرمەيدۇ.

ئەسىرلەر بويى ئامېرىكىدىكى قارا تەنلىكلەر قامچا توقماق ئاستىدا ئېزىلدى ۋە ئايرىمچىلىققا ئۇچرىدى. بىراق ئۇلارنى* باراۋەرلىك ۋە ئادىل ھەق ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى تۇتقان يولى ھەرگىزمۇ زوراۋانلىق ئەمەس ئىدى. دەل ئەكسىچە ئامېرىكانى* قۇرۇلىشىدىكى ئىددىيەلەرنى مەركەز قىلغان تىنچلىق ئاساسىدىكى ئۆزلۈكسىز قارشىلىق ئىدى. ئوخشاش ھېكايىلەرنى جەنۇبى ئافرىقادىن جەنۇبىي ئاسىياغىچە، شەرقىي ياۋروپادىن ھىندونېزىيىگىچە ئۇزارتىش مۈمكىن. بۇ ھېكايىلەرنى* ھەقىقىتى ناھايىتى ئاددى بولۇپ، زوراۋانلىق چىقماس يولدۇر. يېرىم كېچىدە ئۇخلاۋاتقان بىر بوۋاققا قارىتىپ راكىتا ئېتىش ۋە ياكى ياشانغانلار ئولتۇرغان ئاپتوبۇسنى پارتلىتىش قانداقتۇر كۇچلۇكلۇكنى* ۋە ياكى مەردانىلىقنى* بېشارىتى بولالمايدۇ. ئۇنى* ئۈستىگە بۇ ئەسلا مەنىۋى ئۇستۇنلۇك ئەمەس بەلكى تەسلىمىيچىلىكتىن ئىبارەت.

مانا ئەمدى پەلەستىنلىكلەر نېمە بىنا قىلالايدىغانلىقىغا مەركەزلىشىشى كېرەك . پەلەستىنلىكلەر چوقۇم ئۆزلىرىنى ئىدارە قىلىدىغان ۋە ئۆز خەلقىنى* ئېھتىياجىغا جاۋاب بىرەلەيدىغان ئورگانلارنى قۇرۇپ چىقىشى كېرەك . خاماسنى* بەزى پەلەستىنلىكلەر ئارىسىدا ئېتىبارى بار، شۇنداقكەن ، ئۇلارمۇ ئۆزلىرىدىكى مەسئۇلىيەتنى بىلىشى كېرەك . پەلەستىن خەلقىنى* ئارزۇلىرىنى* ئەمەلگە ئېشىشى، پەلەستىن خەلقىنى* پۈتۈنلىشىش ئۈچۈن خاماس چوقۇم زوراۋانلىقتىن ۋاز كېچىشى، بۇرۇنقى تۈزۈلگەن توختامنامىلەرگە رىئايە قېلىشى ۋە ئىسرائىلنى* مەۋجۇتلۇق ھوقۇقىنى ئېتىراپ قېلىشى كېرەك .

ئوخشاشلا ئىسرائىلمۇ شۇنى بىلىشى كېرەككى خۇددى ئىسرائىلنى* مەۋجۇتلۇق ھوقۇقى رەت قىلىنالمىغىنىدەك پەلەستىننى* مەۋجۇتلۇق ھوقۇقىمۇ رەت قىلىنالمايدۇ. ئاق ش ئىسرائىل داۋاملاشتۇرىۋاتقان يەرلىشىم كە*ەيمىچىلىكىنى قوبۇل قىلمايدۇ. (ئالقىش)

بۇ يەرلىشىم ئىنشائاتلىرى بۇرۇنقى توختامنامىلارغا خىلاپلا بولماستىن بەلكى تىنچلىقنى بەرپا قېلىشنى* ھۇلىنى كولاشتىن باشقىغا يارىمايدۇ. بۇ يەرلىشىم مەركەزلىرىنى* توختاش ۋاقتى كەلدى. (ئالقىش)

ئىسرائىلمۇ پەلەستىنلىكلەرنى* ئۆز تۇپرىقىدا ياشىيالىشى ۋە ئۆز جەمئىيەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرالىشى ھەققىدىكى جاۋابكارلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك .، گازا’دىكى داۋاملىشىۋاتقان ئىنسانىي كرىزىس ۋە غەربىي قىرغاقتىكى بوغۇلما ئىسرائىلنى* بىخەتەرلىكىگە پايدا ئەككەلمەيدۇ. شۇ*لاشقا پەلەستىن خەلقىنى* كۈندىلىك تۇرمۇشىغا ئاسانلىق تۇغدۇرۇشلار چوقۇم يول خەرىتىسىنى* ئايرىلماس پارچىسى بولىشى ۋە ئىسرائىل بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كونكىرىتنى تەدبىر ئېلىشى كېرەك .

ئاخىرىدا ئەرەب دۆلەتلىرىمۇ شۇنى تولۇق ھېس قىلىشى كېرەككى ، يې*ىدىن باشلانغان ئەرەب تىنچلىق ھەرىكىتى مۇھىم بىر باشلانغۇچ بولسىمۇ لېكىن ئۇلارنى* جاۋابكارلىقىنى* ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئەرەب -ئىسرائىل توقۇنۇشى ھەرگىزمۇ ئۇلارنى* نۆۋەتتىكى مەۋجۇت ئىچكى مەسىلىلىرىدىن ئاھالىنى* دىققىتىنى بۇراشتىكى بىر ۋاسىتە قېلىنىپ قوللۇنالماسلىقى، دەل ئەكسىچە پەلەستىن خەلقىنى* ئۆزلىرىنى ئىدارە قېلىشتا ۋە دۆلىتىنى داۋاملاشتۇرۇشتا زۆرۈر بولغان دۆلەت ئاپپاراتلىرىنى* بەرپا قىلىنىشىغا ياردەم بېرىشى، ئىسرائىلنى* ھەققانىيلىقىنى ئېتىراپ قېلىشى، ئۆز-ئۆزىنى مەغلۇپ قېلىش ئاساسىدىكى ئۆتمۈشكە ئەمەس بەلكى كەلگۈسى تەرەققىياتقا دىققىتىنى مەركەزلەشتۇرۇشى شەرت.

