PDA

View Full Version : Weten Haini nur bekirge !



Abdurehimjan
24-09-08, 10:15
--------------------------------------------------------------------------------

--------------------------------------------------------------------------------



ئابدۇرەھىمجان

نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق "كادىرلار" يىغىنىدا سوز قىلغان قورچاق ئەمەلدار نۇر بەكرى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى* سىياسى ۋەزىيىتىنى* مۇقىمسىز ئىكەنلىكىنى، بۇ ئۆلكىنى خىتايغا باغلاپ تۇتۇپ تۇرۇش ئاسانغا چۇشمەيۋاتقانلىغىنى، ۋەزىيەتنى مۇقىملاش ئۇچۇن يەنىمۇ ئاكتىپچان بولۇش كېرەكلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.
نۇر بەكرىنى* نۇتقىدىكى "بۆلگۇنچى كۈچلەر، جۇ*گۇنى* زىمىن پۇتۇنلۇكىنى پارچىلاش، ۋەتەننى* بىرلىكىنى پارچىلاش" دېگەندەك تۇراقلىق سىياسى جۇملىلەر نۇر بەكرىگە تە-ئەللىق سۆزلەر بولماستىن، بەلكى زوراۋان، ئەكسىيەتچى، مۇستەملىكىچى، ئىرقى قىرغىنچى، جاھىل خىتاي تاجاۋۇزچى ھۆكۈمرانلىرى ھۆججەتلەشتۇرگەن ئەكسىيەتچى شۇئاردۇر.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تىرتۇرىيەسىدە يۈز بېرىدىغان ھەر قانداق بىر كىشىلىك ھادىسىگە -" خىتاي ھۆكۇمىتىدىن كىشىلىك ئوچ ئىلىش،كىشىلىك ئىنتىقام ئىلىش، خىتاي خەلقىدىن شەخسى ئوچ ئېلىش،جاندىن تويۇپ مەيدانغا سەكرەپ چىقىش" قاتارلىق كىشىلىك ۋە يەككە غەرەزدە سادىر قىلىنغان ھەر قانداق بىر غەيرى نورمال ۋەقەگە قارىتا ئەكسىيەتچى، جاھىل،زوراۋان خىتاي ھۆكۈمرانلىرىنى* جازا مەۋقەسىز ئەزەلدىن سىياسى شەكىلدە بولۇپ كەلگەن ۋە" مىللى بۆلگۈنچىلىك ئەكسىل ئىنقىلابىي ھەرىكەت، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلمىش، دۆلەتنى* زىمىن پۇتۇنلىكىگە قارشى سىياسى سۇيىقەست." قاتارلىق ھۆججەتلەشتۇرۇلگەن مۇقىم سىياسى تۇس ئالغان ئەكسىيەتچىل ماددىلاردۇر بولۇپ كەلمەكتە . شۇنى*دەك ۋەتىنىمىز چېگرىسى ئىچىدە تەشكىللىك، كوللئىكتىپچانلىق ئېلىپ بېرىلغان مىللىي ئىنكاس قايتۇرۇش، مىللىي قوغدىنىش ھەرىكەتلىرىگە قارىتا خىتاي ئەكسىيەتچى ھۆكۈمرانلىرىنى* تەكىتلەپ كېلىۋاتقىنى " چېگرا سىرتىدىكى شەرقى تۇركىستانچى بۆلگۈنچى كۈچلەرنى* قۇتراتقۇلىغى، جۇ*گۇنى* زىمىن پۇتۇنلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان غەربتىكى دۇشمەن كۇچىلىرىنى* ياردىمى." دېگەندەك ئىزچىل، تۇراقلىق سىياسى جۇملىلەردىن ئىبارەتتۇر.
خىتاي ئەكسىيەتچى ھۆكۈمرانلىرىنى* مەزكۇر سىياسى مەيدانىغا قىسقىچە مۇنداق باھا بېرىلىشى تامامەن ئورۇنلۇق:




كىشىلىك ھوقۇقنى ھىمايە قىلغۇچى، مىللىي ھوقۇقنى قوغدىغۇچى، ئىنسان ئىززىتنى ھەممىدىن ئەلا بىلگۇچى، دوستلۇقنى، تىنچلىقنى قەدىرلىگۇچى غەرب ئەللىرى ئۇيغۇر تەرەپتە ئىكەنلىكىنى خىتاي ئەكسىيەتچى ئەمەلدارلىرىنى* ئۆز ئېغىزى بىلەن جاكارلىشى ئۇيغۇرلار ئۇچۇن بىر چو* غەلىبىلىك نەتىجىدۇر.
دەرۋەقە تىنچلىق پەرۋەر، ئادالەت سۇيەر، ئادالەت،تىنچلىق ۋە ئەركىنلىك ئۇچۇن جاننى ئاتاپ قويىدىغان ئۇيغۇر مىللىتى غەرب ئەللىرى بىلەن دوستلىشىپ بولدى. ئىنسانىي ئەخلاققا، كىشىلىك ۋە مىللىي تەپەككۇرى، ئىنسانىيەتنى، كىشىلىك ئىززىتنى قەدىرلەشتە غەرپلىكتىن قەلىشمايدىغان گۇزەل خىسلەتكە ئىگە ئۇيغۇر مىللىتىنى غەربلىك ھورمەتلىدى ۋە قەدىرلىدى. بۇ ھال خىتاينى* جان- جەھلىگە تىگىپ كەتتى. پۇتۇن خىتاي ئەمەلدارلىرى بىئارام بولماقتا. خىتاي تىللىق قورچاق ئەمەلدار نۇر بەكرى ئەشۇ بىئارام بولىۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى* بىرىدۇر!
مەن خىتاي ھوكۇمرانلىغىنى* زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان، ئاتا- بوۋىسىدىن تارتىپ، كېيىنكى ئەۋلادقىچە خىتاي ھوكۇمرانلىغىنى* زۇلۇمىغا مەھكۇم بولغان، قان قەنىدا قىساس ئورناپ كەتكەن مىليونلىغان ئۇيغۇرنى* بىرى بولۇش سالاھىيتىم بىلەن، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىگە مەنسۇپ ۋە رابىيە قادىرنى قوللىغۇچى بىرى بولۇش سالاھىيىتىم بىلەن قورچاق ئەمەلدار نۇر بەكرىدىن نۇتىقىغا قىسقىچە رەددىيە بېرىشنى زۇرۇر كۆردۇم. تۆۋەندە ئۇنى* نۇتقىنى* تەرجىمىسىدىن ئۇزۇندە شەكلىدە نەقىل ئېلىپ، رەددىيەرىمنى تەقدىم قىلىمەن.
(نۇربەكرىنى* ئاپتونوم رايونلۇق كادىرلار يىغىنىدا سۆزلىگەن سوزىنى* رابىيە خانىم ۋە دۇق قا مۇناسىۋەتلىك قىسمىنى* تەرجىمىسى )
ئۇزۇندە: (قورچاق ئەمەلدار نۇر بەكرى)
" دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى" قاتارلىق تەشكىلاتلار چېگرا سىرتىدا تۇرۇپ، بۆلگۈنچى كۈچلەرگە نىسبەتەن رەتلەش، پىلان تۈزەش ئىشلىرىنى ئىلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، ئاتالمىش " شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى" نى كوتۇرۇپ چىقىپ بىز بىلەن سىياسى جەھەتتىن كۇچ سىنىماقتا. رابىيە قادىر باشچىلىقىدىكى " دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئاتالمىش " 50 يىللىق پىلان" نى تۈزەپ چىقىپ، تەشكىلاتلارنى تەرتىپكە سېلىش، بىز بىلەن قانۇنىي ۋە مەدەنىي يوسۇندا كۈرەش ئېلىپ بېرىپ، " شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى" نى خەلقارالاشتۇرماقچى ۋە ئاخىرىدا " شىنجا*نى مۇستەقىل قىلىش" مەقسىتىگە يەتمەكچى بولىۋاتىدۇ.
رەددىيە:
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، قورچاق ئەمەلدار نۇر بەكرى تۆھمەت قىلىۋاتقاندەك " بۆلگۈنچى كۈچلەر" نى رەتلەپ، ئۇلارنى* ھەرىكەتلىرىگە پىلان توزۇپ بىرىۋاتقىنى يوق. ۋەتىمىنىز ئىچىدە يۈز بېرىۋاتقان ھەر قانداق بىر ھەرىكەت بىلەن دۇق نى* تەشكىلى باغلىنىشى مەۋجۇت ئەمەس. ئۇنداق بولۇش ئىمكانىيتىمۇ يوق. چۈنكى خىتاي تاجاۋۇزچى ھوكۇمرانلىغى ۋەتىنىمىز ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارغا چەتئەل بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ، پىلان، ۋەزىپە تاپشۇرىۋالغۇدەك پۇرسەت بەرگىنى يوق. خەلقىمىزنى ياشاش پۇرسىتىدىنمۇ قىسماقتا. بۇنى قورچاق ئەمەلدار نۇر بەكرى ياخشى بىلسە كېرەك. لېكىن چەتەلدىكى ئۇيغۇر سىياسى تەشكىلاتلىرى (قورچاق ئەمەلدار نۇر بەكرى ئەيتمىسىمۇ) شەرقىي تۈركىستان مەسىلسىنى كوتۇرۇپ چىقىۋاتقىنى ئەمەلىيەتتۇر. بۇ قانداقتۇر "خىتاي بىلەن كۇچ سىنىشىش" بولماستىن، ھەققانى ھەق تەلەپ ھەرىكىتىدۇر. شۇنى*دەك رابىيە قادىر ۋەدۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى چەتەللەردىكى ئۇيغۇر سىياسى تەشكىلاتلىرىنى رەتلەپ، مەركەزلەشتۇرۇشكە تىرىشىۋاتىدۇ، لېكىن قورچاق ئەمەلدار نۇر بەكرى ئېيتقاندەك "50 يىللىق پىلان" تۇزۇش مەسىلىسى مەۋجۇت ئەمەس. چۈنكى
خىتاينى* ۋەتىنىمىزنى يەنە 50 يىل بېسىپ يەتىشىغا قورچاق ئەمەلدار نۇر بەكرى ئىشەنسىمۇ خىتايلارنى* ئۆزىدە ئۇنچىلىك ئىشەنچ قالمىدى. ئەينى ۋاقىتتا جىئا* كەيشى ئۆزىنى* شىنجا*دىكى سادىق غالچىلىرىنى تاشلاپ، تەيۋەنگە قاچقىنىدەك، بۇگۇنكى قان قەرزگە بوغۇلغان خىتاي جاللاتلىرىمۇ يېقىن كەلگۈسىدە قاچىدىغان يەر ئىزدەيدۇ. مانا بۇ بىزنى* ئىشەنچ ۋە پىلانىمىز!
سىز ئاتالمىش " 50 يىللىق پىلان" سەپسەتى*ىز ئارقىلىق ئالدى*ىزدا مەھكۇملارچە تىز پۇكۇپ ئولتۇرغان بىچارە " كادىر" لىرى*نىزنى ئۇمۇتسىزلەندۇرۇش، ئۇلارنى* روھىنى يەنە 50 يىل ختايغا باغلاش نىيتىدە بولغانسىز.
ئۇزۇندە: ( قورچاق ئەمەلدار نۇر بەكرى)
رابىيە قادىر ھەم " دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى" قاتارلىق جۇ*گوغا قارشى كۈچلەرنى* چاقىرىغى بىلەن، 2008- يىلى 3- ئايدىن بۇيان، چېگرا سىرتىدىكى مىللى بۆلگۈنچى كۈچلەر نامايىش قىلىش،تەشۋىقات ۋاراقىسى تارقىتىش، مۇخبىرلارنى كۇتۇۋەلىش يىغىنى (بايانات )، تور بەتلىرى ئارقىلىق تەشۋىق قىلىش قاتارلىق كوپ خىل ئۇسۇللار بىلەن ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىش ھەركەتلىرى ئېلىپ باردى.
رەددىيە:
مەزكۇر پائالىيەت قانداقتۇر سىز ئېيتقاندەك رابىيە قادىر ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى* ئىشى بولماستىن بەلكى پۇتۇن دۇنيادىكى ئەركىنلىكنى ياقلىغۇچى، ئىنسانىيەتنى قەدىرلىگۇچى، ئولىيمپىكنى ھۆرمەتلىگۇچى كىشىلەرنى* ئورتاق پائالىيتىدۇر. ئولىيمپىكنى ئوتكۇزۇش ھوقۇقىنى* خىتايغا بېرىلىشى خىتاينى* ئىجابى نەتىجىسى بولماستىن ئەكسىچە شۇ ھوقۇقنى خىتايغا بەرگەن غەرپلىكنى* غەلبىسى بولۇپ قالدى. بۇنى يەقىندا سىز بىلەن بىرگە كۆرىمىز!
ئۇزۇندە: ( قورچاق ئەمەلدار نۇر بەكرى)
لاسا " 14- مارت " تىبەت توپىلى*ى يۈز بەرگەندىن كىيىن، رابىيە قادىر ھەم " دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى" قاتارلىق " شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بايانات ئېلان قىلىپ، تىبەتنى* مۇستەقىللىقنى قوللىدى، ھەم " دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى " نى* باشقۇرۇشىدىكى تەشكىلاتلارنى دەرھال چېگرا ئىچىگە ئادەم كىرگۇزۇپ، لاسا ۋەقەسىدىن پايدىلىنىپ، زور كولەملىك نامايىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، خەلقارا جەمئىيەتلەرنى* " شەرقىي تۈركىستان" مەسىلىسىگە دىققىتىنى تارتماقچى بولدى.
رەددىيە:

