PDA

View Full Version : قورچاق رەئىسى نۇر بەكرىگە رەددىيە



azatliq.com
09-10-08, 12:25
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى* خىتاي تىللىق قورچاق رەئىسى نۇر بەكرىگە رەددىيە

ئابدۇرەھىمجان



نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق "كادىرلار" يىغىنىدا سوز قىلغان قورچاق ئەمەلدار نۇر بەكرى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى* سىياسى ۋەزىيىتىنى* مۇقىمسىز ئىكەنلىكىنى، بۇ ئۆلكىنى خىتايغا باغلاپ تۇتۇپ تۇرۇش ئاسانغا چۇشمەيۋاتقانلىغىنى، ۋەزىيەتنى مۇقىملاش ئۇچۇن يەنىمۇ ئاكتىپچان بولۇش كېرەكلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

نۇر بەكرىنى* نۇتقىدىكى "بۆلگۇنچى كۈچلەر، جۇ*گۇنى* زىمىن پۇتۇنلۇكىنى پارچىلاش، ۋەتەننى* بىرلىكىنى پارچىلاش" دېگەندەك تۇراقلىق سىياسى جۇملىلەر نۇر بەكرىگە تە-ئەللىق سۆزلەر بولماستىن، بەلكى زوراۋان، ئەكسىيەتچى، مۇستەملىكىچى، ئىرقى قىرغىنچى، جاھىل خىتاي تاجاۋۇزچى ھۆكۈمرانلىرى ھۆججەتلەشتۇرگەن ئەكسىيەتچى شۇئاردۇر.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تىرتۇرىيەسىدە يۈز بېرىدىغان ھەر قانداق بىر كىشىلىك ھادىسىگە -" خىتاي ھۆكۇمىتىدىن كىشىلىك ئوچ ئىلىش،كىشىلىك ئىنتىقام ئىلىش، خىتاي خەلقىدىن شەخسى ئوچ ئېلىش،جاندىن تويۇپ مەيدانغا سەكرەپ چىقىش" قاتارلىق كىشىلىك ۋە يەككە غەرەزدە سادىر قىلىنغان ھەر قانداق بىر غەيرى نورمال ۋەقەگە قارىتا ئەكسىيەتچى، جاھىل،زوراۋان خىتاي ھۆكۈمرانلىرىنى* جازا مەۋقەسىز ئەزەلدىن سىياسى شەكىلدە بولۇپ كەلگەن ۋە" مىللى بۆلگۈنچىلىك ئەكسىل ئىنقىلابىي ھەرىكەت، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلمىش، دۆلەتنى* زىمىن پۇتۇنلىكىگە قارشى سىياسى سۇيىقەست." قاتارلىق ھۆججەتلەشتۇرۇلگەن مۇقىم سىياسى تۇس ئالغان ئەكسىيەتچىل ماددىلاردۇر بولۇپ كەلمەكتە . شۇنى*دەك ۋەتىنىمىز چېگرىسى ئىچىدە تەشكىللىك، كوللئىكتىپچانلىق ئېلىپ بېرىلغان مىللىي ئىنكاس قايتۇرۇش، مىللىي قوغدىنىش ھەرىكەتلىرىگە قارىتا خىتاي ئەكسىيەتچى ھۆكۈمرانلىرىنى* تەكىتلەپ كېلىۋاتقىنى " چېگرا سىرتىدىكى شەرقى تۇركىستانچى بۆلگۈنچى كۈچلەرنى* قۇتراتقۇلىغى، جۇ*گۇنى* زىمىن پۇتۇنلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان غەربتىكى دۇشمەن كۇچىلىرىنى* ياردىمى." دېگەندەك ئىزچىل، تۇراقلىق سىياسى جۇملىلەردىن ئىبارەتتۇر.

خىتاي ئەكسىيەتچى ھۆكۈمرانلىرىنى* مەزكۇر سىياسى مەيدانىغا قىسقىچە مۇنداق باھا بېرىلىشى تامامەن ئورۇنلۇق:

1.) خىتاي ئەكسىيەتچى ھۆكۈمرانلىرىنى* ئۇيغۇرىستان تىرتورىيەسىگە بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى* قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى ئۆزلىرى ئىقرار قىلغانلىقى ۋە ئېتىراپ قىلغانلىقى.

2.) ئۇيغۇرستاندىكى يەرلىك مىللەتلەر بىلەن كۆچمەن خىتايلار ئارىسىدا ئىتتىپاقلىقىنى* مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى ئېتىراپ قىلغانلىقى.

3.) خىتاي ئەكسىيەتچى ھۆكۈمرانلىرى " ئۇيغۇر ئۆلكىسى ئەزەلدىن جۇ*خۇا ئىلىنى* ئايرىلماس بىر پارچىسى" دېگەن سىياسى سەپسەتىسىنى* ساختا شۇئار ئىكەنلىكىنى ئىقرار قىلغانلىقى.

4.) خىتاي ئەكسىيەتچى، مۇستەملىكىچى، تاجاۋۇزچى ھۆكۈمرانلىرى ئۇيغۇرستان تۇپراقلىرىنى ئىشغال قىلىپ تۇتۇپ تۇرۇشتا ئۆزلىرىنى* يالغۇز ئىكەنلىكىنى،خىتايغا دېموكراتىك غەرب ئەللىرىنى* قارشى ئىكەنلىكىنى ئۆزلىرى جاكالىغانلىقىنى، خوشنا ئەللەرنى*مۇ خىتايغا قارشى ئىكەنلىكىنى ئۆزلىرى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى ئىقرار قىلغانلىقىنى- جۈملىدىن خىتاينى* بۇ تۇپراقنى ئىگىلەپ تۇرۇشى قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى، ھۇشيار تۇرمىسىلا، كۇچ ئىشلىتىپ تۇرمىسىلا قولدىن كەتىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەنلىكىنى، خىتاينى* غەرب ئەللىرى بىلەن بولغان بارلىق ئىقتىسادى ۋاسىتىلىرىنى* ۋە دىپلوماتىك چارە- تەدبىرلىرىنى* كارغا كەلمەيۋاتقانلىغىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ شۇنداق ئىدى.

كىشىلىك ھوقۇقنى ھىمايە قىلغۇچى، مىللىي ھوقۇقنى قوغدىغۇچى، ئىنسان ئىززىتنى ھەممىدىن ئەلا بىلگۇچى، دوستلۇقنى، تىنچلىقنى قەدىرلىگۇچى غەرب ئەللىرى ئۇيغۇر تەرەپتە ئىكەنلىكىنى خىتاي ئەكسىيەتچى ئەمەلدارلىرىنى* ئۆز ئېغىزى بىلەن جاكارلىشى ئۇيغۇرلار ئۇچۇن بىر چو* غەلىبىلىك نەتىجىدۇر.

دەرۋەقە تىنچلىق پەرۋەر، ئادالەت سۇيەر، ئادالەت،تىنچلىق ۋە ئەركىنلىك ئۇچۇن جاننى ئاتاپ قويىدىغان ئۇيغۇر مىللىتى غەرب ئەللىرى بىلەن دوستلىشىپ بولدى. ئىنسانىي ئەخلاققا، كىشىلىك ۋە مىللىي تەپەككۇرى، ئىنسانىيەتنى، كىشىلىك ئىززىتنى قەدىرلەشتە غەرپلىكتىن قەلىشمايدىغان گۇزەل خىسلەتكە ئىگە ئۇيغۇر مىللىتىنى غەربلىك ھورمەتلىدى ۋە قەدىرلىدى. بۇ ھال خىتاينى* جان- جەھلىگە تىگىپ كەتتى. پۇتۇن خىتاي ئەمەلدارلىرى بىئارام بولماقتا. خىتاي تىللىق قورچاق ئەمەلدار نۇر بەكرى ئەشۇ بىئارام بولىۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى* بىرىدۇر!

مەن خىتاي ھوكۇمرانلىغىنى* زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان، ئاتا- بوۋىسىدىن تارتىپ، كېيىنكى ئەۋلادقىچە خىتاي ھوكۇمرانلىغىنى* زۇلۇمىغا مەھكۇم بولغان، قان قەنىدا قىساس ئورناپ كەتكەن مىليونلىغان ئۇيغۇرنى* بىرى بولۇش سالاھىيتىم بىلەن، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىگە مەنسۇپ ۋە رابىيە قادىرنى قوللىغۇچى بىرى بولۇش سالاھىيىتىم بىلەن قورچاق ئەمەلدار نۇر بەكرىدىن نۇتىقىغا قىسقىچە رەددىيە بېرىشنى زۇرۇر كۆردۇم. تۆۋەندە ئۇنى* نۇتقىنى* تەرجىمىسىدىن ئۇزۇندە شەكلىدە نەقىل ئېلىپ، رەددىيەرىمنى تەقدىم قىلىمەن.