ئامېرىكا تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى سىياسەتلىرىنى دەل بۇ پرىنسىپلارغا بىنائەن يۈرگۈزىدۇ ۋە بىز ئىسرائىل، پەلەستىن ۋە ئەرەب دۆلەتلىرىگە پىنھان يەردە نېمىلەرنى دېگەن بولساق ئاممىۋى سورۇندىمۇ ئوخشاش مەيداننى تەكىتلەيمىز. (ئالقىش)

بىز تىنچلىقنى مەجبۇرىي ھالدا تا*المايمىز. كۆپلىگەن مۇسۇلمانلار ئىسرائىلنى* بىر يەرگە يوقاپ كەتمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى. ئوخشاشلا كۆپلىگەن يەھۇدىيلارمۇ پەلەستىن دۆلىتىنى* زۆرۈرىيىتىنى تونۇپ يېتىپ بولدى. بىزگە چۈشكەن ۋەزىپە ھەممىگە ئايان بولغان لېكىن ئېيتىلمىغان بۇ ھەقىقەت بويىچە ھەرىكەت قېلىشتۇر.(ئالقىش.)

نۇرغۇن كۆز ياشلار ۋە كۆپلەپ قانلار تۆكۈلدى. ھەممىمىزنى* مەسئۇلىيىتى پەلەستىنلىك ۋە ئىسرائىلىيەلىك ئانىلارنى* ھېچبىر قورقۇمسىز ھالدا پەرزەنتلىرىنى بىخەتەر ھالدا تەربىيىلىيەلەيدىغان بىر كۈننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۆرەشمەكتۇر. 3 چو* دىننى* مۇقەددەس جايى بولغان بۇ مۇقەددەس تۇپراقلار خۇددى ئاللاھ ئارزۇ قىلغاندەك تىنچلىق ماكانى بولۇشى كېرەك . قۇددۇس (يېرۇسالىم) قاچانكى يەھۇدىيلار، خرىستىئانلار ۋە مۇسۇلمانلار ئۈچۈن بىخەتەر ۋە مە*گۈلۈك ماكان بولغىنىدا، خۇددى ئىسرا(قۇرئاندىكى ئىسرا سۇرىسى’دىكى ھېكايىنى كۆزدە تۇتقان)’دا (ئالقىش) قەيت قىلىنغىنىدەك ئىبراھىمنى* بارلىق ئەۋلادلىرى ئوز-ئارا قۇچاقلىشالايدىغان تىنچ بىر ماكانغا ئايلانغاندىلا، مۇسا، ئەيسا ۋە مۇھەممەد (ھەممىسىگە تىنچلىق يار بولسۇن) بىر ئارىدا دۇئا قىلالىغاندىلا ئاندىن بۇ تۇپراقلاردىكى تىنچلىق ئىشقا ئاشقان بولىدۇ.(ئالقىش)

بىزگە ئورتاق بولغان جىددىيلىكنى* يەنە بىر سەۋەبى بولسا دۆلەت ۋە مىللەتلەرنى* ئاتوم قوراللىرى جەھەتتىكى ھوقۇقلىرى ۋە مەسئۇلىيىتىدىن ئىبارەت.

بولۇپمۇ بۇ مەسىلە ئاق ش بىلەن ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئارىسىدىكى چو* جىددىيلىككە سەۋەب بولىۋاتىدۇ. ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئىران ئۆزىنى دۆلىتىمگە قارشى بىر كۇچ سۈپىتىدە تەرىپلەپ كەلدى. تارىخىمىزدا بۇ بوران چاپقۇنلۇق مۇناسىۋەتلەرگە دائىر كوپ پاكىتلارمۇ مەۋجۇت. سوغۇق ئۇرۇش دەۋرىدە ئامېرىكا ئىران خەلقى تەرىپىدىن دېموكراتىك ئۇسۇلدا سايلانغان ئىران ئۈھۆكۈمەتنى* ئاغدۇرۇلۇشى رول ئوينىدى. ئىسلام ئىنقىلابىدىن كېيىن ئىران گۆرەگە ئېلىش يولى بىلەن ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ۋە خەلقىگە قارشى زوراۋانلىق پوزىتىسىيىسى تۇتتى. بۇ تارىخلار ياخشى بىلىنگەن تارىختۇر. ئۆتمۈشتىكى ۋەقەلەرگە قارشى بولۇش ئورنىغا، مەن ئىران رەھبەرلىرى ۋە خەلقىگە بۇندىن كىيىن ئالدىمىزغا قاراپ قەدەم بېسىشقا تەييارلانغانلىقىمنى ئوچۇق ئىپادىلىدىم. ھازىرقى سۇئال ئىراننى* نېمىگە قارشى تۇرۇشى ئەمەس بەلكى ئىراننى* قانداق بىر كەلگۈسى بەرپا قىلماقچى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت.

مەن ئوننەچچە يىللاردىن كەلگەن بۇ ئىشەنچسىزلىكنى* بىر تەرەپ قىلىنىشنى* ئاسان ئەمەسلىكىنى بىلىمەن، لېكىن ئىرادە، كەسكىنلىك ۋە ئۆزلۈكسىزلىك ئىچىدە بۇ ئىشنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرىمەن. ئىككى دۆلەت ئارىسىدا مۇزاكىرە قىلىنىدىغان ناھايىتى كوپ مەسىلىلەر مەۋجۇت ۋە بىز ئوز-ئارا ھۆرمەت ئاساسىدا ھېچقانداق ئالدىنقى شەرت قوشماستىن ئالدىمىزغا قاراپ يول ئالىمىز.

