PDA

View Full Version : بىزدىكى سىياسىي ساپا ۋە پىسسىخولوگىيەلىك ئاجىزلىقلار



Azatliq.com
09-11-08, 02:44
بىزدىكى سىياسىي ساپا ۋە پىسسىخولوگىيەلىك ئاجىزلىقلار

كۈرەش ئاتاخان

-بۇ ماقالەمنى، ئۇيغۇرىستاننى* مىللىي مۇستەقىللىقى ئۈچۈن قولنى-قولغا تۇتۇپ كۈرەش قىلىۋاتقان سەپداشلىرىمنى* جۇمھۇرىيەت بايرىمىغا تەقدىم قىلىمەن.-ئاپتوردىن

ئۇيغۇرىستاننى* ھەقىقىي مۇستەملىكە ئاستىغا چۈشۈپ قالغىنىغا يېرىم ئەسىر بولۇپ ئاشتى.ئەسلىدە تاجاۋۇزچىلارنى* مىللىي خاراكتېرى ۋە مىللىتىمىزنى* پوتېنسال كۈچىگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا بۇ بىر بىنورماللىق.مۇستەملىكە تارىخىمىز باشلانغاندىن بېرى مەيلى ۋەتەندە مەيلى چەت-ئەللەردە بولسۇن مۇنقەرز قىلىنغان تېررىتورىيىسى بىر مىليون 828 مى* 418 كۋادراتكېلومېتىردىن ئاشىدىغان بىر دۆلەتنى* داۋاسىنى قىلىۋاتىمىز.بىز قىلىۋاتقان بۇ داۋا پەقەتلا كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسان ھەقلىرى داۋاسى بولۇپلا قالماستىن، شۇنى* بىلەن بىرگە ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىق داۋاسىدۇر.ئىنسانىيەتنى* كېيىنكى 60 يىلى غايەت زور ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلگەن، بەزى كۈچلۈك مىللەتلەر ئاجىزلىشىپ، بەزى ئاجىز مىللەتلەر قەد كۆتۈرگەن بىر دەۋر بولدى.بۇ دەۋر يەنە ئۇيغۇرىستان خەلقى ھاياتلىق ئۈچۈن تىركەشكەن، ئاغرىق ئازابىغا تولغان، سىياسىي تەقدىرىمىز ھە دېسە پايدىسىز بولغان ئىچكى ۋە تاشقى ئامىللار بىلەن يانمۇ-يان مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان بىر دەۋرى بولدى.مۇرەككەپ بولغان خەلقئارا ۋەزىيەت، كۈنسايىن ئېشىپ بېرىۋاتقان تاجاۋۇزچى خىتايلار تەرىپىدىن كېلىۋاتقان مىللىي زۇلۇم بارلىق ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم بولغان ئۇيغۇرىستانلىقلارنى يې*ىچە بىر تەپەككۇر ۋە يې*ىچە بىر ئىنقىلاب يولىنى ئىزلەپ تېپىشقا مەجبۇرلىماقتا.

ۋەتىنىمىز تاجاۋۇزغا ئۇچرىغاندىن باشلاپ، ۋەتەن ئىچى ۋە ۋەتەن سىرتىدا قانات يېيىۋاتقان مىللىي ھەرىكىتىمىز بىر كۈنمۇ توختاپ قالغىنى يوق.بۇ ھەرىكەت تەرەققىي قىلىش جەريانىدا، بىز بىلەلىگەن ۋە بىلەلمىگەن دەرىجىدە خەلقئارا ۋەزىيەتنى* توختىماي غىدىقلىشىغا ئۇچراپ كەلدى.بۇ خىل غىدىقلاش ھېلى-ھەم داۋاملىشىۋاتىدۇ.بۇ خىل غىدىقلاشنى پەيدا قىلغانلار ئىچىدە دوست كەبى كۆرۈنگەن دۈشمەن ۋە دۈشمەن شەكلىدە كۆرۈنۈپ قالغان دوستلارمۇ بار.بەزىدە دوست بىلەن دۈشمەن ئارىلىشىپ كەتكەن، بەسىدە داۋانى پۈتۈنلەي بىزگە پايدىسىز بولغان كۈچلەر چا*گىلىغا كىرگۈزۈۋالغان يەنە بەزىدە داۋا ئېلىپ بېرىۋاتىمىز دەپ، ھە دېسە باشقىلارنى* ئويۇنچىقىغا ئايلىنىپ قالغان ۋاقىتلارمۇ بولدى.

ئىچكى زىددىيەت بىلەن تاشقى زىددىيەتنى، دوست بىلەن دۈشمەننى، دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەر بىلەن قانداشلىق مۇناسىۋەتلىرىنى، قانداشلىق مۇناسىۋىتى بىلەن سىياسىي تەقدىرداشلىق مۇناسىۋەتلىرىنى، سىياسىي تەقدىرداشلىق مۇناسىۋىتى بىلەن دىنىي قېرىنداشلىق مۇناسىۋەتلىرىنى ئۆزىمىزنى* مىللىي ئالاھىدىلىكلىرىگە لايىقلاشقان ھالدا ئىستراتېگىيە جەھەتتىن ھەر بىرىنى ئۆز ئالاھىدىلىكى، خۇسۇسىيىتى ۋە دەرىجىسى بىلەن بېكىتىش ھوقۇقىمىز داۋاملىق ياتلارنى* ھېچ بولمىغاندا بېجىرىكسىز سىياسىي يول باشلىغۇچىلارنى* كونتروللۇقىدىن قۇتۇلالمايۋاتىدۇ. بۇ خىلدىكى غىدىقلاشلارنى* ئىجابىي ۋە سەلبىي دەرىجىسىنى باھالاپ بېكىتىشكە ئىنتايىن ئۆتكۈر بولغان كوللېكتىپ زېھنىي كۈچ كېرەك بولىۋاتسا، ئەقىلنى ۋە بىلىمنى ھۆرمەتلەش، تارىخىي ساۋاقلارنى يەكۈنلەش، كۈچلەرنى تەرتىپكە تۇرغۇزۇش، داۋانى* مەركىزىنى سەرخىللاردىن تەشكىللەش، كۈچلۈكلەرنى* نوپۇزىنى ھۆرمەت قىلىش پرىنسىپىدا تۇرۇپ، مىللىي ھەركىتىمىزنى يې*ى بىر تەرەققىيات باسقۇچىغا كۆتۈرۈش ئۇياقتا تۇرسۇن، داۋايىمىزدىكى تارىختىن بېرى بىزگە كېسەلدەك چاپلىشىپ كەلگەن تەشكىلاتلىنىش جەھەتتىكى ئىپتىدائىيلىق يەنى قائىدە پرىنسىپقا سەل قاراش، پۇرسەتنى تونۇپ يېتىپ كۈچلۈك نوپۇزلارنى* ئەتراپىغا ئۇيۇشماسلىق ئەۋج ئېلىپ كېتىۋاتقاندەك قىلىدۇ.تەشكىللىنىشىمىزدە ۋە سىياسىي ئىستراتېگىيەلەرنى تاللاپ بېكىتىشىمىزدە تارىختىكىسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا يۈكسىلىش بولماي ئەكسىچە چېكىنىش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلسە بولمايدۇ.

داۋايىمىزنى 21-ئەسىردىكى سىياسىي مىللەتلەردەك ئەمەس، ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئىپتىدائىي قەبىلىلەرنى* تەپەككۇرىغا لايىق دەرىجىدە ئېلىپ بېرىشنى تەكىتلەۋاتقانلار بار بولۇپ، ئۇلار ھەر كىچىك دۆ*گە بىر بايراق قادىۋېلىپ، بىر مەركەزدىن باشقۇرۇلىدىغان، ھەممە بىردەك خەلق ئېتىراپ قىلغان قائىدە نىزام ۋە پرىنسىپ ئاساسىدا ئىش قىلىدىغان ۋەزىيەتنى* بارلىققا كېلىشى مىللىي ھەرىكىتىمىز ئۈچۈن ھاۋا ۋە سۇدەك كېرەك بولىۋاتسا خالىغانچە ئىش تۇتۇپ، داۋانى* مەنپەئەتىگە زىيان سېلىۋاتىدۇ. بىرلىكنى قوغداپ، ئىتتىپاقلىشىشقا بولىدىغان بارلىق كۈچلەر بىلەن جىددىي شەكىلدە بىرلىشىپ، ئۆز-ئارا تولۇقلاپ ۋە يېتەكلىشىپ، نەزەر دائىرىمىزنى كە* تۇتۇپ، بىز ئۈچۈن پايدىلىق بولغان خەلقئارا ۋەزىيەتتىن ياخشى پايدىلانمىساق، بىخۇدلۇق قىلساق دۈشمەنلىرىمىز كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىپ ، سىياسىي تەقدىرداشلىرىمىز ۋە دوستلىرىمىز بارغانچە بىزدىن يىرگىنىدىغان ۋەزىيەت ئوتتۇرغا چىقىدىغاندەك قىلىدۇ.

ۋەتەن-مىللەتنى* نىجاتلىقى ئۈچۈن ئىزچىل دەرىجىدە كۈرەش قىلىپ كېلىۋاتقىنىمىز بىلەن، مې*ىۋاتقان يولىمىزدىكى چۇۋالچاقلىقلارنى تۈزۈتۈپ، دەۋر بىزدىن كۈتۈۋاتقان پاك ۋە ساغلام بىر روھنى ياراتمىساق كېلەچەك ئەۋلادلارغا يۈز كېلەلمەيمىز.مىللىي خاراكتېرىمىزدىكى باشباشتاقلىق، مەمەدانلىق، ھا*ۋاقتىلىق، گالۋا*لىق، تەكەببۇرلۇق، روھىي غالبىيەتچىلىك، خىيالپەرەسلىك، تەمەخورلۇق، يالغانچىلىق، تەقدىرچىلىك ۋە گۇرۇھۋازلىق قاتارلىقلار مىللىي ھەرىكىتىمىزنى* ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا پۇتلىكاشا* بولماسلىقى كېرەك. بىزدە قوماندان قوماندان ئەمەس، ئەسكەر ئەسكەر ئەمەس، خەلق خەلقئەمەس، ھۆكۈمدار ھۆكۈمدار ئەمەس. بىز ئۇيغۇرلار ھۆكۈمدار سۈپىتىدە خەلقىمىزنى، خەلق سۈپىتىدە قوماندانلىرىمىزنى كەمسىتكەچكە مىللىي قەدىرىيەتلىرىمىز ، مىللىي غۇرۇرىمىز، مىللىي شان شۆھرىتىمىز، ئار-نومۇسىمىز دۈشمەنلەر تەرىپىدىن دەپسەندە قىلىنىۋاتىدۇ.بىز ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز قەدىرلىمىگەنلىكىمىز مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا مەركىزى تەشكىلاتلىرىمىزنى* ۋە خەلقئاراغا مەشھۇر لىدىرلىرىمىزنى* ھۆرمىتىنى تولۇق قىلالمىغانلىقىمىز ئۈچۈن ئۆز-ئارا ۋە باشقىلار تەرىپىدىن تولۇق قەدىرلەنمەيۋاتىمىز، بىر ياۋايى مىللەتچىلىكمۇ نوپۇزىمىزنى قوغدىيالمايۋاتىمىز.ئەگەر شۇنداق كېتىۋەرسە كۈچلۈك مىللەتلەرنى* ئۆزلىرىنى كۈچەيتىۋېلىشى ئۈچۈن قۇربانلىق بولۇپ كېتىمىز. كوللېكتىپ ئې*ىمىزدىكى يوقارقىدەك چەكلىمىلىكلەر تۈپەيلىدىن مىللىي ھەركىتىمىزگە پايدىلىق بولغان ئارقا-ئارقىدىن كېلىۋاتقان پۇرسەتلەرنى خۇددى تارىختىكىگە ئوخشاش شەكىلدە قولدىن بېرىپ قويىمىز.