(نۇربەكرىنى* ئاپتونوم رايونلۇق كادىرلار يىغىنىدا سۆزلىگەن سوزىنى* رابىيە خانىم ۋە دۇق قا مۇناسىۋەتلىك قىسمىنى* تەرجىمىسى )

ئۇزۇندە: (قورچاق ئەمەلدار نۇر بەكرى)

" دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى" قاتارلىق تەشكىلاتلار چېگرا سىرتىدا تۇرۇپ، بۆلگۈنچى كۈچلەرگە نىسبەتەن رەتلەش، پىلان تۈزەش ئىشلىرىنى ئىلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، ئاتالمىش " شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى" نى كوتۇرۇپ چىقىپ بىز بىلەن سىياسى جەھەتتىن كۇچ سىنىماقتا. رابىيە قادىر باشچىلىقىدىكى " دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئاتالمىش " 50 يىللىق پىلان" نى تۈزەپ چىقىپ، تەشكىلاتلارنى تەرتىپكە سېلىش، بىز بىلەن قانۇنىي ۋە مەدەنىي يوسۇندا كۈرەش ئېلىپ بېرىپ، " شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى" نى خەلقارالاشتۇرماقچى ۋە ئاخىرىدا " شىنجا*نى مۇستەقىل قىلىش" مەقسىتىگە يەتمەكچى بولىۋاتىدۇ.

رەددىيە:

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، قورچاق ئەمەلدار نۇر بەكرى تۆھمەت قىلىۋاتقاندەك " بۆلگۈنچى كۈچلەر" نى رەتلەپ، ئۇلارنى* ھەرىكەتلىرىگە پىلان توزۇپ بىرىۋاتقىنى يوق. ۋەتىمىنىز ئىچىدە يۈز بېرىۋاتقان ھەر قانداق بىر ھەرىكەت بىلەن دۇق نى* تەشكىلى باغلىنىشى مەۋجۇت ئەمەس. ئۇنداق بولۇش ئىمكانىيتىمۇ يوق. چۈنكى خىتاي تاجاۋۇزچى ھوكۇمرانلىغى ۋەتىنىمىز ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارغا چەتئەل بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ، پىلان، ۋەزىپە تاپشۇرىۋالغۇدەك پۇرسەت بەرگىنى يوق. خەلقىمىزنى ياشاش پۇرسىتىدىنمۇ قىسماقتا. بۇنى قورچاق ئەمەلدار نۇر بەكرى ياخشى بىلسە كېرەك. لېكىن چەتەلدىكى ئۇيغۇر سىياسى تەشكىلاتلىرى (قورچاق ئەمەلدار نۇر بەكرى ئەيتمىسىمۇ) شەرقىي تۈركىستان مەسىلسىنى كوتۇرۇپ چىقىۋاتقىنى ئەمەلىيەتتۇر. بۇ قانداقتۇر "خىتاي بىلەن كۇچ سىنىشىش" بولماستىن، ھەققانى ھەق تەلەپ ھەرىكىتىدۇر. شۇنى*دەك رابىيە قادىر ۋەدۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى چەتەللەردىكى ئۇيغۇر سىياسى تەشكىلاتلىرىنى رەتلەپ، مەركەزلەشتۇرۇشكە تىرىشىۋاتىدۇ، لېكىن قورچاق ئەمەلدار نۇر بەكرى ئېيتقاندەك "50 يىللىق پىلان" تۇزۇش مەسىلىسى مەۋجۇت ئەمەس. چۈنكى

خىتاينى* ۋەتىنىمىزنى يەنە 50 يىل بېسىپ يەتىشىغا قورچاق ئەمەلدار نۇر بەكرى ئىشەنسىمۇ خىتايلارنى* ئۆزىدە ئۇنچىلىك ئىشەنچ قالمىدى. ئەينى ۋاقىتتا جىئا* كەيشى ئۆزىنى* شىنجا*دىكى سادىق غالچىلىرىنى تاشلاپ، تەيۋەنگە قاچقىنىدەك، بۇگۇنكى قان قەرزگە بوغۇلغان خىتاي جاللاتلىرىمۇ يېقىن كەلگۈسىدە قاچىدىغان يەر ئىزدەيدۇ. مانا بۇ بىزنى* ئىشەنچ ۋە پىلانىمىز!

سىز ئاتالمىش " 50 يىللىق پىلان" سەپسەتى*ىز ئارقىلىق ئالدى*ىزدا مەھكۇملارچە تىز پۇكۇپ ئولتۇرغان بىچارە " كادىر" لىرى*نىزنى ئۇمۇتسىزلەندۇرۇش، ئۇلارنى* روھىنى يەنە 50 يىل ختايغا باغلاش نىيتىدە بولغانسىز.

ئۇزۇندە: ( قورچاق ئەمەلدار نۇر بەكرى)

رابىيە قادىر ھەم " دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى" قاتارلىق جۇ*گوغا قارشى كۈچلەرنى* چاقىرىغى بىلەن، 2008- يىلى 3- ئايدىن بۇيان، چېگرا سىرتىدىكى مىللى بۆلگۈنچى كۈچلەر نامايىش قىلىش،تەشۋىقات ۋاراقىسى تارقىتىش، مۇخبىرلارنى كۇتۇۋەلىش يىغىنى (بايانات )، تور بەتلىرى ئارقىلىق تەشۋىق قىلىش قاتارلىق كوپ خىل ئۇسۇللار بىلەن ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىش ھەركەتلىرى ئېلىپ باردى.

رەددىيە:

مەزكۇر پائالىيەت قانداقتۇر سىز ئېيتقاندەك رابىيە قادىر ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى* ئىشى بولماستىن بەلكى پۇتۇن دۇنيادىكى ئەركىنلىكنى ياقلىغۇچى، ئىنسانىيەتنى قەدىرلىگۇچى، ئولىيمپىكنى ھۆرمەتلىگۇچى كىشىلەرنى* ئورتاق پائالىيتىدۇر. ئولىيمپىكنى ئوتكۇزۇش ھوقۇقىنى* خىتايغا بېرىلىشى خىتاينى* ئىجابى نەتىجىسى بولماستىن ئەكسىچە شۇ ھوقۇقنى خىتايغا بەرگەن غەرپلىكنى* غەلبىسى بولۇپ قالدى. بۇنى يەقىندا سىز بىلەن بىرگە كۆرىمىز!

ئۇزۇندە: ( قورچاق ئەمەلدار نۇر بەكرى)

لاسا " 14- مارت " تىبەت توپىلى*ى يۈز بەرگەندىن كىيىن، رابىيە قادىر ھەم " دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى" قاتارلىق " شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بايانات ئېلان قىلىپ، تىبەتنى* مۇستەقىللىقنى قوللىدى، ھەم " دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى " نى* باشقۇرۇشىدىكى تەشكىلاتلارنى دەرھال چېگرا ئىچىگە ئادەم كىرگۇزۇپ، لاسا ۋەقەسىدىن پايدىلىنىپ، زور كولەملىك نامايىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، خەلقارا جەمئىيەتلەرنى* " شەرقىي تۈركىستان" مەسىلىسىگە دىققىتىنى تارتماقچى بولدى.

رەددىيە:

14- مارت لاسا ھەرىكىتىنى پۇتۇن دۇنيا ئەھلى قوللىدى. ئۇ بىر شەرەپلىك ھەرىكەت ئىدى. تىبەتنى* مۇستەقىللىغىنىمۇ دالاي لامادىن باشقا پۇتۇن غەرب ئەللىرى قوللىدى. تىبەت مەسىلىسى خىتاينى* ئىچكى مەسىلىسى بولماستىن بەلكى ئىنسانىيەت مەسىلىسى بولغاچقا ئۇيغۇرلارنى*مۇ قوللاش ھەققى ۋە مەجبۇرىيىتى باتتى. ئەمما " لاسا توپىلى*ى" دىن پايدىلىنىپ، چېگرا ئىچىگە ئادەم كىرگۈزۈش، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە خەلقارا جەمىيەتنى* دىققىتىنى تارتىش- قاتارلىق ئويدۇرمىلار رابىيە قادىر ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ياراشمايدۇ. ئۇنى*سىزمۇ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى خەلقارانى* دىققىتىدە.