مەسىلىگە ۋاقىپ بولغان تەرەپلەرگە ناھايىتى ئېنىقكى، ئاتوم يادرو قوراللىرى مەسىلىسىدە بىز كەسكىن بىر نۇقتىغا كېلىپ يەتتۇق. ئوتتۇرا شەرقتە بۈتۈن رايوندا ۋە يەرشارىدا ناھايىتى خەتەرلىك نەتىجىلەرنى* تۇغۇلۇشىغا سەۋەب بولىدىغان ئاتوم يادرو قوراللىرى رىقابىتىنى* ئالدىنى ئېلىش يالغۇزلا ئامېرىكانى*لا مەنپەئەتى ئەمەس.

مەن يەنە نېمە ئۈچۈن بەزى دۆلەتلەرنى* ئاتوم قوراللىرى بار ۋە بەزىلىرىنى* نېمىشقا يوق دېگەن چۇشەنجە ئاساسىدا ئوز نارازىلىقلىرىنى بىلدۇرگەنلەرنىمۇ ياخشى چۈشۈنۈمەن. ھىچ بىر يەككە دۆلەت كىمنى* ئاتوم قورالىغا ئىگە بولىشى ياكى بولماسلىقىغا قارار بەرمەسلىكى كېرەك . شۇ سەۋەبتىن مەن ئامېرىكانى* ھىچ قانداق دۆلەتنى* ئاتوم قوراللىرىغا ئىگە بولماسلىقىدەك مەيدانىنى يەنە بىر قېتىم مۇئەييەنلەشتۇرمەكچى. (ئالقىش)

ھەر قانداق دۆلەت، ئىرانمۇ بۇنى* ئىچىدە، ئاتوم قوراللىرىنى* تارقىلىشىنى چەكلەش ئەھدىنامىسىگە بويسۇنۇش شەرتى ئاستىدا زۆرۈر بولغان تىنچلىق مەقسىتىدىكى ئاتوم ئېنېرگىيىسىدىن پايدىلىنىشقا ھوقۇقلۇق. بۇ مەسئۇلىيەت مەزكۇر ئەھدىنامىنى* يادروسى بولۇپ مۇتلەق شەكىلدە بويسۇنۇش زۆرۈر بولغان بەلگىلىمىدىن ئىبارەتتۇر. ئىشىنىمەنكى بۇ رايوندىكى بارلىق دۆلەتلەر مەزكۇر غايىگە ئورتاقلىشالايدۇ.

مەن تەكىتلەيدىغان 4-مەسىلە بولسا دىموكراتىيە’دۇر. (ئالقىش)
يېقىندىن بۇيان، بولۇپمۇ ئىراق ئۇرۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ھالدا دېموكراتىيەنى تەرغىب قېلىش جەھەتتە كوپ قارمۇ-قارشىلىقلارنى* مەۋجۇتلۇقىدىن خەۋەردارمەن. مەن ناھايىتى ئوچۇق ۋە كەسكىن ھالدا ئېيتايكى، ھىچ بىر دۆلەت سىستېمىسى باشقىلارغا باشقا بىر دۆلەت ۋە ياكى مىللەت تەرىپىدىن مەجبۇرلانماسلىقى كېرەك .

بۇ دېگەنلىك ھەرگىزمۇ ئۈھۆكۈمەتلەرنى* ئەمىلىيەتتە خەلقنى* ئىرادىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈشى كېرەكلىكى توغرىسىدىكى مىنى* ئىرادەمنى ئاجىزلاشتۇرمايدۇ. ھەر بىر دۆلەت ئوز خەلقىنى* ئەن-ئەنىۋى ئادەتلىرى ۋە ھايات شەكىللىرى ئاساسىدا بۇ پرىنسىپلارغا كېرەكلىك مەنالارنى يۈكلەيدۇ. خۇددى تىنچلىق ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلغان سايلاملارنى* غەلىبىلىرىنى بىز بەلگۇلىيەلمىگىنىمىزدەك ئولتۇرغان يېرىمىزدە كىمگە نېمىنى* ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلەلىشىمىزمۇ مۈمكىن ئەمەس. شۇنداقتىمۇ بارلىق ئىنسانلارنى* ئورتاق بىر ئارزۇغا ئىگە ئىكەنلىكىگە كەسكىن ھالدا ئىشىنىمەن. يەنى ئۆز كۆ*لىدىكىنى ئەركىن ئىپادىلەش، قانداق ئىدارە قېلىنىۋاتقانلىقلىرىغا دائىر ئوز پىكرىنى بايان قېلىش، قانۇن بىلەن دۆلەت باشقۇرۇشقا ۋە ئادالەتنى* ئادىل ئىشلەيدىغانلىقىغا ئىشەنجە باغلىيالاش، ئۈھۆكۈمەتلەرنى* ئوچۇق ئاشكارا ئىش قېلىشى ۋە باشقىلارنى* ھەققىنى ئوغرىلىماسلىقى ، ھەركىمنى* ئۆزى تاللىغان يەردە ياشىيالىشى ئەركىنلىكى قاتارلىقلار تىپىك مىساللاردۇر. بۇلار يالغۇز ئامېرىكانى* ئىدىيىلىرى بولۇپلا قالماستىن بەلكى بۇلار ئە* تەبىئىي ئىنسانىي ھوقۇقلىرىدۇر. شۇنداق بولغىنى ئۈچۈن بىز بۇ ئىدىييلەرنى ھەر يەردە قوللايمىز. (ئالقىش)

نۆۋەتتە بۇ ۋەدىلىرىمىزنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى* تۈز كەتكەن بىر يولى يوق. لېكىن شۇنىسى ناھايىتى ئېنىقكى، بۇ ھوقۇقلارنى قوغدىغان، ھىمايە قىلغان دۆلەتلەر تېخىمۇ مۇقىم، مۇۋەپپەقىيەتلىك ۋە بىخەتەر ھالدا تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ. پىكىرلەرنى باستۇرۇش ھىچ بىر شەكىلدە ئۇ پىكىرلەرنى يوق قىلىۋېتەلمەيدۇ. بەزىدە بىز ھىچ بىر شەكىلدە قوبۇل قىلمىساقمۇ، قانۇن ئىچىدە ۋە تىنچلىق ئاساسىدا بارلىق پىكىرلەرنى* ئەركىن ھالدا ئىپادىلىنىشىگە تولۇق ھۆرمەت قېلب كەلدۇق. بارلىق سايلانغان، تىنچلىقسويەر ھۆكۈمەتلەرنى* ئۆز خەلقىنى* بۇ ھەقلىرىگە ھۆرمەت قىلغان ئاساستا دۆلەتنى ئىدارە قېلىشىنى قارشى ئالىمىز.

