PDA

View Full Version : Rabiye hanimning hayati ,yapuniyede yiziliwatidu !



Azatliq.com
05-01-09, 18:35
بىئوگرافىك رومان "كۆكنى زىلزىلگە سالغان ئايال" نى* ياپۇن تىلى تەرجىمىسىگە كىرىش سۆز
رابىيە قادىر
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇشبۇ كىتابنى* ياپۇنىيىلىك ئوقۇرمەنلىرى!
گېرمانىيىدە نېمىس تىلىدا يېزىلىپ، كىتابىمنى* بۈگۈن ياپۇن تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ ، ياپونىيىدە نەشىر قىلىنغانلىقىدىن ئىنتايىن سۆيۈندۈم. بۇ خەۋەرنى ئا*لىغان بارلىق ۋەتەنپەرۋەر ئۇيغۇرلار چەكسىز شادلىققا چۆمدى. سالام سا*ا سۆيۈملۈك ياپۇن خەلقى!
" ئومۇمى كېچىرىم" خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى توكيو بيۇروسىنى* ۋە مىزۇتانى خانىم، شىرا يىشى ئەپەندىملەرنى* تەكلىپىگە بىنائەن 2007‏-يىلى 11‏-ئايدا يولدىشىم سىدىقھاجى روزى بىلەن بىرگە ياپونىيىگە بېرىپ دۇنيانى* شەرقىدە قەد كۈتۈرۈپ تۇرغان قۇدرەتلىك، دېموكراتىك دۆلەت ياپونىيىدە 24 كۈن زىيارەتتە بولدۇم. مۇبالىغە قىلمايمەن، ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگىنىمنى سۆزلەيمەن. ياپۇنىيىنى زىيارەت قىلغاندا خۇددى بۇ دۇنيانى* جەننىتىنى زىيارەت قىلغاندەك بولدۇم. ياپۇنىيە ما*ا يەر شارىدا ئەمەس بەلكى باشقا بىرپىلانىتتەك تۇيۇلدى، مەن ئۆزۈمنى باشقا بىر پىلانىتقا كىلىپ قالغاندەك ھېس قىلدىم. كىچىكىمدىن تارتىپ يالغانچىلىق ۋە ۋەھىمە قاپلاپ كەتكەن مۇھىتتا رەھمىسىز ھۆكۈمرانلىقنى* كونتروللىقى ئاستىدا ياشاپ كەلگەن، ئۆز مىللىتىنى* ئىنسان تەبىئىتىدىن ياتلىشىشقا مەجبۇر بولغان مېنى*دەك ئۇيغۇر، مەزلۇمە ئايال ياپونىيىدە قەيەرگىلا بارماي، ياپۇن خەلقىنى* قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئىېرىشكېنىمدە،ئۇيغۈر خەلقىنى* كىشىلىك ھوقۇق دەردىنى دوكلاد ئا*لىغۇچى ياپۇن خەلقىگە سۆزلەپ بېرىۋېتىپ يىغلاپ سالغان بولسام دوكلاد ئا*لىغۇچى ياپۇن خەلقىنى* مەن بىلەن تە* يىغلىغانلىقىنى كۆرگىنىمدە، ئادەملەر ئارسىغا كەلگەنلىكىمنى، ئادەمدەك مۇئامىلىگە ئېرىشكەنلىكىمنى بىلگىنىمدە، مىنى* ئامېرىكىغا كەلگەن چاغلىرىم ئىسىمگە كەلدى. ئامېرىكا خەلقى ۋە غەرىپ دۇنياسى مىنى* ئادەملىكىمنى ئۆزۈمگە تونۇتۇپ ، سەن ئادەم، سىنى* نېمە دەردى* بار؟ دېگەن ئىدى. بۈگۈن ياپۇنىيە خەلقى ئوخشاشلا سەن ئادەم، سىنى* نېمە دەردى* بار؟ دەپ، سوئال قويدى.
