PDA

View Full Version : milliy teqdirimizni basquchlargha bolup hel qilish heqqide teklip10-uyghur kona yeziq



abdurexit haji
22-04-09, 16:03
http://www.uyghurpen.com/uy/index.php?page_ID=show_topic&&%20ID=abd20090422215546&&%20CAT=Literature

Yuqarqiy ulanmidin kona yeziqchisini oquyalaysiz


yaki buni biwaste oqup paydilning!

مىللىي تەقدىرىمىزنى باسقۇچلارغا بۆلۈپ ھەل قىلىش ھەققىدە تەكلىپ ( 10(

مىللىي تەقدىرىمىزنى باسقۇچلارغا بۆلۈپ ھەل قىلىش ھەققىدە تەكلىپ ( 10 )

مۇستەقىل تەتقىقاتچى ۋولقان بۇغرا، ئورخۇن ئۇيغۇر

( تەكلىپتە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پۈتۈن پىكىر – قاراشلار ئۆزىمىزگە ئائىت بولۇپ، ئىككىمىزدىن باشقا ھېچ بىر تەشكىلات ياكى شەخسكە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ )

3. شەرقىي تۈركىستاننى* نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدىكى تەكشۈرۈش دوكلاتى


ئىزاھات : مەزكۇر دوكلاتنى* ئەسلى تېمىسى - “ شەرقىي تۈركىستاننى* كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە كۆك تاشلىق كىتاب “ بولۇپ، بۇ كۆك تاشلىق كىتابتا ، كوممۇنىست خىتاينى* شەرقىي تۈركىستاندىكى 60 يىللىق ھاكىمىيىتىگە قىسقىچە باھا بېرىلدى.
10 نەچچە بۆلۈمدىن تەركىب تاپقان بۇ دوكلاتىمىزنى* ئاخىرقى بۆلۈملىرىنى دىققىتى*ىزلارغا سۇندۇق :

3. شەرقىي تۈركىستاننى* نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدىكى تەكشۈرۈش دوكلاتى


13 – بۆلۈم :
شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنى* ئىچكى قۇرۇلمىسى ۋە ئىدىلوگىيەسى

دۇنيانى* ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنىگە باققىنىمىزدا، مۇستەملىكىچىلەرنى* مەلۇم بىرمىللەتنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقۇتۇشتىكى ئە* ئاساسلىق قورالى – كۆچمەن يۆتكەش سىياسىتىدىن ئىبارەت. مۇستەملىكىچىلەر ئەنەشۇ كۆچمەنلىرىگە تايىنىپ تۇرۇپ، يەرلىك مىللەتلەرنى* مەدەنىيەت ، مائارىپ، ئىقتىساد ، دىن، تارىخ، سودا – سانائەت ... قاتارلىق تۈرلۈك ساھەلىرىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىپ، ئۆزلىرىنى* مەدەنىيىتىنى مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى مىللەتلەرگە زورمۇ- زور تې*ىش ئارقىلىق، يەرلىك خەلقنى* مىللىي ۋە دىنىي تۇيغۇلىرىنى تامامەن يوق قىلىشغا تىرىشىپ كەلدى.

مىللىي ۋە دىنىي تۇيغۇدىن ئۇزاقلىشىش دېمەك ، ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ يوقۇلۇش دېمەكتۇر .
ھەقىقەتەنمۇ ھازىر خىتاينى* ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى مىللىي رايونلارنى* ئىچىدە قايسىسى خىتاي كۆچمەنلىرىنى* ھۇجۇمىغا ئاز ئۇچرىغان بولسا، شۇ رايونلاردىكى خەلقلەرنى* مىللىي ۋە دىنىي تۇيغۇلىرى شۇنچە كۈچلۈك بولماقتا.

گەرچە ھازىر خىتاينى* رەسمى ئىستاتىسكىلىرىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنى* سانى 8 مىليون 239 مى* 300 نەپەر دەپ كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما بەزى ئانالىزچىلار، شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنى* ھەقىيقى سانىنى 15 – 20 مىليون ئەتراپىدا دەپ تەخمىن قىلىشماقتا.

شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي كۆچمەنلىرىنى* سانىنى* كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا يەرلىك خەلق بىلەن خىتاي پۇقرالىرى ئوتتۇرىسىدىكى مىللىي ئۆچمەنلىك تۇيغۇلارنى* كۈندىن – كۈنگە كۈچۈيۈپ بېرىۋاتقانلىقى ۋە بۇنى*غا ماس ھالدا مىللىي توقۇنۇشلارنى* سانىنى* شىددەت بىلەن كۆپۈيۈشكە باشلىغانلىقى، پۈتۈن دۇنيا جامائەتچىلىكى تەرىپىدىن بىلىنىپ كەلمەكتە.
شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي كۆچمەنلىرى ئۆزلىرىنى ھېچبىر زامان نورمال بىر پۇقرا دەپ قارىغىنى يوق، ئەكسىچە ئۇلار ئۆزلىرىنى خىتاي ھاكىمىيىتىنى* بىر پارچىسى دەپ قارىماقتا ۋە كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنى* شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە سېلىۋاتقان زۇلۇملىرىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن شېرىك بولۇپ كەلمەكتە، شۇنى* ئۈچۈنمۇ شەرقىي تۈركىستان خەلقى ھەقلىق ھالدا خىتاي كۆچمەنلىرىدىن خۇددى خىتاي ھاكىمىيىتىدىن نەپرەت قىلغاندەك قاتتىق نەپرەت قىلىپ كەلمەكتە.

كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنى* تەشۋىق – تەرغىبلىرى نەتىجىسىدە شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنى* چو* خىتايچىلىق ئىدىيىسى بارغانسېرى كۈچەيمەكتە ۋە ئۇلار شەرقىي تۈركىستاندىكى يەرلىك خەلققە 2 – سىنىپ مۇئامىلىسىنى يۈرگۈزۈپ كەلمەكتە. بۇخىل خاھىش تۈپەيلىدىن نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي كۆچمەنلىرى يەرلىك خەلقنى* ئۆرپ – ئادەتلىرىنى قاتتىق دەپسەندە قىلىدىغان، يەرلىك خەلقنى ھەر ساھەدە كەمسىتىدىغان، ھاقارەتلەيدىغان ۋە بوزەك قىلىدىغان ئەھۋاللار ئومومى يۈزلۈك ھادىسىگە ئايلاندى، بۇمۇ يەرلىك خەلقنى* خىتاي پۇقرالىرىغا بولغان ئۆچمەنلىكىنى كۈچەيتمەكتە.

كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنى* شوۋىنىستىك تەشۋىقاتى تۈپەيلىدىن، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا ياشاۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرى ئۆزلىرىنى نورمال بىر گېرەجدان قاتارىدا ئەمەس، بەلكى يەرلىك خەلقنى نازارەت قىلىۋاتقان بىر ھۆكۈمدار قاتارىدا كۆرمەكتە. شۇنى* ئۈچۈنمۇ ھەر قېتىم شەرقىي تۈركىستاندا يەرلىك خەلق كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنى* زوراۋانلىقىغا قارشى قوزغىلىپ چىققاندا، شەرقىي تۈركىستاندا ياشاۋاتقان خىتاي پۇقرالىرى دەرھال تەشەببۇسكارلىق بىلەن قولىغا قورال ئېلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى* ساقچى – ئەسكەرلىرى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، قولىدا تۆمۈرنى* سۇنۇقىمۇ بولمىغان يەرلىك خەلقنى* نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى قانلىق باستۇرۇپ كەلمەكتە ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنى* يەرلىك خەلققە قاراتقان كوللېكتىپ تۇتقۇن قىلىش ۋە باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىدە ئالدىنقى سەپتە تۇرۇپ كەلمەكتە.

مەسىلەن، شەرقىي تۈركىستاندا 90 – يىلى يۈزبەرگەن “ بارىن ۋەقەسى “ ، 97 – يىلى يۈزبەرگەن “ غۇلجا ۋەقەسى “ قاتارلىق مىللىي ھەرىكەتلەرنى باستۇرۇشتا، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئادەتتىكى خىتاي پۇقرالىرى ئاكتىپ رول ئالغان ئىدى.

مەسىلەن، بارىن ۋەقەسىنى باستۇرۇشتا" بى* تۇەن" قارمىقىدىكى يېزا ئىگىلىك 5 – دىۋىزىيەسىنى* خەلق ئەسكەرلىرى ۋە قەشقەر رايونىدا تۇرۇشلۇق خىتاي پۇقرالىرىدىن تەشكىل تاپقان خەلق ئەسكەرلىرى بىۋاسىتە ئىشتىراك قىلغان ئىدى.