مانجۇ ئىستىلاسىنى* ئالدى كەينىدە پەن-تېخنىكا ۋە مەدەنىي-مائارىپ جەھەتتە بەكلا ئارقىدا قالغانلىقىمىز، قىلىۋاتقان ئىشلىرىمىزنى* ھەممىسى دىنىي مەركەز قىلغاندەك قىياپەتتە، ۋەتەن-مىللەتنى ئۇنتۇشتەك خۇراپىيلىق ئىچىگە پېتىپ قالغانلىقى ئۈچۈن ۋەتەن مۇنقەرز بولدى.خىتاينى* باش ئاغرىقى ئۆزىگە يېتىپ ئاشىدىغان ئۇ يىللاردا ئەسلىدىدە زېھنىمىزنى مەركەزلەشتۈرۈپ سىياسىي جەھەتتىن قەددىمىزنى تىكلەپ تەرەققىي قىلىۋېلىشىمىز كېرەكىدى.ئەمما بىز ئۆزىمىزنى كۈچلەندۈرىۋېلىشنى* ئورنىغا دىنىي ۋە سىياسىي مەزھەپچىلىك كۈرىشى ئېلىپ باردۇق، ئىچكى ئۇرۇشتا مۇقەددەس ۋەتىنىمىز ئۇيغۇرىستاننى* تۇپراقلىرىنى قېرىنداشلىرىمىزنى* ئىسسىق قېنى بىلەن بوياپ چىقتۇق.ۋەتىنىمزنى ئىككى قوللاپ دۈشمەنگە تەقدىم قىلدۇق.بۇ قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان تراگېدىيە ئۆزىمىزدىن ئۆزگىنى چو* بىلىشتىن، ئۆزىمىزنى* ئىچىدىن يېتىشىپ چىققان ھۆكۈمدارلارغا باش ئېگىشتىن، ياتلارغا قۇل بولۇشنى ئەلا بىلىدىغان تەسلىمچىلىك خاراكتېرىمىزدىن كېلىپ چىقتى.بىر مىللەتنى* تارىخىدا شۇ مىللەتنى* نومۇسىغا ، شان-شەرىپىگە ۋە ئىززەت-نەپسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بىر سىنىپ يېتىشىپ چىققان بولىدۇ.ئۇلار ياخشى يامان كۈنلەردە خەلقنى* ۋەتەننى* ئار-نومۇسى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدۇ.بىزدە ئۇ سىنىپنى* رولىنى ئېلىۋاتقان بىر قوشۇن بار، ئۇنى كۈچەيتىشىمىز، قەدىرى -قىممىتىنى قىلىشىمىز، ئۇنى* ئەتراپىغا ئۇيۇشۇشىمىز، بىخۇدلۇق قىلماسلىقىمىز كېرەك. ئۇلار تارىخنى، تارىخ ئۇلارنى يارىتىدۇ.بۇ سىنىپ كۆپىنچە ۋەتىنى، مىللىتى ئۈچۈن جېنىدىن، مېلىدىن ۋە نەپسىدىن ۋاز كېچەلەيدىغان، ۋەتەن مىللەت يولىدا ئەسكىرىي، سىياسىي، دىنىي، ئىلمىي، ئىقتىسادىي ۋە مەنىۋى تەرەپلەردە پىداكارلىق بىلەن ئىزدىنىپ، شۇ مىللەتنى* مەۋجۇتلۇقىنى سۈردۈرىدۇ.يېقىنقى زامان تارىخىمىزدىكى سەئىدىيە دەۋرىدىكى ئۇيغۇرىستان جەمئىيىتى ، بىر جەمئىيەتنى تەشكىل قىلىدىغان كۆپ تەرەپلىمىلىك شەرتلەرنى ھازىرلىغان، سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەنىۋى تەرەپلەردىن زامانىسىغا يارىشا تويۇنغان بىر جەمئىيەت ئىدى.ئۇ دەۋردە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ھاكىمىيەت، تېخنولوگىيە، ئەسكەرىيەت، تېئولوگىيە، تېبابەت ، ماتېماتىكا، ئاسترونومىيە، خىمىيە، سىياسىي-ئىقتىساد، مەدەنىي-مائارىپ، ئەدەبىيات-سەنئەت ، قول-ھۈنەرۋەنچىلىك، باغۋەنچىلىك، مېمارچىلىق، يېزا-ئىگىلىك، سۇ- ئىنشائاتى ۋە چارۋىچىلىق تەرەپلەردە ئىنتايىن كۈچلۈك ۋە مۇنتىزىم زىيالىيلار قوشۇنىغا ئىگە ئىدى. خەلقىمىز ھېچقانداق بىر مىللەتنى* بوزەك قىلىشىغا ئۇچرىمايتتى، باياشات، خاتىرجەم ، دوستانە ۋە ھەقىقىي بىر مىللىي ھاياتنى ياشايتتى.

ئۇيغۇرىستاننى تەھدىت ھېس قىلغان ۋە بۇ دۆلەتتىكى باياشاتلىق ۋە تەرەققىياتتىن راھەتسىز بولغان غەربىي ئاسىيالىقلار، بۇ خەلققە ئەسكىرىي جەھەتتىن تە* كەلگىلى بولمايدىغانلىقىنى، ئۇ دۆلەتنى باشقىچە بىر شەكىلدە گۇمران قىلىۋېتىشنى پىلانلاپ، ئۇيغۇر خەلقىنى* دىنىي تەرەپتىكى ساددا، ئاق-كۆ*ۈل، راستچىل ۋە سەمىمىيىتىدىن پايدىلىنىپ، بىر مىللەتنى* مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشىغا ئەسلا ياراشمايدىغان، خەلقنى ئىچ-ئىچىدىن تۈگەشتۈرىۋېتىدىغان، ياخشى يامان تەرەپلىرىنى ئاددىي ئىنسانلارنى* تەپەككۇرى بىلەن پەرق ئېتىش قىيىن بولغان زەھەرلىك تەرىقەتچىلىك پەلسەپىسىنى ئىسلامىي ئەقىدىلەر بىلەن پەردازلاپ ۋەتىنىمىزگە ئىمپورت قىلدى.

ھۆكۈمدارلار، دۆلەت ئەركانلىرى، دىنىي ئۆلىمالار، ئەسكىرىي قوماندانلار ، پەن-تېخنىكا ئالىملىرى، يازغۇچىلار، شائىرلار ، مۇتەخەسسىس ۋە سەنئەتكارلار ئاتالمىش دىنىي "ئىسلاھاتچىلار"نى* قولىدا ئۇجۇقتۇرىۋېتىلدى. تاجاۋۇزچىلار كۆزلىگەن مەقسەتكە يەتتى، ئۇلار بۇ دۆلەتنى ئىشغال قىلىۋېلىشنى ئەمەس، تامامەن باشقىچە بولغان شەكىلدە يەنى ئۆزىنى* يېغىدا ئۆزىنى* گۆشىنى قورۇپ، ئۆز خەلقىنى* قولىدا ئۆز دۆلىتىنى گۇمران قىلىۋېتىشنى كۆ*لىگە پۈككەنىدى.ئۇ قېتىم ۋەتەن مەنىۋى تەرەپتىن مۇنقەرز قىلىنغانىدى.ئۇ جاھالەتلىك يىللاردا قىزىققانلىق قىلىپ، تېخىمۇ يۈكسەك بولغان بىر ئىسلامىي جەمئىيەت بەرپا قىلىمەن دەپ، شەيتان(دۈشمەن)نى* ئارقىغا كىرىپ، مىللىي ھاكېمىيىتىمىزنى* ئىدارىسىنى رەت قىلىپ، ۋەتەن-مىللەتنى ئەشەددىي بۇددىست قالماقلارنى* قولىغا ئىككى قوللاپ تەقدىم قىلدۇق.

ئۇيغۇر ئانىلىرى بالىلىرى خاپا قىلسا، ئۇلارنى "بەشى*نى يەرسەن ئىلاھىم!" دەپ قارغايدۇ.ئادەم ئۆزىنى* بېشىنى ئۆزى يېيەلمەيدۇ.بۇ سۆزنى* مەنىسى بالىلارنى* ئۆزىنى* باش-پانايىنى، ئىدارە قىلغۇچىسىنى، قەھرىمانىنى، يول-باشلىغۇچىسىنى، ھۆكۈمدارىنى ھالاك قىلىدىغان ئادەم بولۇپ چىقىشىنى تىلىگەنلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس.ئانىللىرىمىزمۇ قارغاۋەردى، بىزمۇ بېشىمىزنى يەۋەردۇق. ھېلى ھەم ئاشۇ دەۋرنى* ئاخىرىنى ياشاۋاتىمىز.كەچۈرگىلى بولمايدىغان خۇراپىيلىقىمىز، بىلىمسىز ۋە جايىللىقىمىز، تەپرىقىچىلىك ۋە يۇرتۋازلىقىمىز سەۋەبىدىن ياقۇپبەگ ھاكىمىيىتىنى ۋە ئۆزلىرىنى* ئىسسىق قېنى بىلەن ئۆزلىرىنى* شانۇ-شەۋكىتىنى، مىللىتىمىزنى* ئار-نومۇسىنى بەرپا قىلغان ئۇيغۇر ئاقسۆ*ەكلىرىنى ئېتىراپ قىلماي، تۇغۇنپېتى خىتايلارنى* ئۇيغۇرىستان(قەشقەرىيە) دۆلىتىنى مۇنقەرز قىلىشىدا ئۆز قولىمىز بىلەن نومۇسسىزلارچە بىر مەيدان ئويۇن ئوينىدۇق، ئۆز ئايىغىمىز بىلەن تاجاۋۇزچىلانى باشلاپ چىقىپ خەلقىمىزنى قۇل قىلىپ بەردۇق. بۇ ئىنقىلابنى* مەغلۇپ بولىشىغا ئۆز ئىچىمىزدىن چىققان ھۆكۈمدارلارنى يەنى ياقۇپبەگ تەرەپدارلىرىنى ئېتىراپ قىلماسلىقىمىز ۋە سىياسىي ۋە دىنىي جەھەتتىكى تار مەزھەپچىلىك قارىشىمىز سەۋەبچى بولدى، ياقۇپ بەگنى ھۆكۈمران دەپ تونۇغان بولساق، شۇ دەۋردىكى ئاقسۆ*ەكلەرنى يول باشلىغۇچىللىرىمىز دەپ ئېتىراپ قىلغان بولساق، ئۇنى* باشلىغان يولىغا شەرتسىز ئەگەشكەن ۋە سەمىمىي نىيەتتە ۋەتەن-مىللەت ئۈچۈن بەدەل تۆلىگەن بولساق تەقدىرىمىز بام-باشقا بولاتتى.

مانجۇلارنى* 1911-يىلدىكى تۆمۈر خەلپە باشچىلىقىدا ئېلىپ بېرىلغان شەرقىيتۈركىستان ئىنقىلابىنى باستۇرۇشىغا ئىچكى جەھەتتىن ھەمتاۋاق بولدۇق، دىنىي مەسىلىلەرنى مىللىي مەنپەئەتلىرىمىزگە باغلاپ ئويلىيالمىغانلىقىمىز ئۈچۈن دىننى دەپ، دىننى ۋە مىللىي كىملىكىمىزنى پۈتۈنلەي رەت قىلىدىغان ۋەھشىي كاپىرلارنى* قولىغا چۈشۈپ قالدۇق.سىياسىي كۈرەش يولىمىز، پرىنسىپلىرىمىز ، مەقسىتىمىز ئېنىق ئوتتۇرغا قويۇلمىغاچقا، دىننى مەركەز قىلغان ئىتتىپاقداش كۈچلەرنى* ساتقىنلىقى بىلەن ئىنقىلاب مېۋىمىز تاجاۋۇزچى خىتايلارنى* چا*گىلىغا چۈشۈپ كەتتى.