ئۇزۇندە: ( قورچاق ئەمەلدار نۇر بەكرى)

" 4- ئاۋغۇست" ۋە " 10- ئاۋغۇست " ۋەقەسىدىن كېيىن، " دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى" قاتارلىق بۆلگۈنچى تەشكىلاتلار ئاق- قارىنى ئاستىن- ئۇستىن قىلىپ، يوقنى بار قىلىپ، بىزگە "ئولىمپىكتىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنى باستۇردى "دەپ ھۇجۇم قىلدى. شۇنى* بىلەن بىللە ئۇلار يەنە تور بەتلىرىدە مۇراجەت ئېلان قىلىپ، پۈتكۈل يەر شارى خاراكتېرلىك " ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىش" نامايىشلىرىنى تەشكىللىدى ؛ شۇنداقلا تور ئالاقىسى ئارقىلىق چېگرا ئىچىگە ئادەم كىرگۇزۇپ ئەكسىيەتچىل تەشۋىق ۋەرەقىلىرىنى ئاپتونوم رايون ئىچىگە تارقىتىپ بىزگە نىسبەتەن ئەكسىيەتچىل تەشۋىقات ھۇجۇمى ئېلىپ باردى؛ بىزدىن ئاكتىپلىق بىلەن خەلق ئاممىسىنى تالاشتى ۋە ئۇلارنى* ھىسيات جەھەتتىكى مايىللىقىنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولدى.

رەددىيە:

4.ۋە 10. ئاۋغۇست ۋەقەلىرى قانداق شەكىل ۋە قانداق غەرەزدە بولىشىدىن قەتئىي نەزەر پۇتۇن دۇنيا ئەھلىنى* ئۇيغۇرلارغا ھىسسداشلىغىنى ئاشۇرغان ھادىسە بولدى. بەلكىم مەزكۇر ھەرىكەتلەردىن دەسلەپ خىتاي ئۇمۇتلەنگەندۇر. چۈنكى شۇ بانادا ۋەتىنىمىز ئۇيغۇرستانغا چەتئەللىك مۇخبىر ۋە جورنالىستارنى* كېلىشىنى قاتتىق چەكلەش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. بىراق بۇ رايونغا جورنالىستلارنى كەلتۇرمىگەنلىكنى* ئۆزىلا ئۇيغۇر خەلقىگە سېلىۋاتقان زۇلۇمنى* قانچىلىك ئېغىر ئىكەنلىكى، بۇ زۇلۇمىدىن دۇنيا ئەھلىنى* سۆرەتلىك خەۋەرگە ئىگە بولۇپ قېلىشىدىن خىتاينى* قورقىدىغانلىقى توغرىسىدا پۇتۇن غەرب ئەللىرىگە مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان شەكىلدە ئايدى*لاشتى. ئولىيمپىكنى بايقۇت قىلىش تەلەپلىرى يالغۇزلا رابىيە قادىر ۋە دۇق شۇنى*دەك چەتلدىكى ئۇيغۇرلارنى* پائالىيىتى بولۇپ قالماستىن، پۇتۇن ئىنسانىيەتنى* ئارزۇ- تەلەپلىرى ئىدى. ئوليمپىكنى* ئەمەلىلەشكىنى خىتاينى* غالىبىيتى بولالمىدى. بايقۇت قىلىش تەلەپلىرىنى* ئەمەلگە ئاشمىغىنى ئىنسانىيەتنى* مەغلۇبىيىتى بولماستىن، يېقىن كەلگۈسىدىكى ئىجابىي نەتىجىنى* شانلىق بايراقلىرىنى كوتەرگەنلىك بولۇپ قالدى! دۇق ۋە باشقىمۇ ئۇيغۇر سىياسى تەشكىلاتلىرى قانداقتۇر ۋەتىنىمىز ئىچىگە ئادەم كىرگۇزۇش، تەشۋىقات ۋاراقلىرىنى تارقىتىش ھەرىكىتىدە بولغىنى يوق. ھازىرقى ۋەزىيەتتە رابىيە قادىر ۋە دۇق دىن ئىبارەت ۋەتەن سىرتىدىكى سىياسى ئەقىم پەقەتلا دىپلوماتىك ھەرىكەت يۈرگۈزمەكتە. غەرپتىن ئىتتىپاقداش ئىزدىمەكتە. ختاينى* ، زالىم، ئىنسانىيەتكە قارشى ئەپتى-بەشىرىسىنى نامايەن قىلماقتا.

ئۇزۇندە: ( قورچاق ئەمەلدار نۇر بەكرى)

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان رابىيە قادىر ياۋروپا ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردە زىيارەتتە بولۇپ دۆلىتىمىز ھۆكۈمىتىگە ھۇجۇم قىلىپ، جو*گونى* سىياسىتىنى قارىلاپ، نوبىل تەچلىق مۇكاپاتىنى ئالداپ قولغا كەلتۈرمەكچى بولدى.

رەددىيە:

نەقەدەر كۇلكىلىك. بۇ ئادەم شۇنچىلىك مەلۇماتسىز، دۇنيادىكى ئىشلاردىن قىلچىمۇ خەۋەرسىز ئادەممىدۇر. بەلكىم ئۇ ئۆزى ئوز بېشىمچىلىق بىلەن سۆزلىيەلمەيدۇ. خىتاي ئاكادەمىكلار تەييارلاپ بەرگەن نۇتۇقلارنى ئوقۇپ ئوتكەندۇر. ئانىمىز ۋە سۇيۇملىك رەھبىرىمىز رابىيە قادىر 4 يىلدىن بۇيان ئۇدا نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات بولۇۋاتقان تۇرسا. نوبىل مۇكاپاتى قولغا كىرگۈزۈش ئالدامچىلىق ئىشى ئەمەس. ئۇ مۇكاپات تەقدىم قىلغۇچى شەخسىلەرنى* ئاۋاز كوپچىلىگى بىلەن بولىدىغان ئىش. بۇنداق بىر تەتىقسىز گەپلەرنى " كادىرلار يىغىنى"دا سۆزلەپ ئولتۇرۇش ئاشۇ ئەمەلدارنى* پۇچەكلىگىدىن دېرەك بېرىدۇ خالاس.

ئۇزۇندە: ( قورچاق ئەمەلدار نۇر بەكرى)

بىز نۆۋەتتە رابىيە قادىر ۋە " شەرقىي تۈركىستان " بۆلگۈنچى كۈچلىرىنى* قۇتراتقۇلۇق قىلىپ، مىللى بۆلگۈنچىلىك ۋە زورلۇق خاراكتېرىنى ئالغان تېررورلۇق پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىپ، پۈتكۈل ئاپتونوم رايونىنى* مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشتەك ئەكسىيەتچىل ماھىيىتى ۋە مەقسىتىنى ئېچىپ تاشلاپ، ھەرقايسى مىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىنى* سىياسى ھوشيارلىقىنى ئوستۇرۇشىمىز لازىم.

رەددىيە:

رابىيە قادىر ۋە شەرقى تۇركىستانچى تەشكىلاتلار ھېچقانداق " زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى"نى قوللانمايدۇ. ئۇلارنى* قولىدا قاتمۇ-قات چېگرا مۇداپىئەسىنى بۇزۇپ كىرىپ زوراۋانلىق قىلغۇدەك يۇقىرى تىپتىكى ئۇرۇش ئۇسكۇنىلىرى يوق. ئۇلارنى* قولىدا ھەققانى تەلەپ، ھەققانى دەۋا ۋە قەلەم-قەغەز بار. ئۇلارنى* ۋەتىنىمىز ئىچىدە قۇتراتقۇلۇق پەيدا قىلغۇدەك تەشكىلى تورى يوق! ئۇلارنى* پائالىيىتى پەقەتلا غەربكە دىپلوماتىك مۇناسىۋەتكە قارىتىلغان. ئەگەر قورچاق ئەمەلدار نۇر بەكرى ئېيتقاندەك، ئاپتونوم رايوننى* ئىچىدە مۇقىمسىزلىق يۈز بەرگەن بولسا، بۇنى* جاۋابكارلىقى زالىم، ۋەھشى، زوراۋان تەررورىست خىتاي ھوكۇمرانلىرىدۇر. ئۇلار ئادالەتسىز، زوراۋان، ئەزگۈچى سىياسەتنى قانچىلىك يۇرگۇزىدىكەن مۇقىمسىزلىك شۇنچىلىك كە* بولىدۇ. ئۇلار خەلقنى باستۇرۇش ئۇچۇن سىياسى ھۇشيارلىقىنى قانچىلىك ئوستۇرمىسۇن بەرىبىر! كىشىلىك ھوقۇق، مىللىي ھوقۇق، ئىنسانىي ئادالەت يۇرگۇزۇلمىگەن دۆلەتتە ئاشۇنداق مۇقىمسىزلىك داۋاملىشىدۇ.