“ غۇلجا ۋەقەسى “ نى باستۇرۇشتا بولسا، بى* تۇەن 4 – دىۋىزىيەسىنى* خەلق ئەسكەرلىرى باشتىن – ئاخىر تولۇق ئىشتىراك قىلدى، ھەتتا ئېغىر تىپتىكى زامانىۋى قوراللار بىلەن تولۇق قوراللانغان بى*تۈەنلىك خەلق ئەسكەرلىرى، غۇلجا ۋەقەسى مەزگىلىدە، غۇلجا شەھرىدە ھەشەمەتلىك مانېۋىر ئېلىپ بېرىپ، يەرلىك خەلققە تېرە تاراقشىتىپ ھەيۋە كۆرسەتكەن ئىدى. بۇخىل ھادىسىلەر، شەرقىي تۈركىستاندا مىللىي زىددىيەتلەرنى* كۈچۈيۈپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولۇۋاتقان ئە* ئاساسلىق ئامىللارنى* بىرى.
چەتئەلدىكى خىتاي دېموكراتىك ھەرىكىتىنى* رەھبىرى ۋېي جى* شى* ئەپەندى، 1999 – يىلى جەنۋەدە بەزى ئۇيغۇر ۋەكىللىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە مۇنداق دەپ بايان قىلغان ئىدى:

"ئەپسۇسكى، شەرقىي تۈركىستانغا ئوخشىغان ئازسانلىق مىللەت رايونلىرىدا كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى ھەرىكەتلەر ئىككى خىلغا بۆلۈنگەن، ئۇنى* بىرى، شۇ رايونلاردىكى يەرلىك خەلقنى* ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان مىللىي كۈرەشلەر، يەنە بىرى، شۇ ئازسانلىق مىللەت رايونلىرىدا ياشاۋاتقان خىتاي خەلقىنى* ئۆزلىرىنى* دېموكراتىك ئەركىنلىكىنى ۋە ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان ھالدا ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرەشلىرىدىن ئىبارەت. ئەمما، كوممۇنىست خىتاينى* ئەكسىيەتچىل تەشۋىقاتى تۈپەيلىدىن، شۇ رايونلاردىكى يەرلىك مىللەتلەر بىلەن خەنزۇلار ئوتتۇرىسىدا ئىزچىل تۈردە زىددىيەت ۋە سۈركۈلۈش داۋام قىلىپ كەلدى، شۇ*ا مېنى*چە بۇ ئىككى خىل كۈرەش ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى چو* پەرق بار. بىز ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى بۇخىل زىددىيەت ۋە سۈركۈلۈشلەرنى يوق قىلىشقا تىرىشىۋاتىمىز ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي دېموكراتىك كۈچلىرى بىلەن مىللىي كۈچلەرنى بىرلەشتۈرۈشكە ۋە ماسلىشىپ ھەرىكەت ئېلىپبېرىشقا تىرىشىۋاتىمىز".

گەرچە چەتئەللەردە پائالىيەت قىلىپ كېلىۋاتقان خىتاي دېموكراتلىرى يۇقىرىقى مەسىلىلەرنى ئېغىزىدا تەكىتلەپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي پۇقرالىرىنى دېموكراتىيىلەشتۈرۈش ۋە بۇ ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتكە ئوخشىغان مىللىي رايونلاردا مىللىي زىددىيەتلەرنى پەسەيتىش جەھەتلەردە ھېچقانداق ئىجابىي قەدەم تاشلىغىنى يوق.

ئەسلىدە خىتاي دېموكراتىك تەشكىلاتلىرى شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتكە ئوخشىغان مىللىي رايونلاردىكى خىتاي پۇقرالىرىغا قارىتا ئالاھىدە تەشۋىقات پۇروگگىراممى ھازىرلاپ چىقىپ، بۇرايونلاردىكى خىتاي پۇقرالىرىغا قارىتا سىستېمىلىق ھالدا تەشۋىقات ئېلىپ بېرىشى، بۇ رايوندىكى خىتاي پۇقرالىرىغا دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى باياننامىسىنى يېتەكچى ئىدىيە قىلغان دېموكراتىك قاراشنى سى*دۈرۈشى، ئۇلارغا كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنى* شوۋىنىستىك ئىدىيىسىگە ۋارىسلىق قىلماسلىقنى، كۆچمەن يۆتكەش سىياسىتىنى* قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتمەسلىكنى، يەرلىك خەلقنى* ئىنسانىي ھەق – ھوقۇقلىرىغا ، مىللىي ئۆرپ - ئادەتلىرىگە ھۆرمەت قىلىشنى، ھاكىمىيەت بىلەن بىرلىشىپ يەرلىك خەلقنى بوزەك قىلماسلىقنى تەشۋىق – تەرغىب قىلىشى لازىم ئىدى.

ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، گەرچە نۆۋەتتە خىتاي ئىچىدە دېموكراتىك ھەرىكەتلەر ئۈزلۈكسىز كۈچىيىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي دېموكراتىك ھەرىكىتىنى* شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتكە ئوخشىغان مىللىي رايونلاردا ھېچقانداق تەسىرى ۋە نوپۇزى يوق، ئەكسىچە مىللىي رايونلاردا ياشاۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرىنى* كوممۇنىستىك ۋە شوۋىنىستىك قارىشى بارغانسېرى كۈچۈيۈپ، بۇ رايونلار ھەتتا كوممۇنىستىك ئا*نى* ئاساسى بازىلىرىغا ئايلانماقتا، بۇ ھال، خىتاي دېموكراتىك ھەرىكىتى ئۈچۈن ناھايىتى زور بىر يوشۇرۇن تەھدىتتىن ئىبارەت
.
ئەگەر خىتاي دېموكراتىك كۈچلىرى بۇ رايونلاردىكى خىتاي كۆچمەنلىرىگە قارىتا ھازىردىن ئېتىبارەن سىستېمىلىق بىر تەلىم – تەربىيە ۋە تەشۋىقات ئېلىپ بارمىغان تەقدىردە، خىتايدا دېموكراتىك تۈزۈم ئورنۇتۇلغاندا، شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتكە ئوخشىغان مىللىي رايونلاردا پۈتۈن دۇنيا تىنچلىقىغا خەۋپ يەتكۈزىدىغان زور مىللىي توقۇنۇش ۋە ھەتتا رايون خاراكتېرلىك ئۇرۇش يۈز بېرىش ئېھتىمالى ئىنتايىن يۇقىرى .

خىتاي ھاكىمىيىتىمۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئۆزلىرىنى* زاپاس قوشۇنىغا ئايلاندۇرۇۋېلىش مەقسىتىدە، ئۆز تەشۋىقاتلىرىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى مىللىي ھەرىكەتلەرنى* مەقسىتى ۋە خاراكتېرىنى بۇرمىلاپ، بەزى زور مىللىي ھەرىكەت جەريانىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان بىرقانچە خىتاي پۇقراسىنى جېنىنى* بېرىچە تەشۋىق قىلىپ، خىتاي كۆچمەنلىرىنى* يەرلىك خەلققە بولغان ئۆچمەنلىكىنى قوزغاشقا تىرىشىپ كەلدى.

مەسىلەن، 1997 – يىلىدىكى غۇلجا ۋەقەسىنى ئېلىپ ئېيتساق، بۇ ۋەقە جەريانىدا يۈزلىگەن بىگۇناھ ئۇيغۇر ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى، خىتاي ھاكىمىيىتى بۇ ۋەقە يۈز بېرىپ تاكى ھازىرغا قەدەر غۇلجا رايونىدا ئۇيغۇرلارنى سوتلاش ۋە ئۆلۈم جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.

خىتاي ھاكىمىيىتى ئىچكى ۋە تاشقى تەشۋىقاتلىرىدا ھېچبىر زامان غۇلجا ۋەقەسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئېلىپ باققىنى يوق، ئەكسىچە بۇ ھەرىكەت جەريانىدا نەچچە 100 لېگەن خىتاي پۇقراسىنى* "مىللىي بۆلگۈنچىلەر" تەرىپىدىن "ئېچىنىشلىق ھالدا" ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى جېنىنى* بېرىچە تەشۋىق قىلىپ، ھەم خىتاي پۇقرالىرىنى، ھەم دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ئالداپ كەلدى. ئەمىلىەتتە بولسا غۇلجىدىكى مىللىي توقۇنۇشلار جەريانىدا ئۆلگەن ئۇيغۇرلارنى* سانى، خىتاي پۇقرالىرىنى*كىدىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى ئىدى.

مەسىلەن، "شىنجا* ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە تەتقىقات ئىشخانىسى" تەرىپىدىن ئۆتكەن يىلى نەشىر قىلىپ ئىچكى قىسىمدا تارقىتىلغان „شىنجا*نى* مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەش تارىخى"دېگەن كىتابتا ، غۇلجا ۋەقەسىدە ئۆلگەن خىتاي پۇقرالىرىنى* ئومومى سانى 7 نەپەر قىلىپ كۆرسىتىلگەن ئىدى. چەتئەل ئاخبارات ئاگېنتلىقلىرى بولسا بۇ ۋەقەدە ئۆلگەن ئۇيغۇرلارنى* سانىنى 400 ئەتراپىدا دەپ مۆلچەرلىمەكتە.

ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، خىتاي كۆچمەنلىرى نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندىكى پۈتكۈل زىددىيەت ۋە ئىختىلاپنى* مەنبىيىگە ئايلاندى، شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي كۆچمەنلىرىنى* سانىنى* كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنى* يەرلىك خەلقنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش قەدىمىمۇ تىزلەشمەكتە. ھەتتا بۇ خىتاي كۆچمەنلىرى شەرقىي تۈركىستاننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنى* كەلگۈسى بىخەتەرلىكى ئۈچۈنمۇ ناھايىتى زور تەھدىت شەكىللەندۈرمەكتە.

شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنى تۆۋەندىكىدىكىدەك بىرقانچە تۈرگە ئايرىش مۇمكىن:

( 1 ) قارا خىتايلار:

“ قارا خىتاي “ دېگىنىمىز ، شەرقىي تۈركىستاندا بىرقانچە ئەۋلادتىن بۇيان ياشاپ كەلگەن، يەنى زوزۇ*تا*نى* ئىستىلاسىدىن، تاكى 49 – يىلىغىچە بولغان مەزگىلگىچە بۇ رايوندا ياشاپ كەلگەن 400 – 500 مى* خىتاي كۆزدە تۇتىلىدۇ، بۇ خىتايلارنى* مۇتلەق كۆپ قىسمىنى* خىتاينى* ئىچكىرى ئۆلكىلىرى بىلەن بولغان ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلىرى تامامەن ئۈزۈلگەن بولۇپ، ئەسلى يۇرتىغا قايتىش يوللىرى كېسىلگەن ، ئۇلار ئۆزلىرىنى يېرىم – ياتا بولسىمۇ يەرلىك شەرقىي تۈركىستانلىق دەپ قارايدۇ، ئۇلارنى* خېلى كۆپ قىسمى يەرلىك مىللەتلەرنى* ئۆرپ – ئادەتلىرىنى قوبۇل قىلغان، ھەتتا ئۇلارنى* ئىچىدە مۇسۇلمان بولغانلىرىمۇ بار.