ئۇزۇندە: ( قورچاق ئەمەلدار نۇر بەكرى)
" 4- ئاۋغۇست" ۋە " 10- ئاۋغۇست " ۋەقەسىدىن كېيىن، " دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى" قاتارلىق بۆلگۈنچى تەشكىلاتلار ئاق- قارىنى ئاستىن- ئۇستىن قىلىپ، يوقنى بار قىلىپ، بىزگە "ئولىمپىكتىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنى باستۇردى "دەپ ھۇجۇم قىلدى. شۇنى* بىلەن بىللە ئۇلار يەنە تور بەتلىرىدە مۇراجەت ئېلان قىلىپ، پۈتكۈل يەر شارى خاراكتېرلىك " ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىش" نامايىشلىرىنى تەشكىللىدى ؛ شۇنداقلا تور ئالاقىسى ئارقىلىق چېگرا ئىچىگە ئادەم كىرگۇزۇپ ئەكسىيەتچىل تەشۋىق ۋەرەقىلىرىنى ئاپتونوم رايون ئىچىگە تارقىتىپ بىزگە نىسبەتەن ئەكسىيەتچىل تەشۋىقات ھۇجۇمى ئېلىپ باردى؛ بىزدىن ئاكتىپلىق بىلەن خەلق ئاممىسىنى تالاشتى ۋە ئۇلارنى* ھىسيات جەھەتتىكى مايىللىقىنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولدى.
رەددىيە:

ئۇزۇندە: ( قورچاق ئەمەلدار نۇر بەكرى)
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان رابىيە قادىر ياۋروپا ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردە زىيارەتتە بولۇپ دۆلىتىمىز ھۆكۈمىتىگە ھۇجۇم قىلىپ، جو*گونى* سىياسىتىنى قارىلاپ، نوبىل تەچلىق مۇكاپاتىنى ئالداپ قولغا كەلتۈرمەكچى بولدى.
رەددىيە:
نەقەدەر كۇلكىلىك. بۇ ئادەم شۇنچىلىك مەلۇماتسىز، دۇنيادىكى ئىشلاردىن قىلچىمۇ خەۋەرسىز ئادەممىدۇر. بەلكىم ئۇ ئۆزى ئوز بېشىمچىلىق بىلەن سۆزلىيەلمەيدۇ. خىتاي ئاكادەمىكلار تەييارلاپ بەرگەن نۇتۇقلارنى ئوقۇپ ئوتكەندۇر. ئانىمىز ۋە سۇيۇملىك رەھبىرىمىز رابىيە قادىر 4 يىلدىن بۇيان ئۇدا نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات بولۇۋاتقان تۇرسا. نوبىل مۇكاپاتى قولغا كىرگۈزۈش ئالدامچىلىق ئىشى ئەمەس. ئۇ مۇكاپات تەقدىم قىلغۇچى شەخسىلەرنى* ئاۋاز كوپچىلىگى بىلەن بولىدىغان ئىش. بۇنداق بىر تەتىقسىز گەپلەرنى " كادىرلار يىغىنى"دا سۆزلەپ ئولتۇرۇش ئاشۇ ئەمەلدارنى* پۇچەكلىگىدىن دېرەك بېرىدۇ خالاس.
ئۇزۇندە: ( قورچاق ئەمەلدار نۇر بەكرى)
بىز نۆۋەتتە رابىيە قادىر ۋە " شەرقىي تۈركىستان " بۆلگۈنچى كۈچلىرىنى* قۇتراتقۇلۇق قىلىپ، مىللى بۆلگۈنچىلىك ۋە زورلۇق خاراكتېرىنى ئالغان تېررورلۇق پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىپ، پۈتكۈل ئاپتونوم رايونىنى* مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشتەك ئەكسىيەتچىل ماھىيىتى ۋە مەقسىتىنى ئېچىپ تاشلاپ، ھەرقايسى مىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىنى* سىياسى ھوشيارلىقىنى ئوستۇرۇشىمىز لازىم.
رەددىيە:
رابىيە قادىر ۋە شەرقى تۇركىستانچى تەشكىلاتلار ھېچقانداق " زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى"نى قوللانمايدۇ. ئۇلارنى* قولىدا قاتمۇ-قات چېگرا مۇداپىئەسىنى بۇزۇپ كىرىپ زوراۋانلىق قىلغۇدەك يۇقىرى تىپتىكى ئۇرۇش ئۇسكۇنىلىرى يوق. ئۇلارنى* قولىدا ھەققانى تەلەپ، ھەققانى دەۋا ۋە قەلەم-قەغەز بار. ئۇلارنى* ۋەتىنىمىز ئىچىدە قۇتراتقۇلۇق پەيدا قىلغۇدەك تەشكىلى تورى يوق! ئۇلارنى* پائالىيىتى پەقەتلا غەربكە دىپلوماتىك مۇناسىۋەتكە قارىتىلغان. ئەگەر قورچاق ئەمەلدار نۇر بەكرى ئېيتقاندەك، ئاپتونوم رايوننى* ئىچىدە مۇقىمسىزلىق يۈز بەرگەن بولسا، بۇنى* جاۋابكارلىقى زالىم، ۋەھشى، زوراۋان تەررورىست خىتاي ھوكۇمرانلىرىدۇر. ئۇلار ئادالەتسىز، زوراۋان، ئەزگۈچى سىياسەتنى قانچىلىك يۇرگۇزىدىكەن مۇقىمسىزلىك شۇنچىلىك كە* بولىدۇ. ئۇلار خەلقنى باستۇرۇش ئۇچۇن سىياسى ھۇشيارلىقىنى قانچىلىك ئوستۇرمىسۇن بەرىبىر! كىشىلىك ھوقۇق، مىللىي ھوقۇق، ئىنسانىي ئادالەت يۇرگۇزۇلمىگەن دۆلەتتە ئاشۇنداق مۇقىمسىزلىك داۋاملىشىدۇ.
ئۇزۇندە: ( قورچاق ئەمەلدار نۇر بەكرى)
خاراكتېرى ئېغىر، تەسىرى يامان بولغان " 4- ئاۋغۇست"قاتارلىق 3 قېتىملىق تېررورلۇق ۋەقەسى، قارىماققا قەبىھلىكى چېكىدىن ئاشقان، ئىنسانىي ھېسداشلىق خىسلىتىنى يوقاتقان بىرنەچچە نەپەر مىللى بولگۇنچىنى* زوراۋانلىق ھەركىتىدەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ئۇنى* تېگى- تەكتىنى چو*قۇرلاپ تەكشۈرگەندە بۇ تارىخى ئەقىم سەۋەبىدىن ئېلىپ بېرىلغان، پارتىيە- ھۆكۈمەتكە قارشى، خەلق ئاممىسىنى* دېموكراتىك ھاكىمىيىتىگە قارشى ئىدىيەدىكى، ۋىجدانىنى يوقاتقان كىشىلەرنى* ھەرقايسى مىللەتتىن بولغان بەختسىز ئاممىغا قارىتا ئېلىپ بارغان قانلىق " غازات " ھەركىتىدۇر.
رەددىيە:
مەزكۇر ھەرىكەتكە قارىتا خىتاي ھۆكۈمرانلىرى قانداق بۇرمىلاپ دېلو تۇرغۇزىشىدىن قەتى نەزەر، ھەرىكەتنى* زەربە بېرىش نۇقتىسى قورچاق ئەمەلدار ئېيتقاندەك بەختسىز خەلق ئاممىسىغا قارىتىلغانلىقى ئىسپاتسىز. ئىنتېرنېت تورلىرىدا خىتاي ئېلان قىلغان سۈرەتلەردە ئاساسەن زوراۋان خىتاي ئەسكەرلىرىنى* ئويۇنلىرى كورۇلمەكتە. ھەرىكەتچىلەر نامىدىن قالدۇرۇلغان ۋەسىيەت خىتىنىمۇ خىتاي ئويدۇرۇپ چىققان ساختا يازمىلار بولىشى مۇمكىن. قولغا چۈشكەندىن كىيىن، قىيناپ شۇنداق يازدۇرغان بولۇشىمۇ ئىھتىمال شۈبھىسىزكى ئۇلارنى* قىلمىشلىرى ئوچ ئېلىش ۋە قىساس ئېلىش ھەرىكەتلىرىدۇر.
ئۇزۇندە: (قورچاق ئەمەلدار نۇر بەكرى)
بۇ ھەرىكەت ھەم چگرا سىرتى ۋە ئىچىدىكى " 3 خىل كۈچلەر" نى* ئوز- ئارا ھەمكارلىشىپ، ئىچكى-سىرتقى جەھەتتىن پىلانلاپ، چېگرا سىرتىدىن قوماندانلىق قىلىپ، چېگرا ئىچىدە ھەرىكەت ئېلىپ بارغانلىغىنى* ئىپادىسى ھەم ئۈزلۈكسىز كۇچەيگەنلىكىنى* نەتىجىسىدۇر. بولۇپمۇ رابىيە قادىر رەھبەرلىكىدىكى " دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى " ۋە " شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى " ۋەكىللىكىدىكى زوراۋان تېررورچى تەشكىلاتلارنى* ئاز ساندىكى نادان ئاممىغا قارىتا ئېلىپ بارغان ئۇزۇن مۇددەتلىك تەشۋىقاتى ۋە ئالداش خاراكتېرلىك قۇتراتقۇلۇق ھەرىكىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان يامان ئاقىۋەتتۇر.
رەددىيە:
خىتاي ھوكۇمرانلىغىنى* " 4 كىشىلىك گوروھ، 5 كە قارشى ھەرىكەت، 5 خىل ئۇنسۇر، 4 نى چى* تۇتۇش، 3 كە قارشى تۇرۇش „دېگەندەك شۇنداق بىر سېسىپ كەتكەن، قېلىپلاشقان سىياسى شوئارى باركى بۇنداق بىمەنە ئەمما خەلىققە تەھدىتلىك سىياسى بۇيرۇق، خىتايدىن باشقا دۆلەتلەردە ئەسلا بولمىسا كېرەك. خىتاي ھۆكۈمرانلىرى ئۆزلىرى ئىشلىگەن جىنايەتلەرنى دائىم باشقىلارغا چاپلايدۇ، ئۆزلىرى جىنايى جاۋابكارلىقتىن باش تارتىدۇ، خىتاي ھوكۇمرانلىرىدا ھېسسىيات، ۋىجدان، ئەخلاق، نومۇس، ئىنسانىي خىسلەت، مەسئۇلىيەت تۇيغۇلىرى تېپىلمايدۇ.
مەزكۇر 4-ئاۋغۇست، 10.ئاۋغۇست ھەرىكەتلىرىنى* خارەكتەرىنى ئەشۇنداق باھالىغان. دېموكراتىك غەرب دۆلەتلىرىدە شۇنداق بىر ھادىسە يۈز بەرسە، چو*راق بولغاندا ھۆكمەت ئالمىشىپ ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيىلەر ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىدۇ، كىچىكرەك بولغاندا مۇناسىۋەتلىك مىنىستىرلار ئىستىپا بېرىدۇ. لېكىن خىتاي دۆلىتى دىكتاتور، زالىم، ئەمەلخۇمارلارنى* دۆلىتى بولغاچقا ئەمەلدارلار مەسۇلىيەتچانلىقتىن ئۆزلىرىنى قاچۇرۇپ، ئاجىزلارنى، چېگرا سىرتىدىكىلەرنى جاۋابكار تۇتىدۇ. بۇ خىتاي دۆلىتىنى* ئەنەنىسىدۇر. خىتاي تىللىق قورچاق ئەمەلدار نۇر بەكرىمۇ ئاشۇنداق خىتايلاشقان ئەمەلدارنى* بىرىدۇر.
شەرقىي تۈركىستان تەۋەسىدە بولىۋاتقان ھەر قانداق ھەرىكەتتە نە دۇق نى*، نە رابىيە قادىرنى*، نە شەرقى تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنى* قولى بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. ھەتتا دۇنيادىن خەۋەرسىز قورچاق ئەمەلدار نۇر بەكرى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنى* نامدا بار، ئەمەلدە يوقلىغىنىمۇ بىلمىگەنلىكى ئۇنى* نەقەدەر بىچارە ئەمەلدار ئىكەنلىكىنى كورسەتمەكتە ياكى ئۇ شۇنداق بىر پارتىيەنى* باش كوتىرىپ چىقىپ، ئۇيغۇر سىياسى ھەرىكىتىدە يەنە بىر قېتىم بولۇنىشنى* كېلىپ چىقىشىنى يۇشۇرۇن تەشەببۇس قىلماقتا.
ئۇزۇندە: ( قورچاق ئەمەلدار نۇر بەكرى)
