PDA

View Full Version : Roza Heyt NAmizi Toghrisida



uaa_admin
30-09-08, 15:44
روزا ھېيت نامىزى توغرىسىدا

(Diyarim Toridin)

روزا ھېيت نامىزىنى* قاچان يولغا قويۇلغان:

روزا ھېيت نامىزى، رۇزىنى ئاچىدىغان كۈندە ئوقۇلىدىغان ناماز بولۇپ، ھىجرىيەنى* بىرىنچى يىلى يولغا قويۇلغان. روزا ھېيت نامىزى ئوقۇلىدىغان كۈن، شەۋۋال ئېيىنى* بىرىنچى كۈنىدۇر .

ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيت كۈنلىرى روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيت نامازلىرىنى ئوقۇيدىغان يەرگە كەلسە، ئەۋۋەل ناماز ئوقۇيتتى. نامازنى ئوقۇپ بولۇپ، كىشىلەر ئۆزلىرىنى* سەپلىرىدە ئولتۇرۇپ تۇرۋاتقان ۋاقتىدا ئۇلارغا قاراپ ۋەز ـ نەسىھە ت قىلاتتى، تەۋسىيەدە بۇلاتتى ۋە ئۇلارنى ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا بۇيرۇيتتى. ئەگەر پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىر يەرگە قوشۇن ئەۋەتمەكچى بولسا، ئەۋەتەتتى. ياكى بىر ئىشنى قىلىشقا بۇيرۇق بەرمەكچى بولسا، بۇيرۇق بىرەتتى. ئاندىن قايتىپ كېلەتتى.(1)

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيت كۈنلىرى ئەۋۋەل نامازنى ئوقۇيتتى، ئاندىن خۇتبە ئوقۇيتتى.(2)

روزا ھېيت نامىزىنى* ھۆكمى:

شەھەرلەردە ياكى چو* كەنتىلەردە ئولتۇرۇۋاتقان ۋە نامازغا كىلەلەيدىغان ئادەم ئۈچۈن روزا ھېيت نامىزىنى ئوقۇش ۋاجىبتۇر. چۈنكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام روزا ھېيت نامىزىنى ئوقۇشنى داۋام قىلغان ۋە كىشىلەرنى بۇ نامازغا چىقىشقا بۇيرىغان. بۇ ھەقتە ئۇممۇ ئەتىيە مۇنداق دەيدۇ: بىز ئىككى ھېيت كۈنلىرى (ناماز ئوقۇلىدىغان يەرگە) چىقىشقا بۇيرۇلدۇق. ھەتتا بىز قىزلارنى ئۆلار پۈركۈنۈپ تۇرىدىغان پەردىلەرنى* ئىچىدىن ۋە ھەيزدار ئاياللارنى ئېلىپ چىقاتتۇق .ئۇلار ئۇ كۈننى* بەرىكىتىنى ۋە پاكلىقىنى ئۈمىد قىلىپ كىشىلەرنى* ئارقىسىدا تۇرۇپ كىشىلەر ئېيتقان تەكبىرلەرنى ئۇلار بىلەن بىللە ئېيتاتتى ۋە ئۇلار بىلەن بىللە دۇئا قىلاتتى.(3)

ئەمما مۇساپىرگە، ئايال كىشىگە، كېسەل ئاجىز كىشىگە، قۇلغا ۋە تېخى بالاغەتكە يەتمىگەن كىچىك بالىغا روزا ھېيت نامىزىنى ئوقۇش ۋاجىب ئەمەس.

روزا ھېيت نامىزىنى* ۋاقتى:

روزا ھېيت نامىزى چاشكا نامىزىنى* ۋاقتىدا ئوقۇلىدۇ. روزا ھېيت نامىزىنى* ۋاقتى كۈن ئۇپۇقتىن نەيزە بۇيى كۆتۈرۈلىپ ئاقىرىشقا باشلىغاندىن تارتىپ تاكى كۈن ئىگىلگەنگە قەدەر داۋام قىلىدۇ. ئەگەر كۈن ناماز ئوقۇپ تۇرۇۋاتقان ۋاقىتتا ئېگىلىپ قالسا، ناماز بۇزۇلۇپ كېتىدۇ. يامغۇر ياغقانغا ياكى ئىمامنى* كەلمىگىنىگە ياكى ھاۋا تۇتۇق بولۇپ ئاينى كۆرەلمەي، ئۇنى كۈن ئىگىلگەندىن كېيىن كۆرگەنگە ئوخشاش بىرەر ئۆزرىنى* سەۋەبىدىن روزا ھېيت نامىزىنى ئوقۇشنى ئىككىنچى كۈنىگە كىچىكتۈرۈشكىمۇ بولىدۇ.