بۇ خىتايلارنى* خېلى بىر قىسمى كوممۇنىستلار دەۋرىدىن كېيىن كەلگەن خىتاي كۆچمەنلىرىدىن نەپرەت قىلىدۇ، چۈنكى ئۇلارمۇ سىياسى، ئىجتىمائىي ۋە ماددىي جەھەتلەردە يې*ى خىتاي كۆچمەنلىرىنى* دەخىل – تەرۈزىگە ئۇچرىغان، ئۇلار، “ يې*ى ئاققۇنلار بىزنى ئۇيغۇرلار ئىچىدە سېسىتىپ يۈزىمىزنى قويمىدى، بۇلارنى* كاساپىتىدىن ھازىر ئۇيغۇرلار بىزنىمۇ بۇ يې*ى خىتاي ئاققۇنلىرى بىلەن بىر تاياقتا ھەيدەۋاتىدۇ “ دېگەن چۈشەنچىگە ئىگە. خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتىمۇ قارا خىتايلارغا ئىشەنمەيدۇ ۋە ئۇلارنى سىياسى ھەم مەمۇرىي جەھەتتە چەتكە قاقىدۇ، ئۇلارنى مۇھىم يەرلەرگە ۋەزىپىگە قويمايدۇ.

( 2 ) مەجبۇرلانغان كۆچمەنلەر:

بۇ كۆچمەنلەر ئاساسەن، 50 – يىللاردىن، 70 – يىللارغىچە خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن شەرقىي تۈركىستانغا مەجبۇرى بېسىم بىلەن يۆتكەپ كېلىنگەن كۆچمەنلەر بولۇپ، ئۇلارنى* ئومۇمىي سانى 4 – 5 مىليون ئەتراپىدا.

بۇ كۆچمەنلەرنى* مۇتلەق كۆپ قىسمى ئەينى چاغدا كومپارتىيە تەرىپىدىن “ بۇرژۇئازىيە “ دەپ ئاتىلىپ زەربىگە ئۇچرىغان ئوتتۇرا – يۇقىرى دەرىجىلىك سودىگەر رۋە كارخانىچىلار، گومىندا* دەۋرىدە يېتىشكەن زىيالىيلار، مەمۇرىي خادىملار ۋە ئۇلارنى* ئائىلە – تاۋاپاتلىرىدىن تەركىب تاپقان، يەنى بۇلار سۈرگۈندىكى خىتايلار، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى بۇلارنى* يۇرتىغا قايتىشىنى توسۇپ كەلگەن، ئۇلارنى* ئىچىدىكى دەسلەپ كەلگەن بىرىنچى ئەۋلاد خىتايلارنى* كۆپ قىسمىنى* كومپارتىيەگە قارشى ئۆچمەنلىك تۇيغۇسى بار، ئەگەر ھازىرقى نوپۇس تۈزۈمى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئەركىن قويۇۋېتىلگەن تەقدىردە، بۇ مەجبۇرى كۆچمەنلەرنى* خېلى كۆپ قىسمى شەرقىي تۈركىستاندا تۇرماسلىقى مۇمكىن.

چۈنكى ئۇلارنى* خېلى كۆپ قىسمىنى* ئۆز يۇرتلىرىدا ئىجتىمائىي ۋە ماددىي ئاساسى بار، مەسىلەن، 90 – يىللارنى* بېشىدا ئاقسۇدا 10 نەچچە مى* خىتاي كۆچمىنى “ يۇرتىمىزغا قايتىمىز “ دەپ نامايىش قىلغان ۋە ھەتتا ئۇلار بىر ھەيئەتنى مەركىزى ھۆكۈمەتكە ئەرز سۇنۇشقا ئەۋەتكەن ئىدى، كېيىن ھۆكۈمەت بېسىم ۋە ئالداش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق ئۇلارنى بېسىقتۇردى. بۇ مەجبۇرى كۆچمەنلەرنى* ھەممىسىنى* چېكىنىش يولى بولغىنى ئۈچۈن، ئۇلار ھەرگىزمۇ تەۋەككۈلچىلىك قىلىپ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئومۇمىي يۈزلۈك توقۇنۇشقا قاتناشمايدۇ.
( 3 ) ھەرىكەتچان ۋە يېرىم ھەرىكەتچان خىتاي ئاققۇنلىرى:

نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستان رايونىدا تەخمىنەن ئىككى مىليون ئەتراپىدا ھەرىكەتچان ۋە يېرىم ھەرىكەتچان خىتاي ئاققۇنى بار، بۇ ئاققۇنلار، خىتاي ھاكىمىيىتىنى* ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئېلىپ بېرىۋاتقان “ شىنجا* ياخشى جاي، شىنجا*دىكى ھەرمىللەت خەلقى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ “ دېگەن تەشۋىقاتىغا ئىشىنىپ، پۇل تېپىپ باي بولۇش مەقسىتىدە شەرقىي تۈركىستانغا كەلگەن مەدىكار خىتايلار، بۇلارنى* مۇتلەق كۆپ قىسمى شەرقىي تۈركىستانغا مۇقىم يەرلەشمىگەن بولۇپ، بىر پۇتى شەرقىي تۈركىستاندا، يەنە بىر پۇتى ئۆزلىرىنى* يۇرتىدا، ھەر يىلى يۇرتىغا بېرىپ – كېلىپ ئالمىشىپ تۇرىدۇ، بۇلارنى* ئىچىدە باي بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندىن ئۆي – زېمىن سېتىۋالغانلىرىمۇ بار، ئەمما سانى ئىنتايىن چەكلىك، ئۇلاردا “ ۋەتەنپەرۋەرلىك “ دېگەن نەرسە مەۋجۇت ئەمەس، كومپارتىيەنى* سىياسى تەشۋىقاتىنى* تەسىرىگىمۇ بەك ئۇچراپ كەتمىگەن، پۈتۈن دەردى پۇل تېپىش، چۈنكى ئۇلارنى* ھەممىسى دېگۈدەك خىتاينى* غەربىي – شىمال ئۆلكىلىرىدىكى نامراتلار ۋە جەمئىيەتنى* ئە* تۆۋەن قاتلىمىدىكىلەر، ئۇلار ئۇيغۇرلار بىلەن بىۋاسىتە توقۇنۇش ئېلىپ بېرىشنى خالىمايدۇ.

( 4 ) 80 – 90 - يىللاردىن ئېتىبارەن “ چو* غەربى شىمال ۋە گۈللەندۈرۈش “ دېگەن نىقابتا يۆتكەپ كېلىنگەن يې*ى بىر ئەۋلاد خىتاي كۆچمەنلىرى:

بۇلارنى* سانىمۇ تەخمىنەن بىرقانچە مىليوندىن ئاشىدۇ، بۇلارنى* مەدەنىيەت سەۋىيىسى بىرقەدەر يۇقىرى بولۇپ، ھەممىسى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا خىزمەت قىلىدۇ، سىياسى ۋە ماددىي ئىمتىيازى يۇقىرى ، بۇلار سىياسى جەھەتتىن قاتتىق زەھەرلەنگەن بولۇپ، چو* خىتايچىلىق خاھىشى ئىنتايىن ئېغىر، ھەممىسى مەخسۇس ئاتالمىش “ ۋەتەنپەرۋەرلىك “ تەربىيىسى ئالغان ۋە كوممۇنىستلارنى* “ شىنجا* ۋەتىنىمىزنى* ئايرىلماس بىر پارچىسى “ دېگەن سەپسەتىسى ئۇلارنى* مې*ىسىگە قۇيۇۋېتىلگەن، ئۇلار يەرلىك خەلقتىن نەپرەت قىلىدۇ، ھاكىمىيەتنى* يەرلىك خەلقنى تالان – تاراج قىلىش ۋە قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاپ قۇۋۋەتلەيدۇ .

( 5 ) بى*تۋەنلىك خىتايلار:

ئۇيغۇرلاردا، “ خىتاينى* ئەسكىسى بى*تۋەنلىك “ دېگەن بىر ماقال بار.
ھەقىقەتەنمۇ شەرقىي تۈركىستاندا چو* خىتايچىلىق ئىدىيىسى ئە* ئېغىر، پۈتۈن ۋۇجۇدى “ بۈيۈك جۇ*خۇا ئەۋلادلىرى “ دەيدىغان شوۋىنىستىك ۋە ئىمپىرىيالىستىك ئىدىيە بىلەن زەھەرلەنگەن.
شەرقىي تۈركىستان خەلقىدىن ئە* قاتتىق نەپرەت قىلىدىغانلىرى بى*تۈەنلىك خىتايلاردىن ئىبارەت.
ئۇلارنى* ھەقىقىي سانى 3 مىليوندىن ئارتۇق، شەرقىي تۈركىستاندىكى ستىراتىگىيېلىك جايلار، يەنى چېگرا بويلىرى، دەريا – ئېقىنلار ۋە ئورمانلارنى* مۇتلەق كۆپ قىسمى بى*تۈەنلىك خىتايلارنى* كونتروللىقىدا.


خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا كۆرسىتىلگىنىدەك، 1954 – يىلى بى*تۇەن 175 مى* كىشى بىلەن قۇرۇلغان ئىدى.