تۆمۈر خەلپە قوزغىلى*ى بىر مىللىي دۆلەتنى بارلىققا كەلتۈرىدىغان يۈكسەك سىياسىي غايىگە ئەمەس، مۇشتۇمزور خىتاي ئەمەلدار ۋە ئۇلارنى* غالچىلىرى بولغان بەگ-تۆرىلەرنى يوقۇتۇپ، قىساس ئېلىشنى مەقسەت قىلغان، مىللىي قېرىنداشلىققا قارىغاندا دىنىي قېرىنداشلىققا بەكراق ئېتىبار بىلەن قارايدىغان، ۋاقىتلىق ماددىي ۋە سىياسىي مەنپەئەتلەرنى يەتمەكچى بولغان نىشان قىلغان، ئۈزۈل-كېسىل بىر يېتەكچى ئىددىيسى ۋە يېتەكچىسى بولمىغان دېھقانلار ئىنقىلابىي ئىدى. ئۇ قېتىمقى دېھقانلار ئىنقىلابىنى* كۈچلۈك سىياسىي يېتەكچى ئىددىيسى، سىياسىي كۈرەش نەزەرىيىسى ھەم يۈكسەك غايىسى بولمىغاچقا مەغلۇپ بولۇشى ئالدىنئالا بېكىتىلگەنىدى.1990-يىللاردىن كېيىن يۈز بەرگەن ۋە ئېغىر مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان ھەر قېتىملىق ئىنقىلابقا قارايدىغان بولساق، ئىلگىرىكى سىياسىي خاتالىقلارنى تەكرار ئۆتكۈزىۋاتقانلىقىمىزنى ۋە ئۇ ئىنقىلابلارنى كاللىغا تايىنىپ ئەمەس، ئىككى مۇشتۇمىزغا تايىنىپ پىلانلىغانلىقىمىزنى، ئۇ ئىنقىلابلارنى بىر ئادەمگە ئوخشاتساق باشسىز بىر تەننى* قولىدا قىلىچ كۆتۈرۈپ، يەتكۈدەك مۈدۈرۈپ-چوقۇرۇپ ھەرىكەتلىنىپ يۈرىۋاتقانلىقىنى، دۈشمەننى* خاتىرجەم ئولتۇرۇپ تاماششە كۆرۈۋاتقانلىقىدەك ئېچىنىشلىق مەنزىرە كۆز ئالدىمىزغا كېلىدۇ.

شەرقىيتۈركىستاندا 1930- ۋە 1940-يىللاردا پارتىلىغان مىللىي ئىنقىلابلىرىمىز ، دوست بىلەن دۈشمەننى ئېنىق ئايرىيالمىغانلىقىمىز، ئىچكى زىددىيەت بىلەن تاشقى زىددىيەتنى پەرقلەندۈرەلمىگەنلىكىمىز، ئۆزىمىزنى كەمسىتىپ، ياتلاردىن دوست ۋە نىجات ئىستىگەنلىكىمىز، ئىچكى ئىتتىپاقلىققا كۆ*ۈل بۆلمىگەنلىكىمىز سەۋەبىدىن ھالاكەتكە مەھكۇم بولدى، بىر-بىرىمىزنى كۆزگە ئىلمىدۇق، ئۆز قېرىنداشلىرىمىزنى ئىنقىلابىمىزغا قارشى قويدۇق، قارىلىدۇق، ئارىمىزدىن چىققان ئىنقىلاب يېتەكچىللىرىنى* خەلق ئىچىدىكى نوپۇزى ۋە شان-شەرىپىگە قارا سۈرتتۇق، ۋە ھېچ ئىككىلەنمەي شەخسىيىتىمىز ئۈچۈن مىللەتنى* ئىستىقبالىنى ساتتۇق. خىتايلار ئەزىز ۋەتىنىمىز شەرقىيتۈركىستاننى بېسىۋالغان 1950-يىللاردىن كېيىنكى ئىنقىلابلاردا ئۇيغۇرىستان خەلقىنى* قانداق مىللىي تەركىبلەردىن ، قانداق دىنىي تەركىبلەردىن ، قانداق سىياسىي تەركىبلەردىن ۋە قانداق ئېتنىك تەركىبلەردىن تەشكىللەنگەنلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ، ھە دېسە تار ۋە بىر تەرەپلىمىلىككە ئېگە، ئىچكى ۋە تاشقى جەھەتتىن مىللىي مۇستەقىللىق ھەركىتىمىزگە پايدىسىز، ئىنقىلابىمىزنى يېتىم قالدۇرىدىغان، كۈچىمىزنى پارچىلاپ، دوستلىرىمىزنى دۈشمەن، دۈشمەنلىرىمىزنى دوست دەيدىغان تۇيۇق يوللاردا ما*غانلىقىمىز ئۈچۈن بىر پۈتۈن خەلقنى*- كۆپ خىل تەركىبلەردىن تەشكىللەنگەن ئۇيغۇرىستان مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى* ئىشتراكچىللىرىنى* - تولۇق ھىمايىسى ۋە ئىشەنچىسىگە ئېرىشەلمىدۇق.

50-يىللاردىن ھازىرغىچە ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مىللىي ھەرىكەتلىرىمىز ھەر قېتىم كېيىنكى ئىككى يۈز يىلدىن بېرى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنقىلابىمىزغا ئوخشاش بىر شەكىلدە مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ كەلدى ۋە ئۇچراۋاتىدۇ. تەشكىلاتلىنالماسلىق، ئۆزىمىزنى كەمسىتىش، مىللىي ئىنقىلابنى* ھەقىقىي يېتەكچىللىرىنى يېتىم قالدۇرۇش، ھە دېسە ئۇلاردىن قۇسۇر ئىزلەش، ئۆز-رولىنى جارى قىلدۇرماي ئۇنى* ۋە ئۇلارنى* قىلىۋاتقان خىزمەتلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش، سەۋرىسىزلىك قىلىش، ئاقساقاللىق قىلىش، ھەممە ئىشقا چېپىلىۋېلىش، جىددىي پەيتتە ئۇلارنى قوغدىماسلىق، ئېھتىياج تۇغۇلغاندا باتۇرلۇق بىلەن ئوتتۇرغا چىقىپ قۇربان بەرمەسلىك، ئىككىلىنىش، دىلىغۇلدە بولۇش، دۈشمەندىن رەھىم- شەپقەت كۈتۈش كېسىلىدىن ساقىيالمىدۇق. ھەر قايسى قاتلاملاردا خەلقنى* ئىنقىلاب سېپىدىكىلەرنى، ئىنقىلاب سېپىدىكىلەرنى* مىللىي يېتەكچىللىرىنى، مىللىي يېتەكچىلەرنى* تەشكىلاتنى يەنى مىللىي يول باشلىغۇچىنى ھۆرمەتلىمەسلىكى، ھەممە ئادەم ئۆزىنى ئالاھىدە چاغلاش، سەپلەر بويىچە قوماندانغا بوي سۇنماسلىق، داھىيلارنى، قەھرىمانلارنى، زىيالىيلارنى، دىنىي ئۆلىمالارنى ھۆرمەتلىمەسلىك، ئاكتىپچانلىقىنى، پىداكارلىقىنى كۆز-كۈزى قىلىش، مىللىي ھەرىكەتنى ئىستىخىيىلىك ئېلىپ بېرىلغان دېھقانلار ھەرىكىتى سەۋىيىسىدە يەنى ئىپتىدائىي ھالەتتە تۇتۇش، يۈكسەك سىياسىي غايىنى ئا*قىرالماسلىق، ئىستراتېگىيە ۋە تاكتىكا بەلگىلەش ئىقتىدارى بولماسلىق، مىللىي يېتەكچىلەر سېپىدىكى بىلىمسىزلىك، نادانلىق، خۇراپاتلىق، سەۋىيەسىزلىك، جاھىللىق، ئىتتىپاقسىزلىق، مەمەدانلىق، ئوخشىمىغان سەپلەردىكى مىللىي يېتەكچىلەرنى* نوپۇزىغا ھۆرمەت قىلماسلىق، كۈچلۈكلەرنى، قابىلىيەتلىكلەرنى رەھبەر قىلىپ تاللاشقا سەل قاراش، خەلقنى* ئىرادىسىگە بوي سۇنماسلىق، بىر-بىرىمىزنى ئېتىراپ قىلماسلىق، زېھنىي كۈچىمىزنى مەركەزلەشتۈرەلمەسلىك قاتارلىق خاتالىقلاردىن قۇتۇلالمىدۇق.ئۇنى*دىن باشقا ، ئىنقىلاب سېپىمىزدىكىلەرنى تۈرلەرگە ئايرىپ، ئالاھىدىلىكىگە يارىشا ھەرىكەت ۋە خىزمەت قىلىشقا يېتەكلىيەلمىگەنلىكىمىز-قانۇنىيەتكە قارشى ھالدا بېلىقنى ئۇچۇشقا، قۇشنى ئۈزۈشكە زورلىغانلىقىمىز- خەلقىمىزگە ئىشەنمىگەنلىكىمىز، دۈشمەن كۈچلەرنى ۋە غەيرى دۈشمەن كۈچلەرنى تۈرگە ئايرىيالماسلىقىمىز، ئۆز-ئارا مۇناسىۋەت، دىپلوماتىك مۇناسىۋەت بىلەن ئىستىراتىگىيلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋەتلىرىنى* ئوخشايدىغان ۋە ئوخشىمايدىغان تەرەپلىرىدىكى چېكىنى بىكىتەلمىگەنلىكىمىز سەۋەبلىرىدىن ھەر قېتىمقى ئىنقىلابىمىز ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچراۋاتىدۇ.

مۇستەملىكە يىللىرى قالدۇرۇپ كەتكەن مىللىي جاراھەت كوللېكتىپ پىسسىخىكىمىزدا بىر سىياسىي مىللەتتە بولۇشقا تېگىشلىك شەرتلەرنى ھازىرلاشقا يول قويمىغاچقا، تېخىچە مىللىي داۋايىمىزدا مۇكەممەل بىر سىستېما يارىتالمىدۇق دېسەك ئارتۇقچە بولمايدۇ.ئىنقىلاب تەجىرىبىللىرىمىزنى يەكۈنلىمىدۇق. تاجاۋۇزچىلارغا قارشى ئېلىپ بارغان ھەرىكەتلىرىمىز تارىختىكى ئە*گۈشتەرلىرىمىز بىلەن بىزەلمىدى.تەجرىبە ساۋاقلىرىمىزنى يەكۈنلىمىدۇق.خەلقئارا ۋەزىيەتنى كۈزىتىش ، دۈشمەننى* ئىچكى ئاجىزلىقىنى تەھلىل قىلىش ئىشلىرىغا سەل قارىدۇق.ئە* ئاددىيسى دۆلەت قۇرماقچى بولدۇق، دۆلەتنى* ئىسمىنى تالاش تارتىش قىلىپ، سەپلەر بويىچە پارچىلىنىپ كەتتۇق.ئەقىلگە ئە* ئۇيغۇن، بىر ئىسىمنى ھازىرغىچە بېكىلتەلمىدۇق. "ئۇيغۇرىستان" دېگەن سۆز 21-ئەسىردە مىللىي ئىنقىلابىمىزغا ھاۋادەك ئېھتىياجلىق تۇرۇپ يەنىلا ئەينى دەۋرنى* مەھسۇلى بولغان دۈشمەنلەر تۇرماق ھەتتا مەركىزى ئاسىيادىكى قانداش خەلقلەرنىمۇ بىئارام قىلىدىغان "شەرقىيتۈركىستان" دېگەن ئىسىمغا مەھكەم ئېسىلىۋالغانلىقىمىزنى ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە مىللەتچىلىك، دەپ تەرغىب قىلدۇق. شۇ سەۋەبتىن "شەرقىيتۈركىستان" دېگەن ئىسىمنى قوللىنىشى ئېتىراپ قىلىنمىغان ئەمما "ئۇيغۇرىستان" دېسە تامامەن مۇمكىن بولغان ئەھۋالدىمۇ، باشقىلارنى* ئىقتىسادىي ياردىمى بىلەن ئۆزىمىز باشقۇرىۋاتقان ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىمۇ ئىمكانىيەت تۇرۇپ، بۇ ھەقتە بىرلىكىمىز بولمىغانلىقى ئۈچۈن "ئۇيغۇر دىيارى" دېگەن قاملاشمىغان بىرنەرسىنى دۆلەتنى* نامى سۈپىتىدە قوللىنىشقا مەجبۇر بولىۋاتىدۇ. ساناپ كەلسەك بۇنداق يەنە نۇرغۇن مەسىلىلەر بار. ئۇ ئىسىم ۋە ۋاقتى ئۆتكەن يەنە بەزىبىر جەندىلەرگە كانىدەك يوپۇشىۋالغانلار قۇرۇق گەپنى تولا قىلىپ، ئەمىلى بىر ھەرىكەتكە ئۆتەلمەي مىللەتنى* ئۆلۈمىنى كۈتۈۋاتىدۇ. ئەقىلسىز مىللەتكەنمىز دېسەك غەزەپلىنىدىغانلار چىقىدۇ.ئەقىللىق مىللەتمىز دېيىشكە تىلىمىز كۆيىدۇ. ئە* ئاددىي ئىچكى مەسىلىلىرىمىزنى باتۇرلۇق بىلەن ئىنتايىن تېزلىكتە ھەل قىلمىساق، دەۋرگە ، رىياللىققا قاراپ ئىش تۇتمىساق يەنە 50 يىلدىن كېيىن ئىسىم قويىدىغان ۋەتەنمۇ يوق، ئۆز-ئارا بىر-بىرىگە دۈشمەن بولىدىغان ئۇيغۇرمۇ يوق، ئۇ يەردە مۇقەددەس دىنىمىز ئىسلاممۇ يوق بولىدۇ، ھەممىمىز "مۇرادىمىز"غا يېتىمىز.