ئەسلى، رابىيە قادىر ئىقىمىدىكىلەر بۇ ھەرىكەتلەرنى* ھەقىقى پەردە ئارقىسىدىكى پىلانلىغۇچىلىرى، ھەم ھەقىقى باش جىنايەتچىسىدۇر. زور كۆپلىگەن ۋەقەلەر چېگرا ئىچى- سىرتىدىكى " 3 خىل كۈچلەر "، "شىنجا*نى* مۇستەقىللىقى " ئارزۇسىغا يىتىش ئۇچۇن، غەربتىكى جۇ*گوغا قارشى كۈچلەرنى* قوللىشى بىلەن، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئوز- ئارا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، " شەرقىي تۈركىستان ئىسلام تەشكىلاتى "، " شەرقىي تۈركىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى " قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى* پەردە ئارقىسىدىكى " يانتايىقى " بولغان. رابىيە قادىر ھەم " دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى " سەھنىدە " تىنچلىق بىلەن نارازىلىق بىلدۈرۈش " ئويۇنىنى ئوينىسا، چېگرا ئىچىدىكى " 3 خىل كۈچلەر " خىلۋەتتە ئۇلارغا ماسلىشىپ، بىرلىكتە بىزگە قارشى بۇزغۇنچىلىق ۋەزىيىتى شەكىللەندۇرگەن.
رەددىيە:
ۋەتىنىمىز ئىچىدە يۈز بېرىۋاتقان مەزكۇر ھەرىكەتلەر قورچاق ئەمەلدار نۇر بەكرى ئېيتقاندەك، سىياسى پىلانلىق ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتلەر بولغان بولسا، ئۇ ھەرىكەتلەرنى* پىلانلىغۇچىلىرى دۇق ۋە ياكى رابىيە قادىر بولغان بولسا، جەزمەنكى ئۇ ھەرىكەتلەرنى خىتايلارنى* باستۇرۇپ يوقىتىشى مۇمكىن بولمىغان بولاتتى. چۈنكى دۇق ۋە رابىيە قادىرنى* ئارقىسىدا جۇ*گوغا قارشى كۇچلۇك غەرب دۆلەتلىرى بار ئەمەسمۇ! دېمەك ئۇ ھەرىكەتلەر ياكى شۇنداق پىلانسىز، ئوز مەيلىچە قىساس ئېلىش، ئوچ ئېلىش مۇددىئاسىدا سادىر بولغان. ..ياكى پىلانلىغۇچىلىرى بىر كۇنى ئادالەت سودىغا تارتىلىشى مۇمكىن.
ئۇزۇندە: ( قورچاق ئەمەلدار نۇر بەكرى)
نەتىجىدە بۇلگۇنچىلىككە قارشى كۈرەش ۋەزىيىتىمىز مۇرەككەپلىشىپ، بىزگە كېلىدىغان بېسىم تېخىمۇ زورايدى.
رەددىيە:
چېچەن قىزلىرىنى* كۆكسىگە بومبا تې*ىپ ئايرۇپىلانغا چىقالىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىدىغان روس ) ك گ ب (سى چېچەن مىللىتىنى* ئازاتلىغى ئۇچۇن پىلان تۇزمەيدۇ. ئەكسىچە روس ھۆكۈمرانلىرىنى* قاتتىق تازىلاش پۇرسىتى ئۇچۇن. بۇ يەردە قورچاق ئەمەلدارنى* سۆزىنى تەكرارلاشقا ئەرزىيدۇ:
"نەتىجىدە بولگۇنچىلىككە قارشى كۈرەش ۋەزىيىتىمىز مۇرەككەپلىشىپ، بىزگە كېلىدىغان بېسىم تېخىمۇ زورايدى. „ يەنى قاتتىق تازىلاش! قاتتىق باستۇرۇش!
ئۇزۇندە: ( قورچاق ئەملدار نۇر بەكرى)
شىنجا*دىكى بولگۇنچىلىككە قارشى كۈرەشنى ئىلگىرى سورۇش ئۇچۇن، چوقۇم ھۇشيارلىغىمىزنى ئوستۇرۇشىمىز، پۇتۇن كۈچىمىز بىلەن رابىيە قادىر ھەم " دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى " نى* بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرىدىكى بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتىگە قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك.
رەددىيە:
خىتاينى* بۇنداق جازا بۇيرىغى ئوز بوينىغا سىرتماق بولىدىغان كۇنلەر يېقىنلاشماقتا. قان قىساسقا بوغۇلغان خىتاي ھۆكۈمرانلىرى ياكى ئادالەت سودىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ، ياكى سەرسان بولۇپ قاچىدۇ. يېقىن كەلگۈسىدىكى دېموكراتىك ئۇيغۇرستان دۆلىتى نۇر بەكرىلەردەك بىچارە، قورچاق ئەمەلدارلارغا بەلكى ئەپۇ قانۇنى ئېلان قىلىشى مۇمكىن
ئۇزۇندە : ( قورچاق ئەمەلدار نۇر بەكرى)
رابىيە قادىر بولسا دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر دۆلەت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان ئىقتىسادىي جىنايەتچى. ئۇ سەپى ئوزىدىن مىللى بۆلگۈنچى، زوراۋان تەرورىست ھەم ھەقىقى ۋەتەن خائىنىدۇر.
رەددىيە:
رابىيە قادىر دۇنيادىكى ھەر قانداق دۆلەتلەر ئېتىراپ قىلغان باي ئايالدۇر. خىتاي دۆلىتى ئۇنى* مال-مۈلكىنى ناھەق مۇسادىرە قىلغانلىقى دۇنياغا ئاشكارىدۇر. ئۇ ھەقىقى مىللىي ئىنقىلاپچىدۇر! ئۇ ئادالەت پەرۋەر، ھەققانىيەتچى، ھەقىقى ۋەتەن قەھرىمانىدۇر! ئۇ خىتاي دۆلىتىنى* 1- نومۇرلۇق دۇشمىنىدۇر! دۇنيا ئادالەتىنى* بايراقدارىدۇر!
ئۇزۇندە: ( قورچاق ئەمەلدار نۇر بەكرى)
ئۇنى* ئەمىلىيەتتە ئانچە زور كۇچىمۇ يوق، لېكىن غەرب دۇنياسىدىكى دۇشمەن كۈچلەرنى* نەزىرئىدە ئۇ جۇ*گوغا قارشى تۇرۇشتىكى ئالاھىدە كوزۇر دەپ قارىلىپ، ئۇلار ئۇنى گۆھەر تېپىۋالغاندەك ئەتىۋارلاپ، پۇتۇن يۇرەك قەنىنى سەرپ قىلىپ ئۇنى نىقابلاپ، ئۇنى*غا " ئۇيغۇرلارنى* سۆزچىسى "،" ئۇيغۇرلارنى* مەنىۋى ئانىسى "،" كىشىلىك ھوقۇق كۇرەشچىسى "، " ئەركىنلىك جە*چھىسى " دىگەندەك ناملارنى بېرىپ، ئاكتىپ ھالدا ئۇنى* " نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتى " ئالدامچىلىق بىلەن يۈزسىزلەرچە قولغا كەلتۈرمەكچى بولغىنىنى قوللىدى. نەتىجىدە ئۇنى* خورىكى تېخىمۇ ئۇسۇپ، رابىيە قادىرنى* خەلقارا جەمىيەتتە جۇ*گوغا قارشى بۆلگۇنچىلىك، دۆلەتنى پارچىلاش پائالىيەتلىرىنى* ئەۋج ئېلىشىغا سەۋەبچى بولدى.
رەددىيە:
ئەگەر قورچاق ئەمەلدار نۇر بەكرى تەكىتلىگەندەك: غەرب دۇنياسىدىكى دۇشمەن كۈچلەر ئۇنى گۆھەر تېپىۋالغاندەك ئەتىۋارلىغان بولسا، ئۇنى*غا پۇتۇن يۇرەك قەنىنى سەرىپ قىلغان بولسا، قانداقلارچە ئۇنى* ئانچە زور كۇچى بولمىسۇن! دېمەك رابىيە قادىر خىتاي دۆلىتىدىن كۇچلۇك. شۇ*ا مەزكۇر دات- پەرياتلارنى خىتاي ئەمەلدارلىرى بايان قىلماقتا. رابىيە قادىر ئۇيغۇرلارنى* قەھرىمان قىزدۇر! رابىيە قادىر ئۇيغۇرلارنى* قەھرىمان ئانىسىدۇر! رابىيە قادىر ئۇيغۇرلارنى* يې*ىلمەس يول باشچى رەھبىرىدۇر! رابىيە قادىر دىپلوماتىيەدە خىتاي دۆلىتىنى يە*دى!
قورچاق ئەمەلدار نۇر بەكرى پۇتۇن غەرب دۇنياسىنى خىتايغا دۇشمەن قىلىۋالدى. ئۇ دىپلوماتىيەدە يې*ىلدى. رابىيە قادىر دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق قەھرىمانى بولۇشقا سالاھىيەت ياراتقان بىر مەشھۇر زاتتتۇر! نۇر بەكرىنى* سالاھىيىتىنى خىتاي دولىتىدىن باشقا ھەچكىم تونىمايدۇ ۋە ئىتىراپمۇ قىلمايدۇ.
ئۇزۇندە: ( قورچاق ئەمەلدار نۇر بەكرى)
شۇنداقلا چېگرا ئىچىدىكى بىر قىسىم نادان ئاممىنى قايمۇقتۇردى ۋە ئالدىدى. يېقىندىن بۇيان رابىيە قادىر ھەم " دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى " يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا ئوز پىلانىغا سىتىراتىگىيىلىك توزۇتۇش كىرگۈزۈپ، 50 يىلدا 3 قەدەمگە بولۇپ، " مۇستەقىللىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش پىلانى " نى ئوتتۇرىغا قويدى.
رەددىيە:
چېگرا ئىچىدىكى ھادىسىلەرگە كىمنى* جاۋابكار ئىكەنلىكى يېقىنقى ئادالەت سودىدا ئاشكارىلىنىدۇ. ئەمما يەنە تەكرارلاشقا تېگىشلىكى، ئۇيغۇرستان مەسىلىسى قورچاق ئەمەلدار نۇر بەكرى ئېيتقاندەك 50 يىللىق مۇساپىدە ئەمەس! مەيلى 30 قەدەمگە بولۇنسىمۇ، قەدەم مۇساپىمىز بەك تىزلىشىپ كەتتى! خىتاي ئىشلەتكەن سودا - تىجارەت نىقاۋىدىكى ھىلە-نەيرە*لەر، سىياسەتتىكى يۇزسىزلەرچە دىپلوماتىيەلەر كارغا كەلمىدى. خىتاي زاۋاللىققا يۈزلەندى. خىتاي يې*ىلدى!
ئۇزۇندە: ( قورچاق ئەمەلدار نۇر بەكرى)
ئۇلار بىر تەرەپتىن پۇتۇن كۇچى بىلەن غەربتىكى جۇ*گوغا قارشى كۈچلەر بىلەن بىرلىشىپ، خەلقارادا بىزگە قارشى تۆھمەت چاپلاش ئارقىلىق ھۇجۇم قىلىپ، " شىنجا* مەسىلىسى " نى خەلقارالاشتۇرۇشقا ئۇرۇنسا، يەنە بىر تەرەپتىن چېگرا ئىچىدىكى " نارازىلىق كەيپىياتى " نى قوزغاپ، ھەر خىل ئۇسۇل ۋە يوللار ئارقىلىق، ئاپتونوم رايون ئىچىدە بۆلگۈنچىلىك كەيپىياتىنى يۇقىرى كوتۇرۇپ، خەلق ئاممىسىغا قارىتا قايمۇقتۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ھەق- ناھەقنى ئاستىن- ئۇستۇن قىلىپ، بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسىنى* شەكىللىنىشىگە قۇتراتقۇلۇق قىلىپ، قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇپ، بىۋاستە ھالدا شىنجا*دىكى زوراۋانلىق تېررورلۇق ھەركەتلىرىنى* كېلىپ چىقىشىغا سەۋەبكار بولدى.
رەددىيە:
خىتاي تىللىق قورچاق ئەمەلدار نۇر بەكرى ئەپەندى! ئەگەر سىز يۇقۇردىكى بىر ئابزاس سۆزنى ئالدى*ىزدا ئولتۇرغان مەھكۇم" كادىر „ لىرى*ىزغا ئوچۇق- ئاشكارە ئېيتقان بولسى*ىز، سىزگە مىللىتىمىز نامىدىن، ئىنقىلاۋىمىز نامىدىن رەھمەت ئېيتىشقا تەگىشلىك! چۈنكى خىتايغا ئەسىر بولۇپ قالغان، جان بېقىش ئۇچۇن ئامالسىز خىتايغا ئىشلەشكە مەجبۇر بولغان، ئەركىنلىككە، ئازاتلىققا پەنجىرىدىن قاراۋاتقان مەزلۇم خەلقىمىزگە غەرب دۇنياسىنى* بىز تەرەپتە ئىكەنلىكىنى، ۋەتىنىمىزنى خىتايدىن ئايرىپ چىقىشقا پۇتۇن غەرب دۇنياسىنى* ياردەمچى ئىكەنلىكىنى ئا*لىتىش بىزنى* قولىمىزدىن كەلمەيتتى. سىز ئە* چو* خىزمەت كۆرسەتكەن بولدى*ىز! ۋەتەن ئازات بولغاندا سىزنى* نامى*ىزغا ئاتاپ، غۇلجا شەھىرىدە مەكتەپ قۇرۇلغۇسى!
ئۇزۇندە: ( قورچاق ئەمەلدار نۇر بەكرى)