ياپونىيىنى* ئۆلكە ۋە شەھەرلىرىدە زىيارەتتە بولدۇم، ياپۇنىيە خەلقىنى* مېھرىۋانلىقىدىن سۆيۈندۈم، ئاق كۈ*ۇل، ئۇچۇق -يورۇقلىقىدىن مەمنۇن بولدۇم،ياپۇنىيە خەلقىنى* چاقچاقلىرىدىن ھۇزۇرلاندىم، خوككايدودا بىر ئائىلىدە يېتىپ قوپۇپ، بۇ ئائىلە كىشىلىرىنى* ئىللىق مۇئامىلىسىدىن ئۇلارنى* ئەخلاق مەرتىۋىسىنى تونۇپ يەتتىم. ياپۇنىيە پارلامېنتنى* ئەزالىرى مىنى قۇبۇل قىلغاندا تۈرمىدە خىتاي ساقچىلىرىن* ئالدىدا مەن كىم ئىدىم؟ بۈگۈن مەن كىم بۇلۇپ قالدىم دەپ، ئۆزۈمگە سوئال قويدۇم."ئومۇمى كېچىرىم" خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى توكيو بيۇروسىنى* ئەزالىرى بىلەن بىللە تاماق يېگەندە ئۆزۈمنى* مۇساپىر ئىكەنلىكنى ئۇنتۇپ قالدىم. شىرا يىشى ئەپەندىنى* ئايالى ئۇيغۈرنى* تامىقى پولۇنى ئىتىپ بەرگەندە، قارا! مەن ياپونىيىدە پولا يېدىم، دېدىم.ياپونىيىنى* سابىق ۋەزىرى شنىزو ئابى بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇيغۇرلارنى* كىشىلىك ھوقۇق دەردىنى ژىپىدىن -ژى*نىسىگىچە سۆزلەپ بەردىم، ياپونىيىنى* دا*لىق سىياسىئونى شنىزو ئابى ئەپەندى كۆ*ۈل قويۇپ ئا*لىدى.
ياپۇنىيە گېزىتلىرىنى* مۇخبىرلىرى دېگۈدەك مىنى زىيارەت قىلدى. ئۇيغۈرنى* دوستى ....................... ئەپەندىم، ياپونىيىدە قەيەرگە بارسام كەينىمدىن يىتىپ كىلىپ كامىراغا ئېلىپ مىنى ۋە ئۇيغۇرنى* كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى تۈنجى قېتىم ياپونىيىدە ئېكرانغا ئېلىپ چقتى. نۇرغۇنلىغان ياپۇنىيىلىك دوستلار بىلەن ئۇچراشتىم.
ياپونىيىنى* ئوغۇل-قىزلىرى،ياپونىيىنى* جەمئىيەت ئەربابلىرى ۋە سىياسى ئەربابلىرى، كىشىلىك ھوقۇققا ۋە ئېزىلگەن مىللەتلەرنى* سىياسى دەردىگە كۆ*ۈل بۆلىدىغان ياپۇنىيە خەلقى
مەن سىلەرگە 20مىلىيون ئۇيغۇر خەلقىنى* نامىدىن سالام يوللايمەن.