ئويلاپ باقساق بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندىمۇ ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى مىللىي ھەرىكەتلىرىمىز يەنىلا شۇ ئىلگىرىكىدەك ئىستىخىيىلىك بىر شەكىلدە خۇددى نوتىسى يوق مۇزىكا چالغاندەك كېتىۋاتىدۇ. قوماندان بار ئەسكەر يوق، مەيدان بار مەردان يوق، قوشۇن بار تەرتىپ يوق ھالەت ساقلىنىۋاتىدۇ. مىللىي ھەركىتىمىزگە يېتەكچىلىك قىلىشنى* تولۇق ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان جە*گىۋار بىر قوشۇنىمىز بار ئەمما تەرتىپكە سالالمىدۇق.يول باشلىغۇچىغا شەرتسىز بويسۇنىدىغان، مىللىي ھەرىكەتنى* يېتەكچى ئىددىيسىنى مۇقەددەس بىلىدىغان، ئىستىخىيىلىك ھەرىكەت قىلمايدىغان، ئاممىۋىي ئاساسىي كۈچلۈك، خەلقىنى توغرا يولغا باشلايدىغان سىياسىي كۈرەش پروگراممىسى قېلىپلاشقان سەۋىيەنى يارىتىش ئۈچۈن بارلىق كۈچىمىز بىلەن ئىزدىنىشىمىز كېرەك.

مىللىي ئىنقىلاب پەقەت بىر ئىسيان ئەمەس، مىللىي ئىنقىلاب پەقەت ھوقۇق ۋە ماددىي مەنپەئەت قوغلۇشۇشمۇ ئەمەس، مىللىي ئىنقىلاب ئەتنىك، تىل.يېزىق، دىن، تارىخ، ئىقتىساد ۋە كۇلتۇرال باغلىنىشقا ئىگە بولغان خەلقلەرنى* دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى ئالدىنقى شەرت قىلغان ھۆررىيەتچىلىك ۋە مۇستەقىللىق ھەرىكىتىدۇر.ئەگەر ئۇ پايدا مەنپەئەت، دېموكراتىيە ۋە تاجاۋۇزچىلار بىلەن بولغان تە* باراۋەرلىكنى ئالدىنقى شەرت قىلغان بولسا، مىللىي دۆلەتنى قۇرۇشنى* زۆرۈرىيىتى قالمايدۇ.ئەمما شۇ نەرسىنى ئەستىن چىقىرىشقا بولمايدۇكى، مىللىي ئىنقىلابنى ئېلىپ بېرىشتا بارلىق سەپلەرنى* ئادالەت ئۈچۈن كۆرسۈتۈۋاتقان تىرىشچانلىقلىرىغا، تاللىۋالغان يوللىرىغا ئىلھام بېرىش، سىياسىي، دىنىي ۋە ئېتنىك مەسىلىلەردە رادىكاللىشىپ كېتىشتىن ساقلىنىش، ئۆز-ئارا كەمسىتمەسلىك، چەتكە-قاقماسلىق، ئىتتىپاقداشلىق، قېرىنداشلىق، تەقدىرداشلىق تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرۈش، مې*ىشقا تېگىشلىك بارلىق يوللاردا پاراللېل شەكىلدە ھەرىكەت قىلىشنى* دەسلەپكى ئەندىزىسىنى تۇرغۇزۇش، ئۇ يوللارنى بىر-بىرىگە قارشى ۋە زىت قىلىپ قويماسلىق لازىم.

بىزنى* چەت-ئەلدە قىلىپ يۈرگەن ئىشلىرىمىز خەلقىمىزنى* كۈتكەنلىرىدەك بولمايۋاتىدۇ. تارىختىن قالغان كېسەللىكلەرنى داۋالاش ۋاقتى كەلمىدىمۇ تېخى! ئۇيغۇرىستان خەلقىنى* مىللىي داۋاسى 5 مى* يىللىق بىر داۋا، ئۇ يەنە 5 مى* يىللارغىچە داۋاملىشىدۇ. بىزنى* مىللىي كۈرىشىمىز پەقەت مىللىي جۇمھۇرىيەت قۇرۇشنىلام ئەمەس، ئۇنى*دىنمۇ ئۇزاق بولغان، جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغاندىن كېيىنكى قانچە مى* يىللارغىچە سوزۇلۇپ بارىدىغان مۇقەددەس زېمىنىمىزنى* ۋە قۇتسال خەلقىمىزنى* مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىشنى مەقسەت قىلىدۇ.مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا بۇ كۈرەشنى* مەقستى مىللىتىمىزنى سىياسىي، ئىقتىسادىي، كۇلتۇرال ۋە تېخنولوگىيە تەرەپلىرىدىن قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئۆزىمىزنى* بىر مىللەت سۈپىتىدە مە*گۈ يوق بولۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەت.يول ئۇزاق، جاپالىق ئەمما شەرەپلىك.بىز كۆز ئالدىمىزدا كۆرۈنۈپ تۇرغان ئىچكى مەسېلىلىرىمىزنى ھەل قىلماي تۇرۇپ، يالغۇزلۇق ئىچىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرەشللىرىمىز بىلەن خەلقىمىزنى ئالدىساق ئەجدادلىرىمىز ۋە ئەۋلادلىرىمىز ئالدىدا قارا يۈز قوپىمىز.

داۋايىمىزدىكى قېرىنداشلار-ئارا ئىتتىپاقسىزلىقنى* داۋاملىشىشىغا بىلىپ بىلمەي ھەسسە قوشقانلارنى، قوشىۋاتقانلارنى، قوشۇشنى ئويلاۋاتقانلارنى كەچۈرۈشكە بولمايدۇ.داۋايىمىزدا ئىلگىرلەشلەر چو* بولىۋاتىدۇ، ئەمما ئۇ دەۋر ۋە خەلقىمىزنى* كۈتۈۋاتقانلىرىدىن تولىمۇ ئۇزاقتا.بۇنداقلىقىنى ئېتىراپ قىلىشىمىز كېرەك، خەلقئارا ۋەزىيەت بىز ئۈچۈن پايدىلىق بولغان بىر ۋەزىيەتتە تۇرىۋاتىدۇ، داۋايىمىزدا تەرەققىياتلار بولىۋاتقاندەك قىلغان بىلەن ئۇ تەرەققىياتلار پەقەت ئۆزىمىزدىكى ئېنېرگىيە سەۋەبىدىن ئەمەس، خەلقئارا سىياسىي ئاتموسفېرانى* غىدىقلىشىدىنمۇ قولغا كېلىۋاتىدۇ.

مۇقەددەس داۋيىمىزدا خەلقىمىزنى* پۈتۈنلەي ھىمايە قىلىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن شەرتسىز، ئۆز-ئارا يول قويغان شەكىلدىكى يې*ى بىر سىستېمىنى كەشىپ قىلىپ چىقىشىمىز كېرەك.بۇنى پىكىر جەھەتتە دۇنيادىن بەك ئارقىدا قالغانلىقىمىز، ئۆز خەلقىمىزنى، خەلقئارا جەمئىيەتنى ۋە تاجاۋۇزچى مىللەتنى تولۇق چۈشىنىشكە ئورۇنماسلىقىمىز ، قارىسىغا، دوگما، چېچىلا*غۇ ھەرىكەت قىلغانلىقىمىز، داۋانى خىتاينى* يىراقتىن كونتورۇل قىلىشىغا يول قويغانلىقىمىز،داۋانى خەلقئارا جەمئىيەتنى* پۈتۈنلەي قولغا كىرگۈزىۋېلىشىغا يول ھازىرلاپ بەرگەنلىكىمىز كەلتۈرۈپ چىقاردى.شۇ*لاشقا قىلىۋاتقان خىزمەتلىرىمىز تېخى تولۇق مېۋە بەرمىدى دەپ ئېيتالايمىز.

تەشكىلاتلىرىمىزنى* بىرسىمۇ ئارتۇق، بىرسىمۇ كام ئەمەس. ئۇلارنى* شۇ خىل شەكىلدە قۇرۇلۇشى ۋە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنى بىزنى* قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان رېئاللىقىمىز بەلگىلىگەن. ھېچكىمنى كەمسىتىشكە، ھەرقانداق تەشكىلاتنى ھەرقانداق بىر تەشكىلاتتىن سىياسىي نۇقتىدىن ئۈستۈن قويۇشقا ھېچقانداق ھەققىمىز يوق. ئەمما ئۇلارنى* ھەممىسى ئۆزىنى* خۇسۇسىيەت ۋە خاراكتېرلىرى بىلەن قاتنىشالايدىغان بىر سىستېما قۇرۇشقا قادىر بولالمايۋاتىمىز. ئۇيغۇرىستان مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى بىر تەشكىلاتنى* ئەمەس، بىر سىياسىي نىشاننى مەقسەت قىلغان ئالاھىدە بىر سىياسىي سىستېمىنى* ئىچىدە بىرلەشتۈرۈش كېرەك. مەسىلەن: ھۆكۈمەت- ھۆكۈمەت، پارلامېنت- پارلامېنت، پارتىيە- پارتىيە بولىدىغان، ئۇيۇشقان سىياسىي تەشكىلاتلارنى* ئەمىلى خىزمەتلىرىدە ئۆز-ئارا بىر-بىرىنى يەكلىمەيدىغان ۋە چەتكە قاقمايدىغان.

ھەرقانداق بىر تەشكىلاتنى* رايون، دۆلەت، ۋە خەلقئارالىق چەكلىمىسى بولىدۇ. ھەممە تەشكىلاتنى ئۇنى*غا زورلاش ئاقىلانىلىك ئەمەس.ئەگەر ئۇ ئاقىلانىلىك بولسا پەيدا بولغان كۈچ دىكتاتور، يېتەكلەنگۈچىلەر ئىسيانكار بولۇپ چىقىدۇ.بىرلىك كۆرۈنۈشتە ئەمەلگە ئاشقاندەك قىلغان بىلەن ھەممە كىشىنى* كۆ*لى بىر يەردە بولمايدۇ.قەلبتە، ھەرىكەتتە ۋە ئىشتا بىرلىك ۋۇجۇدقا چىقمايدۇ.