رەددىيە:

قورچاق ئەمەلدار نۇر بەكرى ئەپەندى سىز خەلىق دەموكراتىيەسىدىن سوز ئېچىشقا سالاھىيەتلىك ئەمەسسىز! كوممۇنىستىك تۇزۇم ئاستىدىكى سوتسىيالىستىك دۆلەتتە قانداقمۇ خەلىق دەموكراتىيەسى مەۋجۇت بولسۇن. ئىككى ئىدولوگىيە ئىككى قۇتۇپتۇر. سىزدە پەلسەپىۋى ئا*، سىياسى ساۋات مەۋجۇت بولسا، "كومپارتىيە رەھبەرلىكىدىكى سوتسىيالىستىك تۇزۇم، خەلىق دېموكراتىيىسى „ دېگەن قارمۇ، قارشى ئۇقۇمنى جەملەپ سۆزلىمىگەن بولاتتى*ىز. بۇ سىزدىكى لوگىكىلىق تەپەككۇرنى* يوقلىغىنى كۆرسىتىدۇ. ئەزەلدىنلا خىتاي ھوكۇمرانلىغىدا ئەقلى تەپەككۇر بولۇپ باققان ئەمەس!
ئۇزۇندە : ( قورچاق ئەمەلدار نۇر بەكرى)
رابىيە قادىرنى* جاھىللىق مەيدانى ھەم ئەكسىيەتچىل خاراكتېرى، ئۇنى* ھېچقانداق ۋاسىتە تاللىماي مىللى بۆلگۈنچىلىك ۋە دۆلەتنى پارچىلاشتىن ئىبارەت ھەركەت بىلەن شۇغۇللىنىشىنى كەلتۇرۇپ چىقارغان بولۇپ، بۇنى* ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس. بىزنى* ئۇنى* بىلەن بولغان كۆرۈشىمىز ھېچقانداق مۇرەسسە قىلغىلى بولمايدىغان كۇرەشتۇر.
رەددىيە:
رابىيە قادىرنى* كىشىلىك خارەكتەرىنى زالىم خىتاي زوراۋانلىرى شەكىللەندۇرگەن. ئۇنى* سەبى چاغلىرىدىن تارتىپ ھازىرغىچە تارتىۋاتقان زۇلۇملىرى پەقەتلا خىتاي دۆلىتىنى* ئىجرائاتىدۇر. رابىيە قادىرنى* قەھرىمانلارچە ئولۇق خارەكتەرىنى پۇتۇن غەرب ئەللىرى تونۇپ يەتتى. ئۇنى* بىر مىللەتكە- ئۇيغۇر مىللىتىگە رەھبەر بولالايدىغان ئالىيجاناپ خاراكتېرىنى غەرب ئەللىرى تونۇپ يەتتى. ئۇ كۈرەش قىلىشتا سىز ئېيتقاندەك " ۋاستە تاللىمايدۇ „ ئەمەس. ئۇ ھەققانى، قانۇنى ۋە يوللۇق ۋاستىلەرنى تاللىدى ۋە تاللايدۇ. يەنە سىز ئېيتقاندەك رابىيە قادىر ھەرىكىتىنى* ئاقىۋىتىنى خىتاي دۆلىتى تەسەۋۋۇر قىلالمايدۇ. ئۇنى* بىلەن خىتاي دۆلىتى مۇرەسسە قىلالماسلىغى ئەنىق. چۈنكى ئۇ ئادالەتچى! خىتاي دۆلىتىدە ئادالەت مەۋجۇت ئەمەس! چۈنكى ئۇ ئىنسانىيەتنى قەدىرلىگۇچى، خىتاي دۆلىتىدە ئىنسانىي سەزىم مەۋجۇت ئەمەس! ئۇ ئۇيغۇر مىللىتىنى سۇيىدۇ، خىتايدا ئۇيغۇرلارنى سۇيۇش تۇيغۇسى مەۋجۇت ئەمەس. ئۇ ئۇيغۇرلارنى بەخىتكە ئەرىشتۇرمەكچى، خىتايلار ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلماقچى. بۇ ھالدا قانداقمۇ مۇرەسسە قىلالايسىلەر!
ئۇزۇندە: ( قورچاق ئەمەلدار نۇر بەكرى)
بۇلتۇر 8- ئايدىن بۇيان، بىز ئاپتونوم رايون تەۋەسىدە نۇقتىلىق ھالدا رابىيە قادىرنى* بۆلگۈنچىلىك جىنايەتلىرى ھەققىدە تەلىم- تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۇردۇق. تېخىمۇ نۇرغۇنلىغان كادىر ھەم ئامما ئۇنى* ھەقىقى ئەپتى بەشىرىسى ھەم بۆلگۈنچىلىك مەقسىدىنى* ماھىيىتىنى تونۇپ يەتتى، سىياسى ئىدىيىۋى ئە*ىنى كۇچەيتتى. لېكىن ئۇنى* تەسىرى ۋە زەھىرىنى تۇپ يىلتىزىدىن تازىلاش ئۇچۇن يەنە كۆپلىگەن خىزمەتلەرنى ئىشلىشىمىز زورۇر.
رەددىيە:
بۇ خىزمەتنى ياخشى ئىشلەپسىلەر. رابىيە قادىرنى بۇرۇن خەلقىمىز باي تىجارەتچى خانىم-دەپلا بىلەتتى. سىلەرنى* تەشۋىقاتى*لار ئارقىلىق ئۇنى* ھەقىقى ماھىيتىنى تونۇتۇپ بەرىپسىلەر. يەنىمۇ ئىلگىرلەپ تەشۋىقاتنى جانلاندۇرۇ*لار. بىز قوللايمىز. لېكىن قورچاق ئەمەلدار نۇر بەكرى ئەپەندى سىز ئېيتقاندەك رابىيە قادىرنى* تەسىرىنى تازىلاش ئاسانغا توختىمايدۇ ھەم قولۇ*لاردىن كەلمەيدۇ. ئەگەر تەل-تۇكۇس تازلاپ يوقىتىمىز دىسە*لار، بەلكى ئادەمسىز تۇپراق قالغاندىلا مەقسەتكە يەتكەن بولىسىلەر!
ئۇزۇندە: ( قورچاق ئەمەلدار نۇر بەكرى)
كۆز ئالدىمىزدىكى ئۈزلۈكسىز ئوزگۇرۇپ بېرىۋاتقان بۇ خىل كۈرەش ۋەزىيىتىگە نىسبەتەن، بىز رابىيە قادىرنى* بۆلگۈنچىلىك جىنايىتىنى نۇقتا قىلىپ تۇرۇپ، ئۇنى* " مىللەت "، " دېموكراتىيە "، " ئەركىنلىك " " كىشىلىك ھوقۇق " دېگەن پەدازلىرى ھەم نىقاپلىرى ئاستىدىكى " يالغان كىشىلىك ھوقۇق، يالغان دېموكراتىيە ئاستىدىكى ھەقىقى زوراۋانلىق، ھەقىقى تېررورلۇق " تىن ئىبارەت ھەقىقى ئەپتى بەشىرىسىنى ئەچىپ تاشلىشىمىز، بۇ ئارقىلىق كە* كادىرلار ھەم ئاممىنى* تېخىمۇ سەگەك، تېخىمۇ چو*قۇر ھالدا، رابىيە قادىر ئەقىمىدىكى " شىنجا*نى مۇستەقىل قىلىش " تەرەپدارلىرىنى*، ئەمەلىيەتتە غەربتىكى جۇ*گوغا قارشى كۈچلەرنى* قوللىشىغا تايىنىپ، شىنجا*دا جو*گو كومپارتىيەسىنى* رەھبەرلىكىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، سوتسىيالىستىك تۇزۇمنى قارىلاپ، مىللى ئاپتونومىيەلىك تۇزۇمنى ئىنكار قىلىپ، ئە* ئاخىرىدا شنىجا*نى ۋەتەننى* قوينىدىن ئايرىپ چىقىپ كېتىش ئۇچۇن، شىنجا*دا توپىلا* ۋە قان توكۇلۇش ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئىكەنلىكىنى ؛ كۆز ئالدىمىزدىكى تەسلىكتە قولغا كەلگەن مۇقىم، ئىتتىپاق ياخشى ۋەزىيەتنى بۇزۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنى ئازابلىق يار گىردابىغا ئىتتىرىش ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشنى قولىغا كەلتۈرۈش كېرەك.
رەددىيە:
بىر مىللەتنى* ئەسىرلىكتىن قۇتۇلۇش باسقۇچى يىتىپ كەلسە، ئۇنى توساپ قېلىش پەقەت شۇ مىللەتنى تەل-تۇكۇس يوقىتىش بىلەنلا ئىشقا ئېشىشى مۇمكىن. رابىيە قادىر ئېقىمى ھەقىقى دېموكراتىك ئېقىمىدۇر. ئۇيغۇرستاندىكى ھەر مىللەت خەلقىنى روھى ئەركىنلىككە، پىكىر ئەركىنلىكىگە، خىيال قىلىش سۆزلەش ئەركىنلىكىگە، ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي ئەركىنلىككە، ئىناق، ئىتتىپاقلىقىغا، بەخت- باياشاتلىققا ئەرىشتۇرىدىغان ئەقىم بىر دىن´بىر رابىيە قادىر ئېقىمىدۇر. خىتاي ھوكۇمرانلىغى ئۇنى قانداق تەشۋىقات قىلىشى ئۆزىنى* مەجبۇرلاش ئۇسۇلىدۇر. ئەمما ئۇلار ئىنسانىيەتنى* روھىدىكى ئەركىن تۇيغۇنى تازىلاپ بولالاميدۇ.
ئۇزۇندە: ( قورچاق ئەمەلدار نۇر بەكرى)
بۇنى*غا شىنجا*دىكى ھەرقايسى مىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىنى ئوز ئىچىگە ئالغان 1 مىليارت 300 مىليون جو*گۇ خەلقى ھەرگىز قوشۇلمايدۇ، ھەم ئۇنى* بۇ سۇيىقەستى ھەرگىز ئەمەلگە ئاشمايدۇ، بەلكى چوقۇم مەغلۇپ بولىدۇ.
رەددىيە:

ئۇزۇندە: ( قورچاق ئەمەلدار نۇر بەركرى)
رابىيە قادىرغا ئوخشاش قىلچىمۇ ۋەتەنپەرۋەرلىكى بولمىغان، ئىنسانىي ئىززەت قارىشى بولمىغان، مىللى قارىشى بولمىغان، ئەخلاقى بۇزۇلغان، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئوتكۇزگەن، دۆلەت ۋە مىللەتنى* مەنپەئەتىنى ساتقان، غەربنى* جۇ*گوغا قارشى كۇچلىرىنى* غالچا ئىتى بولغان، ھەتتا ئوز بالىلىرىنىمۇ ياخشى تەربىيىلىيەلمىگەن بىر ئەسكى ئايالنى*، دۇنيا خەلقى ئالدىدا ئۆزىنى مىليونلىغان ئۇيغۇر خەلقىنى* "مەنىۋى ئانىسى " ھەم " ۋەكىلى " دىيىشى، ھەقىقەتەن بىمەنىلىك، يۇزسىزلىك بۇ ئۇيغۇر خەلقىنى* ھىسياتىغا نىسبەتەن ئېغىر ھالدىكى يارىلاندۇرۇش ۋە ئۇيغۇر خەلقىنى* غۇرۇرىغا قىلىنغان قاتتىق ھاقارەت !
رەددىيە:
رابىيە قادىر ھەقىقى ۋەتەنپەرۋەرلىكنى* نامايەندىسى! رابىيە قادىر ئىنسانىي ئىززەت قارىشىنى* چولپانى! رابىيە قادىر مىللى قاراشتا ئۈلگە ياراتقان قەھرىمان! رابىيە قادىر كىشىلىك ئەخلاق ۋە مىللىي ئەخلاقنى* غالىپ جە*چىسى! رابىيە قادىر قانۇننى ئېتىراپ قالمايدىغان مۇستەبىت خىتاي دۆلىتىنى* 1- نومۇرلۇق باتۇر دۇشمىنى! رابىيە قادىر ئالدى بىلەن 1 مىليارت 300 مىليون خىتاي خەلقىگە، شۇ جۇملىدىن ئۇيغۇر مىللىتىگە بەخت ئېلىپ كەلگۇچى، غەرپلىكنى خىتاي قورغانىغا باشلاپ ما*غۇچى غالىپ، يې*ىلمەس شىر يۇرەك سەركەردە! ئۇ ۋەتىنىمىز، مىللىتىمىز ئۇچۇن ۋە بارلىق خىتاي خەلقىنى زۇلۇمدىن قۇتقۇزۇش ئۇچۇن ئوز پەرزەنتلىرىنى* مىھرىدىن كەچكەن قەھرىمان ئانا! بۇنداق بىر ئانىغا ئۇيغۇر مىللىتىنى* ئېرىشكەنلىكى، پۇتۇن ئىنسانىيەت ئالدىدىكى تېپىلغۇسىز شەرەپ! ئۇيغۇر مىللىتى رابىيە قادىردىن غۇرۇرلىنىدۇ!
ئۇزۇندە: ( قورچاق ئەمەلدار نۇر بەكرى)
كە* ئۇيغۇر كادىرلىرى ۋە ئاممىسى بۇنى*غا ھەرگىز قوشۇلمايدۇ ! ئۇنى* قىلمىش- ئەتمىشلىرى ئۇيغۇر خەلقىنى* مەنپەئەتىگە زىيانكەشلىك قىلىپلا قالماستىن بەلكى جۇ*خۇا مىللەتلىرىنى*مۇ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۇزدى، مىللەتنى* بۇ خائىنىنى* نامى تارىخنى* نومۇسلۇق تاختىيىغا مە*گۇ مىخلانغۇسى ! پۇتۇن ئاپتونوم رايوندىكى كادىرلار ۋە ئامما بولۇپمۇ ئۇيغۇر كادىرلىرى ۋە ئامما، چوقۇم كوزۇمىزنى پاكىز سۇرتۇپ،رابىيە قادىر بىلەن چەك- چەگرىنى ئاجرىتىپ، ئۇنى* بۆلگۈنچىلىك ھەركىتى بىلەن كۈرەش قىلىشىمىز، ئۇنى*غا نىسبەتەن "يولدىن ئوتكەن چاشقاننى ئۇر- ئۇر قىلىش "ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۇرۇشىمىز كېرەك.
رەددىيە:
رابىيە قادىرنى* "قىلمىش- ئەتمىشلىرى" ئالدى بىلەن جۇ*خۇا مىللەتلىرىنى كوممۇنىستىك زۇلۇمدىن قۇتۇلدۇرۇش، ئۇيغۇر مىللىتىنى خىتاي مۇستەملىكىسىدىن قۇتۇلدۇرۇش، ئاسىيا ۋە جەنۇبى ئاسىياغا تەھدىت بولىۋاتقان ھىتاينى كۇچسىزلەندۇرۇش، شۇنداقلا قۇتۇپ تەنچلىغىنى ئەلەمگە ئاشۇرۇشقا توھپە قوشۇشتىن ئىبارەت دۇنياۋى ئولۇق ھەرىكەتتۇر.
خائىن تەلەتلىك قورچاق ئەمەلدار نۇر بەكرىنى*، ئۆزى خائىنلىق ئۇستىلىدە ئولتۇرۇپ، ئەركىنلىك جە*چىسى بولغان ئولۇق بىر شەخسىكە تىل تەككۇزىشى نومۇسسىزلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس! شۇنداق خائىندا نومۇس، ھېسسىيات، ۋىجدان بولمايدۇ. نۇر بەكرى ئەشۇنداق خائىنلارنى* تىپىك ۋەكىلىدۇر. ئۇنى زوراۋان خىتاي ھۆكۈمرانلىرى گەرچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونغا " قورچاق" بولسىمۇ " رەئىس" قىلىپ بەلگىلەپ قويغان ھالەتتىمۇ، ئۇ ئۆزىنى* غالچا ئىكەنلىكىنى، خىتاي ئۇچۇن قۇلچىلىق قىلىۋاتقان پەسكەش لالما ئىشىت ئىكەنلىكىنى ئۆزى تونۇپ يەتكەن ۋە شۇنداق ھەس قىلغان. ئۇنى* نۇتقىنى* ئابزاسلىرى سىياسى تەمىدىن، سىياسى مەزمۇندىن پۇتۇنلەي چەتلەپ، قارشىسىدا قەد كوتىرىپ تۇرغان، غالىپ رەقىبىگە تە* كەلەلمەي، تىل- ھاقارەت ياغدۇرۇشقا باشلىدى. ئەسلىدە ئۇ سىياسى ئۇگۇنۇش قىلىۋاتقان بىر ئورۇندا ئىدى. ئۇ ئۆزىنى* رەئىسلىك سالاھىيتىنىمۇ ئۇنتۇپ، ئاغىزىنى بۇزۇپ، دۇشمىنىنى* ئوبرازىغا ھاقارەت قىلدى. بۇ ئۇنى* پەقەتلا بىر غالچا، لالما ئىشىت ئىكەنلىكىنى، ئۇنى*دا نە ئەخلاق، نە قابىليەت يوقلىغىنى، ئۇنى* ئىجرائاتتىكى ئەمەلدارلىق سالاھىيتىنى*مۇ يوقلىغىنى ئوچۇق ئىسپاتلىدى. بۇ ئۇنى* جە*دە يى*ىلگەنلىكىنى كورسەتتى.
خائىن تەلەتلىك نۇر بەكرىنى* ئاخىرقى سۆزىدە رابىيە قادىرغا قارىتا مۇنداق دىيىلگەن:
ئۇنى*غا نىسبەتەن " يولدىن ئۆتكەن چاشقاننى ئۇر- ئۇر قىلىش " ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۇرۇشىمىز كېرەك.
- لېكىن سەنلەردە ئۇنچىلىك جاسارەت، جۇرەت يوق! سەنلەر خىتاي خوجايىنلىرى*نى* تەمىناتى بىلەن جان بىقىۋاتقان ياللانما، روھىغا قۇللۇق تامغىسى بەسىلىپكەتكەن بىچارەرىلەر! شىر يۇرەك رابىيە قادىر سەنلەردىن 10 مى* چاقىرىم يىراقلىقتا، سەنلەردىن قانچە قىتە يىراقلىقتا بىر قەدەم تاشلىغان كۇنى، سەنلەر ئۇچۇن چاشقان تۇشۇگى سايار بولىدۇ. سەنلەر سۇغا چۇشكەن مۇشۇكتەك، ئۇر-ئۇردا قالغان چاشقاندەك بىچارە ھالغا چۇشىسەن!
خۇلاسە شۇكى، غەرب ئەللىرىدىكى ئۇيغۇر دىپلوماتىك ۋەزىيتى خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلماقتا. بىزنى* غەربتىكى يۈز-ئابرويىمىز رابىيە قادىردۇر. شۇ*ا ھەر قانداق ۋەزىيەت ئاستىدا ئۇنى جان پىدالىق بىلەن قوغدىشىمىز نوۋەتتىكى مىللى مەجبۇرىيتىمىز ۋە ئىنسانىي خىسلىتىمىزدىن ئىبارەت باش تارتىپ بولمايدىغان ئولۇق ۋەزىپىدۇر.
ميۇنخېن / 14.09.08 1.) خىتاي ئەكسىيەتچى ھۆكۈمرانلىرىنى* ئۇيغۇرىستان تىرتورىيەسىگە بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى* قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى ئۆزلىرى ئىقرار قىلغانلىقى ۋە ئېتىراپ قىلغانلىقى. 2.) ئۇيغۇرستاندىكى يەرلىك مىللەتلەر بىلەن كۆچمەن خىتايلار ئارىسىدا ئىتتىپاقلىقىنى* مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى ئېتىراپ قىلغانلىقى. 3.) خىتاي ئەكسىيەتچى ھۆكۈمرانلىرى " ئۇيغۇر ئۆلكىسى ئەزەلدىن جۇ*خۇا ئىلىنى* ئايرىلماس بىر پارچىسى" دېگەن سىياسى سەپسەتىسىنى* ساختا شۇئار ئىكەنلىكىنى ئىقرار قىلغانلىقى. 4.) خىتاي ئەكسىيەتچى، مۇستەملىكىچى، تاجاۋۇزچى ھۆكۈمرانلىرى ئۇيغۇرستان تۇپراقلىرىنى ئىشغال قىلىپ تۇتۇپ تۇرۇشتا ئۆزلىرىنى* يالغۇز ئىكەنلىكىنى،خىتايغا دېموكراتىك غەرب ئەللىرىنى* قارشى ئىكەنلىكىنى ئۆزلىرى جاكالىغانلىقىنى، خوشنا ئەللەرنى*مۇ خىتايغا قارشى ئىكەنلىكىنى ئۆزلىرى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى ئىقرار قىلغانلىقىنى- جۈملىدىن خىتاينى* بۇ تۇپراقنى ئىگىلەپ تۇرۇشى قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى، ھۇشيار تۇرمىسىلا، كۇچ ئىشلىتىپ تۇرمىسىلا قولدىن كەتىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەنلىكىنى، خىتاينى* غەرب ئەللىرى بىلەن بولغان بارلىق ئىقتىسادى ۋاسىتىلىرىنى* ۋە دىپلوماتىك چارە- تەدبىرلىرىنى* كارغا كەلمەيۋاتقانلىغىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ شۇنداق ئىدى. 14- مارت لاسا ھەرىكىتىنى پۇتۇن دۇنيا ئەھلى قوللىدى. ئۇ بىر شەرەپلىك ھەرىكەت ئىدى. تىبەتنى* مۇستەقىللىغىنىمۇ دالاي لامادىن باشقا پۇتۇن غەرب ئەللىرى قوللىدى. تىبەت مەسىلىسى خىتاينى* ئىچكى مەسىلىسى بولماستىن بەلكى ئىنسانىيەت مەسىلىسى بولغاچقا ئۇيغۇرلارنى*مۇ قوللاش ھەققى ۋە مەجبۇرىيىتى باتتى. ئەمما " لاسا توپىلى*ى" دىن پايدىلىنىپ، چېگرا ئىچىگە ئادەم كىرگۈزۈش، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە خەلقارا جەمىيەتنى* دىققىتىنى تارتىش- قاتارلىق ئويدۇرمىلار رابىيە قادىر ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ياراشمايدۇ. ئۇنى*سىزمۇ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى خەلقارانى* دىققىتىدە. 4.ۋە 10. ئاۋغۇست ۋەقەلىرى قانداق شەكىل ۋە قانداق غەرەزدە بولىشىدىن قەتئىي نەزەر پۇتۇن دۇنيا ئەھلىنى* ئۇيغۇرلارغا ھىسسداشلىغىنى ئاشۇرغان ھادىسە بولدى. بەلكىم مەزكۇر ھەرىكەتلەردىن دەسلەپ خىتاي ئۇمۇتلەنگەندۇر. چۈنكى شۇ بانادا ۋەتىنىمىز ئۇيغۇرستانغا چەتئەللىك مۇخبىر ۋە جورنالىستارنى* كېلىشىنى قاتتىق چەكلەش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. بىراق بۇ رايونغا جورنالىستلارنى كەلتۇرمىگەنلىكنى* ئۆزىلا ئۇيغۇر خەلقىگە سېلىۋاتقان زۇلۇمنى* قانچىلىك ئېغىر ئىكەنلىكى، بۇ زۇلۇمىدىن دۇنيا ئەھلىنى* سۆرەتلىك خەۋەرگە ئىگە بولۇپ قېلىشىدىن خىتاينى* قورقىدىغانلىقى توغرىسىدا پۇتۇن غەرب ئەللىرىگە مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان شەكىلدە ئايدى*لاشتى. ئولىيمپىكنى بايقۇت قىلىش تەلەپلىرى يالغۇزلا رابىيە قادىر ۋە دۇق شۇنى*دەك چەتلدىكى ئۇيغۇرلارنى* پائالىيىتى بولۇپ قالماستىن، پۇتۇن ئىنسانىيەتنى* ئارزۇ- تەلەپلىرى ئىدى. ئوليمپىكنى* ئەمەلىلەشكىنى خىتاينى* غالىبىيتى بولالمىدى. بايقۇت قىلىش تەلەپلىرىنى* ئەمەلگە ئاشمىغىنى ئىنسانىيەتنى* مەغلۇبىيىتى بولماستىن، يېقىن كەلگۈسىدىكى ئىجابىي نەتىجىنى* شانلىق بايراقلىرىنى كوتەرگەنلىك بولۇپ قالدى! دۇق ۋە باشقىمۇ ئۇيغۇر سىياسى تەشكىلاتلىرى قانداقتۇر ۋەتىنىمىز ئىچىگە ئادەم كىرگۇزۇش، تەشۋىقات ۋاراقلىرىنى تارقىتىش ھەرىكىتىدە بولغىنى يوق. ھازىرقى ۋەزىيەتتە رابىيە قادىر ۋە دۇق دىن ئىبارەت ۋەتەن سىرتىدىكى سىياسى ئەقىم پەقەتلا دىپلوماتىك ھەرىكەت يۈرگۈزمەكتە. غەرپتىن ئىتتىپاقداش ئىزدىمەكتە. ختاينى* ، زالىم، ئىنسانىيەتكە قارشى ئەپتى-بەشىرىسىنى نامايەن قىلماقتا. 4 - "ئاۋغۇست ۋەقەسى " قاتارلىق ئېغىر زوراۋانلىق تېررورلۇق ۋەقەسىدىن كېيىن، بۇ ۋەقەگە نىسبەتەن بولغان ھەققانى تەنقىتلەشلەرگە نىسبەتەن رابىيە قادىر يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا سەكرەپ چىقىپ، ئاشكارا ھالدا " شەرقىي تۈركىستان ئىسلام تەشكىلاتى " دىن ئىبارەت سېسىق نامى پۇر كەتكەن تېررورچى تەشكىلاتقا چاپان يېپىپ، ئاق- قارىنى ئاستىن- ئۇستۇن قىلىپ، " ساماننى* ئاستىدىن سۇ يۇگۇرتۇپ "، بۇ ھەرىكەتنى* يۈز بېرىش سەۋەبىنى، " كومپارتىيەنى* شىنجا*دا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە نىسبەتەن مۇستەملىكە سىياسىتى يۇرگۇزگەنلىكى " سەۋەبىدىن بولدى دەپ شەرھىلىدى. بىزنى* زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە بولغان زەربە بېرىش ھەركىتىمىزنى، شىنجا*دىكى " دېموكراتىيە "، "ئەركىنلىك"، "كىشىلىك ھوقۇق" نى باستۇرغانلىق دەپ بوھتان چاپلىدى، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، خەلقنى* كومپارتىيەنى* رەھبەرلىكى، سوتسىيالىستىك تۇزۇم، ھەم خەلق دېموكراتىك تۈزۈمىگە بولغان نارازىلىقى ۋە ئۆچمەنلىكىنى قوزغاشتا قۇتراتقۇلۇق قىلىپ، كادىرلار ۋە ئامما ئارىسىدا يې*ىدىن بىر خىل قايمۇقۇش ھالىتىنى شەكىللەندۇرمەكچى بولدى. 4 - "ئاۋغۇست ۋەقەلىرى „ نى خىتاي ھوكۇمرانلىغى ھەققانى تەنقىتلىمىدى. بەلكى قانلىق باستۇردى. شەرقىي تۈركىستان ئىسلام تەشكىلاتنى* نامى سېسىپ كەتمىدى. ئەكسىچە سىز چوقۇنۇپ كېلىۋاتقان كوممۇنىزم، سوتسىيالىزم سېسىپ نامى پۇر كەتتى. سىزدىن باشقا ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئۇيغۇرلار قىلغان ھەرىكەت مۇسۇلمانچىلىق ھەرىكىتى بولمىسىمۇ، ئۆزى مۇسۇلمان خەلىق بولغاچقا ئۇلارنى* مىللىي ۋە ئازاتلىق ھەرىكەتلىرىنى خىتاي ھۆكۈمرانلىرى دىنى ھەرىكەت شەكلىدە كۆرسىتىپ، غەربتىكى ئىتتىپاقداشلىرىمىزدىن ئايرىۋېتىشكە تىرىشتى. رابىيە قادىرنى* خەلقارادا ئېلان قىلغان باياناتلىرى تامامەن ھەقلىق ۋە قانۇنلۇق. 1 مىليارت 300 مىليون جو*گۇ خەلقى ئارىسىدا رابىيە قادىر ئېقىمىغا قارشى كىشىلەر 50 مىليونغىمۇ يەتمەيدۇ. ئىنتايىن ئاز ساندىكى جاھىل، ئۆزگەرمەس ئەمەلپەرەس خىتاي ئەمەلدارلار، بۇلا*چى بايلار، ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئازساندىكى زوراۋان كۇچلەرلا رابىيە قادىر ئېقىمىغا قارشى تۇرىشى مۇقەررەر. ئۇنى*دىن باشقا بارلىق خەلىق ئەركىنلىككە، ئازاتلىققا، ئىنسانىي مۇئامىلىگە ئىھتىياجلىقتۇر. بۇ ھۆكۇمنى خىتاي خەلقى تەكرار ئىسپاتلىدى. ئولىيمپىك مۇناسىۋتى بىلەن پۇتۇن دۇنيا ئەھلى خىتاي خەلقىنى* نالە- زارىنى ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆردى.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى* خىتاي تىللىق قورچاق رەئىسى نۇر بەكرىگە رەددىيە

--------------------------------------------------------------------------------
Last edited by uaa_admin; 18-09-08 at 01:13.