بۇ يەردە يەنە بىر نۇقتا ناھايىتى مۇھىم ، چۈنكى بەزىلەر پەقەت ھوقۇقتىن ئايرىلىپ قۇدرىتىدىن ئۇزاق قالغاندىلا ئاندىن دېموكراتىيەنى تەرغىب قىلىشقا باشلايدۇ. ئەمىلىيەتتە ئۇلار ھوقۇق تۇتقاندا رەھىمسىزلەرچە باشقىلارنى* ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىدۇ. (ئالقىش)

شۇنداقكەن، نېمە بولىشىدىن قەتئىي نەزەر خەلق تەرىپىدىن خەلق ئۈچۈن دەپ ھوقۇققا چىققان ئۈھۆكۈمەتلار بارلىق ئىنسانلا ئۈچۈن ئورتاق بىر ئۆلچەم بېكىتىشى شەرت. ئۇلار ئوز ھوقۇقلىرىنى زوراۋانلىق ئاساسىدا ئەمەس بەلكى خەلقنى* رازىلىقى ئاستىدا يۈرگۈزۈشى، ئاز سانلىقلارنى* ھەق ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قېلىشى، يول قويۇش ۋە كە* قورساقلىق پرىنسىپلىرى بىلەن ئىدارە قېلىشى، ئۆز خەلقىنى* ئالىي مەنپەئەتىنى ھەمدە دۆلەتتىكى سىياسى مىخاينىزىملارنى* ھەققانى جەريانلىرىنى ئۆزلىرىنى* پارتىيىسىنى* مەنپەئەتىدىن ئۈستۈن تۇتۇشى شەرت. بۇ تەركىبلەر ئىشقا ئاشۇرالماي تۇرۇپ يالغۇز سايلام ئۆتكۈزۈش بىلەن ھەقىقىي دېموكراتىيە بەرپا قىلغىلى بولمايدۇ.

تى*شىغۇچىلار : باراك ئوباما، بىز سىزنى سۆيىمىز!
پرېزدېنت ئوباما: تەشەككۈرلەر . (ئالقىش)

تەكىتلەشكە تېگىشلىك 5- مەسىلە بولسا دىنىي ئەركىنلىكتۇر.
ئىسلامنى* ئۆز-ئارا خوش-كۆرۈش(تولەرانكە) ھەققىدە پەخىرلىك تارىخى بار. بىز بۇنى ئەندەلۇسىيە ۋە كوردوبا تەتقىقاتلىرىدىنمۇ كۆرەلمەيمىز. مەن كىچىك ۋاقتىمدا تەقۋادار خرىستىئانلارنى* مۇتلەق كوپسانلىق مۇسۇلمانلاردىن تەشكىللەنگەن ھىندونېزىيىدە قانچىلىك ئەركىن ھالدا ئىبادەت قىلالىغانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەنمەن. بىز بۈگۈن دەل شۇ روھقا موھتاجمىز . ھەر دۆلەتتىكى ھەر بىر خەلق ئۆزىنى* كۆ*لى ۋە روھىي دۇنياسى قانداق ئارام تاپقان بولسا شۇ بويىچە ئۆزىنى* ئېتىقادىنى ئەركىن تاللاشقا ھوقۇقلۇق بولىشى كېرەك . بۇ خوشكۆرۈش ئەن-ئەنئەنىسى گەرچە دىننى* گۈللىنىشىدە ھالقىلىق يەر تۇتقان بولسىمۇ مانا ھازىرقى كۈنىمىزدە كوپ تەرەپلەردىن ئېغىر قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ.

بەزى مۇسۇلمانلاردا ئۆزىنى* دىنىي ئېتىقادىنى ھەققانى چىقىرىش ئۈچۈن باشقىلارنى* ئېتىقادىنى رەت قېلىش يۈزلىنىشى ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ. مەيلى لىۋاندىكى مارونىتلار ئۈچۈن بولسۇن ياكى مىسىردىكى كوپتلار ئۈچۈن بولسۇن دىنىي كوپخىللىقتىن ئىبارەت بۇ بايلىق چوقۇم ئىشقا ئېشىشى كېرەك . (ئالقىش) . ئەگەر ئۆزىمىز بىلەن سەمىمىي بولالىساق شۇنىسى ئېنىقكى مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى چىقىشالماسلىق چەمبىرى، بولۇپمۇ تراگېدىيەلىك قىرغىنچىلىقلارغا سەۋەب بولۇۋاتقان ئىراقتىكى سۇنئى ۋە شىئە بولۇنۇشى بارغانسېرى كىچىكلىشى ۋە يوقۇلىشى كېرەك .

دىنىي ئەركىنلىك ئىنسانلارنى* بىر ئارىدا ئورتاق ھالدا ياشىيالىشىدىكى ئاساسلىق ئامىللارنى* بىرى. شۇ*لاشقا بىز بۇ ھالەتنى ساقلاشنى* يوللىرىنى دائىما ئىزلىشىمىز زۆرۈر. مەسىلەن ئامېرىكادا دىنىي ئىئانە بېرىش توغرىسىدىكى چىقىرىلغان يې*ى بەلگىلىمىلەر كۆپلىگەن مۇسۇلمانلارنى* دىنىي مەسئۇلىيىتىنى ئىجرا قېلىشىغا قىيىنچىلىق پەيدا قىلىۋاتىدۇ. شۇ*لاشقا مەن ئامېرىكا’دىكى مۇسۇلمانلار بىلەن بىللە ئىشلەپ مۇسۇلمانلارنى* زاكات پەرزىنى لايىقى بىلەن ئورۇنلىيالىشى ئۈچۈن تىرىشىمەن.