ئۇزۇندە: ( قورچاق ئەمەلدار نۇر بەكرى)

خاراكتېرى ئېغىر، تەسىرى يامان بولغان " 4- ئاۋغۇست"قاتارلىق 3 قېتىملىق تېررورلۇق ۋەقەسى، قارىماققا قەبىھلىكى چېكىدىن ئاشقان، ئىنسانىي ھېسداشلىق خىسلىتىنى يوقاتقان بىرنەچچە نەپەر مىللى بولگۇنچىنى* زوراۋانلىق ھەركىتىدەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ئۇنى* تېگى- تەكتىنى چو*قۇرلاپ تەكشۈرگەندە بۇ تارىخى ئەقىم سەۋەبىدىن ئېلىپ بېرىلغان، پارتىيە- ھۆكۈمەتكە قارشى، خەلق ئاممىسىنى* دېموكراتىك ھاكىمىيىتىگە قارشى ئىدىيەدىكى، ۋىجدانىنى يوقاتقان كىشىلەرنى* ھەرقايسى مىللەتتىن بولغان بەختسىز ئاممىغا قارىتا ئېلىپ بارغان قانلىق " غازات " ھەركىتىدۇر.

رەددىيە:

مەزكۇر ھەرىكەتكە قارىتا خىتاي ھۆكۈمرانلىرى قانداق بۇرمىلاپ دېلو تۇرغۇزىشىدىن قەتى نەزەر، ھەرىكەتنى* زەربە بېرىش نۇقتىسى قورچاق ئەمەلدار ئېيتقاندەك بەختسىز خەلق ئاممىسىغا قارىتىلغانلىقى ئىسپاتسىز. ئىنتېرنېت تورلىرىدا خىتاي ئېلان قىلغان سۈرەتلەردە ئاساسەن زوراۋان خىتاي ئەسكەرلىرىنى* ئويۇنلىرى كورۇلمەكتە. ھەرىكەتچىلەر نامىدىن قالدۇرۇلغان ۋەسىيەت خىتىنىمۇ خىتاي ئويدۇرۇپ چىققان ساختا يازمىلار بولىشى مۇمكىن. قولغا چۈشكەندىن كىيىن، قىيناپ شۇنداق يازدۇرغان بولۇشىمۇ ئىھتىمال شۈبھىسىزكى ئۇلارنى* قىلمىشلىرى ئوچ ئېلىش ۋە قىساس ئېلىش ھەرىكەتلىرىدۇر.

ئۇزۇندە: (قورچاق ئەمەلدار نۇر بەكرى)

بۇ ھەرىكەت ھەم چگرا سىرتى ۋە ئىچىدىكى " 3 خىل كۈچلەر" نى* ئوز- ئارا ھەمكارلىشىپ، ئىچكى-سىرتقى جەھەتتىن پىلانلاپ، چېگرا سىرتىدىن قوماندانلىق قىلىپ، چېگرا ئىچىدە ھەرىكەت ئېلىپ بارغانلىغىنى* ئىپادىسى ھەم ئۈزلۈكسىز كۇچەيگەنلىكىنى* نەتىجىسىدۇر. بولۇپمۇ رابىيە قادىر رەھبەرلىكىدىكى " دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى " ۋە " شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى " ۋەكىللىكىدىكى زوراۋان تېررورچى تەشكىلاتلارنى* ئاز ساندىكى نادان ئاممىغا قارىتا ئېلىپ بارغان ئۇزۇن مۇددەتلىك تەشۋىقاتى ۋە ئالداش خاراكتېرلىك قۇتراتقۇلۇق ھەرىكىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان يامان ئاقىۋەتتۇر.

رەددىيە:

خىتاي ھوكۇمرانلىغىنى* " 4 كىشىلىك گوروھ، 5 كە قارشى ھەرىكەت، 5 خىل ئۇنسۇر، 4 نى چى* تۇتۇش، 3 كە قارشى تۇرۇش „دېگەندەك شۇنداق بىر سېسىپ كەتكەن، قېلىپلاشقان سىياسى شوئارى باركى بۇنداق بىمەنە ئەمما خەلىققە تەھدىتلىك سىياسى بۇيرۇق، خىتايدىن باشقا دۆلەتلەردە ئەسلا بولمىسا كېرەك. خىتاي ھۆكۈمرانلىرى ئۆزلىرى ئىشلىگەن جىنايەتلەرنى دائىم باشقىلارغا چاپلايدۇ، ئۆزلىرى جىنايى جاۋابكارلىقتىن باش تارتىدۇ، خىتاي ھوكۇمرانلىرىدا ھېسسىيات، ۋىجدان، ئەخلاق، نومۇس، ئىنسانىي خىسلەت، مەسئۇلىيەت تۇيغۇلىرى تېپىلمايدۇ.

مەزكۇر 4-ئاۋغۇست، 10.ئاۋغۇست ھەرىكەتلىرىنى* خارەكتەرىنى ئەشۇنداق باھالىغان. دېموكراتىك غەرب دۆلەتلىرىدە شۇنداق بىر ھادىسە يۈز بەرسە، چو*راق بولغاندا ھۆكمەت ئالمىشىپ ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيىلەر ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىدۇ، كىچىكرەك بولغاندا مۇناسىۋەتلىك مىنىستىرلار ئىستىپا بېرىدۇ. لېكىن خىتاي دۆلىتى دىكتاتور، زالىم، ئەمەلخۇمارلارنى* دۆلىتى بولغاچقا ئەمەلدارلار مەسۇلىيەتچانلىقتىن ئۆزلىرىنى قاچۇرۇپ، ئاجىزلارنى، چېگرا سىرتىدىكىلەرنى جاۋابكار تۇتىدۇ. بۇ خىتاي دۆلىتىنى* ئەنەنىسىدۇر. خىتاي تىللىق قورچاق ئەمەلدار نۇر بەكرىمۇ ئاشۇنداق خىتايلاشقان ئەمەلدارنى* بىرىدۇر.

شەرقىي تۈركىستان تەۋەسىدە بولىۋاتقان ھەر قانداق ھەرىكەتتە نە دۇق نى*، نە رابىيە قادىرنى*، نە شەرقى تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنى* قولى بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. ھەتتا دۇنيادىن خەۋەرسىز قورچاق ئەمەلدار نۇر بەكرى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنى* نامدا بار، ئەمەلدە يوقلىغىنىمۇ بىلمىگەنلىكى ئۇنى* نەقەدەر بىچارە ئەمەلدار ئىكەنلىكىنى كورسەتمەكتە ياكى ئۇ شۇنداق بىر پارتىيەنى* باش كوتىرىپ چىقىپ، ئۇيغۇر سىياسى ھەرىكىتىدە يەنە بىر قېتىم بولۇنىشنى* كېلىپ چىقىشىنى يۇشۇرۇن تەشەببۇس قىلماقتا.

ئۇزۇندە: ( قورچاق ئەمەلدار نۇر بەكرى)

ئەسلى، رابىيە قادىر ئىقىمىدىكىلەر بۇ ھەرىكەتلەرنى* ھەقىقى پەردە ئارقىسىدىكى پىلانلىغۇچىلىرى، ھەم ھەقىقى باش جىنايەتچىسىدۇر. زور كۆپلىگەن ۋەقەلەر چېگرا ئىچى- سىرتىدىكى " 3 خىل كۈچلەر "، "شىنجا*نى* مۇستەقىللىقى " ئارزۇسىغا يىتىش ئۇچۇن، غەربتىكى جۇ*گوغا قارشى كۈچلەرنى* قوللىشى بىلەن، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئوز- ئارا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، " شەرقىي تۈركىستان ئىسلام تەشكىلاتى "، " شەرقىي تۈركىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى " قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى* پەردە ئارقىسىدىكى " يانتايىقى " بولغان. رابىيە قادىر ھەم " دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى " سەھنىدە " تىنچلىق بىلەن نارازىلىق بىلدۈرۈش " ئويۇنىنى ئوينىسا، چېگرا ئىچىدىكى " 3 خىل كۈچلەر " خىلۋەتتە ئۇلارغا ماسلىشىپ، بىرلىكتە بىزگە قارشى بۇزغۇنچىلىق ۋەزىيىتى شەكىللەندۇرگەن.

رەددىيە:

ۋەتىنىمىز ئىچىدە يۈز بېرىۋاتقان مەزكۇر ھەرىكەتلەر قورچاق ئەمەلدار نۇر بەكرى ئېيتقاندەك، سىياسى پىلانلىق ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتلەر بولغان بولسا، ئۇ ھەرىكەتلەرنى* پىلانلىغۇچىلىرى دۇق ۋە ياكى رابىيە قادىر بولغان بولسا، جەزمەنكى ئۇ ھەرىكەتلەرنى خىتايلارنى* باستۇرۇپ يوقىتىشى مۇمكىن بولمىغان بولاتتى. چۈنكى دۇق ۋە رابىيە قادىرنى* ئارقىسىدا جۇ*گوغا قارشى كۇچلۇك غەرب دۆلەتلىرى بار ئەمەسمۇ! دېمەك ئۇ ھەرىكەتلەر ياكى شۇنداق پىلانسىز، ئوز مەيلىچە قىساس ئېلىش، ئوچ ئېلىش مۇددىئاسىدا سادىر بولغان. ..ياكى پىلانلىغۇچىلىرى بىر كۇنى ئادالەت سودىغا تارتىلىشى مۇمكىن.