ئۇنداقتا بۇ كىشىلەر كىملەر ؟

بۇلارنى* ئىچىدىكى 100 مى*غا يېقىنراق بولسا گومىندا* ھۆكۈمىتىنى* شەرقىي تۈركىستاننى بېسىپ ياتقان ھەربىي قىسىملىرى بولۇپ، بۇلارنى* ھەممىسى دېگۈدەك ئىلگىرىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قىلمىغان زورلۇق – زۇمبۇلۇقلىرى قالمىغان، ئىككى قولى يەرلىك خەلقنى* ئىسسىق قېنى بىلەن بويالغان يۈەن دا خۋا، يا* زې شى*، جىن شۇ رېن، شى* شى سەي قاتارلىق دىكتاتور مىلىتارىسلارنى* قالدۇق قىسىملىرى ئىدى.

شەرقىي تۈركىستاندا ئىلگىرى يۈزبەرگەن مىللىي ئىنقىلاب ۋە خەلق ئىسيانلىرىنى* ھەممىسى مۇشۇ خىتاي ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن رەھىمسىزلەرچە باستۇرۇلغان، يەرلىك خەلق بىلەن بۇ خىتاي ئەسكەرلىرى ئوتتۇرىسىدا قاتتىق ئۆچمەنلىك ۋە قىساس تۇيغۇسى شەكىللەنگەن ئىدى.

ئەپسۇسكى بۇ خىتاي ئەسكەرلىرى 1949 – يىلى خىتاي كوممۇنىستلىرىغا تەسلىم بولغاندىن كېيىن، 1950 – يىلى 9 – ئاينى* 25 – كۈنى، “ خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى 22 – بى* تۇەنى “ قىلىپ ئۆزگەرتىلدى.
49 – يىلى بۇ ئەسكەرلەر خىتاي كوممۇنىستلىرىغا تەسلىم بولغاندىن كېيىن، خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىدىن تاللاپ چىقىلغان 10 مى*دىن ئارتۇق ئوفىتسېر بۇ گو مىندا* قىسىملىرىغا سىياسى كومىسسارلىققە تەيىنلەنگەن ئىدى.

بى*تۇەننى* تەشكىل قىلغان خىتايلارنى* قالغان قىسمى بولسا 1949 – يىلىنى* ئاخىرىدىن 1952 – يىلىغا قەدەر خىتاينى* شا*خەي، خۇبەى، خېنەن، ئەنخۇي، جىەجا* قاتارلىق ئۆلكىلەردىن يۆتكەپ كېلىنگەن خىتاي جىنايەتچىلىرى، يەنە كېلىپ بۇ جىنايەتچىلەر قاتىل، ئوغرى – بۇلا*چىلاردىن تەركىب تاپقان جىنايى ئىشلار جىنايەتچىلىرى ئىدى.

مەسىلەن، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۈزۈپ چىقىلغان،” بى*تۇەننى* تەرەققىيات تارىخى “ ناملىق ئەسەردە بايان قىلىنىشىچە، شەرقىي تۈركىستان كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان 1949 – يىلىنى* ئۆزىدىلا، “ شىنجا* ھەربىي رايونى “ نى* قارمىقىدا، “ جىنايەتچىلەرنى قوبۇل قىلىش كومىتېتى “ قۇرۇلۇپ، 49 – يىلىنى* ئاخىرىدىن، 1952 – يىلىغا قەدەر ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ شا*خەي، خۇبەى، خېنەن، ئەنخۇي، جەجىئا* قاتارلىق ئۆلكىلەردىن بىر تۈركۈم جىنايەتچىلەرنى يۆتكەپ كەلگەن.

1954 – يىلى ئاتالمىش “ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بى*تۇەنى “ قۇرۇلغاندىن كېيىن، 1955 – يىلىدىن 56 – يىلىغىچە بى*تۇەنمۇ ئۆز ئالدىغا يەنە سىچۈەن، شا*خەي، جەجىئا* قاتارلىق جايلاردىن خىتاي جىنايەتچىلىرىنى يۆتكەپ چىقىپ بى*تۇەن تەۋەسىگە يەرلەشتۈرگەن.

1955 – يىلى 11 – ئايدا ۋە 56 – يىلى 9 – ئايلاردا بى*تۇەن مەخسۇس “ جىنايەتچىلەر مەسىلىسى يىغىنى “ چاقىرىپ، خىتايدىن يۆتكەپ كېلىنىپ جىنايەت مۇددىتى توشقان خىتايلارنى قايتۇرماي شەرقىي تۈركىستانغا يەرلەشتۈرۈش، ئۇلارنى* خىزمەت ۋە تۇرالغۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، يۇرتىدا قالغان بالا – چاقىلىرىنى يۆتكەپ كېلىپ ئۇلارنى* شەرقىي تۈركىستاندا مە*گۈ يەرلىشىپ قېلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە كونكىرىتنى سىياسەت ۋە بەلگىلىمىلەرنى تۈزۈپ چىققان.

1957 – يىلى خىتاي ئالى خەلق سوتى، تەپتىش مەھكىمىسى، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنى* ئاساسلىق ئەمەلدارلىرىدىن تەركىب تاپقان بىرلەشمە خىزمەت ئۆمىكى شەرقىي تۈركىستانغا يېتىپ كېلىپ، خىتاي جىنايەتچىلەرنى يەرلەشتۈرۈش خىزمەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلغان ھەمدە بۇ جىنايەتچىلەرنى ئېغىر ئەمگەككە سالماسلىق، ئۇلارغا قوپاللىق قىلماسلىق، باشقۇرۇشتا قاتتىق قوللۇق قىلماسلىق، ئۇلارنى* تۇرمۇشىغا ۋە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ھەققىدە يوليورۇق بەرگەن. شۇ يىلى يەنە مەخسۇس كۈچ تەشكىللەپ، مۇتلەق كۆپ ساندىكى جىنايەتچىلەرنى* ئائىلە – تاۋاپاتلىرىنى يۆتكەپ كېلىپ ئۇلار بىلەن جەم قىلغان.

ئۇنى*دىن كېيىن بى* تۇەنگە كېلىپ قوشۇلغان خىتايلارنى* كۆپىنچىسىمۇ ئىچكى ئۆلكىلەردىكى جىنايەتچىلەر ۋە بى* تۇەنلىك خىتايلارنى* ئىچكى ئۆلكىلەردە قەپ قالغان ئۇرۇق – تۇغقان ، جەددە – جەمەتلىرى ئىدى

14 – بۆلۈم :
خىتاي كومپارتىيىسىنى* مىللەتلەر سىياسىتىنى* ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى

مانجۇلارنى* 200 نەچچە يىل مۇستەملىكە قىلىشىغا ئۇچرىغان خىتايلار، 1911 – يىلى دوكتور سۇنجۇ*سەننى* باشلامچىلىقىدا مانجۇ ئىمپېرىيىسىنى ئاغدۇرۇپ، “ خىتاي جۇمھۇرىيىتى “ نى قۇردى.
گەرچە سۇن جۇ*شەن جۇمھۇرىيەتنى* قۇرۇلۇش باسقۇچىدا، شەرقىي تۈركىستان، تىبەت، مو*غۇل خەلقلىرىنى* ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما كېيىن ۋەدىسىدىن يېنىۋېلىپ، مانجۇ ئىمپىراتورلۇقىنى* مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتىگە ۋارىسلىق قىلدى.

خۇددى سۇن جۇ*سەنگە ئوخشاش ۋەدىلەرنى بەرگەن ۋە بۇ ۋەدىلىرىنى پارتىيە نىزامنامىسىغا كىرگۈزگەن ماۋزېدۇ* باشچىلىقىدىكى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى، 1949 – يىلى “ خىتاي جۇمھۇرىيىتى “ نى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، “ جۇ*خۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى “ نى قۇرغاندىن كېيىن، ئوخشاشلا ۋەدىسىدىن يېنىپ، 49 – يىلى 10 – ئايدا شەرقىي تۈركىستان رايونىنى مەجبۇرى ئىشغال قىلدى ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى* مۇستەقىللىق تەلىپىنى رەت قىلىپ، 1955 – يىلى 10 – ئاينى* 1 – كۈنى “ شىنجا* ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى “ دېگەن نامدا ئىسمى بار، جىسمى يوق قورچاق بىر ئاپتونوم ھۆكۈمەتنى قۇردى ۋە بۇ ئاتالمىش “ ئاپتونوم رايون “ نى* ئىچىدە يەنە 5 ئاپتونوم ئوبلاست، 6 ئاپتونوم ناھىيە ۋە 42 ئاپتونوم يېزا تەسىس قىلىپ، شەرقىي تۇركىستاننى پارچىلاپ ئىدارە قىلىش سىياسىتىنى يۈرگۈزدى.

شەرقىي تۈركىستاننى* بۈگۈنكى مەمۇرىي شەكلى، 1955 – يىلى 10 – ئاينى* 1 – كۈنى خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئۇيغۇر خەلقىنى* ئەركىن ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا سۈنئىي ئۇسۇلدا قۇراشتۇرۇپ چىقىلغان مەمۇرىي شەكىلدىن ئىبارەت.