ھازىر ۋەتىنىمىزدە 20 مىليوندىن ئارتۇق، چەت-ئەلدە 2 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرىستانلىقلار ياشايدۇ. ئۇيغۇرىستانلىقلارنى* مىللىي كىملىكىنى* رەت قىلىنىشى ۋە تاجاۋۇزچىلارنى* ئۇلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى پەقەت بىزنىلا ئەمەس ئۇيغۇرىستانغا قوشنا دۆلەتلەرنى، ئوتتۇرا شەرقتىكى دۆلەتلەرنى ۋە يىراق غەربتىكى دۆلەتلەرنىمۇ بىئارام قىلماقتا.بۇ دەل "ئۇينى* مۈ*گۈزىگە ئۇرسا تۇۋىقى سىرقىراپتۇ" دېگەندەك بىر ئىش.مانا بۇ بىزگە پايدىلىق بولغان كە* خەلقئارا ۋەزىيەت.خەلقئارا جەمئىيەت بەزىدە خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقاندەك قىلغان بىلەن ئوتتۇرغا چىقىۋاتقان ۋەقە-ۋە ھادىسىلەرنى* ھەممىسى ئۇيغۇرىستانلىقلارنى يوقىتىۋېتىش ئۈچۈن ئەمەسلىكىنى، مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىمىزنى* جەريانىدا يۈز بېرىدىغان بەزى ھادىسىلەردىن ساقلانماقنى* ئەقلىي كۈچ ۋە سىياسىي ئىدراك تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئېسىمىزدىن چىقارساق بولمايدۇ.خىتاي بىلەن ھەر تۈرلۈك ئالاقىدە بولىۋاتقان دۆلەتلەرنى* قەلب مايىللىقىنى قازىنىشىمىز كېرەك.ھە دېسە ئۇلارنى* سودا ۋە سىياسىي باغلانتىللىرىغا زەھەرخەندىلىك بىلەن ھۇجۇم قىلماسلىقىمىز، سەۋرچانلىق بىلەن پۇرسەتنى* بىز ئۈچۈن پايدىلىق بولىشىغا كاپالەتلىق قىلىشىمىز لازىم.ئۇلار ۋاقتى كەلگەندە بىز بىلەنمۇ بۇ خىلدىكى ئىقتىسادىي ۋە مەنىۋى ھەمكارلىقلار قۇرىدۇ.ئۇلارنى يەنە بىئارام قىلىۋاتقان بىر ئىش، بىزنى* بېجىرىكسىزلىكىمىز، سەۋىيەسىزلىكىمىز، تەشكىلاتلىنالماسلىقىمىز ۋە تەشكىلاتلىنىش ئادەتلىرىمىزگە 21-ئەسىرگە باب كېلىدىغان يې*ى مېتود ۋە يې*ى قان بېرەلمەسلىكىمىز بولىۋاتىدۇ.كۈچلۈكلەرگە يول بېرەيلى، ئەقىللىقلەردىن ئۈركۈمەيلىچى! پىداكارلاردىن ئۆگىنەيلى،!تۆھپىكارلارنى ئىلھاملاندۇرايلى! قەھرىمانلارنى* ئاتا-ئانىلىرىغا ئېھتىرام بىلدۈرەيلى، ھەسەتخورلۇق، كۆرەلمەسلىك، شەخسىيەتچىلىك قىلمايلى، خەلق بەرمىگەن شان-شۆھرەتنى دەپ ئەقلىمىزدىن، ئىمانىمىزدىن، ئىنسانلىقىمىزدىن ۋاز كەچمەيلى.
مۇستەقىللىق ئۆزلۈكىدىن قولغا كەلمەيدۇ. مىللىي جۇمھۇرىيىتىمىزنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىمىزدە بېسىپ ئۆتمىسەك بولمايدىغان مۇساپىلەر بار. بۇ داۋانى پاراللېل شەكىلدىكى ئۈچ يۆنىلىشتە ئېلىپ بېرىش كېرەك.بىرىنچى مۇستەقىللىقنى ئۈزۈل-كېسىل تەلەپ قىلىش, ئىككىنچى ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقلىرىمىزنى خەلقئارا قانۇنلارغا باغلاپ تۇرۇپ قوغداش, ئۈچىنچىسى خىتايلار بىلەن مەلۇم بىر سەۋىيەدە يەنى چەك-چېگرىنى ساقلىغان شەكىلدە دىئالوگ قورۇپ, ھازىرقى خىتاي ھۆكۈمىتىنى* ئاساسىي قانۇنى ۋە ئاپتونومىيەلىك قانۇنلىرىنى ئاساس قىلىپ, بىز مۇستەقىللىقنى تەقدىم قىلىشنى كۆ*لىمىزگە پۈككەن ۋەتەن ئىچىدىكى 20 مىليوندىن ئارتۇق خەلقنى* ئىنسانىي ھەقلىرىنى يەنى ئە* تۆۋەن دەرىجىدىكى مىللىي مەۋجۇتلۇقىمىزنى ساقلاپ قالىدىغان تىل-يېزىق, مائارىپ, ئەدەبىيات-سەنئەت , مەتبۇئات, ئاخبارات, ئىشقا ئورۇنلىشىش, ئوزۇقلىنىش, داۋالىنىش, ئولتۇراق ئۆي, يەرلىك بايلىقلاردىن بەھرىمەن بولۇش, ئىكىلوگىيەنى قوغداش …قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقىمۇ ئېغىرلىق بېرىشنى كۈن تەرتىپىمىزگە قويۇشىمىز كېرەك.

ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا بىرلا تەشكىلات ياكى داۋا سېپىمىزدىكى مەلۇم بىر گۇرۇھ ياكى شەخس ئۆزى يالغۇز بۇ خىزمەتنى* ھۆددىسىدىن چىقىپ بولالمايدۇ. شۇ*ا، داۋا سېپىمىزدىكى پىداكار ئىنسانلار, تەشكىلاتلار ۋە تەشكىلات بىرلىكلىرى “پەقەتلا مەن” دېگەن ئاتالغۇدىن ھەزەر ئەيلىشى شەرت. خەلقىمىز بىزگە يۈكلىگەن شەرەپلىك ۋەزىپىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ئۇيغۇرىستان خەلقىدە بىۋاسىتە ياكى ۋاستىلىق شەكىللەردىكى دېموكراتىيە, بىرلىك, ئىتتىپاقلىق ۋە ئوخشاش بولغان سىياسىي نىشان قارىشىنى تىكلەش كېرەك. ئەگەر يۈكسەك بولغان سىياسىي نىشاندىن مەسىلە كۆرۈلمەيدىكەن, بىز ھەيدەۋاتقان بۇ تىز پويىزنى* ئۈچ چاقى ئوخشاش تېزلىك , ئوخشاش رىتىم ۋە ئوخشاش رېلىستا ئۇچقاندەك مې*ىپ, بەلگىلەنگەن نىشانغا، پىلانلىغان مۇددەتتە يېتىپ بارالايدۇ. ئەگەر ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا بۇ ئۈچ چاقنى* بىرلىكى, ئىتتىپاقلىقى, ئۆز- ئارا ماسلىشىشىدىن مەسىلە چىقسا, ئۇلارنى* ئىچىدىكى ئىككىسى ياكى تەنھا بىرسى ئۆزى يالغۇز خەلقىمىزنى زۇلمەت ئىچىدىن نىجاتلىققا باشلاپ چىقالمايدۇ.

ۋەتەن ئىچىدىكى ئاپتونومىيەنى تۇتقا قىلغان داۋا, ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى مىللىي مۇستەقىللىقنى تۇتقا قىلغان داۋا ۋە ۋەتەن سىرتىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسان ھەقلىرى پرىنسىپىنى تۇتقا قىلغان داۋادا يې*ى بىر كوئوردىناتسىيەلەشتۈرۈش ئاپپاراتى شەكىللەنمەي تۇرۇپ, مەقسەتكە يېتىش ئۇياقتا تۇرسۇن, داۋا سېپىمىز دۈشمەن بىلەن توقۇنۇشماي تۇرۇپ, تارمار بولۇپ كېتىدۇ. بۇلارنى* ھەممىسىنى* ئوخشاش بىر زامان ۋە ماكان ئىچىدە بىرلىكتە پەيدا بولۇپ تۇرۇشى كۆرۈنۈشتە پايدىسىزدەك قىلغان بىلەن, مىللىي ھەركىتىمىزدىكى تۇرغۇنلۇققا خاتىمە بېرىپ, يې*ى تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرۈشتە ئىنتايىن زور رىيال ئەھمىيەتكە ئىگە.

داۋانى* ئىچىدىكى بىر قاتار ئۇششاق تالاش-تارتىشلارنى* كۆپىيىپ كېتىشى ۋە ئەسلىدە مۇھىم بولمىغان نەرسىلەرنى* كۆپتۈرۈلىۋېتىپ, ئە* مۇھىم مەسىلىلەرنى* بىر چەتتە قالدۇرۇلۇشى مىللىي روھىمىزنى خوراتماقتا.بىر گۇرۇپپا يەنە بىر گۇرۇپپىنى “دىنچى” دېسە, بىر گۇرۇپپا يەنە بىر گۇرۇپپىنى “مىللەتچى” دەيدۇ. بىر گۇرۇپپا يەنە بىر گۇرۇپپىنى “ئاپتونومىيەچى” دېسە يەنە بىر گۇرۇپپا يەنە بىرسىنى “ پېدىراتسىيەچى” دەيدۇ. بەزىلەر بەزىلەرنى “مۇستەقىللىقنى تەرغىب قىلىۋاتقان بىلەن خىتاينى* جاسۇسلىرى” دېسە بەزىلەر بەزىلەرنى “داۋانى خىتاينى* قوماندانلىقى بىلەن قىلىۋاتىدۇ, بىزنى* يوق بولۇپ كېتىشىمىزنىمۇ خالىمىغاندەك, كۈچۈيۈپ كېتىشىمىزنىمۇ خالىمايدۇ” دەيدۇ. يەنە بەزىلەر بەزىلەرنى “جاھا*ىر دۆلەتلەرنى* ئۆزى بىلەن خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىۋېلىشى ئۈچۈن مىللىتىمىزنى قونچاق قىلىپ بېرىۋاتىدۇ” … ۋەھاكازالار…دەپ تەنقىدلەۋاتىدۇ .

بەزىلەر بەزىلەرنى "تاجاۋۇزچىلارغا ھەمتاۋاق بولۇپ، ئۇلارنى* ھۆكۈمىتىدە ئىشلەيدۇ، ئۇلارمۇ خىتايغا ئوخشاش دۈشمىنىمىز" دېسە، بەزىلەر بەزىلەرنى "ئۇلاردىن ئۈمىد كۈتكىلى بولمايدۇ، ھەممىدىن مۇھىمى بار ئىمكانلاردىن پايدىلىنىپ مەۋجۇتلۇقىمىزنى ساقلاپ قېلىش" دەيدۇ.ئۇلارنى* ھەممىسى مىللىي مەۋجۇتلۇقىمىزنى ساقلاپ قېلىشتا كام بولسا بولمايدىغان ئامىللارنى* ئىنكاسى بولسىمۇ، يوقارقى كۈچلەردە تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا ئۇنى* ۋەكىللىرىدە شەيئى ۋە ھادىسىلەرنى كىلاسسىپىكىتسىيەلەش(تۈرلە گە ئايرىش)، مورپولوگىيەلەش(بىرلەشتۈرۈ )، دىنامىكلاش (مەركەزلەشتۈرۈش)، كوئوردىناتسىيەلەش ( قانۇنىيەتكە ئۇيغۇن تەرتىپكە تۇرغۇزۇش)، سىنتاكىسلاش ( رولىنى بېكىتىش)، ئۇدۇل ۋە كونتەكىستلىق (دەل ۋە ۋاستىلىق ئالاھىدىلىكىنى) مەنىسىنى بېكىتىش، دەۋرنى* قىممەت قارىشىغا ھۆرمەت قىلىش، ئەمەلىيەتكە باغلاش دېگەن سەۋىيە، ئەقلىي ھاسىلاتلار ئاساسىدا شەيئىلەرنى* تۈپ قانۇنىيىتىدىن كۆرە چارە-تەدبىر بېكىتىدىغان قابىلىيەت مۇكەممەل پىشىپ-يېتەلمەيۋاتىدۇ. شۇ*ا مىللىي داۋايىمىزدىكى بىر قىسىم كۈچلەر تەجرىبىسىزلىك، بىلىمسىزلىك ۋە ھەسەتخورلۇق سەۋەبىدىن داۋايىمىزنى* مەركىزى قوماندانلىقىغا بوي سۇنمىسا، يەنە بەزىلەر شەخسىي خاراكتېرىدىكى تۈرلۈك ئاجىزلىقلار سەۋەبىدىن داۋاغا دۈشمەندىنمۇ ئېغىر زىيان سالماقتا ۋە يەنە بەزىلەر داۋادىكى بۇ ئاجىزلىقتىن پايدىلىنىپ، تاجاۋۇزچىلارغا ھەمتاۋاق بولماقتا.

مىللىي داۋا سېپىمىزدىكى خېلى كۆپ سانلىق كىشىلەردە ھەرقانداق بىر ھادىسىگە باھا بەرگەندە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلماستىن "ئاق" ۋە "قارا" دەپ ئالدىراقسانلىق بىلەن بېكىتىۋېتىشتىن ساقلىنىش، پىكىر ئىگىلىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەردىن ماھىرلىق بىلەن مەسلىھەت سوراش ئادىتى يوق.ئۇلار ئادەتتىكى نەرسىلەر ئۈستىدە ئۆز-ئارا ئۆلگۈدەك تالاش-تارتىشقا كىرگىنى بىلەن دۈشمەن ۋە غەيرى دۈشمەنلەر بىلەن ئۆلسىمۇ ۋاز كېچىشكە بولمايدىغان مەسىلىلەردە سەۋر قىلىدۇ، سۈكۈت قىلىدۇ، مۇرەسسەلىشىدۇ، يول قويىدۇ.