ئۇزۇندە: ( قورچاق ئەمەلدار نۇر بەكرى)

نەتىجىدە بۇلگۇنچىلىككە قارشى كۈرەش ۋەزىيىتىمىز مۇرەككەپلىشىپ، بىزگە كېلىدىغان بېسىم تېخىمۇ زورايدى.

رەددىيە:

چېچەن قىزلىرىنى* كۆكسىگە بومبا تې*ىپ ئايرۇپىلانغا چىقالىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىدىغان روس ) ك گ ب (سى چېچەن مىللىتىنى* ئازاتلىغى ئۇچۇن پىلان تۇزمەيدۇ. ئەكسىچە روس ھۆكۈمرانلىرىنى* قاتتىق تازىلاش پۇرسىتى ئۇچۇن. بۇ يەردە قورچاق ئەمەلدارنى* سۆزىنى تەكرارلاشقا ئەرزىيدۇ:

"نەتىجىدە بولگۇنچىلىككە قارشى كۈرەش ۋەزىيىتىمىز مۇرەككەپلىشىپ، بىزگە كېلىدىغان بېسىم تېخىمۇ زورايدى. „ يەنى قاتتىق تازىلاش! قاتتىق باستۇرۇش!

ئۇزۇندە: ( قورچاق ئەملدار نۇر بەكرى)

شىنجا*دىكى بولگۇنچىلىككە قارشى كۈرەشنى ئىلگىرى سورۇش ئۇچۇن، چوقۇم ھۇشيارلىغىمىزنى ئوستۇرۇشىمىز، پۇتۇن كۈچىمىز بىلەن رابىيە قادىر ھەم " دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى " نى* بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرىدىكى بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتىگە قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك.

رەددىيە:

خىتاينى* بۇنداق جازا بۇيرىغى ئوز بوينىغا سىرتماق بولىدىغان كۇنلەر يېقىنلاشماقتا. قان قىساسقا بوغۇلغان خىتاي ھۆكۈمرانلىرى ياكى ئادالەت سودىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ، ياكى سەرسان بولۇپ قاچىدۇ. يېقىن كەلگۈسىدىكى دېموكراتىك ئۇيغۇرستان دۆلىتى نۇر بەكرىلەردەك بىچارە، قورچاق ئەمەلدارلارغا بەلكى ئەپۇ قانۇنى ئېلان قىلىشى مۇمكىن

ئۇزۇندە : ( قورچاق ئەمەلدار نۇر بەكرى)

رابىيە قادىر بولسا دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر دۆلەت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان ئىقتىسادىي جىنايەتچى. ئۇ سەپى ئوزىدىن مىللى بۆلگۈنچى، زوراۋان تەرورىست ھەم ھەقىقى ۋەتەن خائىنىدۇر.

رەددىيە:

رابىيە قادىر دۇنيادىكى ھەر قانداق دۆلەتلەر ئېتىراپ قىلغان باي ئايالدۇر. خىتاي دۆلىتى ئۇنى* مال-مۈلكىنى ناھەق مۇسادىرە قىلغانلىقى دۇنياغا ئاشكارىدۇر. ئۇ ھەقىقى مىللىي ئىنقىلاپچىدۇر! ئۇ ئادالەت پەرۋەر، ھەققانىيەتچى، ھەقىقى ۋەتەن قەھرىمانىدۇر! ئۇ خىتاي دۆلىتىنى* 1- نومۇرلۇق دۇشمىنىدۇر! دۇنيا ئادالەتىنى* بايراقدارىدۇر!

ئۇزۇندە: ( قورچاق ئەمەلدار نۇر بەكرى)

ئۇنى* ئەمىلىيەتتە ئانچە زور كۇچىمۇ يوق، لېكىن غەرب دۇنياسىدىكى دۇشمەن كۈچلەرنى* نەزىرئىدە ئۇ جۇ*گوغا قارشى تۇرۇشتىكى ئالاھىدە كوزۇر دەپ قارىلىپ، ئۇلار ئۇنى گۆھەر تېپىۋالغاندەك ئەتىۋارلاپ، پۇتۇن يۇرەك قەنىنى سەرپ قىلىپ ئۇنى نىقابلاپ، ئۇنى*غا " ئۇيغۇرلارنى* سۆزچىسى "،" ئۇيغۇرلارنى* مەنىۋى ئانىسى "،" كىشىلىك ھوقۇق كۇرەشچىسى "، " ئەركىنلىك جە*چھىسى " دىگەندەك ناملارنى بېرىپ، ئاكتىپ ھالدا ئۇنى* " نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتى " ئالدامچىلىق بىلەن يۈزسىزلەرچە قولغا كەلتۈرمەكچى بولغىنىنى قوللىدى. نەتىجىدە ئۇنى* خورىكى تېخىمۇ ئۇسۇپ، رابىيە قادىرنى* خەلقارا جەمىيەتتە جۇ*گوغا قارشى بۆلگۇنچىلىك، دۆلەتنى پارچىلاش پائالىيەتلىرىنى* ئەۋج ئېلىشىغا سەۋەبچى بولدى.

رەددىيە:

ئەگەر قورچاق ئەمەلدار نۇر بەكرى تەكىتلىگەندەك: غەرب دۇنياسىدىكى دۇشمەن كۈچلەر ئۇنى گۆھەر تېپىۋالغاندەك ئەتىۋارلىغان بولسا، ئۇنى*غا پۇتۇن يۇرەك قەنىنى سەرىپ قىلغان بولسا، قانداقلارچە ئۇنى* ئانچە زور كۇچى بولمىسۇن! دېمەك رابىيە قادىر خىتاي دۆلىتىدىن كۇچلۇك. شۇ*ا مەزكۇر دات- پەرياتلارنى خىتاي ئەمەلدارلىرى بايان قىلماقتا. رابىيە قادىر ئۇيغۇرلارنى* قەھرىمان قىزدۇر! رابىيە قادىر ئۇيغۇرلارنى* قەھرىمان ئانىسىدۇر! رابىيە قادىر ئۇيغۇرلارنى* يې*ىلمەس يول باشچى رەھبىرىدۇر! رابىيە قادىر دىپلوماتىيەدە خىتاي دۆلىتىنى يە*دى!

قورچاق ئەمەلدار نۇر بەكرى پۇتۇن غەرب دۇنياسىنى خىتايغا دۇشمەن قىلىۋالدى. ئۇ دىپلوماتىيەدە يې*ىلدى. رابىيە قادىر دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق قەھرىمانى بولۇشقا سالاھىيەت ياراتقان بىر مەشھۇر زاتتتۇر! نۇر بەكرىنى* سالاھىيىتىنى خىتاي دولىتىدىن باشقا ھەچكىم تونىمايدۇ ۋە ئىتىراپمۇ قىلمايدۇ.

ئۇزۇندە: ( قورچاق ئەمەلدار نۇر بەكرى)

شۇنداقلا چېگرا ئىچىدىكى بىر قىسىم نادان ئاممىنى قايمۇقتۇردى ۋە ئالدىدى. يېقىندىن بۇيان رابىيە قادىر ھەم " دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى " يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا ئوز پىلانىغا سىتىراتىگىيىلىك توزۇتۇش كىرگۈزۈپ، 50 يىلدا 3 قەدەمگە بولۇپ، " مۇستەقىللىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش پىلانى " نى ئوتتۇرىغا قويدى.

رەددىيە:

چېگرا ئىچىدىكى ھادىسىلەرگە كىمنى* جاۋابكار ئىكەنلىكى يېقىنقى ئادالەت سودىدا ئاشكارىلىنىدۇ. ئەمما يەنە تەكرارلاشقا تېگىشلىكى، ئۇيغۇرستان مەسىلىسى قورچاق ئەمەلدار نۇر بەكرى ئېيتقاندەك 50 يىللىق مۇساپىدە ئەمەس! مەيلى 30 قەدەمگە بولۇنسىمۇ، قەدەم مۇساپىمىز بەك تىزلىشىپ كەتتى! خىتاي ئىشلەتكەن سودا - تىجارەت نىقاۋىدىكى ھىلە-نەيرە*لەر، سىياسەتتىكى يۇزسىزلەرچە دىپلوماتىيەلەر كارغا كەلمىدى. خىتاي زاۋاللىققا يۈزلەندى. خىتاي يې*ىلدى!