مىللەتلەر مەسىلىسى، خىتايدىكى ئە* نېگىزلىك ۋە نازۇك مەسىلىلەرنى* بىرى سۈپىتىدە يىللاردىن بۇيان دۇنيا جامائەتچىلىكىنى* كۈچلۈك دىققەت – ئېتىبارىنى قوزغاپ كەلمەكتە خىتايدىكى مىللەتلەر مەسىلىسى ئاساسەن تىبەت ۋە شەرقىي تۈركىستان رايونىغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، بۇ رايونلاردىكى مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى، يەنى، شۇ رايوننى* يەرلىك خەلقى بىلەن خىتاي مىللىتى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ، ئىختىلاپ ۋە توقۇنۇشلار ئۈزلۈكسىز كۈچۈيۈپ بارماقتا، ۋاقىتنى* ئۇزۇرىشى بىلەن، بۇخىل ئىختىلاپ ۋە توقۇنۇشلار، يەرلىك خەلق بىلەن خىتاي مىللىتى ئوتتۇرىسىدىكى ئۆچمەنلىك ۋە نەپرەت تۇيغۇلىرىنى ئاشۇرۇپ بارماقتا، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەت ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى خىتاي دۆلىتىنى* بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىۋاتقان ئاساسلىق ئامىل دەپ قارىماقتا ھەمدە ئۆزلىرىنى* پۈتۈن ئازسانلىق مىللەتلەرگە قاراتقان سىياسىتىنى ئىككى خىلغا ئايرىپ، تىبەت ۋە شەرقىي تۈركىستانغا قارىتا قاتتىق، باشقا ئازسانلىق مىللەت رايونلىرىغا ۋە خىتاينى* ئىچكى ئۆلكىلىرىدە ياشاۋاتقان باشقا ئازسانلىق مىللەتلەرگە يۇمشاق سىياسەت يۈرگۈزۈپ كەلمەتە.

كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى، ئۆزىنى* نۆۋەتتە يۈرگۈزۈۋاتقان مىللەتلەر سىياسىتىنى*، “ ماركسىزملىق مىللەت نەزەرىيىسى “ ئاساسىدا شەكىللەنگەنلىكىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە.
ئەمىلىەتتە بولسا كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنى* تىبەت، شەرقىي تۈركىستان قاتارلىق مىللىي رايونلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتى، ماركسىزملىق مىللەت نەزەرىيىسىنى ئەمەس، بەلكى چو* خىتايچىلىق نەزەرىيىسىنى ئاساسى يېتەكچى ئىدىيە قىلغان.

ئۇنداقتا، ماركسىزملىق مىللەت نەزەرىيىسىنى* تۈپ يېتەكچى ئىدىيىسى نېمە ؟ ئۇنى* تۈپ يېتەكچى ئىدىيىسى – مىللەتلەرنى* تە* باراۋەرلىكى ۋە مىللەتلەرنى* ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىدىن ئىبارەت، بۇ ئىككى پرىنسىپ ، ماركسىزم ۋە لېنىنىزم پەلسەپىسىنى* نەزەرىيىۋى ئاساسى بولۇپ، ئۇلار بۇ جەھەتتە ئىزاھات بەرگەندە، “ مىللەتلەرنى* ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى - مىللەتلەرنى* بۆلۈنۈپ چىقىش ھوقۇقىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ، مىللىي ئېكىسپىلاتاسىيەنى* تەل – تۆكۈس ئىپادىسى، بىزنى* ئە* مۇھىم ئاساسىي يېتەكچى ئىدىيىمىز – ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىنغۇچى مىللەت بىلەن ئېكىسپىلاتاسىيە قىلغۇچى مىللەتلەرنى بىر – بىرىدىن ئايرىشتىن ئىبارەت “ دەپ ئېنىق كۆرسەتكەن ئىدى.

نۆۋەتتىكى كومپارتىيە ھۆكۈمرانلىقىدىكى خىتاي دۆلىتىنى* تېررىتورىيىسى ، ئەينى چاغدا ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن تاشقى مو*غۇلنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئاساسەن مانجۇ ئىمپىراتورلىقىنى* تېررىتورىيەسىدىن ئىبارەت، بۇ تېررىتورىيە ، مانجۇلارنى* خىتاي، تىبەت، ئۇيغۇر، مو*غۇل ۋە شۇلارغا ئوخشاش كۆپلىگەن مىللەتلەرنى* دۆلىتىنى ۋە زېمىنىنى تاجاۋۇز قىلىپ ئىگىلىۋېلىشى نەتىجىسىدە شەكىللەنگەن بولۇپ، ھازىرقى خىتاي مىللىتىمۇ ئۇيغۇر ۋە تىبەتلىكلەرگە ئوخشاشلا مۇستەملىكە ئاستىدىكى مىللەت ھېسابلىناتتى . ئەگەر خىتاي كوممۇنىستلىرى ھەقىقەتەن ئۆزلىرىنى ماركسىزم ، لېنىنىزىمچىلار دەپ قارىسا، 49 – يىلى ھاكىمىيەتنى قولىغا ئالغاندىن كېيىن، ئۇلۇق ئۇستازلىرى ماركس ، ئەنگىلىس ۋە لېنىنلارنى* مىللەتلەر ھەققىدىكى يۇقىرىقى نەزەرىيىلىرىگە ئەمەل قىلىپ، مانجۇ ئىمپىراتورلىقىنى* مۇستەملىكە قىلىش ئاساسىدا شەكىللەندۈرگەن تېررىتورىيىسىنى بىكار قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان، تىبەت، ئىچكى مو*غۇلىستان خەلقلىرىنى* ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ۋە ئايرىلىپ چىقىپ كېتىش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشى لازىم ئىدى.

ئەمما خىتاي كوممۇنىستلىرى مىللەتلەر مەسىلىسىدە ماركسىزمنى* يولىنى ئەمەس، بەلكى مانجۇ ئىمپىراتورلۇقىنى* يولىنى تاللىدى ۋە ئۆزلىرىنى* بۇ ئاسىيلىقىنى، “ ماركسىزم ، لېينىنىزىم ئىدىيىسىنى ، جۇ*گونى* ئەمەلىي ئەھۋالى بىلەن بىرلەشتۈرۈش “ دېگەن چىرايلىق سۆز بىلەن ئاقلاشقا تىرىشىپ كەلدى.
ئۇنداقتا خىتاي كوممۇنىستلىرىنى* مىللەتلەر سىياسىتى قانداق شەكىللەندى ؟ ئۇ قانداق باسقۇچلارنى بېسىپ ئۆتتى ؟ نۆۋەتتە ئىجرا قىلىۋاتقان مىللەتلەر سىياسىتىنى* تۈپ ماھىيىتى نېمىلەردىن ئىبارەت ؟

ئەگەر بىز، 1921 – يىلى قۇرۇلغان خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنى* مىللەتلەرگە قاراتقان سىياسىتىنى* ئومۇمىي تەرەققىيات ئەھۋالىغا قارايدىغان بولساق، ئۇنى* ھازىرغا قەدەر 3 چو* ئۆزگىرىش باسقۇچىنى بېسىپ ئۆتكەنلىكىنى، بىر باسقۇچتىن يەنە بىر باسقۇچقا ئۆتكىچە، ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قاراتقان سىياسىتىنى* تېخىمۇ رەھىمسىزلىشىپ، خاراكتېر جەھەتتە پۈتۈنلەي مۇستەملىكىچىلىك تۈسىنى ئالغان بىر ھالغا قاراپ يۈزلەنگەنلىكىنى كۆرۈپ يېتەلەيمىز.

خىتاي كومپارتىيىسىنى* مىللەتلەرگە قاراتقان سىياسىتىنى* تۇنجى باسقۇچى، 1921 – يىلىدىن، 49 – يىلىغىچە، ئىككىنچى باسقۇچى، 49 – يىلىدىن 80 – يىللارنى* باشلىرىغىچە، ئۈچىنچى باسقۇچ بولسا، 80 – يىللارنى* باشلىرىدىن ھازىرغىچە بولغان مەزگىللەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

تۇنجى باسقۇچتا، يەنى پارتىيە قۇرۇلغان 21 – يىلىدىن، ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان 49 – يىلىغىچە بولغان مەزگىل ئىچىدە، خىتاي كومپارتىيىسىنى* مىللەتلەر مەسىلىسىگە قاراتقان يېتەكچى ئىدىيىسىگە قارايدىغان بولساق، بۇ مەزگىل ئىچىدە خىتاي كومپارتىيىسىنى* ماركسىزملىق مىللەت نەزەرىيىسىنى* تۈپ يېتەكچى ئىدىيىسى ھېسابلانغان مىللەتلەرنى* تە* باراۋەرلىكى ۋە مىللەتلەرنى* ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش دېگەن پرىنسىپقا ئېغىزىدا بولسىمۇ ئاساسىي جەھەتتىن ئەمەل قىلغانلىقى ۋە مانجۇ ئىمپىراتورلۇقىنى* مۇستەملىكىسى ھېسابلانغان شەرقىي تۈركىستان، تىبەت ۋە مو*غۇلىستان رايونلىرىنى* ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى پارتىيە پروگراممىسىغا كىرگۈزگەنلىكى كۆرۈلمەكتە.

مەسىلەن، جا*پى* ئەپەندىنى* “ مىللەتلەر تەتقىقاتى “ ژۇرنىلىنى* 86 – يىللىق 4 – سانىدا ئېلان قىلىنغان، “ جۇ*گو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنى* مىللەتلەر پروگراممىسىنى* تارىخىي تەرەققىياتى “ ناملىق ماقالىسىدا كۆرسىتىلىشىچە،1922- يىلى 7- ئايدا چاقىرىلغان خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنى* مەملىكەتلىك 2- نۆۋەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنى* خىتابنامىسىنى* 4 – ۋە 5 – ماددىلىرىدا، “مو*غۇلىيە ، شىزا* ، شىنجا* قاتارلىق 3 رايوندا ئاپتونومىيە ئىجراقىلىندۇ ۋە دېموكراتىك مىللىي فېدىرال جۇمھۇرىيەتلەر قۇرۇلدى؛ ئەركىن فېدىرال تۈزۈمى ئارقىلىق ( ئەگەر مو*غۇلىيە ، شىزا* ۋە شىنجا* خالىسا )‚ بۇ فېدىرال دۆلەتلەر بىلەن جۇ*گو بىرلەشتۈرۈلىدۇ ، مو*غۇلىيە ، شىزا* ۋە شىنجا*لاردا جۇنغۇا فېدىرال دۆلەتلىرى بەرپا قىلىنىدۇ" دەپ كۆرسىتىلگەن.