روسىيە ئىمپېرىيىسىنى* يىمىرىلىشى، شەرقى ياۋروپادا كومۇنىزم ئىمپېرىيىسىنى* گۇمران بولىشىدىن چۆچۈپ كەتكەن ۋە تېررورىزمغا قارشى خەلقئارا ئۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك غەرب دۆلەتلىرى ئارمىيىسىنى* ئوتتۇرا ئاسىياغا -ئافغانىستانغا يىتىپ كېلىشىدىن چۆچۈپ كەتكەن ،خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى ۋەتىنىمىز شەرقى تۇركىستاندا ھەربى جەھەتتە باستۇرۇش، سىياسى جەھەتتە تەقىب قىلىش، دىنى ئېتىقادنى چەكلەش، ئۇيغۇر تىلىنى جەمئىيەتتىن، مائارىپتىن، مەدەنىيەت ساھەسىدىن قوغلاپ چىقىرىش، ئۇيغۈر قىزلىرىنى ئىچكىرى خىتايغا مەجبۇرى يۆتكەپ كېتىش، خىتاي كۆچمەنلىرىنى شەرقى تۇركىستانغا ، يەرلەشتۈرۈش، تەبىئي بايلىقلار ۋە نېفىىت-گاز مەنبەلىرىنى بۇلا*-تالا* قىلىش خاراكتېرلىك ئېچىش، ئۇيغۇرلارنى ھازىرقى زامان مەدەنىيىتى ۋە ھازىرقى زامان تېخنىكىسىدىن يىراقلاشتۇرۇش، ئۇيغۈرنى* ئىقتىسادى تەرەققىيات يوللىرىنى بوغۇپ تاشلاش، مەجبۇرى بالا چۈشۈرۈش قىسقىسى ئۇيغۇرلارنى ئېتنىك تازىلاش جەھەتتە بۇرۇنقىغا سېلىشتۇرغاندا خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى تېخىمۇ جىددى ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشقا باشلىدى. دۇنيا مۇستەملىكە تارىخىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان ۋەھشىيلىك بىلەن سىياسەت بەلگىلەپ، قارشى كۆتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنى قانلىق قىرغىن قىلىپ خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلدى. دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى* ، تىنچلىق سۆيەر ئەللەر خەلقلىرىنى* ئەيىبلەشلىرىگە،تەنقىدلىشى گە پىسەنت قىلمىدى.خىتاينى* ياۋۇزلىقىغا ئوخشاشلا دۇچ كەلگەن تىبەت خەلقى ۋە ئۇيغۇر خەلقى نېمە قىلارىنى بىلمەي تۇرغاندا غەرب دۇنياسى ۋە ياپۇنىيە خەلقىنى* بۈگۈن تىبەتلەرنى* ۋە ئۇيغۈر خەلقىنى* كىشىلىك ھوقۇق تەلەپلىرىنى قوللىشى ئېزىلىۋاتقان تىبەت ۋە ئۇيغۇر خەلقلىرى ئۈچۈن ئىنتايىن چو* مەنىۋى ئىلھام بولدى.
كەچۈرۈ*لار ياپۇنىيە خەلقى! ھىېسياتىمنى* يۇشۇرۇن قاتلىمىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئوي-پىكىرلىرىمنى ئاشكارىلاپ باقاي! ئامېرىكا ئارمىيىسى قەيەرگە يىتىپ كەلسە، ئىنسانلارغا كېرەك بولغان دېمۇكراتىيىمۇ شۇ يەرگە يىتىپ كىلىدۇ دەيدىغان ئەقلىيە، ئۇيغۇرلارنى* جامائەت پىكرى ساھەسىدە تارقىلىپ يۈرەتتى.غەرب ئارمىيىسى شەرقى تۇركىستانغا چېگرا دۆلەت -ئافىغا نىستانغا يىتىپ كەلدى.قېنى ئۇيغۈرلارغا ئەركىنلىك؟!غەرب دۇنياسىنى* ستراتېگىيىلىك سىياسىتىدە ئافغانىستاننى* ئورنى شۇنچىلىك مۇھىم بولسا،ئەجىبا ئافغانىستانغا چېگرا بولغان شەرقى تۇركىستان، دۇنياۋى ستراتېگىيىلىك سىياسەتكە مۇۋاپىق شۇنچىلىك ئورنى يوقمىدى؟
مەن بۇ ماقالىدە ئۇيغۈر خەلقىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەلمەيمەن. ياپونىيىنى* ئۇقۇمۇشلۇق، بىلىملىك ئادەملىرى ئارىسىدا ۋە ياپۇنىيە تارىخ- ئىلىم ساھەسىدە ئۇيغۇرلار ياپۇن خەلقىگە ناتونۇش ئەمەس. ئۇرۇش دەۋرىدە ياپۇنىيە خەلقىنى* ئوتتۇرا ئاسىياغا بولۇپمۇ مىنى* ۋەتىنىم شەرقى تۇركىستانغا تۆمۈر يول تارتىش پىلانى شۇ ۋاقىتتا ياپونىيىدە قوزغالغان
"مانجۇ- مو*غۇلىيە ھەرىكىتى "نى* بىر قىسمى ئىدى.ئەمما خۇدا بۇنداق پىلاننى* ئىشقا ئاشۇرۇلۇشىغا ئانچە كۆ*ۈل بۆلمىدى.ئەگەر بۇ پىلان ئىشقا ئاشۇرۇلغان بولسا،ئاسىيانى* تارىخى باشقىچە يېزىلاتتى شۇنداقلا ئاسىيانى* خەرىتىسىمۇ باشقىچە سىزىلاتتى.ئەگەر بۇ پىلان ئىشقا ئاشۇرۇلغان بولسا،ئۇيغۈرنى* ئوغۇل-قىزلىرى پويىزغا ئولتۇرۇپ، ئوكىيان ئاتلاپ
ياپۇنىيىگە كىلىپ ئالى مەكتەپلەردە ئۇقۇغان بۇلاتتى. مەجبۇرلاپ پويىز ۋاگۇنلىرىغا بېسىپ، ئىچكىرى خىتايغا يۆتكەپ كېتىپ ئۇيغۇر قىزلىرى بۈگۈنكىدەك پاھىشە خانىلارغا سېتىلمىغان بولاتتى.شۇ ۋاقىتلاردا 20‏-ئەسىرنى* 30-40 -يىللىرىدا ياپۇنىيە خەلقى بىلەن دوست بۇلۇش، ياپۇنىيە ھۆكۈمىتىنى* ياردىمىگە ئېرىشىش مەقسىتىدە ئۇيغۇرنى* بىر ئەۋلاد ۋەتەنپەرۋەرلىرى ئوكيان ئاتلاپ ياپۇنىيە- توكيو شەھىرىگە يىتىپ كەلگەن. بىراق زاماننى* چاقى تەتۈر چۆرگىلەپ مەقسىتىگە يېتەلمەي ئۇلار توكيودا ۋاپات بولۇشتى.
ئىنسان ئۆلۈپ كېتىدۇ لېكىن ئىنساننى* ئىشقا ئاشۇرۇلمىغان ئارزۇلىرى ھەرگىز ئۆلمەيدۇ. بۇ ئارزۇلارغا ۋارىسلىق قىلغان ئۇيغۇرنى* يەنە بىر ئەۋلاد ۋەتەنپەرۋەرلىرى بۈگۈن ياپونىيىگە كىلىپ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيىتى قىلىپ ياپۇنىيە خەلقىدىن ياردەم تەلەپ قىلدى.