ئۆز-ئارا بىر-بىرسىنى تەنقىد قىلىۋاتقانلارنى* ھەممىسى ۋەتەن-مىللەتنى سۆيىدىغان پىداكار كىشىلەر بولسىمۇ، ئۆز قىممەت قارىشىنى قوغدىيالىغان ھالدا، پىكىردە پەرقلىق بولغان گۇرۇپپىلارنى ھۆرمەتلەشنى، تەقدىردىشىم، قېرىندىشىم، بىر تۇغقىنىم دەپ قاراشنى بىلمەيدۇ. چۈنكى ،ئۇلار ھازىرغىچە ھادىسىلەرنى پەلسەپىۋى نۇقتىدىن كۈزىتىش ، لوگىكىلىق شەكىلدە تەھلىل قىلىش، سىياسىي مەنپەئەتدارلىق نۇقتىسىدىن خۇلاسىلەشنى بىلمەيدۇ.بۇ يەردىكى ئاساسىي مەسىلە ماتېماتىكىلىق قائىدە قانۇنىيەتلەرنى مىللىي مەنپەئەتىمىزگە ئۇيغۇن بولغان سىياسىي ۋە نەزەرىيىۋى بىلىملەرگە ئايلاندۇرالمىغانلىقتىن، ھادىسىلەرنى تۈرگە ئايرىش، گورۇپپىلاش، فورمۇلىلاشتۇرۇش ، ھېسابلاش ۋە نەتىجىلەش سەۋىيەمىزنى* تۆۋەنلىكىدىن بولىۋاتىدۇ. بۇ مىللىي ھەركىتىمىزدىكى تاكتىكا ۋە ئىستراتېگىيەلەر شەيئى-ھادىسىلەرنى* تەبىئىي قانۇنىيىتى ئاساسىدا بولماستىن ئەكسىچە ئۇنى رەت قىلغان ھالدا ئېلىپ بېرىلغاچقا شۇنچە كۈچەپ قىلغان ئىشلىرىمىزدىن كۈتكۈنىمىزدەك نەتىجىگە ئېرىشەلمەيۋاتىمىز، دېگەنلىكتۇر.

بەزىلەر مىللىي داۋا قىلىۋاتىمەن دەپ تەشكىلات داۋاسى قىلىۋاتىدۇ، بەزىلەر مىللىي داۋا قىلىۋاتىمەن دەپ دىنىي مەزھەپچىلىك داۋاسى قىلىۋاتىدۇ، بەزىلەر مىللىي داۋا قىلىۋاتىمەن دەپ پايدا- مەنپەئەت داۋاسى قىلىۋاتىدۇ، بەزىلەر مىللىي داۋا قىلىۋاتىمەن دەپ غەيرى كۈچلەرنى* دامىغا چۈشۈپ كېتىۋاتىدۇ، بەزىلەر مىللىي داۋا قىلىۋاتىمەن دەپ گۇرۇھۋازلىق داۋاسى قىلىۋاتىدۇ.ئەمما ئۇلارنى* تولىسى قانداقسىگە نىشاندىن ئېزىپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلەلمەيۋاتىدۇ.

بۇنداق بولىشى ،داۋانى* مەركىزى نېرۋا سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرىدىغان پرىنسىپ ، نىزام ۋە قائىدىلەرنى* قېلىپلاشمىغانلىقىدىن بولىۋاتىدۇ. بىر دۆلەتنى* ئاساسىي قانۇنى بولغاندەك، بىزنى*مۇ بارلىق ھەرىكەتلىرىمىزنى* توغرا خاتالىقىنى ئۆلچەيدىغان قانۇن، پرىنسىپلىرىمىز ماقۇللىنىشى كېرەك. ھەممە بىردەك ئۆزىنى شۇ قېلىپقا سېلىپ تۇرۇشنى ئادەتكە ئايلاندۇرغاندا داۋايىمىزدىكى چېچىلا*غۇلۇق ۋە چۇۋالچاقلىقلار ئاپتوماتىك تۈزۈلۈپ كېتىدۇ.

يوقارقى گۇرۇپپىلار ئۆزلىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن مىللىي مەنپەئەتىمىزنى قۇربان قىلالايدۇ، ئىتتىپاقداشلارنى ئىرقىي ، دىنى، ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى شەرت قىلماستىن بارغانچە كۆپەيتىش ئۈچۈن ئەقىلىيەت ۋە ماددىيەت سەرپ قىلمايدۇ.خەلقىمىزنى ئالدىسا ئالدايدۇكى ۋە مىللىتىمىزنى يوقىتىۋېتىش ئېھتىماللىقى بولغان دۈشمەن ۋە غەيرى دۈشمەنلەر بىلەن ئىتتىپاق تۈزسە تۈزەيدۇكى ھەرگىزمۇ ئۆز خەلقىنى* ئىچىدىكى مۇخەللىپەت گۇرۇھلار بىلەن مۇرەسسەلىشىش، سۈلھى قىلىش، ئىتتىپاقلىشىش يولىغا قاراپ ما*مايدۇ، مې*ىشنى خالىغانلارنى* ھەرىكىتىگە چەك قويىدۇ.مانا بۇ بىزنى* قۇل بولۇشىمىزنى* ئاساسلىق سەۋەبلىرىنى* بىرى.

ئۇلار مەيلى "دىن"، مەيلى "دېموكراتىيە"، مەيلى "ئاپتونومىيە" قالپىقىنى كىيىۋالغان بولسۇن مىللىي داۋايىمىزدا كەم بولسا بولمايدىغان جەريانلارنى چېچىلا*غۇلۇق، تەشكىلاتسىزلىق، چۇۋالچاقلىق ئىچىدە بېسىپ ئۆتۈۋاتىدۇ.ئۇلار توغرا بولغان ئورتودوكسال بىر يولنى تۇتمىسا ئاخىرقى ھېسابتا مىللىتىمىزنى* مۇنقەرز بولىشى ئۈچۈن، تاجاۋۇزچىلارغا ئۆزى بىلمىگەن ھالدا خىزمەت قىلىشتىن ساقلانغىلى بولمايدىغانلىقىنى چۈشۈنۈپ يېتىشى كېرەك.تاجاۋۇزچى خىتايلار بۇ نۇقتىنى ئوبدان بىلگەچكە ھەر بىر گۇرۇپپا ئەتراپىغا ئۇيۇشقان مىليونلىغان شىر يۈرەك ئەزىمەتلىرىمىزنى ئوچۇق سورۇندا بىر پاي ئوق چىقارماي تۇرۇپمۇ ئۇلارنى ئۆزىمىزنى* قولى بىلەن تارمار قىلىۋەتتى. ئۇلار بىزنى* مىللىي خاراكتېرىمىزدىكى ئاجىزلىقلارنى ئۈگۈنىۋالغانلىقى ئۈچۈن بىزنى بىئولوگىيە ئالىملىرى ھاشاراتلەرنى باشقۇرغاندەك كونتورۇل قىلىۋاتىدۇ، بىز بولساق داۋانى يې*ى بىر سىستېمىغا سوقۇپ، ئۇلارنى* كۈتمىگەن يېرىدىن چىقىدىغان تاكتىكا ۋە ئىستراتېگىيە تۈزەلمەيۋاتىمىز.قوشۇنىمىز بارغانچە پارچىلىنىپ، ئىتتىپاقداشلىرىمىز كەتتىكچە ئازىيىپ ئۆزىمىزمۇ ئېتىراپ قىلغۇمىز كەلمىگۈدەك دەرىجىدە ئاجىزلىشىپ كېتىۋاتىمىز. شۇ*ا تاجاۋۇزچىلار قانۇنىيەتلىك پىكىر قىلغانلىقى سەۋەبىدىن، مى* جاپادا قۇرۇپ چىققان ئۇۋىمىزنى كۈچىمەيلا توزۇتىۋېتىشكە قادىر بولىۋاتىدۇ. "كاللا ئىشلىمىسە پۇتقا زىيان" دەپ قۇربان بەرگىنىمىز، بەدەل تۆلۈگىنىمىز، ھېرىپ-چارچىغىنىمىز قالدى. ئىش قىلىۋاتىمەن دەپ ئۆزىمىزنى بەزلىدۇق، خەلقىمىزگە پايدىسىدىن زىيىنى كۆپ بولدى. توغرا يول تېپىشتا ھەممە ئادەم ئاقساقاللىق قىلىدىغان، ئۆزخان، ئۆزبەگ بولىۋالىدىغان كېسەللىكنى تاشلاپ داھيىغا، يېتەكچىگە بوي سۇنۇشىمىز، پىكىرگە، بىلىمگە، قانۇنىيەتكە ھۆرمەت قىلىشىمىز، ئە*گۈشتېرلىرىمىزنى جېنىمىزنى تىكىپ مۇھاپىزەت قىلىشىمىز شۇنداقلا پايدىسى يوق تەكرار يوللاردىن ۋاز كېچىشىمىز لازىم.

ئۇيغۇرىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتىگە ئۇيغۇرىستانلىقلارنى* ھەممىسى ئاللىبۇرۇن ئىشتىراك قىلدى، تېخىچە ئىشتىراك قىلمىغان بولسا تاجاۋۇزچىلار تەرىپىدىن ئۇزاققا قالماي مەجبۇرىي ئىشتىراك قىلدۇرۇلدى.ئۇيغۇرىستان بىلەن خىتاي دۆلىتى ئوتتۇرىسىدا ھامان ئوتتۇرغا چىقماي قالمايدىغان بۇ ئاقىۋەت بىز ئۈچۈن تېپىلغۇسىز پۇرسەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇلارنى* تىل-يېزىقى، ئۆرپ-ئادىتى، دىنىي ئېتىقادى، ئەدەبىيات- سەنئىتى، پەن-مائارىپى، پەرزەنت كۆرۈشى ۋە مىللىي مائارىپى قاتارلىقلارنى* چەكلىنىشى ۋە كەمسىتىلىشى ئاپتوماتىك شەكىلدە خەلقىمىزنى مىللىي كۈرەش سېپىمىزگە باشلاپ كىردى ۋە كىرىدۇ. بىز بۇنى تېخىچە بىلمەي خەلقىمىزدىن رەنجىپ، ئۇنى ئاقچى، بۇنى كۆكچى دەپ ۋايساپ يۈرۈۋاتىمىز.بۇ يەردە كەم بولىۋاتقىنى بىزنى* مەغرۇرلۇقىمىز، سەۋرسىزلىكىمىز بىر ئىش قىلماي تۇرۇپ مىننەت قىلىۋاتقانلىقىمىزدىن، تەپرىقىچىلىك، گۇرۇھۋازلىق ، بىلىمسىزلىك قىلىۋاتقانلىقىمىزدىن بولىۋاتىدۇ، بىز تېخىچە ئۇنى كۆرۈپ يېتەلمەيۋاتىمىز.

