PDA

View Full Version : milliy teqdirimizni basquchlargha bolup hel qilish hqqide teklip 9-Uyghur kona yeziq



abdurexit haji
19-04-09, 11:16
http://www.uyghurpen.com/uy/index.php?page_ID=show_topic&&%20ID=abd20090419170811&&%20CAT=Literature

Yuqarqiy ulanmdin uyghur kona yeziqchisini oquyalaysiz.


Eger komputeringizda uyghur font bolsa buni biwaste oqusingizmu bolidu!


مىللىي تەقدىرىمىزنى باسقۈچلارغا بۆلۈپ ھەل قىلىش ھەققىدە تەكلىپ ( 9 )
________________________________________
مىللىي تەقدىرىمىزنى باسقۈچلارغا بۆلۈپ ھەل قىلىش ھەققىدە تەكلىپ ( 9 )

مۇستەقىل تەتقىقاتچى ۋولقان بۇغرا، ئورخۇن ئۇيغۇر

ئىزاھات : مىللىي رەھبىرىمىز رابىيە قادىر خانىمنى* مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە ماددى – مەنىۋىي جەھەتتىكى ياردىمى بىلەن ھازىرلاپ چىقىلغان مەزكۇر دوكلاتنى* ئەسلى تېمىسى - “ شەرقىي تۈركىستاننى* كىشىلىك ھوقوق ۋەزىيىتى ھەققىدە كۆك تاشلىق كىتاپ “ بولۇپ، بۇ كۆك تاشلىق كىتاپتا، كوممۇنىست خىتاينى* شەرقىي تۈركىستاندىكى 60 يىللىق ھاكىمىيىتىگە قىسقىچە باھا بېرىلدى. مەزكۇر دوكلاتنى* پاتېنت ھوقوقى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ئائىتتۇر.

10 نەچچە بۆلۈمدىن تەركىپ تاپقان بۇ دوكلاتىمىزنى ئىككى بۆلۈمدىن ئايرىم – ئايرىم دىققىتى*ىزلارغا سۇنماقچىمىز.

بۇ تەكشۈرۈش دوكلاتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مىللىي تەقدىرىمىزنى باسقۈچلارغا بۆلۈپ ھەل قىلىشنى* كونكىرىت چارىلىرى ۋە خىتاي بىلەن مۇزاكىرە باشلاشنى* ئالدىنقى شەرتلىرى ھەققىدىكى قاراشلىرىمىزنى تەقدىم قىلىمىز.

3. شەرقىي تۈركىستاننى* نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدىكى تەكشۈرۈش دوكلاتى
11 - بۆلۈم :
ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىش ۋە باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى كۈچەيمەكتە
1949 – يىلىدىن بۇيان كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنى* شەرقىي تۈركىستاندا مىللىي ئىسيان ۋە توپىلا*لارغا، شۇنداقلا ھەرقايسى مىللىي ساھەلەردە مەيدانغا كەلگەن تۈرلۈك شەكىلدىكى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىگە قارشى قوللۇنۇپ كەلگەن تۈپ سىياسىتى بولسا، قانلىق باستۇرۇش ۋە تۇتقۇن قىلىش سىياسىتىدىن ئىبارەت. بۇ يولدىن باشقا ھېچ بىر مۇرەسسەگە يول قويغىنى يوق. ھېچ بىر زامان قارشى تەرەپنى* دەرت ۋە ئەلەملىرىگە قۇلاق سالغان ئەمەس، مىللىي توقۇنۇش ۋە ئىسيانلارنى* پەيدا بولۇشىغا بىۋاستە سەۋەپچى بولۇۋاتقان ئادالەتسىز سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشنى خىيالىغا كەلتۈرۈپ باققانمۇ ئەمەس !
نۆۋەتتە خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقوق تەشكىلاتلىرىنى* قارىشىچىمۇ، شەرقىي تۈركىستان رايونى بولسا خىتاي بويىچە كىشىلىك ھوقوق ئە* ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىنىۋاتقان، ھەربى ھالەت تۈسىنى ئالغان ۋە قانۇن – تۈزۈم سېستىمىسىي ئە* ناچار بولغان رايونلارنى* بىرى بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسى – قانۇن تارماقلىرى بۇ رايوندىكى ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي كۆچمەنلىرىگە قارىتا قانۇن جەھەتتە باشتىن – ئاخىرى ئىككى خىل ئۆلچەم سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ كەلمەكتە. يەنى، قانۇن تارماقلىرى خىتاي كۆچمەنلىرى ئالدىدا يۇمشاق ۋە مۇرەسسەچى، ئۇيغۇرلارغا قارىتا رەھىمسىز ۋە دەرىجىدىن تاشقىتى قاتتىققول.
نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستان رايونىنى* خىتاي بويىچە سىياسى مەھبۇسلارغا قارىتا ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىۋاتقان بىردىن – بىر رايونغا ئايلىنىشىمۇ بۇ نۇختىنى تولۇق ئىسپاتلاپ تۇرماقتا.
ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى دەر دەرىجىلىك قانۇن تارماقلىرىنى* ئاساسى نىشانى ۋە كۈچىنى، ئاتالمىش “ 3 خىل كۈچلەر “ دەپ ئاتالغان ۋە ئۆزلىرىنى* مىللىي، دىنىي ۋە ئىنسانى ھەق – ھوقوقلىرىنى تەلەپ قىلغۇچى ئۇيغۇرلارغا زەربە بېرىشكە قارىتىشنى تەكىتلەپ كەلمەكتە.

قانۇن تارماقلىرى تۇرماق، خىتاي خەلق ئازاتلىق ئارمىيەسىنى* شەرقىي تۈركىستاندا تۇرۇشلۇق ھەربى قىسىملىرىغا، بى*تۋەنلىكلەرگە، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە – ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا، ھەتتا شەرقىي تۈركىستاندىكى يېزا – كەنت كادىرلىرىغا، پىلانلىق تۇغۇت خادىملىرىغا ۋە خەلق ئەسكەرلىرىگىمۇ سىياسى جەھەتتە مەسىلىسى بار دەپ گۇمان قىلغۇچى ئۇيغۇرلارنى كۈزىتىش، تەھدىت قىلىش، نازارەت قىلىش، تۇتقۇن قىلىش، ئۇرۇش – قىيناش ۋە جازالاش ھوقوقى بېرىلگەن.

شۇ سەۋەپتىنمۇ شەرقىي تۈركىستان رايونىدا سىياسى تۆھمەت بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان ۋە جازاغا تارتىلغان ئۇيغۇرلارنى* سانى يىلدىن – يىلغا كۆپەيمەكتە.
بۈگۈن قارايدىغان بولساق، شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈرمىلەرنى* ئۇيغۇر سىياسى مەھبۇسلار بىلەن تولۇپ – تاشقانلىقىنى كۆرۈپ يەتەلەيمىز.
مەسىلەن، “ تىيانشان تورى “ نى* خەۋەر قىلىشىچە، 2008 - يىلى 12 – ئاينى* 1 – كۈنى ئۈرۈمچىىدە، “ ئاپتونوم رايوندا تەپتىش ئورگىنى تەسىس قىلىنغانلىقىنى* 30 – يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى “ چاقىرىلغان بولۇپ، بۇ قېتىمقى يىغىندا، 2003 – يىلىدىن، 2007 – يىلىغىچە بولغان 5 يىل ئىچىدە، “ ئاپتونوم رايون “ دىكى ھەر دەرىجىلىك تەپتىش ئورگانلىرىنى* تەستىقى بىلەن 88 مى* نەپەر جىنايەت گۇماندارىنى* قولغا ئېلىنغانلىقى، 102 مى* نەپەر كىشى ئۈستىدىن سوت مەھكىمىسىگە ئەرىز سۇنۇلغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
“ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسى – قانۇن كومۇتېتى “ نى* رەيىسى جۇخۋا لۈن بۇ قېتىمقى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، ھەر دەرىجىلىك تەپتىش مەھكىمىلىرىنى*، ئىسلاھات ۋە ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋىتىش سىياسىتى يولغا قويۇلغان 30 يىلدىن بۇيان، ئاتالمىش “ 3 خىل كۈچ “ لەرگە زەربە بەرىش جەھەتتە زور غېلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى، بۇندىن كېيىنمۇ تەپتىش ئورگانلىرىنى* ئاساسى كۈچىنى “ مىللىي بۆلگۈنچى “ ۋە “ 3 خىل كۈچ “ لەرگە زەربە بېرىشكە قارىتىشى لازىملىقىنى بايان قىلغان.
جۇخۇا لۈننى* يۇقارقى سۆزلىرى، 5 يىل ئىچىدە قولغا ئېلىنغان 88 مى* نەپەر كىشىنى* خېلى بىر قىسمىنى* ئاتالمىش “ 3 خىل كۈچ “ دىگەن نامدا قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى كۆرسۈتۈپ تۇرماقتا.
