PDA

View Full Version : بىئوگرافىك رومان "كۆكنى زىلزىلگە سالغان ئايال" نى* ياپۇن تىلى تەرجىمىىگە



Azatliq.com
06-10-08, 17:50
بىئوگرافىك رومان "كۆكنى زىلزىلگە سالغان ئايال" نى* ياپۇن تىلى تەرجىمىىگە
كىرش سۆز
رابىيە قادىر
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇشبۇ كىتابنى* ياپۇنىيىلىك ئوقۇرمەنلىرى!
گېرمانىيىدە نېمىس تىلىدا يېزىلىپ، كىتابىمنى* بۈگۈن ياپۇن تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ ، ياپۇنىيەدە نەشىر قىلىنغانلىقىدىن ئىنتايىن سۆيۈندۈم. بۇ خەۋەرنى ئا*لىغان بارلىق ۋەتەنپەۋەر ئۇيغۈرلار چەكسىز شادلىققا چۈمدى. سالام سا*ا سۆيۈملۈك ياپۇن خەلقى!
"ئومۇمى كېچىرىم" خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى توكيو بيۇروسىنى* ۋە مىزۇتانى خانىم، شىرا يىشى ئەپەندىملەرنى* تەكلىپىگە بىنائەن 2007‏-يىلى 11‏-ئايدا يولدىشىم سىدىقھاجى روزى بىلەن بىرگە ياپونىيىگە بېرىپ دۇنيانى* شەرقىدە قەد كۈتۈرۈپ تۇرغان قۇدرەتلىك، دېموكراتىك دۆلەت ياپۇنىيىدە 24 كۈن زىيارەتتە بولدۇم. مۇبالىغە قىلمايمەن، ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگىنىمنى سۆزلەيمەن. ياپۇنىيىنى زىيارەت قىلغاندا خۇددى بۇ دۇنيانى* جەننىتىنى زىيارەت قىلغاندەك بولدۇم. ياپۇنىيە ما*ا يەر شارىدا ئەمەس بەلكى باشقا بىرپىلانىتتەك تۇيۇلدى، مەن ئۆزۈمنى باشقا بىر پىلانىتقا كىلىپ قالغاندەك ھېس قىلدىم. كىچىكىمدىن تارتىپ يالغانچىلىق ۋە ۋەھىمە قاپلاپ كەتكەن مۇھىتتا رەھمىسىز ھۆكۈمرانلىقنى* كونتروللىقى ئاستىدا ياشاپ كەلگەن، ئۆز مىللىتىنى* ئىنسان تەبىئىتىدىن ياتلىشىشقا مەجبۇر بولغان مېنى*دەك ئۇيغۇر، مەزلۇمە ئايال ياپۇنىيىدە قەيەرگىلا بارماي، ياپۇن خەلقىنى* قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئىېرىشكېنىمدە،ئۇيغۈر خەلقىنى* كىشىلىك ھوقۇق دەردىنى دوكلاد ئا*لىغۇچى ياپۇن خەلقىگە سۆزلەپ بىرىۋېتىپ يىغلاپ سالغان بولسام دوكلاد ئا*لىغۇچى ياپۇن خەلقىنى* مەن بىلەن تە* يىغلىغانلىقىنى كۆرگىنىمدە، ئادەملەر ئارسىغا كەلگەنلىكىمنى، ئادەمدەك مۇئامىلىگە ئېرىشكەنلىكىمنى بىلگىنىمدە، مىنى* ئامېرىكىغا كەلگەن چاغلىرىم ئىسىمگە كەلدى. ئامېرىكا خەلقى ۋە غەرىپ دۇنياسى مىنى* ئادەملىكىمنى ئۆزۈمگە تونۇتۇپ ، سەن ئادەم، سىنى* نېمە دەردى* بار؟ دېگەن ئىدى. بۈگۈن ياپۇنىيە خەلقى ئوخشاشلا سەن ئادەم، سىنى* نېمە دەردى* بار؟ دەپ، سوئال قويدى.
