PDA

View Full Version : Rabiye qadir heqqide dastan !



www.azatliq.com
22-12-08, 17:01
"رابىيە قادىر ھەققىدە داستان" دېگەن كىتاپ ئىستانبۇلدا نەشىر قىلىندى

"رابىيە قادىر ھەققىدە داستان" دېگەن كىتاپ مەركىزى گېرىمانىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنى* باشقۇرۇشىدىكى ئازاتلىق نەشىرىياتى تەرىپىدىن ئىستانبۇلدا نەشىر قىلىندى.
بۇ كىتاپ ئەسلىدە گېرمانىيەلىك ئايال يازغۇچى ئالېكساندېرا كاۋېلىئۇس خانىم تەرىپىدىن گېرمان تىلىدا يېزىلغان بولۇپ، "كۆكنى زىلزىلىگە سالغان ئايال"دېگەن نامىدا 2007 ‏- يىلى ئىيۇن ئېىيىدا گېرىمانىيەدىكى ھېينىيې نەشىرىياتىدا نەشىر قىلىنغان. ئاپتۇر كىتاپنى* نامىغا قوشۇمچە قىلىپ ، "رابىيە قادىر خىتاي دۆلىتىنى* 1‏- نومۇرلۇق دۈشمىنى "دەپ ئىزاھات بەرگەن.

سۈرەتتىكى: رابىيە قادىر ھەقىقىدە داستان دېگەن كىتاپنى* مۇقاۋىسى

بۇ كىتاپ ھازىر گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان بارىن ئىنقىلاۋىنى* رەھبەرلىرىدىن، دىنىي زىيالى ۋە يازغۇچى ئابدۇرەھىمجان ئابدۇرەشىدى تەرىپىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان بولۇپ، بۇ كىتاپ ئازاتلىق نەشىرىياتى تەرىپىدىن 2008 ‏- يىلى 12 ‏- ئايدا ئىستانبۇلدا بىسىلدى. ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىگە "رابىيە قادىر ھەققدە داستان" دەپ نام بېرىلگەن.
ئاپتۇر،بۇ كىتاپنى* مۇقەددىمىسگە تەرجىمە قىلىش جەرىيانىدىكى كۆز قاراشلىرىنى ئىپادىلەپ مۇنداق يازغان: كىتاپنى* ئۆزەم مۇھىم دەپ قارىغان جايلىرىنى ئەينەن جۈملىمۇ ‏- جۈملە تەرجىمە قىلىپ، مەلۇم مەزمۇندىن كېيىن ئۆز قارىشىمنى قوشۇمچە شەكىلدە بايان قىلدىم.

"رابىيە قادىر ھەققىدە داستان " دېگەن بۇ كىتاپ ئۇيغۇر مىللي ئازاتلىق ھەرىكىتىنى* رەھبىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنى* رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە نىمىس تىلىدا يېزىلغان بىئوگراپىيەسنى* ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ئاساسىدا، ھەم قوشۇمچە شەرھىلىنىپ يېزىلغان قىممەتلىك ئەسەردۇر.

بۇ كىتاپ ئاساسلىقى بىر مۇقەددىمە ۋە بەش بۆلۈمدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، بىرىنچى بۆلۈمى، خىسلەتلىك توغۇلۇش، ئىككىنچى بۆلۈمى قىسمەتتىن ھىممەت غالىپتۇر، ئۈچۈنچى بۆلۈمى پۇل ھەممە نەرسە ئەمەس ئەمما كۆپ ئىشلار پۇلغا قاراشلىق، تۆتىنچى بۆلۈمى يە*گىلى بولمايدىغان توسالغۇ يوق، يەتكىلى بولمايدىغان يۈكسەكلىك يوق، بەشىنچى بۆلۈمى زىنداندىكى غالىپ روھ دېگەنگە ئوخشاش تېمىلاردىن ئىبارەت.
كىتاپنى* ئاساسى مەزمۇنى ، ئۇيغۇرلارنى* مەنەۋىي ئانىسى رابىيە قادىر خانىمنى* كىم ئىكەنلىكىنى، ھايات كەچۈرمىشلىرىنى، ئىش ‏- پائالىيەتلىرىنى، ئۇيغۇر مىللىتىنى* مىللى كىملىكىنى، ئۇيغۇر مىللىتىنى* ، خىتاي جاھانگىرلىرىگە قارشى ئىلىپ بارغان كۆرەشلىرىنى ، خىتايلارنى* ئۇيغۇر مىللىتىگە نەقەدەر ۋەھشى زۇلۇم سالغان ۋە سېلىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر مىللىتىنى* غەرپ ئەللىرىدىن نېمىنى كۈتىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنى*دىن باشقا يەنە نۇرغۇن مۇھىم مەلۇماتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بۇ كىتاپ "ئانىلار بىر قولىدا بۈشۈكنى تەۋرەتسە يەنە بىر قولىدا دۇنيانى تەۋرىتىدۇ" دېگەن ئۇيغۇر خەلق ماقال تەمسىلى بىلەن باشلانغان. بۇ كىتاپنى ئوقۇغان ھەر قانداق بىر شەخس رابىيە قادىرخانىم بىلەن ئۇيغۇر مىللىتىنى* ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئىستىلى ۋە مىللى تۇيغۇسى بىلەن ئەينەن ئۇچراشقان بولىدۇ، بۇ كىتاپ يالغۇز رابىيە قادىر خانىمنى* ئىنقىلاۋى ھاياتىنىلا ئىپادىلەپ قالماستىن بەلكى ئۇيغۇر مىللىتىنى* سىياسى تەقدىرىنى، ئومۇمىي ھايات كارتىنىسىنى، مىللى ئەخلاقىنى، ئەنئەنىۋىي ئادەتلىرىنى، ئۇيغۇر مىللىتىنى* ھەقىقىي مىللى سالاھىيەتكە، مىللى مۇستەقىللىققا ئىگە، بېقىندى ئەمەس ئۆز ئالدىغا مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلىدۇ.

بىز بۇھەقتە بۇ كىتاپنى نەشىر قىلدۇرغان شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنى* باشلىقى كۆرەش ئاتاخان ئەپەندى بىلەن تېلىفۇن زىيارىتى ئېلىپ باردۇق .


شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتى