PDA

View Full Version : Uyghuristan birinji qedemni basti !



Azatliq.com
05-10-08, 03:38
ئۇيغۇرىستان بىرىنچى قەدەمنى باستى
فىنلاندىيە قەلەمكەشلىرىنى* پىرىزدىنتى – يۇككانى* خەلقئارا قەلەمكەشلىرى قۇرۇلتىيىدا قىلغان سۉزى.
9-ئاينى* 20- كۇنى چۈشتىن بۇرۇن خەلقئارا قەلەمكەشلىرى قۇرۇلتىيى يى*ى ئەزا قوبۇل قىلىش يۈزىسىدىن چو* يىغىن ئاچتى. يىغىندا فىنلاندىيە قەلەمكەشلىرىنى* پىرىزدنتى يۇككا سۉزگە چىقىپ ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختالدى. ئۇ سۉزىدە:
- ئۇيغۇرلار قەدىمى بىر مىللەت . ئۇ دۇنيا مەدەنىيىتىگە ئۉچمەس ئىزلار قالدۇرغان بىر مىللەت.... دىۋان لوغات _ تۈرك كىتابىنى* ئاپتورى مەخمۇت قەشقىرى، قوتادغۇبىلىك ئەسىرىنى* ئاپتۈرى يۈسۈپ خاس ھاجىپلار ئۇيغۇرمىللىتىدىن كېلىپ چىققان ئالەمشۇمۇل قەلەمكەشلەردۇر........
ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرى قۇرۇلعان 2 يېرىم يىلدىن بۇيان ئۉز مىللىتىنى* ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، خەلقئارا قەلەمكەشلىرىنى* نىزامنامىسىغا ھۉرمەت قىلىپ بىر يۈرۈش خىزمەتلەرنى ئىشلىدى......
مەن فىنلاندىيە قەلەمكەشلىرى نامىدىن تونۇشتۇرغۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرىنى خەلقئارا قەلەمكەشلىرى مەركىزىگە ئەزابولۇپ كىرىش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىشنى ئۉتۈنىمەن!



قۇرۇلتاي پىرىزدنتى تەرتىپ بويۇنچە ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرىنى* ۋەكىلىنى سۉزگە تەكلىپ قىلدى.
سۉزگە چىققان ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرىنى* ۋەكىلى قەيسەر ئابدۇرسۇل رەئىس مۇنبىرىگە چىقىپ ئالدى بىلەن قۇرۇلتاي رەئىسىگە ۋە بارلىق دائىمىي كومىتېت ئەزالىرىغا ھۉرمەت ۋە تەكەللۇپ سۉزىنى قىلغاندىن كىيىن مۇنداق دىدى:
- بەزىلەر مەن ئۇيغۇر دەپ ئۉزەمنى تونۇشتۇرسام، ئۇلار – ئۇيغۇر دىگەن يەيدىغان نەرسىمۇ ؟دەپ مەندىن سورايدۇ. مەن ھە ئە! دەپ جاۋاب بەردىم. يىغىن ئەھلى قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى.....
- قەيسەر قولىنى يىغىن ئەھلىگە كۉتۅرۈپ تۇرۇپ . بۇ مىنى* دىگەنلىرىم راس! سىلەر كۅلمە*لەر!
خىتاي كوممۇنىستلىرى بىز ئۇيغۇرلارنى ھازىر راستىنلا يەۋاتىدۇ.... دىگەندە، ھەممە تىمتاس بولۇپ قالدى. قەيسەر سۉزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى* تارىخى، دۇنيا مەدەنىيىتىگە قوشقان تۉھبىسى...... ئۇيغۇرلار ھازىر دۇچ كىلىۋاتقان رىيالنى مەسىلىلەر... تىل- يىزىق مەسىلىسى، ئاتالمىش قوش تىللىق مائارىپنى* ھەقىقىي ماھىيىتى قاتارلىق مەزمۇنلاردا سۉزلىگەندىن سىرت ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرىنى* قۇرۇلۇش تارىخى، ئىشلىگەن بىر قاتار خىزمەتلىرى ۋە خەلقئارا قەلەمكەشلىرى مەركىزىگە ئەزا بولۇش ئىلتىماسىنى ئوقۇپ ئۉتتى...


ھاياجانلىق مىنۇتلار
ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرىنى* ۋەكىلى قەيسەرنى* سۉزى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، تەرتىپ بويۇنچە بىز ئۇيعۇر ۋەكىللىرى يىغىن مەيدانىدىن چىقىپ كەتتۇق. قۇرۇلتاي ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرىنى ئاۋازعا قويدى.
ئەسلىدە ئاۋازغا قويۇش تالاش تارىتش 30 مىنۇت داۋام قىلىشى كېرەك ئىدى. بىز قەيسەر ئىككىمىز يىغىن مەيدانىدىن ئايرىلىپ 5 مىنۇت ئۉتمەي خەلقئارا قەلەمكەشلىرى خەلقئارا مۇناسىبەتلەر كومىتېتىنى* باشلىقى فرانك ئەپەندى بىزنى ئىزدەپ سىرتقا چىقىپتۇ، بىز دەرھال يىغىن مەيدانىغا كىردۇق. ھەممە ئورنىدىن تۇرۇپ گۈلدۈراس ئالقىشلار يا*رىتىپ بىزنى مۇبارەكلەپ چاۋاك چىلىشىۋىتىپتۇ، مەن ھاياجىنىمنى باسالماي نىمە دىيىشىمنى بىلمەي تۇرۇپلا قالدىم. بىردەمدىن كىيىن ئىسىمنى يىغىپ پۈتۈن زالدىكى قەلەمكەشلەر ۋەكىللىرىگە قولۇمنى ئىگىز كۉتۇرۇپ رەخمىتىمنى بىلدۇردۇم. كۉزلىرىمدىن تاراملاپ ھاياجان ياشلىرىم مە*زىمگە چۇشمەكتە ئىدى. بۇ مىنى* ھاياتىمدىكى 3- قىتىملىق ھەقىقى كۈلكەم ئىدى. بۇ ئۇيغۇر مىللىتىنى* خۇشاللىقى ئىدى.....
يىغىن داۋام قىلدى. سۉزگە چىققان يۇككا يەنىلا بۈتۈن قەلەمكەشلەر ۋەكىلىگە قاراپ: ئۇيغۇرىستان بىرىنچى قەدەمنى باستى،- دىدى. بۈتۈن يىغىن ئەھلى يەنە گۅلدىراس ئالقىشلار يا*راتتى.....


خەلقئارا قەلەمكەشلىرى مەركىزى، خەلقئارا مۇناسىبەتلەر كومىتېتىنى* مۇدىرى ئەنگلىيىدىكى مەشھۇر يازغۇچى فرانك ئەپەندى بىز بىلەن بىللە بولدى
يىغىندىن كىيىن كارىدوردا ھەممە بىز بىلەن ئارقا – ئارقىدىن خاتىرە رەسىمگە چۈشۈشكە باشلىدى. ئامېرىكا قەلەمكەشلىرىنى* باشلىغى مىنى* يېنىمغا كىلىپ: سىز رابىيە قادىر *انىمنى تونۇمسىز؟،- دىدى.
مەن دەرھال - تونۇيمەن، ئۇ بىز ئۇيغۇرلارنى* مەنىۋىي ئانىسى. ئۇيغۇر مىللى ھەركىتىنى* يولباشچىسى،- دىگەندە، ئۇ رابىيە قادىر بۈگۅنكى بۇ*وشخەۋەرنى ئا*لىسا سىزدىنمۇ بەكرەك خۇشال بولىدۇ، مەن ئۇنى* بىلەن ئامېرىكىدىكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا بىللە بولغان كۉپ ئىشلارنى مەن ئورۇنلاشتۇرغان.... ،- دىدى. ھەمدە سىز رابىيە قادىر *انىمغا سالام ئىيتى*!،- دىدى.

www.azatliq.com