ياپۇنىيىنى* ئۆلكە ۋە شەھەرلىرىدە زىيارەتتە بولدۇم، ياپۇنىيە خەلقىنى* مېھرىۋانلىقىدىن سۆيۈندۈم، ئاق كۈ*ۇل، ئۇچۇق -يورۇقلىقىدىن مەمنۇن بولدۇم،ياپۇنىيە خەلقىنى* چاقچاقلىرىدىن ھۇزۇرلاندىم، خوككايدودا بىر ئائىلىدە يېتىپ قوپۇپ، بۇ ئائىلە كىشىلىرىنى* ئىللىق مۇئامىلىسىدىن ئۇلارنى* ئەخلاق مەرتىۋىسىنى تونۇپ يەتتىم. ياپۇنىيە پارلامېنتنى* ئەزالىرى مىنى قۇبۇل قىلغاندا تۈرمىدە خىتاي ساقچىلىرىن* ئالدىدا مەن كىم ئىدىم؟ بۈگۈن مەن كىم بۇلۇپ قالدىم دەپ، ئۆزۈمگە سوئال قويدۇم."ئومۇمى كېچىرىم" خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى توكيو بيۇروسىنى* ئەزالىرى بىلەن بىللە تاماق يېگەندە ئۆزۈمنى* مۇساپىر ئىكەنلىكنى ئۇنتۇپ قالدىم. شىرا يىشى ئەپەندىنى* ئايالى ئۇيغۈرنى* تامىقى پولۇنى ئىتىپ بەرگەندە، قارا! مەن ياپۇنىيىدە پولا يېدىم، دېدىم.ياپونىيىنى* سابىق ۋەزىرى شنىزو ئابى بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇيغۈرلارنى* كىشىلىك ھوقۇق دەردىنى ژىپىدىن -ژى*نىسىگىچە سۆزلەپ بەردىم، ياپونىيىنى* دا*لىق سىياسىئونى شنىزو ئابى ئەپەندى كۆ*ۈل قويۇپ ئا*لىدى.
ياپۇنىيە گېزىتلىرىنى* مۇخبىرلىرى دېگۈدەك مىنى زىيارەت قىلدى. ئۇيغۈرنى* دوستى ....................... ئەپەندىم، ياپۇنىيەدە قەيەرگە بارسام كەينىمدىن يىتىپ كىلىپ كامىراغا ئېلىپ مىنى ۋە ئۇيغۇرنى* كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى تۈنجى قېتىم ياپۇنىيەدە ئېكرانغا ئېلىپ چقتى. نۇرغۇنلىغان ياپۇنىيىلىك دوستلار بىلەن ئۇچراشتىم.
ياپۇنىيىنى* ئوغۇل-قىزلىرى،ياپۇنىيىنى* جەمئىيەت ئەربابلىرى ۋە سىياسى ئەربابلىرى، كىشىلىك ھوقۇققا ۋە ئېزىلگەن مىللەتلەرنى* سىياسى دەردىگە كۆ*ۈل بۆلىدىغان ياپۇنىيە خەلقى
مەن سىلەرگە 20مىلىيون ئۇيغۇر خەلقىنى* نامىدىن سالام يوللايمەن.
روسىيە ئىمپېرىيىسىنى* يىمىرىلىشى، شەرقى ياۋروپادا كومۇنىزم ئىمپېرىيىسىنى* گۇمران بولىشىدىن چۇچۇپ كەتكەن ۋە تېررورىزمغا قارشى خەلقئارا ئۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك غەرب دۆلەتلىرى ئارمىيىسىنى* ئوتتۇرا ئاسىياغا -ئافغانىستانغا يىتىپ كېلىشىدىن چۇچۇپ كەتكەن ،خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى ۋەتىنىمىز ئۇيغۇرىستاندا ھەربى جەھەتتە باستۇرۇش، سىياسى جەھەتتە تەقىب قىلىش، دىنى ئېتىقادنى چەكلەش، ئۇيغۇر تىلىنى جەمئىيەتتىن، مائارىپتىن، مەدەنىيەت ساھەسىدىن قوغلاپ چىقىرىش، ئۇيغۈر قىزلىرىنى ئىچكىرى خىتايغا مەجبۇرى يۆتكەپ كېتىش، خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئۇيغۇرىستانغا يەرلەشتۈرۈش، تەبىئي بايلىقلار ۋە نېفىىت-گاز مەنبەلىرىنى بۇلا*-تالا* قىلىش خاراكتېرلىك ئېچىش، ئۇيغۇرلارنى ھازىرقى زامان مەدەنىيىتى ۋە ھازىرقى زامان تېخنىكىسىدىن يىراقلاشتۇرۇش، ئۇيغۈرنى* ئىقتىسادى تەرەققىيات يوللىرىنى بوغۇپ تاشلاش، مەجبۇرى بالا چۈشۈرۈش قىسقىسى ئۇيغۇرلارنى ئېتنىك تازىلاش جەھەتتە بۇرۇنقىغا سېلىشتۇرغاندا خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى تېخىمۇ جىددى ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشقا باشلىدى. دۇنيا مۇستەملىكە تارىخىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان ۋەھشىيلىك بىلەن سىياسەت بەلگىلەپ، قارشى كۆتۈرۈلگەن ئۇيغۈرلارنى قانلىق قىرغىن قىلىپ خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلدى. دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى* ، تىنچلىق سۆيەر ئەللەر خەلقلىرىنى* ئەيىبلەشلىرىگە،تەنقىدلىشى گە پىسەنت قىلمىدى.خىتاينى* ياۋۇزلىقىغا ئوخشاشلا دۇچ كەلگەن تىبەت خەلقى ۋە ئۇيغۇر خەلقى نېمە قىلارىنى بىلمەي تۇرغاندا غەرب دۇنياسى ۋە ياپۇنىيە خەلقىنى* بۈگۈن تىبەتلەرنى* ۋە ئۇيغۈر خەلقىنى* كىشىلىك ھوقۇق تەلەپلىرىنى قوللىشى ئېزىلىۋاتقان تىبەت ۋە ئۇيغۇر خەلقلىرى ئۈچۈن ئىنتايىن چو* مەنىۋى ئىلھام بولدى.
كېچىرى*لار ياپۇنىيە خەلقى! ھىېسياتىمنى* يۇشۇرۇن قاتلىمىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئوي-پىكىرلىرىمنى ئاشكارىلاپ باقاي! ئامېرىكا ئارمىيىسى قەيەرگە يىتىپ كەلسە، ئىنسانلارغا كىرەك بولغان دېمۇكراتىيىمۇ شۇ يەرگە يىتىپ كىلىدۇ دەيدىغان ئەقلىيە، ئۇيغۈرلارنى* جامائەت پىكرى ساھەسىدە تارقىلىپ يۈرەتتى.غەرب ئارمىيىسى ئۇيغۇرىستانغا چېگرا دۆلەت -ئافىغا نىستانغا يىتىپ كەلدى.قېنى ئۇيغۈرلارغا ئەركىنلىك؟!غەرب دۇنياسىنى* ستراتېگىيىلىك سىياسىتىدە ئافغانىستاننى* ئورنى شۇنچىلىك مۇھىم بولسا،ئەجىبا ئافغانىستانغا چېگرا بولغان ئۇيغۇرىستاننى* دۇنياۋى ستراتېگىيىلىك سىياسەتكە مۇۋاپىق شۇنچىلىك ئورنى يوقمىدى؟
مەن بۇ ماقالىدە ئۇيغۈر خەلقىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەلمەيمەن. ياپۇنىيىنى* ئۇقۇمۇشلۇق، بىلىملىك ئادەملىرى ئارىسىدا ۋە ياپۇنىيە تارىخ- ئىلىم ساھەسىدە ئۇيغۈرلار ياپۇن خەلقىگە ناتونۇش ئەمەس. ئۇرۇش دەۋرىدە ياپۇنىيە خەلقىنى* ئوتتۇرا ئاسىياغا بۇلۇپمۇ مىنى* ۋەتېنىم ئۇيغۇرىستانغا تۆمۈر يول تارتىش پىلانى شۇ ۋاقىتتا ياپۇنىيىدە قوزغالغان ؛مانجۇ- مو*غۇلىيە ھەرىكىتى "نى* بىر قىسمى ئىدى.ئەمما تەقدىر بۇنداق پىلاننى* ئىشقا ئاشۇرۇلۇشىغا ئانچە كۆ*ۈل بۆلمىدى.ئەگەر بۇ پىلان ئىشقا ئاشۇرۇلغان بولسا،ئاسىيانى* تارىخى باشقىچە يېزىلاتتى شۇنداقلا ئاسىيانى* خەرىتىسىمۇ باشقىچە سىزىلاتتى.ئەگەر بۇ پىلان ئىشقا ئاشۇرۇلغان بولسا،ئۇيغۈرنى* ئوغۇل-قىزلىرى پويىزغا ئولتۇرۇپ، ئوكىيان ئاتلاپ ياپۇنىيىگە كىلىپ ئالى مەكتەپلەردە ئۇقۇغان بۇلاتتى. مەجبۇرلاپ پويىز ۋاگۇنلىرىغا بېسىپ، ئىچكىرى خىتايغا يۆتكەپ كېتىپ ئۇيغۇر قىزلىرى بۈگۈنكىدەك پاھىشە خانىلارغا سېتىلمىغان بولاتتى.شۇ ۋاقىتلاردا 20‏-ئەسىرنى* 30-40 -يىللىرىدا ياپۇنىيە خەلقى بىلەن دوست بۇلۇش، ياپۇنىيە ھۆكۈمىتىنى* ياردىمىگە ئېرىشىش مەقسىتىدە ئۇيغۇرنى* بىر ئەۋلاد ۋەتەنپەرۋەرلىرى ئوكيان ئاتلاپ ياپۇنىيە- توكيو شەھرىگە يىتىپ كەلگەن. بىراق زاماننى* چاقى تەتۈر چۆرگىلەپ مەقسىدىگە يېتەلمەي ئۇلار توكيودا ۋاپات بولۇشتى.
ئىنسان ئىۆلۈپ كىتىدۇ لېكىن ئىنساننى* ئىشقا ئاشۇرۇلمىغان ئارزۇلىرى ھەرگىز ئىۆلمەيدۇ. بۇ ئارزولارغا ۋارىسلىق قىلغان ئۇيغۇرنى* يەنە بىر ئەۋلاد ۋەتەنپەرۋەرلىرى بۈگۈن ياپونىيىگە كىلىپ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيىتى قىلىپ ياپۇنىيە خەلقىدىن ياردەم تەلەپ قىلدى.
ئۇيغۇر خەلقى 1933‏-يىلى ۋە 1944- يىللىرى قۇراللىق قوزغىلا* ئارقىلىق قىسقىغىنە 10يىل ئىچىدە ئىككى قېتىم مۇستەقىللىق جاكارلاپ ئىككى قېتىم جۇمھۇرىيەت قۇرغان خەلق ئىدى. بىر مىللەت ئۆزىنى* تارىخىدا قانچە قېتىم مۇستەقىللىق جاكارلاشقا مەجبۇر بولىدۇ؟ نېمىشقا شۇنداق مەجبۇر بولىدۇ؟ دۇنيا مۇستەقىللىق جاكارلىغان قانداق مىللەتنى ئۆز باغرىغا ئالىدۇ، يەنە مۇستەقىللىق جاكارلىغان قانداق مىللەتنى دۇنيا ئىۆز باغرىغا ئالمايدۇ؟
1904 -‏-يىلى چار رۇسىيىنى* دې*ىز ئارمىيىسى ياپۇن دې*ىزىدا ،ياپۇنىيىنى* قۇدرەتلىك دې*ىز ئارمىيىسىنى* شىددەتلىك زەربىسىگە ئۇچراپ،ۋەتۋەرىكى چىقىپ، شەرمەندىلەرچە مەغلۇپ بولۇپ دې*ىزغا چۆكۈپ كەتكەندىن كېيىن چار پادىشا ياپۇنىيە بىلەن بىرلىشىپ جۇ*گونى چەكلەيدىغان ئاسىيا سىياسىتىنى ئەمدى جۇ*گو بىلەن بىرلىشىپ ياپۇنىيەنى چەكلەيدىغان
ئاسىيا سىياسىتىگە ئىۆزگەرتىپ،مانجۇ-خىتاي جۇ*گوسىنى ھەر جەھەتتىن قوللاشقا باشلىدى،چار روسىيە 1911‏-يىلىدىن باشلاپ ئاتالمىش شنىجا* يەنى ئۇيغۇرىستاننى* ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشقا باشلىدى.چار روسىيىسىنى* جەندىسىگە ۋە ئاسىيا سىياسىتىگە ۋارىسلىق قىلغان لېنىن- ستالىن روسىيىسى يەنى ستالىن ھۆكۈمىتى 1933‏-يىلى ئۇيغۇرىستاننى* قەشقەر ئۆلكىسىدە قۇرۇلغان ئۇيغۇر دۆلىتىنى باستۇرۇپ مۇنقەرز قىلىپ مىلىتارىست خىتاي شى* شى سەيگە تۇتۇپ بەردى،1944‏-يىلى ئۇيغۇرستاننى* ئىلى ئۆلكىسىدە قۇرۇلغان
ئۇيغۇر دۆلىتىنى "جۇ*گو- سوۋىت شەرتنامىسى"ئارقىلىق مۇنقەرز قىلىپ شىنجا* دېگەن بۇ زېمىننى سىتالىن خىتاينى* گومىندا* ھۆكۈمىتىگە قۇشۇپ بەردى.
مەن بىر نەپەر ئاددى ئايال،خىتاينى* مۇستەملىكىسى ئۇيغۇرىستاندا ياشاۋاتقان 20مىليون ئۇيغۇرنى* يىغىسىنى يىغلاپ يۈرگەن بىر نەپەر ئاددى ئايال.ئامېرىكا خەلقى مىنى خىتاينى* تۈرمىسىدىن ئازات قىلىپ ئامېرىكىغا ئېلىپ كەلگەن يىلى مەسىلەن:
2005‏-يىلى 5‏-ئاينى* 6‏-كۈنى پىرىزىدىنت بوش لاتۋىيەنى* پايتەختى رىگا شەھىرىدە "يالتا يىغىنى ئىنتايىن زور تارىخى خاتالىق بولغان ئىدى"دەپ، پۈتۈن دۇنياغا ئېلان قىلغاندا بىز ئۇيغۇرلار بۇ نوتۇقتىن چەكسىز پەخىرلەندۇق.1945‏-يىل 2‏-ئاينى* 14‏-كۈنى ئاياغلاشقان "يالتا" يىغىنى بەلگىلەپ بەرگەن رامكا ئىچىدە 1945‏-يىلى 8‏-ئاينى* 14‏-كۈنى "جۇ*گو-سوۋىت شەرتنامىسى"نى ئىمزالىغان موسكۋا يىغىنى، مانجۇرىيە مەسىلىسىنى،ئۇيغۇرىستان مەسىلىسىنى تاشقى مو*غۇلىيە مەسىلىسىنى،ياپونىيىنى* شىمالدىكى 4 ئارال مەسىلىسىنى زورلۇق بىلەن ئۆز ئالدىغا بىر تەرەپ قىلغان يىغىنلار ئەمەسمىدى؟ئاسىيانى* خەرىتىسىنى خالىغانچە ئۆزگەرتكەن خەلقئارا يىغىنلار ئەمەسمىدى؟
تەتقىقاتچىلار ئۇيغۇرلار مەسىلىسى "يالتا" يىغىنىدا ئوتتۇرىغا چىققانمۇ-يوق؟ دەپ سوئال قويۇپ كەلمەكتە. پاكىتلارغا نەزەر ئاغدۇرايلى!
جىيا* جېشى- گومىندا* ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ يەنە شەرتنامە ئىمزالاش ئۈچۈن ستالىننى* چاقىرىقى بىلەن 1950‏-يىلى 1‏-ئايدا موسكۋاغا يىتىپ كەلگەن ماۋزېدو*، 1945‏-يىلى 8‏-ئايدا جىيا* جيېشى بىلەن ستالىن ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن "جۇ*گو- سوۋىت شەرتنامىسى"نى بىكار قىلىپ ستالىنغا، يې*ى شەرتنامە ئىمزالاش توغرىسىدا تەكلىپ بەرگەندە ،ستالىن:" كونا شەرتنامىنى بىكار قىلىش يالتا شەرتنامىسىغا بېرىپ چېتىلىدۇ؛ ھازىرچە ئاۋۋال تۈزۈلگەن كونا شەرتنامىنى* ھەرقانداق ماددىلىرىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ"،] يەنى جىيا* جيېشى بىلەن تۈزۈلگەن شەرتنامىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ[ دېگەندە،ماۋزېدۇ* دەرھال قوشۇلۇپ" ئورتاق ئىشلىرىمىز ئۈچۈن نېمە پايدىلىق بولسا، شۇنى قىلىشىمىز كىرەك" دېگەن ۋە 1950‏-يىلى 2‏-ئاينى* 14‏-كۈنى سىتالىن بىلەن يې*ى" جۇ*گو سوۋىت شەرتنامىسى "نى ئىمزا لاپ ئارقىدىنلا شەرقى -شىمال ۋەشىنجىيا* مۇستەملىكە" دېگەن.] جا*رۇ* "ماۋزېدۇ* توغرىسىدا ئاشكارە بولمىغان ھېكايىلەر" 304 بەت[ ماۋزېدۇ*نى* شۇنداق دېگىنى شەرقى-شىمال يەنى مانجۇرىيە ۋە شىنجا* جۇ*گونى* مۇستەملىكىسى دېگەنلىكى ئە مەستمۇ؟ ستالىن جۇ*گوغا قوشۇپ بەرگەن مۇستەملىكە دېگەنلىكى ئەمەسمۇ؟
ھۆرمەتلىك ياپۇنىيىلىك ئوقۇرمەنلەر، 1989‏-يىلى بېرلىن تېمى ئىۆرۈلگەندىن كېيىن دۇنيا مەتبۇئاتلىرى "يالتا سىستېمىسى ئۇزېل-كېسىل گۇمران بولدى"دېيىشكەن، شۇنداقمۇ؟ ياق!
"يالتا سىستېمىسى" ياۋروپادا گۇمران بولدى لېكىن ئاسىيادا تېخى گۇمران بولغىنى يوق . "يالتا سىستېمىسى" نى* يامان تەسىرى ئاسىيادىمۇ گۇمران بولىشى كىرەك! شۇنداق بولغاندىلا
مانجۇرىيىنى* مۇستەقىللىق ئورنى ۋە ئۇيغۇرىستاننى* مۇستەقىل دۆلىتى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىلا، ئاندىن "يالتا سىستېمىسى " ياۋرۇ-ئاسىيا ۋە پۈتۈن دۇنيادا گۇمران بولغان بولىدۇ. بۇ ئىشقا مىنى* كۇچۇم يەتمەيدۇ . ياپۇنىيە خەلقىدىن ياردەم تەلەپ قىلىمەن. ياخشى قال! ياپۇنىيە !