بۇ داۋانى* بىر مىللەت ۋە بىر رايوننى* مەۋجۇتلۇقىغا بېرىپ چېتىلىدىغان بارلىق تەرەپلەردە ئۆز سەۋىيىسىدە ئوخشاش قەدەمدە، ئوخشاش دەرىجىدە ۋە ئوخشاش سەۋىيەدە كېتىۋاتقانلىقىنى ئا*قىرالمايۋاتىمىز.داۋادى ى بۇ پاراللېل لىنىيەلەر ئوتتۇرىسىدا سىياسىي پروگرامما خاراكتېرلىق بىرلىك ئوتتۇرغا چىقىش ھارپىسىدا تۇرىۋاتىدۇ. مىللىي قەھرىمانلىرىمىزدىن تارتىپ ئاددىي پۇخرالىرىمىزغىچە، داھىللىرىمىزدىن تارتىپ مىللىي ھەرىكىتىمىزنى* ئاددىي ئىشتىراكچىللىرىغىچە، خىتاينى* يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ئاپپاراتىدا خىزمەت قىلىۋاتقانلاردىن تارتىپ چەت يېزا قىشلاقلاردىكى ئاددىي ئاۋام-پۇقرالارغىچە، تەقۋادار دىنىي ئۆلىمالاردىن تارتىپ مىللىي زۇلۇم دەستىدىن كەيپى-ساپا ۋە ئەيش -ئىشرەتكە بېرىلگەن ئوغرى-يانچۇقچى، قىمارۋاز، پاھىشە ۋە پاھاشىۋازلارغىچە ھەممىسى بىزنى* قېرىندىشىمىز، مىللىي ھەرىكىتىمىزنى* ئىشتىراكچىللىرى، مىللىي مەۋجۇتلۇقىمىزنى* ھۇل تېشى.بىز ئەگەر ئۇلارغا يۈكسەك ئىشەنچ باغلىمىساق، مىللىي ھەرىكىتىمىز يەنە مەغلۇپ بولىدۇ.بىز ئەقىللىق بولىشىمىز مىللىتىمىزگە مەنسۇپ بولغان ھېچ بىر شەخسنى مىللىي ھەرىكىتىمىزنى* سىرتىدا قالدۇرماسلىقىمىز، ئۇلارغا ئۆز سەۋىيىسى ۋە دەرىجىسى بويىچە مۇھەببەت بېرىشىمىز، ئاكتىپچانلىقىنى قوزغىتىشىمىز، ياشاش ھوقۇقىنى ھۆرمەت قىلىشىمىز لازىم.ئەمما، قەھرىمانلارنى مەدىھىيلىشىمىز، ھەممىنى يۈكسەك سىياسىي غايە ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشىمىز، مىللىي قەدىرىيەتلىرىمىزنى تاج قىلىپ تاقىشىمىز، شۇنى* بىلەن بىرگە زۇلۇم ئىچىدە قالغان ئىنسانىي قەدىرى -قىممىتى دەپسەندە قىلىنىپ، ئىنسانىيلىقتىن ئۇزارتىۋېتىلگەن ئۇيغۇرىستاندىكى بارلىق خەلقنى ھۆرىيەت يولىغا بىرلىكتە باشلاپ چىقىپ كېتىشىمىز، ئۇيغۇرىستان جەمئىيىتىنى* ئۇلار بىلەن تېخىمۇ كۈچلۈك، ئۇلار بىلەن تېخىمۇ رە*گارە*، ئۇلار بىلەن تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە تولغان ئىكەنلىكىنى ھەر ۋاقىت ئەستىن چىقارماسلىقىمىز ھەم بۇ ئاچچىق رىياللىقنى قوبۇل قىلىشىمىز لازىم.


بىز ئۇيغۇرىستانلىقلارنى* مۇستەقىللىق ئىشەنچىمىزنى ئۇرغۇتۇپ كېلىۋاتقان ئەلۋەتتە يەنە نۇرغۇن ئە*گۈشتەرلىرىمىز بار.بۇ ئە*گۈشتەرلەر مىللىيىتىمىزنى شەكىللەندۈرگەن بارلىق شەيئى ۋە ھادىسىلەرنى* ئىچىدە كۆزنى قاماشتۇرۇپ تۇرغاچقا، تاجاۋۇزچىلار ئىنتايىن بىئارام بولىۋاتىدۇ. بىز ماقالىنى* بېشىدا داۋايىمىزدا ساقلىنىۋاتقان بىر قىسىم مەسىلىلەر ۋە مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىدىكى پاراللېل ئۈچ يۆلۈنۇش ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزدۇق.مەسىلىلەرنى بۇ خىل شەكىلدە ئويلىيالىغانلىقىمىزنى* ئۆزىمۇ، خۇدانى* بىزگە قىلغان ھەدىيەلىرىنى* بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . بىز ئاتا مىراسىمىز ئۇيغۇرىستاننى* قانۇنىي ۋارىسلىرى سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىنىشقا تېگىشلىك بىر خەلق بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، دۈشمەن ھەرقانچە كۈچلۈك بولغان بىلەنمۇ ئالدىمىزدا پائالەچ ھالەتكە چۈشۈپ قالدى.بۇنداق بولىشىغا يەنە مىللىيىتىمىز تەشكىل تاپقان ئاشۇ بىباھا ئە*گۈشتەرلەر سەۋەب بولىۋاتىدۇ. ئۇ ئە*گۈشتەرلەر ھەققىدە پىكىر بايان قىلغاندا مەنىۋى ئانىمىز رابىيە قادىر، كىشىنى* ئېسىگە كەلمەي قالمايدۇ. راست دېمىسىمۇ رابىيە قادىر مىللىي مۇستەقىللىق ھەركىتىمىزدىكى تولىمۇ تەستە قولغا كەلتۈرۈلگەن ئە*گۈشتەرلىرىمىزنى* بىرى.ئەگەر مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىمىزنى* غەلىبىسىنى خەلقئارا كۈچلەرنى* ياردىمىسىز قولغا كەلتۈرگىلى بولمايدۇ دەپ قاراش خاتا بولمىسا، ئۇ ھالدا ئۇيغۇرىستان داۋاسى ئۈچۈن رابىيە قادىردەك بىر شەخسنى* قىممىتىنى* قانچىلىك بولىدىغانلىقىغا باھا بەرمەك قىيىن بولمايدۇ. بىر مىللىي داۋا خەلقئارادا بىر شەخس ئارقىلىق تونۇلۇپ كەلدى، بىر ھەرىكەت بىر شەخسنى* رەھبەرلىكىدە غەلبە قازاندى، بىر تەشكىلات بىر شەخسنى* پىداكارلىقى بىلەن كۈچلەندى، روناق تاپتى. بۇ ئاددىيلا بىر فورمۇلا كۆز ئالدىمىزدا تۇرۇپ، رابىيە قادېرنى لىدىر قىلالمىساق، ياكى ئۇنى* بىزنى خەلق قىلىشىغا يول ھازىرلاپ بېرەلمىسەك ،يەر شارىدا مۇشۇ ئەسىردە ئە* زور زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ قالىمىز.

بىز تەشكىلات ۋە تەشكىلاتلىنىش ھەققىدە خېلى كۆپ توختالدۇق.يىللاردىن بېرى مىللىي ھەركىتىمىزدە دالاي لامادەك بىر لىدىر يوق دەپ ۋايساپلا يۈرەتتۇق. ئەمدى خۇدايىم، كۆزىدىن ئايرىغان بۇ خەلقىمىزگە بىر ھاسا تەقدىم قىلغاندا ئۇنى* قەدىرى -قىممىتىنى بىلمىسەك، ئۇنى لىدىر، ئۆزىمىزنى ئەسكەر دەرىجىسىگە كۆتۈرەلمىسەك دۈشمەنلەرنى* مىللىي زۇلۇمى بىز ئۈچۈن ھالال بولغان بولىدۇ.

رابىيە قادىر ھەقىقەتەن داۋايىمىزدىكى بىر ئە*گۈشتەر، بايراق ۋە تېپىلغۇسىز پۇرسەت. بىز بۇ ماقالىنى* ئالدى تەرىپىدە تىلغا ئالغان مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلايلى دەيدىكەنمىز، خەلقئارادا تونۇلغان، داۋايىمىزغا ھەقىقىي ۋەكىللىك قىلىدىغان ۋە مەركىزىي قوماندانلىقى سىستىمىمىز ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان بۇنداق بىر پىگۇرغا سەل قارىماسلىقىمىز، ئۇنى* ئەتراپىغا ئۇيۇشقان شەكىلدە يوقاردا تىلغا ئالغان مەسىلىلەرنى ھەلقىلىش ئۈچۈن ماددىيەت ۋە مەنىۋىيەت جەھەتتىن بىرلىكتە كۈچ چىقارمىساق پىشانىمىزدىكى قۇللۇق تامغىسىدىن قۇتۇلالمايمىز.

مىللىي مۇستەقىللىقىمىز ئۈچۈن يوقۇردا تىلغا ئېلىنغان ئۈچ يۆنىلىشتە ھەرىكەت قىلىۋاتقانلارنى، مۇسابىقىگە چۈشكەن ئۈچ يۈگرەش ماھىرىغا ئوخشاتساق، رابىيە ئانىمىزنى* ئوتتۇردا يەنى چېمپىيون مۇنبىرىدە، قالغان ئىككىيلەننى* تەرتىپ بىلەن ئو* ۋە سول تەرەپتە ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى بولغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز .رابىيە ئانىمىزنى* چېمپىيون بولغانلىقى ھەرگىزمۇ ئۇنى* خاتالىقى بولماستىن، ئىككى تەرەپتىكى ماھيىرنى* ئاجىزلىقى تۇرۇقلۇق، مېنى* ساقىلىم ئۇزۇن تۇرسا بۇرۇتى بار بىرسى مەندىن ئۆتۈپ كەتسە بولامدۇ؟ دېگەندەك ئەخمىقانە چۇقانلار ئىچىدە ئالتۇن مېدال ئۇنى*غا تەختىم قىلىندى.بۇ رىياللىقنى كۆرۈشىمىز ئۇنى*غا ئالقىش ياغدۇرۇشىمىز، ئاكتىپچانلىقىمىزنى ئۇرغۇتىشىمىز، ئۇنى*غا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىشىمىز كېرەك.ئالما پىش ئاغزىمغا چۈش، دەپ يېتىشقا، پېتىر ناندىن قىل ئىزلەپ، ئاسماندىكى غازنى* شورپىسىغا نان چىلاپ يېيىشكە بولمايدۇ.ئىش قىلىۋاتقانلارنى* يولىنى توسماي، ۋەتەننى سېتىۋاتقانلارنى*، مىللىي شان-شەرىپىمىزگە داغ تەگكۈزىۋاتقانلارنى* ، تاجاۋۇزچىلارنى* يولىنى توسايلى!ھەممىمىز قۇرۇق سۆز بىلەن ۋاقىتنى ئىسراپ قىلماستىن، نەتىجىلەرنى قانداق قولغا كەلتۈرۈش ھەققىدە ئەمىلى ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، داۋاغا سۇ ۋە ھاۋادەك كېرەك بولىۋاتقان كې*ىشىش، ئىتتىپاقلىشىش، ئۆزىمىزگە ماس كېلىدىغان شەكىلدىكى بىر مەركەز بىر لىدىرىنى* بايرىقى ئەتراپىغا توپلىنىش باسقۇچلىرىنى بېسىپ ئۆتۈشىمىز لازىم.

مىللىي زۇلۇم تارىختىكى يېرىم مۇستەملىكە يىللىرىغا قارىغاندا تەسۋىرلەپ بەرگۈسىز دەرىجىدە ئەۋجىگە چىقتى.ۋەتىنىمىز ئۇيغۇرىستان يېرىم مۇستەملىكە ۋە قۇل قىلىۋېتىلگەن بۇ دەۋر ئىنسانىيەت تارىخىدىن، جۈملىدىن ئۇيغۇرىستان تارىخى نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا تولىمۇ قىسقا ۋاقىت. ئەمما بىر مىللەتنى* كۈچىيىش، زەئىپلىشىش ياكى مەۋجۇتلۇقىدىن مەھرۇم بولۇشى ئۈچۈن بۇ ۋاقىت كە*-كۇشادە يېتىپ ئاشىدۇ.خەلقىمىز ھالاكەت گىردابىغا كېلىپ قالدى.مىللىي كىملىكىمىز ۋە مىللىي تېرىتورىيېمىز ئىنكار قىلىندى، تاجاۋۇزچى كۆچمەنلەر ئاپىتىگە دۇچار بولدۇق. تىل-يېزىقىمىز چەكلەندى، دىنىي تۇيغۇمىز ھاقارەتلەندى، مەكتەپلىرىمىز تاقىلىشقا قاراپ يۈزلەندى، ئۆرپ-ئادەتلىرىمىز كەمسىتىلدى، ئىشسىزلىق ۋە نامراتلىق پاتقىقىغا پاتۇرۇلدۇق، تەبىئىي ۋە مەنىۋى بايلىقلىرىمىز تالان-تاراج قىلىندى، تەبىئىي كۆپۈيىشىمىزگە چەك قويۇلدى، خەلقئارا قانۇنلاردا قوغدىلىدىغان ھەق-ھوقۇقلىرىمىز ھەققىدە سۆزلىگەن سۆزلىرىمىز، يازغان ماقالىلىرىمىز، قىلغان ئىشلىرىمىز ۋە ئويلىغان ئويلىرىمىز سەۋەبىدىن تۈرمىلەرگە قامالدۇق، ئېغىر ئىسكەنجە ئاستىغا ئېلىندۇق ۋە قانلىق قىرغىنغا ئۇچرىدۇق.