بۇ ھەقتە ئۆمەير ئىبنى ئەنەس مۇنداق دەيدۇ: ما*ا ئەنسارلىق تاغام پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى* زامانىسىدا كىشىلەرنى* رامزاننى* ئە* ئاخىرقى كىچىسىنى* ئاخشىمى يې*ى چىققان ئاينى كۆرەلمىگەنلىكىنى ۋە شۇنى* بىلەن ئۇلارنى* روزا تۇتقانلىقىنى، ئەتىسى كۈن ئىگىلىپ كېتىپ بولغاندىن كېيىن ئۇلارنى* پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى* قېشىدا ئۆزلىرىنى* كېچىدە يې*ى ئاينى كۆرگەنلىكىدىن گۇۋاھلىق بەرگەنلىكىنى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى* ئۇلارنى شۇ چاغنى* ئۆزىدە ئېغىزلىرىنى ئېچىۋېتىشقا بۇيرۇغانلىقىنى، ئۇلارنى* ئېغىزلىرىنى ئېچىۋاتقانلىقىنى ۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى* ئۇلارغا ئەتىسى روزا ھېيت نامىزىنى ئوقۇپ بەرگەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگەن.(4)

ھېچقانداق بىر ئۆزرە بولماي تۇرۇپ روزا ھېيت نامىزىنى ئوقۇشنى ئىككىنچى كۈنىگە كىچىكتۈرۈش توغرا ئەمەس.

روزا ھېيت نامىزىنى* ئوقۇلۇش شەكلى

روزا ھېيت نامىزىمۇ جۈمە نامىزىغا ئوخشاش ئىككى رەكەت بولۇپ، جامائەت بىلەن ئوقۇلىدۇ. لېكىن، روزا ھېيت نامىزىدا ئەزان ۋە تەكبىر ئوقۇلمايدۇ. بۇ ھەقتە ئىبنى ئابباس ۋ جابىر (اﷲ تائالا ئۇلاردىن رازى بولسۇن!) مۇنداق دەيدۇ: روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيت نامازلىرىغا ئەزان ئوقۇلمايتتى.(5)

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېدى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھېيت كۈنى چىقىپ ئەزان ۋە تەكبىر ئوقۇماستىن نامازنى باشلاپ ئوقۇپ بەرگەن.(6)

روزا ھېيت نامىزىنى قازا قىلىۋەتكەن ئادەم ئۇنى ئۆزى يالغۇز ئوقۇمايدۇ. ئەگەر ئۇنى*غا باشقا مەسچىتكە بېرىش مۇمكىن بولسا، نامازنى شۇ مەسچىتكە بېرىپ ئوقۇيدۇ. چۈنكى، روزا ھېيت نامىزىنى بىر نەچچە يەردە ئوقۇش توغرا بولىدۇ.

ھېيت نامىزىنى* تەكبىرلىرىنى ئېيتىش ۋاجىپتۇر. ئۇ تەكبىرلەر ھەر بىر رەكەتتە ئۈچ قېتىم ئېيتىلىدۇ. بىرىنچى رەكەتتە ئىمام تەكبىرلەرنى، نامازنى باشلاپ "سۇبھانەكەللاھۇممە" نى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئايەت ئوقۇشنى باشلاشتىن ئىلگىرى ئېيتىدۇ. ئىمامغا ئىقتىدا قىلغانلارمۇ تەكبىرلەرنى ئىمامغا ئەگىشىپ ئېيتىدۇ. ھەر قېتىم تەكبىر ئېيتقاندا قوللىرىنى قۇلىقىنى* يۇمشۇقىنى* ئۇدۇلىغىچە كۆتۈرىدۇ ۋە تەكبىرنى ئېيتىپ بولۇپ تاشلاپ تۇرىدۇ. ئىمام ھەر ئىككى تەكبىرنى* ئارىلىقىدا ئىقتىدا قىلغان ئادەملەر تەكبىرنى ئېيتىپ بولغانغا قەدەر ساقلاپ تۇرىدۇ. ئىككى تەكبىرنى* ئارىلىقىدا: "سۇبھانەللاھ ۋەلھەمدۇلىللاھ ۋە لا ئىلاھە ئىللەللاھ ۋە للاھۇ ئەكبەر" دەپ دېيىش خاتا ئەمەستۇر.

ئىككىنچى رەكەتتىمۇ تەكبىر سۈرە فاتىھە ۋە ئۇنى*غا قوشۇپ بىر سۈرە ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن رۇكۇغا بېرىشتىن ئىلگىرى ئۈچ قېتىم ئېيتىلىدۇ. تەكبىرلەرنى بىرىنچى رەكەتتە ئايەتلەرنى ئوقۇشنى باشلاشتىن ئىلگىرى ۋە ئىككىنچى رەكەتتە ئايەتلەرنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئېيتىشنى* سەۋەبى بولسا، ئىككى رەكەتتە ئوقۇلغان ئايەتلەرنى* ئارىسىغا بىر پاسىل چۈشمىسۇن، دېگەنلىك ئۈچۈندۇر. ئەگەر تەكبىرلەرنى ھەر بىر رەكەتنى* بېشىدا ئېيتسىمۇ بولىدۇ. لېكىن، ئە* ياخشىسى يۇقىرىدا بايان قىلىنغان شەكىلدە ئېيتىشتۇر.

مانا تەكبىرنى بىرىنچى رەكەتتە ئۈچ قېتىم ۋە ئىككىنچى رەكەتتە ئۈچ قېتىم ئېيتىپ جەمى ئالتە تەكبىر ئېيتىش بولسا، ئىبنى مەسئۇد ۋە ئۇنى*دىن باشقا كۆپ قىسىمدىكى ساھابىلارنى* (اﷲ تائالا ئۇلاردىن رازى بولسۇن!) تۇتقان يولىدۇر.

ئەگەر ئىمام ھېيت نامازلىرىدا تەكبىرلەرنى ئۈچ قېتىمدىن ئارتۇق ئېيتسا، ئىقتىدا قىلغان ئادەممۇ تەكبىرلەرنى ئىمامغا ئەگىشىپ شۇنچە قېتىم ئېيتىدۇ. چۈنكى، ھېيت نامازلىرىدا تەكبىرلەرنى ئۈچ قېتىمدىن ئارتۇق دېيىشمۇ بەزى ساھابىلاردىن رىۋايەت قىلىنغان ئىشتۇ ر.

ئەگەر ئىمام بىرىنچى رەكەتتە ئىسىدە يوق تەكبىرلەرنى ئېيتماي ئايەتلەرنى باشلاپ كەتكەن ۋە ئايەتلەرنى ئوقۇپ بولۇشتىن ئىلگىرى ئۆزىنى* تەكبىرلەرنى ئېيتمىغانلىقى ئىسىگە كەلگەن بولسا، تەكبىرلەرنى ئېيتىدۇ ئاندىن ئايەتلەرنى قايتا ئوقۇيدۇ. ئەمما تەكبىرلەرنى ئۇنتۇپ قالغانلىقى ئايەتلەرنى* ھەممىسىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئىسىگە كەلگەن بولسا، تەكبىرلەرنى ئېيتماستىن نامازنى ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرۋېرىدۇ ۋە نامازنى* ئاخىرىدا سەھۋە سەجدىسىنى قىلىدۇ.

ئەگەر بىر ئادەم بىرىنچى رەكەتتە ئىمامغا، ئىمام تەكبىرلەرنى ئېيتىپ بولۇپ تۇرغاندا يىتىشكەن بولسا، ئۇ ئادەم تەكبىرلەرنى ئىمام ئايەتلەرنى ئوقۇشقا باشلىغان بولسىمۇ، شۇ چاغنى* ئۆزىدە ئېيتىدۇ. ئەگەر ئۇ ئادەم تەكبىرلەرنى تاكى ئىمام رۇكۇ قىلغانغا قەدەر ئېيتمىغان بولسا، ئىمام بىلەن بىللە رۇكۇ قىلىدۇ ۋە تەكبىرلەرنى قوللىرىنى كۆتۈرمەستىن رۇكۇدا تۇرۇپ ئېيتىدۇ.

ئەگەر بىر ئادەم نامازنى* بىرىنچى رەكەتىگە ئۈلگۈرەلمىگەن بولسا، ئۇ ئادەم تەكبىرلەرنى ئۇ رەكەتنى* قازاسىنى قىلغىلى ئورنىدىن تۇرغاندا، ئايەتلەرنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئېيتىدۇ.

روزا ھېيت نامىزىنى* خۇتبىسى

ھېيت نامىزىنى* كەينىدىن ئىمامنى* ئىككى خۇتبە ئوقۇشى سۈننەتتۇر. ئىمام ئىككى خۇتبىنى* ئارىلىقىدا بىر قېتىم يە*گىل ئولتۇرىۋالىدۇ. بۇ ھەقتە جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېدى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام (ھېيت كۈنلىرى) ئەۋۋەل ناماز ئوقۇدى. ئاندىن كىشىلەرگە خۇتبە سۆزلىدى. (يەنى تەشۋىق قىلدى) پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام خۇتبىنى سۆزلەپ بولۇپ مۇنبەردىن چۈشۈپ ئاياللارنى* قېشىغا كەلدى ۋە بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى* قولىغا تايىنىپ تۇرۇپ ئۇلارغا ۋەز ـ نەسىھەت قىلدى. بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئىتىكىنى يېيىپ تۇراتتى. (سەدىقە قىلماقچى بولغان ئاياللار) سەدىقىسىنى ئۇنى* ئىتىكىگە تاشلايتتى.(7)

ئىمام مۇنبەرگە چىققان ۋاقتىدا خۇتبە ئوقۇماستىن ئولتۇرمايدۇ. چۈنكى، ئەسلىدە مۇنبەرگە چىققاندىن كېيىنلا مۇنبەردە ئولتۇرۇش، مۇئەززىننى* ئەزان ئوقۇپ بولىشىنى كۆتۈپ تۇرۇش ئۈچۈندۇر. ئەمما ھېيت نامازلىرىنى* خۇتبىسىدە ئەزان ئوقۇلمايدۇ. شۇنى* ئۈچۈن ئىمامنى* مۇنبەرگە چىقىپلا خۇتبە ئوقۇماستىن ئۇنى*دا ئولتۇرۇشىغا بولمايدۇ.

ئىمامنى* بىرىنچى خۇتبىدە خۇتبىنى باشلاشتىن ئىلگىرى توققۇز قېتىم، ئىككىنچى خۇتبىدە خۇتبىنى* بېشىدا يەتتە قېتىم، ئاخىرىدا ئون تۆت قېتىم تەكبىر ئېيتىشى مۇستەھەپتۇر.

روزا ھېيت كۈنلىرى قىلىش سۈننەت قىلىنغان ئىشلار

روزا ھېيت كۈنلىرى نامازغا چىقىشتىن ئىلگىرى تاتلىق بىر نەرسە يېيىش سۈننەتتۇر. خۇرما يېيىش ئە* ياخشىدۇر. لېكىن، ئۈچ دانە، بەش دانىگە ئوخشاش تاق بولۇشى لازىمدۇر. بۇ ھەقتە ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام روزا ھېيت كۈنى ھەتتا تاق قىلىپ بىر نەچچە تال خۇرما يىۋالمىغۇچە نامازغا چىقمايتتى.(8)

ئۇ كۈندە يۇيۇنۇش، مىسۋاك قىلىش، خوش بوي نەرسە قوللۇنۇش، چىرايلىق كىيىم كېيىش، نامازغا كەلگىچە يولدا ئىچىدە تەكبىر ئېيتقاچ كېلىش، ئۈستۈدىكى پىتىر سەدىقىسىنى ئادا قىلىش ۋە خۇش چىراي بولۇش سۈننەتتۇر.

بۇ ھەقتە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھېيت كۈنى قىزىل تون كىيەتتى.(9)

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىككى ھېيت كۈنلىرى ئە* چىرايلىق كىيىملىرىنى كىيەتتى، دېدى.(10)

نامازغا ما*غان ئادەم ھېيت نامىزى ئوقۇلىدىغان يەرگە يېتىپ كەلگەنگە قەدەر يولدا تەكبىر ئېيتىپ ما*ىدۇ.

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى* ئىككى ھېيت كۈنلىرى تاكى ناماز ئوقۇيدىغان يەرگە كەلگەنگە قەدەر (يولدا) تەكبىرلەرنى ئاۋازلىق قىلىپ ئېيتىپ كېلىدىغانلىقى ۋە ئۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىنمۇ تاكى ئىمام كەلگەنگە قەدەر تەكبىر ئېيتىپ تۇرىدىغانلىقى رىۋايەت قىلىنغان.(11)

تەكبىرنى* شەكلى مۇنداقتۇر: ئەللاھۇ ئەكبەر. ئەللاھۇ ئەكبەر. لا ئىلاھە ئىللاللاھۇ. ۋەللاھۇ ئەكبەر. ئەللاھۇ ئەكبەر. ۋە لىللاھىل ھەمدۇ.

يەنى ئىككى قېتىم "ئەللاھۇ ئەكبەر" دەپ بولغاندىن كېيىن بىر قېتىم "لا ئىلاھە ئىللاللاھۇ" دەپ دېيىلىدۇ ئاندىن يەنە ئىككى قېتىم "ئەللاھۇ ئەكبەر" دەپ دېيىلىدۇ. ئە* ئاخىردا "ۋە لىللاھىل ھەمدۇ" دەپ دېيىلىدۇ. بۇ تەكبىرنى ئاۋازلىق قىلىپ ئېيتىش ۋاجىپتۇر. شۇنداق قىلىشنى سۈننەت دېگەن قاراشمۇ بار. ئەمما ئايال كىشى تەكبىرنى ئىچىدە ئېيتىدۇ.

تەكبىرنى بۇ شەكىلدە ئېيتىش ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغاندۇر.

ھېيت نامىزىنى ئوقۇشتىن ئىلگىرى ۋە ئۇنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن تاكى ئۆيگە قايتىپ كەلگەنگە قەدەر نەپلە ناماز ئوقۇلمايدۇ. بۇ ھەقتە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېدى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام رۇزى ھېيت كۈنى ناماز ئوقۇيدىغان يەرگە چىقىپ ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇپ بەردى. بۇ ئىككى رەكەت نامازدىن ئىلگىرى ۋە يا ئۇن*دىن كېيىن ھېچقانداق ناماز ئوقۇمىدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە بىلالمۇ بار ئىدى.(12)

روزا ھېيت كۈنى نامازغا بارغان ئادەم نامازغا بېرىشتا باشقا يول بىلەن، كېلىشتە باشقا يول ما*ىدۇ. بۇ ھەقتە جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام روزا ھېيت كۈنىدە يولنى ئالماشتۇراتتى.(13) يەنى نامازغا بېرىشتا باشقا يول بىلەن كېلىشتە باشقا يول بىلەن ما*اتتى.






|

--------------------------------------------------------------------------------






([1]) بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارىي رىۋايەت قىلدى.

([2]) بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارىي رىۋايەت قىلدى.

([3]) بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارىي رىۋايەت قىلدى.

([4]) بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەھمەد، ئەبۇداۋۇد ۋە تەھاۋىي قاتارلىقلار رىۋايەت قىلدى. ھەدىسنى* سۆزى تەھاۋىينى*دۇر.

([5]) بۇ ئەسەرنى ئىمام بۇخارىي رىۋايەت قىلدى.

([6]) بۇ ھەدىسنى نەسائىي رىۋايەت قىلدى.

([7]) بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارىي رىۋايەت قىلدى.

([8]) بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارىي رىۋايەت قىلدى.

([9]) بۇ ھەدىسنى تەبراني رىۋايەت قىلدى.

([10]) بۇ ھەدىسنى بەيھەقىي رىۋايەت قىلدى.

([11]) بۇ ئەسەرنى دارى قۇتنىي ۋە بەيھەقىي رىۋايەت قىلدى.

([12]) بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارىي رىۋايەت قىلدى.

([13]) بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارىي رىۋايەت قىلدى.
مەنبە:http://www.islamhouse.com/p/178004