Abdurehimjan

#2 18-09-08, 12:20
Latin Yeziqi
Guest Posts: n/a

Uyghur aptonom rayonining xitay tilliq qorchaq re'isi nur bekrige reddiye

--------------------------------------------------------------------------------

Uyghur aptonom rayonining xitay tilliq qorchaq re'isi nur bekrige reddiye

Abdurehimjan

Nöwettiki uyghur aptonom rayonluq "kadirlar" yighinida soz qilghan qorchaq emeldar nur bekri, uyghur aptonom rayonining siyasi weziyitining muqimsiz ikenlikini, bu ölkini xitaygha baghlap tutup turush asan'gha chushmeywatqanlighini, weziyetni muqimlash uchun yenimu aktipchan bolush kéreklikini alahide tekitligen.
Nur bekrining nutqidiki "bölgunchi küchler, jungguning zimin putunlukini parchilash, wetenning birlikini parchilash" dégendek turaqliq siyasi jumliler nur bekrige te-elliq sözler bolmastin, belki zorawan, eksiyetchi, mustemlikichi, irqi qirghinchi, jahil xitay tajawuzchi hökümranliri höjjetleshturgen eksiyetchi shu'ardur.
Uyghur aptonom rayoni tirturiyeside yüz béridighan her qandaq bir kishilik hadisige -" xitay hökumitidin kishilik och ilish,kishilik intiqam ilish, xitay xelqidin shexsi och élish,jandin toyup meydan'gha sekrep chiqish" qatarliq kishilik we yekke gherezde sadir qilin'ghan her qandaq bir gheyri normal weqege qarita eksiyetchi, jahil,zorawan xitay hökümranlirining jaza mewqesiz ezeldin siyasi shekilde bolup kelgen we" milli bölgünchilik eksil inqilabiy heriket, milletler ittipaqliqigha buzghunchiliq qilmish, döletning zimin putunlikige qarshi siyasi suyiqest." Qatarliq höjjetleshturulgen muqim siyasi tus alghan eksiyetchil maddilardur bolup kelmekte . Shuningdek wetinimiz chégrisi ichide teshkillik, koll'iktipchanliq élip bérilghan milliy inkas qayturush, milliy qoghdinish heriketlirige qarita xitay eksiyetchi hökümranlirining tekitlep kéliwatqini " chégra sirtidiki sherqi turkistanchi bölgünchi küchlerning qutratqulighi, jungguning zimin putunlikige buzghunchiliq qilidighan gherbtiki dushmen kuchilirining yardimi." Dégendek izchil, turaqliq siyasi jumlilerdin ibarettur.
Xitay eksiyetchi hökümranlirining mezkur siyasi meydanigha qisqiche mundaq baha bérilishi tamamen orunluq:
1.) Xitay eksiyetchi hökümranlirining uyghuristan tirtoriyesige bolghan igilik hoquqining qanunsiz ikenlikini özliri iqrar qilghanliqi we étirap qilghanliqi.
2.) Uyghurstandiki yerlik milletler bilen köchmen xitaylar arisida ittipaqliqining mewjut emeslikini étirap qilghanliqi.
3.) Xitay eksiyetchi hökümranliri " uyghur ölkisi ezeldin jungxua ilining ayrilmas bir parchisi" dégen siyasi sepsetisining saxta shu'ar ikenlikini iqrar qilghanliqi.
4.) Xitay eksiyetchi, mustemlikichi, tajawuzchi hökümranliri uyghurstan tupraqlirini ishghal qilip tutup turushta özlirining yalghuz ikenlikini,xitaygha démokratik gherb ellirining qarshi ikenlikini özliri jakalighanliqini, xoshna ellerningmu xitaygha qarshi ikenlikini özliri étirap qilghanliqini iqrar qilghanliqini- jümlidin xitayning bu tupraqni igilep turushi qanunsiz ikenlikini, hushyar turmisila, kuch ishlitip turmisila qoldin ketidighanliqini tonup yetkenlikini, xitayning gherb elliri bilen bolghan barliq iqtisadi wasitilirining we diplomatik chare- tedbirlirining kargha kelmeywatqanlighini körsitip béridu. Emeliyettimu shundaq idi.
Kishilik hoquqni himaye qilghuchi, milliy hoquqni qoghdighuchi, insan izzitni hemmidin ela bilguchi, dostluqni, tinchliqni qedirliguchi gherb elliri uyghur terepte ikenlikini xitay eksiyetchi emeldarlirining öz éghizi bilen jakarlishi uyghurlar uchun bir chong ghelibilik netijidur.
Derweqe tinchliq perwer, adalet suyer, adalet,tinchliq we erkinlik uchun janni atap qoyidighan uyghur milliti gherb elliri bilen dostliship boldi. Insaniy exlaqqa, kishilik we milliy tepekkuri, insaniyetni, kishilik izzitni qedirleshte gherpliktin qelishmaydighan guzel xisletke ige uyghur millitini gherblik hormetlidi we qedirlidi. Bu hal xitayning jan- jehlige tigip ketti. Putun xitay emeldarliri bi'aram bolmaqta. Xitay tilliq qorchaq emeldar nur bekri eshu bi'aram boliwatqan xitay emeldarlirining biridur!
Men xitay hokumranlighining ziyankeshlikige uchrighan, ata- bowisidin tartip, kéyinki ewladqiche xitay hokumranlighining zulumigha mehkum bolghan, qan qenida qisas ornap ketken milyonlighan uyghurning biri bolush salahiytim bilen, uyghur milliy herikitige mensup we rabiye qadirni qollighuchi biri bolush salahiyitim bilen qorchaq emeldar nur bekridin nutiqigha qisqiche reddiye bérishni zurur kördum. Töwende uning nutqining terjimisidin uzunde sheklide neqil élip, reddiyerimni teqdim qilimen.
(Nurbekrining aptonom rayonluq kadirlar yighinida sözligen sozining rabiye xanim we duq qa munasiwetlik qismining terjimisi )
Uzunde: (qorchaq emeldar nur bekri)
" Dunya uyghur qurultiyi" qatarliq teshkilatlar chégra sirtida turup, bölgünchi küchlerge nisbeten retlesh, pilan tüzesh ishlirini ilip bériwatqan bolup, atalmish " sherqiy türkistan mesilisi" ni koturup chiqip biz bilen siyasi jehettin kuch sinimaqta. Rabiye qadir bashchiliqidiki " dunya uyghur qurultiyi atalmish " 50 yilliq pilan" ni tüzep chiqip, teshkilatlarni tertipke sélish, biz bilen qanuniy we medeniy yosunda küresh élip bérip, " sherqiy türkistan mesilisi" ni xelqaralashturmaqchi we axirida " shinjangni musteqil qilish" meqsitige yetmekchi boliwatidu.
Reddiye:
Dunya uyghur qurultiyi, qorchaq emeldar nur bekri töhmet qiliwatqandek " bölgünchi küchler" ni retlep, ularning heriketlirige pilan tozup biriwatqini yoq. Wetiminiz ichide yüz bériwatqan her qandaq bir heriket bilen duq ning teshkili baghlinishi mewjut emes. Undaq bolush imkaniytimu yoq. Chünki xitay tajawuzchi hokumranlighi wetinimiz ichidiki uyghurlargha chet'el bilen alaqe ornitip, pilan, wezipe tapshuriwalghudek purset bergini yoq. Xelqimizni yashash pursitidinmu qismaqta. Buni qorchaq emeldar nur bekri yaxshi bilse kérek. Lékin cheteldiki uyghur siyasi teshkilatliri (qorchaq emeldar nur bekri eytmisimu) sherqiy türkistan mesilsini koturup chiqiwatqini emeliyettur. Bu qandaqtur "xitay bilen kuch sinishish" bolmastin, heqqani heq telep herikitidur. Shuningdek rabiye qadir wedunya uyghur qurultiyi chetellerdiki uyghur siyasi teshkilatlirini retlep, merkezleshturushke tirishiwatidu, lékin qorchaq emeldar nur bekri éytqandek "50 yilliq pilan" tuzush mesilisi mewjut emes. Chünki
Xitayning wetinimizni yene 50 yil bésip yetishigha qorchaq emeldar nur bekri ishensimu xitaylarning özide unchilik ishench qalmidi. Eyni waqitta ji'ang keyshi özining shinjangdiki sadiq ghalchilirini tashlap, teywen'ge qachqinidek, bugunki qan qerzge boghulghan xitay jallatlirimu yéqin kelgüside qachidighan yer izdeydu. Mana bu bizning ishench we pilanimiz!
Siz atalmish " 50 yilliq pilan" sepsetingiz arqiliq aldingizda mehkumlarche tiz pukup olturghan bichare " kadir" liringnizni umutsizlendurush, ularning rohini yene 50 yil xtaygha baghlash niytide bolghansiz.
Uzunde: ( qorchaq emeldar nur bekri)
Rabiye qadir hem " dunya uyghur qurultiyi" qatarliq junggogha qarshi küchlerning chaqirighi bilen, 2008- yili 3- aydin buyan, chégra sirtidiki milli bölgünchi küchler namayish qilish,teshwiqat waraqisi tarqitish, muxbirlarni kutuwelish yighini (bayanat ), tor betliri arqiliq teshwiq qilish qatarliq kop xil usullar bilen olimpikni bayqut qilish herketliri élip bardi.
Reddiye:
Mezkur pa'aliyet qandaqtur siz éytqandek rabiye qadir we dunya uyghur qurultiyining ishi bolmastin belki putun dunyadiki erkinlikni yaqlighuchi, insaniyetni qedirliguchi, oliympikni hörmetliguchi kishilerning ortaq pa'aliytidur. Oliympikni otkuzush hoquqining xitaygha bérilishi xitayning ijabi netijisi bolmastin eksiche shu hoquqni xitaygha bergen gherplikning ghelbisi bolup qaldi. Buni yeqinda siz bilen birge körimiz!
Uzunde: ( qorchaq emeldar nur bekri)
Lasa " 14- mart " tibet topilingi yüz bergendin kiyin, rabiye qadir hem " dunya uyghur qurultiyi" qatarliq " sherqiy türkistan teshkilatliri bayanat élan qilip, tibetning musteqilliqni qollidi, hem " dunya uyghur qurultiyi " ning bashqurushidiki teshkilatlarni derhal chégra ichige adem kirguzup, lasa weqesidin paydilinip, zor kolemlik namayish herikiti élip bérip, xelqara jem'iyetlerning " sherqiy türkistan" mesilisige diqqitini tartmaqchi boldi.
Reddiye:
14- Mart lasa herikitini putun dunya ehli qollidi. U bir shereplik heriket idi. Tibetning musteqillighinimu dalay lamadin bashqa putun gherb elliri qollidi. Tibet mesilisi xitayning ichki mesilisi bolmastin belki insaniyet mesilisi bolghachqa uyghurlarningmu qollash heqqi we mejburiyiti batti. Emma " lasa topilingi" din paydilinip, chégra ichige adem kirgüzüsh, sherqiy türkistan mesilisige xelqara jemiyetning diqqitini tartish- qatarliq oydurmilar rabiye qadir we dunya uyghur qurultiyigha yarashmaydu. Uningsizmu sherqiy türkistan mesilisi xelqaraning diqqitide.
Uzunde: ( qorchaq emeldar nur bekri)
" 4- Awghust" we " 10- awghust " weqesidin kéyin, " dunya uyghur qurultiyi" qatarliq bölgünchi teshkilatlar aq- qarini astin- ustin qilip, yoqni bar qilip, bizge "olimpiktin paydilinip, uyghurlarni basturdi "dep hujum qildi. Shuning bilen bille ular yene tor betliride murajet élan qilip, pütkül yer shari xaraktérlik " olimpikni bayqut qilish" namayishlirini teshkillidi ; Shundaqla tor alaqisi arqiliq chégra ichige adem kirguzup eksiyetchil teshwiq wereqilirini aptonom rayon ichige tarqitip bizge nisbeten eksiyetchil teshwiqat hujumi élip bardi; Bizdin aktipliq bilen xelq ammisini talashti we ularning hisyat jehettiki mayilliqini qolgha keltürmekchi boldi.
Reddiye:
4.We 10. Awghust weqeliri qandaq shekil we qandaq gherezde bolishidin qet'iy nezer putun dunya ehlining uyghurlargha hissdashlighini ashurghan hadise boldi. Belkim mezkur heriketlerdin deslep xitay umutlen'gendur. Chünki shu banada wetinimiz uyghurstan'gha chet'ellik muxbir we jornalistarning kélishini qattiq cheklesh pursitige érishti. Biraq bu rayon'gha jornalistlarni kelturmigenlikning özila uyghur xelqige séliwatqan zulumning qanchilik éghir ikenliki, bu zulumidin dunya ehlining söretlik xewerge ige bolup qélishidin xitayning qorqidighanliqi toghrisida putun gherb ellirige munazire telep qilmaydighan shekilde aydinglashti. Oliympikni bayqut qilish telepliri yalghuzla rabiye qadir we duq shuningdek chetldiki uyghurlarning pa'aliyiti bolup qalmastin, putun insaniyetning arzu- telepliri idi. Olympikning emelileshkini xitayning ghalibiyti bolalmidi. Bayqut qilish teleplirining emelge ashmighini insaniyetning meghlubiyiti bolmastin, yéqin kelgüsidiki ijabiy netijining shanliq bayraqlirini kotergenlik bolup qaldi! duq we bashqimu uyghur siyasi teshkilatliri qandaqtur wetinimiz ichige adem kirguzush, teshwiqat waraqlirini tarqitish herikitide bolghini yoq. Hazirqi weziyette rabiye qadir we duq din ibaret weten sirtidiki siyasi eqim peqetla diplomatik heriket yürgüzmekte. Gherptin ittipaqdash izdimekte. Xtayning , zalim, insaniyetke qarshi epti-beshirisini namayen qilmaqta.
Uzunde: ( qorchaq emeldar nur bekri)
Bu yil kirgendin buyan rabiye qadir yawropa we amérika qatarliq döletlerde ziyarette bolup dölitimiz hökümitige hujum qilip, jonggoning siyasitini qarilap, nobil techliq mukapatini aldap qolgha keltürmekchi boldi.
Reddiye:
Neqeder kulkilik. Bu adem shunchilik melumatsiz, dunyadiki ishlardin qilchimu xewersiz ademmidur. Belkim u özi oz béshimchiliq bilen sözliyelmeydu. Xitay akademiklar teyyarlap bergen nutuqlarni oqup otkendur. Animiz we suyumlik rehbirimiz rabiye qadir 4 yildin buyan uda nobél tinchliq mukapatigha namzat boluwatqan tursa. Nobil mukapati qolgha kirgüzüsh aldamchiliq ishi emes. U mukapat teqdim qilghuchi shexsilerning awaz kopchiligi bilen bolidighan ish. Bundaq bir tetiqsiz geplerni " kadirlar yighini"da sözlep olturush ashu emeldarning puchekligidin dérek béridu xalas.