ئوخشاشلا غەرب دۆلەتلىرىنى*مۇ مۇسۇلمان جامائىتىنى* ئۆزلىرى لايىق كۆرگەن كىيىم كېچەكلەر بىلەن ئۆزلىرىنى* دىنىي ئەمەللىرىنى قېلىشىغا توسالغۇلۇق قىلىدىغان ۋە ياكى مۇسۇلمان ئاياللارنى* قانداق كىيىنىشىنى تا*ىدىغان باشقىچە سىياسەتلەردىن ئۇزاق تۇرۇشى ناھايىتى مۇھىم . بىز لىبېرالىزم كۆرۈنۈشى ئاستىدا باشقا دىنلارغا بولغان دۈشمەنلىكلەرنى يوشۇرۇپ قالالمايمىز.

ئەمىلىيەتتە بىزنى دىنىي ئىتىقادلار بىر ئارىغا ئەكېلەلەيدۇ. شۇ سەۋەبتىن بىز ھازىر ئامېرىكا’دا مۇسۇلمانلارنى، يەھۇدىيلارنى ۋە خرىستىئانلارنى بىر ئارىغا ئەكېلىدىغان ھەر خىل پروگراممالار ئۈستىدە ئىشلەۋاتىمىز. يەنە ئوخشاش سەۋەبتىن سەئۇدى پادىشاھى ئابدۇللاھنى* دىنلار ئارىسى دىئالوگ ھەرىكىتىنى ۋە شۇنداقلا تۈركىيە باشچىلىقىدا باشلانغان مەدەنىيەتلەر ئىتتىپاقى ھەرىكەتلىرىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز. دۇنيا مىقياسىدا بىز دىئالوگلارنى دىنلار ئارىسى ھەمكارلىققا ئايلاندۇرغىنىمىزدا كىشىلەر ئارىسىدا قۇرۇلغان بۇ مەنىۋى كۆۋرۈكلەر ئەمىلى ھەرىكەتكە ئايلىنىدۇ ۋە بۇ ھەرىكەتلەر خۇددى ئافرىقا’دىكى مالارىيا’غا ئوخشاش يوقۇملۇق كېسەللەرگە قارشى كامپانيادا بولسۇن ۋە ياكى تەبىئىي ئاپەتلەردىن كېيىنكى ئىنسانىي قۇتقۇزۇش ھەم ياردەم بېرىش كامپانيالىرىدا بولسۇن ئۆزىنى* كۇچلۇك تەسىرىنى نامايان قىلالايدۇ.

مەن توختالماقچى بولغان 6-مەسىلە بولسا ئاياللارنى* ھەق ھوقۇقى مەسىلىسى (ئالقىش)

بىلىشىمچە، ۋە خۇددى بۇ يەردە ئولتۇرغانلار تەۋسىيە قىلغاندەك، بۇ ھەققىدە دۇنيادا ناھايىتى ساغلام بىر تالاش تارتىش يۇز بېرىۋاتىدۇ.

مەن غەربتىكى بەزىلەرنى* بېشىنى يۆگەش يولىنى تاللىغان مۇسۇلمان ئاياللارنى* باراۋەرلىكتىن ئاز بەھرىمەن بولىشى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى رەت قىلىمەن. بېشىنى يوگىگەنلىكى ئۈچۈن بەزى ئىنسانلارنى مائارىپتىن بەھرىمەن قالدۇرۇشنى* ئۆزى ئەمىلىەتتە ئۇلارنى* باشقىلار بىلەن باراۋەر ھوقۇققا ئىگە ئىكەنلىكىنى رەت قېلىش ھېسابلىنىدۇ .(ئالقىش) ئاياللارنى* مائارىپ سەۋىيىسى يۈكسەك بولغان دۆلەتلەرنى* تېخىمۇ باي ۋە تەرەققىي قىلغان دۆلەتكە ئايلانغانلىقى ھىچ بىر شەكىلدە تاسادىپىيلىق ئەمەس.

شۇنى يەنە بىر قېتىم ئوچۇق ۋە كەسكىن ھالدا ئوتتۇرىغا قوياي. ئاياللارنى* باراۋەرلىكى مەسىلىسى ھېچقانداق بىر شەكىلدە ئىسلام بىلەنلا مۇناسىۋەتلىك مەسىلە ئەمەس. تۈركىيە، پاكىستان، بىنگال، ھىندونېزىيە قاتارلىق كۆپسانلىق مۇسۇلمان ئاھالىسى بولغان دۆلەتلەر دۆلەتلىرىنى* بېشىغا ئايال يېتەكچىلەرنى سايلاپ چىقالىدى.

تېخىچە ئاياللارنى* باراۋەرلىكى مەسىلىسى يالغۇز ئامېرىكادىلا ئەمەس بەلكى دۇنيا مىقياسىدىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەردىمۇ بىر كۈرەش بولۇپ داۋاملىشىۋاتىدۇ.
مەن تولۇق ئىشىنىمەنكى بىزنى* قىزلىرىمىزمۇ خۇددى ئوغۇللىرىمىغا ئوخشاشلا جەمئىيىتىمىزنى* تەرەققىياتى ئۈچۈن ئوخشاش تۆھپىسىنى قوشالايدۇ. (ئالقىش)