ئۇندىن باشقا يەنە خىتاي مەتبۇئاتلىرىنى* 2009 - يىلى 1 – ئاينى* 4 – كۈنى ئېلان قىلغان بىر خەۋىرىدە، ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە، شەرقىي تۈركىستان بويىچە 1300 نەپەر ئۇيغۇرنى*، “ ئولىمپىكنى* بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىش جىنايىتى “ بىلەن قولغا ئېلىنغانلىقى، بۇلارنى* 1154 نەپىرىگە جازا بېرىلگەنلىكى بايان قىلىنغان ئىدى.
“ خەلقارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى “ دوكلاتىدا كۆرسۈتۈلىشىچە، ئۆتكەن يىلى خىتايدا ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغانلارنى* ئومومى سانى 1718 نەپەر بولۇپ، پۈتۈن دۇنيا بويىچە ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغانلارنى* 72 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ. بۇنۇ* ئىچىدە سىياسى سەۋەپتىن ئۆلۈم ئىجرا قىلىنغانلارنى* ھەممىسى ئۇيغۇرلاردىن ئىبارەت. چۈنكى ھازىر خىتايدا شەرقىي تۈركىستاندىن باشقا رايوندا سىياسى جىنايەتچىلەردە ئۆلۈم جاسازى ئىجرا قىلىنمايدۇ.
شۇنۇ* ئۈچۈنمۇ خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقوق تەشكىلاتلىرى خىتاي ھاكىمىيىتىنى، شەرقىي تۈركىستاندىكى مىللىي توقۇنۇشلارنى پەسەيتىشتە ئۆلتۈرۈپ يوقۇتۇش سىياسىتىگە ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلارنى* كىشىلىك ھەق – ھوقوقلىرىغا كاپالەتلىك قىلىش سىياسىتىگە تايىنىشقا دالالەت قىلىپ كەلمەكتە.
شەرقىي تۈركىستاننى* ھازىرقى نازۇك سىياسى ۋەزىيىتىنى كۆزدە تۇتقاندا، بىر ئۇيغۇر سىياسى مەھبۇسنى* سوتتا ئۆزىنى ئاقلىشى ۋە مۇداپىيە قىلىشى ئۇياقتا تۇرسۇن، ھەتتا ئادۋۇكاتلارنى*مۇ ئۇلارنى ئاقلاپ بىر – ئىككى ئېغىز گەپ قىلىشقا جۈرئەت قىلالىشى مۇمكىن ئەمەس.
چۈنكى كومپارتىيە تەرىپىدىن بىر قوللۇق يېتىشتۈرۈلگەن بۇ ئادۋۇكاتلارنى* نەزىرىدە، “ 3 خىل كۈچ “ دىگەن قالپاق كەيدۈرۈلگەن بىرىنى ئاقلاش دېگەنلىك، ھاكىمىيەتنى* دۈشمىنىنى ئاقلاش دىگەنلىكتۇر.
شۇ*ا خۇددى ۋەتەندىن كەلگەن ئىنكاسلاردا بايان قىلىنغىنىدەك، ئادەتتىكى بىر قاتىل، بۇلا*چى، ئوغرى ياكى باسقۇنچىنى سوتتا ئاقلىغاندا قۇشقاچتەك سايراپ، ئاقنى قارا، قارىنى ئاق قىلىۋەتىدىغان ئادۋۇكاتلارنى*، سىياسى مەھبۇسلارنى* سوتىدا زۇۋانى تۇتۇلۇپ، سوتچىنى* ھۆكمىنى بېشى بىلەن تەستىقلاپ ئولتۇرىشىدۇ، ھەتتا بەزى ئادۋۇكاتلار قارىلىغۇچى تەپتىشلەرگە ماسلىشىپ، ئەيىپلەنگۈچىنى گۇناھىنى بوينىغا ئېلىپ، بالدۇرراق تۆۋە قىلىشقا قىستايدۇ. چۈنكى ئۇلار شۇنداق قىلىشقا مەجبۇر قىلىنغان بولۇپ، ئادۋۇكاتلارنى* ئالدىدا بۇنۇ*دىن باشقا چىقىش يولى يوق !
شەرقىي تۈركىستاندا پۇقرالارنى ئاقلايدىغان ئادۋۇكاتلارنى* سانىمۇ ئىنتايىن بىچارە ۋەزىيەتتە بولۇپ، ھەر 10 مى* كىشىگە ئاران بىر ئادۋۇكات توغرا كېلىدۇ.