Uzunde: ( qorchaq emeldar nur bekri)
Biz nöwette rabiye qadir we " sherqiy türkistan " bölgünchi küchlirining qutratquluq qilip, milli bölgünchilik we zorluq xaraktérini alghan térrorluq pa'aliyetliri élip bérip, pütkül aptonom rayonining muqimliqigha buzghunchiliq qilishtek eksiyetchil mahiyiti we meqsitini échip tashlap, herqaysi millet kadirliri we ammining siyasi hoshyarliqini osturushimiz lazim.
Reddiye:
Rabiye qadir we sherqi turkistanchi teshkilatlar héchqandaq " zorawanliq heriketliri"ni qollanmaydu. Ularning qolida qatmu-qat chégra mudapi'esini buzup kirip zorawanliq qilghudek yuqiri tiptiki urush uskuniliri yoq. Ularning qolida heqqani telep, heqqani dewa we qelem-qeghez bar. Ularning wetinimiz ichide qutratquluq peyda qilghudek teshkili tori yoq! ularning pa'aliyiti peqetla gherbke diplomatik munasiwetke qaritilghan. Eger qorchaq emeldar nur bekri éytqandek, aptonom rayonning ichide muqimsizliq yüz bergen bolsa, buning jawabkarliqi zalim, wehshi, zorawan terrorist xitay hokumranliridur. Ular adaletsiz, zorawan, ezgüchi siyasetni qanchilik yurguzidiken muqimsizlik shunchilik keng bolidu. Ular xelqni basturush uchun siyasi hushyarliqini qanchilik osturmisun beribir! kishilik hoquq, milliy hoquq, insaniy adalet yurguzulmigen dölette ashundaq muqimsizlik dawamlishidu.
Uzunde: ( qorchaq emeldar nur bekri)
Xaraktéri éghir, tesiri yaman bolghan " 4- awghust"qatarliq 3 qétimliq térrorluq weqesi, qarimaqqa qebihliki chékidin ashqan, insaniy hésdashliq xislitini yoqatqan birnechche neper milli bolgunchining zorawanliq herkitidek körünsimu, lékin uning tégi- tektini chongqurlap tekshürgende bu tarixi eqim sewebidin élip bérilghan, partiye- hökümetke qarshi, xelq ammisining démokratik hakimiyitige qarshi idiyediki, wijdanini yoqatqan kishilerning herqaysi millettin bolghan bextsiz ammigha qarita élip barghan qanliq " ghazat " herkitidur.
Reddiye:
Mezkur heriketke qarita xitay hökümranliri qandaq burmilap délo turghuzishidin qeti nezer, heriketning zerbe bérish nuqtisi qorchaq emeldar éytqandek bextsiz xelq ammisigha qaritilghanliqi ispatsiz. Intérnét torlirida xitay élan qilghan süretlerde asasen zorawan xitay eskerlirining oyunliri korulmekte. Heriketchiler namidin qaldurulghan wesiyet xitinimu xitay oydurup chiqqan saxta yazmilar bolishi mumkin. Qolgha chüshkendin kiyin, qiynap shundaq yazdurghan bolushimu ihtimal shübhisizki ularning qilmishliri och élish we qisas élish heriketliridur.
Uzunde: (qorchaq emeldar nur bekri)
Bu heriket hem chgra sirti we ichidiki " 3 xil küchler" ning oz- ara hemkarliship, ichki-sirtqi jehettin pilanlap, chégra sirtidin qomandanliq qilip, chégra ichide heriket élip barghanlighining ipadisi hem üzlüksiz kucheygenlikining netijisidur. Bolupmu rabiye qadir rehberlikidiki " dunya uyghur qurultiyi " we " sherqiy türkistan islam partiyisi " wekillikidiki zorawan térrorchi teshkilatlarning az sandiki nadan ammigha qarita élip barghan uzun muddetlik teshwiqati we aldash xaraktérlik qutratquluq herikiti keltürüp chiqarghan yaman aqiwettur.
Reddiye:
Xitay hokumranlighining " 4 kishilik goroh, 5 ke qarshi heriket, 5 xil unsur, 4 ni ching tutush, 3 ke qarshi turush „dégendek shundaq bir sésip ketken, qéliplashqan siyasi sho'ari barki bundaq bimene emma xeliqqe tehditlik siyasi buyruq, xitaydin bashqa döletlerde esla bolmisa kérek. Xitay hökümranliri özliri ishligen jinayetlerni da'im bashqilargha chaplaydu, özliri jinayi jawabkarliqtin bash tartidu, xitay hokumranlirida héssiyat, wijdan, exlaq, nomus, insaniy xislet, mes'uliyet tuyghuliri tépilmaydu.
Mezkur 4-awghust, 10.Awghust heriketlirining xarekterini eshundaq bahalighan. Démokratik gherb döletliride shundaq bir hadise yüz berse, chongraq bolghanda hökmet almiship hakimiyet béshidiki partiyiler wezipisidin ayrilidu, kichikrek bolghanda munasiwetlik ministirlar istipa béridu. Lékin xitay döliti diktator, zalim, emelxumarlarning döliti bolghachqa emeldarlar mesuliyetchanliqtin özlirini qachurup, ajizlarni, chégra sirtidikilerni jawabkar tutidu. Bu xitay dölitining enenisidur. Xitay tilliq qorchaq emeldar nur bekrimu ashundaq xitaylashqan emeldarning biridur.
Sherqiy türkistan teweside boliwatqan her qandaq herikette ne duq ning, ne rabiye qadirning, ne sherqi türkistan islam partiyisining qoli bolushi mumkin emes. Hetta dunyadin xewersiz qorchaq emeldar nur bekri sherqiy türkistan islam partiyisining namda bar, emelde yoqlighinimu bilmigenliki uning neqeder bichare emeldar ikenlikini korsetmekte yaki u shundaq bir partiyening bash kotirip chiqip, uyghur siyasi herikitide yene bir qétim bolunishning kélip chiqishini yushurun teshebbus qilmaqta.
Uzunde: ( qorchaq emeldar nur bekri)
Esli, rabiye qadir iqimidikiler bu heriketlerning heqiqi perde arqisidiki pilanlighuchiliri, hem heqiqi bash jinayetchisidur. Zor köpligen weqeler chégra ichi- sirtidiki " 3 xil küchler ", "shinjangning musteqilliqi " arzusigha yitish uchun, gherbtiki junggogha qarshi küchlerning qollishi bilen, bu yil kirgendin buyan oz- ara hemkarliqini kücheytip, " sherqiy türkistan islam teshkilati ", " sherqiy türkistan azatliq teshkilati " qatarliq térrorluq teshkilatlirining perde arqisidiki " yantayiqi " bolghan. Rabiye qadir hem " dunya uyghur qurultiyi " sehnide " tinchliq bilen naraziliq bildürüsh " oyunini oynisa, chégra ichidiki " 3 xil küchler " xilwette ulargha masliship, birlikte bizge qarshi buzghunchiliq weziyiti shekillendurgen.
Reddiye:
Wetinimiz ichide yüz bériwatqan mezkur heriketler qorchaq emeldar nur bekri éytqandek, siyasi pilanliq élip bérilghan heriketler bolghan bolsa, u heriketlerning pilanlighuchiliri duq we yaki rabiye qadir bolghan bolsa, jezmenki u heriketlerni xitaylarning basturup yoqitishi mumkin bolmighan bolatti. Chünki duq we rabiye qadirning arqisida junggogha qarshi kuchluk gherb döletliri bar emesmu! démek u heriketler yaki shundaq pilansiz, oz meyliche qisas élish, och élish muddi'asida sadir bolghan. ..Yaki pilanlighuchiliri bir kuni adalet sodigha tartilishi mumkin.
Uzunde: ( qorchaq emeldar nur bekri)
Netijide bulgunchilikke qarshi küresh weziyitimiz murekkepliship, bizge kélidighan bésim téximu zoraydi.
Reddiye:
Chéchen qizlirining köksige bomba téngip ayrupilan'gha chiqalishigha purset yaritip béridighan ros ) k g b (si chéchen millitining azatlighi uchun pilan tuzmeydu. Eksiche ros hökümranlirining qattiq tazilash pursiti uchun. Bu yerde qorchaq emeldarning sözini tekrarlashqa erziydu:
"Netijide bolgunchilikke qarshi küresh weziyitimiz murekkepliship, bizge kélidighan bésim téximu zoraydi. „ Yeni qattiq tazilash! qattiq basturush!
Uzunde: ( qorchaq emldar nur bekri)
Shinjangdiki bolgunchilikke qarshi küreshni ilgiri sorush uchun, choqum hushyarlighimizni osturushimiz, putun küchimiz bilen rabiye qadir hem " dunya uyghur qurultiyi " ning buzghunchiliq xaraktéridiki bölgünchilik herikitige qarshi turushimiz kérek.
Reddiye:
Xitayning bundaq jaza buyrighi oz boynigha sirtmaq bolidighan kunler yéqinlashmaqta. Qan qisasqa boghulghan xitay hökümranliri yaki adalet sodida bir terep qilinidu, yaki sersan bolup qachidu. Yéqin kelgüsidiki démokratik uyghurstan döliti nur bekrilerdek bichare, qorchaq emeldarlargha belki epu qanuni élan qilishi mumkin
Uzunde : ( qorchaq emeldar nur bekri)
Rabiye qadir bolsa dunyadiki herqandaq bir dölet teripidin étirap qilin'ghan iqtisadiy jinayetchi. U sepi ozidin milli bölgünchi, zorawan terorist hem heqiqi weten xa'inidur.
Reddiye:
Rabiye qadir dunyadiki her qandaq döletler étirap qilghan bay ayaldur. Xitay döliti uning mal-mülkini naheq musadire qilghanliqi dunyagha ashkaridur. U heqiqi milliy inqilapchidur! u adalet perwer, heqqaniyetchi, heqiqi weten qehrimanidur! u xitay dölitining 1- nomurluq dushminidur! dunya adaletining bayraqdaridur!
Uzunde: ( qorchaq emeldar nur bekri)
Uning emiliyette anche zor kuchimu yoq, lékin gherb dunyasidiki dushmen küchlerning nezir'ide u junggogha qarshi turushtiki alahide kozur dep qarilip, ular uni göher tépiwalghandek etiwarlap, putun yurek qenini serp qilip uni niqablap, uninggha " uyghurlarning sözchisi "," uyghurlarning meniwi anisi "," kishilik hoquq kureshchisi ", " erkinlik jengchhisi " digendek namlarni bérip, aktip halda uning " nobil tinchliq mukapati " aldamchiliq bilen yüzsizlerche qolgha keltürmekchi bolghinini qollidi. Netijide uning xoriki téximu usup, rabiye qadirning xelqara jemiyette junggogha qarshi bölgunchilik, döletni parchilash pa'aliyetlirining ewj élishigha sewebchi boldi.
Reddiye:
Eger qorchaq emeldar nur bekri tekitligendek: gherb dunyasidiki dushmen küchler uni göher tépiwalghandek etiwarlighan bolsa, uninggha putun yurek qenini serip qilghan bolsa, qandaqlarche uning anche zor kuchi bolmisun! démek rabiye qadir xitay dölitidin kuchluk. Shunga mezkur dat- peryatlarni xitay emeldarliri bayan qilmaqta. Rabiye qadir uyghurlarning qehriman qizdur! rabiye qadir uyghurlarning qehriman anisidur! rabiye qadir uyghurlarning yéngilmes yol bashchi rehbiridur! rabiye qadir diplomatiyede xitay dölitini yengdi!
Qorchaq emeldar nur bekri putun gherb dunyasini xitaygha dushmen qiliwaldi. U diplomatiyede yéngildi. Rabiye qadir dunya kishilik hoquq qehrimani bolushqa salahiyet yaratqan bir meshhur zatttur! nur bekrining salahiyitini xitay dolitidin bashqa hechkim tonimaydu we itirapmu qilmaydu.
Uzunde: ( qorchaq emeldar nur bekri)
Shundaqla chégra ichidiki bir qisim nadan ammini qaymuqturdi we aldidi. Yéqindin buyan rabiye qadir hem " dunya uyghur qurultiyi " yenimu bir qedem ilgirligen halda oz pilanigha sitiratigiyilik tozutush kirgüzüp, 50 yilda 3 qedemge bolup, " musteqilliqni emelge ashurush pilani " ni otturigha qoydi.
Reddiye:
Chégra ichidiki hadisilerge kimning jawabkar ikenliki yéqinqi adalet sodida ashkarilinidu. Emma yene tekrarlashqa tégishliki, uyghurstan mesilisi qorchaq emeldar nur bekri éytqandek 50 yilliq musapide emes! meyli 30 qedemge bolunsimu, qedem musapimiz bek tizliship ketti! xitay ishletken soda - tijaret niqawidiki hile-neyrengler, siyasettiki yuzsizlerche diplomatiyeler kargha kelmidi. Xitay zawalliqqa yüzlendi. Xitay yéngildi!
Uzunde: ( qorchaq emeldar nur bekri)
Ular bir tereptin putun kuchi bilen gherbtiki junggogha qarshi küchler bilen birliship, xelqarada bizge qarshi töhmet chaplash arqiliq hujum qilip, " shinjang mesilisi " ni xelqaralashturushqa urunsa, yene bir tereptin chégra ichidiki " naraziliq keypiyati " ni qozghap, her xil usul we yollar arqiliq, aptonom rayon ichide bölgünchilik keypiyatini yuqiri koturup, xelq ammisigha qarita qaymuqturush usulini qollinip, heq- naheqni astin- ustun qilip, bölgünchilik idiyesining shekillinishige qutratquluq qilip, qalaymiqanchiliq tughdurup, biwaste halda shinjangdiki zorawanliq térrorluq herketlirining kélip chiqishigha sewebkar boldi.
Reddiye:
Xitay tilliq qorchaq emeldar nur bekri ependi! eger siz yuqurdiki bir abzas sözni aldingizda olturghan mehkum" kadir „ liringizgha ochuq- ashkare éytqan bolsingiz, sizge millitimiz namidin, inqilawimiz namidin rehmet éytishqa tegishlik! chünki xitaygha esir bolup qalghan, jan béqish uchun amalsiz xitaygha ishleshke mejbur bolghan, erkinlikke, azatliqqa penjiridin qarawatqan mezlum xelqimizge gherb dunyasining biz terepte ikenlikini, wetinimizni xitaydin ayrip chiqishqa putun gherb dunyasining yardemchi ikenlikini anglitish bizning qolimizdin kelmeytti. Siz eng chong xizmet körsetken boldingiz! weten azat bolghanda sizning namingizgha atap, ghulja shehiride mektep qurulghusi!
Uzunde: ( qorchaq emeldar nur bekri)