ئەر-ئايال بولۇپ پۈتۈن ئىنسانىيەت ئۆزىنى* ئورتاق پوتېنسىئالىنى* تولۇق ئىشلەتكىنىدىلا ئورتاق گۈللىنىشىمىز ئالغا ئىلگىرىلىيەلەيدۇ. شۇنىمۇ ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەككى ئاياللار ئۆزلىرىنى* باراۋەرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى ئۈچۈن خۇددى ئەرلەرگە ئوخشاش تاللاشقا مەجبۇر بولىشىنى* ئورنى يوق ۋە ئۆزىنى* ئەن-ئەنىۋى ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇشنى تاللىغان ئاياللار ئۆزلىرىنى* بۇ ئەركىن تاللىشى ئۈچۈن تولۇق ھۆرمەتكە سازاۋەر بولىشى كېرەك . شۇ سەۋەبلەردىن ئامېرىكا بۈگۈن مۇسۇلمان ئاھالىسى كوپ ساندا بولغان دۆلەتلەر بىلەن يېقىن ئىشبىرلىكى قۇرۇپ ئاياللارنى* ساۋاتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، مىكرو-مالىيە ياردىمى پروگراممىلىرى بىلەن ياش خانىملارنى* ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىنچىلىقىنى ھەل قېلب ئۇلارنى*مۇ ئوز ئارزۇلىرىغا يېتەلىشى ئۈچۈن ئىشلەۋاتىدۇ. (ئالقىش)

ئە* ئاخىرىدا مەن ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە پۇرسەتلەر ھەققىدە توختىلىمەن.

ئىقتىسادنى* گلوباللىشىشى كۆپلىگەن كىشىلەرنى* كۆ*لىدە زىددىيەتلىك بىر ئۇقۇمغا ئىگە. ئىنتېرنېت ۋە تېلېۋىزىيە قاتارلىقلار بىلىم ۋە ئۇچۇرلارنى ئۆيىمىزغىچە يەتكۈزۈپ قالماستىن يەنە بىر تەرەپتىن بىز خالىمىغان جىنكەشلىك ۋە شىددەت سەھنىلىرىنىمۇ كۆز ئالدىمىزغا زورلاۋاتىدۇ. تىجارەت بىر تەرەپتىن بايلىق ۋە يې*ى پۇرسەتلەر ياراتقان بولسا يەنە بىر تەرەپتىن ھەر بىر جامائەتچىلىك ئۈچۈن توسالغۇلۇقلارنىمۇ پەيدا قىلىۋاتىدۇ.. ئامېرىكا’نى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق دۆلەتلەر ئۈچۈن بۇ خىلدىكى تىز ئۆزگۈرۈشلەر مەلۇم دەرىجىدە قورقۇ ئېلىپ كەلمىدى دېگىلى بولمايدۇ. بۇ بولسىمۇ نۆۋەتتىكى زامانىۋىلىق سەۋەبىدىن ئۆزىمىزدە بۇرۇندىن بولۇپ كەلگەن ئىقتىسادىي جەھەتتىكى تاللاشلىرىمىز، سىياسى جەھەتتىكى ئىمكانلىرىمىز ۋە ئە* مۇھىمى ئۇزۇندىن بۇيان جامائەتىمىزنى، ئائىلىمىزنى، ئەن-ئەنىلىرىمىزنى ۋە شۇنداقلا دىنىي ئېتىقادىمىزنى رە*لەندۇرۇپ جانلاندۇرغان ئۆزىمىزنى* شەخسى كىملىكىمىزنى يوقۇتۇپ قويۇش ھەققىدىكى قورقۇدىن ئىبارەتتۇر. يەنە بىر تەرەپتىن تەرەققىياتنى رەت قىلغىلى بولمايدۇ. تەرەققىيات ۋە ئەن-ئەنە ئوتتۇرىسىدا بۇنداق بىر زىددىيەت بولماسلىقى كېرەك . ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىر تەرەپتىن ئوزلىرىنى* ئەن-ئەنەۋى مىراسىنى ساقلاپ قېلىش بىلەن تە* ئىقتىسادىي جەھەتتىن ناھايىتى تىز تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرەلىدى. ئوخشاش رىياللىقنى مۇسۇلمانلار كوپسانلىقنى ئىگىلىگەن كۇئالا لۇمپۇردىن دۇبائى’غىچە كۆپلىگە يەرلەردە كۆرەلمەيمىز. ئۆتمۈشىمىزدە ۋە كۈنىمىزدە مۇسۇلمانلار يې*ىلىق يارىتىش ۋە تەلىم تەربىيە جەھەتلەردە ئە* ئالدىنقى فرونتلاردا يەر ئېلىپ كەلگەن.

بۇلار ناھايىتى مۇھىم مەسىلىلەر بولۇپ، يەر ئاستىدىن نېمە چىقاركىن دىگەنگە قاراپلا ھىچ بىر ئىقتىسادىي تەرەققىيات ستىراتىگىيەسىنى بەلگىلىگىلى بولمىغىنىدەك، بۇ خىل تەرەققىياتلارنى ھەم مۇتلەق كوپسانلىق ياش نوپۇسنى ئىش ئىمكانىدىن مەھرۇم قىلىش بىلەن ساقلاپ قالغىلى بولمايدۇ.

كۆپلىگەن قولتۇق دۆلەتلىرى (گۇلف ستاتەس) نېفىت بايلىقى سەۋەبىدىن ناھايىتى كوپ بايلىققا ئېرىشتى ۋە شۇنداقلا ھازىر تېخىمۇ كوپ خىل ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۈچۈن دىققىتىنى مەركەزلەشتۇرىۋاتىدۇ. شۇنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەككى 21-ئەسىردىكى ئە* كۇچلۇك كاپىتال دەل تەلىم تەربىيە ۋە ئىجادچانلىقتىن ئىبارەت. (ئالقىش). ئەپسۇسكى كۆپلىگەن مۇسۇلمان دۆلەتلىرى بۇ ساھاغا يىتەرلىك مەبلەغ سالمايۋاتىدۇ. مەن ئوز دۆلىتىمدە بۇ خىلدىكى مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرىۋاتىمەن. ئۆتمۈشتە ئامېرىكا نىفىت ۋە گاز ساھاسى بويىچە بۇ رايۇنلارغا كۆپلەپ مەبلەغ سالغان ئىدى ،مانا ئەمدىلىكتە بىز كوپ خىلدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى* يوللىرى ئۈچۈن ئۇرىنىۋاتىمىز.