ئۇزۇندە: ( قورچاق ئەمەلدار نۇر بەكرى)

ئۇلار بىر تەرەپتىن پۇتۇن كۇچى بىلەن غەربتىكى جۇ*گوغا قارشى كۈچلەر بىلەن بىرلىشىپ، خەلقارادا بىزگە قارشى تۆھمەت چاپلاش ئارقىلىق ھۇجۇم قىلىپ، " شىنجا* مەسىلىسى " نى خەلقارالاشتۇرۇشقا ئۇرۇنسا، يەنە بىر تەرەپتىن چېگرا ئىچىدىكى " نارازىلىق كەيپىياتى " نى قوزغاپ، ھەر خىل ئۇسۇل ۋە يوللار ئارقىلىق، ئاپتونوم رايون ئىچىدە بۆلگۈنچىلىك كەيپىياتىنى يۇقىرى كوتۇرۇپ، خەلق ئاممىسىغا قارىتا قايمۇقتۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ھەق- ناھەقنى ئاستىن- ئۇستۇن قىلىپ، بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسىنى* شەكىللىنىشىگە قۇتراتقۇلۇق قىلىپ، قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇپ، بىۋاستە ھالدا شىنجا*دىكى زوراۋانلىق تېررورلۇق ھەركەتلىرىنى* كېلىپ چىقىشىغا سەۋەبكار بولدى.

رەددىيە:

خىتاي تىللىق قورچاق ئەمەلدار نۇر بەكرى ئەپەندى! ئەگەر سىز يۇقۇردىكى بىر ئابزاس سۆزنى ئالدى*ىزدا ئولتۇرغان مەھكۇم" كادىر „ لىرى*ىزغا ئوچۇق- ئاشكارە ئېيتقان بولسى*ىز، سىزگە مىللىتىمىز نامىدىن، ئىنقىلاۋىمىز نامىدىن رەھمەت ئېيتىشقا تەگىشلىك! چۈنكى خىتايغا ئەسىر بولۇپ قالغان، جان بېقىش ئۇچۇن ئامالسىز خىتايغا ئىشلەشكە مەجبۇر بولغان، ئەركىنلىككە، ئازاتلىققا پەنجىرىدىن قاراۋاتقان مەزلۇم خەلقىمىزگە غەرب دۇنياسىنى* بىز تەرەپتە ئىكەنلىكىنى، ۋەتىنىمىزنى خىتايدىن ئايرىپ چىقىشقا پۇتۇن غەرب دۇنياسىنى* ياردەمچى ئىكەنلىكىنى ئا*لىتىش بىزنى* قولىمىزدىن كەلمەيتتى. سىز ئە* چو* خىزمەت كۆرسەتكەن بولدى*ىز! ۋەتەن ئازات بولغاندا سىزنى* نامى*ىزغا ئاتاپ، غۇلجا شەھىرىدە مەكتەپ قۇرۇلغۇسى!

ئۇزۇندە: ( قورچاق ئەمەلدار نۇر بەكرى)

4 - "ئاۋغۇست ۋەقەسى " قاتارلىق ئېغىر زوراۋانلىق تېررورلۇق ۋەقەسىدىن كېيىن، بۇ ۋەقەگە نىسبەتەن بولغان ھەققانى تەنقىتلەشلەرگە نىسبەتەن رابىيە قادىر يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا سەكرەپ چىقىپ، ئاشكارا ھالدا " شەرقىي تۈركىستان ئىسلام تەشكىلاتى " دىن ئىبارەت سېسىق نامى پۇر كەتكەن تېررورچى تەشكىلاتقا چاپان يېپىپ، ئاق- قارىنى ئاستىن- ئۇستۇن قىلىپ، " ساماننى* ئاستىدىن سۇ يۇگۇرتۇپ "، بۇ ھەرىكەتنى* يۈز بېرىش سەۋەبىنى، " كومپارتىيەنى* شىنجا*دا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە نىسبەتەن مۇستەملىكە سىياسىتى يۇرگۇزگەنلىكى " سەۋەبىدىن بولدى دەپ شەرھىلىدى. بىزنى* زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە بولغان زەربە بېرىش ھەركىتىمىزنى، شىنجا*دىكى " دېموكراتىيە "، "ئەركىنلىك"، "كىشىلىك ھوقۇق" نى باستۇرغانلىق دەپ بوھتان چاپلىدى، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، خەلقنى* كومپارتىيەنى* رەھبەرلىكى، سوتسىيالىستىك تۇزۇم، ھەم خەلق دېموكراتىك تۈزۈمىگە بولغان نارازىلىقى ۋە ئۆچمەنلىكىنى قوزغاشتا قۇتراتقۇلۇق قىلىپ، كادىرلار ۋە ئامما ئارىسىدا يې*ىدىن بىر خىل قايمۇقۇش ھالىتىنى شەكىللەندۇرمەكچى بولدى.

رەددىيە:

4 - "ئاۋغۇست ۋەقەلىرى „ نى خىتاي ھوكۇمرانلىغى ھەققانى تەنقىتلىمىدى. بەلكى قانلىق باستۇردى. شەرقىي تۈركىستان ئىسلام تەشكىلاتنى* نامى سېسىپ كەتمىدى. ئەكسىچە سىز چوقۇنۇپ كېلىۋاتقان كوممۇنىزم، سوتسىيالىزم سېسىپ نامى پۇر كەتتى. سىزدىن باشقا ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئۇيغۇرلار قىلغان ھەرىكەت مۇسۇلمانچىلىق ھەرىكىتى بولمىسىمۇ، ئۆزى مۇسۇلمان خەلىق بولغاچقا ئۇلارنى* مىللىي ۋە ئازاتلىق ھەرىكەتلىرىنى خىتاي ھۆكۈمرانلىرى دىنى ھەرىكەت شەكلىدە كۆرسىتىپ، غەربتىكى ئىتتىپاقداشلىرىمىزدىن ئايرىۋېتىشكە تىرىشتى. رابىيە قادىرنى* خەلقارادا ئېلان قىلغان باياناتلىرى تامامەن ھەقلىق ۋە قانۇنلۇق.

قورچاق ئەمەلدار نۇر بەكرى ئەپەندى سىز خەلىق دەموكراتىيەسىدىن سوز ئېچىشقا سالاھىيەتلىك ئەمەسسىز! كوممۇنىستىك تۇزۇم ئاستىدىكى سوتسىيالىستىك دۆلەتتە قانداقمۇ خەلىق دەموكراتىيەسى مەۋجۇت بولسۇن. ئىككى ئىدولوگىيە ئىككى قۇتۇپتۇر. سىزدە پەلسەپىۋى ئا*، سىياسى ساۋات مەۋجۇت بولسا، "كومپارتىيە رەھبەرلىكىدىكى سوتسىيالىستىك تۇزۇم، خەلىق دېموكراتىيىسى „ دېگەن قارمۇ، قارشى ئۇقۇمنى جەملەپ سۆزلىمىگەن بولاتتى*ىز. بۇ سىزدىكى لوگىكىلىق تەپەككۇرنى* يوقلىغىنى كۆرسىتىدۇ. ئەزەلدىنلا خىتاي ھوكۇمرانلىغىدا ئەقلى تەپەككۇر بولۇپ باققان ئەمەس!

ئۇزۇندە : ( قورچاق ئەمەلدار نۇر بەكرى)

رابىيە قادىرنى* جاھىللىق مەيدانى ھەم ئەكسىيەتچىل خاراكتېرى، ئۇنى* ھېچقانداق ۋاسىتە تاللىماي مىللى بۆلگۈنچىلىك ۋە دۆلەتنى پارچىلاشتىن ئىبارەت ھەركەت بىلەن شۇغۇللىنىشىنى كەلتۇرۇپ چىقارغان بولۇپ، بۇنى* ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس. بىزنى* ئۇنى* بىلەن بولغان كۆرۈشىمىز ھېچقانداق مۇرەسسە قىلغىلى بولمايدىغان كۇرەشتۇر.

رەددىيە:

رابىيە قادىرنى* كىشىلىك خارەكتەرىنى زالىم خىتاي زوراۋانلىرى شەكىللەندۇرگەن. ئۇنى* سەبى چاغلىرىدىن تارتىپ ھازىرغىچە تارتىۋاتقان زۇلۇملىرى پەقەتلا خىتاي دۆلىتىنى* ئىجرائاتىدۇر. رابىيە قادىرنى* قەھرىمانلارچە ئولۇق خارەكتەرىنى پۇتۇن غەرب ئەللىرى تونۇپ يەتتى. ئۇنى* بىر مىللەتكە- ئۇيغۇر مىللىتىگە رەھبەر بولالايدىغان ئالىيجاناپ خاراكتېرىنى غەرب ئەللىرى تونۇپ يەتتى. ئۇ كۈرەش قىلىشتا سىز ئېيتقاندەك " ۋاستە تاللىمايدۇ „ ئەمەس. ئۇ ھەققانى، قانۇنى ۋە يوللۇق ۋاستىلەرنى تاللىدى ۋە تاللايدۇ. يەنە سىز ئېيتقاندەك رابىيە قادىر ھەرىكىتىنى* ئاقىۋىتىنى خىتاي دۆلىتى تەسەۋۋۇر قىلالمايدۇ. ئۇنى* بىلەن خىتاي دۆلىتى مۇرەسسە قىلالماسلىغى ئەنىق. چۈنكى ئۇ ئادالەتچى! خىتاي دۆلىتىدە ئادالەت مەۋجۇت ئەمەس! چۈنكى ئۇ ئىنسانىيەتنى قەدىرلىگۇچى، خىتاي دۆلىتىدە ئىنسانىي سەزىم مەۋجۇت ئەمەس! ئۇ ئۇيغۇر مىللىتىنى سۇيىدۇ، خىتايدا ئۇيغۇرلارنى سۇيۇش تۇيغۇسى مەۋجۇت ئەمەس. ئۇ ئۇيغۇرلارنى بەخىتكە ئەرىشتۇرمەكچى، خىتايلار ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلماقچى. بۇ ھالدا قانداقمۇ مۇرەسسە قىلالايسىلەر!