ئۇيغۇر خەلقى 1933‏-يىلى ۋە 1944- يىللىرى قۇراللىق قوزغىلا* ئارقىلىق قىسقىغىنە 10يىل ئىچىدە ئىككى قېتىم مۇستەقىللىق جاكارلاپ ئىككى قېتىم جۇمھۇرىيەت قۇرغان خەلق ئىدى. بىر مىللەت ئۆزىنى* تارىخىدا قانچە قېتىم مۇستەقىللىق جاكارلاشقا مەجبۇر بولىدۇ؟ نېمىشقا شۇنداق مەجبۇر بولىدۇ؟ دۇنيا مۇستەقىللىق جاكارلىغان قانداق مىللەتنى ئۆز باغرىغا ئالىدۇ، يەنە مۇستەقىللىق جاكارلىغان قانداق مىللەتنى دۇنيا ئۆز باغرىغا ئالمايدۇ؟
1904 ‏-يىلى چار رۇسىيىنى* دې*ىز ئارمىيىسى ياپۇن دې*ىزىدا ،ياپونىيىنى* قۇدرەتلىك دې*ىز ئارمىيىسىنى* شىددەتلىك زەربىسىگە ئۇچراپ،ۋەتۋەرىكى چىقىپ، شەرمەندىلەرچە مەغلۇپ بولۇپ دې*ىزغا چۆكۈپ كەتكەندىن كېيىن چار پادىشا ياپۇنىيە بىلەن بىرلىشىپ جۇ*گونى چەكلەيدىغان ئاسىيا سىياسىتىنى ئەمدى جۇ*گو بىلەن بىرلىشىپ ياپۇنىيەنى چەكلەيدىغان ، ئاسىيا سىياسىتىگە ئۆزگەرتىپ،مانجۇ-خىتاي جۇ*گونى ھەر جەھەتتىن قوللاشقا باشلىدى،چار روسىيە 1911‏-يىلىدىن باشلاپ ئاتالمىش شنىجا* يەنى شەرقى تۇركىستاننى* ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشقا باشلىدى.چار روسىيىسىنى* جەندىسىگە ۋە ئاسىيا سىياسىتىگە ۋارىسلىق قىلغان لېنىن- ستالىن روسىيىسى يەنى ستالىن ھۆكۈمىتى 1933‏-يىلى شەرقى تۇركىستاننى* ، قەشقەر ئۆلكىسىدە قۇرۇلغان ئۇيغۇر دۆلىتىنى باستۇرۇپ مۇنقەرز قىلىپ مىلىتارىست خىتاي شى* شى سەيگە تۇتۇپ بەردى،1944‏-يىلى شەرقى تۇركىستاننى* ئىلى ئۆلكىسىدە قۇرۇلغان، ئۇيغۇر دۆلىتىنى "جۇ*گو- سوۋىت شەرتنامىسى"ئارقىلىق مۇنقەرز قىلىپ شىنجا* دېگەن بۇ زېمىننى سىتالىن خىتاينى* گومىندا* ھۆكۈمىتىگە قۇشۇپ بەردى.
مەن بىر نەپەر ئاددى ئايال،خىتاينى* مۇستەملىكىسى شەرقى تۇركىستاندا ياشاۋاتقان 20مىليون ئۇيغۇرنى* يىغىسىنى يىغلاپ يۈرگەن بىر نەپەر ئاددى ئايال.ئامېرىكا خەلقى مىنى خىتاينى* تۈرمىسىدىن ئازات قىلىپ ئامېرىكىغا ئېلىپ كەلگەن يىلى مەسىلەن:
2005‏-يىلى 5‏-ئاينى* 6‏-كۈنى پىرىزىدىنت بوش لاتۋىيەنى* پايتەختى رىگا شەھىرىدە "يالتا يىغىنى ئىنتايىن زور تارىخى خاتالىق بولغان ئىدى"دەپ، پۈتۈن دۇنياغا ئېلان قىلغاندا بىز ئۇيغۇرلار بۇ نوتۇقتىن چەكسىز پەخىرلەندۇق.1945‏-يىل 2‏-ئاينى* 14‏-كۈنى ئاياغلاشقان "يالتا" يىغىنى بەلگىلەپ بەرگەن رامكا ئىچىدە 1945‏-يىلى 8‏-ئاينى* 14‏-كۈنى "جۇ*گو-سوۋىت شەرتنامىسى"نى ئىمزالىغان موسكۋا يىغىنى، مانجۇرىيە مەسىلىسىنى،شەرقى تۇركىستان مەسىلىسىنى تاشقى مو*غۇلىيە مەسىلىسىنى،ياپونىيىنى* شىمالدىكى 4 ئارال مەسىلىسىنى زورلۇق بىلەن ئۆز ئالدىغا بىر تەرەپ قىلغان يىغىنلار ئەمەسمىدى؟ئاسىيانى* خەرىتىسىنى خالىغانچە ئۆزگەرتكەن خەلقئارا يىغىنلار ئەمەسمىدى؟
تەتقىقاتچىلار ئۇيغۇرلار مەسىلىسى "يالتا" يىغىنىدا ئوتتۇرىغا چىققانمۇ-يوق؟ دەپ سوئال قويۇپ كەلمەكتە. پاكىتلارغا نەزەر ئاغدۇرايلى!