ئۇيغۇرىستانلىقلار تارىختىكى مەنىۋى ، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي كەچۈرمىشلىرىمىز ئاساسىدا، بۇ قىسقا ۋاقىتتا ئورتىغا چىققان سىياسىي كرىزىس ۋە ئىرقىي تەھدىتنى تونۇپ يەتكەچكە مىللىي مۇستەقىللىق يولىنى تاللىۋالغان.ئۇنى*دىن باشقا ئىككىنچى يولمۇ يوق!ئەمما ئاشۇنداق بىر ئۇلۇغۋار غايىگە يېتىش، شوئارۋازلىق، بېكىنمىچىلىك ۋە دوگمىچىلىق بىلەن ۋۇجۇدقا چىقمايدۇ.ئۇنى* ئۈچۈن بارلىق سەپلەردە تە*-باراۋەرلىك، ئىنتىزام ۋە پرىنسىپ ئىچىدىكى ئۆز-ئارا پاراللېل بولغان خەلق ھەرىكىتى كېرەك بولىدۇ.

بىر مىللەتنى* مۇستەقىللىق زەپىرى خۇددى تۆرەلمە پەيدا بولۇپ، توققۇز ئايدىن كېيىن بوۋاقنى* تۇغۇلغىنىغا ئوخشايدۇ، مۇرەككەپ تەرەققىياتلارنى باشتىن كۆچۈرىدۇ.تۆرەلمىنى* نورمال ئەي بولىشى ناھايىتى نۇرغۇن نەرسىلەرگە باغلىق، ھەم قىيىن.بەزىدە تۆرەلمە ھەقىقىي ھاياتلىققا ئېرىشىپ، كېيىنكى قەدەملەرنى مۇۋەپەقىيەتلىك باسالىسا يەنە بەزىلىرى ئۇزاققا قالماي نابۇت بولىدۇ.بەزىلىرى مۇددەتتىن بۇرۇن تۇغۇلغاچقا، ئۇنى* ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن "تۇماق"نى* ئىچىدە ئالاھىدە پەرۋىش قىلىنىشى كېرەك(1).

ۋەتىنىمىز ئۇيغۇرىستان مانجۇ ئىستىلاسىغا ئۇچرىغاندىن تارتىپ تا نومۇسلۇق1932-يىلىغا قەدەر خەلقىمىز ھامىلە بولغان مۇستەقىللىق تۆرەلمىسىنى ئەي قىلالمىدۇق. "1933" ۋە "1944" دېگەن يىلنامىلار بىز ئۈچۈن تولىمۇ مۇقەددەس سانلاردۇر.ئۇنى* مۇقەددەسلىكىنى ئاللاھ بەلگۈلىگەن.بۇ يىللاردا ئۇيغۇرىستان خەلقى زۇلۇمغا قارشى قوزغىلىپ ، ئۆزلىرىنى* تېخى ھايات ئىكەنلىكىنى دۇنياغا جاكارلىدى.مىللىتىمىز 1933 تە تۇغۇلغان ئۇ بوۋاقنى قەلب تەختىدە پەرۋىش قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.

ھازىرقى ھالىتىمىز تامامەن باشقىچە. ئۇ ھەقتىكى تەجرىبە -ساۋاقلىرىمىزنى* ھەممىسى ئۇنتۇلدۇرىۋېتىلگەن، ياكى ئۆزىمىزگە بولغان ئىشەنچنى* تەۋرىنىپ كېتىشى سەۋەبىدىن، دۇنيادىكى شۇنى*غا پاراللېل بولغان ھادىسىلەرنى* سەلبىي ۋە ئىجابىي تەسىرلىرى ئىچىدە بوغنۇقماقتا.

ئۇيغۇر مائارىپىنى* نابۇت قىلىنىۋېتىلىشى، ئەۋلادلىرىمىزنى* مىللىي روھقا تويۇنۇپ ئۆسۈپ-يېتىلىشىگە پاسسىپ تەسىرلەرنى بەرگەن. ئاددىي مىسال، شەرقنى* تەسىرىگە ئۇچرىغانلارنى* ئاغزىدىن سامساق پۇرىسا، غەربنى* تەسىرىگە ئۇچرىغانلارنى* ئاغزىدىن ئىسپرىت پۇرىسا بولمايدۇ.

ئۇيغۇر مىللىتىنى* ئېتنىكىلىق، پىسسىخىكىلىق ۋە پىزىكىلىق ئالاھىدىلىكلىرىنى* ھازىرقى ھالىتى، بىز بېسىپ ئۆتكەن شانلىق ۋە نومۇسلۇق تارىختىن كەلگەن. مىللىتىمىزنى بىر كىتابقا ئوخشاتساق، ئۇنى*دا مە*گۈلۈك مۇقەددەس بىلىشكە ۋە ئىككىلەنمەي ئۆچۈرىۋېتىشكە تېگىشلىك قۇرلارنى* بارلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.

بەدىنىمىزنى* ئىچىدىكى نەرسىلەرنى* ھەممىسى پايدىلىق بولمىغاندەك، سىرتىدىكى نەرسىلەرنى* ھەممىسىمۇ زىيانلىق ئەمەس. مېنى*چە ئۇيغۇرىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى بىر بوۋاققا تەققاسلىساق، خەلقىمىزنى جاسارەتلىك بىر ئانىغا ئوخشاتساق بولىدۇ.ئۇيغۇرىستاندىكى تۈركىي خەلقلەر تېخىمۇ ئېنىق ئېيتقاندا ئۇيغۇرلار بۇ تۇپراقنى* مۇستەقىللىقى ئۈچۈن قانچە قېتىم ھامىلە بولدى. بىزنى* ئاخىرقى كۆرۈشىمىز كېيىنكىسىنى ئەي قىلىش ئۈچۈن كېتىۋاتىدۇ. تۆرەلمىدە ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇپ تۇرغان بولسىمۇ، ئۇنى* مەۋجۇتلۇقىنى ئىستىمىگەن ئامىللارنى* داۋاملىق يەكلىشى ئادەتتىكى ئەھۋال، ئەمما ئۇنى*غا قارشى ئېمونت كۈچىنى ساقلاپ قېلىش بىردىن-بىر مەقسىدىمىزدۇر.تۆرەلمىنى* ھەقىقىي ھاياتلىققا كۆز ئېچىشى، ئانىدىن تۇغۇلغان كۈندىن باشلىنىدۇ. تۇغۇلغان كۈندىن كېيىنكىلىرى يەنە باشقا گەپ.تۆرەلمىنى* پەيدا بولۇشى ۋە تۇغۇلۇپ ئۆسۈپ يېتىلىشى ئىرسىيەت ، مەنىۋىيەت ۋە ماددىيەتكە باغلىق.

ھاياتلىق قانۇنىيىتىدىن قارىغاندا "كۈچلۈكلەر تاللىنىدۇ، ئاجىزلار شاللىنىدۇ" بۇ بىر ھەقىقەت. ئادەم بەدىنىدىكى پايدىلىق ۋە پايدىسىز مىكروبلارنى* ھاياتلىق ئۈچۈن قانداق پوزىتىپ ۋە نېگاتىپ رول ئوينايدىغانلىقىدىن ئىبارەت بىئولوگىيەلىك پرىنسىپلارنى ، ئورگانىزملارنى* رولى ئاساسىدا نەزەرىيە جەھەتتىن قوبۇل قىلىپ، ئەمەلىيەتكە تەدبىقلىيالماسلىق ھېچنەرسە ئۆگەنمىگەن بىلەن، ھېچ ئىش قىلمىغان بىلەن ئوخشاش ئىش.

كائىناتتىكى ھاياتلىقنى* بار بولۇشىنى بەلگۈلىگەن ياكى چەتكە قاققان ئامىللارنى* بىرسىمۇ ئارتۇق، بىرسىمۇ كام يارىتىلمىغان. ئۇلارنى* ئوتتۇرىسىدىكى رەھىمسىز كۈرەش قىپ -يالى*اچ ھالەتتىكى تۇغۇم بىلەن ئۆلۈمنى* ھەر ئىككىسىنى چېنىقتۇرۇپ تۇرىدۇ.ئۆلۈش بىلەن تۇغۇلۇشنى*، ھاياتلىق بىلەن ماماتلىقنى* ھەر ئىككىسى ھاياتىي كۈچكە تولغان شەيئى ۋە ھادىسىنى* مە*گۈ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشىنى* ئالدىنقى شەرتى.مەغلۇبىيەت ۋە ھالاكەتنى ئېتىراپ قىلماسلىق زەپەر ۋە تۇغۇلۇشنى ئىنكار قىلغانلىقتۇر.

ھاياتلىقنى تەشكىل قىلغان پايدىلىق ۋە پايدىسىز ئامىللارنى* ھەممىسى، ھۈجەيرىلەرنى* كۆپۈشۈش- ئۆلۈش- تەكرار پەيدا بولۇشتىن ئىبارەت ئالاھىدىلىكىنى بەلگۈلىگەن. ساغلام بەدەندىكى ھۈجەيرىلەر كۆپىيىش ئۈچۈن ئۆلىدۇ، ئۆلۈش ئۈچۈن كۆپۈيىدۇ. ھۈجەيرىلەر مەيلى ئۆلسۇن ياكى كۆپەيسۇن، ئۇلارنى* بارلىق ھەرىكىتىنى بىر ئاقىلانىلىك ، پىداكارلىق ۋە قەھرىمانلىق دەپ مەدىھىيلەشكە ئەرزىيدۇ.ئۇيغۇرىستاننى* سىياسىي كېلەچىكى ئۈچۈن ئورتىغا چىقىۋاتقان ھەر بىر ھادىسە ۋە ئىش ھەرىكەتلەر ئىرادىمىزنى چېنىقتۇرىدۇ، قەھرىمانلىقىمزغا كۈچ-قۇۋۋەت بېغىشلايدۇ.

ساغلام بەدەندىكى ھۈجەيرىلەرنى* پەرقىلىق ئورگانلاردىكى ھالاكىتى ۋە مەۋجۇدىيىتى ئۆزىدىن ھالقىغان بەدەننى* مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن تۆلەنگەن بەدەل بولسا، كېسەللەنگەن بەدەندىكى ھۈجەيرىلەرنى* ھەرىكىتى دەل ئۇنى* تەتۈرىسىچە كوئوردىناتسىيەلىشىش جەريانىنى مەلۇم بىر ھاياتلىق ئۆلگەنگە قەدەر داۋاملاشتۇرىدۇ.

ئەجدادلىرىمىز مەۋجۇدىيەتنى* پايدىلىق ۋە پايدىسىز تەرەپلىرىنى ئۆزلىرىنى* مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ، دىنىي- ئېتىقاد ، ئەدەبىيات-سەنئەت، تېبابەت ، قول-ھۈنەرۋەنچىلىك،ئارخىتېكتور ،مۇزىكا، تېخنولوگىيە ۋە ئاسترونومىيە قاتارلىق تەرەپلەردە ئۆزىگە يارىشا ئەنئەنىلەرنى بەرپا قىلغان. شۇ مەنىۋىيەتلەر تۇپرىقىدا ئەجدادلىرىمىز 16 دىن ئارتۇق ئىمپېراتورلۇق، يۈزگە يېقىن چو* كىچىك دۆلەت ۋە بەگلىكلەرنى قۇرۇپ چىقتى. ئۇلارنى* ھەممىسى جانلىق پاكىتلار ئارقىلىق دەۋرىمىزگە يېتىپ كەلدى.بىز ئۆزىمىزدىكى مىللىي ئېنېرگىيەنى بايقىشىمىز ۋە ئۇ يەردىن مىللىتىمىزنى* چىقىش يولىنى* جانلىق خەرىتىلىرىنى ئىزلەپ تېپىشىمىز لازىم.


*****
ئەسكەرتىش:
(1)ئۇيغۇرىستانلىقلاردا بالدۇر تۇغۇلۇپ قالغان بوۋاقلارنى ، توققۇز ئاي تولغىچە تۇماقنى* ئىچىدە ئەي قىلىشتىن ئىبارەت قانچە-مى* يىللىق ئەنئەنە بار.ھازىرقى زامان غەرب تېبابىتىدە ئەينەك ئىشكاپتا ساقلاش تېخنىكىسى يې*ىدىن كەشىپ قىلىنغان، بۇ كېيىنكى ئىش.

2008-يىل 07- نويابىر . گېرمانىيە/فرانكفۇرت