مۇئارىپ جەھەتتە ئوقۇغۇچى ئالماشتۇرۇش پروگراممىلىرىنى كې*ەيتىش بىلەن تە*، مېنى* دادامنى كېنيا’دىن ئامېرىكا’غا ئەكەلگەن ئوقۇش مۇكاپات پروگراممالىرىنىمۇ ئاشۇرىمىز. (ئالقىش)

ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە بىز كۆپلىگەن ئامېرىكالىقلارنى* مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدە ئوقۇشىنى رىغبەتلەندۇرىمىز. بىز ئىستىقباللىق مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلارنى* ئامېرىكا’دا پراكتىكا قېلىشىغا، دۇنيانى* ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنى* ئىنتىرنېتتىن ئوقۇش ئىمكانىيەتلىرىگە ئېرىشىشىگە مەبلەغ سالىمىز. شۇنداق بولغاندىلا كانساستىكى بىر ياش قۇلايلىق بىلەن قاھىرە’دىكى بىر ياش بىلەن دەرھال ئالاقە قۇرالايدىغان بولىدۇ.
يەنە بىر تەرەپتىن بىز مۇسۇلمان دۆلەتلەر بىلەرن ئورتاق ھالدا ئىشلىيەلەيدىغان خالىسانە بىر تىجارىي ساھانى* قۇرۇلۇشى ئۈچۈن باش قاتۇرىۋاتىمىز. بۇ يىل مەن ئامېرىكا ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدىكى تىجارەت، ۋەخپە ۋە ئىجتىمايى ساھالەردىكى لىدېرلەرنى بىر ئارىغا توپلاپ ئورتاق ھەمكارلىشالايدىغان تۇرلەرنى ئايرىپ ئىشقا باشلاش ئۈچۈن ئالى دەرىجىلىك ۋە كوپ تەرەپلىمىلىك بىر ئۇچرۇشۇشقا ساھىپخانلىق قىلىمەن.

پەن ۋە تېخنىكا جەھەتتىن بولسا يېقىندا بىز مۇسۇلمان دۆلەتلەردىكى تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخنىكا يۆتكەپ بېرىش، تېخىمۇ كۆپ ئىش ساھالىرىنى* ئېچىلىشى ئۈچۈن يې*ى پىكىرلەرنى* پىششىقلىنىپ ئىشلىشىگە كىرەكلىك بولغان يې*ى بىر فوند يەنى مەبلەغ ئاجرىتىمىز. بىز يەنە ئافرىقا، ئوتتۇرا شەرق، شەرقىي جەنۇبي ئاسىيا قاتارلىق جايلاردا نەمۇنىلىك پەن تېخنىكا مەركەزلىرىنى قۇرۇش بىلەن تە* يې*ى ئىنىرگىيە مەنبەلىرىنى* ئېچىلىشى، يەنىمۇ كوپ يېشىل ئىش ئورۇنلىرىنى* ئېچىلىشى، ئارخىپلارنى* دىجىتاللىشىشى، پاكىز سۇ ۋە يې*ىچە ئۇسۇلدا زىرائەت يېتىشتۈرۈش تېخنىكىلىرىغا مەسئۇل بىر ئەلچى تەيىنلەيمىز، بۇگۇن مەن يەنە ئىسلام كونفرانسى تەشكىلاتى بىلەن ھەمكارلىق ئاساسىدا پولىئو(؟)’نى يوقۇتۇش ئۈچۈن خەلقارالىق بىر ھەمكارلىقنى ئىلان قېلىمەن. ئۇندىن باشقا يەنە مۇسۇلمان دۆلەتلەر بىلەن بىرلىشىپ بالىلار ۋە ئانىلار ساقلىقىنى كاپالەتلەندۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق ھەركەت قىلىمىز.

يۇقارقىلارنى* ھەممىسى چوقۇم ھەمكارلىق ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىشى كىرەك. ئامېرىكا دۇنيا مىقياسىدىكى مۇسۇلمان دۆلەتلەرنى* پۇقرالىرى، ھۆكۈمەتلىرى، جامائەت تەشكىلاتلىرى، دىنىي رەھبەرلىرى ۋە تىجارەت ئەرباپلىرى بىلەن قول تۇتۇشۇپ خەلقلىرىمىزنى* تېخىمۇ ياخشى كىلەچەكلىرىنى يارىتىشى ئۈچۈن ھەمكارلىققا ھازىر.

مەن توختالغان مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قېلىش ئۇنچە ئاسان ئەمەس، بىز ئۆزىمىز ئارزۇ قىلغان بىر دۇنيا ئۈچۈن، يەنى ئاشىرى زوراۋانلار ئەسلا خەلقىمىزگە تەھدىت قىلمايدىغان، ئامېرىكا قوشۇنلىرى ئوز ئۆيىگە قايتىپ كەلگەن، ئىسرائىل ۋە پەلەستىنلىكلەر ئوزىنى* دۆلىتىدە بىخەتەرلىككە ئېرىشكەن، ئاتوم ئىنىرگىيەسى تىنچ مەقسەتلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان، ھۆكۈمەتلەر ئوز پۇقرالىرىغا ئادىل خىزمەت قىلىدىغان، ئاللاھ ياراتقان بارلىق ئىنسانلارنى* ھەق ھوقۇقى تولۇق ھورمەتلەنگەن بىر دۇنيا ئۈچۈن يۇقارقىلارنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا مەجبۇرمىز. مانا بۇ بىز ئىستىگەن دۇنيا. لىكىن بىز باراۋەر بولغاندىلا بۇ دۇنيانى ئىشقا ئاشۇرالايمىز.