يەنى مەزكۇر خىتابنامىدە ، خىتاي بىلەن مو*غۇلىيە ، تىبەت ۋە شەرقىي تۈركىستان تە* ئورۇنغا قويۇلغان ، ھوقۇقتا تە* دەرىجىلىك بۇ 4 دۆلەتنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق بىر سېسىتىمنى تۇرغۇزۇش تەشەببۇس قىلىنغان.

يەنە، “ مەركىزى مىللەتلەر ئىنستىتۇتى ئوقۇغۇچىلار گېزىتى “ نى* 89 – يىللىق 1 – سانىدا ئېلان قىلىنغان، “ مىللەتلەرنى* ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى ، بۆلۈنۈپ چىقىش ھوقۇقى ۋە مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە نەزەرىيىسىنى* كېلىش مەنبە " ناملىق ماقالىدا بايان قىلىنىشىچە،1928 – يىلى 7 – ئايدا چاقىرىلغان خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنى* ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدا يەنە ، " جۇ*گونى بىرلەشتۈرۈش ، مىللەتلەرنى* ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقلىرىنى ئېتىراپ قىلىش" دېگەن شوئار قايتا تەكىتلەنگەن.

يەنە جا*پى* ئەپەندىنى* “ جۇ*گو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنى* مىللەتلەر پروگراممىسىنى* تارىخىي تەرەققىياتى “ ناملىق ماقالىسىدا بايان قىلىنىشىچە، 1931 – يىلى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى تەرىپىدىن تۈزۈپ چىقىلغان، " جۇ*خۇا سوۋېت جۇمھۇرىيىتىنى* ئاساسى قانۇن پروگراممىسى "دا ،"جۇ*گو سوۋېت ھاكىمىيىتى جۇ*گو چېگرىسى ئىچىدىكى ئازسانلىق مىللەتلەرنى* ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ ۋە بۇ خىل ئېتىراپ قىلىشنى تاكى ھەرقايسى ئاجىز مىللەتلەر جۇ*گودىن ئايرىلىپ ئۆزلىرى مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش ھوقۇقىغا ئېرىشكەنگە قەدەر داۋاملاشتۇرىدۇ " دەپ ئېنىق كۆرسىتىلگەن.

مەزكۇر ماقالىدا نەقىل كەلتۈرۈلۈشىچە يەنە،1935 - يىلى 12- ئاينى* 12- كۈنى ماۋزېدۇ*، " ئىچكى مو*غۇل خەلقىگە قارىتىلغان خىتابنامە " نى ئېلان قېلىپ، "باشقا ئاجىز كىچىك مىللەتلەرنى ئازاد قىلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتىن بۇرۇن، ئالدى بىلەن ئىچكى مو*غۇل خەلقىنى* مىللىي مەسىلىسىگە ياردەم بېرىشىمىز كېرەك، بىزنى*چە، ئىچكى مو*غۇل خەلقى ئۆزلىرىنى* بارلىق ئىچكى مەسىلىلىرىنى بىرتەرەپ قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە، ... ئۇلار باشقا مىللەتلەر بىلەن فېدېراتىپ مۇناسىۋەت ئورنىتىش ياكى پۈتۈنلەي بۆلۈنۈپ چىقىش ھۇقۇقىغائىگە" دەپ ئوتتۇرىغا قويغان. ماھىيەت جەھەتتە بۇ، ئەينى چاغدا خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنى* شەرقىي تۈركىستان، تىبەت ۋە مو*غۇلىستان رايونلىرىنى* مۇستەملىكە ئاستىدىكى تۇپراق ئىكەنلىكىنى ئوچۇق ئېتىراپ قىلغانلىقى ھېسابلىناتتى .

1936 -يىلى 8 - ئايدا خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى بايانات ئېلان قىلىپ" "جۇ*گو كوممۇنىستىك پارتىيىسى، مىللەتلەرنى* ئۆستە*لىرىنى ئۆزى بەلگىلىشىنى ۋە ئاجىز كىچىك مىللەتلەرنى* ئۆزلىرىنى* مۇستەقىل دۆلىتىنى ۋە ھۆكۈمىتىنى قۇرۇشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ" دەپ يەنە بىر قېتىم جاكارلىغان.
ئەمما، خىتاي كوممۇنىستلىرىنى* ھەربىي كۈچى ۋە تەسىرى زورايغانسىرى، ئۇلارنى* مىللەتلەر مەسىلىسى ھەققىدىكى پوزىتسىيىسىدىمۇ ئۆزگىرىش يۈز بېرىشكە باشلىغان.

1947 – يىلى يەنئەندە چاقىرغان خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنى* 7 – نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىدا، ئەسلىدىكى تەلەپپۇزىنى بىراقلا ئۆزگەرتىپ، ئازسانلىق مىللەتلەرنى* مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى، پەقەتلا ئۇلارنى* خىتاي تېررىتورىيىسى ئىچىدە ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىشىغا رۇخسەت قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان، ئەمما يەنىلا سوۋېت ئىتتىپاقى تۈسىنى ئالغان فېدېراتىپ سىستېمىدىن ۋاز كەچمىگەن، 1949 – يىلىنى* ئاخىرىغا كېلىپ، خىتاي كومپارتىيىسى گومىندا* ھاكىمىيىتىنى تەل – تۆكۈس ئاغدۇرۇپ تاشلىغاندىن كېيىن، “ جۇ*خۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى “ نى ئېلان قىلىش ھارپىسىدا، يەنى، 49 – يىلى 9 – ئاينى* 29 – كۈنى چاقىرىلغان تۇنجى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسى مەسلىھەت كې*ىشى “ يىغىنىدا، ئىلگىرى ئاز سانلىق مىللەتلەر ھەققىدە بەرگەن ۋەدىلىرىدىن تامامەن يېنىۋېلىپ، فېدىرال تۈسنى ئالغان جۇمھۇرىيەت قۇرمايدىغانلىقىنى، ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىدا پەقەتلا مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونوم ئورگانلارنى تەسىس قىلىشقىلا بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان، ئەخمەتجان قاسىمى باشچىلىقىدىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەكىللىرى مانا مۇشۇ قېتىملىق سىياسى كې*ەش يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن يولغا چىقىپ، بىلىنمىگەن سەۋەبلەردىن قازاغا ئۇچراپ ۋاپات بولغان ئىدى.

خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى، “ جۇ*خۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى “ نى ئېلان قىلىشتىن ئىككى كۈن بۇرۇن، يەنى، 49 – يىلى 9 – ئاينى* 29 – كۈنى، خىتاي خەلق سىياسى مەسلىھەت كې*ىشىنى* تۇنجى نۆۋەتلىك يىغىنىنى چاقىرىپ، بۇ يىغىندا، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنى* ئاساسى قانۇن تۈسىنى ئالغان، “ جۇ*گو سىياسى مەسلىھەت كې*ىشىنى* تۈپ نىزامى “ نى ئېلان قىلدى. شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەت ۋەكىللىرى قاتناشمىغان بۇ قېتىمقى يىغىندا ئېلان قىلىنغان نىزامنى* 51 – ماددىسىدا، “ ھەرقايسى ئازسانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە يولغا قويۇلۇشى كېرەك، مىللەتلەرنى* ئاھالىسىنى* ئاز – كۆپلۈكىگە ياكى تېررىتورىيىسىنى* چو* – كىچىكلىكىگە قاراپ، تۈرلۈك مىللەتلەرنى* ئاپتونوم ئورگانلىرى تەسىس قىلىنىدۇ، ھەرقايسى مىللەتلەر ئارىلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلار ۋە مىللىي ئاپتونوم رايونلاردىكى يەرلىك ھاكىمىيەت ئورگانلىرىدا، ھەرقايسى مىللەتلەرنى* مۇۋاپىق دەرىجىدە ۋەكىلى بولۇشى كېرەك “ دەپ كۆرسىتىلگەن، شۇنداقلا، يۇقىرىقى نىزامنى* 52 – ماددىسىدا يەنە، “ جۇ*خۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگرىسى ئىچىدىكى ھەرقايسى ئازسانلىق مىللەتلەر، دۆلەتنى* بىرتۇتاش ھەربىي تۈزۈمىگە ئاساسەن، خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىگە قاتنىشىدۇ ھەم يەرلىك خەلق ئامانلىق ساقلاش قىسىملىرىنى قۇرۇپ چىقىدۇ “ دەپ كۆرسىتىلگەن.

گەرچە بۇ نىزامدا، كەلگۈسىدە تەسىس قىلىنىدىغان مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونوم جايلارنى* جۇ*خۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى* ئايرىلماس بىر پارچىسى ئىكەنلىكى تەكىتلەنمىگەن بولسىمۇ، ئەمما، خىتاي كومپارتىيىسى، مىللەتلەرنى* ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى، ئۆزلىرى ئوتتۇرىغا قويغان “ ئاپتونوم رايون “ دىن باشقا ھېچبىر تەكلىپ ياكى شەرتنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى ئوچۇقچە ئىپادە قىلغان ئىدى.