مەسىلەن، “ شىنجا* گېزىتى “ نى* 2008 – يىلى 10 – ئاينى* 13 – كۈنىدىكى خەۋىرىدە كۆرسۈتۈلىشىچە، شەرقىي تۈركىستاندا ئادۋۇكات ئىشخانىلىرى 1982 – يىلغا كەلگەندە ئاندىن قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇندىن بۇرۇن بۇ رايوندا ئادۋۇكات مەۋجۇت ئەمەس ئىدى. شۇ يىلى شەرقىي تۈركىستان بويىچە 71 ئادۋۇكاتلىق پونكىتى ۋە بۇ پونكىتلاردا ئىشلەيدىغان 260 نەپەر ئادۋۇكات بولۇپ، ئارىدىن 25 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ھازىر پۈتۈن رايون بويىچە ئادۋۇكاتلىق پونكىتلىرىنى* سانى 260 قا، ئادۋۇكاتلارنى* سانى بولسا 2184 نەپەرگە يەتكەن.
خىتاينى* رەسمىي ستاتىسكىلىرىدا ھازىر شەرقىي تۈركىستاننى* ئومومىي نوپوسى 20 مىليوندىن ئارتۇق بولۇپ، تەخمىنەن ھەر 10 مى* كىشىگە بىر نەپەر ئادۋۇكات توغرا كېلىدۇ.
نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر سىياسى مەھبۇسلارنى* ھەممىسى دىگۈدەك ئادۋۇكات تۇتۇشتىن مەھرۇم قالدۇرۇلغان بولۇپ، ئۇلار ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرى تەرىپىدىن دېلىل – ئىسپاتسىز ھالدا ئېغىر جازالارغا ھۆكۈم قىلىنىپ كېلىنمەكتە. .
مەسىلەن، ئىلى رايونىنى ئېلىپ ئېيتساق، “ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى “ دەپ ئاتالغان بۇ رايوننى* خىتاي تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان رەسمىي نوپوسى 4 مىليون 200 مى* نەپەر بولۇپ، “ ئازسانلىق مىللەت “ لەرنى* نىسبىتى 54.8 پىرسەنت.

ئۇنداقتا بۇ رايوندىكى ئادۋۇكاتلارنى* سانىچۇ ؟
“ ئىلى ئاخبارات تورى “ نى* ئۆتكەن يىلى 4 – ئاينى* 18 – كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، پۈتۈن ئوبلاست بويىچە 25 ئادۋۇكاتلىق پونكىتى، 163 نەپەر ئادۋۇكات بار بولۇپ، بۇلارنى* ئىچىدە پەقەتلا 23 نەپىرى “ ئازسانلىق مىللەت “ ئادۋۇكاتىدىن ئىبارەت.
يەنى، 3 مىليونغا يېقىن “ ئازسانلىق مىللەت “ نى* ئادۋۇكاتىنى* سانى پەقەتلا 23 نەپەر.
خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقوق تەشكىلاتلىرىنى* دوكلاتلىرىدا كۆرسۈتۈلىشىچىمۇ، 1997 – يىلىدىكى “ 5 – فېۋرال “ غۇلجا ۋەقەسى سەۋەبىدىن ھازىرغا قەدەر قولغا ئېلىنغان ۋە تۈرلۈك جازالارغا ھوكۈم قىلىنغان ئۇيغۇرلارنى* سانى بىر قانچە مى* نەپەرگە يەتكەن.
قېنى ئېيتى*چۇ ؟ بۇلارنى سوتتا كىم ئاقلايدۇ ؟
خۇددى “ غۇلجا ۋەقەسىگە چېتىشلىك “ دەپ جازالانغان ئۇيغۇرلارنى* ئوچۇق سوت يىغىنلىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن شاھىتلارنى* بايان قىلغىنىدەك، سوتلاش تەرتىبى مۇنداق : ئاۋال تەپتىش مەھكىمىسىنى* قارىلىغۇچىسى ئەيىپنامىنى جارا*لىق ئوقۇپ چىقىدۇ، ئارقىدىنلا سوتچى ھۆكۈمنى ئېلان قىلىدۇ، بىر – ئىككى سائەتتىن كېيىن مەھبۇسنى* جەسىدىنى ئائىلىسىگە تاشلاپ بېرىدۇ ۋە نەچچە پاي ئوقتا ئۆلگەن بولسا، شۇنچە پاي ئوقنى* پۇلىنى ئالىدۇ، يىگەن ئوقنى* پۇلىنى بەرمىسە* جەسەتنى بەرمەيدۇ.
ئۇيغۇر سىياسى مەھبۇسلار ھېچ بىر قانۇنىي ھەق – ھوقوققا ئىگە بولمىغىنى ئۈچۈن، خىتاي ھاكىمىيىتىنى* قولىغا چۈشكەنلىكى ئۇيغۇر سىياسى قاچقۇنلار ھېچ بىر سوئال – سوراقسىزلا ئۆلۈم جازالىرىغا ۋە ئېغىر قامات جازالىرىغا ھوكۇم قىلىنىپ كېلىنمەكتە.
ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر سىياسى مەھبۇسلار ھەققىدىكى سوت يىغىنلىرىنى* پۈتۈنلەي يېپىق ۋە مەخپىي ئېچىلىشىمۇ، ئۇلارغا ئۆزىنى ئاقلاش ۋە مۇداپىيە قىلىش ئۈچۈن ھېچ بىر قانۇنىي ھەق – ھوقوقنى* تونۇلمىغانلىقىنى كۆرسۈتۈپ تۇرماقتا.
12 – بۆلۈم :
شەرقىي تۈركىستان، خىتاينى* ئە* زور ھەربىي ۋە كومپارتىيە لاگىرىغا ئايلىنىپ قالدى
دالاي لاما باشچىلىقىدىكى تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتىنى* خىتاي ھاكىمىيىتىگە بولغان ئە* كۈچلۈك نارازىلىقلىرىنى* بىرى، تىبەتنى* سېپى ئۆزىدىن بىر ھەربىي لاگىرغا ئايلىنىپ قالغانلىقىدىن ئىبارەت.
ئۇلارنى* قارىشىچە، نۆۋەتتە تىبەت رايونىدىكى خەلق ئازاتلىق ئارمىيەسىنى* سانى 500 مى*غا يېتىپ بارىدۇ، شۇ*ا ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىدىن، تىبەتتىكى ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈپ چىقىپ، تىبەتنى ھەقىيقى بىر تېنىچلىق رايونىغا ئايلاندۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ كەلمەكتە.
ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى، تىبەتتىكى ئەسكەرلەرنى* ئومومى سانىنى* پەقەتلا 40 نەچچە مى* نەپەر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلمەكتە.
ئەگەر سېلىشتۇرما ئېلىپ بارىدىغان بولساق، بۇ جەھەتتە شەرقىي تۈركىستاننى* ۋەزىيىتىنى* تىبەتنى*كىدىن ھەسسىلەپ ئېغىر ئىكەنلىكىنى روشەن كۆرۈپ يېتەلەيمىز.
شەرقىي تۈركىستاننى* چېگرا لېنىيېسىنى* ئۇزۇنلۇقى 5600 كىلومېتىر بولۇپ، 8 دۆلەت بىلەن بىۋاستە چېگرىلىنىدۇ. خىتايغا نىسبەتەن بۇ رايوننى* ئىستىراتىگىيەلىك ئەھمىيىتى تىبەتكە قارىغاندا ھەسسىلەپ موھىم. يەنە كېلىپ شەرقىي تۈركىستان، خىتاينى* بىردىن – بىر ئاتوم سىناق قىلىش رايونى بولۇپ، ھەربىي جەھەتتە نۇختۇلۇق قوغدىلىدىغان موھىم مەركەزلەرنى* بىرى.
ئەلۋەتتىكى، خىتاينى* شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەربىي ئورۇنلاشتۇرۇشى جەھەتتە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش بىزنى* تەتقىقات تېمىمىز ئەمەس، چۈنكى، بۇ ھەقتە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىمىز ئۈچۈن ھەربىي مۇتەخەسىس بولۇشىمىز لازىم.
ئۇنۇ* ئۈستىگە خىتاينى* شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەسكەرلىرىنى* ئومومى سانى ۋە ئەمىلى كۈچى ھەققىدە ئامېرىكا، روسىيە ۋە ياۋروپانى*، شۇنداقلا بىزگە خوشنا ئەللەرنى* ئېنىق ۋە تەپسىلى مەلۇماتى بولۇشى ئېنىق.
بۇيەردە بىز پەقەت، ئۇيغۇرلارنى* نەقەدەر زور بىر بېسىم ۋە تەھدىت ئاستىدا ياشاۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەش نۇختىسىدىنلا، خىتاينى* شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەربىي كۈچى ۋە ئۇنى* ئاساسلىق فونكىسىيونى ھەققىدە قىسقىچە ئىزاھات بېرىپ ئۆتمەكچىمىز.
چەتئەللىك بەزى تەتقىقاتچىلار، نۆۋەتتە خىتاي خەلق ئازاتلىق ئارمىيەسىنى* شەرقىي تۈركىستاندا تۇرۇشلۇق مۇنتىزىم ئەسكەرلىرىنى* ئومومى سانىنى* تەخمىنەن بىر مىليون ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى بايان قىلىشماقتا.