مەن مۇسۇلمان ياكى مۇسۇلمان بولمىغان كۆپلىگەن كىشىلەرنى* بۇ يې*ى باشلىنىشنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغانلىقىمىز ھەققىدە گۇماندا ئىكەنلىكىنى ياخشى بىلىمەن. بۇلار ئەمىلىيەتتە ئۆتمۈشتىكى بۆلۈنۈش يالقۇنلىرىنى ئوخچۇتۇپ كەلگۇسى تەرەققىياتنى* يولىنى توراپ تۇرىۋالغانلاردۇر. ھەتتا بەزىلەر بۇلارنى سىناشقىمۇ ئەرزىمەيدۇ، چۇنكى بىز ئۆزئارا چىقىشالماسلىققا تەقدىر قېلىنغان ۋە ئارىمىزدىكى مەدىنىيەتلەر سوقۇلۇشقا تەييار ھالەتتە دەپ يۇرگەنلەرمۇ ئاز ئەمەس. چۇنكى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى شۇنچىلىك كۆپ ئىشەنچسىزلىك ۋە قورقۇ بىناسى ئىنشا قېلىندىكى ئەگەر بىز يەنىلا ئۆتمۈش بىلەن قاپسىلىپ قېلىشنى تاللىساق كەلگۇسىگە بىر قەدەممۇ باسالمايمىز. مەن بۇ سوزۇمنى قايسى دىندا بولىشىدىن قەتئى نەزەر پۇتۇن دۇنيادىكى ياش نەسىللەرگە ئېيتماقچى: ھەممىدىن بەكرەك سىلەر بۇ دۇنيانى يې*ىدىن تەسەۋۋۇر قېلىش ۋە قۇرۇش ئۈچۈن قابىلىيەتلىكسىلەر.

ھەممىمىز بۇ دۇنيادا قىسقا بىر مۇددەت ئۈچۈن ئورتاق ياشايمىز. نوۋەتتىكى سۇئال بولسا بىر-بىرىمىزنى بىر بىرىمىزدىن ئۇزاقلاشتۇرغان مەسىلىلەر ئۈچۈن دىققەتنى مەركەزلەشتۇرەمدۇق ياكى بارلىق غەيرىتىمىزنى پۈتۈن ئىنسانلارنى* ئىززەت ئابرويىغا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئەۋلاتلىرىمىز ئۈچۈن بىز ئارزۇ قىلغان ۋە ئۇزۇن مۇددەت داۋاملىشالايدىغان ئورتاق بىر كەلگۇسى تېپىشقا سەرپ قىلامدۇق دىگەندىن ئىبارەت..

ئۇرۇش باشلىتىش ئاخىرلىتىشتىن ئاسان. باشقىلارنى ئەيپلەش ئوزىنى* ئىچ دۇنياسىغا نەزەر سېلىشتىن قولاي. يەنە شۇنداقلا باشقىلارنى* بىزگە ئوخشىمايدىغان نوقتىلىرىنى تېپىش ھەممىمىزگە ئورتاق بولغان قىممەتلەرنى بايقاشتىن تېخىمۇ ئاسان. بىز قولاي يولنى ئەمەس بەلكى توغرا يولنى تاللىشىمىز كىرەك. پۇتۇن دىنلارغا ئورتاق بولغان قائىدە بار ئۇ بولسىمۇ ئوزە*گە راۋا كورمىگەننى باشقىلارغا راۋا كورمە. (ئالقىش)

ھەقىقەتلەر ۋە توغرا بولغانلار مىللەتلەر ۋە دۆلەتلەردىن ھالقىپ ئوتىدىغان قىممەتلەردۇر. ئىتىقاد يې*ى بىر ئۇقۇم ئەمەس بولغىنىدەك، قارا، ئاق ۋە ياكى قىزىل رە*لىكمۇ ئەمەس. ئىتىقاد يالغۇز خىرىستىيانلىق، مۇسۇلمان ۋە ياكى يەھۇدىيلىقتىن ئىبارەت بولغانمۇ ئەمەس. ئىتىقادلار مەدىنىيەتنى* بۆشۈگىدىن باشلىنىپ مىليارتلىغان ئىنسانلارنى* يۇرىكىدە تېخىچە ئۇرغۇۋاتقان ئورتاق بىر رېتىم. مېنى* باشقا ئىنسانلارغا بولغان ئىشەنجىم دەل مىنى بۇ يەرگە ئېلىپ كەلگەن سەۋەپتۇر.

مۇقەددەس كىتاپلاردا يېزىلغانلارنى خاتىرلىگەن ھالدا ئەگەر بىزدە ئورتاق بىر شىجائەت بولىدىكەن، دۇنيانى بىز ئارزۇلىغان بويىچە قايتىدىن شەكىللەندۇرەلەيمىز:

مۇقەددەس قۇرئان بىزگە دەيدۇكى: ئەي ئىنسانلار، بىز سىلەرنى ئەر ۋە ئايال ياراتتۇق، سىلەرنى* بىر بىر*لارنى تونۇشۇ*لار ئۈچۈن سىلەرنى ئوخشىمىغان دۆلەت ۋە قەبىلىلەرگە ئايرىدۇق.

تالمۇد بىزگە دەيدۇكى، پۇتۇن تەۋرات تىنچلىقنى تەرغىپ قېلىشنى مەقسەت قىلغان.

مۇقەددەس ئىنجىل بىزگە دەيدۇكى: تىنچلىق ياراتقۇچىلارغا ئاللاھنى* مەرھەمەتلىرى بولسۇن، ئۇلار ئاللاھنى* ئوغۇللىرى دەپ چاقىرىلىشى كىرەك. (ئالقىش

دۇنيادىكى ئىنسانلار تىنچلىق ئىچىدە بىللە ياشىيالايدۇ. بۇنى* ياراتقۇچىنى* ئارزۇسى ئىكەنلىكىنى ياخشى بىلىمىز. شۇنداقكەن بۇمۇ بىزنى* بۇ دۇنيادىكى ئورتاق غايىمىز بولىشى كىرەك

تەشەككۇرلەر، ئاللاھنى* رەھمىتى ئۈستۈ*لاردا بولسۇن. كۆپلەپ تەشەككۇرلەر.
ئالقىش


تەرجىمە قىلغۇچى: م.توختى
ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ، تەھرىرلەپ تورغا يوللىغۇچى‹ ئابدۇرېشىد ھاجى كېرىمىي