4 - "Awghust weqesi " qatarliq éghir zorawanliq térrorluq weqesidin kéyin, bu weqege nisbeten bolghan heqqani tenqitleshlerge nisbeten rabiye qadir yene bir qétim otturigha sekrep chiqip, ashkara halda " sherqiy türkistan islam teshkilati " din ibaret sésiq nami pur ketken térrorchi teshkilatqa chapan yépip, aq- qarini astin- ustun qilip, " samanning astidin su yugurtup ", bu heriketning yüz bérish sewebini, " kompartiyening shinjangda az sanliq milletlerge nisbeten mustemlike siyasiti yurguzgenliki " sewebidin boldi dep sherhilidi. Bizning zorawanliq, térrorluq heriketlirige bolghan zerbe bérish herkitimizni, shinjangdiki " démokratiye ", "erkinlik", "kishilik hoquq" ni basturghanliq dep bohtan chaplidi, pursettin paydilinip, xelqning kompartiyening rehberliki, sotsiyalistik tuzum, hem xelq démokratik tüzümige bolghan naraziliqi we öchmenlikini qozghashta qutratquluq qilip, kadirlar we amma arisida yéngidin bir xil qaymuqush halitini shekillendurmekchi boldi.
Reddiye:
4 - "Awghust weqeliri „ ni xitay hokumranlighi heqqani tenqitlimidi. Belki qanliq basturdi. Sherqiy türkistan islam teshkilatning nami sésip ketmidi. Eksiche siz choqunup kéliwatqan kommunizm, sotsiyalizm sésip nami pur ketti. Sizdin bashqa uyghurlar islam dinigha étiqad qilidu. Uyghurlar qilghan heriket musulmanchiliq herikiti bolmisimu, özi musulman xeliq bolghachqa ularning milliy we azatliq heriketlirini xitay hökümranliri dini heriket sheklide körsitip, gherbtiki ittipaqdashlirimizdin ayriwétishke tirishti. Rabiye qadirning xelqarada élan qilghan bayanatliri tamamen heqliq we qanunluq.
Qorchaq emeldar nur bekri ependi siz xeliq demokratiyesidin soz échishqa salahiyetlik emessiz! kommunistik tuzum astidiki sotsiyalistik dölette qandaqmu xeliq demokratiyesi mewjut bolsun. Ikki idologiye ikki qutuptur. Sizde pelsepiwi ang, siyasi sawat mewjut bolsa, "kompartiye rehberlikidiki sotsiyalistik tuzum, xeliq démokratiyisi „ dégen qarmu, qarshi uqumni jemlep sözlimigen bolattingiz. Bu sizdiki logikiliq tepekkurning yoqlighini körsitidu. Ezeldinla xitay hokumranlighida eqli tepekkur bolup baqqan emes!
Uzunde : ( qorchaq emeldar nur bekri)
Rabiye qadirning jahilliq meydani hem eksiyetchil xaraktéri, uning héchqandaq wasite tallimay milli bölgünchilik we döletni parchilashtin ibaret herket bilen shughullinishini kelturup chiqarghan bolup, buning aqiwitini tesewwur qilish tes. Bizning uning bilen bolghan körüshimiz héchqandaq muresse qilghili bolmaydighan kureshtur.
Reddiye:
Rabiye qadirning kishilik xarekterini zalim xitay zorawanliri shekillendurgen. Uning sebi chaghliridin tartip hazirghiche tartiwatqan zulumliri peqetla xitay dölitining ijra'atidur. Rabiye qadirning qehrimanlarche oluq xarekterini putun gherb elliri tonup yetti. Uning bir milletke- uyghur millitige rehber bolalaydighan aliyjanap xaraktérini gherb elliri tonup yetti. U küresh qilishta siz éytqandek " waste tallimaydu „ emes. U heqqani, qanuni we yolluq wastilerni tallidi we tallaydu. Yene siz éytqandek rabiye qadir herikitining aqiwitini xitay döliti tesewwur qilalmaydu. Uning bilen xitay döliti muresse qilalmaslighi eniq. Chünki u adaletchi! xitay dölitide adalet mewjut emes! chünki u insaniyetni qedirliguchi, xitay dölitide insaniy sezim mewjut emes! u uyghur millitini suyidu, xitayda uyghurlarni suyush tuyghusi mewjut emes. U uyghurlarni bexitke erishturmekchi, xitaylar uyghurlarni qirghin qilmaqchi. Bu halda qandaqmu muresse qilalaysiler!
Uzunde: ( qorchaq emeldar nur bekri)
Bultur 8- aydin buyan, biz aptonom rayon teweside nuqtiliq halda rabiye qadirning bölgünchilik jinayetliri heqqide telim- terbiye xizmitini qanat yaydurup, zor netijilerni qolgha kelturduq. Téximu nurghunlighan kadir hem amma uning heqiqi epti beshirisi hem bölgünchilik meqsidining mahiyitini tonup yetti, siyasi idiyiwi engini kucheytti. Lékin uning tesiri we zehirini tup yiltizidin tazilash uchun yene köpligen xizmetlerni ishlishimiz zorur.
Reddiye:
Bu xizmetni yaxshi ishlepsiler. Rabiye qadirni burun xelqimiz bay tijaretchi xanim-depla biletti. Silerning teshwiqatinglar arqiliq uning heqiqi mahiytini tonutup beripsiler. Yenimu ilgirlep teshwiqatni janlandurunglar. Biz qollaymiz. Lékin qorchaq emeldar nur bekri ependi siz éytqandek rabiye qadirning tesirini tazilash asan'gha toxtimaydu hem qolunglardin kelmeydu. Eger tel-tukus tazlap yoqitimiz disenglar, belki ademsiz tupraq qalghandila meqsetke yetken bolisiler!
Uzunde: ( qorchaq emeldar nur bekri)
Köz aldimizdiki üzlüksiz ozgurup bériwatqan bu xil küresh weziyitige nisbeten, biz rabiye qadirning bölgünchilik jinayitini nuqta qilip turup, uning " millet ", " démokratiye ", " erkinlik " " kishilik hoquq " dégen pedazliri hem niqapliri astidiki " yalghan kishilik hoquq, yalghan démokratiye astidiki heqiqi zorawanliq, heqiqi térrorluq " tin ibaret heqiqi epti beshirisini echip tashlishimiz, bu arqiliq keng kadirlar hem ammining téximu segek, téximu chongqur halda, rabiye qadir eqimidiki " shinjangni musteqil qilish " terepdarlirining, emeliyette gherbtiki junggogha qarshi küchlerning qollishigha tayinip, shinjangda jonggo kompartiyesining rehberlikini aghdurup tashlap, sotsiyalistik tuzumni qarilap, milli aptonomiyelik tuzumni inkar qilip, eng axirida shnijangni wetenning qoynidin ayrip chiqip kétish uchun, shinjangda topilang we qan tokulush weqesini keltürüp chiqirish ikenlikini ; Köz aldimizdiki teslikte qolgha kelgen muqim, ittipaq yaxshi weziyetni buzup, herqaysi milletlerni azabliq yar girdabigha ittirish ikenlikini tonup yétishni qoligha keltürüsh kérek.
Reddiye:
Bir milletning esirliktin qutulush basquchi yitip kelse, uni tosap qélish peqet shu milletni tel-tukus yoqitish bilenla ishqa éshishi mumkin. Rabiye qadir éqimi heqiqi démokratik éqimidur. Uyghurstandiki her millet xelqini rohi erkinlikke, pikir erkinlikige, xiyal qilish sözlesh erkinlikige, iqtisadi, ijtima'iy erkinlikke, inaq, ittipaqliqigha, bext- bayashatliqqa erishturidighan eqim bir din´bir rabiye qadir éqimidur. Xitay hokumranlighi uni qandaq teshwiqat qilishi özining mejburlash usulidur. Emma ular insaniyetning rohidiki erkin tuyghuni tazilap bolalamydu.
Uzunde: ( qorchaq emeldar nur bekri)
Buninggha shinjangdiki herqaysi millet kadirliri we ammini oz ichige alghan 1 milyart 300 milyon jonggu xelqi hergiz qoshulmaydu, hem uning bu suyiqesti hergiz emelge ashmaydu, belki choqum meghlup bolidu.
Reddiye:
1 Milyart 300 milyon jonggu xelqi arisida rabiye qadir éqimigha qarshi kishiler 50 milyon'ghimu yetmeydu. Intayin az sandiki jahil, özgermes emelperes xitay emeldarlar, bulangchi baylar, hakimiyet béshidiki azsandiki zorawan kuchlerla rabiye qadir éqimigha qarshi turishi muqerrer. Uningdin bashqa barliq xeliq erkinlikke, azatliqqa, insaniy mu'amilige ihtiyajliqtur. Bu hökumni xitay xelqi tekrar ispatlidi. Oliympik munasiwti bilen putun dunya ehli xitay xelqining nale- zarini öz közliri bilen kördi.
Uzunde: ( qorchaq emeldar nur berkri)
Rabiye qadirgha oxshash qilchimu wetenperwerliki bolmighan, insaniy izzet qarishi bolmighan, milli qarishi bolmighan, exlaqi buzulghan, qanun'gha xilapliq qilip jinayet otkuzgen, dölet we milletning menpe'etini satqan, gherbning junggogha qarshi kuchlirining ghalcha iti bolghan, hetta oz balilirinimu yaxshi terbiyiliyelmigen bir eski ayalning, dunya xelqi aldida özini milyonlighan uyghur xelqining "meniwi anisi " hem " wekili " diyishi, heqiqeten bimenilik, yuzsizlik bu uyghur xelqining hisyatigha nisbeten éghir haldiki yarilandurush we uyghur xelqining ghururigha qilin'ghan qattiq haqaret !
Reddiye:
Rabiye qadir heqiqi wetenperwerlikning namayendisi! rabiye qadir insaniy izzet qarishining cholpani! rabiye qadir milli qarashta ülge yaratqan qehriman! rabiye qadir kishilik exlaq we milliy exlaqning ghalip jengchisi! rabiye qadir qanunni étirap qalmaydighan mustebit xitay dölitining 1- nomurluq batur dushmini! rabiye qadir aldi bilen 1 milyart 300 milyon xitay xelqige, shu jumlidin uyghur millitige bext élip kelguchi, gherplikni xitay qorghanigha bashlap mangghuchi ghalip, yéngilmes shir yurek serkerde! u wetinimiz, millitimiz uchun we barliq xitay xelqini zulumdin qutquzush uchun oz perzentlirining mihridin kechken qehriman ana! bundaq bir anigha uyghur millitining érishkenliki, putun insaniyet aldidiki tépilghusiz sherep! uyghur milliti rabiye qadirdin ghururlinidu!
Uzunde: ( qorchaq emeldar nur bekri)
Keng uyghur kadirliri we ammisi buninggha hergiz qoshulmaydu ! uning qilmish- etmishliri uyghur xelqining menpe'etige ziyankeshlik qilipla qalmastin belki jungxua milletliriningmu menpe'etige ziyan yetkuzdi, milletning bu xa'inining nami tarixning nomusluq taxtiyigha menggu mixlan'ghusi ! putun aptonom rayondiki kadirlar we amma bolupmu uyghur kadirliri we amma, choqum kozumizni pakiz surtup,rabiye qadir bilen chek- chegrini ajritip, uning bölgünchilik herkiti bilen küresh qilishimiz, uninggha nisbeten "yoldin otken chashqanni ur- ur qilish "weziyitini shekillendurushimiz kérek.
Reddiye:
Rabiye qadirning "qilmish- etmishliri" aldi bilen jungxua milletlirini kommunistik zulumdin qutuldurush, uyghur millitini xitay mustemlikisidin qutuldurush, asiya we jenubi asiyagha tehdit boliwatqan hitayni kuchsizlendurush, shundaqla qutup tenchlighini elemge ashurushqa tohpe qoshushtin ibaret dunyawi oluq herikettur.
Xa'in teletlik qorchaq emeldar nur bekrining, özi xa'inliq ustilide olturup, erkinlik jengchisi bolghan oluq bir shexsike til tekkuzishi nomussizliqtin bashqa nerse emes! shundaq xa'inda nomus, héssiyat, wijdan bolmaydu. Nur bekri eshundaq xa'inlarning tipik wekilidur. Uni zorawan xitay hökümranliri gerche uyghur aptonom rayon'gha " qorchaq" bolsimu " re'is" qilip belgilep qoyghan halettimu, u özining ghalcha ikenlikini, xitay uchun qulchiliq qiliwatqan peskesh lalma ishit ikenlikini özi tonup yetken we shundaq hes qilghan. Uning nutqining abzasliri siyasi temidin, siyasi mezmundin putunley chetlep, qarshisida qed kotirip turghan, ghalip reqibige teng kelelmey, til- haqaret yaghdurushqa bashlidi. Eslide u siyasi ugunush qiliwatqan bir orunda idi. U özining re'islik salahiytinimu untup, aghizini buzup, dushminining obrazigha haqaret qildi. Bu uning peqetla bir ghalcha, lalma ishit ikenlikini, uningda ne exlaq, ne qabilyet yoqlighini, uning ijra'attiki emeldarliq salahiytiningmu yoqlighini ochuq ispatlidi. Bu uning jengde yingilgenlikini korsetti.
Xa'in teletlik nur bekrining axirqi sözide rabiye qadirgha qarita mundaq diyilgen:
Uninggha nisbeten " yoldin ötken chashqanni ur- ur qilish " weziyitini shekillendurushimiz kérek.
- Lékin senlerde unchilik jasaret, juret yoq! senler xitay xojayinliringning teminati bilen jan biqiwatqan yallanma, rohigha qulluq tamghisi besilipketken bichareriler! shir yurek rabiye qadir senlerdin 10 ming chaqirim yiraqliqta, senlerdin qanche qite yiraqliqta bir qedem tashlighan kuni, senler uchun chashqan tushugi sayar bolidu. Senler sugha chushken mushuktek, ur-urda qalghan chashqandek bichare halgha chushisen!
Xulase shuki, gherb elliridiki uyghur diplomatik weziyti xitayni qattiq bi'aram qilmaqta. Bizning gherbtiki yüz-abroyimiz rabiye qadirdur. Shunga her qandaq weziyet astida uni jan pidaliq bilen qoghdishimiz nowettiki milli mejburiytimiz we insaniy xislitimizdin ibaret bash tartip bolmaydighan oluq wezipidur.
Myunxén / 14.09.08


Latin Yeziqi

Unregistered
25-09-08, 12:04
Japa tatipsiz hormetlik abderihimjan. rehmet sizge!

Unregistered
25-09-08, 12:12
Japa tatipsiz hormetlik abderihimjan. rehmet sizge!

Emma bu tor bette Nurbekirni watan haiyni dimaptu. bashka gep brken. oqup korung:

***************************************forum_posts.asp?TID=126