گەرچە ئازسانلىق مىللەت رايونلىرىدا “ مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونوم ئورگانلارنى تەسىس قىلىش “ ھەققىدىكى بۇ قارار، ئاتالمىش “ مەملىكەتلىك سىياسى مەسلىھەت كې*ىشى يىغىنى “ دا ئېلىنغان بولسىمۇ، ئەمما، بۇ مەسلىھەتكە تىبەت ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقلىرىنى* ۋەكىللىرى قاتناشمىغان، خىتاي كومپارتىيەسىمۇ ئۇلاردىن ھېچبىر مەسلىھەت ياكى پىكىر ئالمىغان، ھەتتا “ ئاپتونوم رايون “ دېگەن بۇ ئۇقۇم ھەققىدە قىلچە ئىزاھاتمۇ بەرمىگەن ئىدى.

ئەخمەتجان قاسىمى، ئابدۇكېرىم ئابباسوف، دەلىلقان، ئىساقبەگلەر باشچىلىقىدىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەكىللىرى مۇشۇ قېتىمقى سىياسى مەسلىھەت كې*ىشى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن، 8 – ئاينى* 15 – كۈنى غۇلجىدىن ئايرىلغان ۋە شۇ ئاينى* 28 – كۈنى سەۋەبى ھازىرغىچە ئېنىق بولمىغان بىر ئايروپىلان ۋەقەسىدە قازا تاپقان ئىدى، گەرچە مەملىكەتلىك سىياسى مەسلىھەت كې*ىشى يىغىنى چاقىرىلىشتىن بىرقانچە كۈن بۇرۇن، يەنى 49 – يىلى 9 – ئاينى* 25 – ۋە 26 – كۈنلىرى گومىندا* شىنجا* ئۆلكىلىك ئامانلىقنى ساقلاش قىسىملىرىنى* باش قوماندانى تاۋسىيۈ ۋە شىنجا* ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنى* رەئىسى بۇرھان شەھىدىلەر خىتاي كوممۇنىستلىرىغا تەسلىم بولغانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى* ئەمەس، بەلكى ئىلگىرىكى گومىندا* مۇستەملىكىچىلىرىنى* ۋەكىلى ئىدى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى* ھەقىقى قانۇنلۇق ۋەكىللىرى ئەخمەتجان قاسىمى باشچىلىقىدىكى 3 ۋىلايەت ۋەكىللىرى ئىدى.

10 – ئاينى* 1 – كۈنى جۇ*خۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئېلان قىلىنغاندا، تىبەت ۋە شەرقىي تۈركىستان تېخى خىتاي كوممۇنىستلىرىنى* تاجاۋۇزىغا ئۇچرىمىغان بولۇپ، تىبەت مۇستەقىل ھالدا ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىۋاتقان، شەرقىي تۈركىستان بولسا يېرىم مۇستەملىكە ھالەتتە، يەنى، شەرقىي تۈركىستاننى* بىر قىسمى 3 ۋىلايەت ھۆكۈمىتىنى* باشقۇرۇشىدا، يەنە بىر قىسمى گومىندا* ۋەكىللىكىدىكى مۇستەملىكىچى كۈچلەرنى* ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ئىدى.

ئەگەر خىتاي كوممۇنىستلىرى ئىلگىرى ئازسانلىق مىللەتلەرگە بەرگەن ۋەدىلىرىدە تۇرغان بولسا ئىدى، ئۇ ھالدا، ماركسىزملىق مىللەت نەزەرىيىسىنى* تۇپ يېتەكچى ئىدىيىسى ھېسابلانغان “ مىللەتلەرنى* ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش “ دېگەن پرىنسىپقا ئەمەل قىلىپ، مانجۇ ئىمپىراتورلۇقىنى* شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋارىسچىلىرى ھېسابلانغان گومىندا* قىسىملىرىنى بۇ رايوندىن چېكىندۈرۈپ، شىنجا* ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنى تارقىتىپ، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان رايونىنى* كونتروللۇقىنى 3 ۋىلايەت ھۆكۈمىتىگە تاپشۇرۇشى لازىم ئىدى.

ئەمما، خىتاي كوممۇنىستلىرى ھاكىمىيەتنى قولىغا ئېلىۋېلىپلا، شەرقىي تۈركىستاندا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان گومىندا* مۇستەملىكىچىلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، شەرقىي تۈركىستان رايونىنى ئىشغال قىلىشقا ئالدىراپ كەتتى، خىتاي كوممۇنىستلىرى، ئۆزلىرىگە تەسلىم بولغان بۇرھان شەھىدى بىلەن گېنېرال تاۋسىيۈنى* ئەسلى ھوقۇقىنى ساقلاپ قېلىش بىلەن بىرگە، جۇ*خۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇپ 10 كۈن ئۆتمەي، يەنى 49 – يىلى 10 – ئاينى* 10 – كۈنى خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىردى ۋە 50 – يىلى 1 – ئاينى* 20 – كۈنىگىچە شەرقىي تۈركىستاننى تامامەن ئىشغال قىلىپ بولدى.

خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى بۇنى* بىلەنلا توختاپ قالمىدى، ئۇلار شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىشنى تاماملاپ بىرقانچە ئايدىن كېيىنلا، يەنى 50 – يىلى 3 – ئايدا بىر رازۋېدكا قىسمىنى شەرقىي تۈركىستان ئارقىلىق تىبەت رايونىغا مەخپى ئەۋەتىپ، شەپە چىقارمايلا تىبەتنى* شىمالىدىكى رىتۇزو* ناھىيەسىنى ئىشغال قىلىۋالدى.

گەرچە تىبەت ھۆكۈمىتى بۇنى*غا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما، خىتاينى* بۇ رازۋېدكا ئەترىتى تىبەتتىن چېكىنمەي، خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنى* تىبەتنى ئومۇمىي يۈزلۈك ئىشغال قىلىشىغا ماسلىشىپ بېرىش ئۈچۈن پەيت كۈتۈپ يېتىۋالدى.

خىتاي كوممۇنىستلىرى شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن چاغدا، ئەخمەتجان قاسىمىلارنى* ۋاپاتىدىن كېيىن 3 ۋىلايەت ھۆكۈمىتىنى* ئاساسلىق رەھبىرىگە ئايلانغان سەيپىدىن ئەزىزىنى “ دۆلەت قۇرۇش مۇراسىمىغا قاتنىشىش “ دېگەن باھانە بىلەن بېيجى*غا ئاپىرىۋېلىپ، تېخى قايتۇرمىغان ئىدى. خىتاي كوممۇنىستلىرىنى* شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، بۇرۇنقى مۇستەملىكىچىلەرنى* قورچاق ۋەكىلى بۇرھان شەھىدىنى يەنە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنى* رەئىسى، ۋە بۇرۇنقى مۇستەملىكىچى گومىندا* ئارمىيىسىنى* گېنېرالى تاۋسىيۈنى ئىشغالىيەتچى ئارمىيەنى* مۇئاۋىن باش قوماندانى قىلىپ تەيىنلىگەنلىكىمۇ، كوممۇنىستىك ھاكىمىيەتنى* بۇرۇنقى مۇستەملىكىچى كۈچلەرنى* ئىزىغا ۋارىسلىق قىلغانلىقىنى* روشەن ئىپادىسى ئىدى.

1921 – يىلى قۇرۇلغاندىن تارتىپ تاكى 40 – يىللارنى* ئاخىرىغا قەدەر، مانجۇ ئىمپىراتورلۇقىنى خىتاي مىللىتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا مىللەتلەرنى مۇستەملىكە قىلىپ ئەزگەن ئىمپىرىيالىستىك كۈچ دەپ ئەيىبلەپ كەلگەن ۋە شەرقىي تۈركىستان، تىبەت، ئىچكى مو*غۇلىستان خەلقلىرىنى* خىتايدىن بۆلۈنۈپ چىقىپ، ئۆزلىرىنى* مۇستەقىل دۆلىتىنى قۇرۇپ چىقىشىنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلگەن خىتاي كوممۇنىستلىرى، شەرقىي تۈركىستان، تىبەت قاتارلىق ئازسانلىق مىللەت رايونلىرىنى قورال كۈچى ئارقىلىق ئىشغال قىلىۋالغاندىن كېيىن، ئۆزلىرىنى* ئىمپىرىيالىزىمغا ۋارىسلىق قىلغانلىقىنى يوشۇرۇش ۋە ئاقلاش ئۈچۈن، 360 گرادۇس بۇرۇلۇش ياساپ، مانجۇ ئىمپىراتورلۇقىنى ماختاپ كۆككە كۆتۈرۈشكە باشلىدى.

مەسىلەن، خىتاي كوممۇنىستلىرىنى* پىشىۋاسى ۋە كوممۇنىستىك خىتاي دۆلىتىنى* تۇنجى باش مىنىستىرى جۇئېنلەي، 1957 – يىلى 3 – ئاينى* 25 – كۈنى خىتاي خەلق سىياسى مەسلىھەت كې*ىشىنى* 2 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە : “ ئازسانلىق مىللەتلەر، خەنزۇلار رايونىغا تاجاۋۇز قىلغاندىن كېيىن، ئوبيېكتىپ جەھەتتىن خەنزۇلارغا بولغان تەسىرىدە ياخشى تەرەپلىرىمۇ بولغان، مەسىلەن، مانجۇلار پەقەتلا نەچچە مىليون نوپۇسقا ئىگە، ئەمما ئۇ قۇرغان چى* سۇلالىسى جۇ*گوغا 200 نەچچە يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى، بۇ، ئۇلارنى* بى*سى بار مىللەت ئىكەنلىكىنى كۆرسىىتىدۇ، ھەقىقەتەن كىشىنى قايىل قىلىدۇ، بۈگۈن دۆلىتىمىزنى* خەرىتىسىنى* بۇنچىۋالا كە* بولۇشىمۇ، ئەنەشۇ چى* سۇلالىسىنى* مىراسىدىن ئىبارەت، ھازىر دۆلىتىمىزنى* زېمىنى كە*، بايلىقى مول، نوپۇسى كۆپ، ئېتىراپ قىلىشىمىز لازىمكى، بۇنى*دا چى* سۇلالىسىنى* تۆھپىسى بار، چى* سۇلالىسىنى* بەزى سىياسەتلىرىنى*مۇ خەلقىمىزگە پايدىسى بار ... “ دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.