2008‏-يىلى 9‏-ئاينى* 20‏-كۈنى ۋاشى*غىتۇن

Unregistered
06-10-08, 22:32
Biografik roman "kökni zilzilge salghan ayal" ning yapun tili terjimsige Kirsh söz

Rabiye qadir

Essalamu eleykum ushbu kitabning yapuniyilik oqurmenliri!

Gérmaniyide némis tilida yézilip, kitabimning bügün yapun tiligha terjime qilinip , yapuniyede neshir qilin'ghanliqidin intayin söyündüm. Bu xewerni anglighan barliq wetenpewer uyghürlar cheksiz shadliqqa chümdi. Salam sanga söyümlük yapun xelqi!
"Omumi kéchirim" xelqara kishilik hoquq teshkilati tokyo byurosining we mizutani xanim, shira yishi ependimlerning teklipige binaen 2007‏-yili 11‏-ayda yoldishim sidiqhaji rozi bilen birge yaponiyige bérip dunyaning sherqide qed kütürüp turghan qudretlik, démokratik dölet yapuniyide 24 kün ziyarette boldum. Mubalighe qilmaymen, öz közüm bilen körginimni sözleymen. Yapuniyini ziyaret qilghanda xuddi bu dunyaning jennitini ziyaret qilghandek boldum. Yapuniye manga yer sharida emes belki bashqa birpilanittek tuyuldi, men özümni bashqa bir pilanitqa kilip qalghandek hés qildim. Kichikimdin tartip yalghanchiliq we wehime qaplap ketken muhitta rehmisiz hökümranliqning kontrolliqi astida yashap kelgen, öz millitining insan tebiitidin yatlishishqa mejbur bolghan méningdek uyghur, mezlume ayal yapuniyide qeyergila barmay, yapun xelqining qizghin qarshi élishigha iérishkénimde,uyghür xelqining kishilik hoquq derdini doklad anglighuchi yapun xelqige sözlep biriwétip yighlap salghan bolsam doklad anglighuchi yapun xelqining men bilen teng yighlighanliqini körginimde, ademler arsigha kelgenlikimni, ademdek muamilige érishkenlikimni bilginimde, mining amérikigha kelgen chaghlirim isimge keldi. Amérika xelqi we gherip dunyasi mining ademlikimni özümge tonutup , sen adem, sining néme derding bar? Dégen idi. Bügün yapuniye xelqi oxshashla sen adem, sining néme derding bar? Dep, soal qoydi.
Yapuniyining ölke we sheherliride ziyarette boldum, yapuniye xelqining méhriwanliqidin söyündüm, aq küngul, uchuq -yoruqliqidin memnun boldum,yapuniye xelqining chaqchaqliridin huzurlandim, xokkaydoda bir ailide yétip qopup, bu aile kishilirining illiq muamilisidin ularning exlaq mertiwisini tonup yettim. Yapuniye parlaméntning ezaliri mini qubul qilghanda türmide xitay saqchilirinng aldida men kim idim? Bügün men kim bulup qaldim dep, özümge soal qoydum."Omumi kéchirim" xelqara kishilik hoquq teshkilati tokyo byurosining ezaliri bilen bille tamaq yégende özümning musapir ikenlikni untup qaldim. Shira yishi ependining ayali uyghürning tamiqi poluni itip bergende, qara! men yapuniyide pola yédim, dédim.Yaponiyining sabiq weziri shnizo abi bilen körüshkende uyghürlarning kishilik hoquq derdini �ipidin -�ingnisigiche sözlep berdim, yaponiyining dangliq siyasioni shnizo abi ependi köngül qoyup anglidi.
Yapuniye gézitlirining muxbirliri dégüdek mini ziyaret qildi. Uyghürning dosti ....................... Ependim, yapuniyede qeyerge barsam keynimdin yitip kilip kamiragha élip mini we uyghurning kishilik hoquq mesilisini tünji qétim yapuniyede ékran'gha élip chqti. Nurghunlighan yapuniyilik dostlar bilen uchrashtim.
Yapuniyining oghul-qizliri,yapuniyining jemiyet erbabliri we siyasi erbabliri, kishilik hoquqqa we ézilgen milletlerning siyasi derdige köngül bölidighan yapuniye xelqi
Men silerge 20miliyon uyghur xelqining namidin salam yollaymen.