بىزنى* تەكشۈرۈشىمىزچە، خىتاينى* ھۆججەت – ماتىرىياللىرىدا ۋە مەتبۇئاتلىرىدا، خىتاي خەلق ئازاتلىق ئارمىيەسىنى* شەرقىي تۈركىستاندا تۇرۇشلۇق قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋا ئارمىيە قىسىملىرىدىن بولۇپ جەمى 39 دېۋىزىيېسىنى* نامى ئېنىق يەر ئالغان بولۇپ، بۇلار :
(1 ) 36103-قىسىم؛ ( 2 ) 36139-قىسىم؛ ( 3 ) 36109-قىسىم؛ ( 4 ) 36148-قىسىم؛ ( 5 ) 36106-قىسىم؛ ( 6 ) 36179-قىسىم؛ ( 7 ) 36149-قىسىم؛ ( 8 ) 36146-قىسىم؛ ( 9 ) 36110-قىسىم؛ ( 1 0 ) 36178-قىسىم؛ ( 11 ) 36042-قىسىم؛ ( 12 ) 36007-قىسىم؛ ( 13 ) 36141-قىسىم؛ ( 14 ) 36220-قىسىم؛ ( 15 ) 36101-قىسىم؛ ( 16 ) 36012-قىسىم؛ ( 17 ) 36921-قىسىم؛ ( 18 ) 36131-قىسىم؛ ( 19 ) 36917-قىسىم؛ ( 20 ) 36106-قىسىم؛ ( 21 ) 36105-قىسىم؛ ( 22 ) 36107-قىسىم؛ ( 23 ) 36054قىسىم؛ ( 24 ) 36173-قىسىم؛ ( 25 ) 36171-قىسىم؛ ( 26 ) 36229-قىسىم؛ ( 27 ) 36330-قىسىم؛ ( 28 ) 36226-قىسىم؛ ( 29 ) 36918-قىسىم؛ ( 30 ) 36109-قىسىم؛ ( 31 ) 36110-قىسىم؛ ( 32 ) 36032-قىسىم؛ ( 33 ) 36429-قىسىم؛ ( 34 ) 36211-قىسىم؛ ( 35 ) 36318-قىسىم؛ ( 36 ) 87141-قىسىم؛ ( 37 ) 23642-قىسىم؛ ( 38 ) 36224-قىسىم؛ ( 39 ) 8660-قىسىم؛
ئىلگىرى ئەسكەر بولغان خىتاي خەلق ئازاتلىق ئارمىيەسىنى* ئىچكى قۇرۇلمىسىنى بىلىدىغان بەزى ئۇيغۇرلاردىن ئىگەللىشىمىزچە، يۇقۇرىدا تىلغان ئېلىنغان ھەر بىر قىسىمدىكى ئەسكەرلەرنى* سانى 10 مى*دىن ئارتۇق بولۇپ، دىمەك، ھازىرغىچە نامى ئاشكارىلانغان ھەربىي قىسىملاردىكى مۇنتىزىم ئەسكەرلەرنى* سانىلا تەخمىنەن يېرىم مىليونغا بېرىپ قالىدۇ.
شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي ئەسكەرلىرىنى* كۆپ قىسمى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان جەنوبى رايونلارغا ۋە چەگرا بويلىرىدىكى 33 ناھىيە تەۋەسىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
شەرقىي تۈركىستاندا يەنە خىتاي خەلق ئازاتلىق ئارمىيەسىنى* مۇنتىزىم قىسىملىرىدىن باشقا يەنە، “ قوراللىق ساقچى قىسىملىرى “ دەپ ئاتالغان ئامانلىق ساقلاش قىسىملىرى مەۋجۇت بولۇپ، خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا، 1997 – يىلىدىكى “ 5 – فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى “ دىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستاندىكى قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنى* سانىنى* 100 مى*غا يەتكۈزۈلگەنلىكى قەيت قىلىنغان ئىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن، “ زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش قىسىملىرى “ دەپ ئاتالغان قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنى* ئاساسى ۋەزىپىسى، مىللىي ئىسيان ۋە توپىلا*لاردىن مۇداپىيە كۆرۈش ۋە باستۇرۇش بولۇپ، ئۇلارنى* مۇتلەق كۆپ قىسمىمۇ جەنوبى رايونلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. شىمالى ۋە شەرقىي رايونلاردىكى كۆپلىگەن ناھىيەلەردە بۇ قىسىملار مەۋجۇت ئەمەس، ئەمما جەنوبى رايونلاردىكى ناھىيەلەرنى* ھەممىسىدىلا قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنى* ئوتتۇرا ئەتىرەتلىرى تەسىس قىلىنغان.
ئەمىلىيەتتە خىتاينى* شەرقىي تۈركىستاندىكى ئە* زور ھەربىي قوشۇنى – بى*تۋەندىن ئىبارەت بولۇپ، رەسمى ئىستاتىسكىلاردا 2 مىليون 563 مى* نوپوسقا ئىگە بى*تۋەندە، قەرەللىك ھالدا ھەربىي مەشىق ۋە تەلىم – تەربىيە ئېلىۋاتقانلارنى* سانى بىر مىليونغا يېتىپ بارىدۇ. بۇلار ھەر زامان جە* قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە.