49 – يىلى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى ئىچىدە خىتاي كوممۇنىستلىرىنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقان رايون – تىبەت ۋە شەرقىي تۈركىستان بولۇپ، دالاي لاما باشچىلىقىدىكى تىبەت ھۆكۈمىتى ۋە ئەخمەتجان قاسىم باشچىلىقىدىكى 3 ۋىلايەت ھۆكۈمىتى، خىتاي كوممۇنىستلىرىنى* بۇ ئىككى رايوندا مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتىنى تېز سۈرەتتە راۋان ئىجرا قىلىشىغا پۇتلىكاشا*لىق قىلىۋاتقان ئاساسلىق ئامىللار ئىدى، چۈنكى خىتاي كوممۇنىستلىرى شۇ رايون خەلقلىرىگە ۋەكىللىك قىلىۋاتقان بۇ ئىككى يەرلىك ھۆكۈمەتنى* “ ئاپتونومىيە “ نى قەتئىي رەت قىلىدىغانلىقىنى بېلەتتى ، شۇنداقلا خىتاي كومپارتىيىسى كەلگۈسىدە بۇ ئىككى رايوندا قۇرۇلىدىغان ئاتالمىش “ ئاپتونوم رايون “ لارنى*مۇ بۇ ئىككى يەرلىك ھۆكۈمەت ئاساسىدا قۇرۇلىشىنى خالىمايتتى، چۈنكى ئۇلارنى كونترول قىلالمايدىغانلىقىنى ھېس قىلغان ئىدى.

خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنى* كۆ*لىدە قۇرماقچى بولغان “ ئاپتونوم رايون “ نى، ئاساسلىق رەھبەرلىرى مەركىزى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن، مەركىزى ھۆكۈمەتكە شەرتسىز ئىتائەت قىلىدىغان، ئارتۇقچە ھەق – ھوقۇق تەلەپ قىلمايدىغان ۋە سالاھىيىتى خىتاينى* ئادەتتىكى ئۆلكىلىرىدىن ھالقىپ كەتمىگەن بىر “ ئاپتونوم رايون “ شەكلىدىن ئىبارەت ئىدى.

شۇ*ا خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ رايونلاردا دەرھال “ ئاپتونوم رايون “ قۇرۇشقا ئالدىراپ كەتمەي، ئالدى بىلەن، كۆزگە قادالغان مىخ دەپ قارالغان تىبەت ھۆكۈمىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى 3 ۋىلايەت ھۆكۈمىتىنى يوقۇتۇشقا ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنى* كۈتكىنىدەك ئىتائەتمەن بىر “ ئاپتونوم رايون “ نى* قۇرۇلۇشىغا قارشى چىقىش ئېھتىمالى بولغان مىللىي كۈچلەرنى تازىلاشقا كىرىشتى.

شەرقىي تۈركىستان رايونىنى ئېلىپ ئېيتساق، ئەينى چاغدا، 3 ۋىلايەت ھۆكۈمىتىنى* ئەخمەتجان قاسىمى باشچىلىقىدىكى ئاساسلىق رەھبەرلىرىنى* تۇيۇقسىز “ قازا “ قىلىشى، خىتاي كوممۇنىستلىرىنى* ئىشىنى زور دەرىجىدە قۇلايلاشتۇرغان بولسىمۇ، ئەمما، 30 نەچچە مى* كىشىلىك 3 ۋىلايەت ئارمىيىسى ۋە 3 ۋىلايەت ھۆكۈمىتى ئەتراپىغا توپلانغان مى*لىغان ۋەتەنپەرۋەر ئۇيغۇر زىيالىيلىرى خىتاي ھاكىمىيىتى ئۈچۈن زور تەھدىت ئىدى. گەرچە خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى 49 – يىلى 10 – ئاينى* 20 – كۈنى ئۈرۈمچىنى ئىشغال قىلغان بولسىمۇ، ئەمما، ئىلى رايونىغا يېقىن يولىيالمىغان ئىدى، چۈنكى،3 ۋىلايەت ھۆكۈمىتى خىتاي قىسىملىرىنى* شىمالى رايونلارغا كىرىشىنى چەكلەپ قويغان ئىدى.

كوممۇنىست خىتاينى* تۇنجى دۆلەت رەئىسى ماۋزېدۇ*، 1949 – يىلى 12 – ئايدا، غەربى شىمالدىكى ئازسانلىق مىللەتلەر خىزمىتى ھەققىدە قول ئاستىدىكىلەرگە بەرگەن يوليورۇقىدا، “ سىلەر شۇنى*غا دىققەت قىلىشى*لار كېرەككى، مىللەتلەر مەسىلىسىنى ئۈزۈل – كېسىل ھەل قىلىش ئۈچۈن، مىللىي ئەكسىلئىنقىلابچىلارنى تەل – تۆكۈس يېتىم قالدۇرۇش كېرەك، ئازسانلىق مىللەتلەردىن بولغان زور بىر تۈركۈم پارتىيىلىك كادىر بولماي تۇرۇپ بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مۇمكىن ئەمەس “ دەپ كۆرسەتكەن بولۇپ، ئۇنى* بۇ يەردە “ مىللىي ئەكسىلئىنقىلابچىلار “ دېگىنى ، دەل 3 ۋىلايەت ھۆكۈمىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى* ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىپ تۇرىۋاتقان ھەرقايسى ساھەلەردىكى مىللىي كۈچلەر ئىدى، ماۋزېدۇ*نى*، “ مىللەتلەر مەسىلىسىنى ئۈزۈل – كېسىل ھەل قىلىش “ دېگىنى ، تۈپ مەنىدىن ئېيتقاندا، شەرقىي تۈركىستان، تىبەت قاتارلىق مىللىي رايونلارنى جۇ*خۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى* ئايرىلماس بىر پارچىسى ھالىغا كەلتۈرۈش ۋە بۇ رايون خەلقلىرىنى* مۇستەقىللىق قارىشىنى تامامەن يوقۇتۇپ، ئۇلارنى جۇ*خۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى* نورمال گېرەجدانىغا ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت ئىدى. ماۋزېدۇ*نى* يۇقىرىقى سۆزلىرىدىن يەنە، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنى* ئەينى چاغدا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى* ئىرادىسىگە ۋەكىللىك قىلىۋاتقان ئاساسلىق مىللىي كۈچ ھېسابلانغان 3 ۋىلايەت ھۆكۈمىتىنى ۋە ئۇنى* قوللىغۇچىلىرىنى يېتىم قالدۇرۇش ۋە پارچىلاش ئۈچۈن، “ ئازسانلىق مىللەت كادىرلىرى “ دېگەن نامدا يەرلىكلەردىن ئۆزلىرىگە سادىق يې*ى بىر كۈچ تەشكىللەپ چىقىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەنلىكى ۋە كەلگۈسىدە قۇرۇلماقچى بولغان “ ئاپتونوم رايون “ نى مانا شۇ “ ئازسانلىق مىللەتلەردىن بولغان پارتىيىۋىلىك كادىرلار “ نى ئاساس قىلغان ھالدا قۇرۇپ چىقىشنى پىلانلىغانلىقى ئوچۇقچە كۆرۈلمەكتە.

خىتاي كوممۇنىستلىرىنى*، شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغان 49 – يىلى 10 – ئايدىن، تاكى “ ئاپتونوم رايون “ قۇرۇلغىچە بولغان 55 – يىلى 10 – ئايغىچە بولغان مەزگىل ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزگەن بىر قاتار سىياسەتلىرى، ئۇلارنى* ماۋزېدۇ*نى* يۇقىرىقى يوليورۇقىغا پاراللېل ھالدا پىلانلىق ھالدا ھەرىكەت ئېلىپ بارغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.

مەسىلەن، خىتاي كوممۇنىستلىرى شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى* جان دۈشمىنى ھېسابلانغان 100 مى* كىشىلىك گومىندا* قىسىملىرى بىلەن بىرلىشىپ، قايتىدىن 3 ۋىلايەت ھۆكۈمىتى ۋە ئارمىيىسىگە تەھدىت سېلىشقا باشلىدى، شۇنداقلا بېسىم ۋە تۈرلۈك ھىيلە – مىكىرلەرنى ئىشقا سېلىپ، 50 – يىلى 1 – ئاينى* 10 - كۈنى مىللىي ئارمىيەنى مەجبۇرى ھالدا خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنى* 5 -–كورپۇسى قىلىپ ئۆزگەرتىۋالدى ۋە ئارىدىن 10 كۈن ئۆتمەي، يەنى 1 – ئاينى* 20 – كۈنى خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى شەرقىي تۈركىستاننى* شىمالىي رايونلىرىغا بېسىپ كىردى، بۇنى* بىلەن، كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنى* شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىشغالىيىتى تولۇق تاماملانغان بولدى.

1955 – يىلى 10 – ئاينى* 1 – كۈنى ئاتالمىش “ شىنجا* ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى “ قۇرۇلغانغا قەدەر، شەرقىي تۈركىستاندىكى مىللىي كۈچلەرنى* ھەممىسى دېگۈدەك كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن باستۇرۇپ يوقىتىلغان ياكى تۈرمىلەرگە يىغىۋېلىنغان ئىدى.

( دوكلات قىسمى تاماملاندى )