Rosiye impériyisining yimirilishi, sherqi yawropada komunizm impériyisining gumran bolishidin chuchup ketken we térrorizmgha qarshi xelqara urushqa munasiwetlik gherb döletliri armiyisining ottura asiyagha -afghanistan'gha yitip kélishidin chuchup ketken ,xitay mustemlikichiliri wetinimiz uyghuristanda herbi jehette basturush, siyasi jehette teqib qilish, dini étiqadni cheklesh, uyghur tilini jemiyettin, maariptin, medeniyet sahesidin qoghlap chiqirish, uyghür qizlirini ichkiri xitaygha mejburi yötkep kétish, xitay köchmenlirini uyghuristan'gha yerleshtürüsh, tebiy bayliqlar we néfiit-gaz menbelirini bulang-talang qilish xaraktérlik échish, uyghurlarni hazirqi zaman medeniyiti we hazirqi zaman téxnikisidin yiraqlashturush, uyghürning iqtisadi tereqqiyat yollirini boghup tashlash, mejburi bala chüshürüsh qisqisi uyghurlarni étnik tazilash jehette burunqigha sélishturghanda xitay mustemlikichiliri téximu jiddi heriket élip bérishqa bashlidi. Dunya mustemlike tarixida körülüp baqmighan wehshiylik bilen siyaset belgilep, qarshi kötürülgen uyghürlarni qanliq qirghin qilip xitay mustemlikichiliri insaniyetke qarshi jinayet sadir qildi. Dunya kishilik hoquq teshkilatlirining , tinchliq söyer eller xelqlirining eyibleshlirige,tenqidlishi ge pisent qilmidi.Xitayning yawuzliqigha oxshashla duch kelgen tibet xelqi we uyghur xelqi néme qilarini bilmey turghanda gherb dunyasi we yapuniye xelqining bügün tibetlerning we uyghür xelqining kishilik hoquq teleplirini qollishi éziliwatqan tibet we uyghur xelqliri üchün intayin chong meniwi ilham boldi.
Kéchiringlar yapuniye xelqi! hiésyatimning yushurun qatlimida heriket qiliwatqan oy-pikirlirimni ashkarilap baqay! amérika armiyisi qeyerge yitip kelse, insanlargha kirek bolghan démukratiyimu shu yerge yitip kilidu deydighan eqliye, uyghürlarning jamaet pikri saheside tarqilip yüretti.Gherb armiyisi uyghuristan'gha chégra dölet -afigha nistan'gha yitip keldi.Qéni uyghürlargha erkinlik?!Gherb dunyasining stratégiyilik siyasitide afghanistanning orni shunchilik muhim bolsa,ejiba afghanistan'gha chégra bolghan uyghuristanning dunyawi stratégiyilik siyasetke muwapiq shunchilik orni yoqmidi?
Men bu maqalide uyghür xelqini tonushturup ötelmeymen. Yapuniyining uqumushluq, bilimlik ademliri arisida we yapuniye tarix- ilim saheside uyghürlar yapun xelqige natonush emes. Urush dewride yapuniye xelqining ottura asiyagha bulupmu mining weténim uyghuristan'gha tömür yol tartish pilani shu waqitta yapuniyide qozghalghan ;Manju- mongghuliye herikiti "ning bir qismi idi.Emma teqdir bundaq pilanning ishqa ashurulushigha anche köngül bölmidi.Eger bu pilan ishqa ashurulghan bolsa,asiyaning tarixi bashqiche yézilatti shundaqla asiyaning xeritisimu bashqiche sizilatti.Eger bu pilan ishqa ashurulghan bolsa,uyghürning oghul-qizliri poyizgha olturup, okiyan atlap yapuniyige kilip ali mekteplerde uqughan bulatti. Mejburlap poyiz wagunlirigha bésip, ichkiri xitaygha yötkep kétip uyghur qizliri bügünkidek pahishe xanilargha sétilmighan bolatti.Shu waqitlarda 20‏-esirning 30-40 -yillirida yapuniye xelqi bilen dost bulush, yapuniye hökümitining yardimige érishish meqsitide uyghurning bir ewlad wetenperwerliri okyan atlap yapuniye- tokyo shehrige yitip kelgen. Biraq zamanning chaqi tetür chörgilep meqsidige yételmey ular tokyoda wapat bolushti.
Insan iölüp kitidu lékin insanning ishqa ashurulmighan arzuliri hergiz iölmeydu. Bu arzolargha warisliq qilghan uyghurning yene bir ewlad wetenperwerliri bügün yaponiyige kilip kishilik hoquq paaliyiti qilip yapuniye xelqidin yardem telep qildi.
Uyghur xelqi 1933‏-yili we 1944- yilliri quralliq qozghilang arqiliq qisqighine 10yil ichide ikki qétim musteqilliq jakarlap ikki qétim jumhuriyet qurghan xelq idi. Bir millet özining tarixida qanche qétim musteqilliq jakarlashqa mejbur bolidu? Némishqa shundaq mejbur bolidu? Dunya musteqilliq jakarlighan qandaq milletni öz baghrigha alidu, yene musteqilliq jakarlighan qandaq milletni dunya iöz baghrigha almaydu?