نۆۋەتتە بى*تۋەن قارمىغىدىكى 14 دېۋىزيە ۋە بۇ دېۋىزىيەلەرگە قاراشلىق 178 تۇەن – مەيداندىكى خىتايلارنى* ھەممىسى يېرىم قوراللىق ۋەزىيەتتە بولۇپ، بۇلار شەرقىي تۈركىستاندىكى 69 ناھىيەگە جايلاشتۇرۇلغان.
شا*گا*دا چىقىدىغان “ دا گو* باۋ “ گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بىر ئوبزوردا، ئاتالمىش “ تېرورچى بۆلگۈنچى كۈچلەر “ گە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستاندىكى بى*تۇەننى* جايلاشقان يەرلىرىنى قايتىدىن ئورۇنلاشتۇرۇش، جەنوبى رايونلاردا بى*تۇەنلىك خىتايلارنى* سانىنى كۆپەيتىش لازىملىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى.
“ بوشۈن ئاخبارات تورى “ دىمۇ ئېلان قىلىنغان بۇ ئوبزورنى* باش قىسمىدا مۇنداق دەپ كۆرسۈتۈلگەن:
“ شىنجا*دا بى*تۇەننى* ھازىرقى ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ئىلگىرىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنى* زومىگەرلىكىگە تاقابىل تۇرۇش مەقسىدىدە شەكىللەندۈرۈلگەن بولۇپ، ھازىرقى يې*ى ۋەزىيەت بولسا شىنجا*نى* ئەتراپىدىكى تېرورچى بۆلگۈنكى كۈچلەرگە تاقابىل تۇرۇشتىن ئىبارەت، شۇنۇ* ئۈچۈن، ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بى*تۇەنىنى قايتىدىن ئورۇنلاشتۇرۇش لازىم “.
يۇقارقى ئوبزوردا، ئاتالمىش “ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بى*تۇەنى “ نى* تەركىبى، ۋەزىپىسى ھەققىدە ئىزاھات بېرىلى،” شىنجا* ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بى*تۇەنى بولسا پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە ۋە كارخانىلار ئۆز ئارا بىرلەشكەن، ھەم بوزيەر ئاچىدىغان، ھەم چېگرانى قوغدايدىغان ئالاھىدە بىر تەشكىلات بولۇپ، پارتىيە مەركىزى كومۇتتېتى بى*تۇەننى، شىنجا*نى* مۇقۇملىقىنى* يادروسى، دەپ قارايدۇ “ دەپ كۆرسۈتۈلگەن ئىدى.
دىمەك، 3 مىليونغا يېقىن بى*تۋەنلىك خىتايلارنى* ئاساسى ۋەزىپىسى بولسا، “ 3 خىل كۈچلەر “ ۋە “ بۆلگۈنچىلەر “ دەپ ئاتالغان ئۇيغۇرلاردىن مۇداپىيە كۆرۈش ۋە ئۇلارنى يۇقۇرى بېسىم ۋە نازارەت ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇشتىن ئىبارەت ئىدى.
خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا كۆرسۈتۈلىشىچە، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەر دەرىجىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئورۇنلىرىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ساقچىلارنى* سانى 60 مى*دىن ئارتۇق بولۇپ، ئىلگىرى يېزىدىن تۆۋەن دەرىجىلىك ئورۇنلاردا، يەنى، كەنت ۋە مەھەللىلەردە ساقچى تارماقلىرى تەسىس قىلىنمىغان، كەنتلەرنى* ئامانلىق ئىشلىرىغا بولسا يېزا مەركەزلىرىدە تەسىس قىلىنغان ساقچىخانىلار مەسئۇل ئىدى.
كېيىنكى يىللاردىن بۇيان “ ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋىپسىزلىك نازارىتى “ بولسا، “ ئاساسى قاتلام مەھەللە – كەنتلىرىدە ساقچىخانا بەرپا قىلىش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش “ دىگەن شوئارنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان جەنوبى رايونلاردىكى كەنت – مەھەللىلەردە مەخسۇس ساقچى ئىشخانىلىرىنى ئارقا – ئارقىدىن قۇرۇپ چىقىشقا باشلىدى.
مەسىلەن، “ ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋىپسىزلىك نازارىتى “ نى* سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسۈتۈلىشىچە، 2006 – يىلىدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندىكى 2193 كەنتتە ۋە 1141 مەھەللىدە مەخسۇس ساقچى ئىشخانىسى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، بۇ ئىشخانىلارغا سەپلەپ بېرىلگەن ساقچىلارنى* سانى 2800 نەپەرگە يېقىن.
سوغۇق ئۇرۇش مەزگىللىرىدە، خىتاينى* شەرقىي تۈركىستاندا تۇرۇشلۇق ھەربىي قىسىملىرىنى* ۋە بى*تۋەننى* ئاساسى ۋەزىپىسى بولسا سوۋەېت ئىتتىپاقىنى* تاجاۋۇزىدىن مۇداپىيە كۆرۈش ۋە ھىندىستانغا تاقابىل تۇرۇش ئىدى.
ھازىر بولسا شەرقىي تۈركىستانغا خوشنا دۆلەتلەرنى* ھېچ بىرىدىن خىتايغا ھەربىي جەھەتتە بىۋاستە تەھدىت يوق، مەسىلەن، خىتاينى* ھىندىستان بىلەن بولغان دەپلوماتىك مۇناسىۋىتى نورماللاشتى، پاكىستان بولسا خىتاينى* ئە* يېقىن ئىتپاقدىشى، روسىيە، قىرغىزىستان، قازاقىستان، تاجىكىستانلار بولسا خىتاي بىلەن بىرگە “ شا*خەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى “ نى* تەركىۋىدە. مو*غۇلىستان ۋە ئافغانىستاندىنمۇ زور بىر تەھدىت يوق.
خۇددى خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا بايان قىلىنغىنىدەك، نۆۋەتتە خىتاينى* شەرقىي تۈركىستاندا تۇرۇشلۇق ھەربىي قىسىملىرى ۋە بى*تۋەننى* ئاساسى ۋەزىپىسى ئۇيغۇرلارنى* مىللىي ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇش ۋە ئۇنۇ*دىن مۇداپىيە كۆرۈشتىن ئىبارەت.
ئۇندىن باشقا يەنە شەرقىي تۈركىستاندىكى كومپارتىيە ئەزالىرىنى* ۋە ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان جەنوبى رايونلاردىكى ئاساسى قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى* ئاساسلىق ۋەزىپىلىرىنى* بىرىمۇ ئاتالمىش “ 3 خىل كۈچلەر “ ۋە “ مىللىي بۆلگۈنچىلەر “ دىن مۇداپىيە كۆرۈش بولۇپ، “ شىنجا* تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى “ نى* 2008 – يىلى 10 – ئاينى* 3 – كۈنىدىكى خەۋىرىدە كۆرسۈتۈلىشىچە، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا مەۋجۇت كومپارتىيە ئەزالىرىنى* ئومومىي سانى 1 مىليون 179 مى*دىن كۆپىرەك بولۇپ، نوپوسىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا بۇ رايون، كومپارتىيە ئەزالىرىنى* سانى جەھەتتە خىتاي بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ.
مەزكۇر خەۋەردە كۆرسۈتۈلىشىچە، شەرقىي تۈركىستاندا ئاساسى قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى* سانى 66 مى* 800 بولۇپ، بۇنى* ئىچىدە 3700 پارتىيە كومۇتېتى، 3500 پارتىيە باش ياچىكىسى ۋە 59 مى* 600 پارتىيە ياچىكىسى بار.
بۇلارنى* ئىچىدە “ ئازسانلىق مىللەت “ تىن بولغان پارتىيە ئەزالىرىنى* سانى 456 مى* 900 نەپەر بولۇپ، ئومومىي پارتىيە ئەزالىرىنى* 38.75 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ.قالغانلىرى پۈتۈنلەي خىتايلاردىن ئىبارەت.
كېيىنكى يىللاردىن بۇيان خىتاي ھاكىمىيىتى كومپارتىيە ئەزالىرىنى سىياسى، ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمايى جەھەتلەردە ئالاھىدە ئىمتىيازلاردىن بەھرىمان قىلغىنى ئۈچۈن، كومپارتىيە ئەزالىرىنى* سانىدا يىلدىن – يىلغا ئېشىش كۆرۈلگەن.
مەسىلەن، خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا كۆرسۈتۈلىشىچە، 2006 – يىلىدىن ئېتىبارەن شەرقىي تۈركىستاندىكى كومپارتىيە ئەزالىرىنى* سانى يىلىغا تەخمىنەن 100 مى* نەپەر ئېشىپ بارغان.
يۇقارقى رەقەملەردىن، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى* قاتتىق ھەربىي رەجىم ۋە قىزىل تېرورلۇق ئاستىدا ياشاۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس !
( كۆك تاشلىق كىتاپنى* ئاخىرقى قىسمى بار )