ئۇزۇندە: ( قورچاق ئەمەلدار نۇر بەكرى)

بۇلتۇر 8- ئايدىن بۇيان، بىز ئاپتونوم رايون تەۋەسىدە نۇقتىلىق ھالدا رابىيە قادىرنى* بۆلگۈنچىلىك جىنايەتلىرى ھەققىدە تەلىم- تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۇردۇق. تېخىمۇ نۇرغۇنلىغان كادىر ھەم ئامما ئۇنى* ھەقىقى ئەپتى بەشىرىسى ھەم بۆلگۈنچىلىك مەقسىدىنى* ماھىيىتىنى تونۇپ يەتتى، سىياسى ئىدىيىۋى ئە*ىنى كۇچەيتتى. لېكىن ئۇنى* تەسىرى ۋە زەھىرىنى تۇپ يىلتىزىدىن تازىلاش ئۇچۇن يەنە كۆپلىگەن خىزمەتلەرنى ئىشلىشىمىز زورۇر.

رەددىيە:

بۇ خىزمەتنى ياخشى ئىشلەپسىلەر. رابىيە قادىرنى بۇرۇن خەلقىمىز باي تىجارەتچى خانىم-دەپلا بىلەتتى. سىلەرنى* تەشۋىقاتى*لار ئارقىلىق ئۇنى* ھەقىقى ماھىيتىنى تونۇتۇپ بەرىپسىلەر. يەنىمۇ ئىلگىرلەپ تەشۋىقاتنى جانلاندۇرۇ*لار. بىز قوللايمىز. لېكىن قورچاق ئەمەلدار نۇر بەكرى ئەپەندى سىز ئېيتقاندەك رابىيە قادىرنى* تەسىرىنى تازىلاش ئاسانغا توختىمايدۇ ھەم قولۇ*لاردىن كەلمەيدۇ. ئەگەر تەل-تۇكۇس تازلاپ يوقىتىمىز دىسە*لار، بەلكى ئادەمسىز تۇپراق قالغاندىلا مەقسەتكە يەتكەن بولىسىلەر!

ئۇزۇندە: ( قورچاق ئەمەلدار نۇر بەكرى)

كۆز ئالدىمىزدىكى ئۈزلۈكسىز ئوزگۇرۇپ بېرىۋاتقان بۇ خىل كۈرەش ۋەزىيىتىگە نىسبەتەن، بىز رابىيە قادىرنى* بۆلگۈنچىلىك جىنايىتىنى نۇقتا قىلىپ تۇرۇپ، ئۇنى* " مىللەت "، " دېموكراتىيە "، " ئەركىنلىك " " كىشىلىك ھوقۇق " دېگەن پەدازلىرى ھەم نىقاپلىرى ئاستىدىكى " يالغان كىشىلىك ھوقۇق، يالغان دېموكراتىيە ئاستىدىكى ھەقىقى زوراۋانلىق، ھەقىقى تېررورلۇق " تىن ئىبارەت ھەقىقى ئەپتى بەشىرىسىنى ئەچىپ تاشلىشىمىز، بۇ ئارقىلىق كە* كادىرلار ھەم ئاممىنى* تېخىمۇ سەگەك، تېخىمۇ چو*قۇر ھالدا، رابىيە قادىر ئەقىمىدىكى " شىنجا*نى مۇستەقىل قىلىش " تەرەپدارلىرىنى*، ئەمەلىيەتتە غەربتىكى جۇ*گوغا قارشى كۈچلەرنى* قوللىشىغا تايىنىپ، شىنجا*دا جو*گو كومپارتىيەسىنى* رەھبەرلىكىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، سوتسىيالىستىك تۇزۇمنى قارىلاپ، مىللى ئاپتونومىيەلىك تۇزۇمنى ئىنكار قىلىپ، ئە* ئاخىرىدا شنىجا*نى ۋەتەننى* قوينىدىن ئايرىپ چىقىپ كېتىش ئۇچۇن، شىنجا*دا توپىلا* ۋە قان توكۇلۇش ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئىكەنلىكىنى ؛ كۆز ئالدىمىزدىكى تەسلىكتە قولغا كەلگەن مۇقىم، ئىتتىپاق ياخشى ۋەزىيەتنى بۇزۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنى ئازابلىق يار گىردابىغا ئىتتىرىش ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشنى قولىغا كەلتۈرۈش كېرەك.

رەددىيە:

بىر مىللەتنى* ئەسىرلىكتىن قۇتۇلۇش باسقۇچى يىتىپ كەلسە، ئۇنى توساپ قېلىش پەقەت شۇ مىللەتنى تەل-تۇكۇس يوقىتىش بىلەنلا ئىشقا ئېشىشى مۇمكىن. رابىيە قادىر ئېقىمى ھەقىقى دېموكراتىك ئېقىمىدۇر. ئۇيغۇرستاندىكى ھەر مىللەت خەلقىنى روھى ئەركىنلىككە، پىكىر ئەركىنلىكىگە، خىيال قىلىش سۆزلەش ئەركىنلىكىگە، ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي ئەركىنلىككە، ئىناق، ئىتتىپاقلىقىغا، بەخت- باياشاتلىققا ئەرىشتۇرىدىغان ئەقىم بىر دىن´بىر رابىيە قادىر ئېقىمىدۇر. خىتاي ھوكۇمرانلىغى ئۇنى قانداق تەشۋىقات قىلىشى ئۆزىنى* مەجبۇرلاش ئۇسۇلىدۇر. ئەمما ئۇلار ئىنسانىيەتنى* روھىدىكى ئەركىن تۇيغۇنى تازىلاپ بولالاميدۇ.

ئۇزۇندە: ( قورچاق ئەمەلدار نۇر بەكرى)

بۇنى*غا شىنجا*دىكى ھەرقايسى مىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىنى ئوز ئىچىگە ئالغان 1 مىليارت 300 مىليون جو*گۇ خەلقى ھەرگىز قوشۇلمايدۇ، ھەم ئۇنى* بۇ سۇيىقەستى ھەرگىز ئەمەلگە ئاشمايدۇ، بەلكى چوقۇم مەغلۇپ بولىدۇ.

رەددىيە:

1 مىليارت 300 مىليون جو*گۇ خەلقى ئارىسىدا رابىيە قادىر ئېقىمىغا قارشى كىشىلەر 50 مىليونغىمۇ يەتمەيدۇ. ئىنتايىن ئاز ساندىكى جاھىل، ئۆزگەرمەس ئەمەلپەرەس خىتاي ئەمەلدارلار، بۇلا*چى بايلار، ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئازساندىكى زوراۋان كۇچلەرلا رابىيە قادىر ئېقىمىغا قارشى تۇرىشى مۇقەررەر. ئۇنى*دىن باشقا بارلىق خەلىق ئەركىنلىككە، ئازاتلىققا، ئىنسانىي مۇئامىلىگە ئىھتىياجلىقتۇر. بۇ ھۆكۇمنى خىتاي خەلقى تەكرار ئىسپاتلىدى. ئولىيمپىك مۇناسىۋتى بىلەن پۇتۇن دۇنيا ئەھلى خىتاي خەلقىنى* نالە- زارىنى ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆردى.