1950‏-يىلى2‏-ئاينى* 14‏-كۈنى جىيا* جېشى- گومىندا* ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ يەنە شەرتنامە ئىمزالاش ئۈچۈن ستالىننى* چاقىرىقى بىلەن موسكۋاغا يىتىپ كەلگەن ماۋزېدو*، جىيا* جيېشى بىلەن ستالىن ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن "جۇ*گو- سوۋىت شەرتنامىسى"نى بىكار قىلىپ ستالىنغا، يې*ى شەرتنامە ئىمزالاش توغرىسىدا تەكلىپ بەرگەندە ،ستالىن:" كونا شەرتنامىنى بىكار قىلىش يالتا شەرتنامىسىغا بېرىپ چېتىلىدۇ؛ ھازىرچە ئاۋۋال تۈزۈلگەن كونا شەرتنامىنى* ھەرقانداق ماددىلىرىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ"،] يەنى جىيا* جيېشى بىلەن تۈزۈلگەن شەرتنامىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ[ دېگەندە،ماۋزېدۇ* دەرھال قوشۇلۇپ" ئورتاق ئىشلىرىمىز ئۈچۈن نېمە پايدىلىق بولسا، شۇنى قىلىشىمىز كېرەك" دېگەن ۋە ئارقىدىنلا "شەرقى -شىمال ۋەشىنجا* مۇستەملىكە" دېگەن.] جا*رۇ* "ماۋزېدۇ* توغرىسىدا ئاشكارە بولمىغان ھېكايىلەر" 304 بەت[ ماۋزېدو*نى* شۇنداق دېگىنى شەرقى-شىمال يەنى مانجۇرىيە ۋە شىنجا* جۇ*گونى* مۇستەملىكىسى دېگەنلىكى ئە مەستمۇ؟ ستالىن جۇ*گوغا قوشۇپ بەرگەن مۇستەملىكە دېگەنلىكى ئەمەسمۇ؟
ھۆرمەتلىك ياپۇنىيىلىك ئوقۇرمەنلەر، 1989‏-يىلى بېرلىن تېمى ئىۆرۈلگەندىن كېيىن دۇنيا مەتبۇئاتلىرى "يالتا سىستېمىسى ئۇزېل-كېسىل گۇمران بولدى"دېيىشكەن، شۇنداقمۇ؟ ياق!
"يالتا سىستېمىسى" ياۋروپادا گۇمران بولدى لېكىن ئاسىيادا تېخى گۇمران بولغىنى يوق . "يالتا سىستېمىسى" نى* يامان تەسىرى ئاسىيادىمۇ گۇمران بولىشى كېرەك! شۇنداق بولغاندىلا ، مانجۇرىيىنى* مۇستەقىللىق ئورنى ۋە شەرقى تۇركىستاننى* مۇستەقىل دۆلىتى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىلا، ئاندىن "يالتا سىستېمىسى " ياۋرۇ-ئاسىيا ۋە پۈتۈن دۇنيادا گۇمران بولغان بولىدۇ. بۇ ئىشقا مىنى* كۇچۇم يەتمەيدۇ . ياپۇنىيە خەلقىدىن ياردەم تەلەپ قىلىمەن. ياخشى قال! ياپۇنىيە !

- رابىيە قادىر


2008‏-يىلى 9‏-ئاينى* 20‏-كۈنى ۋاشى*ىتۇن