1904 -‏-Yili char rusiyining déngiz armiyisi yapun déngizida ,yapuniyining qudretlik déngiz armiyisining shiddetlik zerbisige uchrap,wetweriki chiqip, shermendilerche meghlup bolup déngizgha chöküp ketkendin kéyin char padisha yapuniye bilen birliship junggoni chekleydighan asiya siyasitini emdi junggo bilen birliship yapuniyeni chekleydighan
Asiya siyasitige iözgertip,manju-xitay junggosini her jehettin qollashqa bashlidi,char rosiye 1911‏-yilidin bashlap atalmish shnijang yeni uyghuristanning ichki ishlirigha arilishishqa bashlidi.Char rosiyisining jendisige we asiya siyasitige warisliq qilghan lénin- stalin rosiyisi yeni stalin hökümiti 1933‏-yili uyghuristanning qeshqer ölkiside qurulghan uyghur dölitini basturup munqerz qilip militarist xitay shing shi seyge tutup berdi,1944‏-yili uyghurstanning ili ölkiside qurulghan
Uyghur dölitini "junggo- sowit shertnamisi"arqiliq munqerz qilip shinjang dégen bu zéminni sitalin xitayning gomindang hökümitige qushup berdi.
Men bir neper addi ayal,xitayning mustemlikisi uyghuristanda yashawatqan 20milyon uyghurning yighisini yighlap yürgen bir neper addi ayal.Amérika xelqi mini xitayning türmisidin azat qilip amérikigha élip kelgen yili mesilen:
2005‏-Yili 5‏-ayning 6‏-küni pirizidint bosh latwiyening paytexti riga shehiride "yalta yighini intayin zor tarixi xataliq bolghan idi"dep, pütün dunyagha élan qilghanda biz uyghurlar bu notuqtin cheksiz pexirlenduq.1945‏-Yil 2‏-ayning 14‏-küni ayaghlashqan "yalta" yighini belgilep bergen ramka ichide 1945‏-yili 8‏-ayning 14‏-küni "junggo-sowit shertnamisi"ni imzalighan moskwa yighini, manjuriye mesilisini,uyghuristan mesilisini tashqi mongghuliye mesilisini,yaponiyining shimaldiki 4 aral mesilisini zorluq bilen öz aldigha bir terep qilghan yighinlar emesmidi?Asiyaning xeritisini xalighanche özgertken xelqara yighinlar emesmidi?
Tetqiqatchilar uyghurlar mesilisi "yalta" yighinida otturigha chiqqanmu-yoq? Dep soal qoyup kelmekte. Pakitlargha nezer aghdurayli!
Jiyang jéshi- gomindang hökümitini aghdurup yene shertname imzalash üchün stalinning chaqiriqi bilen 1950‏-yili 1‏-ayda moskwagha yitip kelgen mawzédong, 1945‏-yili 8‏-ayda jiyang jyéshi bilen stalin otturisida tüzülgen "junggo- sowit shertnamisi"ni bikar qilip stalin'gha, yéngi shertname imzalash toghrisida teklip bergende ,stalin:" kona shertnamini bikar qilish yalta shertnamisigha bérip chétilidu; Hazirche awwal tüzülgen kona shertnamining herqandaq maddilirini özgertishke bolmaydu",] yeni jiyang jyéshi bilen tüzülgen shertnamini özgertishke bolmaydu[ dégende,mawzédung derhal qoshulup" ortaq ishlirimiz üchün néme paydiliq bolsa, shuni qilishimiz kirek" dégen we 1950‏-yili 2‏-ayning 14‏-küni sitalin bilen yéngi" junggo sowit shertnamisi "ni imza lap arqidinla sherqi -shimal weshinjiyang mustemlike" dégen.] Jangrung "mawzédung toghrisida ashkare bolmighan hékayiler" 304 bet[ mawzédungning shundaq dégini sherqi-shimal yeni manjuriye we shinjang junggoning mustemlikisi dégenliki e mestmu? Stalin junggogha qoshup bergen mustemlike dégenliki emesmu?
Hörmetlik yapuniyilik oqurmenler, 1989‏-yili bérlin témi iörülgendin kéyin dunya metbuatliri "yalta sistémisi uzél-késil gumran boldi"déyishken, shundaqmu? Yaq!
"Yalta sistémisi" yawropada gumran boldi lékin asiyada téxi gumran bolghini yoq . "Yalta sistémisi" ning yaman tesiri asiyadimu gumran bolishi kirek! shundaq bolghandila
Manjuriyining musteqilliq orni we uyghuristanning musteqil döliti eslige keltürülgendila, andin "yalta sistémisi " yawru-asiya we pütün dunyada gumran bolghan bolidu. Bu ishqa mining kuchum yetmeydu . Yapuniye xelqidin yardem telep qilimen. Yaxshi qal! yapuniye !
2008‏-Yili 9‏-ayning 20‏-küni washingghitun