ئۇزۇندە: ( قورچاق ئەمەلدار نۇر بەركرى)

رابىيە قادىرغا ئوخشاش قىلچىمۇ ۋەتەنپەرۋەرلىكى بولمىغان، ئىنسانىي ئىززەت قارىشى بولمىغان، مىللى قارىشى بولمىغان، ئەخلاقى بۇزۇلغان، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئوتكۇزگەن، دۆلەت ۋە مىللەتنى* مەنپەئەتىنى ساتقان، غەربنى* جۇ*گوغا قارشى كۇچلىرىنى* غالچا ئىتى بولغان، ھەتتا ئوز بالىلىرىنىمۇ ياخشى تەربىيىلىيەلمىگەن بىر ئەسكى ئايالنى*، دۇنيا خەلقى ئالدىدا ئۆزىنى مىليونلىغان ئۇيغۇر خەلقىنى* "مەنىۋى ئانىسى " ھەم " ۋەكىلى " دىيىشى، ھەقىقەتەن بىمەنىلىك، يۇزسىزلىك بۇ ئۇيغۇر خەلقىنى* ھىسياتىغا نىسبەتەن ئېغىر ھالدىكى يارىلاندۇرۇش ۋە ئۇيغۇر خەلقىنى* غۇرۇرىغا قىلىنغان قاتتىق ھاقارەت !

رەددىيە:

رابىيە قادىر ھەقىقى ۋەتەنپەرۋەرلىكنى* نامايەندىسى! رابىيە قادىر ئىنسانىي ئىززەت قارىشىنى* چولپانى! رابىيە قادىر مىللى قاراشتا ئۈلگە ياراتقان قەھرىمان! رابىيە قادىر كىشىلىك ئەخلاق ۋە مىللىي ئەخلاقنى* غالىپ جە*چىسى! رابىيە قادىر قانۇننى ئېتىراپ قالمايدىغان مۇستەبىت خىتاي دۆلىتىنى* 1- نومۇرلۇق باتۇر دۇشمىنى! رابىيە قادىر ئالدى بىلەن 1 مىليارت 300 مىليون خىتاي خەلقىگە، شۇ جۇملىدىن ئۇيغۇر مىللىتىگە بەخت ئېلىپ كەلگۇچى، غەرپلىكنى خىتاي قورغانىغا باشلاپ ما*غۇچى غالىپ، يې*ىلمەس شىر يۇرەك سەركەردە! ئۇ ۋەتىنىمىز، مىللىتىمىز ئۇچۇن ۋە بارلىق خىتاي خەلقىنى زۇلۇمدىن قۇتقۇزۇش ئۇچۇن ئوز پەرزەنتلىرىنى* مىھرىدىن كەچكەن قەھرىمان ئانا! بۇنداق بىر ئانىغا ئۇيغۇر مىللىتىنى* ئېرىشكەنلىكى، پۇتۇن ئىنسانىيەت ئالدىدىكى تېپىلغۇسىز شەرەپ! ئۇيغۇر مىللىتى رابىيە قادىردىن غۇرۇرلىنىدۇ!

ئۇزۇندە: ( قورچاق ئەمەلدار نۇر بەكرى)

كە* ئۇيغۇر كادىرلىرى ۋە ئاممىسى بۇنى*غا ھەرگىز قوشۇلمايدۇ ! ئۇنى* قىلمىش- ئەتمىشلىرى ئۇيغۇر خەلقىنى* مەنپەئەتىگە زىيانكەشلىك قىلىپلا قالماستىن بەلكى جۇ*خۇا مىللەتلىرىنى*مۇ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۇزدى، مىللەتنى* بۇ خائىنىنى* نامى تارىخنى* نومۇسلۇق تاختىيىغا مە*گۇ مىخلانغۇسى ! پۇتۇن ئاپتونوم رايوندىكى كادىرلار ۋە ئامما بولۇپمۇ ئۇيغۇر كادىرلىرى ۋە ئامما، چوقۇم كوزۇمىزنى پاكىز سۇرتۇپ،رابىيە قادىر بىلەن چەك- چەگرىنى ئاجرىتىپ، ئۇنى* بۆلگۈنچىلىك ھەركىتى بىلەن كۈرەش قىلىشىمىز، ئۇنى*غا نىسبەتەن "يولدىن ئوتكەن چاشقاننى ئۇر- ئۇر قىلىش "ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۇرۇشىمىز كېرەك.

رەددىيە:

رابىيە قادىرنى* "قىلمىش- ئەتمىشلىرى" ئالدى بىلەن جۇ*خۇا مىللەتلىرىنى كوممۇنىستىك زۇلۇمدىن قۇتۇلدۇرۇش، ئۇيغۇر مىللىتىنى خىتاي مۇستەملىكىسىدىن قۇتۇلدۇرۇش، ئاسىيا ۋە جەنۇبى ئاسىياغا تەھدىت بولىۋاتقان ھىتاينى كۇچسىزلەندۇرۇش، شۇنداقلا قۇتۇپ تەنچلىغىنى ئەلەمگە ئاشۇرۇشقا توھپە قوشۇشتىن ئىبارەت دۇنياۋى ئولۇق ھەرىكەتتۇر.

خائىن تەلەتلىك قورچاق ئەمەلدار نۇر بەكرىنى*، ئۆزى خائىنلىق ئۇستىلىدە ئولتۇرۇپ، ئەركىنلىك جە*چىسى بولغان ئولۇق بىر شەخسىكە تىل تەككۇزىشى نومۇسسىزلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس! شۇنداق خائىندا نومۇس، ھېسسىيات، ۋىجدان بولمايدۇ. نۇر بەكرى ئەشۇنداق خائىنلارنى* تىپىك ۋەكىلىدۇر. ئۇنى زوراۋان خىتاي ھۆكۈمرانلىرى گەرچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونغا " قورچاق" بولسىمۇ " رەئىس" قىلىپ بەلگىلەپ قويغان ھالەتتىمۇ، ئۇ ئۆزىنى* غالچا ئىكەنلىكىنى، خىتاي ئۇچۇن قۇلچىلىق قىلىۋاتقان پەسكەش لالما ئىشىت ئىكەنلىكىنى ئۆزى تونۇپ يەتكەن ۋە شۇنداق ھەس قىلغان. ئۇنى* نۇتقىنى* ئابزاسلىرى سىياسى تەمىدىن، سىياسى مەزمۇندىن پۇتۇنلەي چەتلەپ، قارشىسىدا قەد كوتىرىپ تۇرغان، غالىپ رەقىبىگە تە* كەلەلمەي، تىل- ھاقارەت ياغدۇرۇشقا باشلىدى. ئەسلىدە ئۇ سىياسى ئۇگۇنۇش قىلىۋاتقان بىر ئورۇندا ئىدى. ئۇ ئۆزىنى* رەئىسلىك سالاھىيتىنىمۇ ئۇنتۇپ، ئاغىزىنى بۇزۇپ، دۇشمىنىنى* ئوبرازىغا ھاقارەت قىلدى. بۇ ئۇنى* پەقەتلا بىر غالچا، لالما ئىشىت ئىكەنلىكىنى، ئۇنى*دا نە ئەخلاق، نە قابىليەت يوقلىغىنى، ئۇنى* ئىجرائاتتىكى ئەمەلدارلىق سالاھىيتىنى*مۇ يوقلىغىنى ئوچۇق ئىسپاتلىدى. بۇ ئۇنى* جە*دە يى*ىلگەنلىكىنى كورسەتتى.

خائىن تەلەتلىك نۇر بەكرىنى* ئاخىرقى سۆزىدە رابىيە قادىرغا قارىتا مۇنداق دىيىلگەن:

ئۇنى*غا نىسبەتەن " يولدىن ئۆتكەن چاشقاننى ئۇر- ئۇر قىلىش " ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۇرۇشىمىز كېرەك.

- لېكىن سەنلەردە ئۇنچىلىك جاسارەت، جۇرەت يوق! سەنلەر خىتاي خوجايىنلىرى*نى* تەمىناتى بىلەن جان بىقىۋاتقان ياللانما، روھىغا قۇللۇق تامغىسى بەسىلىپكەتكەن بىچارەرىلەر! شىر يۇرەك رابىيە قادىر سەنلەردىن 10 مى* چاقىرىم يىراقلىقتا، سەنلەردىن قانچە قىتە يىراقلىقتا بىر قەدەم تاشلىغان كۇنى، سەنلەر ئۇچۇن چاشقان تۇشۇگى سايار بولىدۇ. سەنلەر سۇغا چۇشكەن مۇشۇكتەك، ئۇر-ئۇردا قالغان چاشقاندەك بىچارە ھالغا چۇشىسەن!

خۇلاسە شۇكى، غەرب ئەللىرىدىكى ئۇيغۇر دىپلوماتىك ۋەزىيتى خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلماقتا. بىزنى* غەربتىكى يۈز-ئابرويىمىز رابىيە قادىردۇر. شۇ*ا ھەر قانداق ۋەزىيەت ئاستىدا ئۇنى جان پىدالىق بىلەن قوغدىشىمىز نوۋەتتىكى مىللى مەجبۇرىيتىمىز ۋە ئىنسانىي خىسلىتىمىزدىن ئىبارەت باش تارتىپ بولمايدىغان ئولۇق ۋەزىپىدۇر.

ميۇنخېن / 14.09.08