PDA

View Full Version : خەلقارا ئۇيغۇر دېموكراتىيە كىشىلىك ھوقۇق فوندى جەمئىيىتى



azatliq.com
08-10-08, 18:57
گۇۋانتانامودىكى 17 نەپەر ئۇيغۇر، بۇگۇن 2008- يىلى 10- ئاينى* 7- كۇنى ۋاشىنگتوندىكى ئەرزىيەت سودىدا گۇناھسىز دەپ قارىلىپ، گۇۋانتانامو ئۇيغۇرلىرى دەۋاسىغا مەسئۇل باش سوتچى ئۇربىنا ئەپەندى تەرىپىدىن قويۇپ بەرىلىشكە قارار قىلىندى.

گۇۋانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى* سوتى بولسا، يېقىنقى 3 يىلدىن بەرى ئۇلارنى قانۇنى دەۋا يولى بىلەن ئەركىنلىككە چىقىرىش ئۇچۇن ئەجىر قىلىۋاتقان ئادۋوكاتلار دەۋالىرى ۋە سوتلىرى ئىچىدىكى ئە* موھىملىرىدىن بىرى بولۇپ ھىساپلىرىدۇ. ئۇيغۇر دەۋاسىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىغان غەلبىنى* بىرى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. شۇنى*دەك بىزنى* ئوز ئەركىنلىكىمىز ئۇچۇن كۈرەش قىلغان جە*چىلىرىمىزنى* باشقىلار تەرىپىدىن خالىغىنىچە "تېرورچى" دەپ ئاتىلىشىنى* خاتا ئىكەنلىكىنى* جانلىق ئىسپاتى. شەرقىي تۇركىستان تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان مى*لىغان ئونمى*لىغان سىياسى مەھبۇسلارنى* ھەددى مۇشۇنداق گۇناھسىز ئىكەنلىكى ھەققىدە دېموكراتىك دۆلەتلەرنى* بەرگەن سىگنالىدۇر.

دېموكراتىيە كىشىلىك ھوقۇق فوندى جەمئىيىتى، ئامېرىكا ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى، ۋە دۇنيانى* ھەرقانداق يېرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تەشكىلاتلار بۇ خوشاللىنارلىق تارىخى كۈننى مە*گۇ ئۇنۇتمايدۇ. بۇگۇنكى بۇ كۇن ئۇيغۇر خەلقىنى* تەقدىردە ئىنتايىن چو* بۇرۇلۇش ئېلىپ كېلىدۇ.
بىز ئامېرىكا خەلقىگە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە، بۇ ئىشقا كۆ*ۈل بۆلگەن كو*ىرىس، سەنەتورلەرگە، ئەركىنلىك ۋە ئادالەت ئۇچۇن ئۇزۇن مۇددەت ئەمگەك سى*دۈرگەن سەۋرچان، تىرىشچان ئاۋدۇكاتلارغا، ئادىل سوتچىلارغا 20 مىليون ئۇيغۇر خەلقى نامىدىن، دېموكراتىيە كىشىلىك ھوقۇق فوندى جەمىيىتى نامىدىن، رەھمەت ئەيتىمىز. جەمىيىتىمىز بۇ بالىلارنى* ئورۇنلىشىشى ۋە كېيىنكى ئىشلىرى ئۇچۇن ئۆزىنى* بارلىق تىرىشچانلىغىنى كۆرسىتىدۇ.

بىز شۇنداقلا خىتاي ھۆكۇمىتىدىن ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن تۇرۇپ، گۇناھسىز تۈرمىدە يەتىۋاتقان ئۇيغۇر سىياسى مەھبۇسلارنى ئادىل سوت ئېچىپ ئۇلارغا بىر ئىنسان ئېرىشىشكە تىگىشلىك بولغان ئەقەللى ئەركىنلىك بېرىشىنى ئۈمىت قىلىمىز.

خەلقارا ئۇيغۇر دېموكراتىيە كىشىلىك ھوقۇق فوندى جەمئىيىتى